ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تاج مەھەل

تاج مەھەل

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
شاھلار سەلتەنىتىنىڭ ئۆچمەس ئىزناسى،
بابۇرنىڭ جەڭگاھتىكى يەككە قەلئەسى،
تاج مەھەل 1 مۇنارى مۇئەللەقنى سۆيگەن،
ئاستىدا ئۆركەشلەر ياممۇنا دەرياسى. 2
گاھ ئاڭلىنار ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى،
مۇڭغا پاتقان بەستىدىن ئەكس ساداسى.
بۇ يەردە ”بابۇرنامە“ 3 يېزىپ پۈتۈلگەن،
مىڭ ھىجراندىن ئۆرتەنگەن شاھنىڭ نىداسى.
بابۇر 4 بىلەن تەڭ ئۆسكەن بۈيۈك دەرەخلەر،
گۇۋاھ بولۇپ تاج مەھەل ئالدىدا تۇرار.
مەرمەر تاشلار ئىچىدە شاھنىڭ قەبرىسى،
بۈگۈن بىلەن ئۆتكەننىڭ ئارىسىدا ياتار.
دۇنيا سورىغان ئېسىل شاھلارمۇ كەتتى،
تاج مەھەل ياسىغان شاھ جاھانمۇ كەتتى.
ئەمما ئەنجانلىق بابۇرنى كۆپ سېغىنار، 5
تارىخ بولسىمۇ قايتىپ يۇرتىغا يەتتى!
مەھەللە تاجى ئاگرادا 6 تاج مەھەل،
لالە قەلئە قاراپ تۇرار ئاندىن گۈزەل.
يېشىلغا تولغان باغرى چەكسىز بىپايان،
ھەر گىياھ نەزمە ئېيتار بابۇردىن غەزەل!
يامانغا دۇنيا نالە-پەرياد ئوقۇدى،
كۈيلەپ ياخشىنى تالاي داستان توقىدى.
ياخشى- يامان ئارلىشىپ ئايلاندى دۇنيا،
ھاياتتىن بەندە ئەسلا مېھرى ئۈزمىدى.
قىسمىتى كاج ئۇيغۇرنىڭ تېڭى ئاتمىدى،
شاھلار قەسىرىسى مىسال مەدەت بولمىدى.
مەن يۈرەرمەن جاھانكەزدى سەيياھ بولۇپ،
ئۆز ۋەتەندىن باشقا گۈزەل يەر كۆرمىدى!
ئەي تاج مەھەل دەرگاھىڭغا كېلىپتىمەن،
تارىخ ساۋىقىنى شىېئرىمگە يېزىپتىمەن.
ئەلكۈن ئىستەر ۋىسالغا دەرمان تاپالماي،
سېغىنپ ۋەتەن سېنى جاھان كېزىپتىمەن.
22-سېنتەبر، تاج مەھەل، ئاگارا، ھىندىستان.
_____________________
ئىزاھات:
1. تاجى مەھەل- ئەسلى نەسىبى چاغاتاي تۈركلىرىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرخان 1526-يىلى ھازىرقى ھىندىستاندا قۇرغان ”بابۇر خانلىقى“ (موغۇل سۇلالىسى) نىڭ خان ئوردىسى. تاجى مەھەل ”شاھ ئوردىسىنىڭ تاجى “ ياكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت مەنىسى بويىچە ”مەھەللىلەرنىڭ تاجى“ دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. تاج مەھەل 1632-يىلى بابۇرنىڭ نەۋرىسى، بابۇر سۇلالىسىنىڭ خانى شاھ جاھان، تولۇق ئىسمى مۇھەممەد شاھابىدىن بەگ تەرپىدىن 14-قېتىملىق تۇغۇتىدا ئۆلۇپ كەتكەن ئەڭ ئامراق خانىشى (پېرسىيە مەلىكىسى) مۇتاز مەھەلنىڭ خاتىرىسىگە ئاتاپ سالدۇرغان. تاجى مەھەل قۇرۇلۇشى 20 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك قۇرۇلۇش ھۇنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى تەرپىدىن ياسىلىپ 1643-يىلى پۇتىكەن ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 10 يىل بىزەلگەن. تاجى مەھەلنىڭ  قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى سەمەرقەندتىكى ئەمىر تومۇر قەبرىسىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئاساس قىلغان. تاج مەھەل 1983-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرپىدىن دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان تارىخىي قۇرۇلۇشلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تاج مەھەلنى يىلدا 8 مىليون ئەتراپىدا ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىدۇ.
2. يامۇنا دەرياسى – يەنە بىر نامى ”جامۇنا“ دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريا ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا گانگا دەرياسىدىن ئېقىنىدىن ئايرىلىپ ئاقىدىغان 2 چوڭ دەريا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1،376 كىلومېتىر. تاج مەھەل ئوردىسى مۇشۇ دەريانىڭ قىرغىقىغا سېلىنغان.
3. ”بابۇرنامە“ – زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ۋە ئۇنىڭ ئەنجاندىن باشلاپ، ھازىرقى ئافغانىستان ۋە ھىندىستاننى ئىشغال قىلىپ ”بابۇرلار سۇلالىسى“ نى قۇرغانغا قەدەر يىللار داۋامىدا ئۆزى يېزىپ چىققان كۈندىلىك خاتىرە ئاساسىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەر قامۇسى بولۇپ، بۇ كىتاب چاغاتاي تۈركى تىلىدا يېزىلغان ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر بىر ئەسەردۇر.
4. بابۇر – تولۇق ئىسمى زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرخان، نەسىبى چاغاتاي خان جەمەتىدىن بولۇپ، ئانىسى قۇتلۇق نىگارە خانىم ياركەند سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان يۇنۇس خاننىڭ قىزىدۇر. دېمەك بابۇرخاننىڭ ئانا جەمەتى ئۇيغۇردۇر. بابۇرخان 1483- يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجاندا تۇغۇلغان. ئۆزبېكىستان ۋە ئەنجاندا بابۇر نامىدا كۇتۇپخانا، مۇزېيلار ۋە باغچىلار قۇرۇلغان. بۈيۈك ئەدىب ئەلشىر ناۋايىنىڭ زاماندىشىدۇر. بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان ۋە ئۆزبېك خەلقى زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرخان كاتتا ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىدۇ ۋە مىللىي ئىپتىخارىنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايدۇ.
5. ئەنجان – بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان فەرغانە ۋادىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قەدىمي شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئاساسەن ئۇيغۇر بولۇپ، سوۋېت ئۆزبېكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكى ”ئۆزبېك“ مىللەت نامى قىلىپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. ھىندىستاندا قۇرۇلغان ”بابۇر سۇلالىسى“ نىڭ قۇرغۇچىسى زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرخان 1483- يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى ئەنجاندا توقۇلغان.
6. ئاگارا – ھازىرقى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۇتتار پارادېش ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تاجى مەھەل مۇشۇ شەھەرنى كىسىپ ئېقىپ ئۆتىدىغان يامۇنا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. ئاگارا شەھىرى ھىندىستان پايتەختى دېھلىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
مەنبە:  ئەلكۈن تورى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش