ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى «قېرىنداش ئوقۇغۇچى تۈرى» مۇراجىئەتى

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى «قېرىنداش ئوقۇغۇچى تۈرى» مۇراجىئەتى

مەمتىلى تەۋپىقنىڭ مائارىپ مەشئىلىنى تۈركىيەدە ياندۇرۇش مەقسىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئوقۇشتا ئەلا ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تەرىپىدىن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2014-، 2015–، 2016-، 2017-، ۋە 2018- ئوقۇش يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىھتىياجلىق بولغان 17 باكلاۋۇر، 31 ماگىستىر ۋە 14 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 62 ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىلىپ بېرىلدى.

قوشۇمچە: تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ يىللارغا كۆرە ئوقۇغۇچى ئىستاتىسكىسى

يىل        ماگېستىر      دوكتۇر       باكلاۋۇر

2014        5             2              –

2015        8             2              –

2016        4             5              3

2017        5             1              4

2018        9             4              10

جەمىئىي     31           14            17        جەمىئىي ئوقۇش مۇكاپاتى ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 62 نەپەر

بۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، يەنە 7 ماگېىستىر ۋە 23 باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 30 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئايلىق 250 لىرادىن بىر يىللىق تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى تارقىتىلىپ بېرىلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، 2014 – 2018 يىللىرى ئارىسىدا جەمىئىي تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە تەۋپىق ئوقۇش ياردىمى ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 92 نەپەرگە يەتتى.

ھازىر 2018 – 2019 ئوقۇش يىلى ئۈچۈن ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك يەنە 50 ئەتراپىدا ئويغۇر ئوقۇغۇچى مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جىددى ياردىمىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى شەخسى مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈدىغان ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قېيىن، ئۇزۇن مەزگىللىك، مۈشكۈل ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بىرسى سۈپتىدە قىلىپ كەلمەكتە.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ باردى. ئاخىرقى بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينالماقتا.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، ياتاق ۋە تۇرمۇش راسخۇتىنى ھەل قىلالمىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت. ھەتتا ئاپتۇبۇسقا چىققۇدەك ۋە تاماق يىگۈدەك پۇلى قالمىغان ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. تۈركىيە نوپۇسنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىش تېپىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخۇتلىرىنى ئۆز قابىلىيەتلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمۇ قېيىن بولماقتا.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، ئوقۇش ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەسىس قىلغان مەمتىلى تەۋپىق فوندىغا تۆۋەندىكى ئىككى خىل شەكىلدىن قايسىسنى مۇۋاپىق كۆرسە ياردەم قىلىپ، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ خاتىرىجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن:

– ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش ياردەم تۈرى تۆۋەندىكىدەك ئىككى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1) بىۋاستە ياردەم تۈرى (قېرىنداش ئوقۇغۇچى تۈرى)

بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە بىرلىشىپ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش تۈرى

مۇھاجىرەتتىكى ئىقتىسادى ياخشى بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ياكى بىر قانچە ئائىلەنىڭ بىرلىشىپ، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر باكلاۋۇر، ماگېستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرنى ئوقۇتۇشتا ياردەمدە بولۇشى نۆۋەتتە بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.

بۇ قېرىنداش ئوقۇغۇچى ياردەم تۈرىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى  ئوقۇش ياردىمىگە ئېھتىياجى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېرەكلىك زۆرۈر ماتېرىياللىرى بىلەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ياردەم قىلغۇچى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلەلەر ۋەتەندىن ئايرىلىپ قېيىن شارائىتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزەلەيدۇ.

تۇرمۇش قېيىنچىلىقىدا قالغان بۇ ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەندە قالغان ئۆز ئۇكىمىز ياكى سىڭلىمىزغا ئوخشاشلا قەدىرلىك. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر ئىككى ۋاخ تاماق پۇلىسىنى تىجەپ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ياراملىق يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىشى – يېقىن كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنىڭ بىرەر ئۇلتاشلىرىنىڭ بەرپا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ قالغۇسى.

ئەسكەرتىش: بىۋاستە ياردەم تۈرىدە ياردەم بەرگۈچى ئائىلە بىلەن ياردەمگە ئالغۇچى ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ياردەم يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىغا ئاكادېمىيە ئۆزى نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ياردەم قىلغۇچى ئائىلىلەر ئوقۇغۇچىدىن ئوقۇش ئىسپاتى، دەرس نەتىجىسى ۋە تېلىفۇن نۇمۇرىدىن باشقا ئارتۇق ئۇچۇر تەلەپ قىلماسلىقى ۋە ياردەم يەتكۈزگەندە ئارتۇق تەلەپلەردە بولماسلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. ياردەم ئالغۇچى ئوقۇغۇچى بۇ جەرياندا ھەرقانداق بىنۇرمال ئەھۋالدىن ئاكادېمىيەنى خەۋەردار قىلىشى زۆرۈر.

بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە بىرلىشىپ بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش تۈرىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئايدا بېرىلىدىغان بىۋاستە ئوقۇش ياردىمى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:

دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي 700 تۈرك لىراسى
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي 600 تۈرك لىراسى
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر ئاي 500 تۈرك لىراسى

ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغۇچى ئۇيغۇر ئائىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن يۇقارىقى ياردەم مىقدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىدەك:

1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik Bursu Başvuru Formu (ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈركچە يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، بېسىپ چىقىرىپ ئىمزا قويۇپ تاراپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. )
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئىككى نۇسخا تەييارلىنىشى كېرەك)
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى) (ئوقۇغۇچىلار بۇ قىزىل يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. نىيەت مەكتۇبى ئۇيغۇرچە يېزىلىشى كېرەك.)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
10. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە. (ئەھدىنامە ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە بىرلا بەت قىلىپ يېزىلىشى كېرەك).

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى

Uyghur Academy

Mobile Phone: +905306677851, +905063845639 يانفۇن

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com

Web: www.akademiye.org ئورگان تورى

Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul / TURKEY ئادرىس

2) ۋاستىلىك ياردەم تۈرى

ھەر ئاي داۋاملىق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى خالىغان مىقداردا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ياردەمدە بولسا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم بانكا ھېسابى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ باشقا پائالىيەت چىقىملىرى ئۈچۈن بۇ ھېساب قەتئىي ئىشلىتىلمەيدۇ. ياردەم بەرگۈچىلەرگە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىلىش ئەھۋالىدىن دەلىل ئىسپاتلىرى بىلەن دوكىلات بېرىلىدۇ.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋاستىلىك ياردەم تۈرىدە ئايلىق مۇكاپات سوممىسى:
دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى 700 لىرا
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى 600 لىرا
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى 500 لىرا

مۇكاپات مۇددىتى: 9 ئاي (كۈز ۋە باھار ئوقۇش مەۋسۇمى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئىئانە بانكا ھىسابى ئۇچۇرلىرى

(تۈركىيە فىنانس بانكىسى) Türkiye Finans Katılım Bankası

Hesap Sahibi: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği

TL Hesap No: 1104815-1 (تۈرك لىراسى ھىسابى)

86 – Fındıkzade Şube

IBAN NO: TR92 0020 6000 8601 1048 1500 01

USD Hesap No: 1104815-101 (ئامېرىكا دوللىرى ھىسابى)

IBAN NO: TR11 0020 6000 8601 1048 1501 01

Euro Hesap No: 1104815-102 (ياۋرو ھىسابى)

IBAN NO: TR81 0020 6000 8601 1048 1501 02

ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىدەك:

1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik Bursu Başvuru Formu (ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈركچە يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، بېسىپ چىقىرىپ ئىمزا قويۇپ تاراپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. )
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئىككى نۇسخا تەييارلىنىشى كېرەك)
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى) (ئوقۇغۇچىلار بۇ قىزىل يېزىق ئۈستىگە بېسىپ، چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. نىيەت مەكتۇبى ئۇيغۇرچە يېزىلىشى كېرەك.)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
10. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە. (ئەھدىنامە ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە بىرلا بەت قىلىپ يېزىلىشى كېرەك).


ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېلىتىماس قىلىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن يۇقارىقى تەلەپ بويىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئېلىتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنىگىچە بولىدۇ.
يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ۋاقتى: 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00.

(ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چوقۇم ئېلخەتتىن ئەۋەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىسىنى ياكى بىر نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.)

يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىشخانىسى (چاپا ترامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Adres: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul

ئەسكەرتىش: 2018-2017- ئوقۇش يىللىرىدا «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغان ۋە مۇكاپات ۋاقتى توشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ھازىر ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قايتا ئېلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com

تېلىفۇن: 902125897667+
يانفۇن: 905306677851+

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى

2018-يىلى 15-ئۆكتەبىر، تۈركىيە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش