ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇر ئەدەبىيات غەزىنىسىگە يېڭى بىر قاتقۇ

ئۇيغۇر ئەدەبىيات غەزىنىسىگە يېڭى بىر قاتقۇ

ئۇيغۇر ئەدەبىيات غەزىنىسىگە يېڭى بىر قاتقۇ

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

مەن ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ، تۈزۈپ چىققان ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتاب ھەزرىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ ”مەسنەۋى شەرىف“ ناملىق كىتابىدىن جانلىق تەرجىمە قىلىنىپ، تۈزۈپ چىقىلغان ”مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر“ بولۇپ، جەمى 119 ھېكايە، مەسەل ۋە مىڭدىن ئوشۇق ھېكمەتلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن كىتابتۇر. ھز. مەۋلانانىڭ ”مەسنەۋى“ ناملىق ئەسىرى تۈرك، ئىسلام كېلاسسىك ئەدەبىياتىدا، پەلسەپەسىدە مۇھىم ئەسەر بولۇپلا قالماي يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلق ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان كىتابلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا در. قاھار بارات ئەپەندىم تۈزگەن ”ئۇيغۇرلارنى ئالى مائارىپ بىلەن تەربىلەش پروگراممىسى“ غا كىرگۈزۈلگەن ئالدىنقى 100 كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتاب دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەپسۇس سەككىز ئەسىردىن بىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئىكەن. كەمىنىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ كىتاب مانا بۈگۈنكى كۈندە تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات غەزىنىسىگە قوشۇلغان يەنە بىر گۆھەر بولۇپ قالدى.

ھەزرىتى مەۋلانا بۇ كىتابنى يازغان دەۋر تا ئافغانىستاندىن تارتىپ ئانادولۇغىچە بولغان پۈتۈن جۇغراپىيە موڭغۇل ئىستىلاچلىرىنىڭ قانلىق ئات تۇياقلىرى بىلەن چەيلىنىپ ۋەيران بولغان، تۈرك، ئىسلام دۇنياسى ئېغىر بۆھرانغا دۇچ كىلىپ، خەلقى مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىن خانىۋەيران بولغان بىر دەۋر ئىدى. ئەنە ئاشۇنداق تارىخىي شارائىتتا جالالىدىن رۇمى مەۋلانا ھەزرەتلىرى ”شەرىف“ دەپ نام ئالغان ئۈچ كىتابدىن بىرى بولغان ”مەسنەۋى شەرىف“ نى يېزىپ چىقىپ، مەنىۋى جەھەتتىن ئېغىر بۆھراندا قالغان خەلققە ئۈمىد ئاتا قىلغان. ئۇلارنىڭ قاغجىرغان مەنىۋى دۇنياسىغا شىپالىق يامغۇر بولۇپ ياغقان. مانا بۈگۈن ئاشۇ جۇغراپىيەگە نەزەر كۆزۈمىزنى ئاقتۇرىدىغان بولساق بۈگۈنمۇ تا 800 يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك خانىۋەيرانچلىق ئىچىدە تۇرماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچرىماقتا. شۇڭا بۇ كىتاب بىزنىڭ يارىلانغان روھىمىزنىڭ شىپالىق دورىسى. سۇنغان ئۇمىدلىرىمىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان شائاپ يۇلتۇزى.
بۇ كىتابنى سېتىۋالغان ئوقۇرمەن ئۈستۈن ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەنۈۋىيىتىنى بېيىتىپلا قالماي يەنە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، يېتىم-يېسىرلارغا بىر كىشلىك ماددى ياردەم قىلغان بولىدۇ. بۇ كىتاب قانچىلىك سېتىلسا مىللىتىمىز شۇنچىلىك مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
شۇڭا مەن قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇ كىتابتىن بىرنى سېتىۋىلىشىنى، ئۆز يىقىنلىرىغا ھەدىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ماددى ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ھەسسە قوشقان بارلىق قىرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ ئاشۇ قىلغان ئەجىرلىرىنىڭ ساۋابىنى ئۇلۇغ ئاللاھ ھەسسىلەپ ئارتۇرسۇن. ئامىن!

كىرىش سۆز

 

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ”مەســنەۋى“ ناملىــق ئەســىرى جەمئىــي ئالتــە جىلىــد،25 مىــڭ 6 يــۈز 32 بېيىتتىــن تەركىپ تاپقان؛ كىلاسســىك شــەرق ئەدەبىياتىدىكى شــېئىر  ئۇســلۇبىدا يېزىلغــان بىــر ئەســەردۇر. مەســنەۋىنىڭ تىلى پارىســچە بولۇپ، مەۋلانە ســۆزلىگەن ھېكايە ۋە ھېكمەتلىك ســۆزلەرنى  شــاگىرتى ھېســامىدىن چەلەبــى   خاتىرىلــەپ، رەتلــەپ كىتــاب قىلغان. مەسنەۋىدە مەۋلانە بىر ھېكايىنى باشلايدۇ، ئەمما بۇ ھېكايىنى ئاياقلاشتۇرماي ئارىســىدا بېيىــت ۋە ھېكمەتلىــك ســۆزلەرنى ســۆزلەيدۇ ۋە ياكى باشــقا بىــر ھېكايىنى باشــلايدۇ. ئاندىــن ئۈزۈپ قويــۇپ ئالدىدىكــى ھېكايىنــى يەنــە كەلگــەن يېرىدىــن داۋاملاشــتۇرىدۇ. ئەنە شــۇ ھېكايىلەر ئارقىلىق تەســەۋۋۇپتىكى پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى شــەرھىلەيدۇ. بــۇ يــەردە بىزگــە ئەڭ مۇھىــم بولغىنــى ”مەســنەۋى“ دە ســۆزلەنگەن ھــەر بىــر ھېكايىنىــڭ ئىنســانلارنى پاراســەتكە، گــۈزەل ئەخلاققــا يۈزلەندۈرىدىغــان نەســىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگــە ئالغانلىقىدۇر. جالالىدىــن رۇمــى ئۆزىمــۇ بــۇ ئەســىرى توغرىســىدا مۇنــداق دېگــەن: ”بــۇ كىتاب مەســنەۋى كىتابىــدۇر، مەســنەۋى ھاياتلىقنىــڭ ماھىيىتىنــى چۈشــىنىپ، پەزىلــەت مەنزىلىگــە يېتىشــنى ئويلىغانــلار ئۈچــۈن بىــر يولــدۇر. ”مەســنەۋى“دىكى ھېكايىلەرنىــڭ بەزىلىرى قەھرىمانلار توغرىســىدا، بەزىلىرى ۋەلىلەر، بەزىلىرى سوپىلار، بەزىلىرى پادىشاھلار ۋە بەزىلىرى ھايۋاناتلار توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. بۇلار ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى بىلەن ئوبرازلاشتۇرۇلغان. ئەسلىدە ئۇلارنىــڭ كىــم بولۇشــى مۇھىــم بولماســتىن، مۇھىمــى ئۇلارنىــڭ ئارتۇقچىلىقــى ۋە كەمچىلىكىنــى بايان قىلىش ئارقىلىق، كىشــىلەرگە شەخســىيەتچىلىك، قىزغانچۇقلۇق، ھەســەتخورلۇق ۋە ئىتتىپاقســىزلىقنىڭ زىيىنىنى شــەرھىلەپ، ئىنســانلارنى يامانلىقتىن ئىبــرەت، ياخشــىلىقتىن ئۈلگــە ئېلىشــقا چاقىرىــدۇ ۋە ئىنســان قەلبىــدە ئاللاھقــا بولغان چەكســىز ســۆيگۈنى ئۇرغۇتىــدۇ. بــۇ ئىنســانلار گەرچــە ســەككىز يــۈز يىــل بــۇرۇن ياشــىغان بولســىمۇ، ئەممــا ھــەر ۋاقىــت ئارىمىــزدا مەۋجۇتتــۇر. ھاياتتىكــى مۇھىــم ئىشىمىز ئۆزىمىزنى تونۇش ، كائىنات بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتۇر. مەسنەۋى ئاۋام خەلقمــۇ چۈشــىنەلەيدىغان ھالەتتــە يېزىلغــان بولــۇپ، ئىرشــاد ۋە تەربىيەنــى ئاساســى مەقســەت قىلغان. قولىڭىزدىكــى ”مەســنەۋىدىن دۇردانىــلار“ ناملىــق بــۇ كىتابنــى مــەن ”مەســنەۋى شــېرىف“ ناملىــق تۈركچــە نەســىرى شــەكىلدىكى تەرجىمىســىدىن ئۇلــۇغ ئاللاھنىــڭ مەدىتــى بىلــەن كۈچۈمنىــڭ يېتىشــىچە ئۇيغۇرچىگــە تەرجىمە قىلىپ، تــۈزۈپ چىقتىم. تەرجىمــە قىلىشــتىن بــۇرۇن مەۋلانــە جالالىدىــن رۇمــى ھەزرەتلىرىگە ۋە تەســەۋۋۇپقا  ئائىــت 25  تىــن ئوشــۇق كىتــاب، ماقالە ئوقــۇدۇم. مەۋلانە ھەزرەتلىرىنىــڭ كونيادىكى  مەقبەرەســىگە بېرىــپ زىيارەتتــە بولــدۇم. تەييارلىقىــم پۈتكەنــدە تەرجىمــە قىلىشــقا باشــلىدىم ۋە ئۈنۈمىنــى كــۆردۈم. تەرجىمىــدە كۆرۈلگــەن خاتالىقلارنــى ئەپۇچــان رەببىــم كەچۈرگــەي، كىتابخۇمــار خەلقىــم تۈزىتىــش بەرگــەي . ”مەســنەۋىدىن دۇردانىــلار“ ناملىــق بــۇ كىتــاب ”مەســنەۋى شــېرىف“ ناملىــق كىتابنىــڭ بىرمۇ-بىــر تەرجىمىســى بولماســتىن، بەلكــى مىللىتىمىزنىــڭ ھازىرقــى شــارائىتىغا، قىممــەت قاراشــلىرىغا بەكــرەك مــاس كېلىدىغــان ۋە بىزگــە مەنىــۋى جەھەتتىــن تــۈۋرۈك بولىدىغان يەرلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ تۈزۈلگەن كىتابتۇر. مــەن ئوقۇرمەنلەرگــە چۈشىنىشــلىك بولســۇن ئۈچــۈن ”مەســنەۋى شــېرىف“ تىكــى باش-ئاخىــرى چېچىلىــپ كەتكــەن ھېكايىلەرنى بىــر تەرەپتىــن تەرجىمە قىلىپ، بىــر تەرەپتىــن كىرىشــتۈرۈپ بىــر پۈتــۈن ھېكايــە شــەكلىگە ئەكەلدىــم ۋە ئۇنىڭغــا مۇناســىۋەتلىك ھېكمەتلەرنــى ھېكايىنىــڭ ئاخىرىغــا“ ھېكمەتلىــك ســۆزلەر ”دەپ قوشــۇپ تــۈزۈپ چىقتىــم. ”مەســنەۋىدىن دۇردانىلــەر“ ناملىــق كىتــاب ”جالالىدىــن رۇمــى ۋە ئۇنىــڭ ئەســەرلىرى“ ناملىــق ئۆزۈم يازغــان ماقالــە، باشــتىكى ئون ئالتــە بېيىــت بىلــەن 119 ھېكايــە، 1000 دىــن ئوشــۇق ھېكمەتلىــك ســۆز ۋە  ئاخىرقــى بــەش بېيىــت، خاتىمــە قىســىمىدىن تۈزۈلگــەن. ”مەســنەۋى“ ناملىــق كىتابنــى پارســچىدىن تۈركچىگە تەرجىمــە قىلغان ســۇلايمان ناھىف(1739-1666)ئەپەندىنىڭ ”مەســنەۋى شەرىف“ ناملىق كىتابنىڭى  ئەڭ ئاخىرقى قىســمىدا ئېيتقان تەســىرلىك ساتىرلىرىنى، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ، تەرجىمــە جەريانىدا مېنــى قوللىغــان، كىتابنىــڭ روياپقــا چىقىشــى ئۈچۈن ئىقتىســادى جەھەتتىــن ياردەمدە بولغــان قېرىنداشــلىرىمغا رەھمىتىمنــى بىلــدۈرۈش يۈزىســىدىن تەرجىمــە قىلدىــم ۋە كىتابخانلارنىــڭ ھۇزۇرىغــا تۆۋەنچىلىك بىلەن ســۇندۇ:

”چەكســىز ھەمدۇ-ســانالار ئاللاھقا خاســتۇر. بەخت-سائادەتنى ماڭا يار قىلغىن. بــۇ ئىزدىنىشــلىرىمنى قەلبىمنىــڭ ئىلھــام بۇلىقــى قىلىــپ، ھېكمــەت تىللىرىمنــى ســۆزلەتكىن. ســۆزلىرىم ھايــات ھېكمىتىنىــڭ تەرجىمىســى بولــدى. كۆڭۈلدىــن غــەم – قايغــۇ يوقــاپ كەتتــى. مەســنەۋى كىتابــى تەرجىمــە قىلىنىــپ بولــدى. ھەزرىتــى مەۋلانەنىــڭ بــۇ گــۈزەل مەسنەۋىســى ئىلىــم ســۆيەرلەرنىڭ خەزىنىســىدۇر. مەســنەۋى ياخشــى كۆرگەنلــەر ئۈچــۈن گۈزەلــدۇر، بىباھــادۇر. لېكىــن ھەممــا ئادەمگــە جامالىنــى كۆرســەتمەيدۇ. ســۆھبەتلىرىنىڭ مەھرەملىــرى ھــال ئىگىســىگە خاســتۇر. نادانــلار ئۇنىــڭ گۈزەللىكىنــى، جامالىنــى ئىنــكار قىلىــدۇ. ئىلىــم ئادەملىــرى ئۇنىــڭ ھۆســنى-جامالىنىڭ گۈزەللىكىدىــن زوقلىنىــپ ھوزۇرلىنىــدۇ. مەرھەمــەت ۋە كۈچ-قــۇۋەت ســاھىبى ئۇلــۇغ ئالــلاھ بــۇ كىتابنــى تەرجىمــە قىلىشــقا مۇيەسســەر قىلــدى . ئالەملەرنىــڭ رەببىنىــڭ مــەدەت – ياردىمــى بولمىغــان بولســا بــۇ ئاجىــز بەندىســى چارىســىز قالغــان بولاتتــى. بەنــدە خاتاســىز بولمــاس. تەرجىمىدىكــى خاتالىقنــى ھەممىدىــن پــاك، ئەپۇچــان رەببىــم، ئۆزىنىــڭ ئىلتىپاتــى بىلــەن كەچۈرگــەي. رەت تەرتىپلىرىــدە خاتالىــق بولغــان تەقدىردىمــۇ كىتابخانــلار ئۈچــۈن يەنىــلا پايدىلىقتــۇر. تەرجىمــە كۈچۈمنىــڭ يېتىشــىچە بولدى. تەرجىمــە قىلىۋېتىــپ  3- جىلىتقــا كەلگەنــدە  قەلىمىــم توختــاپ قالغان  ئىدى.  نىشان قىلغان ئىشىمنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، بۇ كەمچىلىككە تولغان قۇلۇڭ ئاجىزلىق قىلىپ قالغانىدى. جانابى ھەق سۇلتان ئەخمەتنىڭ تەختىگاھىنى دائىم قىلسۇن. ئۇ مەرىپەتنىڭ ھىمايىچىسى، يەنى ئۇ شاھىنشاھ غازى بولسا شادىيانە پەرمان چۈشۈردى. قالغان قىسمىنىڭمۇ تاماملانماسىنى مۇرات ئەيلىدى. بۇ ئەمىر-پەرمان دەردلىك كۆڭلۈمنى شادىمان قىلدى. ھەزرىتى ئالىيلىرىنىڭ شادىيانە يارلىقىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قۇدرىتىمنىڭ يىتىشىچە تەرجىمىنى داۋاملاشتۇردۇم. كەرەم ئىگىسى بولغان پادىشاھىمىزنىڭ مۇقەددەس يارلىقىنى ئۇلۇغ سادرى ئەزەم ماڭا يەتكۈزدى. سۈبھەسىز بۇ ئەسەر ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىزغا مەنسۇپتۇر. چۇنكى ئەسلى ئىشنى قىلغۇچى ياخشىلىققا سەۋەپ بولغاندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا بىر گۇمان يوقتۇر. ئەسەرنىڭ پۈتۈشىگە سەۋەپ بولغان پادىشاھىمىزدۇر. كەرەم ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ راببىم، جاھان خان-پادىشاھىمىزنى شانى-شۆكرىتىنى ئەبەدىي پۈتۈن جاھان ئالەمىدە نۇر چاشقۇزسۇن. ئەسكەرلىرىنى، چەۋەنداز ئەزىمەتلىرىنى، ياردەمچىلىرىنى مانسۇر ۋە مۇزەپپەر ئەيلىسۇن. دۆلەت دۈشمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن. تولۇن ئايدەك قەدىرلىك سادرى ئەزەم، ئۇنىڭ ئىقبال قۇياشىدا نۇرلانسۇن. شاھزادىلار چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك كائىناتنى بېزىسۇن. ھەر بىرلىرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ تىخىمۇ ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۇرلەر نەسىپ ئەيلىسۇن!“

 

 

پادىشاھنىڭ قۇللىرىنى سىنىشى

 

بىــر زامانــلاردا بىــر پادىشــاھ ئۆتكــەن ئىكــەن. بــۇ پادىشــاھ بىــر كۈنــى ئۆز خىزمىتىگــە ســېلىش ئۈچــۈن ســېتىۋالغان ئىككــى قۇلنــى ســىناپ باقماقچــى بوپتــۇ ۋە قۇللارنىــڭ بىرســى بىلــەن ئازراق پاراڭلىشــىپتۇ ۋە ئۇنىــڭ ئەقلى-ھوشــى جايىــدا، ئورۇنلــۇق ســۆز قىلىدىغــان بىر قــۇل ئىكەنلىكىنــى پەملەپتۇ. چۈنكى قۇل شــۇنچىلىك پاســاھەتلىك ســۆزلەرنــى قىپتۇكى، مەن-مــەن دېگەن دانىشــمەنلەرنىڭ ئېغىزىدىنمۇ بۇنــداق ھېكمەتلىــك ســۆزلەرنىڭ چىقىشــى تــەس ئىكــەن. پادىشــاھ ئىچىــدە ھەتتــا مۇنــداق ئويلاپتــۇ : ئەجىبا بۇ قۇلنىڭ ئىچى ئىلىم كانىمۇ؟ پادىشــاھ مانــا مۇشــۇنداق خىياللارنــى قىلىپ، ئازراق ئويلىغاندىــن كېيىن، يەنە بىــر قۇلنــى يېنىغــا چاقىرىپتۇ. ئۇ قــۇل پادىشــاھنىڭ يېنىغــا كەپتــۇ. بــۇ قۇلنىڭ ئاغــزى پۇرايدىكەن، چىشــلىرى قارىــداپ كەتكــەن ئىكــەن. پادىشــاھ بــۇ ھالنــى كــۆرۈپ ئۇنــى ئانچــە ياقتۇرمىغــان بولســىمۇ، لېكىــن ئۇنىــڭ ئەخلاقىنــى، نىيىتىنــى بىــر ســىناپ باقماقچــى بوپتــۇ. شــۇنىڭ بىلــەن پادىشــاھ ئۇنىڭغــا: _ ئاغزىڭ سېســىق پۇراپ كېتىپتۇ، بىر ئاز يىراقراق تۇر. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى قىلىــپ، ياخشــى خىزمــەت قىلســاڭ، ســېنىڭ بىلــەن دوســتتەك ئۆتىمىــز، ســەن مــاڭا ياخشــى بىــر ھەمــرا بولســاڭ، كەلگۈســۈڭ پــارلاق بولىدۇ. _ ســەن مەجلىســىمىزگە قاتنىشــىپ ئازراق ســۆز قىــل. ئاندىــن ئەقلىڭنىــڭ قانچىلىكلىكــى ئاشــكارە بولىــدۇ، _دەپتــۇ ۋە يەنــە بىــر گەپــدان قۇلىغــا: _ مــاڭ، مۇنچىغــا بېرىــپ يۇيۇنــۇپ كــەل، _ دەپ كەتكۈزۈۋېتىپتــۇ. ئاندىــن يېنىدىكــى ئاغــزى پۇرايدىغــان قۇلغــا قــاراپ: _ ئەســلىدە ســەن ناھايىتى ئەقىللىق بىر قۇل ئىكەنســەن. ســېنىڭدەك قۇلنى يۈز قۇلغــا تــەڭ قىلمايمــەن. لېكىــن ئۇ ھەســەتخور ئاغىنــەڭ، بىزنــى ســەندىن ســوۋۇتتى. ئۇ ســەن توغرىلىــق “ ئۇ دېگــەن ئوغــرى، توغــرا يولــدا ماڭمايــدۇ. ئۇ ئۇنــداق، ئۇ مۇنــداق“ دەپ ســېنىڭ يامــان گېپىڭنــى قىلــدى“ دەپتــۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان قۇل مۇنداق دەپتۇ: _ئۇ دائىــم راســت گــەپ قىلىــدۇ. مــەن تــا بۈگۈنگــە قــەدەر ئۇنــداق راســت گــەپ قىلىدىغــان بىرســىنى كۆرمىدىــم. ئۇ شــۇنداق راســتچىل. شــۇڭا ئۇ نېمــە دېســە ئىشــىنىمەن. مــەن ئۇنىــڭ بىــر يامانلىكىنــى كۆرمىدىــم. ئەگــەر بىــر خاتالىــق بــار دېســەك، بەلكــى ئۇ مەندىكــى خاتالىــق بولۇشــى مۇمكىــن. _ ھــەر كىــم ئۆز خاتالىقلىرىنــى كۆرگــەن بولســا ئىــدى، ئۇنــى تۈزىتىشــنىڭ ئامالىنــى قىلغــان بولاتتــى. بــۇ ســۆزلەرنى پۈتــۈن دىققىتــى بىلــەن ئاڭلىغــان پادىشــاھ، قۇلغا يەر ئاســتىدىن بىــر قــاراپ قويــۇپ مۇنــداق دەپتۇ: _ئۇ ســېنىڭ كەمچىلىكلىرىڭنى قانداق ئاشــكارىلىغان بولســا، سەنمۇ ئۇنىڭكىنى شــۇنداق ئاشــكارىلا. ســەن دوســتۇم بول، دۆلىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىل. قۇل كەسكىنلىك بىلەن دەپتۇ: _ مــەن بىــر قــۇل بولــۇش ســۈپىتىم بىلــەن گۇۋاھلىــق بېرىمەنكــى، ئۇنىــڭ كەمچىلىكلىــرى تۆۋەندىكىچــە: ”ئەيىبــى“ _ ئادىمىيلىــك، ســۆيگۈ، ۋاپــا ۋە راســتچىللىقىدۇر. ئالاھىدىلىكــى، مەرتلىــك ۋە يــاردەم ســۆيەرلىكىدۇر. ھەتتــا ۋاقتــى كەلگەندە ئۇ قىلچــە ئىككىلەنمەي باشــقىلار ئۈچــۈن ئۆز جېنىنــى پىــدا قىلىــدۇ. لېكىــن بــۇ پىداكارلىــق مــەرت بولمىغــان كىشــىدە يــوق. كىــم ھــەق ئۈچــۈن، ئۆزىنــى بېغىشلىســا، ئۇنىڭــدا قورقــۇش بولمايــدۇ ۋە چوقــۇم ياخشــىلىققا ئېرىشــىدۇ. پادىشــاھ: _ دوســتۇڭنى بەكمــۇ ماختــاپ كەتمــە. ئۇنــى ماختىغــان بولــۇپ ئۆزۈڭنــى ماختىمــا، _ دەپتــۇ. قۇل دەپتۇ: _پۈتــۈن ئالەملەرنىــڭ پەرۋەردىــگارى ئۇلــۇغ ئالــلاھ بىلــەن قەســەمكى ھەرگىــز ئۇنــداق بىــر نىيىتىــم يــوق. ھــەق ئۆزىنىــڭ پەزىلىتــى ۋە رەھمىتىدىــن ئىنســانلارغا پەيغەمبەرلەرنــى ئەۋەتتــى. بــۇ قــارا شــور تۇپراقــلاردا مۇشــۇنداق ئىنســانلارنىڭ بولۇشــى، ئۇنىــڭ ئىلتىپاتىنىــڭ ئىپادىســىدۇر. ئۇلارنــى تۇپراقتىــن تۆرەلگەنلەردىــن، كۆكتىكىلەردىــن ئۈســتۈن قىلــدى. ئوتتىــن بىــر نــۇر ھاســىل قىلىــپ، ئۇنــى پۈتــۈن نۇرلاردىــن ئۈســتۈن قىلــدى. ئۇ چاقماقنىــڭ چېقىشــى جانغــا نــۇر بېغىشــلىدى. ئادەم ئۇ نــۇر بىلــەن ئىلھاملانــدى. ئادەملــەر زېمىنغــا خەلىپــە بولــدى. ئۇ نــۇر ئىبراھىمنىــڭ جېنىنــى قوغدىــدى . ئۇ قورقماســتىن نەمــرۇد ياققــان ئوتنىــڭ ئىچىگــە كىــردى. ئۇ نۇر ئىســمائىلغا دالــدا بولــدى. بــۇ ســەۋەپتىن پىچاققــا بوينىنــى تۇتــۇپ بــەردى. داۋۇتنىڭ جېنــى ئۇ نۇردىــن بەھرىمەن بولدى. شــۇنىڭ ئۈچۈن قولــى بىلەن تۆمۈرنى خېمىردەك يۇمشــىتىۋەتتى. ســۇلايمان ئۇ نۇرغا ئىگە بولغاچقا، ئىنســانلار بىلەن جىنلار ئۇنىڭغا بــوي ســۇندى. ياقــۇپ ئۇ نۇرغــا ئاشــنا بولغانلىقىدىــن، كــۆزى كۆرىدىغــان بولــدى. ھاســا، مۇســانىڭ قولىــدا نۇرلانغاچقــا، پىرئەۋننىــڭ ســەلتەنەتى بىتچىــت بولــدى. مەريەمنىــڭ ئوغلــى ئەيســا يولىنــى تاپقاچقــا، تۆتىنچــى قــات ئاســمانغا چىقىــپ كەتتى. ھەزرىتى مۇھەممەدتە ئۇ نۇر كۆپرەك بولغاچقا، بىر ئىشــارەت بىلەن ئاينى ئىككىگە بۆلۈۋەتتــى. ھەزرىتــى ئەبۇبەكرىنىــڭ مەقســىتى توغــرا يولنــى تېپىــش ئىــدى. شــۇڭا ئۇ ئەنــە شــۇنداق بىــر پەيغەمبەرگــە يولــداش ۋە قوللىغۇچــى بولــدى. ئۆمــەر ھەققــە ئاشــىق بولغانلىقتىــن ھــەق بىلــەن باتىلنىــڭ ئوتتۇرىســىنى ئايرىغۇچــى بولــدى. ئەلىمۇ تازا يۈز_ئابروي تاپتى، تەقدىرىگە تەڭرىنىڭ ئارسلانى دەپ يېزىلدى. ســۆزنىڭ قىسقىســى، مېنىــڭ بــۇ دوســتۇم ســۆزلىگەنلىرىمدىن يــۈز ھەسســە ياخشــى. پادىشاھ بۇ مەدھىيەلەرنى ئاڭلاپ دەپتۇ: _ بولــدى. ئەمــدى ئۆز ئەھۋالىڭدىــن گــەپ ئاچ. قاچانغىچــە ئۇنىــڭ، بۇنىــڭ ئالاھىدىلىكلىرىنــى ســۆزلەپ يۈرۈيســەن؟ ســېنىڭ بىلىدىغــان بىــرەر ھۈنىرىڭ بارمۇ؟ تۇپراقنىــڭ ئاســتىغا كىرگەنــدە، قەبرىنــى يورۇتىدىغــان نــۇرۇڭ بارمــۇ؟ پۇت-قولۇڭدىن ماغدۇر كەتكەندە، ئۇچىدىغان قانىتىڭ بارمۇ؟ قۇل پادىشاھنىڭ بۇ تۈگىمەس ھېكمەتلىرىنى ئاڭلاپ دەپتۇ: _ ئەي شــاھ! ھــەر ئىشــارەتنىڭ شــەكلى ۋە رەڭگــى باشــقا بولىدۇ. يــوق بولۇش ئۈچــۈن توپلىنىــدۇ. ھــەر نەرســە ئۆزى مــاس كىلىدىغــان نەرســىگە ئايلىنىــدۇ. پادىمــۇ پادىچىغــا ئۇيغۇنلىشــىدۇ. مەھشــەردە ھــەر ئىشــارەتلەر بىــر ســۈرەتتۇر. ســۈرەتنىڭ بىر-بىرىگــە ئوخشــاش كۆرۈنۈشــىنىڭ ئۆزى، بىــر شــەكىلدىن ئىبــارەت. ئۆزەڭگــە قــارا، ســەنمۇ بىــر ئىشــارەتتىن ئىبــارەت. بۇنىڭدىكــى مەقســەت بىــر ئىشــقا ۋەكىــل بولۇشــىڭدۇر. ئۆيلەرگــە، ئوردا-ســارايلارغا قــارا، ئۇلارنــى قۇرۇلــۇش ھۈنەرۋەنلىــرى لايىھىلىگــەن. كۆرۈۋاتقــان باشــقا ســارايغىمۇ قــاراپ بــاق. ئۇلار نېمــە دېگــەن گــۈزەل. ھــەر ئىشــنىڭ، ھــەر پىكىرنىــڭ ئەســلى ئاساســى بولســا خىيــال، تەســەۋۋۇر ۋە چۈشــەنچىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق شــەيئىلەرگە ئىختىيارى بىر قاراپ باق ، ســەۋەبلەر دائىــم ئىشــارەتلەردۇر. باشــتا پىكىــر، ئاندىــن كېيىــن ئىــش. ئەزەلدىن بېــرى ئالەمنىڭ يارىتىلىــش قانۇنىيىتــى مۇشــۇنداق. كۆڭلىمىــزدە ئالــدى بىلــەن پىكىــر بولىــدۇ. كېيىــن ئۇ ئىش مەيدانغا كېلىدۇ. كۆچەت تىكىشــتىكى مەقســەت، ئۇنىڭدىن مېۋە ئېلىشــتۇر. گەرچــە بىــخ، تال ۋە ياپراقلار باشــتا چىقســىمۇ، ئەمما ئۇلاردىنمــۇ قىممەتلىكى ئۇنىڭ مېۋىســى. بــۇ گەپ-ســۆزلەرنى ئىشــارەتنى چۈشــنىش ئۈچــۈن ســۆزلىدىم. ئەي شــاھ! پۈتــۈن ئالــەم ئىشــارەتتۇر. بــۇ ئىشــارەتلەر ســۈرەتتىن تۇغۇلــدى. ســۈرەت بولســا تەپەككۇردىــن مەيدانغــا كېلىــدۇ. بــۇ جاھــان بىــر پىكىــر بىلــەن ســىزىپ چىقىلغــان بولــۇپ، ئەقىــل پادىشــاھ بولــدى، ســۈرەتلەر پەيغەمبەرلــەردۇر. بىرىنچــى ئالــەم ئىمتىھــان ئالىمــدۇر. ئىككىنچــى ئالــەم بولســا ئىنســانلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىــڭ نەتىجىســىنى كۆرىدىغان ئالەمدۇر. ئەي شــاھ! قۇل ســاڭا خىيانەت قىلســا بۇ ئىشارەت ئۇنىــڭ ئۈچــۈن زەنجىــر ۋە زىندانــدۇر. ئۇ لايىقىــدا ياخشــى خىزمەت قىلســا، ئىشــارەت بولمــاي بەلكــى ئىناۋىتــى ئاشــىدۇ. پادىشاھ قۇلنىڭ بۇ پاساھەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دەپتۇ: _ بوپتــۇ ســېنىڭ دېگىنىڭــدەك بولســۇن. ئەممــا ســېنىڭ ئىشــارەتلىرىڭدىن بىــر جەۋھــەر كۆرەلمىدىم. قۇل دەپتۇ : _ ئەگــەر ئويلارنىــڭ ســۈرەتلىرى ئوتتۇرىغــا چىققــان بولســا پۈتــۈن ئىنســانلار ھەقنىــڭ يولىنــى تۇتقــان بولاتتــى. ئەي شــاھ! بــۇ بىلىنمىگــەن ئالــەم بىلىنگــەن بولســا ئىــدى، ئىمــان ۋە ئىمانســىزلىق ســۈرىتى پېشــانىلىرىگە ســىزىلغان بولاتتــى. بــۇ پانىــي دۇنيــادا ھېچكىــم بىــر گۇنــاھ قىلىشــقا جــۈرئەت قىلالمىغــان بولاتتــى. پادىشاھ: _ئالەمنىــڭ بارلىققــا كېلىشــىدىكى ھېكمــەت، ھــەق ئىلمىنىــڭ ئىنســانلارنىڭ ئويلىرىدىــن باشــقىچە مەلــۇم بولغانلىقىــدۇر. ھەقىقــەت بۇ دۇنيــادا مەيدانغا چىققىچە بــاي ۋە گاداي مەۋجــۇت بولىــدۇ. ســەن ياخشــى ۋە يامانلىــق قىلمــاي تۇرالمايســەن. جېنىــڭ خالىســا بىــر ئىشــنى قىلىســەن. ســەۋەپ ئانىســى بولســا، ئەســەر ئۇنىــڭ بالىســىدۇر. بــۇ ســەۋەبلەرنىڭ نەســلى بىــر، لېكىــن ئۇ نەســلىنى پــەرق ئېتىــش ئۈچــۈن كــۆز كېــرەك. پادىشــاھ مانــا مۇشــۇلارنى دەۋاتقانــدا يەنە بىــر قۇل مۇنچىدىــن چىقىپتۇ. بۇنىڭ بىلــەن پادىشــاھ ئۇ قۇلنى يېنىغــا چاقىرىپ دەپتۇ: _ ســالامەتلىك ۋە ھــۇزۇر ســاڭا يــار بولســۇن. رەڭگى-روھىــڭ كۆتۈرەڭگــۈ تۇرىــدۇ. مىــڭ ئەپســۇس ئاغىنــەڭ دېگــەن خۇيــلار ســەندە بولمىغــان بولســا ئىــدى، يۈزۈڭنــى كۆرگەنلــەر خۇشــال بولــۇپ، ســېنىڭ بىلــەن دوســت بولاتتــى. بۇ تەنە سۆزلەرنى ئاڭلىغان قۇل دەپتۇ: _ پادىشــاھىم ! ئۇ دىنســىز، نىيىتــى يامــان، مــەن توغرىلىــق زادى نېمــە دېــدى؟ دېگەنلىرىدىــن مېنــى ئازراق خــەۋەردار قىلغان بولســىلا. پادىشاھ: _ئالــدى بىلــەن ســېنى ئىككــى يۈزلىمىچــى، كۆرۈنۈشــتە ياخشــىدەك قىلغــان بىلــەن ئىچــى زەھــەر، باشــقا بــالادۇر، _ دېــدى. پادىشــاھنىڭ ســۆزلىرىنى ئاڭلىغــان قــۇل، دەرھــال غەزەپكــە كېلىــپ، يۈزلىــرى قىزىرىــپ، ئاغزىدىــن كۆپــۈك چىقىپتــۇ. ئاچچىقتىــن كۆزلىرىگــە قــان تولۇپتــۇ ۋە : _ئۇ مــەن بىلــەن ياخشــى دوســت. بىــراق ئىتتــەك يامــان خۇيــى بــار. ھــارام نەرســىلەرنى يەيــدۇ، _ دەپ ئۇنــى تىللاشــقا باشــلاپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشقا ھېچ تاقىتى قالمىغان پادىشاھ: _ بولــدى بــەس! ســېنىڭ قانداقلىقىڭنــى بىلدىــم. گەرچــە ئۇنىــڭ ئاغــزى پۇرىغان بىلــەن ســېنىڭ روھىــڭ سېســىق پۇرايدىكــەن. نېــرى تــۇر. ئۇنــداق مەغــرۇر تۇرمــا ! بۇندىــن كېيىــن ئۇ ســېنىڭ غوجىدارىــڭ. ســەن ئۇنىــڭ چاكىــرى، _ دەپ ئەڭ ئاخىرقــى ھۆكۈمنــى بېرىپتــۇ ۋە مۇنــداق نەســىھەت قىپتــۇ: _ دۇنيــا قارىشــى توغــرا بولغــان كىشــىلەر، ئىنســاننىڭ كۆڭلىنــى تىلــى ئارقىلىــق قوغداشــنى بىلىــدۇ. تېشــى پال-پــال ئىچــى غال-غــال بولغانلاردىــن ھــەزەر ئەيلىشــىمىز كېــرەك. بــۇ ھېكايــە مەيلــى راســت، مەيلــى يالغــان بولســۇن، ھــەر ۋاقىــت ياخشــى ئادەملەرگــە نەســىھەتتۇر.

 

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

 

شېكەردەك لەۋلەردىن، شەربەتتەك سۆزلەر تۆكۈلىدۇ.

ئادەمنىڭ كىملىكى تىلىنىڭ ئاستىدا. تىــل جاننىــڭ پەردىســىدۇر. ئەگــەر ئۇ پــەردە شــامالدا قايرىلســا، كــۆز ئۆينىــڭ ئىچىدىكــى ســىرلاردىن خــەۋەردار بولىــدۇ.

ئۆيــدە ئۈنچە-مەرۋايىــت بارمــۇ ياكــى بۇغدايمــۇ؟ ئالتــۇن خەزىنىمــۇ ياكــى يىــلان بىلــەن چايانمــۇ؟ ئەگــەر خەزىنــە بولســا، يىلانچــۇ؟ چۈنكــى خەزىنىگــە كۆزەتچــى لازىــم. ئۈنچىدەك سۆزلەردىن چاقنىغان ھەر بىر نۇر ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدۇ. ئۇ ئۈنچىنىــڭ نــۇرى كۆزىمىزنىــڭ نۇرى بولغان بولســا ئىدى، ســوئالمۇ، جاۋابمۇ بىــزدە بولاتتى.

ســىڭايان قارىســاڭ، ئاي ئىككــى كۆرۈنىــدۇ. ئۇدۇل قــارا، ئاي بىــر كۆرۈنســۇن. ئىزدىگــەن جاۋابنــى ئاندىــن تاپىســەن. پىكىردىــن ئاغمــا، ياخشــى قــارا.

بىلگىنكــى ئۈنچىنىــڭ نــۇرى ســېنىڭ ئوي – پىكرىڭــدۇر.

قــۇلاق ۋاســىتىلىك ئاڭلايــدۇ، كــۆز بولســا بىۋاســتە كۆرىــدۇ. كــۆز كۆزىتىــدۇ، قــۇلاق غەيــۋەت ئەھلــى. قــۇلاق ھەقىقەتنــى ئاڭلىســا كــۆزدەك بولىــدۇ، بولمىســا غەيۋەتكــە شــۇڭغۇغان بولىدۇ. ھــەر كىــم ئۆزىنىــڭ يۈزىگــە ئۆزى قارالمايــدۇ. ســەن مېنىڭكىگــە قارايســەن، مــەن ســېنىڭكىگە. ھــەر كىــم ئۆزىدىــن پۈتۈنلــەي خەۋەرســىز بولغانلىغــى ئۈچــۈن، داۋاملىــق بىــربىرىنىڭ ئەيىبىنى ســۆزلەيدۇ.

خەســىس ھــەم قورقۇنچــاق كىشــى ئەجىردىــن، ياخشــىلىقتىن قــۇرۇق قالىــدۇ.

دېڭىزنىــڭ تېگىگــە شۇڭغۇشــنى ياخشــى كۆرگەنلــەر ئۈنچىنــى ئالىــدۇ.

قىلغــان مەرتلىكنىــڭ نەتىجىســى دەرھــال كۆرۈلگــەن بولســا، دۇنيــادا خەســىس قالمىغــان بولاتتــى. مەرتلىك كۆزدىن بولىدۇ، قولدىن ئەمەس. غەلىبە ئۈچۈن كۆز كېرەك. ھېس-تۇيغــۇلار ئۆلســە كارغــا كەلمەيــدۇ. جان نــۇرى كېرەككى كۆڭۈل دوســتى بولسۇن.

كۆرۈنۈشــى قانچىلىــك گــۈزەل بولســىمۇ، خۇيــى يامــان بولســا، ئۇنىــڭ قىممىتــى بىــر تــال ئارپىچىلىكمــۇ بولمايــدۇ. كۆرۈنۈشــى شــۇنچىلىك ھەقىــر بولســىمۇ، ئۇنىــڭ ئەخلاقــى گــۈزەل بولســا، ئۇ يەنىــلا ھۆرمەتكــە ســازاۋەر بولىــدۇ. كۆرۈنگەن سۈرەت پانىيدۇر. مەنا ئالىمى بولسا باقىيدۇر. قاچانغىچــە كومزەكنىــڭ چىرايلىقىغــا ئالدىنىســەن؟ كومزەكنىــڭ زىننىتىدىــن ۋاز كېچىــپ، ئۇنىــڭ ئىچىدىكــى ســۇغا نــەزەر ســال. ســۈرەت بولســا مەنــا ئالىمىــدە بىــر پــەردە. ســەدەپنى ئويلىمــاي ئۈنچىنــى قولغــا كەلتۈر. شۈبھىســىز شــۇنچە كــۆپ ســەدەپتەك قەلبلــەر ئۇنىــڭ دەريالىرىــدا يېتىشــكەن بولســىمۇ، لېكىــن ھــەر ســەدەپنىڭ ئىچىــدە ئۈنچــە بولمايــدۇ. شــۇڭا ھــەر بىرىنىــڭ ئىچىگــە ئوبــدان قــارا. چۈنكــى قىممــەت باھالىــق ئۈنچــە ئاز ئۇچرايــدۇ. كۆڭلىدە ئىرادىسى بولغان، ۋاقتى كەلسە جاھاننى ئۆزگەرتەلەيدۇ. تېشــى بىلــەن ئىچــى بىــر بولغــان پادىشــاھنىڭ ئارقىســىدىن يــۈز مىڭلارچــە ئەســكەر ئەگىشــىدۇ. چۈنكــى ئۇ پادىشــاھنىڭ بارلىــق ئىش-ھەرىكەتلىرىگــە بىــر ئاقىــل يېتەكچىلىك قىلىدۇ. خەلــق بىــر ئىدىيەنىــڭ ســەۋەبىدىن ســەلدەك ھــەر تەرەپكــە ئېقىــپ كېتىــدۇ . خەلــق ئۇ ئىدىيەگــە ئېتىبارســىز قارايــدۇ. ئەممــا، ئۇ ئىدىيــە جاھانغــا ســەلدەك تەســىر كۆرســىتىدۇ.

ھــەر ئىشــنىڭ نېگىــزى ئىدىيــەدە، پىكىــردە، چۈشــەنچىدە. ئىشــنىڭ ئالدىــدا ئۇ مەيدانغــا كېلىــدۇ. شــۇنچە ھەيۋەتلىــك قەســىرلەر، ســارايلار، شــەھەرلەر، شــۇنچە ئېگىــز تاغــلار، جىلغىــلار، ئويمانلىقــلار ۋە دەريــالار، بېلىقنىــڭ دېڭىزدىكــى ھاياتلېرىــدەك، يەرمــۇ، دېڭىزمــۇ، كۈنمــۇ، ئايمــۇ ۋە ئاســمانمۇ ئۇنىــڭ ســەۋەبىدىن مەۋجــۇت. پىكىر دۇنياسىدا ئېشەكتەك دائىم بىخۇت ۋە خەۋەرسىز يۈرمە. بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ، ئەقىلنىڭ دۈشمىنى بولما. سۈرىتىڭ ئادەم. ئەمما، ئەقىل-ئىدرىكىڭ يوق. بىر كۈن ئۇ پىكىر ۋە ئويلار قانات كېرىپ، پەردىدىن چىقار ئالدىڭغا. ئۇ ۋاقىت ئۇ ئېگىز تاغلار پاختىدەك توزۇپ، كۈكۈم-تالقان بولىدۇ. يۇلتــۇزلار، ئاســمانلار گۇمــران بولىــدۇ. ســۆيگۈنىڭ ئىگىســى، دائىــم تىرىــك ۋە يالغــۇز بولغــان ھەقتىــن باشــقا ھېــچ نەرســە قالمايــدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش