ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » خەلقىمىزنىڭ مۇھەببەت قوشاقلىرىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرى

خەلقىمىزنىڭ مۇھەببەت قوشاقلىرىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرى

 مەلىكە ئابدۇقادىر

ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، مەزمۇنىنىڭ مول – رەڭدارلىقى، تېمىسىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئەدەبىيات خەزىنىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايلىق ئىچىدىكى مۇھەببەت قوشاقلىرى تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تىلىنىڭ جانلىقلىقى، شۇنداقلا ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇنىڭدا چىن ئىنسانىي مۇھەببەت، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، سەمىمىي – ساداقەت كۈيلىنىپ، شەخسىيەتچىلىك، ساختىپەزلىك، ۋاپاسىزلىقتەك ناچار ئىللەتلەر پاش قىلىنىدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن، پەلسەپەۋى پىكىر بىلەن تويۇنغان نادىر ئەسەر، دېيىشكە بولىدۇ.

گۈزەللىك مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. مۇھەببەت گۈزەللىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ، كۈچىيىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئىككى قەلب ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، بىر – بىرىگە بولغان مايىللىقتىن باشقا گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشتىمۇ كۆرۈلىدۇ. خەلق قوشاقلىرىمىزغا نەزەر سالساق، قىز – يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش مۇئەييەن بىر گۈزەللىك تۇيغۇسىنى، قارىشىنى يېتەكچى قىلغانلىقىنى بايقايمىز. يىگىتلەر مەشۇقىغا ئاتاپ قوشاق توقۇغاندا ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاجايىپ يارقىن سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەيدۇ. قىزلارمۇ ئاشىقلىرىنىڭ كېلىشكەن قەددى – قامىتىنى ناھايىتى تاتلىق مىسرالار بىلەن تەسۋىرلەيدۇ.

مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ئىنساننىڭ تاشقى گۈزەللىكى بىلەن قەلب گۈزەللىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قىز – يىگىتلەرنىڭ قىياپەت گۈزەللىكى كۈيلىنىش، تەرىپلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، مەسىلەن:

ئاق ئالما قىزارغاندەك

قىزىل يۈزلۈكۈم يارىم.

ناۋات بىلەن يۇغارغاندەك

شېرىن سۆزلۈكۈم يارىم.

بۇ قوشاقتا مەشۇقنىڭ تاشقى گۈزەللىكى تەرىپلىنىش بىلەن بىللە، ئىچكى گۈزەللىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. تۆۋەندە قوشاقلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن گۈزەللىكلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچەمنى كۆپچىلىككە سۇنىمەن:

1 . مۇھەببەت قوشاقلىرىدىكى تاشقى گۈزەللىك قاراشلىرى.

تاشقى گۈزەللىك ئىنساننىڭ تاشقى قىياپىتى، چىراي – تۇرقى، بەدەن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ كىشىگە تۇنجى تەسىر بېرىدىغان كونكرېت ھالەت. مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا بۇ جەھەتتىكى قوشاقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىنساننىڭ تاشقى گۈزەللىكى يارقىن تىللار ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن:

ئالما شاخى، گۈل شاخى

سۇنسا سۇنار، قايرىلماس.

چىرايىڭدىن قۇياشمۇ

خىجىل بولار قارا قاش.

قاشلىرى بەرگى قىياقتەك،

كۆزلىرى چولپانىكەن.

ئۆسكىلەڭ كىرپىكلىرى

كۆل بويى بوستانىكەن.

مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئىپادىلەنگەن قىز – يىگىتلەرنىڭ تاشقى گۈزەللىكىگە ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان مايىللىقىمۇ سىڭىپ كەتكەچكە، ئۇلار قارشى تەرەپنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايدۇ. بۇ تۈردىكى قوشاقلاردا قارشى تەرەپنىڭ تاشقى قىياپىتى ناھايىتى ئوبرازلىق كۈيلىنىدۇ، مەسىلەن:

قېشىڭىز قازى بولۇپ يۇرتنى سورادۇر،

چېچىڭىز زەنجىربولۇپ يولنى تورادۇر.

كۆزىڭىز ئويناپ تۇرۇپ جاننى ئالادۇر،

مىژگانىڭىز نەيزە بولۇپ جانغا پاتادۇر.

شۇ ھالەتتە ئاشىقىڭىز قانداق چىدادۇر.

مۇھەببەت قوشاقلىرىدا تاشقى گۈزەللىكنىڭ ئىنسان جىسمىدىكى ھەربىر كونكرېت نۇقتىدىن تەسۋىرلىنىشىمۇ دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر.

1) چىراي گۈزەللىكى. چىراي گۈزەللىكى ئىنسان تاشقى قىياپىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى، شۇنداقلا كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە، ئادەمنىڭ چىراي گۈزەللىكى بىر كۆرۈشتىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا چىراي گۈزەللىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ۋە ئۇ ئەڭ گۈزەل ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

ئاي ئىكەن مېنىڭ يارىم،

كۈن ئىكەن مېنىڭ يارىم.

تاڭ سەھەردە ئېچىلغان

مىسلى چېچەك دىلدارىم.

ئوڭ يېنىمدا ئاي تۇرادۇر،

سول يېنىمدا كۈن يانا.

ئايغا باقسام كۈن قالادۇر،

نە خىجالەتتۇر ماڭا.

بۇ قوشاقلاردا ئاشىقنىڭ يارىغا بولغان مۇھەببىتى يارىنىڭ ئەڭ چىرايلىق، ئۆزىنى كۆيدۈرىدىغان گۈزەل رۇخسارىغا باغلاپ ئىپادىلەنگەن. بۇ بىر تەرەپتىن، قىز – يىگىتلەرنىڭ بىر – بىرىگە بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

2) قاش گۈزەللىكى. قاش تاشقى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. قاش گۈزەللىكىنى كۈيلەش، ئاساسەن، ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا قاتقان قوشاقلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن:

قارا – قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مېنى،

قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مېنى.

قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالمىسا ئەگەر،

كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مېنى.

…………………………….

قارا قاشىم بار مېنىڭ،

كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس.

بىر ئاداشىم بار مېنىڭ،

ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس.

قاش – مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان قىزلار گۈزەللىكىنى سۈپەتلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولغان.

3) چاچ گۈزەللىكى. چاچ قىزلارنى جەلپكار قىلىپ تۇرىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. مۇھەببەت قوشاقلىرىدا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىلىدۇ:

چېچىڭ قارا قۇندۇزمۇ،

كۆزۈڭ چولپان يۇلتۇزمۇ؟

سېغىنىپسەن بىلدىم مەن،

كەچ بارايمۇ، كۈندۈزمۇ؟

قېشىڭ قارا، قاپقارا،

كىمگە بوستان قاشلىرىڭ؟

تالى مەجنۇن، سۇمبۇلدەك

يەلپۈنىدۇ چاچلىرىڭ.

بۇ قوشاقلاردا قىزلارنىڭ تال – تال سۇمبۇل چاچلىرى مۇھىم زىننەت سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.

4) كۆز گۈزەللىكى. كۆز ئىنساننىڭ ئىككىنچى تىلى، شۇنداقلا كىشىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان، سۈرەتلەيدىغان تەرەپ. خەلق قوشاقلىرىمىزدا كۆزنى ناھايىتى جانلىق ئوخشىتىشلار بىلەن تەرىپلىگەن گۈزەل مىسرالارنى ئۇچرىتىمىز. خەلقىمىزدە ‹‹قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم›› دېگەن ناخشىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئاشىقلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭ دەلىلى.

‹‹قارا كۆز›› دېگەن قوشاقتا ھەم كۆزنىڭ گۈزەللىكى ‹‹قارا›› دەپ تەرىپلىنىدۇ، قىز ئالاھىدە سۈپەتلىنىپ ‹‹قارا كۆز››دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. يەنى، قىزنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا ئىسىم بولۇپ قويۇلىدۇ.

يولىڭىزغا باش قويدۇم،

ئوتنى ئېلىڭ قارا كۆز.

ئوتنى ئالماي ماڭغىچە،

جاننى ئېلىڭ قارا كۆز.

ئالمىلىق باغقا كىرىپ

ئالما ئاتقان قارا كۆز.

تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ،

قاشنى ئاتقان قارا كۆز.

مۇنداق مىساللار مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. دېمەك، كۆز – قىز – يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى، بىر – بىرىنى سۈپەتلىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان.

5) بەدەن گۈزەللىكى. بەدەن گۈزەللىكىمۇ ئادەمدىكى ئالاھىدە بىر بايلىق بولۇپ، ئادەمنى جەزبىدار، چىرايلىق كۆرسىتىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا بەدەن گۈزەللىكىنى تەرىپلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، قىزلار زىلۋا بويلۇق، غۇنچە بويلۇق، ئەۋرىشىم، لاتاپەتلىك دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەنسە، يىگىتلەر قەددى – قامەتلىك، كېلىشكەن، سالاپەتلىك دېگەندەكلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن، مەسىلەن:

باغدىكى زىلۋا تېرەكتەك،

بويلىرىڭنىڭ تۈزلۈكى.

يېڭى باغنىڭ ئالمىسىدەك،

چىرايىڭنىڭ ئۇزلىقى.

بۇ قوشاقتا قىزلارنىڭ زىلۋالىقى تەسۋىرلەنسە، تۆۋەندىكى قوشاقتا يىگىتلەرنىڭ قامىتى تەرىپلەنگەن.

تام باشىدا ئولتۇرار

شەمشاد بويلۇق شوخ يىگىت.

ئاغزىدىن شەربەت ئاقار،

كۆڭلى – كۆكسى كەڭ يىگىت.

مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا تىلغا ئېلىنغان تاشقى گۈزەللىك قاراشلىرى ناھايىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، تاشقى جەھەتتىكى بارلىق گۈزەل تەرەپلەر تەرىپلەش ئوبيېكتى قىلىنغان. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئىنساننىڭ كىيىنىشى، يۈرۈش – تۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گۈزەللىك ئىپادىلىرى بۇ جەھەتتىكى تەسۋىرنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، مەسىلەن:

ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋاپسىز،

قارايمەن ياراشقانغا.

تاللاپ سۆيگەن يارىم سىز،

بەرمەيمەن تالاشقانغا.

2 . مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئىچكى گۈزەللىك قاراشلىرى.

ئىچكى گۈزەللىك ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى گۈزەل تەرەپلىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىچكى گۈزەللىك ئادەمنىڭ سۆز – ھەرىكىتىدە، مىجەزىدە، ئەخلاقىدا، شۇنداقلا ئېتىقادىدا كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئالدىراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىدا قىز – يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئاساس بولسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك قاتارلىقلار ئادەمنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرى تەرىپلىنىش جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە ئادەمنى گۈزەللىككە ئۈندەيدىغان رولى بىلەنمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.

مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئىچكى گۈزەللىك، ئاساسەن، ئەدەپ – ئەخلاق، ۋاپا – ساداقەت، ۋىجدان، ئەقىل – ئىدراك، مىجەز – خۇلق قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋدىلىنىدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن بۇ قاراشلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

1) ئەدەپ – ئەخلاق. ئەخلاق ئادەم زىننىتى. ئەخلاق ئادەمدىكى ئەڭ مۇھىم ئىچكى گۈزەللىكنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدىمۇ ئەخلاق ئادەمنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى سۈپىتىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قىز – يىگىتلەر بىر – بىرىنى تەرىپلىگەندە ياكى ئۇلارغا باھا بەرگەندە بۇ نۇقتىغا ئېتىبار بىلەن قارالغان. ئەخلاقسىز، ھاياسىزلار مەسخىرە قىلىنغان، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن، مەسىلەن:

بۇغداي باغلىغان باغلىق،

يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق،

قىلىقىڭنى دېمىسەم،

چىرايلىقلىقىڭ چاغلىق.

بۇ قوشاقتا جاناننىڭ چىرايى ئەمەس، خۇش – مۇلايىم مىجەزى، ئەخلاقى ئۇنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن. بىر قىسىم قوشاقلاردا ئۆزى گۈزەل بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار كىشىلەر تەنقىدلەنگەن.

ئۇزلىقىيۇ ئۇزلىقى،

شۇ خېنىمنىڭ ئۇزلىقى.

چىرايىنى ھېچ قىپتۇ،

قىلىقىنىڭ مۇزلىقى.

2) ئەقىل. كىشىلىك تۇرمۇشتا نېمىلا ئىش بىلەن شۇغۇللىنايلى، ھامان ئەقىل – بىلىمگە موھتاج بولىمىز. ھەر ئىشىمىزنى ئەقىل بىلەن قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.

ئاستىدا ئات بولمىسا،

باغداش دېگەن قانچە يىراق.

ئەقلى – ھوشى بولمىسا،

ئايدەك جۇۋان ئىتقا يالاق.

بۇ قوشاقتا تەققى – تۇرقنىڭ ئەقىل ئالدىدا ھېچنېمىگە تەڭ ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ئىپادىلەنگەن گۈزەللىك قاراشلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ، چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

3) ۋاپا – ساداقەت. ۋاپادار بولۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئۆزئارا ساداقەتنى ساقلاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ۋاپا – ساداقەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن بولۇپ، ۋاپادارلىقنى كۈيلەپ، ۋاپاسىزلىققا نەپرەت ئوقۇلغان.

كۆيگەننى كۆيۈك دەڭلار،

يانغاننى چىراغ دەڭلار.

ۋاپا قىلمىغان يارنى

كۆڭۈلدىن يىراق دەڭلار.

بۇ قوشاقتا ۋاپاسىز ياردىن يىراق بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، كىشىلەر ۋاپادارلىققا دەۋەت قىلىنغان.

ئىشىك ئالدى چىنادۇر،

ئەگسەم شېخى سۇنادۇر.

بىردىن ئارتۇق يار تۇتۇش،

قىز – ئوغۇلغا گۇناھدۇر.

ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ساداقەتمەن، بىر – بىرىگە سەمىمىي بولۇشى مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ئىزچىل تەكىتلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھەببەت قوشاقلىرىمىزدا ئادەمنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى سۈپىتىدە شېرىن، راست سۆزلۈك بولۇش، مۇلايىم، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بۇندا بۇلاق قاينىغاندەك

يارىمنىڭ كۆزى.

قەنۇ ناۋات چاينىغاندەك

شېرىندۇر سۆزى.

خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر خەلق مۇھەببەت قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن گۈزەللىك قاراشلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئادەمنىڭ ئادەم بولۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن كىشىلىك ئالاقىدىكى مۇئامىلىسىمۇ ئادەمنى گۈزەل كۆرسىتىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنىدۇ.
مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش