ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مىللىي مەپكۈرە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى

تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مىللىي مەپكۈرە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى

ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر (كاندىدات ئالىي مۇھەررىر )

(تۈركىي تىللار دىۋانى ) تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دىۋان دېيىلىدۇ ( تەتقىقاتى ھەققىدىكى ھازىرقى زامان دىۋانشۇناسلىقى 1904 ‏- يىلى ۋىنگىرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دىۋان ھەققىدىكى ماقالىدىن باشلىساق 100 يىلدىن ئاشتى. بروككېلمان قاتارلىق گىرمان ئالىملىرى، بېسىم ئاتالاي قاتارلىق تۈركىيە ئالىملىرى بۇ ھەقتە گىرمانچە، تۈركچە، ئەنگلىزچە، ۋىنگىرچە ۋە رۇسچە كىتاب، ماقالىلەرنى نەشر قىلدى.

1940 ‏- يىللاردا چۆچەكتە ئىسمايىل ھاجىنىڭ، 1955 ‏- يىلى قەشقەردە سەيپۇللايوفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇھەممەد پەيزى ۋە ئەھمەت زىيائىينىڭ، 1960 ‏- يىللىرىدا تاشكەنتتە سالىھ مۇتەللىپنىڭ، 1963 ‏- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ۋە 1980 يىلىدا ئۈرۈمچىدە ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىئىي، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىمىت ھاجى قاتارلىق ئالىملارنىڭ دىۋاننى تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئەمگەكلىرى دىۋان تەتقىقاتىنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە بۆگۈنكى كۈنىمىزگە ئۇلاشتۇردى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى دەۋىر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى دىۋاننى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالدى. دىۋاننىڭ كىرىش سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىتەكچى ئىدىيە، تارىخىي شارائىت ھەمدە مىللىي پرىنسىپ توغرىسىدا ئەركىن مۇلاھىزە ۋە پىكىر قىلىش مەتبۇئات توسالغۇسىغا ئۇچراپ تۇردى.

شۇڭلاشقا، دىۋاننىڭ كىرىش سۆزى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىك تارىخىنى، مىللىي پىسخىكىسىنى، ئىدېئولوگىيىسىنى ھەمدە مىللەت ئېڭىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەھمۇت قەشقىرى مىڭ يىل ئىلگىرى يازغان بۇ كىتابىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلىغان « مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم . تەڭرى ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى. دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقازدى. ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى».

دىۋان يېزىلغان دەۋر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

تارىخچى ئالىم تۇرغۇن ئالماسنىڭ تەبىرى بۇيىچە « 9 ‏- ئەسىردىن 13 ‏- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي مەزگىل، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە پارسلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ غەزىنىسىگە باھاسىز ، شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان دەۋرى ھېسابلىنىدۇ».

بۇ دەۋرلەردە تۇرانىيە دەپ ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىدا 850 ‏- يىلىدىن 1250 ‏- يىلىغا قەدەر ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر خانلىقى، 870 ‏- يىلىدىن 1212 ‏- يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر قارا خانىلار خانلىقى، 870 ‏- يىلىدىن 1000 ‏- يىلىغا قەدەر سامانىيلار پادىشاھلىقى، 963 ‏- يىلىدىن 1186 ‏- يىلىغا قەدەر غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى ۋە 1040 ‏- يىلىدىن 1157 ‏- يىلىغا قەدەر ئۇلۇغ سەلچۇقىلار ئىمپىرىيىسى، 870 ‏- يىلىدىن 1035 ‏- يىلىغا قەدەر كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ئىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق جايلاردا قۇرغان بۇ قۇدرەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە دىپلوماتىيە جەھەتتىلا ئەمەس، قېرىنداشلىق، قانداشلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتىنمۇ بىر پۈتۈن گەۋدىلىك رولىنى ئويناپ، ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىك قەستلىرىنى تار‏- مار قىلىپ ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى غالبىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ كەلگەن ئىدى.

ياۋرۇ ‏- ئاسىيا تىجارىتىنىڭ غول لىنىيىسى بولغان يىپەك يولىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرغان ھەمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك، ئۇرۇش قوراللىرى، ئالتۇن، كۆمۈش قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى، يىپەكچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە مول بايلىق مەنبەسى ھېسابلانغان بۇ دۆلەتلەر ئەينى زاماندا غەرب ۋە شەرقنىڭ ئالتۇن بايلىقلىرىنى ئۆز غەزىنىسىگە توپلاپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان، ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن ئىدى. پەيلاسوپ ئەبۇ نەسىر فارابى، ئاسترونوم، ئالگىبرا ئىجاتچىسى مۇسا ئەل خارەزىمى، مىدىتسىنا ئالىمى ئىبنى سىنا، شاھنامىنىڭ ئاپتورى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، دانىشمەن ئالىم نىزامۇلمۇلك قاتارلىق ئۆز ساھەسىدىكى ئىجادىيەتلىرىدە ياۋرۇپادىن 500 يىل ئىلگىرى كەشپىيات يارىتىپ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئالىملار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ نەقەدەر مەدەنىيەتلىك ۋە ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى خاقانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ بىپايان زېمىنلارنىڭ غەرب تەرىپىدە كونىستانتىنپولنى چېگرا قىلغان شەرقىي رۇما ھاكىمىيىتى، جەنۇبىدا بولسا ئەرەب ئۇممەۋىيلەر سولالىسىنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ھاكىمىيىتى، شەرقىي تەرىپىدە بولسا ئون پادىشاھلىق ماجرالىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ كەيفىڭنى مەركەز قىلغان سۇڭ سولالىسى، ئۇنىڭ شىمالىدا لياۋ سولالىسى ۋە تاڭغىت سولالىلىرى بار ئىدى.

ئىدىقۇت، قاراخانىلار ۋە كەڭسۇ خانلىقلىرى 840 ‏- يىلى سىياسىي مەركىزىنى ئورخۇن بويلىرىدىن، شىمالىي زېمىنلىرىدىكى قارابالغاسۇندىن غەربىي قىسىمدىكى زېمىنلىرى بولغان بەشبالىققا يۆتكىگەن ئۇيغۇر خاقانلىقى قۇرغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ئىدى.

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى، تاڭ خاندانلىقىنى ئۇرۇش چىقىمى، ھەربىي ياردەم ۋە ئات سودىسى قاتارلىقلاردا مىليونلارچە توپ يىپەك قەرزىگە بوغۇپ، خەلقىنى بېشىنى كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويغان ھون، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ مىراسخورلىرى سۈپىتىدە يىپەك يولىنىڭ تۈگىنىنى چىڭ توسۇپ، قوش تەرەپلىمىلىك سودا پايدىسىنى ئېلىۋاتقان باي دۆلەت بولۇپلا قالماستىن. ئەينى چاغدا يەنە ھەر خىل ئېرق ۋە مىللەتلەر ،مەدەنىيەتلەر، دىنلار ئۆز ‏- ئارا ئۇچرىشىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان بىر كۈلتۇرال دۆلەت ئىدى. بولۇپمۇ بۇددا دىنىنىڭ پىشىۋالىرى توپلانغان مەركەزلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئىلىم ‏- پەن، ناخشا ‏- مۇزىكا، نەشرىياتچىلىق، تەرجىمىشۇناسلىق، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئۇستىلار يىغىلغان مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. بۇ يەردە يىتىشكەن بىر نەپەر ئۇيغۇر مەيلى غەربكە بارسۇن، ياكى شەرققە بارسۇن، ھۆنەر ‏- كەسىپتە، ئەقىل ‏- پاراسەتتە، تىل ۋە يېزىقتا كامالەتكە يەتكەن ئىقتىدارى بىلەن ئۇستازغا ئايلىنىپ قالاتتى.

قاراخانىلار ئۇيغۇرلىرى، جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى توسۇپ ئالالىغان، زېرەكلىكى بىلەن يىپەك يولىنىڭ جەنوبىي يولىدىكى تىجارەت‏- سودىنى كونترولى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە زېمىنىنىڭ بايلىقى ھەمدە چوڭلۇقى بىلەن ئەتراپتا داڭق چىقارغان خانلىقنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىل ‏- يېزىقنى قوللىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. قەشقەردە قۇرۇلغان ساچىيە مەدرىسىسى ئەينى زاماننىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، تىل، دىن، تارىخ، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك ساھەلىرىدە ھېسابسىز ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈردى. ئەرەب ‏- پارس تىل ‏- يېزىقىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن قەشقەر، بالاساغۇن، ئوترار، ئىسپىجاپ، تېرمىز قاتارلىق شەھەرلەردە يىتىشكەن ئۆچ تىللىق ئۇيغۇر ئالىملىرى قەدىمىي ئەبرانىي، يونان، رىم مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى .

شەرق ۋە غەربنىڭ سودىسىدا ئاساسلىق تىجارەت ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان قاراخانىلار ئۇيغۇرلىرى پۈتۈن ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ئاشلىق تەمىنلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ، خەلىپىلىكنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگە سازاۋەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىلار پادىشاھىنىڭ ئەرەب ئابباسىلار خەلىپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىشى خەلىپىلىكتە ئۇيغۇرلارنى يوقىرى نوپۇزغا ئىگە قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر دىپلوماتلىرى، خان ئەلچىلىرى، ئالىملىرى، سودىگەرلىرى، ھۆنەرۋەنلىرى خۇددى زامانىسىدا چاڭئەنگە ئاققاندەك سۇرىيە ۋە باغداتقا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. قەبرىسى سۇرىيىدە قالغان ئالىم فارابىي شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى .

خېشى كارىدۇرىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرى ئورخۇن بويلىرىدىكى جەڭگىۋار ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقتىكى تاجاۋۇزچى خىتاي سولالىلىرىنى ۋە تاڭغۇت خانلىقلىرىنى دىپلوماتىك ھەمدە ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ئارقىلىق توسۇپ تۇرۇپ، 100 يىللارچە ۋاقىت ئىچىدە غەربتىكى قېرىنداشلىرى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا ۋە تىجارىتىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى .

بۇ دەۋىر يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن ئوغۇزلارنىڭ يېتەكچىسى توغرۇلبېك ھەيۋەتلىك قوشۇنىنى باشلاپ غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سالچۇقىيلار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان زامانلار ئىدى. 1055 ‏- يىلى توغرۇلبېك پايتەختىنى سۇرىيىدىن باغداتقا يۆتكىگەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ باغداتنى ئالدى ھەمدە خەلىپىلىكنى ئۆز ھامىيلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى سالچۇقىي ئوغۇزلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. 1063 ‏- يىلى تەخىتكە چىققان سالچۇقىيلارنىڭ مەشھۇر ئىمپىراتورى ئالپ ئارسلان ئوغلى ‏شاھزادە مەلىكشاھقا قاراخانىلار شاھىنىڭ مەلىكىسى تۈركەن خاتۇننى ئېلىپ بەردى. تۈركەن خاتۇن بىلەن بىللە باغداتقا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى كەلدى. نەچچە ئەۋلاد باش ۋەزىر بولغان نىزامۇلمۇلك قېرىندىشى تۈركەن خاتۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن باغداتتا خۇددى قەشقەر ساچىيە مەدرىسىسىدەك نىزامىيە مەدرىسىسىنى قۇرۇپ، باغداتنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم تارقىتىدىغان ۋە بىلىم ئالىدىغان مەدەنىيەت ئوچىقىغا ئايلاندۇردى. مەلىكىشاھ پادىشاھلىققا ئولتارغاندىن كېيىن خەلىپىلىككە قايىم بىئەمرۇللانىڭ نەۋرىسى مۇقتەدى بىللانى خەلىپە قىلىپ ئولتۇرغۇزدى ھەمدە ئۇنى كۈيوغۇل قىلىۋالدى. كېيىن مۇقتەدى چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلىئەھد ‏- خەلىپە ۋارىسى قىلماقچى بولغاندا ، ئوغۇز پادىشاسى مەلىكىشاھ ئۆزىنىڭ نەۋرىسىنى ۋەلىئەھد قىلىشقا مەجبۇرلىدى. شۇنداق قىلىپ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ۋەلىئەھدى ئۇيغۇر تۈركەن خاتۇننىڭ نەۋرىسى جەئىپەرگە نىسىپ بولدى. بۇ چاغدا باغدات ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئوچىقىغا، تىجارەت قىلىپ بېيىش مەركىزىگە، ھەربىي قوشۇن تەربىيىلەش شتابىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. چۈنكى، قەشقەردىن باشلاپ ئاناتولىيىدىن دەمەشىق، تېھران، باغداتلارغىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى، دىپلوماتىك ئالاقىلەر، سودا ‏- تىجارەت ۋە ئەدەبىيات ‏‏- ئىجادىيەت ئىشلىرى ئەرەب ۋە ئۇيغۇر تىل ‏- يېزىقلىرىدا بولاتتى.

بۇ تىل ۋە يېزىق تاكى تۈركىيە ئاتاتۈرك دەۋرىگىچە داۋاملاشقان ئوسمانلى يېزىقى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە دىۋاننى يېزىشتىكى مەقسىتى

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قاراخانىلار ئۇيغۇر خانلىقىدىكى پادىشاھ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنلىكى ۋە قەشقەر ئوپالدا تۇغۇلۇپ ئوپالغا دەپن قىلىنغانلىقى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ قەشقەرلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تەخەللۇس ئىسمىدىنلا مەلۇم.

قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىنى، تۈركىي تىللار گىرامماتىكىسىنى، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتىنى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك پەنلىرىنى شۇنداقلا ئات مېنىش، ئوقيا ئېتىش، نەيزىۋازلىقتەك ھەربىي تەلىملەرنى پۇختا ئۆگەنگەن مەھمۇت قەشقىرى، يازماقچى بولغان كىتابىغا ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن، سارايدىكى ھەشەمەتلىك ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى، جۈملىدىن سىبىرىيە، يەتتەسۇ، ئىلى، ئالتاي، سىر، ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرىنى، ئېدىل، يايىق، دېنپىر قاتارلىق تۈرك زېمىنلىرىنى 15 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئارىلاپ يۈرۈپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ مۇكەممەل ماتېرىيال توپلىغان.

بىر قىسىم رىۋايەتلەردە قەيىت قىلىنىشىچە، مەھمۇت قەشقىرى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ چوڭ دادىسى قارا خانىلار پادىشاھى مۇھەممەد بۇغراخان شاھلىق تەختىنى ئوغلى ھۆسەيىنگە يەنى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دادىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خوتۇنى غەزنەۋىيلەر سۇلتانى مەسئۇت غەزنەۋىينىڭ قىزى زەينەپ ئوغلى ئىبراھىمنى تەخىتكە چىقىرىش مەقسىتىدە ئوردا ئىچىدە سۈيىقەسىت پىلانلاپ ھۆسەيىن باشچىلىقىدىكى شاھزادە ۋە خان ئەۋلاتلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ۋەقەسى پەيدا قىلىدۇ. دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ساق قالغان مەھمۇت قەشقىرى تەخىتكە چىققان ئانا باشقا ئىنىسى ئىبراھىمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئادەملىرى بىلەن قېچىپ كىتىپ، ئۆز جەمەتلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يوشۇرۇنىدۇ ھەمدە باغداتتىكى ئۆز تۇغقىنى تۈركەن خاتۇننى پاناھ تارتىپ باغداتقا يولغا چىقىدۇ.

مەھمۇت قەشقىرى دىۋاننى 1072 ‏- يىلى يېزىشقا باشلاپ، 1076 ‏- يىلى قايتا تولۇقلاپ چىققان ۋە ئابباسىي خەلىپىلىكىنىڭ 27 ‏- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللاھ مۇقتەدى بىللاغا ئارماغان قىلغان. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە بايان قىلىنغانلارغا ئاساسلانغاندا، قارا خانىلار پادىشاھى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يېڭى خەلىپىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن باغداتقا كەلگەندە، مەھمۇت قەشقىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان تاغىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا خەلىپە ھوزۇرىغا كىرىپ دىۋانىنى تەقدىم قىلغان.

ۋەقپى ھۆججەتلىرىدە ئۇستاز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ياشىنىپ قالغاندا، قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ ، يۇرتى ئوپالدا مەدرىسە ئېچىپ ئىلىم تارقاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

مەھمۇت قەشقىرى دىۋاننى يېزىشتىكى مەقسىتى ئەرەب خەلقىگە تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق تەكىتلەپ، « تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى مىسال كەلتۈرىدۇ. چۈنكى « ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق ئىدى »،« تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش ئىدى »، خۇلاسىلىغاندا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۇ كىتابىنى يېزىشتىكى مەقسىتى خۇددى ئۆزى ئىزاھلىغاندەك « تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن …» ئىدى .

خاقانىيە تۈركلىرى ۋە خاقانىيە تىلى توغرىسىدا

مەھمۇت قەشقىرى دىۋانىدا قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ رايوننى خاقانىيە ئۆلكىسى دەپ ئاتىغان ۋە بۇ رايوندا ئىشلىتىلگەن تىلنى بولسا خاقانىيە تىلى دەپ ئاتىغان. « ئەتەبەتۇل ھەقايىق » نىڭ ئاپتورى ئەھمەت يۈكنەكى بولسا بۇ تىلنى « قەشقەر تىلى » دەپ ئاتىغان.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي مۇنداق باسقۇچلارنى كۆرسەتكەن:

مىلادىدىن ئاۋۋالقى دەۋرىدە ئالتاي تىلى ئۆز ئىچىدە تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى ۋە تونگۇس تىللىرىغا ئايرىلغان.

ھون دەۋرىدىكى تۇركىي تىللار شەرقىي ۋە غەربىي تارماقلارغا بۆلۈنگەن.

5 ‏- ئەسىرلەردىكى قەدىمقى تۈركىي تىللار ئورخۇن ‏- يەنسەي يېزىق تىلى، قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە تىلى دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن.

13 ‏- ئەسىردىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىللىرى دەۋرىدىكى خاقانىيە تىلى ئوغۇز، قىپچاق ۋە ئۇيغۇر ‏- قارلۇق تىللىرىغا ئايرىلغان.

يېقىنقى زامان تۈرك تىللىرى ئىچىدە:

ئوغۇز تىلى: تۈركمەن ، ئازاربەيجان، ئانادولى تۈرك تىللىرىغا ئايرىلغان.

قىپچاق تىللىرى: تاتار، باشقىرىت ، قازاق، قىرغىز تىللىرىغا ئايرىلغان.

ئۇيغۇر ‏- قارلۇق تىللىرى: ئۇيغۇر ، ئۆزبەك تىللىرىغا ئايرىلغان.

تىلشۇناس، تارىخچى ئىمىن تۇرسۇن غەرب تىلشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە يەكۈنلىرىنى خۇلاسىلاپ كىلىپ« قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، ئورخۇن ‏- يەنسەي تىلى ۋەخاقانىيە تىلى فونىتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش. بۇ ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلاردا فونىتىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر جەھەتتە ھېچقانداق پرىنسىپال پەرق يوق » دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى .

بىيجىڭدىكى خىتاي تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى بولغان بۇرھان شەھىدىنىڭ سالاھىيەتلىك تەكلىپى بىلەن 1982 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىلەردە زىيارەتتە بولغان ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم ئۈرۈمچىدىكى ئۇنېۋىرېسىتېتتا بەرگەن دوكلاتىدا خاقانىيە تۈركچىسىنىڭ شەك شۈبھىسىز ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مەھمۇت قەشقىرى دىۋاندا خاقانىيە تىلى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ‏- ئاياق كىزىپ چىقتىم».

«قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يوقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن».

«ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە …ئۇيغۇرلار 24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركىي تىل ‏- يېزىقنى قوللىنىدۇ. كىتاب ۋە خەت‏- چەكلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ».

«تىللارنىڭ يىنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى شۇنىڭدەك ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئېدىل ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ».

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تەبىرلىرى ۋە تارىخى تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنلىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ دەۋىرلەردە ئىدىقۇت، كەڭسۇ ۋە قاراخانىلار ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان خاقانىيە تىلى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىلى ھەمدە يېزىقى ئانادولىيە، سالچۇقىلار، ئىران، ئىراق، سۇرىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن تارتىپ تاكى چىن سەددىچىنىگە قەدەر بولغان پايانسىز زېمىنلاردا ئورتاق تىل ۋە يېزىق بولۇپ ئىشلىتىلگەن.

ھەتتا كېيىنكى ئەسىرلەردە، موڭغۇل ئىستىلاسى، ئىلىكخانلار دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى نۇرغۇن ئەللەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە ۋە سودا ‏- تىجارەت ئىشلىرىدا رەسمىي تىل ۋە يېزىق قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

تارىخچى راشىدىن ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئىلىكخانلار ۋاقتىدا خۇراسان ۋە ھىندىستانلاردا ئەمىر ‏- پەرمانلار ئۇيغۇر تىل ، يېزىقىدا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ئارغۇنخان فرانسىيە پادىشاھى فىلىپكە ئەۋەتكەن دۆلەت خېتىنى موڭغۇل تىلىدا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغانلىقىنى، ئوغۇزنامىنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

موڭغۇللارنىڭ ئاناتولىيىگە، رۇمغا تەيىنلىگەن باش ۋالىسى ئۇيغۇر ئەرتانا بىك ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى توپلاپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئىشلەتكەن ۋە ئۇيغۇر تىل، يېزىقىنى قوللانغان، بىر مۇنچە كىتابلارنى يازغان ئىدى .

پىرىسىيە تارىخچىسى جۇۋەينى «تارىخىي جاھان گۇشاي» ناملىق كىتابىدا «بۇ يەردە قەلەمكەشلىك قىلىدىغان ئۇلۇق شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل، يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى» دەپ يازغان ئىدى.

مەھمۇت قەشقىرى نېمە ئۈچۈن خاقانىيە تىلى مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى دېگەن ئىبارىنى قوللانمىدى؟

تارىخچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەھمۇت قەشقىرى دىۋاننى قارا خانىلار ئۇيغۇر خانلىقى ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى دەۋىرلەردە يازدى ۋە بۇ كىتابنى ئەرەب ئىسلام خەلىپىسىگە تەقدىم قىلدى. ئەينى چاغدا ئىسلامغا كىرمىگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى قارا خانىلار تەۋەسىدە، ئۇيغۇرلار ياكى كاپىر ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان ئىدى. شۇڭا بۇنى پەرقلەندۈرۈپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى ئىدىقۇتتىكىلەرگە، خاقانىيە ئاتالغۇسىنى قارا خانىلار تەۋەسىدىكىلەرگە ئىشلەتكەن بولۇشى ئېھتىمال. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئىزاھلانغان ھەممە سۆزلەردە يۈكسەك ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ بايان قىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

دىۋاننىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئەھمىيىتى

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دىۋاندىكى مىڭ يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ قەبىلىلەر تارىخى، ناملىرى، ياشىغان جايلىرى، تىلى، ئۆرپ‏- ئادىتى توغرىسىدىكى ئىزاھلىرى، ياۋرۇپادىن 500 يىل ئىلگىرى سىزغان ئاسىيا خەرىتىسى، 242 كوبلىت ئەدەبىي پارچىلار، تارىخىي داستانلار، پەلسەپە، تىبابەتچىلىك، دېھقانچىلىققا دائىر مەلۇماتلىرى قاتارلىقلار ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە، بولۇپمۇ تارىخ، تىلشۇناسلىق، ئېتنوگرافىيە، جۇغراپىيە، لوگىكا، ئاسترونومىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە تىبابەتچىلىك ساھەلىرىدە قىممەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدۇر.

دىۋاننىڭ دەۋرىمىزدىكى سىياسىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

تۇران زېمىنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قۇرغان دۆلەتلەر كېيىنكى دەۋىرلەردە خىتاي كېڭەيمىچىلىرىنىڭ، رۇسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ، ئەرەب ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئىزچىل تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلدى.

خىتايلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى خەن ، تاڭ ، سۇڭ سۇلالىلىرى زامانىدىن تارتىپ تاكى لياۋ، تاڭغىت، يۇەن، مىڭ، چىڭ خاندانلىقلىرىغىچە سەددىچىندىن چىقىپ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، ھون، كۆكتۈرك، ئورخۇن ئۇيغۇر، ئىدىقۇت، قاراخانىلار، كەڭسۇ، سەئىدىيە، قەشقەرىيە، شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.

رۇسلارنىڭ كىنەزلىكلىرى ۋە ھاكىمىيەتلىرى تۇران زېمىنلىرىگە تىنماي تاجاۋۇز قىلىپ، تۈركىستان دىيارىنى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلىدى. تۈرك مىللىتى ئاتالغۇسىدىن ئۆلگىدەك قورققان كوممۇنىستلار پىشىۋاسى لېنىن قانلىق باستۇرۇش يولى بىلەن بىر كېچىدىلا خەرىتە سېزىپ، سۈيىقەست پىلانلاپ بىپايان تۈرك زېمىنلىرىنى 30 نەچچە پارچە رىسپوبلىكا، ئاپتونوم رايونلارغا پارچىلاپ تاشلىدى. بىر پۈتۈن مىللەتنى 20 نەچچە مىللەتكە بۆلۈپ ئىسىم قويۇپ چىقتى ھەمدە بۇ ئىستراتېگىيىسىنى ستالىن، ماۋ زېدۇڭلارغا قورال كۈچى ئارقىلىق ئىجرا قىلغۇزدى.

رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىستىلاسى نەتىجىسىدە قارشىلىق كۆرسەتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تاتار، تۈركمەن، ئازار، قىرغىز، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە ئايرىلغان كۈرەشچىلەر قۇربان قىلىندى. بۇ زېمىنلاردىكى خەلق ۋە ھۆكۈمەتلەر توپلىغان غەزىنىدىكى ھېساپسىز ئالتۇن، كۈمۈش، ئاشلىق، چارۋا، تېرە، يۇڭ، شۇنىڭدەك نېفىت، گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلار تالان ‏- تاراج قىلىندى. بۇ زېمىنلارغا رۇس، خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈرۈپ كىلىندى.

قۇدرەتلىك ئوسمانلى ئىپپىرىيىسىنى تەھدىت ھېس قىلغان ياۋرۇپا ئەللىرى 1914 ‏- يىلى جاھان ئۇرۇشى قوزغاپ، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسى نامىدا ئوسمانلى زېمىنلىرىغا تاجاۋۇزىنى باشلىدى. شاھزادە نىكولاي قوماندانلىقىدىكى 200 مىڭ كىشىلىك خىللانغان رۇس ئارمىيىسى ئەنىۋەر پاشانىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى يوقىتىپ ، تۈرك زېمىنلىرىغا بېسىپ كىردى. ئەنگىلىيە ئارمىيىسى جامال پاشانىڭ قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، 1915 ‏- يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلغا يېقىنلاپ كەلدى.1917 ‏- يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى بىلەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ تۈرك ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىرۇسسالىمنى تۈركلەردىن تارتىۋالدى. 1918 ‏- يىلى ھەلەپتە تۈرك ئارمىيىسىنىڭ 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تار ‏- مار قىلغان ئەنگىلىيە ۋە ئەرەب ئارمىيىسى تۈرك زېمىنلىرىنى رەسمىي ئىستىلا قىلدى. ئابدۇلمەجىت خاننىڭ ئوغلى سۇلتان ۋاھىدەتدىن تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىستانبۇل قولدىن كەتتى. پەقەت مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيىسى مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تۆت تەرەپتىكى تەھدىتلەر ئاستىدا تارىختىكى سەلتەنەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى.

1876 ‏- خىتاي چىڭ سۇلالىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى زۇ زۇڭتاڭنىڭ قوماندانلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغاپ بېسىپ كىرگەندە، شاڭخەيدىكى ئەنگىلىيە بانكىسىنىڭ ھەربىي خىراجەت ياردىمى بەرگەنلىكى، رۇسىيەنىڭ موڭغۇلىيە ئارقىلىق قورال، ئوزۇق، يەم ‏- خەشەك بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە بۇ پىلانلارنىڭ بېيجىڭدا تۈزۈلگەنلىكى دۇنياغا ئايان.

شۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلغان ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 200 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بەرگەن بولسىمۇ، قانلىق باستۇرۇشلار نەتىجىسىدە مەغلۇپ بولدى ۋە يۈز مىڭلىغان ئاتاقلىق ئۆلىمالار، بىلىملىك زىيالىيلار، خەلق قەھرىمانلىرى ۋە پىداكار جەڭچىلەر قىرغىن قىلىندى. 1933 ‏- يىلى ۋە 1944 ‏- يىلى ئۇيغۇر خەلقى قان تۆكۈپ ئېرىشكەن ھاكىمىيەتلىرىنى رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھىلە ‏- مىكىرگە تولغان ئالدامچىلىقلىرى بىلەن رەھىمسىز باستۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن دۈشمەنلىرىگە تارتقۇزۇپ قويدى.

2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ جانىجان مىللىي مۇستەقىللىق مەنپەئەتلىرىنىڭ زومىگەر دۆلەتلەرنىڭ ئارقا باغچا تەقسىماتىغا قۇربان قىلىۋىتىلگەنلىكى، ھەقىقانىيەتچى ئاتالغان غەرب دۇنياسى تۈرك يۇرتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى بۈگۈن پاكىت سۈپىتىدە نامايەن بولماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 5 ‏- 6 سى مۇستەقىل ھاكىمىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، رۇس ۋە خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سۈيىقەستلىرىگە سۈكۈت قىلىدىغان ياكى ماسلىشىدىغان بىقىندىلىققا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.

دۇنيادا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، دوستلۇقى ۋە بىرلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، زامانىۋىي دۇنيا ئەھلى بەرپا قىلغان بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىيان ئەھدى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىكىدەك كۈچلۈك قانۇنىي تەشكىلاتلارنىڭ بارلىققا كىلىشى، سوتسىئالىزم لاگىرى، شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەندەك سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان رايون خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغاندەك، خىتايغا ئوخشاش تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر بىر تالاي دۆلەتلەرنى بېسىۋىلىپ، مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە قوشىۋىلىپ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» دېگەندەك ياسالما مىللەتلەر بىرلىكىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تۈرك نامى بىلەن پانتۈركىس قالپىقىدا ناھەق ئەيىبلىنىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقى بولسا، ھەر قاچان قارشى ئېلىنمايدىغان ۋەھىمىلىك بىر ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە قارىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئېرقى بىر، تىلى بىر، مەدەنىيىتى بىر، ئېتىقادى بىر، زېمىنى تۇتاش قېرىنداشلىرى بىلەن، ماھمۇت قەشقەرى دىۋاننىڭ كىرىشىدە كۆرسەتكىنىدەك، تۇران بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى، ياكى تۈركىي مىللەتلەر ئىتتىپاقى دېگەندەك بىرلىك ‏- ئىتتىپاق قۇرسا نېمە ئۈچۈن بولمايدىكەن؟

زېمىنى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. قوش تىل مائارىپى نامىدىكى تىل ئېرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دىۋانىدا تەكىتلەنگەن خاقانىيە تىلى ‏- ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش‏- ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دىۋاننىڭ ۋارسلىرى ھېسابلىنىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭمۇ باش تارتماس بۇرچى ھېسابلىنىدۇ .

پايدىلانغان كىتابلار ۋە ماقالىلەر

تۈركىي تىللار دىۋانى- ماھمۇت قەشقەرى، 1984 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

ئۇيغۇرلار – تۇرغۇن ئالماس، 1898 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

تارىمدىن تامچە ‏- ھاجى ئىمىن تۇرسۇن، 1990 ‏- يىل، بېيجىڭ

ماھمۇت قەشقەرى ‏- ھاجى ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلار، 1985 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

بۇلاق مەجمۇئەسى يىللىق توپلاملىرى، ئۈرۈمچى

تارىخى جاھان گۇشاي – جۇۋەينى ) ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى( ، بۇلاق

تارىختىن قىسقىچە بايانلار- ئىبراھىم نىياز، 1985 ‏- يىل، قەشقەر

قارا خانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى- ھاجى نۇراجى، 1985 ‏- يىل ، ئۈرۈمچى

ھازىرقىي زامان ئۇيغۇر تىلى- نەسىرۇللا، 1980 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى- ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن، 1997 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى‏- ئىسمايىل تۆمۈرى، 1998 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى‏- ئابدۇللا ھەبىبۇللا، 1993 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تىزىسلىرى‏- ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۆسىيىن، 1987 ‏- يىل، بېيجىڭ

تۈركىي تىللار ‏- ن. ئا. باسكاكوف، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

ئۇيغۇرنامە ‏- سابىت ئۇيغۇرىي، 2005 ‏- يىل، ئالماتا

شەرقىي تۈركىستان تارىخى‏ – مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، 1989 ‏- يىل، ئەنقەرە

ئەسكى تۈرك يازىتلارى ‏- ھۈسەيىن نامىق ئورخۇن، 2004 ‏- يىل، ئەنقەرە

خەننامە‏- بەن گو، 1994 ‏- يىل، ئۈرۈمچى

تارىخىي خاتىرىلەر‏- سى ماچەن، 1989 ‏- يىل، ئۈرۈمچى
مەنبە:خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 109

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش