ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلار ۋە پېتەك

ئۇيغۇرلار ۋە پېتەك

زۇلھايات ئۆتكۈر

ئىنسانلار قاچاندىن بېرى ئاياققا پېتەك سالىدىغان بولغان؟ بۇ خىل ھادىسە بەلكىم ئۆتۈك كىيىش مەدەنىيىتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەجداتلىرىمىز باشقىلار تېخى يالاڭ ئاياق يۈرگەن ۋاقىتلاردىلا ئۆتۈك كېيىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان ئىپتىدائىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىگە ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر موزدۇزچىلىقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى مەلۇم. دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن موزدۇزلۇق كەسپى ئەنە شۇ نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىنىڭ بېيىتمىسى دېيىشكە بولىدۇ. موزدۇزلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپ بولۇپ، ھەر بىر يۇرتتا بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كاسىپلار بار. ئۇيغۇر يەر جاي ناملىرى ئىچىدە «موزدۇز مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
«ئوكيانۇس›› نىڭ ‹‹جۇڭگۇ قەدىمكى زامان قىسمى›› دا ‹‹جاۋۋۇلىڭ خان يېغىلىق دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 403-221-يىللار) دىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ خانى ئىدى. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 302-يىلى ھەربىي ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، خور(ئۇيغۇر) چە كىيىم كېيىشنى، ئۆتۈك كېيىشنى ۋە ئاتلىق ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشنى يولغا قۇيغان… دېيىلگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ليۇشى يازغان ‹‹ئىسىملارغا ئىزاھ›› دېگەن كىتاپتا:‹‹ئۆتۈك غەربىي يۇرتتا ئىشلىنىدۇ، ئۇ، ئەمىنىيە دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ئۇنى ئىككى پۇتقا بىردىن كېيىپ ماڭىدۇ، ئات مىنىدۇ›› دېيىلگەن. ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋىرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بىر قىسىم خۇاشيا قەبىلىلىرى ئۆتۈك دېگەن بۇ ئاياغ كېيىمنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ياكى بۇ ھەقتە سىرلىق رىۋايەتلەرنىمۇ توقۇشقان. خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۆتۈك كېيىپ ئات مىنىشنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭ كۆپ پايدىلىق تەرەپلىرىنى پەيدىن-پەي چۈشۈنىپ يەتكەن. خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىغا ئائىت بىر سالنامىدا:‹‹ئۆتۈك خور(ئۇيغۇر)لارنىڭ ئاياغ كىيمى، ئات مىنگەندە ئۇنى كېيىپ جابدۇنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتنىڭ قۇرسىقىنى مەھكەم سىقىپ، چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئاتتىن يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. ئۇششاق بارماقلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ خام ماتىريالى تېرە، خۇرۇمنى ئاساس قىلغان›› دېيىلگەن.
ئاياققا پېتەك سېلىش _ ئىنسانىيەت كىيىم –كېچەك مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك ناماياندىلىرىدن بىرىدۇر. قوجۇدىن تېپىلغان بىر بېيىتتا پېتەك ھەققىدە مۇنداق بېيىتلار بار:
ئەردەملىگ كىشى ئەردەنى بىرلە تۈز ئول،
ئەردەمسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىدىكى ئولياق بىرلە تۈز ئول.
(پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر بىلەن تەڭ، پەزىلەتسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىدىكى پېتەككە تەڭ.)
بۇ بېيىتتىن ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا پېتەكنىڭ 10-13-ئەسىرلەردىلا ئومۇملاشقانلىقى، پېتەكنىڭ باشقىلاردىن قوبۇل قىلىنغان نەرسە ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدە بار بولغان مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، (1993) ئۇيغۇرلاردا ئۆتۈك، «شىنجاڭ گېزىتى»،قۇربان ۋەلى « بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش