ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇسسىغان ئادەم

ئۇسسىغان ئادەم

ئۇسسىغان ئادەم

بىر دەريا بولۇپ، بۇ دەريانىڭ قىرغىقىغا ئېگىز تاملار قوپۇرۇلغان ئىكەن. ئاشۇ ھەيۋەتلىك قوپۇرۇلغان ئېگىز تاملارنىڭ ئۈستىدە سۇسىزلىقتىن دەھشەت ئۇسساپ كەتكەن بىر ئادەم، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەرياغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپتۇ. ئېگىز تام بۇ دەرتلىك ئادەمنىڭ دەريادىن سۇ ئېلىشىنى توسۇپ قويغاچقا، ئادەم سۇغا تەلمۈرگەن بېلىقتەك تىپىرلاپ، ئامالسىز قاپتۇ ۋە ئاخىرى ھەسرەت بىلەن قولىغا بىر كېسەكنى ئېلىپ دەرياغا قارىتىپ ئېتىپتۇ. كېسەكنىڭ سۇغا چۈشۈشى بىلەن تەڭلا ئادەمنىڭ قۇلىقىغا بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئاۋاز ئاجايىپ مۇڭلۇق بولۇپ خۇددى جاناننىڭ ئاۋازىدەكلا ئىكەن. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان ئادەم خورما شارابىنى ئىچكەندەكلا مەس بوپتۇ. ئۇ شېرىن ئاۋازدىن بىھۇش بولغان ئادەم بۇنىڭ بىلەن دەرياغا ئۈزلۈكسىز كېسەك ئېتىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى دەريادىن مۇنداق سادا كەپتۇ:
– ئەي ئۇسسۇز ئادەم! بۇنداق كېسەك ئېتىشىڭنىڭ ماڭا ۋە ساڭا نېمە پايدىسى بار؟
بۇ سوئالنى ئاڭلىغان ئادەم، دەرياغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:
– ھازىر مېنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن ياخشى بىر ئىش يوق. چۈنكى ئۇسسۇز بىر ئادەم ئۈچۈن سۇدىن چىققان مۇنداق بىر مۇڭ، راۋاپتىن چىققان مۇڭدىنمۇ بەك يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. بۇ سادا خۇددى باغلارغا گۈزەللىك بېغىشلىغان باھار يامغۇرىنى ئەكىلىدىغان گۈلدۈر-قاراسلارغا ئوخشايدۇ. يەنە بىر پايدىسى شۇكى، تامدىن قومۇرۇپ سۇغا ئاتقان ھەربىر كېسەك بولسا يۈرىكىمدىن يۇلۇپ ئالغان دەرتلىرىمگە ئوخشايدۇ. ھەمدە كېسەكنى قومۇرغانسېرى تام پەسلەيدۇ. تام پەسلىگەنسېرى مېنىڭ مۇرادىمغا يەتمىكىممۇ ئاسانلىشىدۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

بۇ ھاياتتا ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىللەتلەرنى قومۇرۇپ ئاتمىغىچە ھەققە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئايەتتە ”سەجدە قىلىپ يېقىنلاش!“ دېگەندەك، يېقىنلىشىشقا سەۋەپ بولىدىغان سەجدىگە ئوخشايدۇ.
نەپسىڭ  ئېگىزلىگەنسېرى، بېشىڭنى ئېگىش تەسلىشىدۇ.
سۇنىڭ ئاۋازىغا ئاشىق بولغان، ھەر ۋاقىت تامنىڭ تاشلىرىغا دۈشمەندۇر.
ياشلىق چاغلىرىڭلارنى قەدىرلەڭلار، ئۇ خۇددى يازدىكى لەززەتلىك مېۋە ۋە خۇش پۇراق گۈل-گىياھلار بىلەن بېزەلگەن باغقا ئوخشايدۇ.
ياخشلىق تاملىرى ئېگىز، تۈۋرۈكلىرى مەزمۇت ئۆيگە ئوخشايدۇ. قېرىپ ھالىڭدىن كەتكىچە، كۆزلىرىڭ تورلاشقىچە ياخشلىقنى قەدىرلە. قېرىلىقتا دەرماننىڭ، شەھۋەتنىڭ ئېرىقلىرى توختايدۇ. باشقىلاردىنمۇ، ئۆزەڭدىنمۇ پايدىلىنالمايسەن. قاشلىرىڭ چۈشۈپ، كۆزلىرىڭ قاراڭغۇلىشىپ ياخشى كۆرەلمەيسەن. يۈزلىرىڭ پۈرلىشىپ، تىللىرىڭ كالۋالىشىپ، چىشلىرىڭ چىرىيدۇ. ۋاقىت سۇدەك ئاققانسېرى ئاتلىرىڭ ئاقساق، يول ئۇزاق، قىلغان ئىشىڭ پايدىسىز بولىدۇ. نەپسىڭ بىخلىسا، ئۇنى يۇلۇپ تاشلىغۇدەك كۈچۈڭمۇ قالمايدۇ.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش