ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەشرەپ روھى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىللىرىنىڭ پەلسەپەۋى قىممىتى

مەشرەپ روھى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىللىرىنىڭ پەلسەپەۋى قىممىتى

مەشرەپ روھى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىللىرىنىڭ پەلسەپەۋى قىممىتى

(ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا)

 

نەۋائىدىن كېيىنكى 17ـ ئەسىر ئۇيغۇر مەنىۋى دۇنياسى ھەقىقىي پاجىئەلىك ، قارڭغۇ دەۋىرگە كىرگەن ،بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇتەئەسسىپ روھىيەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان بىر دەۋىر ئىدى . ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر پاجەسىنى ئەسكە سالىدىغان ، مۇشۇنداق بىر قاراڭغۇ دەۋىردە ، نەۋائى روھىيىتىنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان ۋە بۇ يولدا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان مۇستەقىل يول تۇتقان ،ئۆز روھىنى پاكلاش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان ئىنسانلارنىڭ بىرى بابا رەھىم مەشرەپ ئىدى .جاھالەت دەۋرىنىڭ بىر چېقىنى ، ئۇلۇغ نامايەندىسى سۈپىتىدە ،مۇدىھىش قاراڭغۇلۇق ئۇيغۇر روھىيتىنى خۇددى پارازىت قۇرۇت كەبى چىرماپ ئۇنى تىن ئالدۇرمايۋاتقان بىر مەزگىلدە ،روھىي ئالىمىگە ئىنسانپەرىۋەرلىك ئەقىدىسىنى يېتەكچى قىلغان بىر ئېسيانكار سۈپىتىدە ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ زىمىندا پەيدا بولغانىدى .ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ھېچقانداق دىن ، مىللەت ،تىل ،رايون ، يۇرۇت چەكلىمىسى يوق ئىدى . ئۇ ئۆزىنى ئىزدىگۈچى ، ، مەنىۋى كامالەتكە ئۇرۇنغۇچى ھەرقانداق ئىنساننى سۆيەتتى ، ئۇ ئىنسانىيەتنى چىن قەلبى بىلەن سۆيەتتى .ئۇ مەدەنىيەت ئوچاقلىرى ۋەيران قىلىنغان مۇدىھىش ئىجتىمائىي ،سىياسىي مۇھىت ئىسكەنجىسىدە ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتى پاجىئەلىك قىسمەتكە ،تەپەككۇر ، ئەركىن ھېسىيات كىرزىسىگە دۇچ كەلگەن مۇشۇنداق بىر قىيىن شارائىتتا ، ئاسان بايقاپ ئالغىلى بولمايدىغان جاسارەت بىلەن مەيدانغا چىقىپ ، 50 نەچچە يىللىق قىسقا ھاياتىدا مۇتەئەسسىپ ھۆكۈمدارلار بىلەن پۇت تېپىشىپ ،ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ يەككە ـ يىگانە بولۇشىغا قارىماي روھىي ئېدېيال ئالىمىدىمۇ ،ھەم ئوبيېكتىپ ئىجتىمائىي مۇھىتتىمۇ تىركەشكەن ،ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى .ئۇ جەسۇرانە روھقا ئىگە ئىنسانپەرىۋەر ، دېموكىراتتىك شائىر ، شۇندقلا ھېسىي ئالەمگە تەپەككۇر قۇياشىنى ئېلىپ كىرگەن پەيلاسوپ ئىدى . ئۇنىڭ پۈتۈن 39 يىلىق سەرگەردانلىق ھاياتى ،خۇددى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ھېمىڭۋاينىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن ئەسىرى ‹‹دېڭىز ۋە بوۋاي ›› دىكى ، 84 قېتىم دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتالمىغان ، دېڭىزدىن ئۆزىنى ئىزلىگەن نەرسىنى تاپالمىغان بولسىمۇ ،باشقىلار تەرىپىدىن ئىرادىلىك ،قەيسەر دېڭىز قەھرىمانى دەپ ئاتالغان ساندىياگو بوۋاينىڭ يۈكسەك ،قورۇقماس ئىرادىسى ۋە يېڭىلمەس جاسارىتىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىپ ،‹‹دېڭىز ۋە بوۋاي ›› دىكى ساندىياگو بوۋاي دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسى ئارا ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ،ئىنسانىيەت ئىرادىسنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ،ئۆزىنى ئىزدەشتىكى جەسۇرانە روھىنى نامايەن قىلغاندەك ،مەشرەپمۇ رېئال ھاياتتا ئىنسان ئىرادىسىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانىدى . 39يىللىق سەرگەردانلىق ھايات مەشرەپنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ،ئۆز ـ ئۆزىنى تاكامموللاشتۇرۇش جەريانى ،شۇنداقلا ئۆزىنى ئىزدەش جەريانى ئىدى .بىزگە مەشرەپنىڭ ھەقىقىي ھايات پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ماتېرياللارنىڭ تېخى تولۇق يېتىپ كەلمىگەنلىكى بىزنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، ئۇنىڭ مەلۇم تەتقىقات تېمىسى قىلنغان شېئىرىللىرىمۇ ناھايىتى ئاز . ئۇنىڭ شېئىرىللىرى ،شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپ مۇھىتتىكى پائالىيەتلىرىمۇ قويۇق ، ئىلمىي تەسەۋۋۇپ ئەقىدىللىرىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان ئىدى .مەشەرپ روھىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ،مەشرەپ شېئىرىللىرىنىڭ پەلسەپەۋى قىممىتىنى بىلمەي بولمايدۇ .ئىلگىرى يېزلغان مەشرەپ ۋە مەشرەپ شېئىرىللىرى توغرىسىدىكى بايانلاردا ،ئۇنۇڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل پىسخىك ئامىللىرى ۋە ئوبيېكتىپ ئامىللىرىغا سەل قارالغان بولۇپ ، مەشرەپ شېئىرىللىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا شەرق ئىسلام مۇھىتىدا يېتىلگەن يىتۈك شائىرلاردىن ئەبەيدۇللا لوتفى ،ئەلشىر نەۋائى ،ھاپىز شىرازى ، فوزۇلى ،ئىمانىددىن نەسىمى ،پەدرىددىن ئەتتارى …شېئىرىللىرىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن دەپ ، مەشرەپنىڭ ئۆزىگە خاس پەلسەپەۋى مەيدانىغا ھاقارەت قىلنغان .بۇ خىل يۈزە قاراشلار ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەپسىلى تەتقىق قىلىپ كۆرمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر .ھازىرقى بەزى قەلەمكەشلىرىمىز ئارسىدىكى نورمال بولمىغان قاراشلارنىڭ بىر ، ئۇنى نوقۇل مۇھەببەت لېرىكىللىرىنىلا يازدىغان ئادەتتىكى لىرىك شائىر قىلىپ قويۇش خاھىشىدۇر. بۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشتىكىلەر مەشرەپ ئىدىيىسىنى ئىستېلا قىلىپ تۇرغان ، ئىلمىي تەسسەۋۋۇپنى تەقۋادارلىق ياكى زاھىدلىق ئىدىيىسى دەپ چۈشەنگەن . مەشرەپ توغرىسىدىكى يۇقارىقى تېيىز پىكىرلىك پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا ، مەشرپنى ئىلغار پەيلاسوپ ياكى شائىر ئەمەس ، بەلكى ئادەتتىكى ‹‹زاھىت ›› ، ‹‹تەركى دۇنيا شائىر ›› ياكى ‹‹ئوردا ››شائىرى دېگەن بىمەنە ئۇقۇم كېلىپ چىقىدۇ .

زاھىدا ماڭا بىر شىشدە مەي ، ساڭا نامازىڭ ،
مىڭ تەۋبىنى بىر شىشىگە ساتا قالدىم .
ۋەھدەت مەيىنى پىرى مۇغان ئىلكىدىن ئىچتىم ،
مەنسۇر كەبى دارغا باشىمنى ئاسا قالدىم .

بۇ شېئىردىكى ‹‹زاھىد ›› تەركى دۇنيا بولغۇچىنى ،يەنى ئۆزىنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ ،ئالەم ھېكىمەتلىرىنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلارغا قارىتىلغان ، ئۇلار ‹‹ دئىلىمۇ كور ، كۆزىمۇ كور ›› ئادەملەر تىپىغا كىرىدۇ .‹‹شىشىدىكى مەي ›› ئىنساننى ئىنسانىي كامىللىققا يەتكۈزگۈچى ۋاستە ،بۇ خۇددى مەشھۇر پارىس شائىرى ھاپىز شىرازى ، روداكى قاتارلىقلار ئۆزلىرنىڭ پەلسەپەۋى ھېكىمەتكە باي شېئىرىللىرىدا ‹‹مۇسەللەس ›› نى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ مەنىۋى ۋاستىسى قىلغىنىدەك ، مەشرەپ شېئىرىللىرىدىكى ‹‹ مەي ›› ئۇقۇمى بولسا ، بىر خىل ماددى شەكىلنى ،ماددى تۈسنى كېرەك قىلمايدىغان روھىي كامالەتكە يېتىشتىكى ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا ،ئىنسانني كامىللىقنى ئىنسان قەلبىدىن ئىزدەشتىكى مەنىۋى ۋاستىدۇر . ‹‹ مىڭ تەۋبىنى بىر شىشگە ساتا قالدىم ›› ، بۇ مىسرادا مەشرەپ بەزى كاللىسى قۇرۇق ، ئۇلۇغۋار ئىنسان غايىللىرىنى تولۇق چۈشەنمەي ، ،ئورۇنسىز ۋەزخالىق قىلىدىغان ، كەڭ ئاممىنى ئالدايدىغان ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ تەتۈر ئېتىقاد ئوبۇيېكتىپ مەقسىتىگە يېتىش يولىغا قارىغاندا، كۆڭۈل ،ھېسىيات ئارقىلىق ھەقىقەتكە يېتىش يولىنى ئەۋزەل كۆرگەن .

ۋەھدەت مەيىنى پىرى مۇغان ئېلكىدىن ئىچتىم ،
مەنسۇر كەبى دارغا باشىمنى ئاسا قالدىم .

ئوتتۇرا شەرىق ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە كەڭ تارقالغان ئىلىمىي تەسەۋۋۇپنىڭ ، پەلسەپەۋى قاراشلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىنسانىي كامىللىققا يېتىش مۈشكۈل مەسىلە ئىدى . مەشرەپ ئىنسانىي كامىللىققا يېتىش يولىدا ئۇچرىغان ئەرزىيەتلەرگە باش ئەگمەسلىكتەك ئېسيانكىرئانە مەۋقەسىنى يۇقارىقى شېئىرىدا شەرھىلەپ ئۆتكەن ،يەنى بۇنىڭ نامايەندىللىرىدىن بىرى بولغان مەنسۇر ھەللاجىدەك دارغا ئېسلىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى خاراكتېرلەيدۇ .

راست سۆز ئايىتساڭ ئۇلارگە ، زەررە قىلماسلەر قەبۇل ،
كۇفرى ئەتتىڭ دەپ ئۇرارلەر ، نەچچە ئازئارىلىك بىلەن .
مەشرەبىڭ ھەر بىر سۆزى ، دۇر ـ گەۋھەرى قىممەت باھا ،
ئەيىتما بۇ سۆزلەرنى ھەر ، ناكەسكە نادانلىك بىلەن .

مەزكۈر مىسرالاردىن شۇنى ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى ،تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ ماھىيەتلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا جاكارلاش ئىنتايىن قىيىن ئىدى .ئەينى دەۋىردىكى ئىنسانپەرىۋەرلىكنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدىغان مۇتەئەسسىپ دىندارلار ، ئىجتىمائىي كۈچلەر تەسەۋۋۇپنىڭ بىرلىكى مەسىلىسىگە ئوچۇقتىن ـ ئوچۇق دۈشمەنلىك قىلاتتى . يۇقارىقى شېئىردا پەيلاسوپ ھەم جەڭگىۋار روھىيەتنىڭ ھامىيسى بولغان شائىر بابا رەھىم مەشرەپ ، ھەقىقەت يولىنى ئەلگە ئاشكارىلاشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن .

ئىشقىڭ ئوتىدا كۆيگەلى كەلدىم ،
ئايدەك يۈزۇڭنى كۆرگىلى كەلدىم .
سەۋدايى زۇلفۇڭ چۈشتى باشمگە ،
سەندىن داۋاسىن سورىغالى كەلدىم .
……………………….
ساقى قەدەھنى قىلغىل مۇھەييا ،
ۋەھدەت مەيىنى ئىچكەلى كەلدىم .
رەھمەت ئىشگىن مەشرەپكە ئاچقىل ،
ئىشقىڭ كويىدە ئۆلگەلى كەلدىم

.بۇ بىرخىل ئىدېئولوگىيەلىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ ،بەزى شائىرلارنىڭ روھىيتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن .بۇ ھال تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ شېئىرىيەت ئاسمىنىدا يۇلتۇزلاردەك چاقنىشىغا سەۋب بولغانىدى.شەيىخ سەئىدى ،سەنايى ، ئەتتارى ،جالالىددىن رومى ،ئابدۇراخمان جامى …قاتارلىق ئىنسانپەرىۋەر مەنىۋىيەت نامايەندىللىرى ، ئىلىمىي تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى ئاساسىدا ئۆزلىرنىڭ ئەركىن پىكىرلىرنى نامايەن قىلغانىدى . شۇ قاتاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان كەڭ زىمىندا ئەركىن پىكىر ، ئەركىن ئىدىيەلەرنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى مەشرەپ ئۆزىگە خاس يول ۋە جاسارەت بىلەن ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئاسمىنىدا چولپان يۇلتۇز كەبى جۇلالىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئېسيانكىرانە روھىنى نامايەن قىلدى . يۇقارىقى شائىرلاردىن ئۇنىڭ تۈپ پەرىقى شۇ يەردىكى ،ئۇ ھەر قانداق ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنىدى .يۇقۇرىدىكى شېئىرىدىكى ‹‹ئىشق›› ھېسىيات ئامىلى ، ئۇ ئوبيېكتىپ ئازاپلىق دۇنيا توسالغۇللىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، روھىيەتنى پاكلاشتىكى ،ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇشتىكى ئازابلىق جەرياننىڭ سەۋەبچىسى ،ئۇلۇغۋار مەقسەتكە يېتىشتىكى ھېسسىي ئامىلدۇر .باشقا تەسسەۋۋۇپ شائىرلىرى تەسسەۋۋۇپ پەلسەپەسىدىكى ئىنسانىي كامىللىققا يېتىشنى ، نوقۇل ھالدا سوبيېكتىپ ئالەمدىكى گۈزەللىككە يېتىش دەپ قارىغان بولسا ،مەشرەپ سۇبيېكتىپ ئالەمدىمۇ ،ئوبيېكتىپ ئالەمدىمۇ بۇ گۈزەللىككە يېتىشكە ھەركەت قىلدى

ساقى قەدەھنى قىلغىل مۇئەييا ،
ۋەھدەت مەيىنى ئىچكەلى كەلدىم .
بۇ مىسرادىكى ‹‹ۋەھدەت مەيى ›› ئىنساننىڭ ھەقىقەت نۇرىغا چۆمۈلۈش باسقۇچىدىكى بىرلىك ۋاستىسىدۇر .
قارارىم يوق تۇراي دىسەم ،
نەمەنگاندا يۈرەي دىسەم ،
جاھاننى سەيىر ئېتىپ كەزسەم ،
مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ .
بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ ،
كىشى ھالىنئى بىلمەيدۇ ،
بۇ يەردىن باش ئېلىپ كەتسەم ،
مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ .

مەيلى مەشرەپ دەۋرىدە بولسۇن ، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردىكى نەزىريەلەردە بولسۇن ،تەسەۋۋۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئارۇفلۇق مۇقامىغا يېتىشتىكى مۇھم تۆت باسقۇچ شەرىئەت ، تەرىقەت ،مەرىپەت ،ھەقىقەت قاتارلىقلار، پەقەت ئىلگىرىكى شائىرلارنىڭ سوبيېكتىپ دۇنياسىدىلا تەكرارلىنىپ تۇرغانىدى ، ئۇلار شېئىرى يول بىلەن ھەقىقەتكە يېتىشتىكى ئۈمۈت ـ ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى ،شۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئوبيېكتىپ بىلەن سوبيېكتىپنىڭ بىردەكلىكىگە سەل قارىدى .پەقەت مەشرەپلا تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنى سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيا ھەقىقەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى ، ئۇ ئۆز دەۋرىدكى شائىرلارغا ئوخشاش نەزىريەدىلا تەسەۋۋۇپ مىزانلىرىنى تەكىرارلاپ قويمىدى ، بەلكى ئۇ بۇ مىزانلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلەتتى .ئۇنىڭ نەمەنگاندىن قەشقەرگە كېلىشى ئاندىن خوتەن ،ئاقسۇ ، كورلا ،تۇرپان ،غۇلجا ،ئەرەبىستان ،ئافغانىستان قاتارلىق جايلارنى گاھ ئۇلاغلىق ،گاھ پىيادە كېزىپ ،پۈتۇن ئازاپ ـ ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشى ، خەلق بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ ،ئازاپ ـ ئوقۇبەتلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرىشى ،تەسەۋۋۇپچىلار سوبيېكتىپ دۇنيادىلا ئەمەس ،بەلكى ئوبيېكتىپ دۇنيادىمۇ بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك جەريانلار ئىدى .قەلبى ھەقىقەت نۇرىغا چۆمۈلگەن ،روھى ھېكىمەتلەرگە تولغان مەشرەپتەك ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمنى ،ھاياتلىقتىكى بوران ـ چاپقۇنلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى بۇ روشەن ھەقىقەت ئىدى . مەشرەپ 39يىلىق ئازاپلىق ئۆزىنى پاكلەش جەريانىدا ، ئەركىنلىكنى ۋەتەن قىلدى ،‹‹چۈن مۇبارەك بولسۇن ئەي مەشرەپ ،قىزىل قانىڭ سېنىڭ .خوپ ئىش بولدى ساڭا ،جان بەرگىنىڭ ئاپەت ئەمەس ››دەپ ئۆزى يازغاندەك ، مەشرەپنىڭ ھازىرقى ئافغانىستاندىكى قۇندۇز شەھىرىدە دارغا ئېسىلىشى ، شەرىئەت ،تەرىقەت ، مەرىپەت ، ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئازابلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ، رېئال دۇنيادا ئۆزىنى ئىزدەپ تاپقان مەزگىل ئىدى .ئۇ ھەقەقەت باسقۇچىدا ،دۇنيادا پەقەت ئىنساننىڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ،ئۆلۈمدىن قۇرقۇش ھاجەت ئەمەسلىكىنى بىگەنىدى .
يىغىپ ئېيتقاندا ،يۇقارىقى شېئىر ، شائىرنىڭ ھەقىقەتكە يېتىشتىكى ئازابلىق ھەم رېئال مۇساپىللىرىنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسىدۇر .

ھەزرەتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم،
ھەق رەسۇل ئەرىشكە ، چىققاندا مەن بىللە ئىدىم .
چۈن خەلىل ئاتەشكە كىرىدى ، ئوتنى پەرۋا قىلمەدى
ئوتنى بوستان ئەيلىگەن ،گۈلشەندە مەن بىللە ئىدىم .
ھەزرەتى ياقۇپنى كۆر ، يۈسۈپ ئۈچۈن قان يىغلەدى ،
تاجۇـ تەختتىن دۆۋلەتىن قىسقاندا مەن بىللە ئىدىم .
چۈن ئەنەل ھەق دىدىلەر ،مەنسۇرنى دارغە ئاستىلەر ،
قان بىلەن مەنسۇر يۈزىن يۇۋغاندا مەن بىللە ئىدىم .
مەشرەبا لاپ ئۇرمەغىل ،قىلغان سۆزۈڭگە تەۋبە قىل ،
گەر خۇدا رەھىم ئەيلىسە ، ،روھىمدا مەن بىللە ئىدىم .

مەشرەپ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ، ئۇرۇش ـ جېدەللەرنىڭ مەنبەسىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ، ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋب بولغان دەپ قارايتتى ،مەشرەپ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئارسىدا دىن ،تىل ئېرق چەكلىمىسى يوق دەپ قارايتى .‹‹ ھەزرەتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم ››، مەشرەپ بۇ شېئىرىللىرىدا شۇنداق بىر ئىلمىي ھەقىقەتنى ،تارىخى ئىنسانلار بىلەن ھازىرقى ئىنسانلار ئوتتۇرئسىدىكى بىرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مەشرەپنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلار ئەزەلدىن يۇقۇرى ـ تۆۋەن دەپ تەبىقىگە ئايرىلماسلىقى ،ھەممەيلەن باپ ـ باراۋەر ،بىردەكلىككە ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى . ‹‹ ھەق رەسۇل ئەرىشكە چىققاندا مەن بىللە ئىدىم ›› ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالاممۇ مەشرەپنىڭ قەلب ئالىمىدە ئاددەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئاددىي ئىنسانلاردىن ئىدى ، ئۇنىڭ ھازىر ياشاپ يۈرگەن كىشىلەردىن ھېچقانداق پەرىقى يوق ئىدى ؛‹‹ ئىبراھىم خەلىلۇللا ››، ‹‹ ياقۇپ ئەلەيھىسالام ›› ، ‹‹ مەنسۇر ھەللاجى ›› … قاتارلىقلارغا ئوخشاش ، ئىنسانلار ئارسىدا پەيغەمبەر دەپ ئاتالغان ،ئۇلۇغلانغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ، ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ياشىغان ،ئوخشىمىغان مىللەت ، ئوخشىمىغان دىننىي قارئاشقا ئىگە كىشىلەر بولسىمۇ ، ئۇلار مەشرەپ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىنسانلار ئىدى ،بۇ ئىنسانلار مەشرەپكە ئوخشاشلا ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر ،ئىنسانىي كامىللىققا يەتكۈچىلەر ، ئۆز روھىنى قازغۇچىلار ئىدى .مەشرەپنىڭ مەزكۈر شېئىرىدا ، ئىنسانلارنىڭ بىر ـ بىرىگە بەرگەن باھالىرىدا ھېچقانداق ئۆلچەم ۋە يۇقۇرى ـ تۆۋەنلىكىنىڭ يوقلۇقى ، ھەممەيلەنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىللىرى ئىكەنلىكى تەكتلەنگەن . مەشرەپ گۈزەللىك دۈشمەنلىرىگە ،زورئاۋان سىنىپى كۈچلەرگە چىش ـ تىرنىقى بىلەن قارشى تۇراتتى ، ئۇ شېئىرىللىرى بىلەن خەلق كۆڭلىنى ئالاتتى ، ئۇ بەزىلەردەك شېئىر بىلەن مۇتەئەسسىپ ھۆكۈمرانلارنى مەدىھلەيدىغان چاكىنا يولنى تاللىمىدى ، ئۇ ئوردا شائىرلىرغا ئوخشىمايتتى . ئۇ شېئىرنى ئىنسانىيەت روھىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق چىراغ ،قارا كۈچلەرنى سۆكىدىغان مەنىۋى قۇرال قىلدى .

جەننتى ھۆرۇ ـ غىلمانىن ،كىرگەن ئايۋان ـ سارايىن ،
كىم بولسا خېرىدارى ،بىر پۇلغا ساتقاي دەيمەن .

بۇ مىسرالار بىر ئۆمۈر ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ئەركىنىلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنىلىكىنى كۈيلىگۈچى ئۇلۇغ شائىر ۋە پەيلاسوپ مەشرەپنىڭ يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرغان قەلبىدىن كۆتۈرۈلگەن ، 17ـ ئەسىرنىڭ جاھالەت دۇنياسىنى يورۇتۇش ، ھەم ئۇنىڭغا ھارارەت ئاتا قىلش ئۈچۈن ، لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرغان يالقۇنلۇق مىسرالار ئىدى .مەشرەپ تۆمۈرىلەر ،سەئىدىيەلەر ، بابۇرىلار ھاكىمىيەتلىرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مەزگىل مەدەنىيەت دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن دەۋىرگە خاتىمە بېرىلىپ ، مەدەنىيەت ئوچاقلىرى ۋەيران قىلىنغان ، ئۆز ئارا ئۇرۇش ، ئىچكى نىزالار مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋيەگە چۈشۈرۈپ قويغان دەىۋردە ،تۇمانلار قاپلىغان مەنىۋىيەت ئاسمىنىدىكى بىر چېقىن سۈپىتىدە ، تېز پەيدا بولۇپ ، تېز ئۆچكەنىدى .مەشەرپ ئۆزىنى ئىزدەش ،ئۆز كامالىتىنى تېپىش ئۈچۈن ، ھەقىقەتكە بولغان ئاشىقانە يېڭىلمەس ئىرادە بىلەن ، ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھرىگە ( جەنۇبى تۈركىستانغا ) كېلىدۇ ، مەشرەپ ئافغانىستان تۇپرىقىغا كېلىپلا ، ھەقىقەت دۈشمەنلىرىنىڭ كۆكسىگە سانچىلغان مىخ بولۇپ قالىدۇ . 1717ـ يىلى ، ئۇيغۇر مەنىۋى ئالىمىنىڭ بۇ نۇرلۇق يۇلتۇزى بەلىخ ھاكىمى مۇھەممەد قەتىغانى تەرىپىدىن دارغا ئېسلىپ قەتلە قىلىنىدۇ .

قانىمنى تۆكەر ئېرمىش ،بەلىخ شەھىرىدە مەھمۇدخان،
تەقتىر ئەزەل بولسا ،نە ئەيلەيىن ئاڭ بەرمەي جان .
مىڭ شۈكرى خۇدايىمغا ،مەنسۇرغا قوشۇلدۇم مەن ،
ئۇ قارا يۈزلەر كىم مەنسۇرنى ئۆلتۈرگەن .
بۇ ئىشق يولىغا كىرگەن ئەلۋەتتە كېچەر جاندىن ،
كەچمىسە ئەگەر جاندىن ،ئېيتقان سۆزىدۇر يالغان .
بۇ جەھانە بىۋەپادە كۆپ جاپا قىلغان ئۆلۈم ،
ھەزرتى ئادەمنى كۆرگىل يەرگە جاقىلغان ئۆلۈم .
مەشرەبىڭ ھەم كاسەئى ،مەرگى شاھادەت نوش ئېتەر ،
بەلىخ ئارا مەخمۇد قولىغا مۇپتىلا قىلغان ئۆلۈم .

مانا بۇ مەشرەپنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا قىلغان مەردانە خىتابى، ھايات ۋە ئۆلۈم بىرلىكىگە ئوقۇغان ، ئىنسانىيەت روھىيىتىنى زىلزىلىگە سالىدىغان جەڭگىۋار مەدھىيسى ئىدى .يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغان چېغىمىزدا ،مەشرەپ شېئىرىي ھېسىياتنى ،ئىنسان تەپەككۇرىنى مەلۇم سىنىپنىڭ ئىگەللىۋېلىشىغا ،بوغۇپ قويىشىغا قارشى بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلدى . ئۇ شېئىرنى بىر خىل ئېسيانكارلىق تۇيغۇسى بىلەن يوغۇرۇپ ، ئۇنى بىر جەمئىيەت ياكى سىنىپىي كۈچنىڭ مەنىۋى قۇرالى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالدى .ئۇ شېئىرنىڭ چەكسىز زېمىنىغا ساپ ھېسياتنىڭ دولقۇنلۇق ئېقىنلىرىنى باشلاش بىلەن بىرگە ، تەپەككۇر توپانىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كىردى .ئۇنىڭ شېئىرىللىردا ھېسيات بىلەن تەپەككۇر سىڭىشىپ كەتكەن . ئۇ شېئىرنى ھەم ئىستېتىكا ھەم پەلسەپە ئاساسىدا تەرققىي قىلدۈرۇپ ،ئۇنى ئۆزى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قەلب ئىسيانى بىلەن بىرلەشتۈرپ ،شېئىريەتنىڭ نومۇسىنى ،شۇنداقلا ئىنسانىيەت روھىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدى يۇقارقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەشرەپ ئىلغار تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى بىلەن تويۇنغان شېئىرىللىرىنى غەيرىي ھېسىيات ، غەيرىي تەپەككۇر قۇللۇقىدىن ساقلاپ قېلىپ ، ئوبيېكتىپ ،سوبيېكتىپ دۇنيادا ھەقىقەت تېپىشقا ھەركەت قىلدى,

‹‹ مەشرەپ روھى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىللىرىنىڭ پەلسەپەۋى قىممىتى ›› دىگەن مەزكۈر ماقالە :‹‹ قۇمۇل ئەدەبىياتى››نىڭ 2007 ـ يىل ، 4 ـ سانىدا ئېلان

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش