ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تارىختا تۈركلەردىكى ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىش ئادىتى

تارىختا تۈركلەردىكى ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىش ئادىتى

زۇلھايات ئۆتكۈر

ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىش –تۈركلەر ئارىسىدا تارىختا ۋەتەن، مىللەت، ئەر ۋە ئار-نومۇس، غۇرۇرنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن.
ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىش ئەسلىدە جەڭ جەريانىدا ئاتنىڭ قۇيرۇقىنىڭ تۇياقلىرىغا تېگىپ سۆرۈلۈپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە تۈركلەردە جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ تۇغ ياساش ئادىتى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ پىداكارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. ئەگەر قەھرىمان جەڭدە قۇربان بولۇپ كەتسە،مازىرىغا ئات قۇيرۇقىدىن ياسالغان تۇغ تىكىلەتتى. بۇ خىل ئادەت جەڭدىن كېيىنكى زەپەرنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغان تەڭرىگە بېرىلىدىغان ئات قۇربان قىلىش شەكلىدىكى نەزىر چىراغ ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ داۋاملاشقان شەكلى ئىدى. كېيىن بۇ خىل ئادەت كېيىنچە ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى تۈگۈپ چىگىپ قويۇش ئادىتىگە ئۆزگەرگەن.
پازىرىق قورغانى خارابىسىدىن تېپىلغان ئاتنىڭ كېسىلگەن قۇيرۇقلىرىدىنمۇ، كېسىلگەن ئات قۇيرۇقىنىڭ قەبرىگە بىللە دەپنە قىلىنىشى قەدىمكى دەۋرلەردە ساكلارنىڭ ئۆلۈم ۋە دەپنە ئادەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى گىلەم سانىلىدىغان پازىرىق خارابىسىدىن تېپىلغان گىلەم نۇسخىسىدىمۇ ، بىر بىرىنى قوغلىشىپ چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئوتتۇرىدىن چىگىلگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
ئات قۇيرۇقىنى چىگىش يەنە قەھرىمانلىق ۋە يىگىتلىككە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، سۇلتان ئالپ ئارسلان مالازگىرت جېڭىگە كىرىشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئەسكەرلەرگە ئاتلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنى باغلاتقۇزغانىدى. سەلجۇقىيلار خاقانى تۇغرۇل بەينىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرى كېسىك ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئوسمانىيە ئىمپىرىيېسى دەۋرىدىمۇ فاتىخ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنىڭ چىگىلگەن ھالىتى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.خالدۇن ئەر ئوغلىنىڭ يازمىسىغا ئاساسەن، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ جەڭگە كىرمەستىن بۇرۇن ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇقلىرىنى چىگىپ جەڭگە تەييارلىق ھالىتىگە كىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» تە ئات قۇيرۇقىنى چىگىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك كەلىمىلەرگە ئىزاھات بېرىلگەن:
كۇدرۇك كاتى تۈگدۈمۈز-قۇيرۇقنى چىڭ چەگمەك
تەڭرىغ ئۆكۈش ئۆگدۈمۈز-ئۇلۇغ تەڭرىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتماق
كەمسىپ ئاتى تەگدىمىز-ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتماق
بەچكەم ئۇرۇپ ئاتلاكا-ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىشتە قوللىنىلىدىغان يىپەك رەخت

قەدىمكى تۈركلەردە ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى باغلاش ئادىتى يەنە ”تۇل قالماق“مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. چۈنكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈق جۆرىسىگە ئوخشىتىلاتتى. ئەگەر جەڭدە ئاتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ”تۇل قالدى“دەپ قارىلاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ مازارلىرىغا، كېسىلگەن قۇيرۇقنىڭ بىللە دەپنە قىلىنىش ھادىسىسى ”دۇللاماك“ دەپ ئاتىلاتتى. ساھىبى قۇربان بولغان ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىش، ھازا تۇتۇش شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ھازىرمۇ قىرغىزچىدا، ياقۇت تۈركچىسىدە ۋە قازاقچىدا ماتەم ۋە ھازا تۇتۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ”تۇللىماق“ كەلىمىسى مەۋجۈتتۇر. بۇ خىل تىللاردا
Dullamak, tuldamak, tullamak دەپ ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
بەزى خەلق داستانلىرىدىمۇ ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى چىگىش ھەققىدە بايانلار بار. مەسىلەن، «ئالپامىش» داستانىنىڭ سەئىد مۇرات پاناھئوغلى ۋارىيانتىدا ”ئېتىنى چاپتۇرغان، ئاتنىڭ يايلىسى ۋە قۇيرۇقىنى ئۆرەر“ دېگەندەك بايانلار ئۇچرايدۇ.
«دەدە قورقۇت داستانى» نىدىمۇ تۆۋەندىكىدەك بايانلار ئارقىلىق بۇ خىل ئادەت تەسۋىرلەنگەن: ”يىگىتلىرىم، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئاق بوز ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىڭلار، قازاننىڭ مەھكىمىسىگە قاراپ يۈرۈڭلار، ئاقنى تاشلاپ، قارا كىيىڭلار“.
مەنبەلەر:
Doç Dr.Mehmet Ali Hacıgökmen Türklerde Yas Âdeti Temelleri ve Sonuçları
http://www.tarih.gen.tr/tarih-blogu-turk-kulturu-ve-tarihinde-at.html

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 5

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش