ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى قانۇنلۇق ئېگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسمىلاتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئانا تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن ۋە سىياسىي جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ كرىزىسلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە.

مىليۇنلارچە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي، بىلىم ئىگىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار ۋە داڭلىق تىجارەتچىلەر خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ئېغىر رۇھى ۋە جىسمانىي قېيىن قىستاقلارغا ئۇچراپ، ئىچكى ئەزالىرى ئوغۇرلىنىپ، ئېغىر ۋەيران قىلىنماقتا. ئاتا – ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىگە چاقىسىز قالغان نارىسىدە يېتىم بالىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىنمۇ تارتىۋېلىنىپ، ئۆسمۈرلەر لاگىرلىرىگە سولانماقتا ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلمەكتە.

ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار سولانغان خىتاينىڭ ئۆلۈم لاگىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگەن 6 شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك تەتقىقاتچىنىڭ دوكىلات بېرىشى ۋە جانلىق شاھىت ئۆمىر بەكئالى ئەپەندىنىڭ شاھىتلىق بېرىشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2018-يىلى 27-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى چۈشتىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامىي ئىلىملەر فاكۇلتىتى يىغىن زالىدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنىمىزغا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:- يىغىن تەرتىپ كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)


يىغىن كۈنتەرتىپى:

14:00  : ئېچىلىش مۇراسىمى

14:30  : «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى»

يىغىن باشقۇرغۇچىسى: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)

دوكىلات سۇنغۇچىلار ۋە تېمىلىرى:

ئۆمىر بەكئالى (جانلىق شاھىت)، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدىكى قاباھەتلىك كەچمىش

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرىنىڭ جىنايىتى نىمە؟

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق زادى نىمە قىلماقچى؟

دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەر (نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئاقىۋىتى

دوكتور ئالى ئەھمەدبەگئوغلى (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلىرى

دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيلىرى 

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (خەۋەر ئاجاندا ژۇرنىلى يازغۇچىسى)، جازا لاگىرىرىدىكى تاجسىز سۇلتان – ئابدۇرېھىم ھېيىت


ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00

ئورنى: ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامىي ئىلىملەر فاكۇلتىتى يىغىن زالى

ئادرىسى: زەيرەك مەھەللىسى بۈيۈك قەھرىمان جاددىسى 53-نومۇر، فاتىھ ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش