ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى توغرىسىدا

ئابدۇقادىر جالالىدىن
(1)

بىزنىڭ شەھەر ئەسلىدە ئىنسانلاردا بولىدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق نىسبىتىنىڭ تىمتاسلىقىدا گۈللەنگەن، قان ۋە تەشۋىشتىن خالىي ئوتۇپىيىلىك شەھەر ئىدى. ئۇنىڭ ئاسمىنىمۇ سېخىي، خىسلەتلەرگە باي بىپايان مەنزىرە ئىدى. بۇ شەھەردە قۇياش، يۇلتۇز، ئاي، قۇم زەررىچىلىرى ۋە جان نۇقتىلىرى كۆزگە كۆرۈنمەس ئىلاھىي يىپ بىلەن چىگىلگەنكى، كۆڭۈللەرنىڭ ئەركىن دەۋرەشلىرى ئۆزىنىڭ مەڭگۈ خورىمايدىغان تەبىئىي كۈچى بىلەن ئادالەت ۋادىسىنى ئۇپۇققىچە يايغان، ئەگەر ئۇنىڭدا پىغان ياكى كۆز يېشى بار دېيىلسە، بۇ پەقەت ھاياتلىقنىڭ ئۆز ئىنتىلىشلىرىگە يارىشا مۇۋاپىق سىقىلىشلىرىدىن چىقاتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە، بۇ سائادەت تۇزلىرىنى رازىلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرەتتى. ئەگەر مەن دوزاخنى ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ياسىسام، ئۇنىڭ ئوتى قانچە دەھشەتلىك بولمىسۇن، مەن ئۇنى جەننەت دەپ ئاتايمەن. لېكىن باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن جەننەت چىنارىمنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى ”قۇم باسقان شەھەر“ ىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ بەرگەن قۇمدىن بىر تال ئالدىم – دە، قۇم بەرگەن روھىي رادىئولوگىيىنى بويلاپ ھۆكۈمرانلار، بەندىلەر، ھەتتا خۇدانىڭ كۆڭلىگە كىرىپ چىقتىم. تارىخ ئۆزىنىڭ قوپال، قانلىق ئىككى قولى بىلەن سىزىپ بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، دەل پاسىلغا كەلگەندە توختاپ قالدىم. ھەر قانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ خىيالىنى دەڭسەشكە باشلىدىم.
قۇم ئۇششاق نەرسە، يالغۇز تۇرغاندا قاتتىق، توپلاشقاندا يۇمشاق نەرسە، ئۇ ئاستا – ئاستا، ئاز – ئازدىن كۆچىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك ھالىتىنى سۈرئەتتىكى ئاستىلىققا سىڭدۈرۈۋەتكەن.
”قۇم باسقان شەھەر“ تارىخنىڭ كۇتۇپخانىسى، ئۇ، تارىخ ئەسلىيەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكى شولىسى، ئۇنىڭدىن بىز يازغۇچىنىڭ ئارزۇ تارىخىنى، مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەجرىبىسىنى، بايلىق پەلسەپىسىنىڭ سىمۋوللاشقان گەۋدىلىرىنى، زوراۋانلىققا شېئىردىكى شېرىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئېيسا روھىنى، مەنىسىزلىككە قارشى ئەپچىل يۇمۇرلارنى كۆرىمىز، بۇلار ھەرگىزمۇ توزان باسقان ئۆتمۈشنىڭ نوقۇل ئۆزىلا بولۇپ قالمىغان، ئاپتور ئۇلارغا ئۆز قەلبىنىڭ جۇلاسىنى سىڭدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىگە تاشلىغان. گويا مىللەت تارىخى ئاپتورنىڭ خىيالەتلىك كۆزىدىن دومىلاپ چۈشكەندەك.
(2)

ئانا تېما مەسىلىسى مىللىي ۋىجداننى ئۆز شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرالىغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا خىرە – شىرە مەۋجۇت بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن تۈزۈك تىلغا ئېلىنمىدى. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر بىزدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئاجىز ھالقا بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ئۇزاق تارىخىي يىللار بىلەن تۇتىشىدۇ. بىز تارىختىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە كۈچ بىلەن تەسىرلەشكەن مۇرەككەپ ھالەتلەردە ياشاپ كەلدۇق. بىزدىكى تارىخىي پاجىئەلەر ۋە ئۇتۇقلار مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىسى، مىجەزى ۋە ئېتىقادى بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئامىللار تاشقى ئامىللارنىڭ كونكرېت خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرىكىپ، تارىخىي نۇقتىلارنىڭ ھەربىر دەۋرگە خاس مەزمۇنى ۋە ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلار ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم، ئىنچىكە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيىۋى يەكۈن چىقارغان ئەسەرلەرنى تېخى ئۇچراتمىدۇق. پەلسەپە نامراتلىقى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزدە ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق دەۋرگە قارىغاندا، ئەڭ تىپىك باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى.
مېنىڭچە، ئانا تېما ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ئايرىم بولىدۇ، خۇددى مېكسىكا شائىرى ئوكتاۋىئوپاز: ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ”ھازىر“ دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت. بىراق ”ھازىر“ نىڭ مەنىسى ھەر قايسى مىللەت ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ، دېگىنىدەك، ئانا تېما ھەربىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىگە خاس مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسىلىسى بولىدۇ. بۇ مەسىلە مىللەتنىڭ مەلۇم بىر كونكرېت دەۋرىدىكى مەنپەئىتىنىڭ قانداق ئەكس ئېتىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. خۇددى بۈگۈنكى شارائىتتا پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىلەن تاجىكىستان خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغاندەك. دېمەك، ئانا تېما مىللىي تەقدىرنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كونكرېت مەزمۇنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، مىللەت تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئانا تېما مىللىي، دەۋرىي تۈس ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ ئىنسانىي تۈس ئېلىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى دۇنياۋى قاينامدىن خالىي تۇرىدىغان مىللەت ياكى تارىخ بولغان ئەمەس.
بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە لايىق مەسىلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ، تەن ۋە روھىيەت خىللىرى بويىچە روناق تېپىش، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ مەسىلە بۈگۈنكى مىللىي ئىدېئولوگىيىمىزنىڭ ھەر قانداق تارماقلىرىدا ئەكس ئېتىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جىددىي تەقەززالىق كەيپىياتىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر قوۋم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى تاپالمىسا، ماددىي مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقان پەن – تېخنىكا ئاخىر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخنىكا جەمئىيەتتە ماددىي ھەشەمەت پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قورالدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلسىمۇ، بىراق مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تۈپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىدى. مانا بۇ، زامانىمىز كىشىلىرىگە ئورتاق بولغان پەن كرىزىسى. چۈنكى تېخى ئۇ، دۇنيادىكى بەختسىز ئادەملەرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ بولالمىدى؛ ئۇ، غالىبلارنىڭ قولىدىكى قامچا بولۇپ كەلدى. پەننىڭ سەلتەنىتى ئورتاق قانائەتنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغاندا، ئۇ، كرىزىستىن ساقىيىدۇ. ئەمما بۇ پەقەتلا شائىرلار تەلمۈرۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل چۆچەكتۇر، خالاس.
ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي مەنىسىنى تېپىش تەبىئەتنىڭ ئىرادىسىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان ھوقۇق، بۇنداق ھوقۇقنىڭ ھەققانىيەتتىن پۈتكەن پۇتلىرى بار، ئۇنىڭ بىلەن ماڭغاندا، پەقەت ئادالەت دۈشمەنلىرىلا ۋايسايدۇ، تارىخ ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىملىرى ئەنە شۇ ئىرادىنىڭ مۇئەييەنلەشكەن قىسمىنى جاكارلايدۇ، ئۇنىڭ مەۋھۇم، يوشۇرۇن قىسمىنى پەقەت سەنئەتلا ئىنسانىي زىللىقىنى يوقىتىپ قويمىغان كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.
ئانا تېما بىر مىللەت ياكى بىر دەۋر ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تەقەززالىقتۇر. بۇنى ھېچكىم ئېيتىپ بەرمەيدۇ، ئاقىللار ئۆزى تاپىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۇلارنىڭ قەلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلەم ئىزلىرىدا كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا بارلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
مېنىڭچە، ئانا تېما مەسىلىسى بۈگۈنكى زامان پروزىمىزدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ”ئىز“، ”ئويغانغان زېمىن“ قاتارلىق ئەسەرلىرىدە مەلۇم مەنىدە ئەكس ئەتكەنىدى. بىراق ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بۈگۈنگە ۋە ئەتىگە تەئەللۇق زامان – ماكان ئىزلىرىنى ئۆتمۈشنىڭ زامان چېكى بىلەن نۇقتىلاپ قويغان – دە، دەلىل ياكى پاكىت دەپ قارالغان تارىخىي زامان ھادىسىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بولدى قىلغان، نەتىجىدە، ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىدىن كۆرە ئاخبارات قىممىتى ئۈستۈن چىققان.
مەيلى بۇلاردەك يىرىك تارىخىي رومانلار بولسۇن ياكى ئەدىبنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى تەبىئەتكە ئايلانغان، تارىخىي ماكان – زاماندىن ھالقىغان ئىدىئال گەۋدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تارىخنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان روھىي مەنبەنى تولۇقلايدىغانلىقى شەكسىز. بىراق بىز ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مەزمۇن قىممىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى ئۈستىدە سۆز ئېچىش بىلەن بىرگە، ئەدەبىياتنىڭ ئىستىل قىممىتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى مەھسۇلاتلىرىنى تارىخىي ئىجتىمائىي قىممەت نۇقتىسىدىن ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا ھەقلىقمىز. ئۇ، دۆۋىلىنىپ ياتقان ئۆتمۈش خاتىرىسىدىكى بىر قىسىم ئۆرنەكلەرنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزدە رېئال تارىخىي روھ ھاسىل قىلدى. مېنىڭچە، ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەلەپنى ئۆزىگە قويمىدى، دەپ قىياس قىلساق بولىدۇ.
مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى ئەدەبىياتىمىزدا ئەنە شۇ يوسۇندا شەكىللىنىۋاتقان ئانا تېمىنى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش ۋە بەدىئىي قىممەت نۇقتىسىدىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىزگە ئايان قىلدى. مەن ”قۇم باسقان شەھەر“ نى ئوقۇغاندىن كېيىن، قانداقتۇر بىر تارىخ تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. سۈپۈرگە ئاققان سەپەر دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋېتىپ، قايسى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغانلىقىمنى خىيال قىلدىم. ئۇ ھەقىقەتەن ”سەپىرىنىڭ تىزگىنىنى كۆڭۈل ئىختىيارىغا تاپشۇرغان“ جاھانكەزدى ئىدى. بىراق ئۇنى يىراق بىر يەردە نۇر چېچىپ تۇرغان ۋىجدان ئۆزىنىڭ ھۆرلەرگە مەنسۇپ ئاۋازى بىلەن پات – پات چاقىرىپ تۇراتتى. مەن ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، پىداكارلىقى ۋە تەۋەككۈلچىلىكىنى چۈشىنىدىغان ئادەم تاپالمىغان بەختسىز دونكىخوت تۇغۇلۇۋېتىپتۇ، دېدىم. ئارقىدىنلا مېنى بىر خىل ۋەھىمە چۇلغۇۋالدى، ئارىمىزدا دونكىخوتنى چۈشىنىدىغانلار يوق ھېسابتا، مەن سۈپۈرگىنى ئاشۇنداق سۈپەتلىسەم كىشىلەر مېنى چۈشىنەرمۇ؟
روماننىڭ 2 – ، 3 – قىسىملىرى كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئاخىر سۈپۈرگىنى ساتىرىك سىمۋول دەپ چۈشەندىم. ئۇ بىر ئەركىن سەيياھ ئىدى. شۇڭلاشقا ئېشىكىنىڭ، ئەتراپتىكى دەل – دەرەخلەرنىڭ، قۇشلارنىڭ، پايانسىز چۆلنىڭ، ئالۋۇنسىمان مەھەللە – كەنتلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ بىر پەيلاسوپ ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كىتابلىرى كۇتۇپخانىسىدا ئەمەس، تەبىئەتتە ئىدى. ئۇ، كۆز ئالدىدىكى دۇنيانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەندەك بولۇشىدىن گۇمان قىلاتتى. ئۇ، تەلىماتلىرىنى پۈتۈپ ئاۋارە بولمايتتى ياكى باشقىلارغا ۋەز قىلىپ سۆزلىمەيتتى. ئۇ، ئۆزى ياشىغان دۇنيادىن تېگىشلىك ئەقىلنى قوبۇل قىلاتتىيۇ، دەرھال ئۇنىڭ مۇھاسىرىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئۆزى ئۇلۇغ تۇرۇپمۇ ئۇنى سەزمەيتتى. ئۇ گويا سوقرات بىلەن شاھ مەشرەپ ئىدى. ئۇ تاكى بىغەملەر شەھىرىنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلغىچە ئەركىن ياشىدى، ئەركىن ھاياتىدىن ئەركىن پىكىرلەرنى ياندۇردى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى خۇددى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت مەنىۋى مەئىشەتنىڭ ھەيكىلى ئىدى. ئۇنىڭ ۋەتىنى بىغەملەر شەھىرىنى ياۋلار دەپسەندە قىلىۋىدى، ئۇنىڭ دۇنياسىدىكى پادىشاھ بولمىغان، ئەسكەر بولمىغان، بەگ – دوتەيلەر بولمىغان، سېپىلى بولمىغان غايىۋى دۆلەت بەربات بولدى. ئۇ، قولدىن كەتكەن ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىداكار جەڭچىگە ئايلاندى. ئۇمۇ خۇددى سوقرات ئۆز تەلىماتىنى ئىسپاتلاش يۈزىسىدىن ئۆلۈمگە رازى بولغاندەك، ئەركىنلىك پەلسەپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىدى.
سۈپۈرگە ئۆزىنى ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى. ئۇ، ياز كۈنلىرىنىڭ بىر كېچىسى ئۆگزىدە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقاچ كۆكتىكى يۇلتۇزلار ۋە ئەركە شاماللاردىن ئىلھام ئېلىپ شۇنداق دەپ پىچىرلىغانىدى. ئۇ، بۇ جەھەتتە ھېمىڭۋاينىڭ ”دېڭىز ۋە بوۋاي“ دېگەن ئەسىرىدىكى بوۋاينى ئەسلەتتى. بىراق بۇ ئەسەردىكى بوۋاي ئۆزىنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. بەلكىم غەربلىكلەر دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تەبىئەتكە خىلاپ يۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندۇ. سۈپۈرگە يۇقىرىقىدەك ئويلىغاچقا، تەبىئەت بىلەن بولغان گارمونىيىنى ساقلايمەن دەپ جىم تۇرغاندۇ. پەلسەپە ئىنقىلابى ئەنە شۇ ئىككى پىكىر ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلماقتا.
بىز سۈپۈرگىنى ساتىرىك سىمۋول دېدۇق. بۇ مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، سۈپۈرگىنىڭ ھاياتقا تۇتقان مۇئامىلىسى، ھايات ئادالەتسىز، بىراق ئۇ بۇنداق ھاياتقا چاقچاق قىلاتتى؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭ غايىۋى دۆلىتى بەربات بولغاندا ئۇ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتتى، مانا بۇ ھال قارا يۇمۇر ئىدى. يۇمۇر چېكىدىن ئاشقاندا، كىشىنى كۈلدۈرمەي ئەكسىچە ئويغا سالىدىغان ھېكمەتلىك پاسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
سۈپۈرگىدە شەرق دانىشمەنلىرىنىڭ سىماسى ئىپادىلەنگەن. شەرق دانىشمەنلىرى خەلق ئارىسىدىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئوردىلار پەقەت مىزاندىن ئاداشقىنىنى چۈشەنگەندىلا ئۇلارغا قاراپ پال ئاچىدۇ. شەرق تارىخى دانىشمەنلەرنىڭ گېپىنى كېچىكىپ چۈشىنىشكە ئادەتلەنگەن. قاراڭ، يانتاق ئاقساقال سۈپۈرگىنىڭ مەسلىھەتىنى كېچىكىپ چۈشەندىغۇ!
سۈپۈرگە ھېلىمۇ ئاشۇنداق ھالەتتە ئارىمىزدا مەۋجۇت. تارىخ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان رېئال روھ؛ بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى بۇ روھنى دەلىل ياكى ئىسپات دەپ قارىمىغان، بەلكى جاھان ئۆزگىرىشلىرىگە كېپىل بولغۇچى ھەرىكەت دەپ قارىغان.
بىز ”قۇم باسقان شەھەر“ رومانىدىكى تارىخ تۇيغۇسىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟
ئىتالىيە پەيلاسوپى كىروچى تارىخ بىلەن يىلنامىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ: ”ئالدىمىزدىكى ئىشلار تارىختۇر، كەينىمىزدىكى ئىشلار يىلنامىدۇر“ دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭچە ئاۋۋال تارىخ، ئاندىن يىلنامە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئېيتىۋاتقان تارىخ دەل كەلگۈسىنى ئىجاد قىلىۋاتقان ئىدىيە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئالايلى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر رېئال تارىخىي شەخس. ئەمما بۈگۈننىڭ ئۆزىدە كېرەك بولىدىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھى بولمىسا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر روھىدىكىلەرنىڭ تارىخى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇلارنى ”قۇم باسقان شەھەر“ گە تەتبىقلىغاندا، سۈپۈرگە، يانتاق ئاقساقال، ئۈچ ئاكا – ئۇكا، قۇياش شەھىرى، بىغەملەر شەھىرى، چۆل يىگىت قاتارلىقلار تىرىك نامايەندىلەر سۈپىتىدە كۆزىمىزگە تاشلىنىدىغان كونكرېت شەخسلەر ياكى جايلارغا ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ئاپتورنىڭ تارىخ چۈشەنچىسىنىڭ سىمۋوللاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. بىراق مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى كۆتۈرۈپ چىققان تارىخ پاكىتلار تىزىملىكى بىلەن قاتماللاشتۇرۇلغان مۇردا تارىخ بولماستىن، ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىدا جانلاندۇرۇلغان، قىسمەت، ئىبرەت، ھېكمەت، ئىستەكلەر كۆكرەك قازىنىدا تاۋلاش جەريانىدا ئىجاد قىلىنغان، زامان چەكلىرى شېئىرىي كەڭلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان چۆچەكلەر ئارقىلىق يوقىتىلغان. ئاپتورنىڭ زارىقىشلىرى مۇپەسسەل تارىخ چايقىلىشلىرى سۈپىتىگە كىرگۈزۈلگەن تارىخ ئىدى. شۇڭلاشقا ئەسەردىن ئۆتمۈش دەۋرىمىزنىڭ تارىخىي سۈرەتلىرىنى ئىزدىسەك، بۇ ئورۇنسىزلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ بۈگۈنكى مىللىي تارىخشۇناسلىق كرىزىسىدىن شۈركۈنۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان ئىدىيە چىنلىقىنى ئىزدىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئاپتور تارىخنى نېمە ئۈچۈن چۆچەكلەشتۈرىدۇ، بۇ قانداق زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان؟ چۈنكى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى يىلنامە تارىخچىسى ئەمەس، ئۇ بىر يازغۇچى، شۇنداق ئىكەن، ئۇنى تارىخنى يازدى دېگەندە، ئۇنىڭ يازغانلىرى ئومۇمىي ساۋات خاراكتېرىدىكى تارىخ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنگە دارىتمىلانغان تارىخ ئەپسانىسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتمۈشمۇ بۈگۈنگە مەنسۇپتۇر. ئۇ ھامان چەكسىز ھازىرقى زامان ھالىتىدە ياشايدۇ ۋە پىكىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى مەڭگۈلۈك ۋەقە بولۇپ، جەمئىيەت ھاياتىدا كېيىن كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەرمۇ ئاشۇ ئەپسانىۋى ۋەقەنىڭ ئىستىلىستىك ۋارىيانتى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
روماننىڭ 2 – قىسمى بىر خىل يىمىرىلىش ۋە ياتلىشىش قىسسىسىدۇر، 3 – قىسمى بولسا، يىلتىزغا قايتىش مارشىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا سۈپۈرگىنىڭ روھىي سىماسى قايتىپ كېلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. بۇلغانمىغان – پاك ئەجداد بىلەن ئەۋلادلار تارىخنى يېڭىدىن باشلاشقا كىرىشىدۇ. ئاپتور شەخسىيەتچىلىك، ئاچ كۆزلۈك تۈپەيلى ئاتا – بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىنى تەرك ئەتكەن ۋە قېرىنداشلىق رىشتىدىن ۋاز كەچكەن ئاكا – ئۇكىلارنىڭ گادايلىق تەقدىرىنى بىزگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى تارىخ ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولىدىغان ئىماننى غۇۋا ئېيتىپ بېرىدۇ.
(3)

سىمۋول ئەدەبىياتنىڭ مەجازى ۋاسىتىلىرىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە فورمۇلاغا ئايلىنىپ قالدى. سەنئەتتە ھەمىشە سىمۋول كېرەك بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر شەيئى باشقا نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلماستىن، ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. نەرسىلەرنى ئۆز – ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇشمۇ كاتتا سەنئەت. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەسەرگە سىمۋوللۇق تۈس بېرىشكە بەكلا ئامراق. بىزدە شېئىرىيىتىمىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقان نۇقتىلىق ئامىللارنىڭ بىرى سىمۋول كرىزىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ بۇ رومانىنى سىمۋول خاراكتېرلىك تەپەككۇر ئەندىزىسىدە يېزىلغان دەپ قارىدىم. چۈنكى ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئىندىۋىدۇئال ئاڭنىڭ قانات يېيىشى بولماستىن، كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ئوبيېكتلاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بولغان. بىز ئۇلاردىن شەخسىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز. بۇ، رومانتىك مەسەللىك خۇسۇسىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىدىكى بىر سەۋەب. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، پېرسوناژلار يەككە قاتلاملىق خاراكتېرگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلاردىكى زىددىيەت ئۆزىنىڭ خاراكتېرىدىكى بىر قانچە قارىمۇقارشى ئامىللار ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلمەستىن، ئەكسىچە قارىمۇ – قارشى پېرسوناژلار ئارا كۆرسىتىلىدۇ. ئادەتتە مەسەللەردە ئاشكارىلانغان خاراكتېر يەككە قاتلاملىق بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر مەسەلدە يولۋاس تەسۋىرلەنگەن دېسەك، ئۇ بىرلا خاراكتېر ياكى پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر قانچە زىددىيەتلىك خاراكتېر ئامىللىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. روماندا ئۆمەر بىلەن بارات باشتىن – ئاخىر ۋاپاسىزلىق، ئاچ كۆزلۈكنىڭ مىسالى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ. سەپەر ساددىلىق، ساپلىق ۋە ھالاللىقنىڭ مىسالى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. روشەنكى، روماندىكى كۆپلىگەن پېرسوناژلار ئاپتورنىڭ ئەخلاقىي سىما جەھەتتىكى تەقسىماتىنى بۆلۈشۈۋېلىپ سەھنىگە چىقىدۇ. بۇلار تامامەن مەسەلچە ئالاھىدىلىك؛ ئەلۋەتتە، مەسەل سىمۋوللاش يولى بىلەن ھاياتىي كۈچ تاپىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدىكى توتېم ۋە چوقۇنۇش شەكىللىرىدىن قارىغاندا، سىمۋول تۇرمۇشتىكى ئومۇمىي مەسىلە. بۇرۇن ئۆتكەن داھىيلار، قەھرىمانلار، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تارىخىي سىمۋولغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بەلكىم ناپولېئون: ”تارىخ كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمسىلدۇر، خالاس“ دېگەن ئىبارىتىنى مۇشۇ مەنىدە ئېيتقان بولسا كېرەك.
شەيئىلەرنى تەمسىللەش شېئىردىن بېشارەتتۇر. بىز ئۇنىڭدىن ھەم شەيئىگە ئائىت، ھەم شائىرنىڭ روھىغا ئائىت ئىككى چىنلىققا ئېرىشىمىز. شۇڭا ھاياتىي كۈچ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شېئىر پاكىتتىن بەكرەك چىن بولىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى تارىخىي دەلىلدىن بەكرەك چىن بولغان شېئىرىي دۇنيانى يايغانكى، ھەقىقىي تارىخنىڭ قۇياشى ئۇنىڭ ئۇپۇقىدىن كۆتۈرۈلىدۇ.
مەن ”قۇم باسقان شەھەر“ نى يۇقىرىقى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەسەلچە پروزا دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتىم. مۇشۇ ئەسىردە فرانسىيىدە يېڭى مەسەلچىلىك پروزا ئېقىمى بارلىققا كېلىپ يوكىنار، مېشىل تورنېر قاتارلىق يازغۇچىلار بۇرۇنقى ئەپسانە – رىۋايەتلەر ۋە قىسسە ئىپوسلاردىن پايدىلىنىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنىدى. ”ھازىرقى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئۆتمۈشتىمۇ مەۋجۇت ئىدى“ دەيدۇ يوكىنار ”ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن كرىزىسلەرنىڭ نېگىزى يەنىلا ئالدىنقى بىر قانچە ئەسىردىن كېلىپ چىققان“.
مەن بۇ قېتىم ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ خاس مىللىي تىپىنىڭ بىخىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇنداق تىپنىڭ بىراقلا ۋايىغا يېتىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەسەردىكى خاراكتېرلەر، تەبىئىي ۋە تەدىئىي مۇھىتلار، سۇژىت راۋاجىنىڭ ئۇلىنىشى، پېرسوناژلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىي مۇھىت ۋە پىكىر شەكلىنىڭ كارتېنىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن مۇستەقىل ئۇيغۇر رومانى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان.
يازغۇچىمىزنىڭ ئىزدىنىش ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى بىزگە مەلۇم. ئۇ بىر قاتار پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلىرىنى ئەسەردە يارىتىلغان مەنىۋى مۇھىت دولقۇنلىرىغا چېچىۋەتكەچكە، كىشىگە تەبىئىي ئۆزلىشىدۇ. ئەسەرگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، بەدىئىي قايناقلىقتىن كۆرە تارىخىي تەسىراتتىن كەلگەن مۇئەييەن ئۇقۇمنىڭ ئاپتور ئېڭىغا بەكرەك قوماندانلىق قىلغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپسانىۋى تەپەككۇرى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى بوشلۇق بىلەن قانائەتلەنگەن، تارىخ ئېڭىمۇ يالاڭ تەركىبلىك پىكىرگە ئايلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت، دىن، جەمئىيەت ھادىسىلىرىدىن ئىبارەت كۆپ تەركىبلىك ئويلىنىش ئەمەلگە ئاشمىغان. مېنىڭچە، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتتىن دېرەك بېرىدىغان فولكلور زاپىسىمىز سەنئەتكارنىڭ ئويلىنىشى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىمكانىيەتنى بېرىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ تۇپراقتا يەرلىك مىللىي مەدەنىيىتىمىزدىن باشقا ھىندى – ياۋروپا مەدەنىيىتى، ئەرەب – پارس مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى بار، ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر شەكلىمىزمۇ بىر قانچە خىل دىننىڭ مۇپەسسەل تەسىرىگە ئىگە. ھەربىر دىن بىر خىل تەپەككۇر نۇسخىسى سۈپىتىدە تەپەككۇرىمىزنى تۈز يۆنىلىشلىك، يانتۇ يۆنىلىشلىك، شاخسىمان يۆنىلىشلىك زامان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سەنئەتكارلار جەۋھىرىنى ئىزدەپ چەكسىز يېشىنىدىغان كىشىلەردۇر. نەتىجە ئۇلار ئۈچۈن قاسراققا ئوخشايدۇ، كامالەت ئىزدەۋاتقان يازغۇچىنىڭ ئاشۇ قاسراقنىڭ جۇلاسىغا ئۇزاق تىكىلىپ قاراشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ.
1996- يىل ئۆكتەبىر
مەنبە: «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش