ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » چىش بۆرە چۈشلىرىمدە

چىش بۆرە چۈشلىرىمدە

 

چىش بۆرە چۈشلىرىمدە
(ئاپتورى:ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

مەن، قىرغىز خەلقىنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى چىنگىز ئايتماتوف(1928 – 2008)نىڭ ”ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن“، ”ئاق پاراخوت“، ئەلۋىدا گۈلسارە“، ”تۈپراق ئانا“، ”جەمىلە“، ”سۇلتان مۇرات“، ”كۇسەن بۇلۇت“ ۋە ”قىزىل ئالما“ ناملىق ھەكايىلەر توپلىمى قاتارلىق بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ”ئاق پاراخوت“، ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن“، ”تۇپراق ئانا“ قاتارلىق ئەسەرلىرىگە ئوبزۇر يازدىم . يىقىندا مەن يازغۇزچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رومانى“چىش بۆرىنىڭ چۈشلىرى“ ناملىق رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوفنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى بىلەن يۇز كۆرۇشكەن بولدۇم.
”چىش بۆرىنىڭ چۈشلىرى“ ناملىق بۇ رومان سوۋېت كومممۇنىزم تۇزىمىنىڭ بۈيۈك يالغانلىرىنى، پەردازلىرىنى، كۆز بوياشلىرىنى يالجىتقان، يازغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رومانىدۇر. يازغۇچى بۇ رومانىدا ياخشى بىلەن ياماننى، ئىلاھى ئادەلەت بىلەن تەغدىرگە ئوخشاش نازۇك مەسىللەر ئۈستىدە بەدىئىي تەپەككۇر يۇرگۇزىپ، سوۋېت سوتسىئالىستىك تۇزۇمىنىڭ چىرىكلىكىنى سوراققا تارتىدۇ.
رومان، ئىسسىق كۆل بويلىرىدا ياشايدىغان ئەكپەر ۋە تاشچاينار ئىسىملىك ئىككى بۆرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە بىر خىرىستىئان دىنىي مەكتىۋىنىڭ رۇس ئوقۇغۇچىسىنىڭ چۈشەنچىلىرى، پىكىرلىرى ۋە ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق باشلىنىدۇ. بۇ روماندا ئەسكىلىك بىلەن ياخشىلىقنىڭ كۈرىشى داۋاملىق كىتابخانىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ. ئابدىئاس ياخشىلىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ بەدەلىنى ئاخىرى جېنى بىلەن ئۆتەيدۇ. ئابدىئاس ئەسلىدە بىر ھىرىستىئان پوپنىڭ ئوغلى. بۇ بالىمۇ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ پوپ بولماقچى بولىدۇ. ئەمما مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا مەززەپتىن ئازغانلىغى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ بالىنىڭ تەڭرى چۈشەنچىسى باشقىچە بولۇپ، يەنى ئىنىقراق قىلىپ ئېيتساق ”يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىنسانلار مەدىنىيەتلەشكەنسىرى، جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى، تەڭرىمۇ شۇ زامان ۋە ماكانغا ماس قەدەمدە زامانىۋىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ، زامانغا ماسلىشىدۇ“ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەقلىمىز ۋە ۋىجدانىمىزدىن باشقا بىر تەڭرى يوق . بۇ ئەقىدە ئەلۋەتتە خىرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرىگە زىت. تەڭرىنىڭ ئەزەلى ۋە ئەبىدى بولىدىغانلىغى ۋە ئۆزگەرمەيدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالماي، ئۆز چۈشەنچىسىدە چىڭ تۇرغانلىغىدىن مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ياش يىگىت ئۆز چۈشەنچىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ موسكىۋاغا بارىدۇ ۋە نۇرغۇن ئىشلار بېشىدىن ئۆتىدۇ ۋە چۈشىدە ھەزرىتى ئەيسانى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇ بۇ دۇنيادا بارلىق ئەسكىلىكلەر بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىگە كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىچىك بىر يېزىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى “ ياش كوممۇنىسلار“ ناملىق گېزىت چىقىدىغان نەشىرياتىنىڭ مۇخپىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە جەمىيەتتىكى ئەسكى ئادەملەرنى، جەمىيەتتە يولدىن ئازغانلارنى توغرا يولغا باشلىماقچى بولىدۇ. دەل ماشۇ چاغدا ئوتتۇر ئاسىيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى توغرىسىدا بىر ماقالە يېزىش ئىشىنى ئۇستىگە ئالىدۇ ۋە پويىز بىلەن يولغا چىقىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن جەۋر جاپالار بېشىغا كېلىدۇ ۋە يولدىن ئازغانلارنى توسىمەن، توغرا يولغا باشلايمەن دەپ ئۆلگىنى تاس قالىدۇ. زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن قاتتىق تاياق يەپ، ھوشسىز كوچىلاردا ياتىدۇ. ئاخىرى ئىشتىنمۇ ئايرىلىپ نېمە قىلارنى بىلمەي يۇرگەندە ئوۋچىلارنىڭ ئوۋلىغان ئۆلۇك ھايۋانلارنى يىغىدىغان بىر ئىشقا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روماننىڭ ئەڭ قىزسىق يەرلىرى باشلىنىدۇ.
قىرغىز چارۋۇچىلىرى ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كىلىۋاتقان ئىسسىق كۆل بويلىرىدىكى يايالاقلارنىڭ كەڭ سوزۇلغان تاغ ئىتەكلىرىدە ياشايدىغان بۆرىلەر ئىچىدە چارۋۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىككى بۆرە بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئەكپەر يەنە بىرىنىڭ تاشچاينار. ئەكپەر چىش بۆرە بولۇپ، بويۇنلىرى ناھايىتى توم، يايلىرى ناھايىتى قويۇق، كۈمۈش رەڭلىك تۈكلىرى شۇنچىلى ئۆزىگە چىرايلىق ياراشقان چىش بۆرە. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆپكۆك نۈر ئۆتكۇزگۇچى كۆزلىرى ئۇنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ. بۇ بۆرىنى كۆرگەن يايلاقتىكى چارۋۇچىلار ”ئەڭ ئۇلۇغ“ دېگەن مەنادىكى ”ئەكپەر“ دېگەن ئىسىمنى ئۇنىڭغا مۇناسىپ كۆرىدۇ.
تاشچاينار بولسا ئەركەك بۆرە بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۇك، تېرىلىرى قىلىن، تۈكلىرى قويۇق، چىشلىرى ئىنتايىن ئۆتكۇر. ئۇنىڭ ئۆتكۇر چىشلىرى ھەرقانداق قاتتىق نەرسىنى چايناپ ئىزىۋەتكەچكە، ئۇنىڭغا ”تاشچاينار“ دېگەن بۇ مۇبارەك نام قويۇلۇپ قالغان. چىش بۆرە بىلەن تاشچاينار داۋاملىق بىللە يۇرىدۇ، بىللە ئوۋ ئوۋلايدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىش بۆرە قوساق كۆتۇرۇپ قالىدۇ. تاشچاينارنىڭ قارا كۆزلىرى بىلەن تۇرغۇن بىر قاراپ، قانداقتۇ بىر نەرسىلەرنى سېزىدۇ. شۇڭا تاش چاينار چىش بۆرىنى شۇنچىلىك ئايايدۇ، يېڭىلىشنى بىلمەيدىغان كۈچلۈك بەدىنىنى ئەكپەرگە ئاتايدۇ. ھاردىم دېمەي، ئارلىقنى يىراق كۆرمەي، ئەكپەر نېمە دېسە شۇلارنى يېرىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەكپەر بولسا ئۆز قوسىقىدا ئۆز جىنىنىڭ بىر پارچى بولغان كۈچۇكلىرىنى ئاۋايلاپ يۇرىدۇ، ئۇلارنى ساق-سالامەت دۇنياغا كۆز ئاچقىزىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ ھەمدە ھۆر ۋە ئۆز ئىشىنى ئۆزى مۇستەققىل قىلىشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ باھار ئايلىرىدا ئەكپەر ئۈچ كۈچۈك تۇغىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى چىش، قالغان ئىككىسى ئەركەك. چىش كۈچۈك ئانىسىغىلا ئوخشىغان بولۇپ، كۆپكۆك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى كەلگۇسىدە ئانىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەركەك بۆرىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغانلىغى ھىلىدىنلا بىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ”گۈزەل“ دېگەن مەنادىكى ”كۆزدە“ دېگەن ئىسىمنى قويىدۇ. ئىككىنچى ئەركەك كۈچۈكنىڭ باشلىرى شۇنچىلىك يوغان بولغاچقا“قاپباش“ دېگەن ئىسىم قويىلىدۇ. ئۈچۈنچىسى بولسا ئېتىلغان ئوقتەك شۇنچىلىك تىز يۇگرىگەنلىكتىن ھەم شۇنچىلىك چاققانلىق بىلەن ھەركەت قىلغانلىغىدىن ”چاققان“ دېگەن ئىسىم قويىلىدۇ. مانا بۇ بىر ئائىلىدىكى بەش جان ئۆزلىرىنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن شۇنچىلىك شېرىن خىياللارنى قىلىدۇ. چىش بۆرە ئۆز بالىلىرىنىڭ بەختلىك ھاياتلىرى توغرىسىدا شۇنچىلىك گۈزەل ئارزۇلاردا بولىدۇ. ئۆز كۈچۈكلىرىنىڭ مۇستەققىل ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگىنىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئارىپ ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان ئاللا قاياقلارغا كىتىدىغانلىرىنى ئويلاپ بەزىدە خوشال بولسا بەزىدە كۆڭۈللى يېرىم بولىدۇ. لېكىن رېئاللىق ئۇنداق بولمايدۇ. قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن باللىرىنى باشلاپ تاغنىڭ تۆۋىنىدىكى سايلىققا چۈشىدۇ. دەل ماشۇ چاغدا بۇرۇن ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان دەھشەتلىك بىر ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. مانا بۇ ئاۋاز ئوۋچىلارنىڭ تىك ئۈچار ئايروپىلانى ئىدى. ئايرۇپىلاننىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن ھۈركىگەن يايلاقتىكى بارلىق ھايۋاناتلار تىرە-پىرەڭ بولۇپ قىچىشقا باشلايدۇ. ئاپتور مانا بۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق ساتىرلارنى يازىدۇ:
”ئىنسان دېگەن بۇ ”ئىلاھى بارلىقلار!، مۇجۇنكۇم يايلاقلىرىدا ياۋا ئۆچكە ئوۋلايتتى. بۇلار بۇ يەرلەرگە باشتا ئات مىنىپ كەلگەن ئىدى، ئۈستىلىرىدە تېرىدىن تىكىلگەن كىيىملەر، قوللىرىدا ياي بىلەن ئوق بار ئىدى. كېيىن مىلتىقلار بىلەن كەلدى، بۇ قوراللار ئوت چاچىرتىپ شۇنچىلىك تىز ئىتىلاتتى. ۋاقىراپ-جاقىراپ، ئاتلىرى بىلەن ياۋا ئۆچكىلەرنى قوغلاپ، ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋېتەتتى. چەكسىز كەتكەن بۇ دالىدا ئۇلارنى قوغلاپ ئاتماق بىر ئاز تەس ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ”ئىلاھى بارلىقلار“ ماشىنلارنى ھەيدەپ كېلىپ ياۋا ئۆچكە، بۇغا-جەرەنلەرنى قوغلىدى. خۇددى بۆرىلەر ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۇلارنى ھارغۇزۇپ، ماجالى قالمىغاندا ئوۋلىغاندەك ئوۋلاشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە بولسا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بىلەن سائەتىگە 100 km لىق سۈرەت بىلەن يۇگرەيدىغان ياۋايى ھايۋانالارنى ئىز بېسىپ قوغلاپ، ئۇلارنى ھىچ قاچۇرۋەتمەي ئوۋلايدىغان بولدى. ئەنە ئاشۇ تىز ئوق ئاتىدىغان پىلىمۇتلار بىلەن ھايۋانلارنى قىرىپ تاشلاپ، بۇ يايلاقنىڭ تەبىئىي موھىيتتىنى ئاستۇن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى.“

دېمەك ئەنە ئاشۇنداق دەھشەتلىك زامانىۋى قوراللار بىلەن ئۆز مەمپەئەتىنى دەپ ۋەھشىلەرچە تەبىئەتكە دۈشمەنلىك قىلىدۇ. بۇ دۈشمەنلىكنىڭ زەربىسىدىن ئاشۇ بۆرىلەرمۇ ساق قالمايدۇ. ئايرۇپىلان قوغلىغان ھايۋانلار توپى ئالدى كەينىگەقارماي قاچىدۇ، ئارقىدىن ماشىنلار بىلەن تولۇق قوراللانغان ئوۋچىلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ھايۋانلارنى ئاتىدۇ. بۇ ۋەھشى قىرغىنچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىچىۋاتقان تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەكپەر بىلەن تاشچاينار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ كۈچىكىمۇ بار. ئەكپەر ئۆز كۈچۈكلىرىنىڭ ھايۋانلار سۈرىسى ئارىسىدا دەسلىپ ئۆلۇپ كىتىشىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەيدۇ، بىر چەتتىن قىچىپ بىر چەتتىن ئارقىسىغا قارايدۇ. كۆز ئالدىدىلا يۈرەك پارىسى بولغان ”كۆزدە“ ھارغىنلىقتىن يەرگە يىقىلىدۇ، ئارقىدىن كىلىۋاتقان ھايۋانلار سۈرىسى ئۇنى يەنجىۋىتىدۇ. بۆرىلەر، بۇغىلار، تاغ ئۆشكىلىرى، ھەتتا قۇشلاردىن تارتىپ بۇرۇن ھېچ كۆرۇپ باقمىغان ھاۋادىكى بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ مېڭىنى يەيدىغان گۆكۇرەشلىرىدىن جان قورققىسى ئىچىدە قاچىدۇ. قاپباشمۇ يەرگە يىقىلىدۇ، ئۇنىمۇ ھايۋانلار دەسسەپ مىجىغىنى چىقىرۋېتىدۇ. كەينىدىنلا چاقماقنىڭمۇ كۆزلىرى ھارغىنلىقتىن ئالىيىپ يەرگە يىقىلىدۇ. ئۇمۇ ھاۋاغا كۆتۇرۇلگەن چاغ توزاڭلار ئارىسىدا غايىپ بولىدۇ. نىھايەت ھەممە يەرگە دەھشەت سالغان گۆكۇرەشلەر، ئوق ئاۋازلىرى پەسىيىدۇ. ئەكپەر بىلەن تاشچاينار ئۆز جانلىرىنى ئاران قۇتۇلدۇرۇپ، بىر دۆڭلۇكنىڭ ئارقىسىغا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ. ئەكپەرنى ئىچى-ئىچىدىن يىغا تۇتىدۇ. ئۆز كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئانىنىڭ ئىچى ئازاپتىن پارام-پارچە بولىدۇ.
مانا ماشۇ قىرغىنچىلىققا قاتناشقان ئوۋچىلارنىڭ ئىچىدە ئابدىئاسمۇ بار ئىدى. لىكىن ئۇ بۇ قىرغىنچىلىققا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىققان بولسىمۇ، ئۇلارغا كۈچى يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەم سىياقىدىكى ۋەھشى يىرتقۇچلار بولۇپ، ھەممىسى دېگۇدەك ھاراقكەش، لۇكچەك كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بۇ ھاياتتا ھېچ مەۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان، ھەتتا بىر پالتىغا ساپمۇ بولالمىغان لۇكچەكلەر ئىدى. ئابدىئاس ئۇلارغا نەسىھەت قىلىمەن دەپ قاتتىق تاياق يەيدۇ. ئۇ لۇكچەكلەر ئابدىئاس ئۇرۇپ چالا ئۆلۇك قىلىپ تۆۋرۇككە باغلاپ قويۇپ كىتىدۇ. ئۇ دەل جان ئۇزۇش ئالدىدىكى خىياللىرىنى ئاپتور مۇنداق يازىدۇ:
”ئەمەلىيەتتە بۇ خىياللارنى نەچچە قېتىملاپ ئازاپلار ئىچىدە ئىڭراپ تۇرۇپ ئەسلىگەن. بۇ ئۈمىدلەرنىڭ بەدەلى كەلگۈسىدە تۆكىلىدىغان كۆز ياشلارتى. چۈنكى خىيالدىن تۇغۇلغان ئۈمىد، تەبىئىي ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئاشۇ زامان ئىچىدە يوق بولۇپ كېتەتتى، ئاساسى يوق ئىدى. خۇددى يىلتىزى يوق بەزى دەرەخلەر ۋە گۈللەرگە ئوخشاش. خىياللارنىڭ تراگىدىيەلىك تەغدىرى ئەنە شۇنداق بولاتتى. ئەمما يەنە خىيالسىز ھايات يوق. ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدىغان يولدا خىياللار كېرەك ”

ئابدىئاس مۇنداق دەيدۇ:“ئىنسان كۆڭلىنى فەتىھ قىلغان ئىدى. مانا ماشۇنداق قىلىپ نەسىلدىن نەسىلگە ئىنسان زىھنىنى خۇددى چاقماق قايتۇرغۇچى ئۇسكىنىدەك چاقماقلارنىڭ تۇپراققا يۇزلەنمەسلىكى ئۈچۈن ئەزەلدىن بىرى بار بولغان شۈبھىلەردىن قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى. چۈنكى بۇلار ھاياتنىڭ ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەسلى قۇۋەتنىڭ خىمىرتۇرۇشلىرى ئىدى. مەن ئاشۇ گۇمانلار ئىچىدە چوڭ بولدۇم. ئىمان كۈچىنى باستۇرۋاتقان بىر زاماندا دۇنياغا كەلدىم. مەن ماشۇ زاماننىڭ مەھسۇلى بولىمەن. نەزىرىيەلەرنىڭ سەۋەبىدىن ھەر تەرەپكە ئىشتىرلىپ، سوقۇلۇپ يۇرگەن بىرسىمەن. تارىخنىڭ بىر ئويۇنچۇقى ئىدىم ۋە تەغدىر ئۆز ئىنتىقامىنى مەندىن ئالماقتا.“

ئاپتور يەنە مۇنداق دەيدۇ:“مەسىلە گۇناھكار ياكى گۇناھسىز، قۇربان ياكى ھاياتتا بولۇش مەسىلىسى ئەمەس. تەڭرى، بىر جانلىقنى باشقا بىر جانلىققا يەم بولۇش ئۈچۈن ياراتقان ئىدى. پەقەت ئىنساننىڭ تەغدىرى ئۇنداق ئەمەستى. ئۇ ئۆز رىزقىنى ماڭلاي تەرى بىلەن ، ھايۋانلارنى بىقىش بىلەن تەبىئەتنى ئۆز پايدىسىغا قوللىنىش ئارقىلىق ياشاشنى بىلەتتى.“
ئابدىئاس تۈرۈككە باغلاقلىق ھالدا جان ئۇزۇۋاتقاندا، چىش بۆرە ئەكپەر يىنىغا كىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆزلىرى ئۈچرىشىدۇ. ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكىسى كىلىدۇ لېكىن ئەكپەر ئۇنى تونىغاندەك بىر تۇيغىغا كىلىپ، چىقىلمايدۇ. ئابدىئاسمۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپەسنى بېرىپ، ئۇ دۇنياغا كىتىدۇ.

بۇ يەرلەرنى ئاپتور مۇنداق يازىدۇ:“شەپەقنىڭ بىرىنچى يورۇقلۇقىدا، بۆرىلەرنىڭ ئۈچۈنچى قىتىم ھوۋلىشىدا، ئۇلار يولغا چىققان ئىدى. ناھايىتى ئورۇقلاپ كەتكەن ئەكپەر ئالدىدا كىتىۋاتاتتى. تاشچاينار بولسا ئاخساپ، ئاخساپ ئارقىسىدىن ماڭاتتى. قارىماققا ئىنسانلار يوق ئىدى. ئەمما بۇ ئىككى ھايۋان يەنە خۇددى يەرگە كۆمۇلگەن مىنالارنى دەسسەۋالىدىغاندەك ئاۋايلاپ ماڭاتتى. ھەر بىر قەدەمدە پۇتىغا ئەسكى بىر نەرسىلەر پۇتلىشاتتى. ئوت كۆيدۇرۋەتكەن كونسىرۋا قۇتۇلىرىنىڭ قالدۇقلىرى، سۇنۇق بوتۇلكىلار، ماشىنلارنىڭ چاقلىرى، كولاۋەتكەن ئازگاللار، ناھايىتى سېسىق پۇرايدىغان بوتۇلكىلار، ئارتۇق بۇ يەرلەردە ياشاش مۇمكىن ئەمەسلىگىنى كۆرسۇتۇپ بېرەتتى. بۇ يەرلەردىن كىتىشكە توغرا كىلەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەرلەرنى تەرك ئىتىشكە قارار بەردى. بۆرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىنسان ئىدى. ئىنسان پۈتۈن پالكەتلەرنىڭ مەمبەسى. ئۇنىڭ ئىتىلىپ بوينىنى چىشلىمەكچى بولدى. ئەمما بىردىنلا تۇرۇپ قالدى. ئۇنى تونىدى“

ئاندىن ئەكپەر بىلەن تاشچارنار بۇ زۇلمەت باسقان دوزاقتىن يىراقلىشىپ، ياد يۇرتلارغا قاراپ سەرگەردار بولۇپ كىتىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەكپەرنىڭ قوسىقىدا يەنە قالىدۇ. ئۇ بەش كۈچۈك تۇغىدۇ. ئەمما بۇلار ياشاۋاتقان ئورماندا قىممەت باھالىق مەدەنلەر تىپىلغانلىقتىن، ئىنسانلار بۇ ئورمانغا ئوت قويۇپ يول ئاچىدۇ، ئورمانلىقنى كۆيدۇرۇپ كۈلگە ئايلاندۇرىدۇ. بۆرىلەر قاچىدىغان يەر ئىزدەيدۇ. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كۈچۈكلىرىنى ئېلىپ قىچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. پۈتۈن ئۇچارقۇشلار چارىسىزلىكتىن ئۇياق بۇياققا ئۇچۇپ كۆك يۇزىدە لەيلەپ يۇرىيدۇ. بۆرىلەر بالىلىرىنى بىرقانچە قىتىم ئۇيەردىن بۇ يەرگە توشىغان بولسىمۇ، بارغانسىرى ئۇلۇغلاۋاتقان ئوتتىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مانا شۇ تاپتا ھاياتلىرىدا ئىككىنچى قىتىم قىيامەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار ئالدىدا ئۆركەشلەپ ئىقىۋاتقان دەرياغا باقىدۇ. پەقەت دەريادىن ئۇزۇپ ئۆتۇپلا قۇتۇلالايدىغانلىغىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ھەر بىرى بىردىن ئىككى بالىسىنى چىشلەپ سۇغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. قالغان ئۈچ بالىسى دەريانىڭ ئۇ قىتىدا قالىدۇ. ئەمما ئۇلار بارلىق كۈچى بىلەن ئۇزۇپ ئۇيققا ئۆتكەن بىلەن، ئۇ ئىككى بالىلىسى سۇدا بوغۇلۇپ ئۆلۇپ قالىدۇ. بۆرىلەر بالىلىرىنى شورلۇق يەرگە تاشلاپ قويۇپ، نائىلاج يېراق يېراقلاردىكى يۇرتلارغا قاراپ يول ئالدى.
ئاپتور روماندا ئۆز ھېسياتلىرىنى مۇنداق ئىزھار قىلىدۇ:“ھەي! ھايۋانلارنىڭ ھەم ئەسىرى ھەم ئىلاھى بولغان ئىنسانلار! بۇ ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشايدۇ، ئەمما باشقا جانلىقلارنى، بولۇپمۇ ئۇلارغا باغلانماي ئەركىن ياشىماقچى بولغان ۋە بۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھەققى بولغانلارنىڭ ياخشىشىنى پەقەت خالىمايدۇ.“

يازغۇچى يەنە مۇنداق دەيدۇ:“ھاياتلىق بارلىق ھېچلىكلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ قۇتسال ھېچ بىر نەرسە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق جانلىقلارنى ئۆلتۇرمەسلىككە مەجبۇر بىز. ئەگەر دۈشمەن كىلىپ سېنىڭ تۇپرىقىڭنى ئىشغال قىلغان بولسا، ئۇ دۈشمەن بىلەن سوقۇشىمىز، ئېلىشىمىز ئۇ دۈشمەننى ئانا ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز، ئىمانىمىز.دۈشمەن تۇپراقلىرىمىزدا ئىكەن بۇ بىزگە ئازاپ بېرىدۇ.بۇ ئۈستىمىزگە چۈشكەن تاغدەك بىزنى ئېزىپ يانچىيدۇ.چۈنكى ۋەتەن بولمىسا بىزگە خاتىرجەملىك يوق، مۇھەببەت يوق، مۇھەببەت يوق ئىكەن گۈزەللىكمۇن يوق، بارلىق رەڭلەرمۇ يوق. نۈرمۇ يوق، خوشاللىقمۇ يوق، ھۇزۇرمۇ يوق، ناخشىلارمۇ يوق“

ئاپتور ھېكايىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ سىمۋولى بولغان بۆرىلەر بىلەن چارۋۇچىلارنىڭ تۇرمۇشلىرىنى بىر-بىرسىگە باغلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەكپەر ۋە تاشچاينار ئۆز بېشىنى ئېلىپ ئالا-مەنگۈ تاغلىرىغا كېلىدۇ. ئەكپەر بۇ يەردە تۆت كۈچۈك تۇغىدۇ. بۇ يەردىكى چارۋۇچىلار ئارىسىدا ھايۋان تىجارىتى قىلىدىغان، دائىم ھاراق ئىچىپ يۇرۇيدىغان، ئاچ كۆز بازارباي دېگەن بىر كىشى بار. بۇ كىشى بىر كۈنى تاغ ئارىسىدا ئاتلىق مەس كىتىۋېتىپ، بۆرە كۈچۈكلىرىنىڭ ئېڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپتىكى بۆرە ئىنسىدىكى كۈچۈكلەرنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئوۋدىن قۇرۇق قول يانغان ئەكپەر بىلەن تاشچارنار ئۆز ئىنلىرىدا بالىلىرىنىڭ يوقلىغىنى كۆرۇپ، دەرھال ئىز قوغلاپ بازارباينىڭ ئارقىسىغا چۈشىدۇ. بازارباي بۇنى سىزىپ قىلىپ چارۋۇچى تونىشى بوستوننىڭ ئۆيىگە پانالىنىدۇ. ئۇ كۈن بوستون ئۆيىدە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى، كىچىك ئوغلى ۋە ئىشلەمچى پادىشىلار بار ئىدى. ئەكپەر بىلەن تاشچاينار ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ بار كۈچى بىلەن ھوۋلايدۇ. پادىچىلار تاڭ ئاتقاندا بازارباينى تۆت كۈچۈك بىلەن بىرگە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بوستون ناھايىتى ئىشچان، ئادىل، توغرا سۆزلۇك كىشى بولۇپ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بازارباينىڭ ئۆيىگە ئاتايىتەن بېرىپ، ئۇ بۆرە كۈچۈكلىرىنى ئىنلىرىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىدۇ ھەتتا پۇلغا سېتىۋالماقچىمۇ بولىدۇ. ئەمما بازايباي بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىنى ساقلاپ، ئۇنى تىللاپ كەتكۇزىۋىتىدۇ ۋە كۈچۈكلەرنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا سېتىۋېتىپ، ساتقان پۇلغا ھاراق ئىچىدۇ. ئەمما بوغۇلۇق بۆرىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى كەچتە بوستوننىڭ ئۆينىڭ ئارقىسىغا كىلىپ قان-زار ئىچىدە نالە قىلىپ ھوۋلايدۇ. بوستون ھامان بىر كۈنى بۆرىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققۇپ كىچىدە كۆزىگە ئۇيقا كىرمەي تاڭ ئاتقىزىدۇ.
ئاپتور مۇنداق دەيدۇ:“ئۇلار بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ھوۋلايتتى. بىرسى ھوۋلاپ ھوۋلاپ يىغلاشلىرىنىڭ ئارقىسىدىن دەخشەتلىك ۋاقىراشلىرى ئاڭلىناتتى. جار سالاتتى، ئاندىن تەھدىت قىلاتتى. ئۈمىدسىزلىك، چارىسىزلىك ئىچىدە قالغانلىغىنى پۈتۈن ئالەمگە ئاڭلاتماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدا مۇدھىش بىر ئازاپ، مۇدھىش بىر غەزەپ بار ئىدى. بىرسى توختىسا ، ئارقىسىدىن يەنە بىرسىنىڭ ھوۋلىغان ئاۋازى جاھاننى زىل-زىلگە سالاتتى“

بۆرىلەرنىڭ ئادەمنىڭ يۇرەكلىرىنى لەختە-لەختە قىلىدىغان ھوۋلاشلىرى داۋام قىلماقتا. ئۇلار ھەقسىزلىك، ئادالەتسىزلىك قاپلىغان جەمىيەتكە قارشى ئۆز ھوۋلاشلىرى ئارقىلىق ئىسيان كۆتۇرۋاتاتتى. ئۇلار دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان كۆزلىرى بىلەن ئەتراپنى كۈزۈتۇپ ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى. بولۇپمۇ ئانا بۆرىنىڭ نالىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى. بۇ بۆرىنىڭ نالىسىنى، دات-پەرياتلىرىنى ئەتراپتىكى ئىگىز تاغلار ھېچ تۇيمىغاندەك ئۆز جايىدا قىمىرلىماي تۇراتتى.
شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى تاشچاينار ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، بوستونغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە بوستون ئۇنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرۋىتىدۇ. بوستون بۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ قورقۇ ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى ئەكپەر ھايات بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئىنتىقامىنى چوقۇم ئالىدىغانلىغىغا ئىشىنىدۇ. ماشۇ كۈنلەردە ئەكپەر بەكمۇ يالغۇزچىلىق تارتىدۇ. ئۇ شۇنچە يىل بىرگە يۇرگەن قەدىناس ھەمراسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆكۇنىدۇ. ئىككى بېقىنى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بەدنلىرىنى ئاستا يۆتكەپ، ئۆز كۈچۈكلىرى ياتقان يەرگە كىلىدۇ. ئۇ بالىلىرىنىڭ ھېدىنى پۇراپ ھارغىن ھالدا ئۇخلاپ قالىدۇ ۋە چۈش كۆرىدۇ. چۈشىدە بالىلىرىنى ئىمىتىدۇ. چىڭقىلىپ كەتكەن كۆكسىدىن بۇدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۇتلەرنى باللىرى قانغىدەك ئىمىدۇ. ئۇ باللىرىنى شەپقەت بىلەن باغرىغا باسىدۇ. باللىرى قانچە ئىمىتسىمۇ كۆكسىدىكى سۇت ھېچ تۇگىمەيدۇ. ئاندىن ئۇلار مۇجۇنكۇم يايلاقلىرىدا ئوينايدۇ. تۆت بالىسى يايلاقتا ئۇچقان قۇشلاردەك تىز چاپىدۇ. چىش بۆرە ئارقىسىدىن چاپىدۇ. تاشچاينار بولسا ئارقىسىدىن ئۇلارنى قوغداپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ يۇگرەيدۇ. كۆپكۆك ئاسماندىكى قۇياش ئۇلارغا پەخىرلىنىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئاندىن چىش بۆرە ئويغىنىپ كېتىدۇ. مانا ماشۇ چاغدىكى ئەكپەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاپتور مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
”چىش بۆرە بىردىنلا ئۇيقۇسىدىن كۆزىنى ئاچتى. بىردەم ئورنىدىن تۇرالماي قالدى. چۈنكى ھەممە تەرىپى ئاغرىۋاتاتتى. ئاندىن ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئادىتى بويىچە ئىنسىدىن سىرتقا چىقتى. شۇنچىلىك ئاستا ھەركەت قىلدى. ئەكپەر بىردىنلا كۆزىنى كۆكتىكى ئايغا تىكتى. كۆكتە يۇلتۇزلار، تاغلارنىڭ چوققىسىدا ئاي شۇنچىلىك پاقىراق ، شۇنچىلىك يىقىن كۆرۇندى. خۇددى قولىنى ئۇزاتسا تىگىدىغاندەكلا ئىدى. شاقىراشلىرى ھېچ توختىمايدىغان ئاشۇ دەريانىڭ بويىدا، باشلىرى ئىگىك ۋە ئىپادىلەپ بولالمايدىغان ئازاپلار ئىچىدە ئازراق ماڭغاندىن كىيىن توختاپ، ئارقا پۇتلىرىنىڭ ئۇستىدە ئولتۇردى. كۆزلىرىنى كۆككە قارىتىپ ئۇزاققىچە باقتى ۋە ئۇ سىرىق چوڭ يۇلتۇزلار ئارىسىدا ياشىغان بۆرە ئانېنى (بۆرىلەر تەڭرىسىنى) ناھايىتىمۇ ئىنىق كۆردى. بۆرە ئانېنى بىرىنچى قىتىم ئەنە ئاشۇنداق يىقىندىن ئىنىق كۆرۇشى ئىدى. ئۇنىڭ بويۇنلىرى شۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايتى. ئېچىلغان ئاغزى، ئارقىسىغا توغرا ئۇزانغان قۇيرۇقى بەكمۇ روشەن كۆرىنىپ تۇراتتى. چىش بۆرە،بۆرە ئانېنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندەك ۋە ئۆزىنى تۇيغاندەك ھېس قىلدى. دەل ماشۇ چاغدا ئىسسىق نەپەسىدىن دولقۇنلاپ چىققان بىر ئاۋاز بىلەن بۆرە ئانېغا قاراپ مۇنداق نىدا قىلدى:
ئەي بۆرىلەرنىڭ ئىلاھىسى بۆرە ئانا! ماڭا ياخشى بىر قارىغىن. مانا ئۇدۇلۇڭدا تۇرۇپتىمەن. مەن ئەكپەر بولىمەن. بۇ سوغاق تاغلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەن بولىمەن. ياپمۇ-يالغۇز، تەلەيسىز ئەكپەر. دەرتلىرىم ئالەمچە بۇيۇك. قانچىلىك يىغلاۋاتقانلىغىمنى كۆرىۋاتامسەن؟ قان يىغلاۋاتىمەن، ھۆكۇرەپ-ھۆكۇرەپ يىغلاۋاتىمەن. ئاڭلاۋاتامسەن؟ كۆزلىرىمدىن ئاققان قان ياسشلىرىنى كۆرۋاتامسەن. پۈتۈن ھاياتىم ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتتى. كۆكسۇم كېرەكسىز سۈتلەر بىلەن تولدى. سۇتىمنى ئىمىتىدىغان، سۇتۇم بىلەن باقىدىغان باللىرىمنى ئىلىمدىن ئالدى. باللىرىمنى بۇلاپ كەتتى. ئۇلارنى ئىنسانلار ئوغۇرلىدى. نەردە مېنىڭ ئۇ ئوماق باللىرىم؟ قەيەرلەردە؟ تۆۋەنگە چۈش ئەي بۆرىلەرنىڭ بىغۇبار تەڭرىسى. سېنى تۇغۇلغان ئانا تۇپراقلىرىمغا ئاپىراي، ئەمدى بۆرىلەرنىڭ يايلاقلاردا ، ئۇ ئانا يۇرتلاردا ياشاش ئىمكانىيەتلىرى قالمىدى. ئۇ يەردە ياشاش ھوقۇقلىرى يوق. بۇ ھەقلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئېلىۋالدى. بىزنىڭ ھەتتا تاغلاردىمۇ ياشاش ھەقلىرىمىز قالمىدى. ئۇ يەرلەردىنمۇ بىزنى قوغلىدى. ھېچ بىر يەردە بۆرىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى يوق. ھەممىنى قولىمىزدىن ئالدى. تۆۋەنگە چۈشۇشنى خالىمىساڭ ئەي بۆرە ئانا! ئۇنداقتا مېنى يېنىڭغا ئېلىپ چىقىپ كەت. مەن ئەكپەر بولىمەن. بالىلىرىمنى ئوغۇرلۇتۇپ قويغان بىچارە چىش بۆرە مەن بولىمەن. سېنىڭ بىلەن بىرگە ئايدا ياشاشنى ئىستەيمەن. شۇ يەردە تۇرۇپ ئانا تۇپراققا قانلىق ياشلىرىمنى تۆكمەكچىمەن. مېنى ئاڭلا بۆرە ئانا! بۆرە ئانا! مېنى ئاڭلا. كۆز ياشلىرىمنى كۆرگىن بۆرە ئانا!“

مانا ماشۇ يەرلەرگە كەلگەن چىش بۆرىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنى مەنمۇ كۆرگەن، ئۇنىڭ تارتقان ئازاپلىرىنى مەن تارتقانلىغىمنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. چۈشلىرىمدە ئانامنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، ماڭا ئىلىم بەرگەن ئۇستازلىرىمنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق ياشاش ھوقۇقلىرىنى ئەلىدىن ئالغانلىغىنى، قاراڭغۇ زىندانلاردا ياشاۋاتقانلىغىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇلۇغ ئاللاھغا نىدا قىلدىم، يېزىۋاتقان يازمامنى توختۇتۇپ، بالكونغا چىقىپ ئاۋازىمنى چىقىرىپ ۋاقىردىم ۋە ۋاقىرغانچە ئاجايىپ بىر ئازاپلىق تۇيغۇ ئىچىدە قالدىم. ئاندىن ئىچ-ئىچىمدىم ئۆكسۇپ يىغلىدىم، ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادا شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلدىم. خۇددى ئەتراپىمدا ئاشۇ چىش بۆرىنىڭكىدەك ھېچكىم قالمىغاندەك، يا بىر ئىنسان، يا بىر قۇش، يا بىر ئىگىسىز ئىت، ياكى ئاۋازلىرى بىلەن ماڭ ماكان ۋە زاماننى ئەسلىتىدىغان شامال. مەن ئاستا شېرە يىنىغا كېلىپ قەزەز يۇزىدىكى يازمامغا قارىدىم. ئاندىن قايتىدىن بىر ئۈمىدنىڭ نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇم-دە، جالالىدىن رۇمىنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم:“ئىنسان سۇغا چۈشۇپكەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇنچۇقۇپ قالمايدۇ، بەلكى سۇدىن چىقالمىغانلىغى ئۈچۈن تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ“. مەن مۇزلىغان، تاترغان قوللىرىم بىلەن قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ يەنە يېزىشنى باشلىدىم.

بىر كۈنى چىش بۆرە بوستوننىڭ ئويناۋاتقان ئوغلى كەنجەنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز كۈچۈكلىرىنىڭ پۇرىقىنى سېزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ پەيت كەلدى دەپ بىلىپ بالىنى چىشلەپ ئېلىپ قاچىدۇ. بۇنى كۆرگەن بوستون دەرھال مىلتىقىنى ئېلىپ ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. ۋە ئەكپەرنى چەللەپ ئۈچ پاي ئوق ئاتىدۇ. ئەكپەر يىقىلىدۇ. بوستان يۇگرەپ قان ئىچىدە جان تالىشىپ ياتقان چىش بۆرە ئەكپەرنىڭ قىشىغا بارسا، ئۆز ئوغلىنىڭمۇ قان ئىچىدە ياتقانلىغىنى كۆرىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوق كەنجەنىڭ كۆكسىگە تەككەن ئىكەن. بوستون ئۈچۈن ئەمدى قىيامەت بولغاندەك، خۇددى ئەكپەردەك كۆزدىن ئاققان قان ياشلار ئىچىدە بوغۇلغاندەك ھالغا كېلىدۇ.بوستوننىڭ ئاھ زارلىرى پۇتۇن جىلغىنى زىلزىلغا سالىدۇ. ئۇ ھوشىنى يىغىپ، قورالىنى بەتلەپ، ئاتقا مېنىپ ئۇدۇل بزارباينىڭ ئۆيىگە قاراپ ئات سالىدۇ. ئۇ پۈتۈن قانلىق تراگىدىيەلەرنىڭ سەۋەپچىسى ئاشۇ ئاچ كۆز بازارباي دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئۈچ پاي ئوق ئىتىپ، ئۇنى ئۆلتۇرىدۇ ۋە ھوشىنى يوقاتقان ھالدا كۆلگە قاراپ يول ئالدۇ.
يازغۇچى بۇ يەرلەرنى مۇنداق قەلەمگە ئالىدۇ:
”بوستون ئەتراپقا شۇنچىلىك سەت ئالىيىپ قاراپ، پەس ئاۋاز بىلەن،ئەمما ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: ”بۇنچىلى بولار ئەمدى! سىزگە دېدىم، تۇرغان جايىڭىزدا قىمىر قىلماي تۇرۇڭلار. مەن بېرىپ ئۆزۈم تەسلىم بولىمەن، بىلدىڭلارمۇ؟ ئۆزۈمنى ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن.“
ھېچكىم ئاغزىنى ئېچىپ بىر نېمە دىيەلمىدى. بوستون مانا شۇ چاغدا بىلدىكى، شۇنچە يىل بىرگە ئىشلىگەن، ھەر بىرى بىلەن ئارىم ئايرىم دوست بولغان، شۇنچىلىك ياخشى تونىغان بۇ ئىنسانلار بىلەن ئۆزىنى كۆرۇنمەس بىر چېگرانىڭ ئايرىغانلىغىنى. بۇ ئىنسانلار بىردىنلا باشقا بىر ئىنسانلارغا ئۆزگەرگەن ۋە خۇددى ھازىر ئۇلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەن ياد ئىنسانلاردەك تۇيۇلدى. بۇ يۈزلەر ھازىر يادلاشقانلىقتىن، ئۇزاقلاشقانلىقتىن باشقا بىر ئىپادە بىلدۇرمەيتى. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چىقىپ تۇرغىنى ئۆلۇكتىن باشقا بىرنەرسە ئەمستى…….
بوستون بېشىنى ئالدىغا ئېگىپ تۇرۇپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي چىقىپ كەتتى. ئۆزىگە ئەڭ سادىق ئېتى بولغان دونكۇلۈكنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتتىدە ئۇدۇل كۆلگە قاراپ يول ئالدى. ساقچىغا بېرىپ، تەسلىم بولماچىتى، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى يېتىپ كەلگەنتى.
قىيامەت بولدى دەپ ۋاقىردى ناھايىتى يۇقۇرى بىر ئاۋاز بىلەن. ئەمدى ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ھەقىقەت بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل دوقۇرشۇپ قالغانلىغىنى ياخشى چۈشەندى. ئۇ پۈتۈن تەبىئەتنى دائىم كۆڭلىدە ياشاتقان ئىدى. ئۆلگەن ئۇ تەبىئەت ئىدى. كۆك يۈزى، يەر يۇزى، تاغلار…ئۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇلار ئۇ ئىدى.
چىش بۆرە ئەكپەر، بۇيۇك دېڭىز ۋە ئۇنىڭدا كۆرگەن ھەممە نەرسە ئۆزى ئىدى. ئالا-مەنگۈنىڭ مۇزلىرى ئاراسىدا مەڭگۇلۇك توڭلاپ قالغان ئەرنازار ۋە ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۇرگەن كىچىك كەنجە، روھىدىن سۆكۇپ ئېتىش ئۈچۈن ئۆلتۇرمەكچى بولغان بازارباي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىدى. توغرا، ھاياتى بويىچە كۆرگىنى، تايانغان ھەممە نەرسە جۈملىدىن پۈتۈن بۇ كىچىك تەبىئەت، بۇ كىچىك كائىناتنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىدى. ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ھەر ۋاقىت بۇ دۇنيانى ئىچىدە توشۇپ يۇرگەن ۋە ئىچىدە ياشناتقان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ دۇنيا بەربات بولدى، يوق بولۇپ كەتتى. قەلبى يەنە ئۆزىگە ئوخشايتى، ئەمما باشقا يەرلەردە ئىدى. بۇ دۇنياغا يادلىشىپ كەتكەن ئىدى. ماشۇ سەۋەپلەردىن ئۇ باشقا بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ يالغۇز ۋە پەقەت ھېچ بىر نەرسىگە ئوخشىمايدىغان بۇ تەبىئەت دۇنياسى ئەمدى ھېچ بىر يەردە ، ھېچ بىر زامان مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ يوقاتقان نەرسىلىرى ئەنا ئاشۇنداق چوڭ. ئەڭ بۇيۇك بوھران بېشىغا كەلگەن ئىدى.
بىردىنلا تۇرۇپ ئېتىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى ۋە يىغلاشقا باشلىدى.ئاھ! دونكۇلۈك، نېمىلەرنى قىلغىنىمنى بىلمەيسەن، ئوغلۇمنى ئۆلتۇردۇم، ئۇنى يەرلىگىدە قويماي تۇرۇپ ئايرىلدىم. سۆيۈملۇك ئايالىمدىن ئايرىلدىم. ئاتنىڭ قۇلاقلىرىنى سىقتى، قوسىقىغا تەگمىسۇن دەپ ئۈزەنگىنىڭ تاسمىسىنى قىسقارتتى. ئەلۋىدا! دېدى. قىنى ئەمدى كەت، ئۆيىڭگە قايت! قەيەرنى خالىساڭ شۇ يەرگە كەت، بۇندىن كىيىن ھېچ كۆرۇشەلمەيمىز. ئاتنىڭ ساغرىسىغا يەڭگىل ئۇردى ۋە ئات ئۆزىنى ئەركىن قويۋەتكىنى قاراپ بىر ئاز تەئەجۇپلەندى-دە، ئاندىن ئالاقاياقلارغا قاراپ يول ئالدى. بوستون يالغۇز، ياپمۇ-يالغۇز يولىنى داۋام قىلدى..
كۆلنىڭ كۆك يۈزى ئاستا-ئاستا چوڭىيا-چوڭىيا يىقىنلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سۇلىرىدا ئېرىمەك، ئۇنىڭ ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىشنى ئويلايتتى. ئىچىدە ياشاش ئارزۇسى پەيدا بولۇپ يەنە يوقايتتى. خۇددى ئۆرلىگەن ئاندىن يەنە چۈشكەن، ئۆزىنىڭ كۆپۈكلىرى ئاراسىدىن يەنە قايتا چىققان دولقۇنلارغا ئوخشايتى.“

يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوف مانا بۇ رومانىدا ئەنە ئاشۇنداق بىربىرىگە گېرەلىشىپ، باغلىنىپ كەتكەن ئاجايىپ ھېكايىلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئەسەرلىرىدە دائىم تەكىتلەيدىغان ئىلاھى بىر قۇدرەتنىڭ بارلىغىنى تەكىتلەيدۇ ۋە كىتابخانىلارغا بۇ ئىلاھى قۇدرەتنىڭ ئۆز ھېكمەتنىڭ ماھىيىتىنى، تەبىئەت ھادىسلىرى، ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردىكى ئەمەلى ئەخۋاللار بىلەن باغلاپ چۈشەندۇرۇپ، بىزنىمۇ ئاشۇ چىش بۆرە كۆرگەن چۈشلەر ئىچىدە بىھۇش قىلىدۇ ۋە يەنە قايتتا ئويغۇتۇپ بىزنى قاتتىق ئىزتىراپ ئىچىگە چۆكتۇرىدۇ ھەمدە تەپەككۇر بوشلىقىغان باشلاپ ئەكىرىدۇ. شۇنىڭدەك دۇنيادىكى بارلىق مەسىللەرگە يەنىلا ئىنسان ئۆزى سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى، ئىلاھى بارلىق بولغان ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن، ئۆز تەپەككۇرى بىلەن تۇزۇپ چىققان دۆلەت، تۇزۇم، ئاجايىپ قانۇنلىرىنى بىلەن بىزەلگەن سىستىملار، ئىدىيەلەر، دۆلەت ئاپاراتلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا سىڭدۇرگەن ۋە پۈتۈن تەبىئەتنىڭ مىزانلىرىغا زىت بولغان ئاتالمىش كوممۇنىزىم، سوتسىئالىزىم ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىپ كەتكەن يۇزىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاشۇ چىرىك ئىدىيەلەر تۈركىسى ئاستىدا مانا ماشۇ ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ بىز ئىنسانلارغا قىلغان ئارماغانى بولغان گۈزەل تەبىئەتنى ۋە بارلىق جانلىقلارنى خانىۋەيران قىلىۋېتىپ، ئەڭ ئاخىردا ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.

27.10.2018
گېرمانىيە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 22

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش