ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى

ئابدۇرازاق سايىم، ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى، تۇرنىسا روزى، ئەلى غوپۇر، كۇرەش تاھىر

مۇھەررىر ئىلاۋىسى: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى باش تېما قىلغان مەملىكەتلىك 4 _ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۇ يىل 5 _ ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا مەملىكەتنىڭ جاي _ جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلار، ئەدىبلەر، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى تەرەققىياتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇنداقلا ئاخبارات، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 120 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغندا ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئوقۇلدى ھەم خۇنەن ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت تۈرلۈك تېمىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.

ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، تۇرمۇش ئەھۋالى، ئۆرپ – ئادىتى، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن يىغىنغا بارغانلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆرگەن ماتېرىيال ۋە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن يازغان بۇ ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

خونەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى دېگەندە ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخىنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال بۇ قوۋمنىڭ تاۋيۈەنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم تارىخىي كارتىنىلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى توغرىلىق ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان يازما مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى قۇمۇل ۋە تۇرپان ئويمانلىقى، 9 – ئەىسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 13 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئىدى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى موڭغۇل يايلاقلىرىدا بىر سىياسىي كۈچ مەيدانغا چىققان. ئۇ بولسىمۇ چىڭگىزخان قۇرغان موڭغۇل خانلىقى ئىدى. چىڭگىزخان ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان نايمان قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، نەزەرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا ىككەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەختىدە بارچۇق ئارت تېكىن ئىسىملىك بىر ئىدىقۇ ئولتۇرغان. بۇ كىشى ئىنتايىن باتۇر ھەم دانە بولۇپ، 1209 – يىلى ۋەزىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، غەربىي لياۋنىڭ قۇچۇدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ چىڭگىزخانغا ئەلچى ئەۋەتكەن.

ئىدىقۇتنىڭ چىڭگىزخانغا بېقىنغان ۋاقتى دەل چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى باشلىغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشلىرىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

1219 – يىلى چىڭگىزخان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى باشلاپ ئېرتىش دەرياسى بويىغا كەلگەندە، ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن 10 مىڭ كىشلىك ئۇيغۇر قوشۇنىنى باشلاپ، موڭغۇل قوشۇنىغا قوشۇلغان. بۇ قوشۇن سىر دەريا ۋادىسىغا بارغاندا، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوقىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاجرىتىپ بېرىلگەن، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر قوشۇنى سىر دەرياسى بويىدكى سگناخ قەلئەسى، ئۆزگەنچ قەلئەسى، ئىشناس قەلئەسى، يېڭى كەنت، خارازىم، سەمەرقەنت، بۇخارا، خوجەنت، ئىراندىكى مەرۋى، نىشاپۇر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېلىشتا ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلغان. شۇڭا چىڭگىزخان باشلىق موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى بۇ قوشۇننىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇلارنى «ئىنتىزامى قاتتىق، ھەممە يەردە غالىب» دەپ مەدھىيلىگەن.

چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرى ئىستېلا قىلغان زېمىنلارنى پەرزەنتلىرى ۋە تۆھپىكار ئەمەلدارلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، سۇيۇرغال قىلىنغان زېمىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن شۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى ئۆز پېتىچە ساقلاپ قالغان.

چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ قايىپ كەلگەندىن كېيىن، تاڭغىتلارغا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى چىڭخەي، گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان.

قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن بۇيرۇققا بىنائەن يەنە بىر قېتىم 10 مىڭ كىشلىك ئۇيغۇر قوشۇنىنى باشلاپ، چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدىكى بۇ ئاخىرقى يۈرۈشكە قاتناشقان. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىغا قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر قوشۇنى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ سىچۈەن ئويمانلىقى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شىزاڭ ئېگىزلىكىدە بولغان جەڭلەرگە قاتناشقان.

مۇشۇ خىل تارىخىي شارائىتتا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بېرىپ ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكىرى جايلارغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپەيگەن مەزگىلدە 75 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

ئىچكىرىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى يوڭچاڭ (ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدە)، بېيجىڭ، خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي قىسىم رايونى، شەنشىنىڭ پىڭلياڭ، فېڭشياڭ، شىئەن، خېنەننىڭ دېڭجو، شياڭياڭ ناھىيىلىرى ھەمدە يۈەننەننىڭ ۋۇمىڭ رايونىدا ئولتۇراقلاشقان.

يۈەن سۇلالىسى ئوردىسى نېمە ئۈچۈن تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئىچكى جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ؟ بۇنى ئالدى بىلەن يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ھەقىقىي يادروسى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئۇ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەمدە خان جەمەتى بىلەن قۇدىلاشقان جەمەتلەر؛ يەنە بىرى موڭغۇل ۋە رەڭدار كۆزلۈكلەردىن چىققان ھەربىي باشلىقلار ھەمدە ئۇلرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلۈكىدىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان، بەشىنچى ئوغۇللۇق ھەم گورىگانلىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولغاچقا، يۈەن سۇلالىسى قايدۇ ۋە دوۋا توپلىڭىدا شىكەستە يېگەن ئىدىقۇت خان جەمەتى ۋە ئۇلار بىلە بىر تۈمەن تۈتۈن كىشىنى يوڭچاڭغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرغان. يۈەن سۇلالىسى تارىخنامىلىرى ۋە «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئالدى – كەينىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان. بۇ موڭغۇل خان جەمەتىنىڭ ئىدىقۇت خان جەمەتىنىڭ تۆھپىسىگە بەرگەن تارتۇقى ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، موڭغۇل ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تەبىقە ۋە ئاقىللىرىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش ئويىدا بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈپ مەنسەپكە قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوردا ئۇيغۇرلارنى ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈشتە ئەڭ مۇھىمى ھەربىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، توپىلاڭلارنى تىنجىتىشتا ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سودا – تىجارەت ئۈچۈن ئىچكى جايلارغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.

بىر ھازىر تىلغا ئېلىۋاتقان خۇنەن ئۇيغۇرلىرى دەل ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئۇلار ئالدى بىلەن ئىدىقۇت خان جەمەتى بىلەن بىللە يوڭچاڭغا كۆچكەن، ئاندىن ئۇلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئاستانىگە بېرىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى خۇنەن، يۈەننەن، گۇاڭشى تەرەپلەرگە بېرىپ ئاخىرى خۇنەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. بۇ «تاۋيۈەن ناھىيىسى تەزكىرىسى» دە خاتىرىلەنگەن «قارا باش، نامى جويو، قۇمۇلدىن» دېگەن خاتىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى ئىدىقۇت جەمەتى يوڭچاڭغا كۆچۈشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىل قۇمۇل بىلەن جيۇچۈەن ئارىلىقىدا تۇرغان.

1956 – يىلىدىن ئىلگىرى خۇنەن ئۇيغۇرلىرىمۇ شۇ يەردىكى خۇيزۇ قوشىنلىرىغا ئوخشاش «خۇيخۇي» (回回) دەپ ئاتالغان. 1956 – يىلىىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقتىنى چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جۇيۈەنجاڭنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ئۆتكۈزگەن، خىزمەت كۆرسىتىپ ئەمەل تۇتقان ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتقادى، قائىدە – يۇسۇنلىرى يەرلىك مىللەتتىن ئۆزگىچە بولغان بۇ قوۋمنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشى بىر مۆجىزىدۇر.

ئازادلىقتىن بۇرۇن خۇنەندىكى ئۇيغۇرلار باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ قاتتىق زۇلۇمى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچراپ كەلگەن، «يات مىللەت»، «چەتتىن كەلگەن مېھمان» دەپ قارىلىپ ھېسابسىز زۇلۇم، خورلۇق ۋە سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداد فېئودال ھۆكۈمرانلارغا، تاشقى جەھەتتە چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىشىغا، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىغا قارشى جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىدىغان قەھرىمانلىق داستانىنى ياراتقان. 1840 – يىلى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى قوزغىغان ئەپيۇن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان جيەن رۇيەن ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى خۇمىننى قورشىۋالغان جىددىي پەيىتتە، يېشى 60 تىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، خۇمىننى ساقلاۋاتقان سەركەردە – چەڭچىلەرگە قوماندانلىق قىلىپ 17 كېچە – كۈندۈز قانلىق جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە (1937 _ يىلى)، مەشھۇر تارىخشۇناس، ئالىم جيەن بوزەن جيەن ۋەنمىڭ قاتارلىقلار بىلەن بېيجىڭ ۋە تيەنجىنگە بېرىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپكە قاتناشقان. 1954 – يىلى 10 – ئايدا ياپونلار زۇشى شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ دەھشەتلىك «ئۈچ تۈگىتىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندە، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان جيەن ۋەنبى، «ئۇچار سەكسەن پۇت» دەپ لەقىمى بار جيەن ۋەنچىڭلار ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى گۇمپىسى بار جيەن خېڭيۈەن، جيەن زۇشۇلارنى تەشكىللەپ ياپون ئالۋاستىلىرى بىلەن ئېلىشقان.

1950 – يىلى «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش» ئۇرۇشى پارتلىغاندا، تاۋيۈەن ناھىيىسىدىن 100 دەك ئۇيغۇر ياش پىدائىي قىسىمغا قاتناشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جيەن جىنچىڭ، جيەن شياڭچېڭ، جيەن ۋەنيۈەن، جيەن ۋەنجىڭ، جيەن نىڭچيەن قاتارلىقلار شاڭگەنلىڭ، چىلۇڭشەن قاتارلىق ئۇرۇشلاردا ئالاھىدە دەرىجىلىك ۋە 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، جۇڭگو – چاۋشيەن خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇنەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ، مىللىي ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە ھۆرمەتكە ئىگە بولدى. دىنىي ئېتقاد جەھەتتە قانۇنىي ئەركىنلىك ۋە كاپالەتكە ئېرىشتى. ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئىختىساسلىق خادىملارنى، مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشتە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشتى. دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىش – تەرەققى قىلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئورنى كۈنسايىن ئۆستى.
خۇنەندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن چاڭدې شەھىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بولۇپمۇ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ٪95 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى دىنىي ئېتقاد، تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى جەھەتتە يەرلىك مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ ياشىغان ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ۋز كەچمىگەن، بەلكى مۇشۇ ئاساستا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىي ئېتقادى

خۇنەن ئۆلكىسى كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇپلا قالماي، يەنە بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خرىستىئان دىنى تارقالغان ۋە كۆپ خىل دىن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر ئۆلكە بولغاچقا، بۇ يەردە مىللىي مەسلىدىن باشقا، دىن مەسىلىسىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگودىكى دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشتىن باشقا، دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى تۈپ سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، يولغا قويدى. خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنىڭ ئۆلكە تەۋەسىدە ئەمەلىيلىشىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. 1980 – يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گوۋۇيۈەننىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆي – مۈلكى توغرىسىدىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، دىنىي سىياسەتتىن چەتنەپ كەتكەن يەرلىرىنى جىددىي، ئادىل بىر تەرەپ قىلدى. 1982 – يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەركەزنىڭ 19 – نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن، پارتىيىنىڭ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈردى خۇنەندىكى مەسچىتلەر پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان دىنىي تۇرمۇش، دىنىي پائالىيەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇزۇۋېتىلگەن، ئىگىلەپ ئىشلىتىۋاتقان مەسچىت ئۆيلىرىدىن رېمونت قىلىنىشقا تېگىشلىكلىرى رېمونت قىلىندى، ئىشلىتىلىپ كەتكەنلىرى پۇل ئاجىرىتپ قايتا ياسالدى، چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەر ئالاقىدار رەسمىيەتلەر ئارقىلىق قايتا ياسالدى.

50 نەچچە يىل مابەينىدە نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنى يېتەكلەپ نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشتىن باشقا، ئۆز يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش – خىزمەتتە ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن ھاللىق جەمئىيەت ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا باشلامچى بولدى.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بىزنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىزگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. مەسىلەن، فىڭشۇ ئۇيغۇر – خۇيزۇ يېزىسىدا ھازىرغا قەدەر قىسمەن ئائىلىلەردە قويماق سالىدىغان، قۇيماق يېيىشتىن بۇرۇن قەبرە يوقلايدىغان ئادەت ساقلىنىپ قالغان. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قۇيماق سېلىش ئىشلىرى توي كۈنى، نەزىر كۈنلىرى، ھېيت كۈنلىرى، جۈمە كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. قەبرە يوقلىغاندا ئاخۇنۇم خەتمە قۇرئان قىلىپ بېرىدىكەن. يەنە بۇ يېزىدا بىر مەسچىت بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 300 ئادەم ناماز ئۆتەشكە بولىدىكەن. جۈمە كۈنلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ قېرى – ياش، ئەر _ ئاياللار جۈمە نامىزى ئۆتەش ئۈچۈن بۇ مەسچىتكە كېلىدىكەن. بىزنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىزدىن پەرقلىنىدىغان يېرى ئاياللارمۇ قۇربان ھېيت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى ئۆتەيدىكەن ھەم مەسچىتكە بارىدىكەن. تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر – بىرىنى كۆرگەندە سالام قىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندىكى چوڭ ياشلىق ئۇيغۇرلار بىر – بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «سالام» دەپ ئامانلىق سورىشىدىكەن. نىكاھلىنىش ئىشلىرىدا ئۇلار ئاساسەن خۇيزۇلار بىلەن توي قىلىدىكەن، ئەگەر خەنزۇلار تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا رازى بولۇشى شەرت ئىكەن. تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرىدا ئوغۇل ئۆيلەش ئادەتتە تونۇشتۇرۇش، تەلەپ قويۇش، چاي ئىچكۈزۈش، توي قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتىدىكەن.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىزگە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى بار بولۇپ، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، تىل – يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تىل – يېزىقى بار، ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى بىردەك ئارزۇ قىلدىكەن. بىز بۇ يېزىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىگە كىرگىنىمىزدە، ئۆي ئىگىلىرى بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىز ئەھۋاللاشقاچ ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدۇق. ئۇلار بىر ئوغلىنىڭ بارلىقىنى ئۆتكەن يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقانلىقىدىن، كېلىپ قەشقەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى بوۋىلىرى ياشىغان قەدىم دىيارىدا تۇرغانلىقىدىن قەۋەتلا سۆيۈنىدىكەن. بىز يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلە شەجەرىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىۋېدۇق، ئۇلار «بار» دەپ بىزگە ئۆينىڭ تۆرىگە قويۇلغان، ئۈستىگە قىزىل تاۋار يېپىپ قويۇلغان قىزىل سولاقلىق بىر ساندۇقنى كۆرسەتتى. ساندۇق ئىچىدە تۈپلەنگەن 16 توپلام خەنزۇچە ماتېرىيال بار ئىكەن. ئۆي ئىگىسى: «مانا بۇ بىزنىڭ نەسەب شەجەرىمىز. ئۇنىڭغا 22 ئەۋلاد نەسەبىمىزنىڭ شەجەرىسى پۈتۈلگەن» دېدى. شەجەرە ناھايىتى رەتلىك، ئېنىق، شۇنچە ئەستايىدىل ئىشلەنگەن ئىكەن. تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرى بىر فامىلىكلەر بىر يەردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئاساسەن ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىكەن. ئۆيلىرىدە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. جيەن فامىلىك ئۇيغۇرلار ئائىلىسىدە جيەن جەمەتىنىڭ جەمەت شەجەرىسى ئەتىۋارلاپ ساقلىنىدىكەن ھەم بۇ جەمەت شەجەرىسىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردا ئىكەن، ئۇلار بۇ ياخشى ئادەتنى ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ.
ھازىر خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىكەن، خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىكەن. تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن خەنزۇ تىلى ئىگىلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى تەدرىجى يوقىتىپتۇ.

تىلىنىڭ ئۆزگىرىشى خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتۇ. ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت ۋە ھېيت، بايراملارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىم – كېچىكى

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىيىم – كېچىكى خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. پەرقلىنىدىغان يېرى، چوڭلار، شۇنداقلا دىنىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھېيت كۈنلىرىدە، ناماز ئوقۇغاندا، دىنىي پائالىيەتلەردە ۋە باشقا مۇقىم سورۇنلاردا چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، گۈللۈك دوپپا، ئاياللار قىزىل – يېشىل رەڭلىك، گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىلارنى كىيىدىكەن. بەزى ئاياللار ياغلىق ئارتىدىكەن. بەزى پائالىيەتلەردە ئاياللار چېچىنى بىر تال ياكى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، بېشىغا دوپپا كىيىدىكەن. گەرچە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي – شەكلى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلىرى ئۆزگەرگەن. تىل – يېزىقى يوقالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆزگەرمىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئاساسەن چىمەن دوپپا، بادان دوپپا ساقلاش ئاددىتى بار ئىكەن.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمىكى

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن گۈرۈچ، كالا، قوي گۆشى، توخ، ئۆردەك، غاز گۆشى ۋە بېلىق، تۇخۇم قاتارلىقلارنى يەيدىكەن. قىچا، خاسىڭ، پۇرچاق، توپان قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېيىنى ئىشلىتىدىكەن. ئاخۇنلار بوغۇزلىغان چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يەيدىكەن، ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدىكەن. يېمەك – ئىچمەك تازىلىقىغا رىئايە قىلىش خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەپتۇ.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىمۇ ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. ھازىر تاۋيۈەن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار يېرى مۇنبە، ھۆل – يېغىنى كۆپ، كىلىماتى مۆتىدىل، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولغان بەيياڭخې دەرياسى ساھلىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە ئىكەن.

ئۇلار سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قىلغان، دەريا ئۆستەڭلەرنى تىزگىنلىگەن، قاتمۇ قات ئورمانزارلىق، يول بەرپا قىلغان، كانلارنى ئاچقان، باقمىچىلىق مەيدانلىرى، مۇسۇلمانچە قۇشخانا، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. مىڭ ئۇرچۇقلۇق توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، سىم تارتىش قېلىپى زاۋۇتى، بېلىقچىلىق مەيدانى بەرپا قىلغان. ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ 4000 مو يەرنى ئاپېلسىنزارلىققا، 500 مو يەرنى نەشپۈتزارلىققا، 200 مو يەرنى شاپتۇللۇققا ئايلاندۇرغان. 400 مو يەردە چاي دەرىخى، 100 مو يەردە دورا ئۆسۈمۈلكلىرىنى ئۆستۈرگەن، 10 مىڭ مولۇق «يېشىل» گۈرۈچ بازىسى، 1000 مولۇق پاختىچىلىق بازىسى، 500 مولۇق كۆچەت بازىسى بەرپا قىلغان.

سانائەت تەرەققىياتى جەھەتتىن ئيېتقاندا، فېڭشۇ ئۇيغۇر – خۇيزۇ مىللىي يېزىسىدا ھازىر 15 كارخانا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن ئۈچى بار ئىكەن، يېزىنىڭ 2005 – يىلىدىكى ئومۇمىي سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 320 مىليون يۈەن بولغان. بۇ يېزىنىڭ يەنە ياشانغانلار ساناتورىيىسى بار ئىكەن، بۇلاردىن باشقا، قىيىنچىلىقى بارلار، ياشانغان ئىگە – چاقسىزلار، يېتىم بالىلار قاتارلىقلارغا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، بېقىلىش سوممىسى ئاجرىتىپ بېرىلىدىكەن.

1998 – يىلى خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى «خۇنەن ئۆلكىسىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر مىللىي خىزمەت لايىھىسى» نى ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلار، خۇيزۇلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك سىياسەتلەرنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرغان. 1990 – يىلى چاڭدى شەھەرلىك پارتكوم 37 – نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مىللىي يېزىلاردىن ئېلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك بېجىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىۋەتكەن ۋە باشقىلار. يېزا ئىگىلىىدىن ئېلىنىدىغان باج بىكار قىلىنىشتىن ئىلگىرى فېڭشۇ ئۇيغۇر – خۇيزۇ يېزىسى يېزا ئىگىلىكىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئەنئەنىۋى كەسپىي بولۇپ كەلگەن. تاۋيۈەندىن پاختا، چىگە – كەندىر، پىلە غوزىسى، تېرە، چاي قاتارلىقلار كۆپ چىقىدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە ئائىلە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى قۇرغان. مەسىلەن: تاۋيۈەن يېزىسىدا مۇسۇلمانچە كالا سويۇش ئورنى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بار ئىكەن. بۇ زاۋۇتنى قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى جيەن لىڭيى، ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ زاۋۇتقا 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن ئورنى 15 مو ئىكەن، ھازىر بۇ مۇسۇلمانچە كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەش ئورنىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش سوممىسى 14 مىليون 515 مىڭ 200 يۈەنگە يەتكەن. بۇ ئورۇندا 122 خىزمەتچى ئىشلەيدىكەن. تۆت ئاخن مەخسۇس سويۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىكەن. بۇ يېزىدا يەنە ناھايىتى چوڭ توخۇ فېرمىسى، كالا فېرمىسى بولۇپ، توخۇ فېرمىسىنىڭ باشلىق جيەن نىڭيىمۇ ئۇيغۇر ئىكەن. بۇ يېزىدا جياڭيۈەن توقۇمىچىلىق فابرىكىسى بار ئىكەن، ئۇ ئۇيغۇر خۇيزۇ يېزىسىدىكى باشلامچى كارخانا ھېسابلىنىدىكەن. تاۋيۈەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ توقۇمچىلىق فابرىكىسىدىن ئىككىنى، ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ زاۋۇتى ۋە ياغ زاۋۇتىدىن 26 نى، يېزا، كەنت، گۇرۇپپا، دېھقان ئائىلىلەر ئىگىلىكىدىكى بېلىقچىلىق مەيدانىدىن 110 نى، يېزا، كەنت، گۇرۇپپا، دېھقان ئائىلىلەر ئىگىلىدىكى باغۋەنچىلىك مەيدانىدىن 500 نەچچىنى، پىچىنە – پىرەنىك زاۋۇتىدىن تۆتنى قۇرغان. بۇ يېزىدا يەنە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان چايزارلىق، يېڭىدىن ئېچىلغان ئىمپورت قىلىنىدىغان نەشپۇت يېتىشتۈرىدىغان نەشپۈتزارلىق، ئاپېلسىنزارلىق بار ئىكەن.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپى

خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە، ئۆستۈرۈشكە، ئىشقا قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 50 نەچچە يىل مابەينىدە ئۇلار مىللىي كادىرلار، زىيالىيلار، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان.

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم مەبلەغ ئاجرىتىپ فېڭشۇ، چىڭلىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى مىللىي يېزىنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، بۇ ئىككى مىللىي يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا 10 – 20 نومۇر ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويغان. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، تەربىيىلەش سىياسىتىگە ئاساسەن، مىللىي كادىرلار، زىيالىيلار، پەن – تېخنىكا خادىملىرى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن، تاۋيۈەن ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، ئىدارە، كەسپىي ئورۇنلاردا ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرى بار ئىكەن. ئۇلار ئاساسەن خەلق ھۆكۈمىتى، مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارىسى، مەكتەپ قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. تاۋيۈەن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، ھەرقايسى ئورگان ۋە مەكتەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ.
مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش