ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » سۆيگۈ ۋە ساداقەت

سۆيگۈ ۋە ساداقەت

ئۆز زامانىسىدا ھەزرىتى لوقمان ئۆز ئىشىنى ئوبدان ئورۇنلايدىغان ياخشى قۇللاردىن ئىكەن. گەرچە لوقمان بىر قۇل بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلى ھەرخىل ئارزۇ – ھەۋەسلەردىن خالى ئىكەن. خوجايىن ئۇنىڭ سەمىمى ۋە ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىدىن بەك ياخشى كۆرىدىكەن ۋە قەدىرلەيدىكەن. ھەتتا ئالدىغا تاماق كەلسە، دەرھال لوقماننى چاقىرىدىكەن ۋە لوقمان تائامغا قول سالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزى قول ئۇزىتىدىكەن. لوقمان يېمىسە خوجايىنمۇ يېمەيدىكەن. لوقمان يېسە، خوجايىن  ئىشتىھا بىلەن يەيدىكەن. كۆرۈنۈشتە ئۇ لوقماننىڭ خوجايىنى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە لوقمان ئۇنىڭ خوجايىنىدەك ئىكەن.
بىر كۈنى لوقماننىڭ خوجايىنى بىر تاۋۇز ئەكەپتۇ ۋە خىزمەتچىسىگە: _ ماڭ! بېرىپ لوقماننى دەرھال چاقىرىپ كەل، _ دەپتۇ. لوقمان كېلىشى بىلەنلا خوجايىن تاۋۇزنى پىچىپ، ئۇنىڭغا بىر تىلىم بېرىپتۇ. لوقمان بۇ بىر تىلىم تاۋۇزنى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ. شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن يەپتۇكى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن دەرھال ئىككىنچى تىلىمنى لوقمانغا سۇنۇپتۇ. لوقمان بۇ تاۋۇزدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تىلىم قالغۇچە شۇنداق يەپتۇ.
خوجايىن: ”ئەمدى ئاخىرقى بىر تىلىمنى مەن يەپ، بىر تېتىپ باقاي. زادى قانچىلىك تاتلىق بىر تاۋۇزدۇ بۇ؟“ دەپ ئويلاپتۇ. چۈنكى، لوقماننىڭ بۇ تاۋۇزنى شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن يېگىنىنى كۆرگەن خوجايىننىڭمۇ يېگۈسى كېلىپ، ئېغىزىغا شۆلگەيلىرى يېغىلغان ئىكەن. ھەتتا خوجايىن: ”بۇنداق تاتلىق تاۋۇزدىن نېمە ئۈچۈن ماڭا بىر تىلىملا ئاشۇرۇپ قويدى“ دەپ، ئىچىدە سەل نارازىمۇ بولغان ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ خوجايىن ئاخىرقى بىر تىلىم تاۋۇزغا ئېغىز تېگىپتۇ. ئەمما، بۇ تاۋۇز شۇنچىلىك بەتتام ئىكەنكى، خوجايىن بىر چىشلەم ئېغىزىغا ئېلىپلا تۈكۈرىۋېتىپتۇ . ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغان خوجايىن لوقمانغا دەپتۇ:
_ ئەي دوستۇم، بۇنچىلىك بەتتام  تاۋۇزنى قانداقمۇ تاتلىق يېگەندەك يېدىڭ ؟ نېمە ئۈچۈن ”بۇ تاۋۇزنى يېگىلى بولمايدۇ“ دېمىدىڭ ؟“
خوجايىننىڭ بۇ سوئاللىرىغا لوقمان مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ: سېنىڭ ئۆيۈڭدە كۆپ قېتىم ئېسىل غىزالاندىم. ئۆز قولۇڭ بىلەن سۇنغان تاۋۇزنى ”بۇ ئاچچىقكەن“ دېيىشكە نومۇس قىلدىم. ئازراق ئاچچىققا چىدىمىسام، ماڭا بۇ جاندىن، بۇ تەندىن نېمە پايدا.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

سۆيگۈ زەھەرنى بال قىلىدۇ. مىسنى ئالتۇن قىلىدۇ.
مەينەت سۇلار سۆيگۈدىن ئۆتكۈزۈلسە، سۈپ-سۈزۈك بۇلاققا ئايلىنىدۇ.
سۆيگۈدىن دەرتمەنگە شىپا بولىدۇ.
سۆيگۈدىن ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ. سۆيگۈدىن پادىشاھمۇ قۇل بولىدۇ.
بۇ سۆيگۈ ئىلىمنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما، پەسلەرگە بۇنداق بىر ھۇزۇر نېسىپ بولمايدۇ.
ئەقىللىق ئاقىۋەتنى ئويلىشىدۇ. نەپسانىيەتچى ئاقىۋەتنى ھېچ ئويلىمايدۇ.
ئەقىل نەپسىگە بوي سۇنسا نەپسانىيەتچى بولىدۇ.
ئۇچۇش ئۈچۈن ئىككى قانات لازىم. يالغۇز بىر قانات بىلەن ئۇچالمايسەن.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 22

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش