ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » غۇلجالىقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى

غۇلجالىقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى


مىزاجى: ئىلىلىقلارنىڭ مىزاجىنى ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق دەپ ئايرىش مۇمكىن.

خىلىتى: ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى، پىسخىك ئالاھىدىلىگى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ بەدەن خىلىتىنى مۇنداق رەتكە تۇرغۇزۇش مومكىن، قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدا.

چىراي-شەكلى: ئۇلارنىڭ تېرىسى بۇغداي ئۆڭ، قاڭشىرى قېلىن، كۆزلىرى نۇرلۇق كىلىدۇ، يىقىنقى 20 يىلدىن بېرىكى يىڭى ئىلىلىقلاردا قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خارەكتىرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

مېڭىش-تۇرۇشى: سالماق، سۈپەتلىك مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىزغىن ۋە يۇمۇرلۇق كۆرۈشىدۇ، ھەركىتى قىزىقارلىق.

كىيىنىشى: ئىلىلىقلار كاستىيۇم-بۇرۇلكا، پەلتۇ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شەپكە ۋە شىلەپە قاتارلىق باش كىيىملىرى، دوپپا بىلەن بىللە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت بەلگىسى بولۇپ قالغان كانىۋاي كۆڭلەكمۇ كۆپ ئومۇملاشقان، كەمزول، خۇرۇم بەلۋاغ، ئۆتۈك قاتارلىقلارمۇ ئومۇملاشقان.

يېمەك-ئىچمىكى: بوغداي، شال قاتارلىق زىرائەتلار، ئالما، شاپتۇل، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەر، سەۋزە، تۇرۇپ، ئاق يىسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ ۋە ئىستىمال قىلىنىدۇ، ئاساسى تاماقلىرى پولو، نارىن، لەغمەن، سۇيۇقئاش قاتارلىقلار بولۇپ، ئەتكەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.

قىممەت قارىشى: ئىلىنىڭ ھاۋاسى ساپ، يېمەك-ئىچمىكى نىسبەتەن يۇقىرى، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، كىشىلىرى تۇرمۇشتا رەتلىك ، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، مېۋە-چېۋىگە ئامراق، ئۇلار ئەمگەكچان ، باتۇر، روھلۇق، خۇشچاقچاق، يۇمۇرلۇق كېلىدۇ، تىجارەتكە ماھىر، چاققان، ئۇچۇرغا سەزگۈر، تەۋەككۈلچىلىك ئارزوسى كۈچلۈك، ناخشا-ساز، مەدەنىيەت ۋە ئىجدىمائى ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ، ھەر بىر ئىش ھالقىسىنى ۋە پۈرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ، ئۆزىگە يارىغان ئىشنى قىلىۋىرىدۇ.

كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى: دىھقانچىلىق، سودا-تىجارەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلار، ئىلىدا مەشرەپ، ئولتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ.

ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: تېرە كىسەللىكلىرى گەۋدىلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار كىسەللىكلىرى، تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرى ھەمدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈز بىرىدۇ.

تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر: ئىلىلىقلار كۆپىنچە سەنلەپ سۆزلەيدۇ، سوئال جۈملە ئاخىرىغا «ۋۇي»، سۆزنىڭ ئاخىرىغا «ئىنە، گىنە، سەن، غۇ» قاتارلىق قوشۇمچە قوشۇلىدۇ، «ئا» ھەرپى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «نى» قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر، تۇرغىنى (تۇرغىلى)، ئۇرغىنى (ئۇرغىلى)، تارتقىنى (تارتقىلى)، قەيەردىن سورايمىز سېنى، قانداق ئەھۋالىڭ ھوي، قىلارە، ئىتارە، گىدىككىنە، ۋاچچىدە، تولا، يېڭىياچى، مۇغەمبەر، بوممامسەن (بولمامسەن)…قاتارلىقلار.

مەنبە: ئەينەك تورى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 120

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش