You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » قەلبدىن تامچە

قەلبدىن تامچە

نۇرانىيە قەشقىرى

     ھىچبىر ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا قانچىلىك ياشايدىغىنىنى بىلگەن ئەمەس. قاچان قەيەردە ئامانەتنى ياراتقۇچىغا قايتۇرىدۇ ھىچكىم بىلمەيدۇ. دۇنيا گۈزەل. شۇ قەدەر گۈزەلكى مەپتۇن بولغانلارنىڭ ئايرىلغىسى كەلمىگىدەك دەرىجىدە جەلپ قىلارلىق. ئەمما بىزگە ئوخشاش مىسلىسىز ئازاپ ئىچىدە تولغىنىۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن بۇ گۈزەللكنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى يوق. كۆز ئالدىمىزدا ئىچىمىزدىكى بۇلدۇقلاپ قايناۋاتقان ئاچچىق ھىس. يىغلاي دەپمۇ يىغلىيالماي قىيلىنىۋاتقان ئاچچىق تولغۇنۇش. تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھىسلار…
كوچىدا كىتىۋىتىپ باشقىلارغا دىققەت قىلىپ باقىمەن. ئەركىن دۆلەتتە ياشاپ ئازاپنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ باقمىغان بەزى كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپمۇ قالىمەن. ئۇلارنى ئازاپلاۋاتقان نەرسىلەرنى ئاڭلىغىنىمدا <توۋا بۇ خەق مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟> دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەن ئۆز كەچۈرمىشىمنىڭ، بىشىمغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ نەچچىدەن بىرىنى ئېيتقىنىمدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ. <بەك چىداملىق ئىكەنسىلەر> دىگەنلەرنىمۇ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مىڭ سۇئال، مىڭ چۈشەنمەسلىك، مىڭ ئىشەنمەسلىك. مەيلى ئىشەن، مەيلى ئىشەنمە بۇنىڭ ھەممىنى مەن ياشىدىم، كۆردۈم. قەبرىستانلىققا بىرىپ شۇ يەرنىڭ ئاستىدا ياتقانلارغا مەسلىگىم كەلگەن ۋاقىتلارنى ئۇنتالمايمەن. دۇنيادا ئەڭ ئازاپلىق ھىسياتنىڭ، ھاياتتىن ئۆلۈمنىڭ راھەت تۇيۇلىشى ئىكەنلىكىنى قانچە كىشى ھىس قىلالايدۇ؟ بىراق بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەزرائىل ئۆزى كەلمىگىچە ئۇنى چاقىرسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى كەلگەندە ئەگەر ئىمانىڭىز بولسىلا ئىززىتىڭىز بىلەن ماڭىسىز، سىز چاقىرسىڭىز ئىمان سىزدىن ئاجراپ بارار جايىڭىز جەھەننەم بولىدۇ. نورمالدا بىر مۇسۇلمان بۇنى ياخشى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىناق. ئۆتمىسەك ئامال يوق.
50 ياشلىق تاغام ئۆلۈپ كەتكەندە 70 ياشلىق مومامنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغىنىنى بالامدىن ئايرىلىپ جەم بولالماي پىغان ئىچىدە تولغانغاندا بىلدىم. پەرزەنت پىراقى ئوتتىن يامانكەن. بۇدۇنيادا سىزنىڭ كەم بولىشىڭىز ھىچنىمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەرشارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ. ئالەمشۇمۇل نەتىجە قازانغان ئالىملارنىمۇ ئىككى مىتىر يەرگە كۆمۈپ ئۆز ھەلەكچىلىكىمىز بىلەن ئەسىرلەر ياشاپ كەلدۇق. ئىنسان دىگەن مانا شۇ.
بۈگۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەنلەر ئەتە كىملەرنى سىپاپ ئۆتىدۇ بىلمەيمىز. جاھالەت ئۇزۇن داۋام سۈرگەن ئەمەس. ئادالەت ھىچبىر زامان كۆمۈلۈپ چىرىپ كەتكەن ئەمەس. ئالتۇن مىڭ قات يەرنىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتسىمۇ يەنىلا پارقىرايدۇ. پوقنى چىكىگە گۈل قىلىپ قىسىۋالسىمۇ يەنىلا بەتبۇي پۇرايدۇ، كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى پىشىپ يىتىلگەندە، مەزمۇت تۇرغاندا، بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن نامايەن بولىدۇ. سىنى تاشلىغانلارنى ئۆز قىلمىشىدىن رازى بولغان ھالدا ئەمەس، قىلغىنىدىن بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپ ياشىغۇزالىغىنىڭدا ئاندىن سەن ئەستە ساقلىنىسەن. تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئىلىش ئۈچۈن تارىخقا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئىش ئىزىڭ، نەتىجەڭ بولىشى كىرەك. ئۈن تىنسىز كەتكەن ساناقسىز ئىنسان بار.
ھىچكىمنىڭ ئازاپ ئىچىدە ياشىغۇسى يوق. بۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك. ھەرىكەت قىلىش ئاغرىق ئازاۋىنى يىنىكلىتىدىغان مەلھەم دورا ھىساپلىنىدۇ. قەلبنىڭ يارىسىنى پەقەت قەلبنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەمىن تاپقۇزۇش بىلەن شىپا تاپىدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى پەقەت ھەرىكەت قىلىش، تىرىشىش ئارقىلىقلا يەڭگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىز بۈگۈن بىردىن بىر قىلالايدىغىنىمىز، قىرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىش خالاس. تىرىشچانلىق بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن.
بۈگۈن ئۇيغۇر تەنقىدكە مۇھتاج ئەمەس. بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ مۇھتاج بولغىنى چۈشىنىش، ئىشىنىش، رىغبەتلەندۈرۈش. تەنقىد خائىنلارغا پۇرسەت يارىتىپ خەلقنى ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرىدۇ. تەنقىد قىلمايمۇ تەربىيە بەرگىلى، ئۇخلاپ قالغانلارنى ئويغاتقىلى بولىدۇ. ياخشى سۆزنىڭ تەسىرى توغرا قىلىنغان بىر قوپال سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىنسان ئىنساننى مېھرى مۇھەببىتى بىلەن يىنىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ، قوپال پەندى نەسىھەتلىرى بىلەن ئەمەس. شۇڭا خەلقنى يىتەكلىگۈچىلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر مىللەتنىڭ 10%تىنى ئويغىتالىغاندا ئۇ مىللەت ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ. مىللەتنى قۇتقۇزىدىغانلار شۇ مىللەتنىڭ سەرخىللىرىدۇر. ئالدىن كۆرەر، پىداكارلاردۇر.
ئۈمىدسىزلىك شەيتاندىن، ئۈمىد راھماندىندۇر. ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە ھەقىقىي ئىمان كەلتۈرسە، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھىچبىر مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۈرەلمەيدىغىنىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ھەربىر بەندىسىگە ئەڭ ياخشى ھامىي ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كىرەك. زالىمنىڭ ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا تەۋرەنمەي تۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى. بىزدەك بىر مەزلۇم كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئاللاھتىن باشقا قۇدرەت ئىگىسى يوق. بىزنى كىمنى ئەۋەتىپ قۇتقۇزىدۇ ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇر. قىرىنداشلىرىم ئارتۇق غەم ئەندىشىنى قويۇپ ھىلىلا جان تەسلىم قىلىپ قالسام ئاللاھنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن دىگەن ئوي بىلەن ياشايلى. خۇددى مىڭ يىل ياشاپ ئۆزىمىز ئازاد قىلغان دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغاندەك ئۈمىد بىلەن بۇ كۆرەشكە ئاتلىنايلى. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. پۇرسەت ھەمىشە كىلىۋەرمەيدۇ. سىز بىلەن بىز ھەمىشە بۈگۈنكى ھالىمىزدا تۇرمايمىز. بۈگۈننىڭ قەدرىنى بىلىش تۈنۈگۈندىن ئىبرەت ئىلىش، ئەتىنى ئۈمىد بىلەن كۈتىۋىلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى. توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغىچە يولۋاستەك بىر كۈن ياشاش ئەۋزەل.
ئىنسان نۇرغۇن ھىكمەتلەرنىڭ تىگىگە يەتكەندە ئاللا بۇرۇن نۇرغۇن نەرسىگە كىچىككەن بولىدۇ. بىراق تەجىربە ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ خاتالىقىنى تونۇش ۋە ئىتىراپ قىلىش ئىنسان ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. نۇقسانسىز ئىنسان بولمايدۇ. نۇقسانىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزىتىشكە تىرىشماسلىق ئىنساننى پالاكەتكە ئۇچۇرتىدۇ.
بەلكىم پىكىرلەر چىچىلاڭغۇ بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۈگۈنكىدەك ئىغىر روھىي ئىسكەنجە ئاستىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئىنساننى ئازاپتىن يىنىكلىتىپ بىر ئاز راھەتكە ئىرىشتۈرىدىغىنى ئۈچۈن ئىچىمدىكىنى تۆكتۈم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارنى ئاللاھقا ئامانەت قىلدىم.
2018-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top