ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» 2018-يىلى 10-نويابىر مىيۇنخىندا رەسمىي قۇرۇلدى.

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» 2018-يىلى 10-نويابىر مىيۇنخىندا رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا مىيۇنخىندا ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى“ رەسمىي قۇرۇلدى.

د ۇ ق ساھىپخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى“ تۈگىشىگە ئۇلىنىپلا، مىيۇنخىندىكى تۈركىيە دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىيە ياۋرۇپا تارمىقىدا قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، شىۋىتسارىيەدىن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 18 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئالغان 18 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

رەئىس: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)

باش كاتىب: زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋىتسىيە)

باش نازارەتچىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)

مالىيە مەسئۇلى: دوكتور قەيسەر ئابدۇقادىر (شىۋىتسارىيە)

تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇھەممەتئېلى نىياز (گىرمانىيە)

ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (فىرانسىيە)، غەييۇر قۇربان (گىرمانىيە)، ئۆمەرجان جامال (شىۋىتسىيە)، ئەلى ئەمەت (بىلگىيە)، ئادىل چىنار (گوللاندىيە)، ئۆمەرجان ئىمىن (گىرمانىيە)، ھەبىبۇللاھ ئابلىمىت (گىرمانىيە)، ئايشە مۇسا (نۇرۋىگىيە) ۋە باشقا 4 ئۇيغۇر زىيالىي

مىيۇنخىندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى»، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ.

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا تارماقلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتى. 2019-يىلى ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياپۇنىيە، ئاۋىسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى ۋە ئاكادېمىيەگە ئەزا (تەپسىلاتى ئاكادېمىيە ئەزالىقى سەھىپىسىدە) بولۇپ كېرىپ، كۈچ ۋە ئەقىلنى توپلاپ مىللەت ئالدىدىكى زىيالىيلىق بۇرچىنى كوپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئادا قىلىشلىرىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى تەييارلىق كومىتېتى، 2018-يىلى 10-نويابىر، مىيۇنخىن

قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش