ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » پەلسەپە ۋە باشقىلار

پەلسەپە ۋە باشقىلار

 

 

پەلسەپە ۋە باشقىلار

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما مېنىڭ گۆدەك چاغلىرىمدا تەييارلانغان، مەلۇم بىر ئىنگلىزچە تور بەتتىكى (philosophy101.com) پەلسەپە دەرسلىكىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا پۈتتۈرۈلگەن. بەلگىلىك قىممىتى بار دەپ قارىغان بولغاچقا، ئازراق تەھرىرلەپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بارلىق گۆدەكلىككە ئوخشاش، بۇ يازمىدا ئازراق ساددىلىق، ئازراق ساپلىق، ئازراق پاكلىق، ئازراق تەنتەكلىك ۋە ئازراق نادانلىق بار. تورداش دوستلارنىڭ كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇپ مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ تۈگىتىشىنى، ئوقۇش جەريانىدا پىكىر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاتالمىش «بەلگىلىك قىممەت»مۇ پەقەتلا مۇشۇ يەردە. ماقالىدە ئىپادىلەنگەن نۇقتىنەزەرلەر ئاخىرقى ھۆكۈم ئەمەس، ئاخىرقى ھۆكۈم بولالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

«پەلسەپە » دىگەن سۆز ئەڭ دەسلىپىدە گرېكچىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپ بۇ سۆزنى ئىشلەتكىنى يۇنان پەيلاسوپى پىفاگور . بۇ سۆزنىڭ مەنىسى « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » دېگەنلىك بولىدىكەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ : بىرى « ئەقىل- پاراسەت » ، يەنە بىرى « سۆيۈش » . پەقەت ۋە پەقەت بۇ ئىككى ئۇقۇم بىرىكىپ بىر سۆز بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلغاندىلا ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئاندىن شەكىللىنىدۇ ، « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان » كىشىلەرلا پەيلاسوپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئەقىل-پاراسەتلا بولۇپ ، ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش بولمىسا ، بۇنداق كىشىنى پەيلاسوپ دېگىلى بولمايدۇ . پەلسەپە دېمەكلىك نۇرغۇن ئەقىل-پاراسەت ، ھۈنەر-تېخنىكىنىڭ بىر كىشىدە جۇغلانغان تۇرغۇن ھالىتىنى ئەمەس ، بەلكى شۇ ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيۈش ، بىر خىل ئىنتىلىش تەرىقىسىدىكى مەڭگۈ توختىماس ھەرىكەتچان جەرياندۇر . ئادەتتە ، پەيلاسوپ دېسە ، بەلكىم بىزنىڭ كاللىمىزغا مەلۇم بىر دانىشمەن كىلىشى مۇمكىن ، بۇ دانىشمەن ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر قانداق سوئالىغا ئاللىقاچان ئېنىق جاۋاب تېپىپ بولغان بولىدۇ . بىراق ، ھەقىقىي پەلسەپىنىڭ تۈپكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، بۇ دانىشمەن ھەرگىزمۇ پەيلاسوپ ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا ئۇستاز بولۇشقا لايىق بىر دانىشمەن ئىلىم ئىگىسى خالاس ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىزدىنىشى ئاللىقاچان توختىغان ، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بار ، لېكىن ئۇ ئەقىل-پاراسەتنى ئەمدى قايتا سۆيمەيدۇ . ھەر قانداق سوئالغا جاۋاپ تېپىپ بولغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شۇ جاۋابىدىن ئىنتايىن قانائەت ھېس قىلىدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى پەيلاسوپنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرېۋەتكەن بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆزگەرمەس جاۋابلىرى ئۇنى ھەر خىل ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ خېيىم-خەتىرىدىن قوغداپ ئۇنى گۇماندىن ساقىت قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىغا يول قويمايدۇ : دېمەك ئۇ خۇددى بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدا ياشىغانغا ئوخشايدۇ ، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، ئاللىقاچان بار بولغان جاۋابلىرى بىلەن قازاننىڭ ئىچىنى يورۇتقاندەك قىلسىمۇ ، بىراق قازاننىڭ سىرتىدىكى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئۇ بەرىبىر مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ ، ھەم ئۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ . ئۆزىچە « جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى كۆرۈپ ، ھەممىنى بىلىپ بولغان » بەزىبىر دانىشمەنلەر ، بەئەينى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى ئىلاھ ھېسابلايدىغان مىسىر پادىشاھى فىرئەۋىننىڭ ئۆزىدۇر ، ئۇلارغا ئېچىنماي ئامال يوق .
مانا بۇلار پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى بولغان « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » تىكى « ئەقىل-پاراسەت » توغرىسىدىكى قىسقىچە باياندىن ئىبارەت . ئەمدى « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » تىكى « سۆيۈش » كە كەلسەك ، پەقەت ۋە پەقەت ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈلا بىزنى ئىنسانىيلىققا يېقىنلاشتۇرىدۇ . مەن شۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالايمەن : ئەگەر ئىلاھ مەۋجۇت بولسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقتىكى ئاجىزلىقىدىن ، بىر-بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە غەزەپ نەپرىتىدىن ، جىنايەت-گۇناھىدىن پۈتۈنلەي ئازاد بولغاندىكى ھالىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇشى كېرەككى ، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك ئازاب-ئوقۇبەت ، قىيىن-قىستاق ئارقىلىق قورقۇتۇش يولى ياكى مەڭگۈلۈك راھەت-پاراغەت بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا قېنىپ بولالمىغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ قىزىقتۇرۇش يولى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىشنى مەجبۇرلايدىغان بولماسلىقى ، كىشىلەرنى ئۆچ-ئاداۋەتكە كۈشكۈرتمەسلىكى كېرەك . « ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈ » دەپ نېمىنى ئېيتىمىز ؟ ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيگۈ ئەقىل-پاراسەتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆزىگە مەقسەت قىلسا ، يەنى ئەقىل پاراسەتكە بولغان سۆيگۈنى باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالسا ، بۇنداق سۆيگۈ يەنىلا تەبئىي ھايۋانىي ئىھتىياجدىن ھالقىپ چىقمىغان بولىدۇ .
دېمەك ، پەلسەپە دېمەكلىك ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش دېمەكلىك بولۇپ ، بۇ مەڭگۈ تىنچلانمايدىغان ، مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدىغان بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ؛ ئۇ بىر خىل ھاياتلىق ھەرىكىتى ، پەرۋانىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆيۈپ تۈگىشىگە رازى ھالدىكى ئۆزىنى شام نۇرىغا ئېتىشى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىلا ، سوقرات « تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ » دېگەنىدى ، چۈنكى ، تەپەككۇرسىز ھايات ئادەمنىڭ ھاياتى ئەمەس ئىدى . ئەلۋەتتە ، « ئەقىل-پاراسەتنى پايدا-مەنپەئەت سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىنلا ئۇنى سۆيسەك ، ئۇنداقتا بىز قورساققا نېمە يەيمىز ؟ » دېگەن سوئالنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ ، بىراق ئەنسىرەپ كەتمىگۈلۈك . ئەگەر ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزىدىن سەۋەبىدىنلا سۆيۈپ پايدا مەنپەئەت قوغلاشمىغانغا قورساق ئاچ قالىدىغان ئىش بولسا ، پەلسەپە مەۋجۇت بولمايتتى ، پەلسەپە تارىخىدا بىرەرسىنىڭ ئاچ قىلىپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدۇق ، بەزى پەيلاسوپلار جاھاندىن شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىدىن بىزار بولۇپ ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈۋالسا ئۇ باشقا گەپ . يۇقىرقى سوئالنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى شۇكى ، پەلسەپە تارىخىدىن قارىغاندا ، گەرچە پەيلاسوپلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ، ھەقىقەت ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشى قانداقتۇر پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن بولمىسىمۇ ، بىراق ، بۇ خىلدىكى تەپەككۇر ئاخىرىغا كېلىپ دەرۋەقە پايدا-مەنپەئەت يارىتالايدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى ، پايدا-مەنپەئەت بولسا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ مەقسىتى ئەمەس ، بەلكى نەتىجىسى .
پەلسەپىنىڭ پايدا-زىيىنى توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا ، مۇنداق بىر ھېكايەتنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، بۇ ھېكايە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى پەيلاسوپ تالېس ھەققىدە بولۇپ ، ئارىستوتېلنىڭ « سىياسەتنامە » دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىنغان : « كىشىلەر تالېسنى نامرات دەپ كايىشتى ، شۇنىڭلىق بىلەن ‹ پەلسەپە ھىچنېمىگە كارغا كەلمەيدىكەن › دەپ ھېسابلىدى . بۇ ھېكايىنىڭ دېيىشىچە ، تالېس ئاسترونومىيىگە پىششىق بولغانلىقتىن ، قىش پەسلىدىلا كېلەر يىلدا زەيتۇندىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدە بارىنىڭ ھەممىسى بولغان ئازغىنە پۇلىنى رەنىگە قويۇپ ، مىلېزىئان ۋە كىئوستىكى زەيتۇن مېيى تارتىدىغان بارلىق جۇۋازنى ئىجارىگە ئېلىۋالدى ، ئەينى چاغدا بىرسى ئۇنىڭ بىلەن بازار تالاشمىغانلىقتىن ، ئىجارە ھەققى ناھايىتىمۇ ئەرزان بولدى . مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلگەندە ، كۆپچىلىك بىردىنلا ئىنتايىن كۆپ جۇۋازغا ئىھتىياجلىق بولدى ، بۇ چاغدا ئۇ باھانى خالىغىنىچە ئۆستۈرۈپ ، نۇرغۇن پۇل تاپتى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ جاھان ئەھلىگە شۇنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتىكى : پەيلاسوپلار خالايدىغانلا بولسا ، ئۇلار ئاسانلا بېيىپ كېتەلەيدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى باشقا ياقتا . »

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، پەلسەپە ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ : بۇ دۇنيادا زادى نېمە مەۋجۇت، نېمە راست ؟ راست-يالغاننى ، توغرا-خاتانى قانداق بىلىمىز ؟بىلگەن بۇ بىلىملەرنى نېمىگە ئىشلىتىپ قانداق ياشايمىز ؟ … دېگەن بۇ سوئاللار پەيلاسوپلارنىڭ كاللىسىدا چۆرگىلەپ ئۇماچ بولۇپ قاينايدۇ. تارىختىن بىرى نۇرغۇن پەيلاسوپلار ، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئەلچىلىرى بۇ سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇتلەق توغرا ھەمدە مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولغان جاۋابىنى تېپىپ چىققانلىقىنى جاكارلاشتى-يۇ ، بۇ سوئاللار بۈگۈنمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا چۆرگىلەپ كىتەلمەيۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك تەبىئىيتىگە خىلاپتۇر . تۆۋەندە بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
ھاياتلىقنىڭ مەنىسى دەل ئەركىن ھەرىكەتتە ، دەسلەپكى ھاياتلىق شەكىللەنگەندىن تارتىپ ، ھاياتلىق دەل مۇشۇنداق ئەركىن ھەرىكەتتە . بۇ يەردىكى « ئەركىن ھەرىكەت » دېگىنىمىزنى « ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىش » دەپ چۈشىنىپ تۇرۇشقا بولىدۇ . بىر تاش يەنە بىر تاشنىڭ سوقۇلۇشى سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەنسە ، گەرچە ئۇ ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۆز-ئۆزىدىن ئەمەس ، بەلكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىر چۈمۈلىنىڭ ھەرىكىتىدىن ماھىيەت جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ . ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدىكەن ، ئۇ ھالدا ئۇ بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن ھاياتلىقنڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىش ئىرادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، ئۇنى بىر يەرگە باغلاپ قويۇش ياكى بوغۇپ قويۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تۇرغۇنلۇققا بەنت قىلىش ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ماھىيەتلىك تەبئىيىتىگە خىلاپ بولۇپ ، بۇ مۇمكىن ئەمەس : ئۇ ياكى شۇ باغلانچۇقتىن يېشىنىپ داۋاملىق ھالدا ئەركىن تەپەككۇرىنى باشلايدۇ ، ياكى شۇ باغلانچۇقتىن يېشىنىپ چىقىش جەريانىدىكى تىرىشىش-تىرمىشىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن تنىچلىنىپ توختايدۇ ، چۈنكى ھاياتلىق بىلەن قۇللۇق ماھىيىتىدىن باشلاپلا بىر بىرىگە زىت . ئەركىنلىككە تەشنا بولىشىمىز ئۈچۈن بىرسنىڭ بىزگە قۇللۇقنىڭ رەزىللىكى توغرىسىدىكى تەلىمى كەتمەيدۇ ، چۈنكى بىزنىڭ تەبئىي ماھىيىتىمىزنىڭ ئۆزىلا ئەركىنلىكنى ئىنسان ھاياتى بىلەن شەرتسىز ھالدا بىرىكتۈرگەن . ھاياتلىق ___ ئەركىنلىك. بىزنىڭ ھەر ۋاقىت تاللىشىمىز بار . « ئەڭ ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب » مەيلى ئۇ قانداق جاۋاب ، كىمنىڭ جاۋابى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ « مۇتلەق توغرا » دەپ جاكارلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىددىيە-ئوي پىكىرىنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشى ، شۇ بويىچە تەپەككۇر قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن ، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى ئاخىرقى جاۋاب كىشىلەرنىڭ روھىغا ، ئەقلىي-ئىدراكىي تەپەككۇرىغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ جەھەتتە گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگىل تولىمۇ كۈلكىلىك: ئۇ « بارچە شەيئى ئاخىرقى ھېسابتا ئەقىلگە تېخمۇ مۇۋاپىق بولغان شەيئى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ» دېدى-يۇ، ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «ئاخىرقى ھەقىقەت» دەپ جاكارلىدى. ئىنسان ماھىيەت جەھەتتىن ئەركىن مەخلۇق بولغانلىقتىن ، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىش بولسا ئىنساننى ئىنسان قىلغان ماھىيەت بولغانلىقتىن ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار بىر بويۇنتۇرۇقنىڭ كەينىدىن يەنە بىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ تەپەككۇردىكى ئەركىن ھاياتلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ كەلگەن . شۇڭلاشقا ، « دۇنيادا زادى نېمە راست ، نېمە يالغان ؟ نېمە توغرا، نېمە خاتا ؟ بۇلارنى قانداق بىلىمىز ؟ » دېگەندەك سوئاللارنىڭ ئاخىرقى جاۋابى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدەك بۇ خىل ھالەت بىزنىڭ پەلسەپىگە چاپان قېقىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ، چۈنكى دەل مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدىنىش جەريانىدىلا ، ئۆزىمىزگە سىلىنغان بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلاش جەريانىدىلا ، بىز ئاندىن ئۆزىمىزنى مەۋجۇت قىلىمىز .
ھالبۇكى، رۇسسو ئېيتقاندەك، « بىز تۇغۇلىشمىزدىنلا ئەركىن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە مۇشۇنچە كۆپ بوغقۇچلار بىلەن بىللە تۇغۇلىدىكەنمىز» . دەرھەقىقەت ، « ماڭا نېمىشقا تۇغۇلغاندا ئۆز ئاتا-ئانامنى ، ۋەتىنىمنى ، يۇرتۇمنى ، مىللىتىمنى ، دىنىي ئېتىقادىمنى تاللاش پۇرسىتى بېرىلمىگەن ؟! » دەپ نالە قىلىپ ، ئاچچىقلاپ يۈرۈش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك بولىدۇ ، ھالبۇكى ، بىز شۇنى ئويلىنىشىمىز كېرەككى : مۇشۇ بوغقۇچلارنىڭ زادى قايسىبىرلىرى تەبئىي ھەم مۇقەررەر بولۇپ ، يوق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، يەنە قايسىبىرلىرى ئۆزىمىز ياكى ئەجدادلىرىمىز زورىسىغا چىگىۋالغان بولۇپ ، يوق قىلىشقا تامامەن مۇمكىن ؟

ماقالىنىڭ تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىم مۇشۇ يەردە توختايدۇ . مېنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىم ، پەيلاسوپلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا ــــــــــ دۇنيادا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنى زادى نېمە ؟ بىز بۇنى قانداق بىلىمىز ، زادى بىلەلەيمىزمۇ-يوق ؟ بىز بۇ دۇنيادا قانداق ياشىشىمىز كېرەك ؟ ـــــــــ بەرگەن ھەر خىل جاۋابىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق ، شۇ جاۋابلار ھاسىل قىلغان بوغقۇچنىڭ ماھىيىتىنى ئازراق بولسىمۇ ئىچىپ بىرىش .
بىرىنچى سوئال : « دۇنيادا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى زادى نېمە ؟ » گە جاۋاب بېرىدىغىنى مېتافىزىكىدىن ئىبارەت . « مېتافىزىكا » دىگەن بۇ سۆز گېرىكچىدىن كەلگەن، سۆز مەنىسى « فىزىكىدىن كىيىن » دىگەنلىك بولۇپ ، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش جەريانىدا ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگىلى ، تۇتقىلى ، ئاڭلىغىلى بولىدىغان ، سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ تەتقىق قىلىدىغان تەبئىي پەنلەردىن سىرىت ، يەنە تەجرىبىدىن ھالقىغان بەزىبىر بىلىملەر ، يەنى مەۋجۇتلۇق ، روھ ، ئىلاھ قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايقايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، كىشىلەر ئۇنىڭ كېيىنكى خىلدىكى ئەسەرلىرىگە ، يەنى سەزگۈ ئەزالار سىزەلەيدىغان فىزىكا دۇنياسىدىن ھالقىپ كەتكەن شەيئىلەرگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىگە « مېتافىزىكا » ، يەنى « فىزىكىدىن كېيىنكىسى » دەپ نام بەرگەن . « فىزىكىدىن كېيىنكىسى » دېگەنلىك ھەرگىزمۇ « فىزىكىدىن مۇھىم ئەمەس » دېگەنلىك ئەمەس ، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ، « مېتافىزىكا » رەڭگارەڭ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ ئارقىسىدا يوشۇرنۇپ ياتقان ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتكە ئالاقىدار ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى قىلغان .ئۇنداقتا ،« ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتكە ئالاقىدار ماھىيەتلىك مەسىلىلەر » زادى قايسى مەسىلنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ مەسىلە زادى قانداق كىلىپ چىققان ؟

بىزگە ئايانكى ، ئېزىتقۇنى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ، بىراق ئۇ ھەقىقىي مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇ پەقەت بىزنى ئازدۇرىدۇ ، خالاس . كۆز بىلەن كۆرگەن رەڭلەرگە كەلسەك ، جاھاندا « رەڭ » دەپ بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بولمايدۇ ، بىلگىنىمىز : رەڭ بولسا ئېلېكتىروماگنىت دولقۇنى . بىز قولىمىز بىلەن ئۈستەلنى سىيلاپ باقساق ، ئۇنىڭ سىيلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىشىمىز مۇمكىن ، بىراق ، ئەگەر قولىمىز ئىنتايىن كىچىك بولسا ئىدى ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ قولىمىز «سىيلاش » دىگەن بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەش جەريانىدا قاتمۇ-قات تاغ تىزمىسىغا دۇچ كىلەر ئىدى ، چۈنكى مكروسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە ، بىز ئىھتىمال ئۈستەل يۈزىنىڭ ئويداڭ-چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ، ئوخشاش بىر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان چاغدىكى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئېرىشىدىغىنىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن . ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تال ئالما بولسا ، بىرسى ئۇنى قىزىل رەڭلىك دېسە ، يەنە بىرسى ئۇنى يىشىل رەڭلىك دېسە ، ئۇ چاغدا « بۇ ئالما ئەسلىدە زادى قايسى رەڭلىك ئىدى ؟ » دېگەن سوئال كىلىپ چىقىدۇ . بىزنىڭ ھىچقايسىمىز كۋادرات كۆرۈپ باققان ئەمەس ، چۈنكى بىز ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزەتكىنىمىزدە ، « يىراقتىكى نەرسە كىچىك ، يېقىندىكى نەرسە چوڭ كۆرۈنىدىغان » نۇر ئىلىمى قانۇنىيتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، مەيلى بىز قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزەتمەيلى ، كۆزىمىزگە مۇنتىزىم بولغان ، يەنى تۆتىلا تەرىپى تەڭ ، ھەر بىر بۇلۇڭى 90 گىرادۇس بولغان شەكىلنى كۆرەلىشىمىز مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ، يەنى ، بىز كۆرۈش سىزىمىمىزغا تايىنىپ كۋادراتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر بىلىملەرگە ئېرىشەلمەيمىز . ھالبۇكى ، كۋادراتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر شۇ بىلىملەر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا « ھەقىقەت» دەپ قارىلىدۇ . ئۇنداقتا ، بۇ بىلىم نەدىن كەلگەن ؟ ياكى ، كۋادرات دېگەن شەكىل زادى مەۋجۇتمۇ-يوق ؟ مانا بۇنىڭ ئۆزى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى . « بەزى نەرسىلەرنى سەزگۈ ئەزا سىزەلمىگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيمىز » دېگەن بۇ قىياسقا بولغان ئەقىدە كىشىلەرنىڭ روھ ، تەڭرى دېگەنلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا يۈرەكلىك ھالدا تەپەككۇر قىلىشىغا ئىشىك ئېچىپ بەردى . روھ مەۋجۇتمۇ ؟ تەڭرىچۇ ؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ قەيەردە ، قايسى ۋاقىتتا ؟ ئەەەر ئۇ بىر ئورۇنغا ئىگە بولمىسا ، مەلۇم ۋاقىت داۋام قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ يەنىلا مەۋجۇت دەپ ھېسابلىنامدۇ ؟ ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ ؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى . ئادەمنى مىسالغا ئېلىپ قاراپ باقايلى : ئەمەتنى ئەمەت قىلغان زادى نېمە ؟ يەنى ، ئەمەت ئۆزىدىكى قايسى نەرسىلەرگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مەمەتكە ئايلىنىپ قىلشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايى ، بەدەن شەكلىمۇ ؟ ئۇنداقتا ، ئەگەر ئۇ ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا ياكى يۈزى ئوتتا كۆيۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتسە ، ئۇ ئەمدى ئەسلىدىكى ئەمەتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ ؟ ئۇ شۇنىڭلىق بىلەن باشقا بىرىگە ئايلىنىپ قالامدۇ ؟ ياكى ، ئۇنىڭ بىر قولىنى ئۈزۈپ چۆرىۋەتسەك ، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئەمەت شۇ ؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئىككى پۇتىنىمۇ ئۈزۈپ چۆرىۋەتسەك ، ئۇ يەنىلا ئۆزى شۇ ؛ ئۇنىڭ بىر بۆرىكىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۆزى شۇ . ئۇنداقتا ، ئەمەتنى مەمەت ئەمەس ئەمەت قىلغان زادى نېمە ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ تىنىدىكى بەزى ماددىيىۋى ئەزالار يوقالسا ياكى ئالماشتۇرىۋىتىلسە ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ ؟ ياكى ، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق ؟ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇپ قايسى باسقۇچقا يەتكەندە ، ئۇ ئۆزى بولماي قالىدۇ ؟ يۈرىكىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىمۇ ؟ مېڭىسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىمۇ ؟ بەلكىم بىز « ئۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىلا ، ئۇ ئاندىن ئۆزى بولماي قالىدۇ » دىگەن جاۋابنى قوللىشىمىز مۇمكىن . بۇجاۋاب بىزنى نەگە ئىلىپ بارىدۇ ؟ « بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتى پەقەت ۋە پەقەت شۇ كىشى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە مېڭىسىدە ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمىلەر تەرىپىدىنلا بەلگىلىنىدۇ » دېگەن يەرگە ئىلىپ بارىدۇ . بۇ بىر ۋەھىمىلىك يەر بولۇپ ، ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ۋە مېڭىمىزدە ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز سىرتقى دۇنيادىن سەزگۈ ئەزايىمىزغا تايىنىپ ئىرىشكەن ، ھالبۇكى ، سەزگۈ ئەزايىمىز بەزىدە بىزنى كولدۇرلىتىدۇ، ئۇ ئىشەنچسىز، ئۆزگىرىشچان . ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا ، « بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز نىڭ ئۆزى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ مەھسۇلى » دېگەنلىك بولىدۇ . سەزگۈ ئەزالىرىمىزچۇ؟ سەزگۈ ئەزالىرىمىز سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ (!)بۇ چاغدا ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ .

مەۋجۇتلۇققا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش جەريانىدا ، پەلسەپە ھەمىشە دىن بىلەن ئورۇن تالىشىپ ، پۇت تېپىشىپ قالىدۇ .
دىن توغرىسىدا مەن مەزكۇر يازمىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا توختىلىمەن.
پەلسەپىنىڭ جاۋابىنى « چۈشىنىش تەس » دىگەندىن كۆرە ،« چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن » دېگەن تۈزۈك . «زادى نېمە ھەقىقىي مەۋجۇت ؟ » دىگەن بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ، پەيلاسوپلار بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ . بىر مەنبەچىلىك قارىشىدىكىلەر ، پۈتكۈل كائىناتتا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا نەرسە مەۋجۇت دەپ قارايدۇ . بىر مەنبەچىلىكنىڭمۇ ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولىدۇ ، بىز بۇ يەردە پەقەت بىر قانچە خىلىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى . ماتېرىيالىزمچە بىر مەنبەچىلىكنىڭ قارىشىچە ، كائىناتتىكى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق پەقەت ئاتومدىنلا ئىبارەت . نۇرغۇنلىغان ئاتوملار ھەر خىل ئۇسۇلدا بىرىكىپ رەڭگارەڭ دۇنيانى ھاسىل قىلىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ، بۇنى چۈشىنىش تەسكە توختىمايدۇ . ئۇلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى ، ئاتومدىن باشقا دۇنيادا ئىككىنچى بىر مەۋجۇداتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس . مۇشۇ ئالدىنقى شەرتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇلار مەۋجۇتلۇقنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدەشتى . گەرچە نۇرغۇن ماتېرىيالىزىمچىلار روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنكار قىلسىمۇ ، لىكىن ئاتومىزمچى پايلاسوپ دېموكرىت ئېيتتىكى، روھ مەۋجۇت ، بىراق روھمۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن . بۇنداق قاراش تىكلەنگەندىن كىيىن ، ئۇلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولدى . ئالدى بىلەن روھنىڭ ئۆلمەسلىكى ۋە ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھايات يوققا چىقتى : ئەگەر ئادەم پۈتۈنلەي ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولسا ، روھمۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولسا، ئۆلگەندىن كىيىن بۇ ئاتوملارنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇ ئاتوملار تۇپراققا قوشۇلۇپ ، چېچىلىپ كېتىدۇ ، روھمۇ شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ . ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم ھەممىنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار مەسىلىمۇ ھەل بولدى : ئەگەر تەڭرى مەۋجۇت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئاتومدىنلا تۈزۈلەلەيدۇ ، چۈنكى ئاتوم بىردىنبىر مەۋجۇتلۇق؛ شۇنداقلا ئاتومنى كۆزىگە تايىنىپ كۆرۈشكە بولىدۇ . بىراق ھازىرغىچە ھېچكىم ئاتومدىن تۈزۈلگەن تەڭرىنى كۆرۈپ باققان ئەمەس ، شۇڭا تەڭرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئەمەس .

ۋاھالەنكى ، مېنىڭ قارىشىمچە ، ئۇلار كەم دېگەندە مۇنۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى ، ئۇ بولسىمۇ ، ھاياتلىقنىڭ ئەركىن ھەرىكىتىنىڭ كىلىش مەنبەسى . ئەگەر ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئاتوم قانداقمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنەلىسۇن ؟ ئاتوم قانداقسىگە ئوي-تەپەككۇر پەيدا قىلالىسۇن ؟ تەلتۆكۈس ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ قارىشىچە ، ھەرىكەتنىڭ مەنبەسىنى باشقا ياقتىن ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىش ماھىيىتى بولىدۇ .ھەرىكەت مۇتلەق.
بىر مەنبەچىلىكنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلىنى پانتېئىزم دەپ قاراشقا بولىدۇ . پانتېئىزملىق ئىددىيە ، يەنى پانئىلاھچىلىق ئىددىيەسى «شەرقنىڭ ئارىستوتېلى » ، « ئىككىنچى ئۇستاز » دەپ تەرپلىنىدىغان فارابىدىن باشلىنىپ ، يېقىنقى زامان گوللاندىيە پەيلاسوپى سىپنوزادا ۋايىغا يېتىدۇ . پانتېئىزمنىڭ قارىشىچە ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت بىردىنبىر مۇتلەق بولغان مەۋجۇداتنىڭ ، يەنى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ شۇ شەيئىلەردە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشى ئىدى . ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق پەقەت بىرلا ، يەنى بىردىنبىر تەڭرى ئىدى . تەڭرى جاھاننىڭ سىرتىدا كائىناتتىن خالىي ھالدا ئۇنى باشقۇرۇپ كونترول قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماستىن ، بەلكى كائىناتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۇ بارلىق جىسىم ، روھلارنىڭ ئۈستىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلاتتى .

ئەلۋەتتە ، بىر مەنبەچىلىك بار يەردە جەزمەن ئىككى مەنبەچىلىك ياكى كۆپ مەنبەچىلىك مەۋجۇتلۇق كۆز قاراشلىرى بولىدۇ . ئىككى مەنبەچىلەر « كائىناتتا ئىككى خىل نەرسە مەۋجۇت ، بىرى ماددا، يەنە بىرى روھ ، روھ ماددىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ » دەپ قارايدۇ . بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى بولسا فرانسىيە مۇتەپەككۇرى دېكارت . بىراق، « روھ زادى قەيەردە ، ئۇ قانداق قىلىپ ماددى تەنگە تەسىر قىلىپ ھەرىكەتنى ھاسىل قىلىدۇ ؟ » دېگەن مەسىلىنى ېنىڭچە دېكارت ئېنىق چۈشەندۈرەلمىدى. بىز دېكارتنى شۇنداق قىلالمىدى ، دەپ ئەيىپلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىلى گۈزەل ئەسەرلىرىنى رەت قىلساق ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ .
ئىككى مەنبەچىلەردىن باشقا ، يەنە كۆپ مەنبەچىلەرمۇ بار. بۇلار ەزكۇر يازمىدا سۆزلەنمەيدۇ.
پەلسەپىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سوئالى « بىز قانداق بىلىمىز ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىدىغىنى پەلسەپىدىكى بىلىش ئىلمى. «جاھاندا زادى نېمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىز زادى قانداق بىلىمىز ؟ سەزگۈ ئەزايىمىزغا تايىنىپ ، يەنى كۆرۈپ ، ئاڭلاپ ، تۇتۇپ بېقىپ بىلىمىزمۇ ياكى تەجرىبە ئارىلاشمىغان ساپ ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ بىلىمىزمۇ ؟ ياكى ، بىز زادى بىرەر نەرسىنى بىلەلەيمىزمۇ ؟» دېگەن مەسىلىلەر بىلىش ئىلمىنىڭ ئىزدىنىش دائىرسىدە. بىلىش ئىلمىمۇ چوڭ جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتتى . بىرىنچىسى تەجرىبىچىلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق بىلىمى تەجرىبە ئارقىلىق ، يەنى سەزگۈ ئەزالارغا تايىنىپ ئېرىشىلىدۇ ، ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىشتە بۇنىڭدىن باشقا يول يوق . ئەنگىلىيە پەيلاسوپى لوكنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ روھىيىتى خۇددى ھىچنېمە يىزىلمىغان بىر ئاق قەغەزنىڭ ئۆزى بولۇپ ، پەقەت بىرەر شەيئىنى بەش ئەزاسىغا تايىنىپ بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققاندىلا ئاندىن شۇ شەيئىي توغرىسىدا مەلۇم بىلمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ . بۇنداق باشتىن ئۆتكۈزۈش ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزۈش بولسىمۇ بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ بولىدۇ ، ئىشقىلىپ چوقۇم بىرەر ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك ، باشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ، تەپەككۇرغىلا تايىنىپ بىلىمگە ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس . بىراق، ئەگەر بىلىم پەقەت بەش ئەزاغىلا تايانسا ، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتىنى بىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ . بىز ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، ھىچكىم كۋادراتنى بەش ئەزاسىغا تايىنىپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ . ئوخشاش بىر جىسىمنى ئوخشىمىغان ئادەم ئوخشىمىغان يوسۇندا كۆرىدۇ . ئەگەر بۇ خىلدىكى بىلىش نەزەرىيىسى ئەخلاق ساھەسىگە كېڭەيسە ، ئەخلاق جەھەتتىكى نىسبىيچىلىككە يول بىرىدۇ : ھەر كىمنىڭ سەزگۈ ئەزاسى ئوخشىمىغانلىقتىن ، ئەخلاق پرىنسىپىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ؛ ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى بولغاچقا ، بىزنىڭ باشقا بىرەرسىنىڭ ھەر قانداق قىلمىش-ئەتمىشىنى ئەخلاقسىزلىق دېيىشمىز پۈتۈنلەي ئالجىغانلىق بولىدۇ . لوگىكا جەھەتتىن، ئەگەر ئەخلاقىي مۇنازىرە قىلىشقا ئامال بولمىسا، ئۇنداقتا «ئەخلاق» دېگەن ئۇقۇممۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى يوقىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، بەزى بىلىملەرنى تەجرىبىگىلا تايىنىپ بىلىش مۇمكىن ئەمەس ، مەسىلەن ، «كۋادراتنىڭ تۆت تەرىپى بىر-بىرىگە تەڭ ، ھەر بىر بۇلۇڭى 90 گرادۇس » دېگەن بۇ بىلىمنىڭ يالغۇز تەجرىبىگىلا تايانغاندا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق . بۇ خىل بىلىمگە تەجرىبە بىلەن ئەقلىي تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ .

بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئىككىنچى خىلدىكىسى بولسا ئەقىلچىلىك . ئەقىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ سەزگۈسى دائىم ئادەمنى ئالدايدۇ ، شۇڭا ئۇلارغا تايىنىپ ئېرىشلگەن بىلىم ھەقىقىي بولمايدۇ . ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىمەن دېگۈچى چوقۇم بەش ئەزاسنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقىۋىلىپ ، پەقەت ۋە پەقەت ساپ ئەقلىي تەپەككۇرغىلا تايىنىپ جاھاننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشى كىرەك . ئۇلار مەنتىقىي يول بىلەن ئومومىي قائىدە-تېئورىمىلار ئاساسىدا باشقا بىلىملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەقىلچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاشۇ ئومومىي قائىدە-تېئورىمىنى ، يەنى باشقا بارلىق بىلىملەر ئاساسلىنىدىغان بىرىنچى پرىنسىپنى ئىزدەپ تېپىشتۇر . دېكارت باشقا ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى « مەن ئويلايمەن ، شۇڭا مەن مەۋجۇت » دىگەن ئەڭ ئالىي پرىنسىپنى ئۆزىگە تىكلىدى . ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىغا تايىنىپ ئېرىشكەن سەزگۈ ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلىدى : بەزىدە كۆزىمىزگە ئىزىتقۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن ، قۇياشقا قارىغىنىمىزدا بەزىدە چوڭ ، بەزىدە كىچىك ، بەزىدە قىزىل، بەزىدە سىرىق كۆرۈنىدۇ ، سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ قۇياشنىڭ ئۆزى زادى قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلىپ بولمايدۇ ، بەلكىم سىرىتقا دۇنياغا ئالاقىدار سەزگۈ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى يالغاندۇر . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆز بەدىنىمگە ، ھېس-تۇيغۇمغا كەلسەم ، ئېھتىمال بۇمۇ يالغان ، چۈنكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشۇم تامامەن مۇمكىن ، بۇنىمۇ گۇماندىن ساقىت قىلمىغۇلۇق . ئۇنداقتا ، « ئىككىگە ئۈچنى قوشساق بەش بولىدۇ » دېگەندەك مۇشۇنداق مۇتلەق توغرا بولغان جاۋابتىنمۇ گۇمان قىلغىلى بولامدۇ ؟ دېكارت ئېيتتى : گۇمان قىلىشقا بولىدۇ . كۆڭلۈمدە مۇشۇنى « مۇتلەق توغرا » دەپ ئويلىغىلى سېلىپ مېنى دائىم كولدۇرلىتىدىغان رەزىل بىر جىن بۇ جاھاندا يوق دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ . دېمەك ، ھەممە نەرسىدىن گۇمان قىلىش كېرەك . ئۇنداقتا ، زادى گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان ، جەزمەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەرسە بارمۇ ؟ دېكارت ئېيتتى : يەنىلا بار . ئېھتىمال مەن ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنالايدىغاندىمەن ، بىراق «مەن گۇمانلىنىمەن » دېگەن بۇ ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىشقا ئامال يوق . مەيلى مەن نېمىدىن گۇمانلانماي ،« گۇمان » نىڭ ئۆزى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . « گۇمان » ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانىكەن ، چوقۇم بىراۋ گۇمانلىنىۋاتقان گەپ ، ئۇ «بىراۋ » ئەلۋەتتە مەن شۇ . گۇماننىڭ ئۆزى ئويلاش ، تەپەككۇر قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇ « مەن ئويلايمەن ، شۇڭا مەن مەۋجۇت » دېگەن بۇ ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ، ئۇ باشقا بارلىق بىلىمنى ئىسپات ئارقىلىق بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن كەلتۈرۈپ چىقاردى . مانا بۇ ئەقىلچىلەرنىڭ ئاساسلىق تەپەككۇر يولىنىڭ بىر ئۆرنىكى .

كانتنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ساپ ئەقىلگە تەنقىد» ئەقىلچىلەر بىلەن تەجرىبىچىلەرنى كېلىشتۈرۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغانىدى . كانتنىڭ ئىدىيەسى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنى كېيىنگە قالدۇرۇشنى قارا قىلدىم . (مېنىڭچە، مەن تور يۈزىدە ئوقۇمەنلەرنى كانتنىڭ ئىدىيەسى توغرىسىدا يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە قىلىپ بولدۇم.)
بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئۈچىنچى خىل مەزھىپى شۈبھىچىلىكتۇر . شۈبھىچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار بۇ دۇنيادا تۇغۇلۇپ ، ياشاپ ، بىرەر ھەقىقەتنى بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇلار پەقەت ياشايدۇ ، خالاس . ئۆزىچە بىر نەرسىلەرنى بىلگەندەك قىلىشىدۇ-يۇ ، بىلگەنلىرى يا بولمىسا ئادەت كۈچىدىن كەلگەن تەجرىبە ، يا بولمىسا ئەنئەنىگە ئاساسلانغان بىر تەرەپلىمە قاراش . ئۇلار ھەتتا ئۆزىنىڭ بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھىيۇم يېقىنقى زامان شۈبھىچى پەيلاسوپلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ ، ئۇ ھەتتا ئەقلىي تەپەككۇردىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىمۇ « پەقەتلا ئادەت كۈچىدىنچىدىنلا ئىبارەتلا ،خالاس» دەپ بىلىشتىكى بارلىق ئەقلىي تەپەككۇرنى يوققا چىقىرىدۇ . ھىيۇم شۈبھىچى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تەجرىبىچى بولۇپ ، ئۇ « مېنىڭ كۆرگىنىم : بىر بىليارت دومىلاپ ماڭدى ، ئىككىچى بىليارتقا سوقۇلدى ، ئىككىنچى بىليارت دومىلاپ ماڭدى ، مۇشۇلا . مەن بۇ ئىككى بىليارت ئارىسىدا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى دەيدىغان نەرسىنى كۆرمىدىم » دەپ ، بىرىنچى بىليارتنىڭ ئىككىنچى بىليارتقا سوقۇلۇشى بۇ ئىككىنچى بىليارتنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى . ئۇ دېدىكى : بارلىق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى پەقەتلا ئادەت كۈچىدىنلا ئىبارەت . كىشىلەر ھەمىشە ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرى يۈز بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا ، ئۆزىچە ئۇنىڭ ئالدىنقىسى كىيىنكىسىنىڭ سەۋەبى ، كىيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئويلاپ ، « ئوبىيېكتىپ دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئىكەن » دېگەن ئويغا كەلگەن ، ئەمەلىيەتتە بولسا ، ھېچكىم « سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى » دېگەن نەرسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئەمەس ، بارلىق سەۋەب-نەتىجە پەقەتلا ئادەتتۇر . كېيىن شوتلاندىيە پەيلاسوپى رىيېد « ھەر كۈنى تۈندىن كېيىن تاڭ كېلىدۇ ، بىراق شۇنچە يىللاردىن كېيىنمۇ ھىچكىم تۈننى تاڭنىڭ سەۋەبى ، تاڭنى تۈننىڭ نەتىجىسى دېمەيدۇ ، ساراڭ بولسا قانداق بولاركىن » دېيىش ئارقىلىق ، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى « ئادەت كۈچى » دېيىشكە قارشى تۇرۇپ ، ھىيۇمغا رەددىيە بەردى . (بىراق پەلسەپىدىكى مەسىلىلەر بىرەرسىنىڭ يەنە بىرسىگە رەددىيە بېرىشى بىلەنلا يوق بولۇپ كېتەمدۇ؟)

ئەمدى ، پەلسەپىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ مەسىلىسى : « قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ » كە جاۋاب بېرىدىغىنى ئېتىكا ( ئەخلاق پەلسەپىسى ) نىڭ مەسىلىسىدۇر . ئەخلاق پەلسەپىسى زادى نېمىنىڭ توغرا ، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە جاۋاب ۋە پرىنسىپ ئىزدەيدۇ .
ئېتىكا بولسا زادى نېمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشقا ئالاقىدار بىر ئىلىم . ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلگەندە ، بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ يىتەرلىك ئۆلچىمى باردەك ھېس قىلىمىز : كېچىكىمىزدىن تارتىپ بىز ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا پەند-نەسىھەت ئاڭلاپ چوڭ بولغان . ئاق كۆڭۈللۈك ، ۋاپادارلىق ، باتۇرلۇق ، راستچىللىق ، ياخشىلىق ، كەمتەرلىك ، ساداقەتمەنلىك ، كەڭ قورساقلىق ، مەردانىلىك… دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلىدىغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ ، زور كۆپ ساندىكىسى . كىيىنچە ، بەزىلىرىمىز ( ئېھتىمال ھەممىمىز ) مۇقەددەس كىتابلاردىكى دىنىي ئەھكاملارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقىي قىممىتىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بولدۇق .
دەرۋەقە ، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ، بىراق يېتەرلىك ئەمەس . ئەگەر بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئۆلچەم-پرىنسىپلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ، « مېنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىم يېتەرلىك » دەپ قاراپ ، شۇنىڭلىق بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچسەك ، خاتالاشقان بولىمىز .چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنىڭ دائىرسى ھەددىدىن زىيادە كەڭرى ، مەنىسى غۇۋا بولۇپ ، كونكرېت ئەھۋالدا بىزنىڭ ئىش ھەرىكىتىمىزنى يىتەكلىيەلىشى بىر قەدەر قىيىن . مەسىلەن ، بىز يامانلىقنى بولۇشىچە قىلغان كىشىلەرگىمۇ ئاق كۆڭۈل بولىشىمىز كىرەكمۇ ؟ زالىم ھۆكۈمدارغىمۇ ۋاپادارلىق كۆرسەتسەك ئەخلاقلىق بولغان بولىمىزمۇ ؟ بىر توپ لۈكچەكلەر سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىزنى قوغلاپ يۈرۈپ ، ئۇنى ئىزدەپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قالدى ھەم دوستىڭىزنى سورىدى . سىز دەرۋەقە ئۇنى ئۆيىڭىزگە يوشۇرۇپ قويغان ئىدىڭىز . ئەمدى سىز ئۇ لۈكچەكلەرگە نېمە دەيسىز ؟ راستچىل بولامسىز ؟ ئەگەر سىز راستچىل بولۇپ ، دوستىڭىزنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ راستچىللىقىڭىز سەۋەبلىك ئەخلاقلىق ھېسابلىنامسىز ؟ يەنە مەسىلەن ، كەڭ قورساقلىقنى ئېيتايلى . ئەگەر دۈشمەن ئارمىيىسىدىكى بىر قانچە ئەسكەر ، مىلتىق-پىلتىقلىرى بىلەن ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىرىپ ، كۆز ئالدىڭىزدا سىزنى قارىتىپ تۇرۇپ نۆۋەت بويىچە ئايالىڭىز ، قىزىڭىز ، ئاچىڭىز ۋە ۋە سىڭلىڭىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن ، ئۇلارنى قېيناپ ئۆلتۈرىۋەتسە ، بۇ چاغدا سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن « بولدىلا » دىيەلەمسىز ؟ مۇشۇنداق چاغدىكى كەڭ قورساقلىقمۇ گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنامدۇ ؟

يۇقىرىدىكى مىساللاردىن ، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەخلاقىي پەند-نەسىھەتلەرنى توختىماستىن يادىلاش بىزنى ئەخلاقلىق قىلمايدۇ ، بىز ئەخلاقىي پرىنسىپلارنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيەتلىك مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشەنمىسەك بولمايدۇ . دەل مۇشۇ چاغدا ، بىز ئەخلاق پەلسەپىسىگە مۇراجىئەت قىلىمىز .
ئەخلاق پەلسەپىسى بىزگە ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا ، نېمىنىڭ قەدىرلىك ، نېمىنىڭ قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ . دەرھەقىقەت ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى جاۋاب بىلەن تەمىنلىمەيدۇ ، ئەمما بىزنى جاۋابلار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ .
ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە پرىنسىپتىن سۆز ئېچىشتىن ئاۋال ، بىز بۇ ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلارنىڭ ئوبىيكتىنى ئايدىڭلاشتۇرېۋىلىشىمىز كىرەك ، يەنى بۇ ئۆلچەم ۋە پرىنسىپلار زادى نېمىگە ، قايسى ئىش ھەرىكەتلەرگە ئىشلەيدۇ ؟ بىرەر قارار چىقىرىلغاندا ، ئەگەردە ئۇ قارار شۇ كىشىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى تەرىپىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۆز كونتروللىقىدا بولمىغان مەلۇم بېسىم ياكى تەبىئىي قانۇنىيەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا چىقىرىلغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خىل قارارنىڭ ئاقىۋىتى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ، چۈنكى گۇناھ ئۇنىڭدا ئەمەس ، ئۇ شۇ قارارنى چىقارغاندا ئەركىن ئەمەس . نېرۋىسىدىن ئاداشقان بىر كىشى ئۆزىچىلا بىراۋنى تىللاپ تاشلىسا ، ھېچكىم ئۇنى ئەخلاقسىز دىمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ « ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تىللىغان » ئەمەس .شۇنىڭ ئۈچۈن ، پەقەت ۋە پەقەت ئەركىن ھالدا كاللىنى ئىشلىتىپ چىقىرىلغان قارار بار يەردىلا ، «ئەخلاقلىق» ياكى «ئەخلاقسىز» دىگەنلەرنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بار بولىدۇ . ئەخلاق ئىرادە ئەركىنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ.

ئۇنداقتا ، ھازىرقى مەسىلە شۇكى ، « ئەركىن ھالدا ئۆزىمىز بىلىپ تۇرۇپ » مەلۇم قارار چىقارغاندا ، بىز نېمە سەۋەپتىن شۇ قارارنى چىقىرىمىز ؟
زور كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ جاۋابى : « شەخسىيەتچىلىك » . ئۇلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى ، ئىنسان تۇغما شەخسىيەتچى كېلىدۇ ، ھەر قانداق قارارنى ئۆزىنىڭ بەخىت-سائادىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ چىقىرىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان شەخسىيەتچىلىك ، ھەرگىزمۇ بىز بىراۋنى « سەن بەك شەخسىيەتچىكەنسەن » دەپ ئەيىبلىگەن چاغدىكى سەلبى مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ؛ بەلكى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، شەخسىيەتچىلىك بولسا بارلىق جانلىقلارنىڭ تەبىئىيىتى ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتى ، پايدا-زىيىنىنى كۆزلەيدۇ ، ئىنسانلارمۇ شۇنداق ، ئۇنىڭغا ئامال يوق . بۇ خىل شەخسىيەتچىلىك بەخت ۋە خۇشاللىققا بولغان ئارزۇ-ھەۋەس شۇنداقلا ئازاب-ئوقۇبەتتىن يىراق تۇرۇپ جاھاندا جان ساقلاشقا بولغان ئىنتىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى تەرەپتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ، شەخسىيەتچىلىك ھېچقانداق نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس . ھەممەيلەن چوڭ تەرەت قىلمىساق ياشىيالمايمىز ، بۇ بىر ھەقىقەت ، شۇڭلاشقا چوڭ تەرەت قىلىش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس ، پەقەت ئۇنى قىلىدىغان يەرگە قىلماسلىقلا ئاندىن نومۇسلۇق ئىش .
بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان قەدىمكى گېرك پەيلاسوپى ئېپىكيۇرېس « خۇشاللق پرىنسىپى » ( گېدونىزم ) دا چىڭ تۇردى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ، ھەققانىيەت ۋە رەزىللىكنىڭ ئۆلچىمى پەقەت ۋە پەقەت شۇ شەخسنىڭ خۇشاللىقىدىن ئىبارەت ئىدى . ئەگەر بىرەر ئىش سىزنىڭ ئارزى-ھەۋەس ، نەپسىڭىزنى قاندۇرۇپ سىزنى خۇش قىلسا ، سىزگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىش گەپ يوق ئەخلاق پرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئىش ھېسابلىندۇ . بىراق ئېپىكيۇرېس بۇنىڭلىق بىلەن ئىشنى تۈگەتمىدى ، ئۇ ھەر خىل ئارزۇ ھەۋەسلەرنى دەرىجىگە ئايرىدى ، ئۇنىڭ قارىشىچە ھەممە ئارزۇ -ھەۋەسلەر باپ-باراۋەر ئەمەس ئىدى ، بىز بەزى ئارزۇ -ھەۋەس ، نەپستىن ۋاز كەچكېنىمىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي بەختكە مۇيەسسەر بولىشىمىز مۇمكىن ئىدى . ئەگەر بىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز بىزنى بىرەر قارار چىقىرىپ ھەرىكەتلىنىشكە ئۈندىسە ، ئۇنداقتا ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز قانچىكى ئاز بولسا ، ئارزۇ-ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، ئارزۇ-ھەۋەسنى قاندۇرالماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بەختسىزلىك ۋە خاپىچىلىقمۇ ئازراق بولىدۇ . شۇڭلاشقا ، بەختسىزلىكتىن يىراق تۇرىمەن ، دەيدىكەنمىز ، بىز چوقۇم بەزىبىر ئارزۇ-ھەۋەستىن ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كىرەك ئىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئېپىكيۇرېس زادى قايسى خىلدىكى ئارزۇ-ھەۋەستىن ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى .

ئۇنىڭ قارىشىچە ، بەزى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش تەبئىي ۋە زۆرۈر بولۇپ ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكىلى بولمايتتى ، ئۇلار بىزنىڭ ھايات تۇرۇشىمىزنىڭ كاپالىتى ئىدى ، مەسىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاۋا قاتارلىقلار . يەنە بەزى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش گەرچە تەبئىي بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار زۆرۈر ئەمەس ئىدى ، مەسىلەن ، قاتناش قورالى بولغان پىكاپ ياكى جىنسىي ھەۋەس . قاتناش قورالى بىزنىڭ تەبئىي ئېھتىياجىمىز ، ئەگەر ئۇ بولمىسا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز نورمال داۋاملىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ ، بىراق ، پىكاپ زۆرۈر ئەمەس ، پىكاپ بولمىغانغا بىز ئۆلۈپ قالمايمىز ، پىكاپ بولمىسا ۋېلىسپىت بولسىمۇ بولىدۇ ، ئۇمۇ بولمىسا ئىككى پۇتىمىز بار . جىنسىي ھەۋەس دەرۋەقە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ، بىراق جىنسىي ھەۋەس قانمىغانغا ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ ، دىمەك ، بۇخىلدىكى ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىش گەرچە تەبىئىي بولسىمۇ ، بىراق ئۇلار زۆرۈر ئەمەس . ئېپىكيۇرېس دەيدۇكى ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ، بەختسىزلىكىنى يەڭگىللىتىمەن ، دەيدىكەن ، مۇشۇ تۈردىكى ، يەنى تەبىئىي بىراق زۆرۈر بولمىغان ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشتىن ۋاز كېچىشى كىرەك ئىدى . چۈنكى ، سىزدە بار بولغان ، سىز ئىگىدارلىق قىلىدىغان نەرسە قانچە كۆپ بولسا ، ئۇ ھالدا سىزنىڭ يوقىتىش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ شۇنچە چوڭ ، بەختسىزلىككىمۇ شۇنچە يىقىن بولىسىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، سىزنىڭ ھېچنېمىڭىز بولمىسا ، ئۇ ھالدا سىزنىڭ يوقىتىدىغانغىمۇ ھېچنېمىڭىز بولمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ھېچنېمە سىزنى خاپا قىلالمايدۇ . ئەلۋەتتە ، ئېپىكيۇرېس يەنە تەبئىيمۇ ئەمەس ، زۆرۈرمۇ ئەمەس ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى . مەسىلەن ، قىممەت باھالىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئۈنچە-مەرۋايى، نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك يانفۇن ، ئەللك مىڭ يۈەنلىك كاستۇم-بۇرۇلكا دىگەندەك . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ھەر قانداق كىشى مەيلى قانچىلىك پۇلدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئارامخۇدا ئاسايىشلىقى ۋە خۇشاللىقىغا ئېرىشىمەن ،دەيدىكەن ، بۇ تۈردىكى ، يەنى تەبئىيمۇ ئەمەس، زۆرۈرمۇ ئەمەس ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپس-خاھىشلاردىن جەزمەن ۋاز كېچىشى كىرەك ئىدى .

ئېپىكيۇرېسنىڭ نەزىرىدە ، ئېھتىمال ئىپتىدائىي ئىنسانلارلا ھەقىقىي بەختلىك ۋە خۇشال بولۇشى مۇمكىن ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىپتىدائىي ئىنسانلارلا ھەقىقىي ئەخلاقلىق بولۇشى مۇمكىن .
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىز پەقەت ئەڭ ئاساسلىق بولغان ، كىشىلەر ئەڭ ئاسان ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەخلاق ئۆلچىمى ، يەنى «خۇشاللىق پرىنسىپى » دىن ئىبارەت .
ئەمەلىيەتتە ، پەيلاسوپلار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ توختاپ قالمىدى . تۆۋەندە ئەخلاق پەلسەپىسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل ئەخلاق پرىنسىپىنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن .

بۇنىڭ بىرىنچىسى بولسا « مۇقەددەس پەرمان » غا ئاساسلانغان ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ يەردە ئاساسلىقى دىنىي جەھەتتىكى ئەخلاق ئۆلچىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . سىزنىڭ مەلۇم بىر قارارنى چىقىرىشىڭىز ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز تەڭرىنىڭ ئىرادىسى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى خالىغاچقىلا سىز مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىز ، بۇ خىلدىكى ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى مۇتلەق مەۋجۇتلۇقنىڭ « مۇقەددەس پەرمان » ىغا ئاساسلانغان ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ئىبارەت ، بىز بۇ خىلدىكى « مۇقەددەس پەرمان » لارنى كۆپىنچە «قۇرئان كەرىم » ، « ئىنجىل » ۋە «تەۋرات» قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا ئۇچرىتىمىز . دىنىي ئەھكاملاردىن باشقا ، بۇ خىلدىكى « مۇقەددەس پەرمان »غا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۆز ئىش-ھەرىكىتىگە ئەخلاق ئاساسى بىلەن تەمىنلەش بولسا مەلۇم بىر ئەڭ يۇقىرى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمدارغا بويسۇنۇش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان ئەخلاق قىممەت ئۆلچىمىگىمۇ ماس كېلىدۇ ، ھۆكۈمدار «توغرا » دېسە توغرا بولىدۇ ، ھۆكۈمدار «خاتا » دىسە خاتا بولىدۇ .
دېمەك ، سىزنىڭ ھەر قانداق ئىش-ھەرىكىتىڭىز مەلۇم بىر نوپۇز تەرىپىدىن بەلگىلەنسە ، سىز شۇ بويىچە ئىش كۆرسىڭىز ، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپى « مۇقەددەس پەرمان » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بىراق بۇ يەردە بىر مەسىلە بار . ئەگەر سىزنىڭ ھەر قانداق مۇددىئايىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭىزنىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئىردىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولسا ، ئۇ چاغدا مەيلى سىز نېمە ئىش قىلماڭ ، ھېچكىم سىزنى « ئەخلاقسىز » دەپ ئەيىپلىيەلمەيدۇ ، چۈنكى سىز تەڭرىنىڭ ئىردىسى ۋە بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرگەن ، گۇناھ سىزدە ئەمەس ، سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىگە ئەمەس، سىز ئەركىن ئەمەس.
ئىككىنچى خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا ، « مەنپەئەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاساسەن، مەلۇم بىر ئىش ھەرىكەتنىڭ ئەخلاقلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ، شۇ ئىش-ھەرىكەت پەيدا قىلغان نەتىجە ۋە ئاقىۋەتكە قاراش كىرەك . مەيلى ئۇ ئىش ھەرىكەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇددىئاسى ياكى شۇ مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوللانغان ۋاستە ، قورالى قانچىلىك رەزىل بولسۇن ، پەقەت شۇ ئىش – ھەرىكەت ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ زور بەخت-سائادەت ۋە خۇشاللىقىنى ئىشقا ئاشۇرسىلا ، بۇ ئىش ھەرىكەت ئەخلاقلىق ھېسابلىنىدۇ .
ئۈچىنچى خىل ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « پەزىلەت » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ئەخلاق پرىنسىپىنى يۇناننىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى ئارىستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان . ئارىستوتېلنىڭ پۈتكۈل پەلسەپە سىستىمىسى مەقسەتچىلىك ئىددىيىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە ، جاھاندىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مەۋجۇت بولغانىكەن ، ئۇنداقتا بارلىق مەۋجۇدات بىكاردىن-بىكارغىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چوقۇم مەلۇم بىر مەقسەت بولىدۇ ، شۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا بىر شەيئى ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولغان مەۋجۇتلۇق شەكلىگە ئىگە بولىدۇ . مەسىلەن ، قەلەمنىڭ مەقسىتى خەت يېزىشتىن ئىبارەت ، يەنى قەلەم خەت يېزىش ئۈچۈن يارىتلىغان ؛ ئۇنداق بولسا قانداق قەلەم ئەڭ ياخشى قەلەم ھېسابلىنىدۇ ؟ ئەلۋەتتە خەت يازغاندا ئەڭ ئوبدان چىقىدىغان قەلەم ، بۇنداق قەلەمنى بىز « ياخشى قەلەم » دەيمىز . ئىنسانمۇ ئوخشاش ، ئىنسان بۇ دۇنياغا يارىتىلغانىكەن ، چوقۇم بىر مەقسىتى بولىدۇ ، ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇمكىنلىكى دائىرسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەللىككە يېتىشتىن ئىبارەت . ئۇنداقتا بۇ مۇكەممەللىك زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ بۇ بىر مەسىلە.
تۆتىنچى خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « مەجبۇرىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . بۇ خىلدىكى ئەخلاق پرىنسىپىغا ئاساسەن ، مەيلى « مۇقەددەس پەرمان » تەمىنلىگەن ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، مەيلى « مەنپەئەتپەرەسلىك » ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، ياكى بولمىسا « پەزىلەت » ئەخلاق پرىنسىپى بولسۇن ، ئۆزىمىز ھېس قىلغان ، ئادىمىيلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ تونۇپ يەتكەن ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتكە قارشىلا بولىدىكەن ، بىز ئۇ ئىشنى ئەخلاقلىق دەپ قارىماسلىقىمىز كىرەك. ئۇنداقتا ، « مەجبۇرىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىكى « مەجبۇرىيەتچىلىك » زادى قايسى مەنىدىكى مەسئۇلىيەتنى كۆرسىتىدۇ ؟

« مەجبۇرىيەتچىلىك» ئەخلاق پرىنسىپىنى گېرمانىيە بۈيۈك پەيلاسوپى كانت ئوتتۇرىغا قويغان . كانتنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى « مەجبۇرىيەت» ھەرگىزمۇ بىزنىڭ مەلۇم بىر مىللەت تۈركۈمىگە ئورتاق تەۋە بولۇشىمىزدىن كىلىپ چىققان مەجبۇرىيەت ئەمەس ؛ بىرەر دىنغا ئورتاق ئېتىقاد قىلغانلىق سەۋەپتىن كىلىپ چىققان مەجبۇرىيەتمۇ ئەمەس ؛ بىرەر دۆلەت پۇقراسى بولۇشتىن ھاسىل بولغان مەجبۇرىيەتمۇ ئەمەس : كانت ئېيتقان مەجبۇرىيەت بولسا بىزنىڭ ئورتاق ھالدا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك بولغان ، بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق ھەم باراۋەر بولغان ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەت . ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىمىز ، بىراق پەرق قەيەردە ؟ كانتنىڭ قارىشىچە ، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئۆزىمىزنى « ئەركىن ئىرادىگە ئىگە» دەپ ئىشىنىمىز . بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە تايىنىپ قارار چىقارغاندا ، ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيەتچىلىك تەبئىيتىمىزنى يېڭىپ ، باشقىلارنىمۇ ئويلىيالايمىز . ئۇنداق بولسا ، « مەجبۇرىيەتچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىكى بۇ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇ سىرتقى دۇنيادىكى ئاللىقانداق تەڭرى-ئىلاھلارنىڭ شاپائىتىدىن ياكى كۆرسەتمىسىدىن كەلمەيدۇ ؛ ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇيرۇقىدىنمۇ ئەسلا كەلمەيدۇ . كانت ئېيتىدۇكى ، بۇ خىل مەجبۇرىيەت بولسا بىز ئىنسانلارغىلا خاس بولغان ، ھېچقانداق تەجرىبە ماتېرىيالى ئارىلاشمىغان ، سىرتقى دۇنيادىن مۇستەسنا بولغان ساپ ئەقىلدىن كەلگەن . بۇ خىل ساپ ئەقىل بىزنى تەجرىبە ئارىلاشمىغان ساپ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ، بىزنى ئەركىن قىلىدۇ؛ يەنى، بىز ئىنسان بولۇش ۈپىتىمىزدە، بۇ ساپ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتكە تايىنىپ، ئەخلاقىي ھۆكۈملەرنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولغان ھالەتتە چىقىرالايمىز . گەرچە ئادەتتىكى بىلىش پائالىيىتىدە ، بىز بۇ خىل ئىرادە ئەركىنلىكىنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمىسەكمۇ ، ئۇ توغرىسىدا تەجرىبە بىلىمىگە ئېرىشەلمىسەكمۇ ، بىراق بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيمىز ، چۈنكى ، « ئىنسانىيەتتە ئەخلاقىي ئىشلار مەۋجۇت » دىگەن بۇ ئەمەلىيەتتىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئىنسانلاردا ئەركىن ئىرادە مەۋجۇت . ھالبۇكى ، بۇ ئەركىن ئىرادىنى پەقەت ۋە پەقەت ساپ ئىدراك ئارقىلىقلا ئىزدەپ تىپىش مۇمكىن . ئىنسانلارغا خاس ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ساپ بولىدۇ، شەرتسىز بولىدۇ، ئەگەر ساپ بولماي ئۇنىڭغا تاشقى سەزگۈ دۇنياسىدىكى تەجرىبە ماتېرىيالى ئارىلىشىپ قالسا ، ئۇ ھالدا بىز پەقەت پايدا-زىيان ، خۇشاللىق-خاپىلىق توغرىسىدىلا پىكىر يۈرگۈزىمىز ۋە مۇشۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىمىز، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىمىز ، بىزنى ئىنسان قىلغان ساپ ئەقىلدىن كەلگەن ئىنسانىي مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇيمىز . ئۇ چاغدا بىز قىلغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتتە ئەخلاق دىگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ .

شۇڭا ، كانت كىشىلەرنى ئۆز ئادىمىيلىك مەجبۇرىيتىدىن كەلگەن بۇ ئەخلاق پرىنسىپىغا شەرتسىز بويسۇنۇشقا چاقىردى . بۇ خىل پرىنسىپ مۇتلەق ، ئۆزگەرمەس بولۇپ ، كانتنىڭ قارىشىچە ، بۇ پرىنسىپ ھەر قانداق زامان ، ھەرقانداق ماكان ، ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاشلا ماس كېلەتتى .
يەنە بىر خىل ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « ھېسداشلىق » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . ئەنگىلىيە پەيلاسوپى ھېيۇم ۋە گېرمانىيە پەيلاسوپى شوپېنخائۇر قاتارلىق كىشىلەر بۇ خىل ئەخلاق قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ،ئەقىل -ئىدراك ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئېنىق بىر ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمەيدۇ، ئەخلاق يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئىختىيارى ئىرادىسى ۋە تەبئىي ھېس-تۇيغۇسىغا تايىنىدۇ . ئۇلار ئېيتىدۇكى ، بارلىق ئەخلاقنىڭ ئاساسى ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىشتىن كېلىدۇ . بىز ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ ، باشقىلارنىڭ بەخىت-سائادىتى ۋە ئازاپ ئوقۇبىتنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ ھېسابلىغاندىلا ، ئاندىن ئەخلاقلىق ھەرىكەت شەكىللىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ ھېسسىياتمىزغا باغلىق ئىش .
ئەڭ ئاخىرقى ئەخلاق پرىنسىپى بولسا « نىسپىيچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىدىن ئىبارەت . « نىسپىيچىلىك » ئەخلاق پرىنسىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەخلاقسىزلىق پرىنسىپى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ دىيىشىچە ، ئەخلاقىي ھۆكۈم ئوخشاشمىغان ۋاقىت ، ئوخشاشمىغان ئورۇن ، ئوخشاشمىغان ئوبيېكت قاتارلىقلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ، كونكرېت ئەھۋالنى كونكرېت تەھلىل قىلماق كىرەك . ئۇلار ئېيتىدۇكى ، بۇ جاھاندا مۇتلەق ۋە ئۆزگەرمەس بولغان ئەخلاق پرىنسىپى مەۋجۇت ئەمەس . ئەمەلىيەتتە ،بۇ خىل قاراشتىكىلەر ھەر قانداق مۇتلەق ، ئۆزگەرمەس بولغان ھەقىقەتنىڭ بارلىقنىمۇ ئېىنكار قىلىدۇ . بۇ خىل كۆز قاراش قاراش قۇلاققا ياقمىغاندەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ كۈچلۈك ئااساسى بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ۋاقىت ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، ھازىرقى دەقىقىدىكى نەرسە ئېھتىمال مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئالدىدىكى دەقىقىدىكى نەرسىنىڭ ئۆزى شۇ بولماسلىقى مۇمكىن . يۇنان پەيلاسوپى ھېراكلىت « ھەر قانداق كىشى ئوخشاش بىر دەريادىن ئىككى قېتىم كېچىپ ئۆتەلمەيدۇ » دېگەنىدى ، چۈنكى دەريادا ئېقىۋاتقان سۇ ھەر دەقىقىدە ئالمىشىپ تۇراتتى ، ھازىرقى دەريا باياتىنقى دەريانىڭ ئۆزى ئەمەس ئىدى .
يۇقىرىدا ئېيتىلغىنى غەرب پەلسەپىسىدىكى ئاساسلىق ئەخلاق پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت . قانداقلا بولمىسۇن ، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بۇ پرىنسىپلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ئاخىرقى ، مۇتلەق بولغان ، كىشىنى ھەقىقىي قايىل قىلغۇدەك جاۋب بىلەن تەمىنلىگىنى يوق ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىغا پاكىت ئەمەس . بۇ خىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ، بىز ھېچبولمىغاندا ئەخلاق مەسىلىلىرىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ھەل بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق .

ئۇنداقتا، دىنسىز كىشىلەر ئەخلاقلىق بولالامدۇ؟ بۇ بىر مەسىلە.
ئەمدى ئىلاھشۇناسلىق توغرىسىدا ئازراق مۇلاھىزە قىلايلى. (مەن مەزكۇر ماقالەمدە ئىلاھشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق دېگەندەك ئۇقۇملارنى تەڭ قىممەتتە ئىشلەتتىم. ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، بۇ ئىككى ئۇقۇم ئەلۋەتتە پەرقلىنىدۇ، بىراق مەزكۇر ماقالىدە پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىدىم، يادىمغا قايسى كەلسە شۇنى يازدىم.)
پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ ئەڭ نىگىزلىك تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى بىردەك بولۇپ ، ئىككىلىسى « زادى پۈتكۈل كائىنات نېمىشقا ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھالەتتە ؟ كائىناتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زادى نېمە ؟ ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى زادى نېمە ؟ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى كىم بىلىدۇ ؟ ھاياتلىقنىڭ بىرەر مەقسىتى بارمۇ ، ئەگەر بار بولسا ، ئۇ نېمىدىن ئىبارەت ؟ » دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ( ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، پەلسەپە بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق بولسا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرىدۇ ). ھالبۇكى ، پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلى كۆپلىگەن پەرقلەرگە ئىگە : پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق بولسا ھەرخىل بېشارەت ، ۋەھىي ۋە مۆجىزىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ . پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى ئوخشاش ئەمما قوللانغان ئۇسۇل ئوخشىمىغانلىقتىن ، مۇنداقلا قارىماققا بۇ ئىككىسىنىڭ تاپقان جاۋابىنىڭ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ ، ۋاھالەنكى ، ئەمەلىي ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس .
گەرچە پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىق ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم -ئايرىم پەنلەر بولسىمۇ ، بىراق ئىككىلىسى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىدىغان ھەم تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەزەلدىن ھەممىنى قايىل قىلىدىغان ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب بىلەن تەمىنلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بولغاچقا ، ئوخشىمىغان تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا پەلسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئوخشىمىغان ھالەتتە بولدى . غەرب ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ، ھەتتا بەزىدە دىن ھاكىمىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بولغاچقا ، دىن پەلسەپىگە نىسبەتەن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇردى ، پەلسەپە دىننىڭ دىدىكىگە ئايلىنىپ، پەيلاسوپلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا تايىنىپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان ھەممىگە قادىر ، چەكسىز مېھرىبان بولغان سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقىش بولدى ؛ ماھىيەتتە بولسا ، پەيلاسوپلار ئۆزىنىڭ بارچە ھۈنىرىنى چىقىرىپ دىنىي ھۆكۈمدار (پاپا ) لارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئۇلارغا تاپشۇرۇلغانلىقنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقوقىنىڭ دەخلىسىز ھەم مۇقەددەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشتى ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ، جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنىڭ پاپالار قولىدا ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت دەپ قارىلىپ ، پاپالار ۋە پوپلارنىڭ جازانىخور ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە ھەتتا كۆڭلىدە بولسىمۇ گۇمان قىلىشقىمۇ ھېچكىم پىتىنالمىدى . ئەلۋەتتە ، ئىنسانىيەت تارىخى ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىشنى ئۇنۇتمايدۇ ، ھازىرقى ئەھۋال تارىختىكىگە ئوخشىمايدۇ .

تەڭرى مەۋجۇتمۇ ؟ بىز ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەيلاسوپلارنىڭ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى زادى قانداق ئىسپاتلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى ، ئاندىن « بىز قانداق ئويلايمىز ؟ » بۇنىمۇ كۆزىتىپ باقايلى . بۇنى قىلىشتىن ئاۋال ، ئەينى چاغدىكى پەيلاسوپلارنىڭ كۆڭلىدە تەڭرى زادى نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ ، بۇنى بىلىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ تەڭرىگە بەرگەن تەبىرى مۇنداق : تەڭرى بولسا « ناھايىتى شەپقەتلىك ، مېھرىبان ….. ئۇلۇغ ، ھەممىگە قادىر ، ھەممىنى بىلگۈچى …. » مۇتلەق ، مۇكەممەل ھەم مۇستەقىل بولغان بىردىنبىر مەۋجۇداتتۇر . پەلسەپە نۇقتىسىدا تۇرغاندا ، بۇ يەردىكى بىر قانچە سۆزنى تىخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ . بۇ يەردىكى « ھەممىگە قادىر » دېگەنلىك « تەڭرىنىڭ قىلالمايدىغان ھېچ ئىشى يوق » دېگەنلىك ؛ « مۇكەممەل » دېمەكلىك « تەڭرى بولسا ئاللىقاچان مۇكەممەللىككە يەتكەن كەم-كۈتىسىز زاتتۇر ، ئۇ ھەر قانداق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ ؛ چۈنكى بىر كەم-كۈتىسىز زات ئۆزگىرىپلا قالسا ، مەيلى ئۇ قايسى نېشانغا قاراپ ئۆزگەرمىسۇن ، بۇ خىل ئۆزگىرىش ھامان كەم-كۈتىسىزلىكتىن يېراقلىشىشقا قاراپ ماڭغان ئۆزگىرىشتۇر ، باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ـــــــــ شۇڭا تەڭرى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ » دېگەنلىك ؛ « مۇستەقىل » دېگەنلىك بولسا « تەڭرى تەبىئەتنىڭ ھەر قانداق قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، ئىنسانلارنىڭ ئوي-خىيال ، ئىدىيەسىنىڭ سىرتىدا ئوبىيېكتىپ ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ » دېگەنلىكتۇر . بۇ ئېھتىمال ئەينى چاغدا بەزى كىشىلەرنىڭ « تەڭرى مېنىڭ دىلىمدا » دەيدىغان « سەپسەتىسى » گە رەددىيە بىرىش مەقسىتىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك . (ئەگەر ئىنسانلار مەۋجۇت بولمىسا تەڭرى مەۋجۇت بولامدۇ-يوق؟)
ئەمدى ، بىز غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق ئىسپاتلىغانلىقىغا قاراپ باقايلى . ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېيتقاندا ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۆت خىل ئۇسۇلدا ئىسپاتلىنىدۇ ، ئۇلار : ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتلاش ، ئالەم نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش ، مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش ۋە ئەخلاقىي ئىسپاتلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

بىز ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتلاشتىن باشلاپ سۆزلەيلى . ئالدى بىلەن « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئېنىقكى ، « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس . سۆز يىلتىزى « ئون » گرېكچە ، ئەمما « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆزمۇ گرېكچىمۇ-ئەمەس ، بۇنى ئۇقمىدىم ؛ مېنىڭ ئۇقىدىغىنىم ، « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆز ئىنگلىزچىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇمۇ گرېكچىدىن ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا كەلگەن . «ئون» دېگەن سۆزنىڭ گرېكچىدىكى مەنىسى «مەۋجۇتلۇق»، «بارلىق» دېگەنلىكتىن ئىبارەت. پەلسەپىنىڭ مەۋجۇتلۇققا ئالاقىدار قىسمى ئونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ ، «ئونتولوگىيە»نى «مەۋجۇتلۇق ئىلمى» دەپ ئالساق بولىدۇ، يەنى پەلسەپىنىڭ « بۇ دۇنيادا زادى نېمە ھەقىقىي مەۋجۇت ؟ » دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى ئونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ . ئاداققى مەۋجۇتلۇق «سۇ»مۇ؟ «ئوت»مۇ؟ «ھاۋا»مۇ؟ «ئاتوم»مۇ؟ «ئىدىيە»مۇ؟ «شەكىل»مۇ؟ «ئەسلى زات»مۇ؟ «ھېچنېمە»مۇ؟
ئەمدى تەڭرى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتىغا كەلسەك ، بۇ خىل ئىسپاتنى مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشىغان ئەنسېلېم دېگەن كىشى ئوتتۇرىغا قويغان ، گەرچە ئۇ بۇ خىل ئىسپاتلاشنى كۆتۈرۈپ چىققان بىردىنبىر كىشى بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىسپاتى ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ . « ئونتولوگىيىلىك ئىسپات » دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەنسېلېم ئۆزى قويمىغان ، بەلكى كىيىن كانت ئەنسېلېمنىڭ ئىسپاتىغا رەددىيە بىرىش جەريانىدا قوللانغان . ئەنسېلېمنىڭ ئىسپاتى مۇنداق ئېلىپ بىرىلىدۇ : « تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەڭرىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن كەلگەن » ، يەنى تەڭرىنىڭ تەبىرى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىز بۇ خىل ئىسپاتقا ئىنچىكىرەك قاراپ باقايلى . ئەنسېلېم ئېيتتىكى : « تەڭرى بولسا ئىنسانلار ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇداتتۇر .» سىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ، ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ مېھرىبان ، ھەممىنى بىلىدىغان ، ھەممىگە قادىر مۇتلەق مەۋجۇدات بولسا دەل تەڭرىنىڭ ئۆزى . ئىنسانلار بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا ، ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ، يېتەرلىك گۈزەل ئەمەسلىكىنى ، دىگۈدەك ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ ؛ ئەگەر ئىنسانلار ئەڭ ھەقىقىي ، ئەڭ مېھرىبان ، ئەڭ گۈزەل بولىدىغان مۇتلەق مۇكەممەل مەۋجۇداتنى ئويلاپ يېتەلمىگىنىدە ، ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەر قانداق شەيئىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتەلىشىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بىزنىڭ مەلۇم شەيئىنى « دېگۈدەك مۇكەممەل ئەمەس » ، دەپ ھۆكۈم قىلالىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىز ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەلراق بىر مەۋجۇتلۇقنى ئويلاپ يەتتۇق ؛ئوخشاش قائىدە بويىچە : ھازىر بىز « پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەر قانداق شەيئى مۇكەممەل ئەمەس » دەپ ئويلايمىز ، شۇڭلاشقا ، بىز چوقۇم كائىناتنىڭ سىرتىدا بىزنىڭ تەجرىبە دۇنيايىمىزدىن ھالقىغان بىر مۇتلەق ، ھەممىدىن مۇكەممەل ، ھەممىدىن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتنى ئويلاۋاتىمىز ، بۇ مەۋجۇداتنىڭ ئۆزى تەڭرى شۇ . ئەنسېلېم دەيدۇكى ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇنداق بۈيۈك ئەمەلىي گەۋدە ( سۇبستانسىيە ) نى ئويلاپ يېتەلىشى دەل شۇ گەۋدىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى .

بۇنىڭغا قارىتا ، بەزى كىشىلەر ئىنكار قىلىپ مۇنداق دىيىشتى : « مېنىڭ مۇتلەق گۈزەل ، مۇتلەق ھەقىقىي بولغان گەۋدىنى ئويلاپ يېتەلىشىم ئۇ گەۋدىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلىيالايدۇ ، ھەرگىزمۇ شۇ گەۋدىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ . بۇ خۇددى گەرچە مەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قان ئوتتۇرىسىدىكى بىر مۇكەممەل ئارالنى ئويلاپ يېتەلىسەممۇ ، بىراق ، مېنىڭ ئۇ ئارالنى ئويلاپ يېتەلىشىم بىلەن ئۇ ئارالنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقى ئىككىسى ئىككى ئىش . » بۇنىڭغا قارىتا ، ئەنسېلېم جاۋاب بىرىپ دېدى : « سىز ‹ ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇدات بولغان تەڭرى ئېھتىمال مېنىڭ ئوي-خىيالىم ۋە تەسەۋۇرۇمدىلا مەۋجۇت بولۇشى ، ئەمەلىيەتتە بولسا مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن › دەپ ئويلىغنىڭىزدا ، سىزنىڭ ئويلىغنىڭىز ھەرگىزمۇ تەلەپ قېلىنغىنىدەك ئۇنچىۋالا بۈيۈك ھەم مۇكەممەل گەۋدە ئەمەس ، سىز مۇتلەق بۈيۈكلۈكنى ئويلاپ يېتەلمەپسىز . ‹ مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىلا ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت › دەپ ئويلىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن سىز مۇتلەق بۈيۈكلۈكنى ئويلاپ يېتەلىگەن بولىسىز . تەسەۋۇرىڭىزدىلا مەۋجۇت بولۇپ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان گەۋدە ھەرگىزمۇ ئەڭ بۈيۈك گەۋدە ھېسابلانمايدۇ . شۇڭلاشقا ، ئەڭ بۈيۈك گەۋدىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزدا ، سىزنىڭ ئۇنى ‹ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولماي قالارمۇ ؟ › دەپ تەشۋىشلىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس . » چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار بۇ خىلدىكى ئىسپاتنى ئارىستوتېلنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق لوگىكىسى بويىچە تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ :
چوڭ ئالدىنقى شەرت : تەڭرى بولسا بىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ، ئەڭ مېھرىبان ، ئەڭ گۈزەل ، ھەممىگە قادىر ، مۇتلەق ھەقىقىي بولغان ئەڭ بۈيۈك زاتتۇر ؛
كىچىك ئالدىنقى شەرت : « ھەم تەسەۋۇرۇمدا ، ھەم ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت » بولغان زات بولسا « پەقەت مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىلا مەۋجۇت » بولغان زاتتىن بەكرەك قۇدرەتلىك ، بەكرەك مېھرىبان ، بەكرەك گۈزەل ، ھەممىگە بەكرەك قادىر ، بەكرەك ھەقىقىي ؛
يەكۈن : تەڭرى تەسەۋۇرىمىزدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەمەلىيەتتىمۇ ئوبىيېكتىپ ھالدا ھەقىقىي مەۋجۇت .
بۇ دېگىنى ، سىز ئويلاپ يەتكەن تەڭرى ھەم تەسەۋۇرىڭىزدا ، ھەم ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت بولغاندىلا ، ئاندىن سىز ئويلاپ يەتكەن تەڭرى ئەڭ بۈيۈك . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، سىز ئويلاپ يەتكەن مەۋجۇتلۇق بىز دەسلەپتە تەڭرىگە بەرگەن ئېنىقلىما بىلەن زىت . بۇ يەردە تايىنىلغىنى لوگىكىدىكى « بىردەكلىك قانۇنى » بولۇپ ، تەڭرىنىڭ ئېنىقلىمىسى لوگىكىلىق ھۆكۈمنىڭ باش-ئاخىدا چوقۇم ئوخشاشلىقنى ساقلىشى كېرەك .
بۇ خىل ئىسپات ئالاھەزەل مۇشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، كىشىلەر بۇ خىل ئىسپاتتىن ئانچە رازى بولمىدى . بولۇپمۇ كانت ، ئۆزىنىڭ « ساپ ئەقىلگە تەنقىد » دېگەن بۈيۈك ئەسىرىدە ، « مەن يانچۇقۇمدا 100 يۈەن پۇلنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي تەسەۋۇر قىلالايمەن ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ يانچۇقۇمدا ھەقىقەتەنمۇ 100 يۈەن پۇلنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ » دەپ ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتقا قارشى چىقتى . ئۇقۇمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇشۇ ئۇقۇمغا ماس كېلىدىغان ئوبيېكتنىڭ مەجۇتلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەڭرى بىلىشنىڭ ئوبيېكتى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنىڭ ئوبيېكتى. تەڭرى بىزنىڭ بىلىشىمىزنىڭ سىرتىدا بولغانىكەن، ئەخلاق يۈزىسىدىن تەڭرىنى «مەۋجۇت» دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ تەڭرىنى «مەۋجۇت» دەپ ئىشىنىشى ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ئەمەس.

تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىككىنچى خىل ئىسپاتى بولسا ئالەم نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش . ئوتتۇرا ئەسىردىكى چىركاۋ مەدرىس پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولغان توماس ئاكىۋنا مۇشۇ خىلدىكى ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇ دېدىكى ، كائىناتتىكى بارلىق تاسادىپىي مەۋجۇت بولغان، ئۆزگىرىشچان شەيئىلەرنى چوقۇم مەلۇم بىر تاسادىپىي بولمىغان ، يەنى مۇقەررەر بولغان ئۆزگەرمەس بىر مەۋجۇدات كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ مەۋجۇدات تەڭرى شۇ . بۇ خىل ئىسپاتنىڭ نۇقتىنەزىرى بولسا : « ئالەمدىكى تاسادىپىي ۋە خالىغانچە مەۋجۇت بولغان شەيئىلەرنى پەقەت ۋە پەقەت مۇقەررەر ھەم زۆرۈر بولغان بىر مەۋجۇدات ، يەنى تەڭرىگە تايانغاندىلا ئاندىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ . » دېيىلىۋاتقان « تاسادىپىي ۋە خالىغانچە مەۋجۇت بولغان شەيئىلەر» بولسا مەۋجۇتلۇقى باشقا بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىگە شەرت قىلغان شەيئىلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدۇر . ھەر بىر تاسادىپىي شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى چوقۇم باشقا بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدىكەن ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر چوقۇم مەلۇم بىر باشقا شەيئى سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولىدۇ ، يەنى ، ھەر بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ ، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بىلىمىنىڭ ئاساسى ، شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش جەريانىدىلا ، ئىنسانىيەت ئاندىن بىلىمگە ئېرىشىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، بىز سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبىنى چەكسىز ھالدا سۈرۈشتۈرۈپ كەينىگە ياندۇرساق ، بۇ سەۋەب-نەتىجە ھالقىسىنىڭ چوقۇم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ ( «سەۋەب-نەتىجە ھالقىسىنىڭ چوقۇم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ » دېگەن بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاساسى زادى نەدە ؟ ) ، بۇ نۇقتىدىكى شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشقا ھەر قانداق شەيئىگە تايانمايدۇ ، ئەكسىچە ، كائىناتتىكى بارلىق باشقا شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇشۇ نۇقتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدۇ ؛ كائىناتتىكى بارلىق باشقا شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇشۇ يەردىن ، يەنى مۇقەرررەر ھەم زۆزۈر بولغان مەۋجۇدىيەت ـــــــــ تەڭرىدىن باشلىنىدۇ . تەڭرىنىڭ ئۆزى بولسا ھېچنىمىگە تايانماي ، بارچىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆز-ئۆزىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىسپاتى « ئالەم نەزەرىيىسى ئىسپاتى » دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىزنىڭ تاسادىپىيلىقتىن مۇقەررەرلىككە بولغان كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىمىز دەل ئالەملىك سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىلغان .
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۈچىنچى خىل ئىسپاتى بولسا مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى ئىسپاتى . بۇ خىل ئىسپات ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن . مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دەيدۇ : پۈتكۈل كائىنات مەلۇم بىر گارمونىيە ئاساسىدا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بۇ خىل گارمونىيە پەقەت ۋە پەقەت مەلۇم بىر پاراسەتلىك ئەقىل ئىگىسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا لاھىيلەپ ياساپ چىقىشى ئاستىدىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن . ئادەمگە قاراپ باقايلى ، شۇنچە يارىشىملىق قاش-كۆز ، بەدەن ، ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان روھ … مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ ، چوقۇم بىرەر پاراسەتلىك ئەقىل ئىگىسى مەقسەتلىك ھالدا لاھىيلەپ ياساپ چىققان گەپ . ئۇنداقتا كائىناتنى كىم لاھىيلىگەن ؟ ئەلۋەتتە ئەڭ ئۇستا لاھىيلىگۈچى بولغان تەڭرى-دە . (گارمونىيىلىك ۋە قانۇنيەتلىك كائىناتنىڭ نېمىشقا چوقۇم بىر لاھىيلىگۈچىسى بولمىسا بولمايدۇ ؟)
تەڭرى مەۋجۇتلۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولسا ئەخلاقىي ئىسپات . بۇ ئىسپاتنىڭ قارىشىچە ، ئەخلاقىي پرىنسىپلار بايان خاراكتىرلىك بولماستىن ، بەلكى ئۆلچەم خاراكتىرلىك . ئۇ كىشىلەرگە شەيئىلەرنىڭ « نېمە » لىكىنى ئېيتىپ بەرمەستىن ، « مۇنداق بولۇشى كېرەك » لىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ . ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلار باشقا فىزىكىلىق شەيئىلەرگە ئوخشىمايدۇ ، باشقا فىزىكىلىق شەيئىلەرنى سەزگۈ ئەزا ۋە ئەقىل-ئىدراكقا تايىنىپ بىلىشكە بولىدۇ ، بىراق بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلارنى تەجرىبە شەكىلىدە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز ، ئۇنى سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ بىلەلمەيمىز . دىمەك ، ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىپ بولمايدۇ . ھالبۇكى ، بىز بىلىمىزكى ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا « توغرا » ، « خاتا » دەيدىغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى مەۋجۇت ، « ئەخلاق » نىڭ ئۆزىمۇ مەۋجۇت . ئۇنداقتا بۇ ئەخلاق پرىنسىپلىرى نەدىن كېلىدۇ ؟ پەقەت ۋە پەقەت فىزىكىلىق ماددا دۇنياسىنىڭ سىرتىدا يىگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىردىنبىر مۇتلەق مەۋجۇتلۇق ــــــــ تەڭرىدىن كېلىدۇ ، ئەخلاق پرىنسىپلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن كەلمەيدۇ . چۈنكى ئەخلاق ئۇقۇمى ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى ھە دېسىلا ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپسگە خىلاپ كېلىدۇ ، ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەرسە ، ھېچگەپتىن-ھېچگەپ يوق ئۆزىچىلا ئەخلاق پرىنسىپىغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا ئەخلاق ئۇقۇمى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىدىن كېلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئىسپاتتىن شۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇكى ، ئاتېئىزمچىلار ( خۇداسىزلار ) نىڭ ئەخلاقلىق بولالىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس . («ئاتېئىزمچىلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىزلاردۇر» دېگەن ھۆكۈم كۈچكە ئىگىمۇ؟ ئەجەبا، ئەخلاق تېئىزمچىلار ( دىنغا ئىشەنگۈچىلەر ) غىلا مەنسۇپ بولماستن ، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟)

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنلىرىم ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقىل- ئىدراكىغا تايىنىپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە مىسال . ئەلۋەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاشقا قارشى تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى تەڭرىگە شەك كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ ، بۇ كەچۈرگىسىز گۇناھتۇر . يەنە بىر جەھەتتىن، بىزنىڭ تەڭرى توغرىسىدىكى ھەر قانداق بايانىمىزنىڭ ھەممىسى بىھۇدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تەڭرىنىڭ سۈپەتلىرىنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ بايانلارنىڭ ئىشلەتكىنى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تىلى بولۇپ، تەڭرىنى سۈپەتلەشكە يېتىشمەيدۇ. «تەڭرى مۇنداق» دەپ ئېيتقىنىمىزدا، بىز ئۇنى باشقا بىر نەرسىدىن پەرقلەندۈرىۋاتىمىز، بۇ چاغدا بىز بىرلا ۋاقىتتا «تەڭرى مۇنداق ئەمەس» دەۋاتقان بولىمىز، «مۇنداق» بىلەن «مۇنداق ئەمەس» بىر جۈپ قارىمۇ قارشىلىق بولۇپ، تەڭ دەرىجىلىك ئۇقۇملاردىن ئىبارەت، شۇڭا بىز تەڭرى توغرىسىدا ئېغىزىمىزنى ئېچىپلا قالساق، ئۇنىڭغا يەنە بىر ھەمراھنى قوشىمىز. شۇڭا، بىز تەڭرى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمەسلىكىمىز، ياكى تەڭرىنىڭ بارلىق ئۇقۇم ۋە سۈپەتلىرىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. (بىراق، ھېچقانداق تىل ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىشقا ۋە سۆزلەشكە بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىز قانداق بىلىمىز؟)
نىھايەت ، پەيلاسوپلارنىڭ پىكىرى ھېچقانداق يەردە توختىمايدۇ، بولمىسا پەيلاسوپ بولماي قالىدۇ. كانت تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنمىدى ، بەلكى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بارلىق ئىسپاتىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، دەرۋەقە يوققا چىقاردى . ئېھتىمال ، كانت ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ساپ ئەقىلگە تەنقىد » دېگەن ئەسىرىدە ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەقلىي-ئىدراكىي ئىسپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇمكىنچىلىكىنىمۇ يوققا چىقارغىنىدا ، ئىككىلى تەرەپتىكىلەر ، ئاتېئىزمچىلار ۋە تېئىزمچىلار كۆڭلىدە شادلانغان بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى كانتنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىگە دائىر ئەقلى ئىسپاتلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ يۈرۈشى پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىدى . تەڭرىگە ئالاقىدار ھەر قانداق بىلىم پۈتۈنلەي ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارنىڭ بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . دائىرسى ئىنسانلارنىڭ تەجرىبە دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا ئىشلىتىلگەن ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ئوخشاشلا ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن قارىمۇ-قارشى ھۆكۈمىنى تېپىشقا بولاتتى . يەنى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقلى-ئىدراكىي تەپەككۇرىغا تايىنىپ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن ، شۇنداقلا مەڭگۈ بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن بولمايدىغان شەيئىلەر توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىشقىنىدا ، ئۇلار ئوخشاش بىر شەيئى توغرىسىدا پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل ھۆكۈمگە ئېرىشىپ زىددىيەتكە پېتىپ قالاتتى . بۇ خىلدىكى شەيئىلەر تەڭرىدىن باشقا يەنە روھ ، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ، ئالەمنىڭ باشلىنىشى ، مۇتلەق ئەركىنلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەقلى تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ئىسپات بار يەردە ، چوقۇم تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دائىر ئىسپاتمۇ بار ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشى مۇمكىن ، بىراق ئۇلار ھەممىسى ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ ، ھەم ئەزەلدىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە قايىل بولمايدۇ . شۇڭا كانتنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىگە ئالاقىدار ئىسپات ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دە-تالاشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە خالاس . تەڭرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىز بىلەلمەيمىز ، بىراق ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا ، تەڭرىنى « بار » دەپ تۇرۇشمۇ بىر خىل زۆرۈرىيەت بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇ خىل پەرەز بىلەن « تەڭرى ھەقىقەتەنمۇ باركەن » دەپ كېسىپ ئېيتىش پۈتۈنلەي باشقا-باشقا ئىككى ئىش .

كېيىن كانت ئۆزىنىڭ « ساپ ئەقىل دائىرسىدىكى دىن » دېگەن كىتابىدا بۇ توغرىسىدا كەڭرى پىكىر يۈرگۈزدى . كانتنىڭ قارىشىچە ، ئەخلاق دىندىن كېلىپ چىقمايدۇ ، بەلكى دىن ئەخلاقتىن كېلىپ چىقىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتىدىكى ساپ ئىدراكى ۋە ئەركىن ئىرادىسى ئىنسانلارغا ئۇلار شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئەخلاق پرىنسىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بۇ ئىنسانلارنى ئىنسان قىلىدىغان تۈپ ماھىيىتى . بىراق ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىدىن ، ئاچكۆزلۈك ، نەپسانىيەتچىلىك ، شەخسىيەتچىلىك ، ھۇرۇنلۇق ، ئاجىزلىق دېگەنلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ بولالمىغان . دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيىتى ئۇلارغا بۇيرۇق قىلغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا ئۆزلۈكىدىن رىئايە قىلالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممىگە قادىر بولغان تەڭرىنى ئۆزىگە تىكلەپ ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى نازارەتچىسى ۋە دەۋەتچسى قىلىۋالىدۇ . يەنە كېلىپ ، بۇ تەڭرى ھەممىگە قادىر ، ھەممىدىن مېھرىبان ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك ، چۈنكى ئىنسانلار رەزىللىكنىڭ ھەممىگە قادىر بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن جازالىنىشىنى ، ئۆزى ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقىدىن قۇتۇلالماي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنىڭ ھەممىدىن مېھرىبان بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىشىنى ، ئۆزى قىلغان ياخشىلىقلارنىڭ بولسا ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن بىلىنىپ ، مۇكاپاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئنسانلارنىڭ ھايۋانىيلىقتىن قۇتۇلغان ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەتكە مايىل بولغانلىقتىن ۋە ھەر ۋاقىت مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ھەمدە مۇكەممەل بولغان ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەتكە بۇ دۇنيادا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن ، مۇكەممەل ھەم مۇتلەق بولغان ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەت دېگەندەك سۈپەتلەرنى تەڭرىگە يۈكلەپ ، ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن شۇلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . دىمەك ، تەڭرىنىڭ بارلىق گۈزەل سۈپەتلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەس ، ئىنتىلىشلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، تەڭرى ئىنسانلارنى ئەمەس ، بەلكى ئىنسانلار تەڭرىنى ياراتتى .
ئەمدى ماركىسقا كەلسەك ، ئۇ فىيېرباخنىڭ «دىن بولسا ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىنىڭ نەتىجىسى » دېگەن نۇقتىنەزىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بۇ خىل ياتلىشىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىدى . ماركىس « دىن بولسا خەلقنىڭ ئەپيۈنى » دېگەن مەشھۇر بىر سۆزنى قىلغان. نېمىشقا؟ ئالدى بىلەن ، ئەپيۇن قىسقا مەزگىلدە ئادەمنى مەست قىلىپ ، ھۇزۇرلاندۇرىدۇ ، رېئاللىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈرۈپ ، ئادەمنى « مەڭگۈلۈك » بەخت ئىچىدە ئەللەيلەيدۇ . ئارقىدىن ، ئۇنىڭ زەھىرى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل ئەپيۈن چېكىش بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق . كىشىلەر نېمىشقا ئۇ دۇنيادىكى بەختكە شۇنچە ئىنتىلىدۇ ؟ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھايات ئۇنچە بەختلىك ئەمەس ؛ بەخىتلىك بولمايلا قالماستىن ، بەلكى ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان . ئەپيۇننى تاشلىغان ھامان، بۇ خىل ئازاب-ئوقۇبەت ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز بۇلار توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىمىز مۇمكىن؟

تەييارلىغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش