ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى

ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى

ھونلار رەسمى خانلىق قۇرغان ۋاقىت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-يىلدىن تارتىپ تا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن دەۋر مىلادىيە 5-ئەسىرگىچە بولغان 600يىللىق تارىخى جەرياندا موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا يايلىقى ھەم شەرقىي ياۋروپا، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ياۋروپادا پائالىيەت قىلىپ، جوڭگۇ ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
1. خانىدانلىق پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار
1-تۈمەن تەڭرىقۇت
ھون خانىدانلىقىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى چوغاي تاغلىرى ئەتراپى ۋە ئوردوش رايونى قاتارلىق جايلارنى ئاساس قىلىپ، بارلىق ھون قەبىلىلىرىنى بىر تۇغ ئاستىغا يىغقان ھەم ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇيۈەن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۈمەن شەھىرىدە قۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى تۈمەن تەڭرىقۇت ئوغلى باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
2-باتۇر تەڭرىقۇت
باتۇر تەڭرىقۇت – تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە تەخىتتە تۇرغان. تۈمەن تەڭرىقۇت كېيىن ئالغان ئالچىسىدىن بولغان كىچىك ئوغلىنى ياخشى كۆرگەچكە، باتۇرنى ياۋچىلارغا بايرىمتايلىققا ئەۋەتكەن، لېكىن باتۇر ئۇ يەردىن قېچىپ كەلگەن، باتۇر بىر خىل ئاۋازلىق ئوقيانى كەشىپ قىلغان، بىر قېتىم ئاتىسى بىلەن ئوۋغا چىققاندا ئاتىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ تۈمەن شەھىرىدە ھون خانىدانلىقنى رەسمىي قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. باتۇر تەڭرىقۇت ھون جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ھون قەبىلىلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھون خانىدانلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۇچۈش زور تۆھپىلەرنى قوشقان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
3-قايۇق تەڭرىقۇت
قايۇق تەڭرىقۇت ئاكىسى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەخىتكە چىققان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161-يىلغىچە تەخىتتە تۇرغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161-يىلى، قايۇق تەڭرىقۇت ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
4-كۈن تەڭرىقۇت
كۈن تەڭرىقۇت – قايۇق تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيىنى بۇرۇنقى 161-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 126-يىلغىچە تەخىتتە تۇرغان، ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھون تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 126-يىلى قىشتا، كۈن تەڭرىقۇت ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن.
5-ئىچىغسە تەڭرىقۇت
ئىچىغسە تەڭرىقۇت – كۈن تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 126-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114-يىلغىچە تەخىتتە تۇرغان، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ئاكىسىنىڭ ئوغلى يوتاننى مەغلۇپ قىلىپ ھون تەختىنى تارتىۋالغان.
6-ئۇۋى تەڭرىقۇت
ئۇۋى تەڭرىقۇت -ئىچىغسە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105-يىلغىچە تەختتە تۇرغان، ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان، ئۇ 10 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105-يىلى ۋاپات بولغان.
7-ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت
ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت – ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102-يىلغىچە تەختتە تۇرغان، ئۇ تەختكە چىققاندا تېخى كىچىك بولغاچقا بالا تەڭرىقۇت دەپ ئاتالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102-يىلى خەن سۇلالىسىگە قارشى قوشۇن باشلاپ ماڭغاندا يول ئۈستىدە تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.
8-گۈيلىقۇ تەڭرىقۇت
گۈيلىقۇ تەڭرىقۇت – ئوۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، ئۇشىلۇ تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
9- چەتقۇ تەڭرىقۇت
چەتقۇ تەڭرىقۇت – گۈيلىقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان، 100مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ خەن قوشۇنىنىڭ داڭلىق سانغۇنى لى گۇاڭلىنى مەغلۇپ قىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96-يىلى ۋاپات بولغان.
10- قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت
قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت – چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96-يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ شاڭۇ، ۋۇيۈەن، جيۇچۈەن قاتارلىق ۋىلايەتلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86- يىلى قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش