You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئېيىق بىلەن يىگىت

ئېيىق بىلەن يىگىت

ئېيىق بىلەن يىگىت

بىر ئورمانلىقتا بىر ئېيىق ياشايدىكەن. كۈنلىرى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بۈك-باراقسان ئورمانلىققا نەدىندۇر بىر ئەجدىھا كېلىپ، زومىگەرلىك قىلىشقا باشلاپتۇ ۋە ئېيىققا تەھدىت ساپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېيىقنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قاپتۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان بىر پالۋان يىگىت ئۇ ئېيىققا ياردەم قىلماقچى بولۇپ، ئورمانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
دېمەك بۇ دۇنيادىمۇ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايدىغان مەرت، پالۋان كىشىلەر بارئىكەن. بۇنداق كىشىلەر ئېزىلگەن مەزلۇملار ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى پىدا قىلىشقا ھەر ۋاقىت ھازىر.
بۇنداق پىداكار ئىنسانلار مەزلۇملارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلىسا، خۇددى مەرھەمەت دېڭىزىدەك دولقۇنلاپ تاشىدۇ. مانا بۇنداق كىشىلەر جاھاننىڭ قەيەرىدە بىر زۇلۇم بولسا، ئۇ يەردە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولىدۇ.
يولغا چىققان يىگىتكە ئاسماندىن سادا كەپتۇ:
_ ئەي يىگىت!
ئەلۋەتتە دەرتلىك بىر كىشى ئۆز دەردىگە دەرمان ئىزدەيدۇ. مانا سەندەك يىگىتلەر چارىسىز كۆڭۈللەرگە تەسەللى بېرىدۇ. سېنىڭدەك يىگىتلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازى شەپقەتتۇر. كېسەلگە شىپالىق دورىدۇر.
قەيەردە دەرت بولسا دەرمانمۇ  شۇ يەردە بولىدۇ. قەيەر پەس بولسا، سۇ شۇ يەرگە ئاقىدۇ.
شەپقەت سۈيى ئىستىسەڭ كەمتەر بول. شەپقەت قەدەھىدىن ئىچ، مەس بول.
ئەزەلدىن شەپقەتلىك بولغان كىشىگە مۇكاپات بار. ئەي  ئوغۇل! يالغۇز ياخشىلىق بىلەنلا قانائەت قىلما. ئەقلىڭنى ئىشقا سال. كۈچ بىلەن ئەقىلنى بىرلەشتۈر!
شۇنداق قىلىپ يىگىت ئورمانغا يېتىپ كەپتۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا ساپتۇ ۋە ئەقلىنى كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەجدىھانى ھالاك قىپتۇ. ئېيىقنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپتۇ. بۇ جەڭدە ئەجدىھا يېڭىلىپتۇ، چۈنكى ئەجدىھانىڭ كۈچى بولغىنى بىلەن ئەقىل-پاراسىتى يوق ئىكەن. ئەجدىھانىڭ ئەقلى ھەرقانچە بولسىمۇ يىگىتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە يەتمەپتۇ.
يىگىت ئېيىقنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئېيىق ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. ئۇ يىگىت نەگە بارسا شۇ يەرگە بېرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يىگىت ئاغرىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئېيىق ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ «بۇ قانداق ئىش؟ ئەي قېرىندىشىم! ئېيىققا بۇنداق يېقىنلىق قىلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەجدىھا ۋەقەسىدىن تارتىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ . يولۇچى ئادەم دەپتۇ:
«شۇنداقتىمۇ سەن دىققەت قىل. ئېيىققا كۆڭۈل بەرمە. ناداننىڭ دوستلۇقىمۇ دۈشمەنلىكتۇر. ئۇنىڭ ساڭا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر.»
يىگىت:
_ ئېنىقكى سەن ماڭا ھەسەت قىلىۋاتىسەن. سەن ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە قارا، _ دەپتۇ.
يولۇچى: _ نادانلارنىڭ مەشۇقى يامانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ھەسرىتىم ئۇنىڭ سۆيگۈسىدىن ياخشى. سەن ئېيىقتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇر. مەن بىلەن يولداش بول. ئۆز نەسلىڭدىن ۋاز كەچمە. ئېيىق دوستلۇققا يارىمايدۇ، _ دەپ قايتا-قايتا نەسىھەت قىپتۇ.
يىگىت:_ئەي ئۇچىغا چىققان ھەسەتخور! ئۆز يولۇڭغا ماڭ، يوقال! _ دەپ، يولۇچىغا ۋارقىراپتۇ.
ئادەم : «ئەي يىگىت! ئۆتۈنۈپ قالاي. ئېيىقتىن ۋاز كەچ. ساڭا دوست ۋە يولداش ئۇ ئەمەس مەن. ئەندىشىدىن يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن بىلەن ماڭ.  ئېيىق بىلەن ھەرگىز ئورمانغا بارما. يۈرىكىم بىر نېمىنى سېزىۋاتىدۇ . يالغان سۆزلىمىدىم. گېپىمگە ئىشەن.»
يولۇچى ئادەمنىڭ يالۋۇرۇپ شۇنچە قىلغان سەمىمى نەسىھەتلىرىنى، يىگىت پەقەت ئاڭلىماپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ نەسىھەتلىرىنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ.
ئادەم ئاخىرى يىگىتكە قاراپ: _ بوپتۇ، ئۇنداقتا مەن كەتتىم. سېنىڭ ئەقلىڭ جايىدا ئەمەس ئىكەن، _ دەپ يولغا راۋان بوپتۇ.
يىگىت، يولۇچىغا :_ماڭ يوقال، ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى قىل، _ دەپتۇ.
يولۇچى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ تۇرۇپ: _ پەخەس بول يىگىت! مېنىڭ ساڭا دۈشمەنلىك قىلىدىغان نىيىتىم يوق. ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭ، ئۆزۈڭگە ياخشىلىق قىلغان بولاتتىڭ.
يىگىت: «مېنى ئاۋارە قىلماي، يولۇڭغا ماڭ. ئۇيقۇم كەلدى» دەپتۇ.
يولۇچى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ:
_ دوستۇڭنىڭ نەسىھىتىدىن گۇمان قىلما. ئەقىللىق بىرسېنىڭ يېنىدا ئۇخلا. ئۇ ياخشى كىشى سېنى ھىمايە قىلسۇن دەپتۇ-دە، يولىغا راۋان بوپتۇ.
يىگىت، يولۇچىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن تېرىكىپتۇ ۋە ئۇ ئادەمدىن گۇمانلىنىپ مۇنداق ئويلاپتۇ
«ھەرھالدا ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بىر قاتىلمۇ ياكى مېنى قورقۇتۇپ، مەندىن بىر نەرسىلەرنى ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن تىلەمچىمۇ؟ ياكى بولمىسا بىر تۇزاق قۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا مۇشۇنداق تەھدىت سېلىپ ، مېنى ئۆز دوستۇمدىن قورقۇتماقچى بولدىمۇ؟»
يىگىت، ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشى توغرىسىدا خاتا چۈشەنچىدە بوپتۇ ۋە دەرھال ئۇيقۇغا غەرق بوپتۇ. ئېيىق بېشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ.  بىر چاغدا يىگىتنىڭ يۈزىگە چىۋىنلەر كېلىپ قونۇشقا باشلاپتۇ. يىگىتنىڭ يۈزىگە قونغان چىۋىنلەرنى، ئېيىق قوغلاشقا باشلاپتۇ. ئەمما، چىۋىنلەر يەنە كېلىپ قونۇپتۇ.  ئېيىق قولى بىلەن يەنە چىۋىنلەرنى قوغلاپتۇ. چىۋىنلەر يەنە ئۇچۇپ كېلىپ قونۇپتۇ. چىۋىنلەرنىڭ بۇ جاھىللىقىنى كۆرگەن ئېيىق قاتتىق تېرىكىپتۇ. يىگىتنى چىۋىنلەردىن قوغداشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئېيىق، چىۋىنلەرنى مىجىپ، ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلماقچى بوپتۇ ۋە يېنىدا تۇرغان يوغان تاشنى ئېلىپ، يىگىتنىڭ يۈزىگە قونۇۋالغان چىۋىنلەرگە قارىتىپ بار كۈچى بىلەن ئۇرۇپتۇ. يىگىت ئۇخلاۋاتقان يېرىدىلا جان بېرىپ، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە پۈتۈن ئالەمگە پۇر كېتىپتۇ.
شۇندىن بىرى ئەخمەق، نادانلارنىڭ دوستلۇقىنى ئېيىقنىڭ دوستلۇقىغا تەمسىل قىلىدىغان بوپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

كۆكلەرگە نەزەر سال. كۆكلەردىكى ئاۋازلارنى ئاڭلا.
قۇلىقىڭدىكى كىرلەرنى چىقار، پەلەكتىن كەلگەن نەغمىلەر ئاڭلانسۇن.
بۇرنۇڭدىكى زۇكامنىڭ تەسىرىنى يوقۇتۇش كېرەك. بۇرنۇڭ ھەقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسۇن.
بەزگەكتىن، سەپرالىقتىن تەل- تۆكۈس قۇتۇلغىن، بۇ ئالەم ساڭا شېكەردەك تەملىك تۇيۇلسۇن.
روھىڭ جىسمىڭغا ئەسىر بولمىسۇن. ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان يېرىڭ، مەرىپەت ئوچىقى ئەتراپىدا بولسۇن.
بويۇن ۋە قول-پۇتۇڭنى باغلىغان خەسىسلىك زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلا. ئىززەت-ھۆرمىتىڭ ئاشسۇن.
كۆڭلۈڭدە ئاچكۆزلۈكنى پەيدا قىلغان ھەر ئاۋازنى، ئىنسانلارنى يېگەن ۋەھشى بۆرىنىڭ ھۇۋلاشلىرى دەپ بىل.
سەۋەپ مەيدانغا كەلگەن ئەسەردىن ئۈستۈن. چاقماق ئۇچقۇندىن ئۈستۈن.
ئۇستا ھۈنەرۋەن كۆرۈنۈشتە ئەھلى ئەمەس بىرسېنىڭ يېنىدا ئولتۇرسىمۇ ،  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئۈستۈندۇر.
كۆچەت تىكىشتىكى مەقسەت مېۋە ئېلىشتۇر. دېمەك، مېۋە ئالدىدا كۆچەت ئارقىدا تۇرىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىن كۆچەت مېۋىنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئەمما مېۋىنىڭ قىممىتى كۆچەتتىن يۇقىرى.
بۇ دۇنيادا نېمە بولسا ھەممىسى ئۈستىدىن كېلىدۇ. كۆزۈڭنىڭ نۇرىنىڭ پەيزى كۆكتىن كېلىدۇ.
كۆزۈڭنى قانچىلىك قاماشتۇرسۇن، كۆككە قارىماقچى بولغان كىشىگە يەنىلا بىر يورۇقلۇق كېلىدۇ.
كۆزۈڭ، نۇرنىڭ پارلىغان يېرى بولسۇن.
ئاقىۋەتنى كۆرمەك نۇرنىڭ مەقسىتى. شەھۋانىي ھەۋەس سېنى كۆر قىلمىسۇن.
نادان كىشىلەر تەكەببۇر بولىدۇ. تەكەببۇرلىقىدىن ئۇستازلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
بېشىڭنى ساقلىماقچى بولساڭ ئاياق بول. پادىشا بولساڭمۇ ھەقنىڭ بۇيرۇقىدىن ئايرىلما.
ئەي ئىگەم! قەلبىمىزنى يۇمشات. پەريادلىرىمىزنى ياخشىلىق ۋە شەپقىتىڭگە لايىق قىل.
ئوغرى كۈندۈزدىن ۋاز كېچىپ، كەچ قاراڭغۇلۇقنى تاللايدۇ.
مەن كېچە ئەمەسمەن. ھەرۋاقىت كۈندۈزمەن.
مەن جاھاندا ھەقنىڭ تارازىسىغا ئوخشايمەن. كەمچىلىكنى ئارتۇقچىلىقتىن ئايرىيمەن.
يالغانچىنىڭ قەسىمىگە ئىشەنمە. يالغانچى قەسىمىنى ھەر ۋاقىت بۇزىدۇ.
سەن، ئەيسانى تاللىماي، ئېشەكنى تاللىدىڭ. شۇنىڭ  بىلەن سەنمۇ ئېشەكتەك تالادا قالدىڭ.
ئىلىم ۋە مەرىپەت ئەيسانىڭ بەختىدۇر.
شۇنچە يىللار ئېشەككە قۇل بولدۇڭ، ئەمدى يېتەر. ئېشەككە قۇل بولغان ئېشەكتىن بەتەر.
قۇش ئۆزىگە ئوخشاش  نەسلىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۇچىدۇ.
ئېيىقنىڭ نەسلىدىن بولمىساڭ ئەگەر، ئۇنىڭ بىلەن قىلما زىنھار سەپەر.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top