ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » قەشقەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى

قەشقەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىگى

كىشىلەرنىڭ مىزاجى: قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق، ئومۇمەن قەشقەر كىشىلىرىدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر گەۋدىلىك.

قەشقەردە دەريا ۋە ئۆستەڭلەر خوتەننىڭكىدىن كۆپ، قۇرغاقچىلىق خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن تۆۋەن، زىرائەت مېۋە-چىۋە كۆكتاتلارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ئىچىدىكى ئوت ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن يۇقىرى.

خىلىتى: ئېستىمال خاھىشى، بەدەن سۈپىتى، روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىلىت تەركىبى: سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا.

چىراي-شەكلى: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەستلىك، ساقال-بۇرۇتلۇق كىلىدۇ، بېشى يۇمىلاق، بۇغداي ئۆڭ، سوقىچاق يۈز، بۇرنى ئوتتۇرا ھال كەڭ، لېكىن ئىگىز، چاچلىرى قارا، قوي كۆزلۈك، ئايرىملىرى قارا كۆز، ئەگمە قاش، تېرىسى قىزغۇچ ۋە سىلىق بولۇپ، ئۇمۇمەن چىرايلىق كىلىدۇ، كۆزى چاقناپ تۇرىدۇ.
مېڭىش -تۇرۇشى: قەشقەر كىشىلىرى ماڭغاندا سۈپىتىنى ساقلاپ ماڭىدۇ، ئەتراپقا نەزەر سالغاچ ماڭىدۇ، كۈرۈشكەندە قولىنى چىڭ سىقىپ كۈرىشىدۇ، ئاياللىرى يۈزىنى يۈزىگە تەككۈزۈپ كۈرۈشىدۇ.

كىيىنىشى: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى كىيىمنىڭ ئۈز سالاھىيىتىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، كىيىملىرىنىڭ زاپاس بولىشىنى تەكىتلەيدۇ، ئىلگىرى يەكتەك ۋە ئەتلەس كىيىم ئاساسى ئوروندا تۇراتتى، ھازىر يىڭى ۋە زامانىۋى كىيىملەر ئومۇملاشماقتا.

يېمەك-ئىچمىكى: يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن قەشقەر ئاساسى ئوروندا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ، تاماق تۈرلىرى، مىۋە تۈرلىرى، كۆكتات خىللىرىدىن ھەممىسىنى دىگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ، ئاساسى تاماقلاردىن پولۇ، كاۋاپ، قاتلىما، ئۈگرە، نارىن چۈپ، پەرمۇدە، ھورنان….قاتارلىقلار، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، چامغور، تەرخەمەك، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، مېۋىلەردىن ئەنجۈر، ئانار، ئەينولا، ئۈجمە، شاپتول، ئۈزۈم قاتارلىقلار، چاي ئىچىش قەشقەردە ئومۇملاشقان، ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىممەت قارىشى: قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلى قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەنپەئەت ۋە ھىساباتنى ھاياتلىق ئەندىزىسى دپ قارايدۇ، سەلتەنەت ۋە ئابروي چۈشەنچىسى چوڭقۇر، سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدۇ، گىرىمگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئۆلىما ۋە ھۈنەرۋەن كىشىلەرگە ئامراق، بۆسۈپ چىقىشنى ياخشى كۈرىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تىجارەت ئىشلىرىغا مايىل ، باشقا يۇرتقا بېرىپ پۇل تېپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، ئۈزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھىساپلايدۇ، جانلىق، پائالىيەتچان بولۇپ، سۆزدە ماھىر، ئەمەلى ھەركەتنى ئويلاپ ھىساپ قىلىدۇ، باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر، باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، لىكىن ھەشەمەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىدۇ.

كۆندىلىك پائالىيىتى: دىھقانچىلىق، تىجارەت، سودا-سانائەت، خىزمەتكە بېرىش-كىلىش، ئۈلپەتداشلىق.

سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى: ئەتىيازدا ھەر خىل جىسمانى كىسەللىكلەر ئاسان قوزغىلىدۇ، قان بېسىمى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، تېرە كىسەللىكلىرى ۋە ھەزىم ئەزالىرىغا ئائىت كىسەللىكلەر نىسبەتەن كۈپ كۈرىلىدۇ.
كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۈزلەر: سۆزنى دانە-دانە ۋەزىنلىك قىلىدۇ، باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلىدۇ، گەپكە ماھىر، سۈزى ئۆتكۈر ۋە ئوخشىتىش ۋاستىلىرىگە تولغان بولىدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەردىن، تىژلىقمۇ، ئوبدانمۇ، سىلى، قايلاڭلا ، ھاجىم، قارىم، بەلەنمۇ يا، نىمە دەيلا، ماڭەۋە ئاداش، خۇدايىم بۇيرىسا.

مەنبە: ئەينەك

قوشۇمچە: قەشقەر شەھرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش