ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ئىنگلىزچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ئىنگلىزچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىنگلىزچە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچ ئايلىق باشلانغۇچ A1 ۋە A2 سەۋىيەدە ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

تىل ئۆگىنىش قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىزچە دەرس بېرىدىغان بىر ئامېرىكىلىق ۋە بىر ئويغۇر ئوقۇتقۇچىنى دەرسكە تەكلىپ قىلدى. ئىنگلىزچە كۇرسنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قارارلىقى بولۇپ، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن ئىنگلىزچىسى بىلەن تۈركىيەدىكى ھاياتىنى تېخىمۇ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

كۇرس ئورنى ۋە دەرس ۋاقتى ھەققىدە

ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىنگلىزچە كۇرسلىرىنىڭ دەرس كۈنلىرى تۆۋەندىكىدەك:

A2 سەۋىيە ئۈچۈن ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن 11:20 غىچە 2 سائەت

A1 سەۋىيە ئۈچۈن ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11:30 دىن 13:20 گىچە 2 سائەت

ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىنگلىزچە كۇرسلىرىنىڭ دەرس كۈنلىرى ھەپتە ئىچى كەچ سائەت 6:00 دىن 8:50 گىچە بولىدۇ. كونكىرىت كۈنلەر ئايرىم بېكىتىلىدۇ. 

A2 سەۋىيە ئۈچۈن دەرس باشلاش ۋاقتى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شەنبە ئەتىگەن سائەت 9:40

A1 سەۋىيە ئۈچۈن دەرس باشلاش ۋاقتى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شەنبە ئەتىگەن سائەت 11:30

دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسى

ئىشخانا ئادرىسى: چاپا شەھرەمىنى مەھەللىسى، بۆرەكچى ۋەلى كوچىسى، 38- نۇمۇر، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Akademi Ofisi Adresi: Şehremini Mahellesi, Börekçi Veli Sokak, No: 38, Çapa, Fatih

ئىنگلىزچە كۇرسىدا ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرەلىشى ئۈچۈن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 غىچە ئاكادېمىيەنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئايلىق 100 لىرا ئوقۇش پۇلى بىلەن 50 لىرا كىتاب پۇلى بولۇپ جەمىئىي 150 لىرا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئوقۇتقۇچى مائاشىنى بىرسى ياردەم قىلغان ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

تىزىملىغۇچى: دىلنۇر ئەنۋەر (تېلفۇن: 02125897667، ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىش ۋاقتى ھەپتە ئىچى چۈشتىن كېيىن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە)

ئىنگلىزچە كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار ئاكادېمىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كىرەك.

3 ئايلىق ئىنگلىزچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن باشلانغۇچ سەۋىيەدە ئىنگلىزچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت ئىنگلىزچە تىل كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىزچە ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

ئىلاۋە: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر بىر ئىنگلىزچە سىنىپى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا ئايلىق تەخمىنەن 1200 لىرا مائاش بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۈچ ئايلىق بىر سىنىپ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مائاشىغا جەمىئىي 3600 لىرا سەرىپ قىلىنىدۇ. ياردەم سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنگلىزچە كۇرسى ئوقۇتقۇچى مائاشىنى تۆلەشتە ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىزچە كىتاب ئېلىپ بېرىشتە ئاكادېمىيەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز. ياردەم بەرگۈچىنىڭ تەلىپى سىرتىدا، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ياردىمى قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ياردەملىرىنى ئايىمىغاي.

– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىى بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش