ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى

ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى

تارىخى شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراتى ئۆتكەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە باش شتابى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشلەپ چىققان ئىدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ سېپى بارا-بارا كۆپىيىپ، سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتتى. ھازىر ئەنە شۇ مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ بىر قىسمى قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىماقتا. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇلارنىڭ سېپى بارا-بارا ئازايماقتا. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەر يىلى مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلەشنى ھەم شۇ كۈرەش يىللىرىنى ئەسلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىلىمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ شۇ يىللار ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى، باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان 90 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوف ۋە بىشكەكتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئابلىمىت باكرىيېف بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1946-يىلى مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان. مىللىي ئارمىيە 1946-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە 5 يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە كېيىن بىكار قىلىنغان ئىدى.

ئۇ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقىنى، ياش مىللىي ئارمىيە ئۈچۈن كادىرلارنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «مەن دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، غۇلجىغا كەلگەندە ئىنقىلاب باشلىنىپ كەتتى. مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشتىم. مىللىي ئارمىيەنىڭ پودپورۇچىكى ئىدىم. 1946-يىلى غۇلجىدا ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئېچىلدى. شۇ يىلى ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم. بىر يىل ئوقۇپ پۈتتۈردۈم. باش شتابتا ئىشلەپ، تۆت-بەش ئايدىن كېيىن، ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللاندىم.»

باتۇر ئەرشىدىنوف 1926-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى مىقياسىدا ئەۋج ئالغان سىياسىي تەرىپلەشلەر مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلى ۋىلايىتىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1944-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى باشلانغاندا ئۇ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا كوممۇنىستىك خىتاي ئارمىيەسى كىرىپ، مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئايلانغاندىن كېيىن، ب. ئەرشىدىنوف ئارمىيە سېپىدىن بوشىغان. ئۇ 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يازغان.

بىشكەكتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى 88 ياشلىق ئابلىمىت بەكرىيېفنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلى ئازاد نىشانلىق 2-پولك جەڭچىلىرى كەڭساي، جىڭ، شىخو ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، مارت ئايلىرىدا ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ ئورۇنلاشقاندا، ئۇ شۇ پولكقا جەڭچى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماناس دەرياسى بويىدا كۆرگەنلىرىنى ئەسلىدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش