ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب-شارائىتلار

مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب-شارائىتلار

1944-يىلى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە، يەنى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

1944 يىلى 9-ئايدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا فاتىخ باتۇر، غەنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە تاتارلاردىن تەشكىللەنگەن رەھبىرى گۇرۇپپا باشچىلىقىدا، ئۇيغۇر-قازاقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئىلى رايونىغا تېز كېڭەيدى ھەمدە شۇ يىلى 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، قوزغىلاڭنىڭ 5-كۈنى، يەنى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
ئۇنداقتا، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنى تارىخچىلار تەرىپىدىن «بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان ھۆكۈمەت يىقىلىپ، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېين قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت قانداق سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا مەيدانغا كەلدى؟
1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى–شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى، غەرب، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىزچىل تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان «ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» تۆۋەندىكىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شارائىت ئاستىدا دۇنياغا كەلگەن.
1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ماجۇڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنى تارمار قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئارقىلىق توختىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى نەتىجىسىدە خوجا نىياز ھاجىم باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ئۆلكە مەركىزىي ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكە ھۆكۈمىتىگە قاتناشتى.
ئۇيغۇر تارىخى شاھىدلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىز، ھەمدۇللا تارىم، باي ئەزىز، ئابدۇقادىر ھاجى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مۇسا تۈركىستانى، مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقىلارنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خوجا نىياز ھاجىم موسكۋانىڭ ياراشتۇرۇشى بويىچە ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولدى. شۇنىڭدەك، 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا شېڭ شىسەي ئۆلكىدە موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى قەشقەردىكى مەخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى 6-ئاتلىق دىۋىزىيەسىنى پەيدىن-پەي بىكار قىلىش، خوتەنگە ئورۇنلىشىۋالغان ما خوسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسىنى يوقىتىپ، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىدى. ۋاھالەنكى 1937-يىلى 4-ئايدا قەشقەردىكى 6-دىۋىزىيەنىڭ ئاساسلىق قىسىمى مەخمۇت مۇھىتى ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭ كۆتۈردى. نەتىجىدە، 1937-يىلى خوتەندىكى ما خوسەنمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز كونتروللۇقى ۋە تەسىر كۈچى دائىرىسىگە ئالدى. شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى سوۋېت ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ ياخشى ھەربىي تەلىم –تەربىيەسى ئاستىدا 3يىل قاتتىق ھەربىي مەشىقتىن ئوتۈپ، مۇنتىزىملاشقان ئۇيغۇر 6-دىۋىزىيەسىگە، خوتەندىمۇ قاتتىق ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇلغان ما خوسەننىڭ تۇڭگان-ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمىدى.
غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېي فوربېس ۋە رۇس تارىخچىلىرىدىن بارمىن، جۇڭگو تارىخچىلىرىدىن ليۇ زىشىياۋ ھەم باشقىلارنىڭ مەزكۇر دەۋرگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شېڭ شىسەي ھاكىمىيتى ئىككىنچى قېتىم ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، موسكۋا قايتىدىن بىر دىۋىزىيەگە تەڭ كېلىدىغان قىزىل ئارمىيە ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆلكىنىڭ جەنۇبىغا كىرگۈزدى. سوۋېت ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن ماسلاشتى، 25 تانكادىن تەركىپ تاپقان تانكا ئەترىتى نارىن ئەتراپىدىكى تاغلىق جايلاردىن ئۆتۇپ، ئۇلۇغچات ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ، ئۇرۇشقا قاتناشتى. سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۆلكە قوشۇنلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىشلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوشۇنلىرى تارمار بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1937-يىللىرىدىكى شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىشى ھەمدە 1937-يىلى، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئابدۇنىياز بەگ، ما خوسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانى ئەنگلىيە ئالىمى ئاندرېي فوربېس ۋە باشقا غەرب تارىخچىلىرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ بايان قىلىنغان. بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ كۆپ ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.
1937-يىلىنىڭ ئاخىرى قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇش بىلەن تەڭ، شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ئېلىپ باردى. بۇنداق تۇتقۇن قىلىپ جازالاشلار 1940-يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 1937-1938-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە «خەلق دۈشمەنلىرى» نى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تارىخچىلار شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. 1937-1940-يىللىرى ئارىسىدىكى بۇ تازىلاشتا خوجا نىياز ھاجىم باشلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى، تىجارەتچىلىرى ۋە دىنىي ئەربابلىرى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تازىلاشتا قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە رۇسلارمۇ زەربىگە ئۇچرىدى. ھەتتا شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان دوستلىرىدىن دۇ جوڭيۈەن، چېن دېلى باشلىق بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىمۇ تۇتۇپ ئۆلتۇردى. مانا مۇشۇنداق قاتتىق قول سىياسەت ئۆلكە مىقياسىدا ئومۇمىي نارازىلىققا سەۋەب بولغان بولۇپ، 1940-1941-يىللىرى ئارىسىدا ئالتاي قازاقلىرى شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ باشلاش بىلەن خەلق نارازىلىقىنى ئىپادە قىلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى جەھەتتىكى نارازىلىق سەۋەبلىرى ھېسابلاندى.
يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، 1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئاڭلىق پىكىرلىك قاتلىمى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ بولۇنمىغان ئىدى. ئازادلىق غايىسى خەلقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تېخى مەۋجۇت ئىدى.
ئومۇمەن، شېڭ شىسەي باشلىق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان مىلىتارىستلار، شوۋىنىست مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق- ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان، رۇس، شىۋە، تاجىك قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىدە قاتتىق نارازىلىق پىكىرلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقىلار 1944-يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدىكى ئىچكى سەۋەب-ئامىللار ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلاردىن ئىبارەت.

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدا، بىر قاتار ئىچكى سەۋەب-ئامىللاردىن باشقا يەنە مۇئەييەن تاشقى سەۋەب ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بار.

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدا، بىر قاتار ئىچكى سەۋەب-ئامىللاردىن باشقا يەنە مۇئەييەن تاشقى سەۋەب ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بار.
خەلقئارالىق ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، 1941-يىلى 6-ئايدا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىدى، 1942-يىلىغا كەلگەندە گېتلىر گېرمانىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تارمار قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما موسكۋا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېي فوربېس، لىندا بېسون، جېيمىس مىلىۋارد، خىتاي تارىخچىسى ليۇ زىشىياۋ، جاڭ داجۈن ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئۇيغۇر تارىخىي شاھىدلىرىدىن سەيدۇللا سەيپۇللايوف، سەيپىدىن ئەزىزى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بېرىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى، جياڭ جېيشى سوۋېتقا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي ستالىن كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى كەلدى دەپ تونۇپ يېتىپ، جياڭ جېيشى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈدى.
-1943يىلىنىڭ بېشىدا گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 يىلغا يېقىن تەسىر دائىرىسى ئىچىدە بولغان ئۆلكە بىردىنلا سوۋېتقا قارشى بازىغا ئايلاندى. 1943-يىلى جياڭ جېيشى يەنە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى.
بۇ جياڭ جېيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقا سېپىگە تەھدىت پەيدا قىلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ئىدى. مانا بۇ بىر قاتار ۋەزىيەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ھەمدە ياردەم بېرىش، ئاخىرىدا شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سوۋېتقا قارشى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ۋە سوۋېتقا دوست ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاشقا تۈرتكە بولدى.
رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن بارمىننىڭ سوۋېت ئارخىپلىرى ئاساسىدا ئاشكارىلىشىچە، 1943-يىلى سوۋېت قوشۇنلىرى ستالىنگراد ئۇرۇشىدا گېتلىر ئارمىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭى بۇرۇلۇش باشلاندى. سوۋېت ئارمىيەسى مۇداپىئەدىن ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يەنە، ئۆزىنىڭ ئارقا سېپى ۋە خام ئەشيا بازىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك بولۇپ، ئۆز ئارقا سېپى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قوشنا ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھاكىمىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشىنى خالىمايتتى. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىگە قاراپ يۈزلىنىش ۋەزىيىتىگە ئىگە بولغان ستالىن ھۆكۈمىتى دەرھال ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا يۆلەپ تۇرغۇزغان، مانا ئەمدى ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەن شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك سوۋېتقا قارشى ئىدىيەسىگە ئىگە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىشنى كۈنتەرتىپكە قويدى. مانا مۇشۇنداق تەقەززا بىلەن، 1943-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا مۇنداق قارار قوبۇل قىلىندى. رۇسىيە تارىخچىسى بارمىننىڭ سوۋېت ئارخىپلىرىدىن تاپقان بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭگو تارىخچىلىرىنىڭ بۇ دەۋرگە ئائىت ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپلەپ كۆچۈرۈپ تەكرارلاندى. ئومۇمەن، 1944-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى ئىككى خىل شارائىتتا مەيدانغا كەلدى. بىرى ئىچكى ۋەزىيەت؛ يەنى شېڭ شىسەينىڭ 1934-يىلى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىگە بەرگەن باراۋەرلىك، ئورتاق گۈللىنىش ۋەدىلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش، جازالاش، مىللىي كەمسىتىش ۋە باشقا قاتتىق قول سىياسىتى بولسا؛ يەنە بىرى تاشقى سەۋەب بولۇپ، يەنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، سوۋېت-شېڭ شىسەي، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەتتۇر. 1944-يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەب–ئامىل يەنىلا ئىچكى ۋەزىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق غايىسى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شېڭ شىسەي-گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىللىي كەمسىتىش، باستۇرۇش ۋە باشقا تەڭسىز سىياسەتلىرىدۇر. سەيدۇللا سەيپۇللايوف، سەيپىدىن ئەزىزى، ماھىنۇر قاسىمى، زىيا سەمەدى ۋە باشقا ئىنقىلابقا قاتناشقان ئەربابلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 1944-يىلىدىكى ئىنقىلاب ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ھەم بۇ جۇمھۇرىيەتنى مۇستەھكەملەشكە، ئۇيغۇر، قازاق ،ئۆزبېك، تاتار، تۇڭگان، قىرغىزلاردىن ئىبارەت مۇسۇلمانلاردىن باشقا يەنە، ئىلگىرى جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي ئۈچۈن ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن رۇس كۆچمەنلىرى ھەمدە شىۋە، داغۇر ۋە موڭغۇللارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى.
شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاتار، تۇڭگان، رۇس، موڭغۇل ۋە شىۋەدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتتىن بولغان 16 ئەزادىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ مىللەتلىك ۋە مىللەتلەر تەڭ باراۋەرلىك خاراكتېرىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭ 9 ماددىلىق خىتابنامىسىدىمۇ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ھەممە دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. مانا بۇ نۇقتا ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە ئۆزىنى قۇدرەتلىك ھېسابلىغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ھەر مىللەتتىن تەشكىللەنگەن مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىدى. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك، مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى موسكۋانىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن غەيرى رەسمىي يوسۇندا بۇ ئىنقىلابنى ۋە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر، قورال-ياراغ ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىدى. باشتىن-ئاخىرى ئىنقىلابقا مەنىۋى ياردەم كۆرسىتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولدى. ئەلۋەتتە، تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە بەزى ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى ھۆكۈمىتىگە بەرگەن قورال-ياراغلىرى ۋە باشقىلار ئۈچۈن زور مىقداردا يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالارغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئۆز دۆلەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئىدى.
ئىنقىلابچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان كۆپ ساندىكى ھەربىي قوشۇنغا ئىگە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتە دۇنياۋى قۇدرەتلىك مەملىكەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى مۇھىم، دەپ بىلگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇلار مۇنداق بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەي غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان ئىدى.ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت مەسلىسىدە باشتىن-ئاخىرى ئېنىق سىياسىي مەقسەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا باغلىغان ئىدى.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش