ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » گۇننار ياررىڭ توپلىغان گۇما تېكىستلىرىدىن پارچىلار

گۇننار ياررىڭ توپلىغان گۇما تېكىستلىرىدىن پارچىلار

زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋېتسىيە)

شەيتان سۈدۈكى دەپ چۆللەردە كۈندۈزلۈكتە ماڭسا، يولنىڭ بى تەيەپتە بىمۇنچە سۇ كۆيۈنەدۇ، ئەمما بىر دەم ماڭىپ بالدۇ سۇ كۆيۈنگەن يەگە قالاسا،كېيىن ھېچ نېمە يوق، شۇنۇ شەيتان سۈدۈكى دەيمىز.

كۈز ۋاقىتلەرىدە سەھرادە بەزى بېدىلىكتىن يەر توزغاقى دەپ زېمىندىن بىر نەرسە چىقەدۇ.ئۇنى كۆيەككە سەپسە پايدە قىلەدۇ، ئاسماندىن تۈشكەن چۈتمىش دېگەن گەپ بار.

يەر تەبرەدى دەيمىز، يەرنىڭ تېگىگە تۈتۈن يا يەل پەيدا بولۇپ قالەدۇ، شۇ توغرادىن يەر تەبرەيدۇ. قازانغە ئوترا سۇ قۇيۇپ، ئاغىزغا تۇۋاقنى يەپىپ قوياپ، قازاننىڭ تېگىگە ئوت قالاسە، تۇۋاق تەرەيدۇ، شۇنۇڭغە ئوخشاش يەر تەبرەيدۇ، بۇ راس ئىكەن. بەزى ئادەملەر ھېكايە قىلەدۇر كى، زېمىنىڭ تېگىدە بىر ئۇي بارمىش، ھەر يىلدە بىر ئۇي زېمىننى بىر مۈڭگۈزدەن يەنە بىر مۈڭگۈزگە يۆتكەيمىش. مۈڭگۈز يۆتكەگەن ۋاقتىدە يەر تەبرەي ئىمىش دېگەن گەپلەر بار. سوپىلەرنىڭ رەسمىدە ئادەملەرنىڭ گۇناھى جىق بولغاندە يەر خۇدانىڭ غەزەبىدىن قوقاپ يەر تەبرەيدۇ دېگەن ھېكايەلەر ھەم بار.

يەكەندە سۈت پادىشاھىم دەپ بىر مازار بار. نازارغا قاۋاغەت دەۋازا بىلەن چىقەدۇ.بۇ مازارغە ھەر يەكشەنبە كۈنلۈكتە بىر مۇنچە خاتۇنلەر چىقىپ “ۋاي مازار غوجام، ماڭا ئۆيى تۇتۇغلۇق ئېۋۋەسىلە، قازانغا چۆمۈچە سالىغلىق ۋەسىلە“ دەپ يىغلەشىپ دۇئا قىلىدۇ.يۇرتىمىزدا تۆشۈك تاش دەپ بىر تاش بار. بەزى ئادەملەر بالا ئۆلۈپ قالماي تۇرۇر دەپ، تاشنىڭ تۆشۈكىدىن يەتە مەررە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇ تەش گۇما تەبەسى ئىسمىسالا دېگەن كەنتنىڭ باشىدە.

گۇمالىقلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى

1. ئۆلتۈرگەن قوينىڭ بىجەكنىڭ تۆپىدىكى يەللىنى پىستان دەيدۇ. ئەمما قوي بوغاز بولاپ 5-6 ئايلىق بولغاندا قوينىڭ يەللىسى پەيدا بولاپتۇ، تۇغۇتقان ۋاقتى يېقىلىشىپتۇ دەيدۇ. ناۋايلار توغراپ بۇ قوينىڭ پىستانىدا گۆشت گىردە ياقىدۇ. كالا بوغاز بولاپ قالسا يا موزاي چوڭوپ قالسا كالانىڭ سۈتى تىرىلىپ كېتىدۇ. كالا بۇقا تىلەپ قاپتۇ،بۇقا كالانى ئاشتى يا ئاشالمىدى دەيدۇ. ئەگەر كالانى بۇقا ئاشسە، كالا بۇقادىن چىقىپتۇ دەيمىز، ئەگەر ئاشالمىسا كالا بۇقادىن چىقماپتۇ دەيمىز.ئايغىر بايتالنى چاپتى دەيمىز يا چاپالمىدى. ئەگەر ئايغىر بايتالنى چاپسە، بايتال بوغاز بولاپتۇ، چاپالمىسە، بايتال تۇتۇلماپتۇ دەيمىز. قوشقار قوينى قوغلادى يا قوغلىيالمىدى دەيمىز. ئەگەر قوينى قوشقار قوغلىغان بولسا، قوي قوشقاردىن چىقىپتۇ، يا بوغاز بولاپتۇ دەيمىز، قوغلىيالمىسا، قوي تېخى قوشقاردىن چىقماپتۇ، يا بوغاز بولماپتۇ دەيمىز. ئىشەك ھاڭگى تىلەپ قاپتۇ، ئىشەكنى ھاڭگى چاپتى دەيمىز. ئىت قانجىق قۇسۇپتۇ دەيمىز.قانجىق ئىتنىڭ كەينىدىن سەككىز ئون ئىت ئەرگىشىپ سەككىز ئون كۈن يۈرىدۇ. سەككىز ئون كۈندىن كېيىن قانجۇق قۇسۇپ بولاپتۇ دەيمىز. قانجىق بىلەن ئىت ئىلىشىپ قاپتۇ دەيمىز. مۈشۈك ما ۋولاپتۇ دەيمىز. بىر ھېكايە بار، مۈشۈك ئىلىشقاننى كۆگەن ئادەم، سەيىغ ئوتنىڭ يىلتىزىنى تاپقان ئادەم پادىشا بولۇتمىش دەيتكەن بى گەپ با. توخانى خوراز باستى، كەپتەمۇ باستى دەيمىز.
2. ئالتە شەھەردە ئۆي ئەتىشنىڭ بايانى
ئەۋۋەل ئۆي ئېتۇدۇغان يەرنى بايلەر چاڭدېتىپ جاي ئاچچىلەرنى قىچقىرىپ ئەپكېلىدۇ. جاي ئاچچىلەر يەرنى چىزىلەپ (ئۆلچەپ) باقىپ “باي، بۇ يەرگە بىر يۈيۈشلۈك ئايۋان سەراي ئاشخانە، قازناق سىغىدۇ. ئا بۇجەككە ئىستىبراخانە سالىمىز، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر پېشايۋان بىلەن بىر دەھلىزلىك قوش مېھمانخانە سالساق ياخشى بولەدۇ“دەيدۇ. باي دەيتكى:“مېنىڭ خىيالىمدا مېھمانخانىنى تاشقىرىغا سالماقچى ئىدىم، بۇنىڭ ئىچىگە مېھمانخانىنى سالساق بەك تارچۇق بوپ قالىدۇ. “جاي ئاچچى دەيتكى:“يوقسۇ باي، مەن بولمايتقان ئىشنى ھەرگىز ئۆزلىرگە دېمەيمەن. تەخى قازناقنىڭ تۆپىسىگە بىر بالاخانە قىلىمىز.ھەرگىز قوقمىسلا، بىر ئاختاخانە ھەم پۈتىدۇ “دېگەنكىن “ئەمىسە ياغاچ كەسسە! يول تەيەپتىكى يەغاچتىن ئوتتۇز يەتتە سوقۇما چىقارسىلا، ئاندىن باينىڭ بۇلۇڭدىكى ياغاچتىن قىرىق ئۈچ تال جايگە چىقىدۇ. ژىگىمە سەككىز تال سىنجە چىقارمىكى توققۇز يۈز ئەللەك تال ۋاسادىن. بىر يېرىم يىلچە بولدى تەييار قىلدۇرۇپ قويغانتىم. ئۆينىڭ ئۇلىنى تۈزلەپ قويدىڭلىمۇ بالا؟ ئانداغ بوسا بەشمىڭ پىشقىش، يەتمىشمىڭ خامقىش يېتەرمۇ؟““يەتمەس، پىشقىشتىن ئون ئىككى مىڭ پىشۇرۇپ بەسۇن“سەراي ئۆينى ۋاساجۇپ قىپ بەسلە، ئاشخانا بىلەن قازناقنى ۋاسا دەميان قىپ بەسلە، لېكىن ئۇستام بەك مەزمۇت بوسۇن! سوقۇمىنىڭ ئاستىغا يوغان تاش قويىمىز، بولمىسا ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. ئۆينى چىتلايمىز. سوۋاقچى بارات ئاخۇنغا دەپ قوياڭ، يېنچىگە سوۋاقنى تىك گەج قىلىمىز. پاتياق ئۆينى پۈتكۈزلى، مەن پۇلنى جىق بېرىمەن، سىلە ھەم جىق كۈچ چىقىرىڭلە “باي بۇ گەپنى قىلغاندىن ئۇلار كېيىن شۇنداق ئىتتىك ئىش قىلا-قىلا مۇز تۇتۇشقا يېقىن ئۆي پۈتۈپ بولدى. بۇ ئۇستاملار، ئىشلەمچىلەر“ۋاي ھاجىم، ئەمدى ئۆزلىرىنى ئۆيلىيگە كۆچىيەپ ئەپچىرىپ قوياپ ئاندىنكىن كېتىمىز“دەيدۇ. ئاندىن ئۆينى سۈپۈيۈپ، سۇ سېپىپ، زىلچە گىلەم كىگىز كېچەك، چىنە چەينەك، كۆپە كېچەك، تەخسە پەخسەلەرنى ئۆيگە ئەپچىپ، يامچاقتىكى گۈللەرنى يەرلەردە قوياپ قاتا- قاتا تۇردىلە. بايمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا خوش بولاپ ئالدىغا ژىگىمە سەر، كەينىگە ئون سەرگىچە سىمكاردىن باشقا پۇل ئىئام قىلىدۇ.

3. بىر قىسىم بالالار ئويۇنلارى
ئودا كاتەك
ئودا كاتەك دەپ كىچىك بالالەرنىڭ ئويناتقان ئويانلىرى بار. يەتە سەكىز بالا قولىغە نىردىن كالتەكنى ئالىپ ھەر بىرى بىردىن كاتەككە كالتەكنى تىقىپ تۇرەدۇ. ئاندىنكىن بۆلەك بىر بالا قولىغە بىر توپنى ئالىپ نەياقتىن ئودە كەتەككە ئاتەدۇ. توپ ئودا كاتەككە كىسە بالالەر ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئورنىدىن يۆتكۈلۈپ يەنە بىر كاتەككە كالتەكنى ئىتتىك تىقىۋالەدۇ. ئەگەر كالتەكنى تىقىۋالاماسا، كالتەكنى كاتەككە تىقىۋالالمىغان بالا توپنى ئالىپ ئۇ يەنە توپنى ئودە كاتەككە ئاتەدۇ. ئودە كاتەكنىڭ چۆگۈسىدەكى بالا قولىدەكى كالتەك بىلەن توپنى كاتەككە كىرگۈزمەي كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ياندۇرۇپ ئاتەدۇ. ئۇ بالا نەچچە مەررە توپنى ئودە كاتەككە كىرگۈزەلمەي توپ ئاتىپ قىينالەدۇ.

گۈل تۇتتۇق
گۈل تۇتتۇق ئوياندا سەكىز ئون بالا بىر تال گۇلنى يا باشقا بىر نەرسەگە گۇل ئات قوياپ، بىسى گۇلنى قولىغە ئالىپ يەنە بىرىگە گۇل تۇتۇڭ دەپ قولىدەكى گۇلنى بېيتتۇ. ئۇ بالا قولىغە گۇلنى ئالىپ، بۇ گۇلنىڭ ئاتى نېمە دەپ سورايتتۇ. گۇل تۇتۇپ بەرگەن بالا “ بۇ گۇلنىڭ ئاتى ئەنبەرگۇل“ دەيتتۇ. يەنە بىرىگە تۇتۇپ بېرىتۇ. گۇلنى قولىغە ئالىپ گۇلنىڭ ئاتى نېمە دەيتتۇ. ”گۇلنىڭ ئاتى قىزىل گۈل“ دەيتتۇ. يەنە بىرى يەنە بىرىگە تۇتۇپ بېرىتۇ. گۇلنى قولىغە ئالىپ، گۇلنىڭ ئاتى نېمە دەپ سورايتتۇ. ھاسىل كالام شۇ تەرىقىدە ئويناپ، شۇ ئوياننىڭ ئاخىرىدە ئېيدى بالدى دېگەن گۇلنىڭ ئېتىنى بىرى دەپ قالسا، ھە بولدى بولدى دەپ ئۇ بالىنى توشقان تەپتە قىلىڭلار دەپ ئوياندەكى بالالەرنىڭ چوڭى بۇرۇيدۇ. بىر بالا قوپاپ نەش مەررە توشقان تەپتە قىلەدۇ. يەنە بىرى ئېىزىقىپ كەتسە سۇرەتىنى تامغا تارتىڭلەر دەپ بۇرۇيدۇ. بىرى ئاغىزغە سۇ ئالىپ ئېزىقىپ كەتكەن بالەنى يالاڭغىلاپ، تامغا كەينىنى قىلىپ تۇرغۇزۇپ، سۇ پۈركەيدۇ. تامغا سۈرەتىنى تارتقان بالەنىڭ سۈرەتى تامغا تۈشەدۇ.

چوق
بەش ئالتا بالا ھەر بىرى چوق ئويناشنى ئوبدان بىلسە بىس بىسىگە قوشالماي چوق ئوينايدۇ. ئەگەر بەش بالا چوق ئوينەغەلى قوپسا ئۇ بەش بالانىڭ ئىچىدىن ئۈچن ئوبدان بىلسە ئىككىسى چوق ئويناشنى ئوبدان بىلمەس. ئىككىسىنى بىر قىلىپ قويەدۇ. يا بىرى ئوبدان بىلمەسە ئوبدان بىلمەيتقانغا ئىككى كىشىلىك بېرىتۇ. ئۆزى بىلەن ئىككى كىشى بىر بولاپ، ئۈچ كىشىلىك چوق ئاتەدۇ. يەنى كىشىلىك دىگەنىمىز چوق ئويناشنى بىلمەيتقان بالاغە چوقنى ئۈچ مەررە ئاتىشقا قالغان چوق ئويناشنى بىلىتقان بالالەر ئىجەزە بېرىدۇ. ئۆزى چوقنى بىر مەررە ئاتەدۇ. ئاندىن بەش يۈزدە مات يھ مىڭدە مات دەپ چوق چىقسە، ئانا چوق بىلەن بالا چوقنى يەرگە تۈشۈرمەي ئۇيۇتۇ. بالا چوق بېيىپ، ئون ژىگىمە قەدەملىك يەرگە تۈشىدۇ. ئاندىن كېيىن چوق ئاتقۇچە بېيىپ، بالا چوقنى قولىغە ئالىپ بىر ئىككى ئۈچ دەپ ساناپ كاتەكنىڭ قاشىغە كەلگۈچە قەدەملەيدۇ. ھەر بىر قەدەمىنى ساناپ كېلىدۇ. كاتەكنىڭ قاشىغە كەلگەندە ئوتتۇز قەدەم يا ئوتتۇز بەش قەدەم چىقسا، مانە مېنىڭ ئوتتۇز بەش بولدى دەپ يەنە چوقنى ئاتەدۇ. شۇ تەرىقىدە چوق ئويناشنى بىلمەيتقان ئۈچ كىشىلىك بەرگەن بالا ئۇ چوقنى بىر مەررە ئاتىدۇ. بالا چوقنى ئانا چوق بىلەن ئۇرالمايتۇ. يەنە ئىككىنجى مەررە ئاتەدۇ، يەنە ئۇتالمايتۇ. ئۈچىنچى نۆۋەتتە ئانا چوق بىلەن بالا چوقنى ئۇيۇتۇ. بالا چوق بايىپ يەقىنغە تۈشەدۇ. بالا چوقنى ئاتىشقا نۆۋەت كەلگەن بالا بارىپ بالا چوقنى قولىغا ئالىپ ئاتىپ ئانا چوقغە تەگدۈيتۇ. ئۇ چوق ئاتقۇچى بالا ھېچنېمە قىلالماي قالەدۇ. شۇنداق ئويناپ نەچە قاتاردىن چوق ئاتىش نۆۋەتى كېلىپ، نەچە قاتاردىن بالا چوق ئاتىشقا نۆۋەت كېلىپ ،ئەخىرى بىرمىڭ ئىكى يۈز، بى مىڭ ئىكى يۈز ژىگىمە بەش، بى مىڭ تۆت يۈز بولەدۇ. بىسى بەش يۈز قىلەدۇ. بەش يۈز قىلغەنى قالغان تۆت بالانىڭ ھەمەسىنى مات قىلەدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش