ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ﺳﺎﺑﯩﺖ داموللام كىم؟

ﺳﺎﺑﯩﺖ داموللام كىم؟

يالقۇن روزى

ئاپتوردىن ئىلاۋە: مېنىڭ بۇ ماقالەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى  «شىنجاڭ تارىخ  –  مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»  ژۇرنىلىنىڭ 2011 – يىللىق سانىدا يەنى ئومۇمىي 45  – سانىدا  تېكىست بىلەن سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىندى. لېكىن سەھىپىنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن  باش  قىسمىدىكى ئازراق مەزمۇن  قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىندى. مەن بۇ تېمىغا قىزىققۇچى كەڭ تورداشلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالەمنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ۋە سۈرەتلەرنى مىسرانىم تورىغا  يوللاپ قويدۇم.

ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ راﻳﻮﻧﻨﯩﯔﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋە ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللارﻧﻰﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن، ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪن ئىشلار ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ – ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺋﺎدەﺗﺘﻪ دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻦﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺷﻪﺧﺴﻜﯩﭽﻪ، ﺗﺎغ – دەرﻳﺎلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ دەل – دەرەﺧﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﻰ، ۋەﻗﻪ – ﮬﺎدﯨﺴﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺗﺎرﯨﺦ ۋە ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎن، ﭼﻮڭ ئىشلار، ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎل، ﻛﯚرۈﻧﯜش (رەﺳﯩﻢ، ﺳﯜرەت، ﺧﻪرﯨﺘﻪ)، ﺟﻪدۋەل – ﺋﯩﺴﺨﯧﻤﺎ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺗﯜزۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ راﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ، ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﺘﺎر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ رﯦﺌﺎل ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮىياللار ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى ﺷﯘ راﻳﻮن ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻦ ﺷﯘ راﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﯩﺶ قىممىتىگىلا ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻪرﻟﯩﻚﺋﻮرۇنلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪش ۋە ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪش روﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ تىپلار، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللار، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ – ﺳﺎۋاقلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺗﯜزۈﺷﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻟﯜك ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ 1980 – يىللاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﭼﻮﯕﻘﯘر، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺎت ﻳﯧﻴﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ، ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﻛﻪﻣﺘﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪزﻣﯘنلار ﻳﻮق ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﯘﮬﺎل ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ۋە ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪزﻛﯩﺮە ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎي ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﯧﻤﺎ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ. ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜزﻟﯩﮕﻪن ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن. «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻤﯘﻳﯜزﻟﯩﮕﻪن ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ۋە ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎبلاردا 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪردﯨﻦ ﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ، ﺷﯧﯔﺷﯩﺴﻪي، ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔ، ﺋﯧﻠﯩﺨﺎن ﺗﯚرە، ﻣﻪﺳﺌﯘد ﺳﻪﺑﺮى، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا، ﺋﻪﻳﺴﺎﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻦ، ﺋﻮﺳﻤﺎن ئىسلام ﻗﺎﺗﺎرلقلار ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ – ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن. ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎردا ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯘﺷﻰ زۆرۈر ﺋﯩﺪى. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻤﯩﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺋﯘلارﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯘ، دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس. ﺷﯜ ﺟﻴﻪﻧﻴﯩﯖﻨﯩﯔ «ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ (1912−1949)» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا، ﻟﻴﯘ زﯨﺸﻴﺎۋﻧﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﻳﺎزﻏﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ (3)» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ، ﺟﺎڭ ﺷﯘﻣﯩﯖﻨﯩﯔ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﯜرەش ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻠﻪر» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ – ﻧﯘﺗﯘقلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪا، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﭘﺎرﺗﻜﻮم ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻟﻰ ﺷﯧﯔﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺗﯜزۈﻟﯜپ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ، ﻗﺎزاﻗﭽﻪ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ، رۇﺳﭽﻪ، ﺗﯜرﻛﭽﻪ، ﺋﻪرەﺑﭽﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﭽﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮلا ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎن «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ۋە ﺋﯘﻗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﻪم ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻟﻰ ﺷﯧﯔﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺑﻰ «<ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ» دﯦﮕﻪن ﺑﺎب ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪزﻛﯘر ﺑﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﯩﺪا ﻣﻪﺧﺴﯘس «<ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ» ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، «ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﭘﯩﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ»، «ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﯩﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ» ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘن» ۋە «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﯩﯔ زۇﯕﺘﯘڭ، ﮔﻮۋۇﻳﯜەن ۋە ۋازارەﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ زۇﯕﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، «ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘن» ﯨﺪا ئىسلام ﺷﻪرﯨﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺟﯘﯕﺨﯘا ﻣﯩﻨﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن – ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯧﮕﻰ ﻛﯚك رەﯕﻠﯩﻚ، ﺋﺎي – ﻳﯘﻟﺘﯘزﻟﯘق ﺑﺎﻳﺮاﻗﻨﯩﯔ «دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ» ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن، ﺋﯩﺮان ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎيلارﻏﺎ ﺋﺎدەم ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ، «دﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى» ﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎت ﻳﺎﻳﺪۇرۇپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ دﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ۋە ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ زﯨﻴﺎرەﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪرﺑﯩﻲ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪرﺑﺎﺑﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎردەم ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ۋە ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻪ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ، «ئىستىقلال» ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ، ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪزﮔﯩﻞﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ زﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯘﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ زﯨﻴﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ «ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪۋى ﺋﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎملاپ، ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﻗﯘرۇﺷﻨﯩﯔﺋﯚرﻧﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن» دەپ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯚﻣﺮى ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗلارﻏﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻣﻪﻳﺪان ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﭼﯧﮕﺮا راﻳﻮنلارﻏﺎ ۋە ﭼﯧﮕﺮا راﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن زﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﺪى» دەپ ﺧﯘلاﺳﯩﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯘﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯧﮕﺮا ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، «<ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻗﺎﺳﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮﻣﯘ دۆﻟﻪت ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق – ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎن. ﭘﻪﻗﻪت ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪﻣﺪىلا ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ رەﮬﺒﯩﺮى زاﮬﯩﺮ ﺷﺎھلا <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﮔﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﮬﺎﻟﺪا ﮬﯧﺴﺪاﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﻠﺪۈرﮔﻪن» دەپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺑﯘ ﭘﺎراﮔﺮاﻓﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﻰﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ: «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺗﻪرەپ ﺗﯜزۈت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎيلا ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ :<ﺋﻪﮔﻪر ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﺳﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮق، ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯔ 2 – ﻣﺎﻧﺠﯘرﯨﻴﻪ دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺗﯘرﺳﺎڭلار، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰﻗﻮﻏﺪاﻳﻤﯩﺰ>» دەپ ﺋﺎﮔﺎھلاﻧﺪۇرۇش ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪم ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.

ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﻳﺎزﻏﺎن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯜچ ﺗﻮﻣﻠﯘق ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 3 – ﺗﻮﻣﯩﺪا «ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻧﯩﯔ ﻗﻪﭘﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ۋە ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎۋزۇدا ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜم ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯘﺑﯚﻟﯜﻣﺪە ﺑﯘ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن: 1933 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎزدﯨﻦ ﺑﺎشلاپ «ﻗﻪﺷﻘﻪر راﻳﻮﻧﯩﺪا ﺗﯚت ﮔﯘرۇھ ﻛﯜچ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘت ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ، ﮬﻪممىسلا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﺋﯘلاردﯨﻦﺑﯩﺮى ﺗﯚﻣﯜر ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﺪى، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺠﺎﯕﻰ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﭼﯧﮕﺮا ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﺑﺎش ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻰ دەپ ﺋﺎﺗﯩﺪى ﮬﻪم ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯘﻧﯘس ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪى. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜچ ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﺎ ﺷﻴﺎۋۋۇ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺧﯩﻞ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟارﻟﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﺪى. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ زوﻣﯩﮕﻪر، ﻗﯘلاق ﻛﻪﺳﺘﻰ ﺋﯩﺪى، ﺑﯘ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺧﻪﻧﺰۇلارﻧﻰﺑﯘلاﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋﯦﺘﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎق ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪس ﺋﯩﺪى، ﺗﯚﻣﯜر ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺠﺎﯕﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن دﯦﮕﻪن ۋەدﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎرازى ﺋﯩﺪى، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯚﻣﯜر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ زﯨﺪدﯨﻴﻪت ﺑﻪك ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﯩﺪى. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﺑﺎزﯨﺴﻰ ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﺪى. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻗﯘرۇش ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪﮔﯘرۇھ ﻛﯜچ ﺋﯚزﺋﺎرا ﭘﯘت ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ، ﮬﻪممىسلا ﭘﯘرﺳﻪت ﻛﯜﺗﯜپ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﻳﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰﺋﻮيلاﻳﺘﺘﻰ.»

ﺑﯘ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪە ﻳﻪﻧﻪ «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ۋە ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا پىلاﻧﻠﯩﻐﺎن ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇش ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺟﺎۋۇز ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻟﯩﻚ پىلاﻧﯩﻐﺎ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ … 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﯧﭽﯩﺪە <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻗﻪﭘﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ … دۆﻟﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى زۇﯕﻠﯩﺴﻰ: ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام، ﺋﺎﺗﯘﺷﻠﯘق، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎنلاردا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﮔﻪن ﻏﺎﻟﭽﺎ» دەپ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.
داﯕﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﭽﻰ ﻟﻴﯘ زﯨﺸﻴﺎۋﻧﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 2 – ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا «ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻠﯩﺮى» دﯦﮕﻪن ﻣﺎۋزۇ ﺋﻮن ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎب ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮر «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ»، «ﻗﺎراﻗﺎش ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻰ»، «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪﻛﯧﻠﯩﺸﻰ»، «ﺗﯚﻣﯜر ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪزەرﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ»، «ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎۋزۇلار ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﺑﯩﺖ  داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﻗﯘرۇش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش – ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق «ﺳﺎﺑﯩﺖ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ئىسلام ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻧﮕﻪن. ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ئىسلام ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ زﯦﮭﯩﻦ ﻗﻮﻳﯘپ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﺗﯘش، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎيلاردا دﯨﻨﯩﻲﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن. 1928 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻳﯘرﺗﻰﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺗﺎرﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮيلاپ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯜرۈپ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻛﯘﭼﺎﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎيلاردﯨﻜﻰ دﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﺪا ﻣﯘدەررﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎن. 1930 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلام ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚﺑﯩﺮ ﻳﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ … ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﯩﭗ – ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪۇرۇپ ﺗﺎشلاش ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪە ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﻟﻴﯘ زﯨﺸﻴﺎۋ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻳﻪﻧﻪ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا 1932 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮى ﻗﺎراﻗﺎﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﻪشكىلات ﻗﯘرۇپ، ﻗﻮزغقلاڭ ﻛﯚﺗﯜرۈﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن «دەل ﻣﯘﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻪرەب ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎرﯨﻠﻰﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳلارﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪا ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮشلاﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻰ ﺋﯩﺪى. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ پىلاﻧﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎن» دەپ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮاﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎنلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ 1000 ﭼﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻧﻰ ﺑﺎشلاپ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 – ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ دﯨﻨﯩﻲ زاتلار ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ زﯨﻴﺎرەت ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎدروﻟﯘق ﺷﻪﺧﺴﻜﻪ ﺋﺎيلاﻧﺪى»، «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﺪى. ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا، <ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻗﯘرۇﺷﺘﻪك ﺑﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺗﯚﻣﯜر، ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻦﺷﯘرﯦﻨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎرﺷﻰﻳﻮل ﺗﯘﺗﺘﻰ» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن.

ﻟﻴﯘ زﯨﺸﻴﺎۋ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪرﮔﯜزەﺷﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪارە ﻗﯩﻠﻐﯘدەك ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ۋە ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎنلار ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە زﯦﻤﯩﻨﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﯩﻨﻰﺑﻮﻟﺴﺎ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن.
ﺷﯜ ﺟﻴﻪﻧﻴﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى «ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ  (1912−1949)» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا «ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ>» دﯦﮕﻪن ﻣﺎۋزۇ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﻪت» ﻧﻰ ﻗﯘرۇش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﯩﺨﭽﺎم ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪا «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪرﻟﯩﻚ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪە ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﻣﻪدرﯨﺴﻪﻟﻪردە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘدەررﯨﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎنلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن. ﭘﺎنئىسلاﻣﯩﺰم ۋە ﭘﺎﻧﺘﯜرﻛﯩﺰم ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺷﻪرق دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻣﯘدەررﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﺎﻗﺴﯘدﯨﻦ ﭼﻪرﭼﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﺎيلاردﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮى زور، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎزﻟﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻜﻪﺋﺎيلاﻧﻐﺎن»، «ﺋﯘ، ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ، ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎنئىسلاﻣﯩﺰﻣﻠﯩﻖ دۆﻟﻪت ﻗﯘرۇش» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﭘﺘﻮر ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮى ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮى ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ <ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﺮى> ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﻪرﮔﻪن- 7 . ﺋﺎﻳﺪا، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﺎﻗﺴﯘدا ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن (ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰﺗﯜرﻣﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚﻟﮕﻪن.)»
ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘن ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎڭ ﺷﯘﻣﯩﯖﻨﯩﯔ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﯜرەش ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪم ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻠﻪر» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ <ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ﻛﯜچ> ﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ۋە ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﺋﺎرﻗﺎﻛﯚرۈﻧﯜش» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﻣﺎۋزۇ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «<ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎۋزۇدا 1933 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﭗ «ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﮔﻪرﭼﻪ «ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪزﮔﯩﻞ داۋام ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، زﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ زور ﺑﻮﻟﺪى»، «ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، قېلىپلاﺷﻤﯩﻐﺎن ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪۋى ﻧﺎم ﺑﻮﻟﻐﺎن <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﺎش ﺳﯚزﯨﮕﻪ ﺋﺎيلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﺪى، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﯚﻟﯜۋاﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ۋە ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎنلارﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى»، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە «1944 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺋﯧﻠﯩﺨﺎن ﺗﯚرﯨﻤﯘ <ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺘﻰ» دەپ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن.

دﯦﻤﻪك، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﻛﯩﺘﺎب، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲﺋﻪﺳﻪر، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘنلاردﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلار ۋە ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا، ﻣﻪﺳﺌﯘد ﺳﻪﺑﺮى، ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯧﻠﯩﺨﺎن ﺗﯚرە، ﺋﻮﺳﻤﺎن ئىسلام ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎردا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي، ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯩﺘﺎبلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ – ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻪڭ – ﻛﯘﺷﺎدە ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﺗﻪﮬﻠﯩﻞﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻧﻰ ﻳﯘﭼﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى «ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﻰ»، ﺧﯘاڭ ﺟﻴﻪﻧﺨﯘا ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى «ۋۇ ﺟﯘﯕﺸﯩﻦ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘد»، ﻟﻮ ﺷﺎۋۋﯦﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى «ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ»، ﻟﻴﯘ ﺷﻴﺎﯕﺨﯘي ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى «ﻣﻪﺳﺌﯘدﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ئەكسىلئىنقىلابىي ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ۋە ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﻳﻮرۇﺗﯘپ ﺑﻪردى. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ – ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪى. ﭘﻪﻗﻪت ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1998 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ «ﻏﻪرﺑﯩﻲﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎب ﺑﯩﻠﻪن 2004 – ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻗﯩﺰﯨﻠﺴﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﺋﻮيلاﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 2 – ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲﻣﻪزﻣﯘنلاردا ﭘﻪرق زور ﮬﻪم ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎيلار ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪزﯨﺰﯨﻤﯘﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ «ﺋﯚﻣﯜر داﺳﺘﺎﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا «1930 – يىلاردﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺳﯚز ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن داﯕﻠﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردا ﺋﯘﻧﻰﻗﻮزغىلاﯕﻨﯩﯔ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى دەپ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﺎﺗﺎ» (216- ﺑﻪت) دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺋﯘ ﻣﻪزﻛﯘر ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎراﻗﺎﺷﺘﺎ 1933 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق «ﺑﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﻴﺎز ﺋﻪﻟﻪم ﺋﺎﺧﯘن رەﺋﯩﺲ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺲ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺎيلاﻧﻐﺎن» دەپ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﻪن «ﺑﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪردە <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﮔﻪ ﺑﺎش ۋەﻛﯩﻞ (زۇﯕﻠﻰ) ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﺎﺑﯩﺖ  داﻣﻮللام ﺋﻪﻣﻪس» (295- ﺑﻪت) دەپ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﻜﻪن. روﺷﻪﻧﻜﻰ، 1933 – ۋە 1934 – ﻳﯩﻠﻰ 18−19 ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋە ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮاك ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ئىشلارﻏﺎﺷﺎﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪزﯨﺰﯨﻤﯘ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺧﺎﺗﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺑﻪرﮔﻪن.

دﯦﻤﻪك، ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﯩﺘﺎب ۋە ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪردا ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﭼﻮﻟﺘﺎ، زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺧﺎﺗﺎ ﺑﺎﻳﺎن قىلىنپلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜرﯨﺘﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﺎ ﺷﯘﻛﺎﯕﻨﯩﯔ «ﻳﯜز ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر(1840−1949)» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە «<ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻧﯩﯔ ﺑﺎش – ﺋﺎﺧﯩﺮى» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﭘﺘﻮر ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻐﺎﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﺳﯜرەﺗﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، (70- ﺑﻪت)، ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ «ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰﺋﯘﻧﺴﯘر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام» دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈش ﺑﻪرﮔﻪن. ﺳﯜرەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﯜزى ﺳﻮزۇق، ﺋﺎق ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻳﯘمىلاق ﻳﯜزﻟﯜك، ﻗﺎرا ﺳﺎﻗﺎل ﺋﺎدەم ﺋﯩﺪى. ﻳﯜز ﻛﯩﭙﺘﻰ ۋە ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﺮاي ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪتلا ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﺳﯜرەت ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺷﯧﺮﯨﭗ ﺧﯘﺷﺘﺎر ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺗﯜزﮔﻪن «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ 20 ۋاراﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎرﺗﯘﻗﺮاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺳﯜرەت ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎنلاردﯨﻦﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ، ﺟﯩﻦ ﺷﯘرﯦﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي، ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔ، ﺋﻮﺳﻤﺎن ئىسلام، ﺋﯧﻠﯩﺨﺎن ﺗﯚرە، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا، ﻣﻪﺳﺌﯘد ﺳﻪﺑﺮى، ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺳﯜرﯨﺘﻰﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﻪ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺗﻪﺳﯟﯨﻲ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام دەپ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن.

ﺧﻮش، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚﺗﯜرﻟﯜك ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎلىقلار، ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪر ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮەﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰﺗﯜزﯨﺘﯩﭗ، ﭼﺎﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺗﻪزﻛﯩﺮە، ﻗﺎﻣﯘس، ﻟﯘﻏﻪت ۋە ﺗﺎرﯨﺦﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎبلارﻏﺎ ﻳﯧﯖﻰ، ﺗﻮﻏﺮا، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺑﯧﺮﯨﺶ زۆرۈرﻣﯘ؟ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللارﻧﻰﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ «زۆرۈر» دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻣﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘپ، ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪدەﻣﺪە ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ ۋە ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺳﯜرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﮕﻪﺳﯘﻧﺪۇم. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتىلارﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜزﯨﺘﯩﭗ ۋە ﻛﻪم ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘقلاپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام 1883 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔﺋﺎزاق ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﺋﺎﺑﺪۇﻟﺒﺎﻗﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. ﺑﺎشلاﻧﻐﯘچ دﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﺎزاﻗﺘﺎ ﭼﻮڭ ﺋﻪﻟﯩﻤﺎﺧﯘﻧﯘم دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدرﯨﺴﻪدە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1900- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮى ﺑﯘﺧﺎراﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎملاپ داﻣﻮللا ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘدۇل ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎزاﻗﻠﯩﻖﻳﯘرﺗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﻘﺎن ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮬﺎﺟﻰ دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰى راﺑﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪۇللا ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘل ﭘﻪرزەﻧﺖ ﻛﯚرﮔﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس. ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪﯨﻜﻰ «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ، دەپ ﻗﺎرﯨﺸﯩﺪۇ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ 1916 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮت ﻛﯧﺘﯩﺶ ۋەﻗﻪﺳﻰ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن. 1917 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎرىستلار ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎج ﺧﺎدﯨﻤﻰﺷﻴﯥ ﺑﯩﻨﻨﯩﯔ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا ﺑﯘ ۋەﻗﻪﮔﻪ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯘﭼﯘر ﺑﺎر: «ﺳﯜﻳﺪۈڭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎيلاﻧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯚت ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﯩﻜﻪن، ﺑﯘﻗﻪﻟﺌﻪ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻛﯜرەﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﺎزارﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎۋاﺗﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﻧﺎس ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻮدا دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮۋۇق ﭼﻮڭ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮۋۇﻗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪن. ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮۋۇﻗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى، ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻨﻠﯩﻚ ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﺟﺎيلاﺷﻘﺎن ﺋﯩﻜﻪن. ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮۋۇﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎزار ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮت ﻛﯧﺘﯩﭗ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ دۇﻛﺎنلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻳﻠﻪر رۇس ﭘﺎﺳﻮﻧﯩﺪا ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯚﻳﻠﻪر رەﺗﻠﯩﻚ، ﻛﯚرﻛﻪم، ﻛﻮچىلار ﻛﻪڭ ﺋﯩﻜﻪن.» (79-ﺑﻪت) «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» دە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯚﻳﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﭘﻪﻗﻪت ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎش ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺸﺮەﺗﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن، «ﺟﯜﺧﯘازى» دەپ ﻧﺎم ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺗﻪڭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚيىلا ﺳﺎق ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎلار ﮬﻪم ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ئىختىلاپ ﻛﯚرۈﻟﮕﻪن. ﺑﻪزى ﻧﺎدان ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪر ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺷﺮە – زاﻛﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯘرﺳﺎق ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻛﯚﻳﯜپ، ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪۈز ﺋﻪﻳﺶ – ﺋﯩﺸﺮەت ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺑﯘزۇق ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎق ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ، دﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻣﯘﺷﯘ «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ئىختىلاپلار ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪۇللاﻧﻰﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ، ﺋﯚزى ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن، دﯦﻴﯩﺸﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﮔﯧﻨﯧﺮال زﯨﻴﺎ ﻳﻪرﮔﯚﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎنلارﻏﺎﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻪۋەﺑﻨﯩﯔ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎزا ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. زﯨﻴﺎ ﻳﻪرﮔﯚك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ – ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى 1915 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪرﻣﯩﻨﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﺎرﻗﺎﻣﯩﺶ دﯦﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﺪە رۇﺳﯩﻴﻪﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯘرۇﺷﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪﮔﻪ ﭘﺎلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘلار 1918 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪدە ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن. 1918- ﻳﯩﻠﻰ 10 – ﺋﺎﻳﺪا رۇﺳﯩﻴﻪدﯨﻜﻰ ئىنقىلابلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯘق ﺑﻮﺷﯩﻐﺎﻧﺪا زﯨﻴﺎ ﻳﻪرﮔﯚك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ – ﺋﻪﺳﻜﻪر ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪي ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘ ﻳﻪردەباھاۋۇدۇن ﻣﯘﺳﺎﺑﺎيېفنىڭ  ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮى ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺑﺎﻳﯟەﭼﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎلاﺗﺎﺳﺎراي ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺰلا ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﮬﻪم ﻗﻮرﻏﺎﺳﺘﺎ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺷﺎﻣﻰ داﻣﻮللا دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺮاھ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﮕﻪ ﺋﯘزﯨﺘﯩﭗﻗﻮﻳﻐﺎن. ﺋﯘلار دۆرﺑﯩﻠﺠﯩﻦ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺷﯩﺨﯘدﯨﻦ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 11 – ﺋﺎيلاردا ﺳﯜﻳﺪۈﯕﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺳﯜﻳﺪۈﯕﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﻣﻰ داﻣﻮللا ﺋﯘلارﻧﻰ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺎرﻏﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﯘلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﭗ ﮬﻪم ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎت ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮل ﺑﺎشلاﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ، ﺋﯩﻠﻰ دەرﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘدﯨﻜﻰ ﻳﺎرﻛﻪﻧﺖ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎن. زﯨﻴﺎ ﻳﻪرﮔﯚﻛﻨﯩﯔ «سارقامىشتىن ئاسارەتكە (1915 _ 1920)» دېگەن كىتابىدىكى ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام 1918 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا «رەﺳﺘﻪ ۋەﻗﻪﺳﻰ» ﻧﯩﯔ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺳﯜﻳﺪۈﯕﺪە ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯘپ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﺎﻏﻠﯩﺮى 1919 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ 1920 – ﻳﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎل. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﺎغلار ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللام، ﻗﯘﺗﻠﯘق ﺷﻪۋﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪدﯨﺪﭼﯩﻠﻪر زور ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎۋروﭘﺎﻟﯩﻖ دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘچىلارﻧﯩﯔ دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﺪۇرۇپ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى دوﻟﻘﯘن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرۈۋاﺗﻘﺎن ﭼﺎغلار ﺋﯩﺪى. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ دﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪدرﯨﺴﻪﻟﻪردە ﻣﯘدەررﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللا ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺟﻪدﯨﺪﭼﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎن دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘرۇش داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰﻣﻪﻟﯘم ﺋﻪﻣﻪس.

20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا دۇﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪا، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ئىسلاﻣﯩﻴﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللام ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺟﻪدﯨﺪﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞﺋﯩﺪﯨﻴﻪۋى ﺧﺎﮬﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى. 1924 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﻳﺎشلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻗﯟادار ﺗﺎلىپلار ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮرۇنلاﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎن دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﯜچ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن. 1917 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﺮ ئىنقىلاﺑﻰ» ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎر رۇﺳﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻏﺪۇرۇﻟﯘپ، ﺑﻮﻟﺸﯧﯟىكلار ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ رۇﺳﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﭗﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜچ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ رۇﺳﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﺎﺷﻘﺎ رەﻗﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا راﺳﺎ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪن. ﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘلارﻧﻰ زﯨﻴﺎدە ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا، ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللام ﺋﻮرۇنلاﺷﺘﯘرﻏﺎن ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮى ۋە ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت داﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪزﯨﭙﯩﻨﻰﻗﻮزﻏﯩﻐﺎن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﮬﻪم ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﻏﺎنلارﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗﺟﺎزالاش ﺑﺎشلاﻧﻐﺎن. ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ داﻣﻮللام ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 8 – ﺋﺎﻳﺪا ﻗﻪﺳﺘﻠﻪپ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪن. ۋەزﯨﻴﻪت زﯨﻴﺎدە ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﻪۋﭘﺴﯩﺮﯨﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻪرەپ – ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎﭼﻘﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺷﯘ يىللاردا ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭘﺎﻧﺎھلاﻧﻐﺎن. ﺋﯘ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺗﯘرﻏﺎن دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ يىللاردا ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎلاﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺳﯚزﻟﻪﻧﮕﻪن ﭼﻮڭ ﮬﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﺷﯧﺮﯨﻦ ﻛﺎلام» ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎملاپ، 1927 – ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮدﯨﮕﻪر – ﺑﺎيلارﻧﯩﯔﻳﺎردﯨﻤﯩﺪە ﻛﯜرەدﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺳﯩﺪە ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘرﻏﺎن. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ زور ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻧﻮﭘﯘز ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎشلاپ ﺋﯘ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ دەڭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﺪە «ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ» ﻧﻰ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – تەپسىر ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ 2−3 ﻳﯩﻞ داۋاملاﺷﺘﯘرﻏﺎن. ﺋﯘﺷﯘ يىلاردا ﻳﻪﻧﻪ ئىسلام دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺗﻪﺳﯩﺮى زور ئاندالوسىيەلىك ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ(1204 _ 1274) دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪدرﯨﺴﻪﻟﻪردە دەرﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﻪرەب ﺗﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮاﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﻪﻟﻔﯩﻴﻪ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺷﻪرھ ۋە ﮬﺎﺷﯩﻴﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻛﯩﺘﺎﺑﻰ «ﺷﻪرﮬﻰ ﺋﻪﻟﻔﯩﻴﻪ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن.
1920 – يىللاردا ﺳﻮۋﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدا ﺑﻮﻟﺸﯧﯟىكلار ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺑﺎسمىچىلار ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯜﺷﻰ ۋە ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺪۇرۇﻟﯘپ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ، ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺗﯜزۈﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ زﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭗ، ئىسلاﻣﯩﻴﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﻰ داۋاﻟﻐﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى. ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﻨﻘﯩلاب، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪت، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ دۇﻧﻴﺎۋى ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﻪر ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﯘس ﻣﻮللا – ﺋﯚﻟﯩﻤﺎلار ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪۋرﯨﻨﯩﺶﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺋﯘلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺗﻮﻏﺮا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﯕﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻣﯘ، ﻧﺎﺗﻮﻏﺮا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرەزﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻣﯘ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎرا – ﺑﺎرا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرەزﻟﯩﺮى ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ 1930 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪا دﯦﮕﻪن ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە «ﭼﻮڭ ئىشلار» ﻧﻰ ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﺸﻨﻰ پىلانلاپ، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎيلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚزﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺷﯘ يىللاردا ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﻪﻛﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺗﺎﺗﺎر ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘرات ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرەزﻟﯩﺮى ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. ﺋﯘلار ﻛﯚرۈﺷﯜپلا ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدﯨﺸﯩﭗ ﻳﯜرﮔﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﮬﻪم ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ، ﮬﻪم ﻧﺎﺗﯩﻖﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﺸﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ 15−16 ﻳﺎشلار ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮادا ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺳﯩﺮﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪا ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮاﻏﺎ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﺎللاش ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ  ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﮔﻪن.  ﻧﯩﻴﻪت – ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻳﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﯘﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪن ﺋﯚز ۋەزﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪن. ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام 1931 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎزدا ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪۇللاﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ دۇﻧﻴﺎ ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚزﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن رۇﺳﯩﻴﻪﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎن. ﺋﯘ رۇﺳﯩﻴﻪدﯨﻦ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﻪج ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﮬﻪج ﭘﻪرزﯨﻨﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯩﺠﺎز، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﯨﺮﯨﻴﻪ، ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎيلارﻧﻰ ﺋﺎيلاﻧﻐﺎن. ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا ﻳﺎزﻏﺎن «ﺟﻪۋﮬﻪر ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪر» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﯩﺪە ﺋﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﻤﺪە ﻗﻪﻳﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎم ئىسلام دﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯚۋەن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﯚرۈپ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﻪﻧﺪﯨﻢ ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪە ﺋﯘزاق ﺋﻮيلاﻧﺪﯨﻢ» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ئىسلاﻣﯩﻴﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘرۇﺷﻘﺎﻳﺎردەم ﻗﯩﻠﻐﯘدەك ﺑﯩﺮەر ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺳﺮەت ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ، ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﻰ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﮬﯩﺠﺎز ۋە ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪدﯨﻜﻰﭘﺎنئىسلاﻣﯩﺰﻣﭽﻰ ﺋﺎلىملار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎن. ﺋﯘلاردﯨﻦ «ﻧﯘﺳﺮەت ﻗﺎزﯨﻨﯩﺶ» ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺳﻮرﯨﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪﺋﯘزۇن ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘل، ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﯨﺮﯨﻴﻪ، ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﮬﯩﺠﺎز ۋە ﮬﯩﻨﺪى ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﭙﻪرۋەرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘزاﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺷﺘﯩﻢ. ﻣﯚﮬﺘﻪرەم، ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰﺋﯚﻟﯩﻤﺎ، دوﻛﺘﻮر رەﺷﯩﺪ رﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻠﻪردە ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯩﻜﯩﺮﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘردۇم»، ﺋﯘلار ﻣﺎﯕﺎ «ﺋﯚﻣﻪر ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪرەﺑﻨﯩﯔ <ﺋﻪﻣﯩﺮۇل ﺑﺎﻳﺎن> دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ۋە ﺷﺎﻣﻠﯩﻖ (ﺳﯘرﯨﻴﻪﻟﯩﻚ) ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮن، ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺧﻪﺗﯩﺐ ﺷﻪﻛﯩﺐ ﺋﺎرسلاﻧﻨﯩﯔ <ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎنلار ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎشقىلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ> دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺑﻪردى، ﻛﯚﯕﯜل ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن.»
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﻰﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرەزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرۇﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯩﻨﯩﻢﺗﺎﭘﻤﺎي ﺋﯩﺰدەﻧﮕﻪن. ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﺪا ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ﻳﯩﻐﯩﻦ ۋە يىغىلىشلارﻏﺎﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن. ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻮرۇنلاردا ﻣﻪﺟﯩﺪ ﻛﻪردى، ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻏﻪززاۋى، ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻘﯘددۇس ﺋﻪﻧﺴﺎرى، ﺗﺎﺗﺎر ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪۇرەﺷﯩﺪ ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻏﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺟﻪۋﮬﻪرﻟﯩﺮى» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘرلاردﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا «ئىسلام ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻣﻠﯘق ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦﺋﯚﻛﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﮕﻪن. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ «ﺟﻪۋﮬﻪر ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ، ﻳﯘرﺗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺧﻮرﻣﺎ ۋە زەﻣﺰەم» ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯜزۈپ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪن ﻳﯘرۇﯕﻘﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪر ﺋﺎﺑﺪۇﺳﻪﻣﯩﺠﺎن ۋە ﺋﻪﻣﻪﺗﺠﺎن ﺑﺎي دﯦﮕﻪن ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻳﺎردﯨﻤﻰﺑﯩﻠﻪن دﯦﮭﻠﻰ ﺷﺎﮬﺠﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ «ﻣﻪﮬﺒﯘﺑﯘﻟﻤﻪﺗﺎﺑﯩﺌﻪ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺳﻰ» دە ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن.

 سابىت داموللامنىڭ ئۆلچەملىك سۈرىتى

ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام 1932 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮدا ﺋﯩﻜﻜﻰﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇپ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻳﻮل ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺋﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا «ﺑﯘ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪە ﻗﯘدرﯨﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯩﺒﺮەت ۋە ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ» دەپ ﻳﺎزﻏﯩﻨﯩﺪەك، ﺳﻪل ﭼﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚﻣﻮل ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮپلاپ، ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯩﺮادە ﺗﯘرﻏﯘزۇپ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪج ﺗﺎۋاپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎن ﮬﺎجىلار ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘرۇق – ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ۋە ﻳﯘرﺗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەت ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﭘﯜﺗﻜﯜل ۋۇﺟﯘدى ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰﺑﯩﻠﻪن زەﮬﻪرﻟﻪﻧﮕﻪن ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﺟﻰ ﻳﯘرﺗﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻣﺎﯕﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘدۇل ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪﺑﯧﺮﯨﭗ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜرﮔﻪن ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﯨﺸﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. ﺋﯘﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ راﻣﯩﺰان ﺋﯧﻴﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪن. ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻰ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺗﻪۋرەﻧﻤﻪس ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻖﻛﺎراﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، راﻣﯩﺰان ﺋﯧﻴﯩﺪا ﻗﺎراﻗﺎﺷﺘﺎ ﺟﯩﮭﺎد ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ۋەز ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪۈرﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ دﯨﻨﯩﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘزﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪن. ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻗﻮزغىلاڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚرۈپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﻣﺎددﯨﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎرلىقلارﻧﻰﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﻜﻪن. ﻧﻰ ﻳﯘﭼﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ«ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا «ﻗﻮزغىلاﯕﻐﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﭼﺎغ دەل ﻗﺎراﻗﺎش ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ زۇﻟﯘم ﺳﺎﻟﻐﺎن، ﮔﯘﻧﺎﮬﻰﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻳﻪن ﺟﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﭼﺎغ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦﺑﯘﻏﺮا دەرﮬﺎل ﺋﻮۋﭼﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘرﺳﯘن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﺳﯘﻗﯘﻧﯘپ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮرۇنلاﺷﺘﯘرﻏﺎن.»

1933 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلام ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰﺋﻮۋ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻰ، ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﭼﻮﻣﺎق ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮراللاﻧﺪۇرۇپ ﻗﺎراﻗﺎش ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎنلا ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﻗﺎزاﻧﻐﺎن. ﺋﯘلار ﺋﺎرﻗﯩﺪىنلا ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮى ﻗﻮرﻗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪيلا ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﻗﺎراﻗﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﺴﻴﺎنچىلار ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘرۇﺷﻤﺎيلا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن. ﺧﻮﺗﻪن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﻪرﻣﯘ ﮬﻪش – ﭘﻪش دﯦﮕﯜﭼﻪ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 – ﻛﯜﻧﻰ «ﺧﻮﺗﻪن ئىسلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن. ﺑﯘ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺗﻪﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪت ﻧﯩﻴﺎز ﺋﻪﻟﻪم دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ دﯨﻨﯩﻲ داﮬﯩﻲ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺑﺎش ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮا ﺑﺎش ﻗﻮﻣﺎﻧﺪان ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺷﯘﻧﺪاقلا ﻣﯩﺠﻪزى ﭼﯘس، ﺋﯘرۇﺷﺘﺎ ﺑﺎﺗﯘر ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮى ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ۋە ﺋﻪﻣﯩﺮﺳﺎھىبلارﻧﯩﯔ ﺋﻮڭ – ﺳﻮل ﻳﺎردەﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺋﻪڭ زور ﺷﻪﺧﺲﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. «ﺧﻮﺗﻪن ئىسلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» ﻗﯘرۇﻟﯘپ، ﭼﻪرﭼﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﯩﭽﻪﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﺎيلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻳﯜرۈش ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮاﻏﺎ ﻛﯚپ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﻧﺪۈرﮔﻪن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮاﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر 1000 ﭼﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪرﻧﻰ ﺑﺎشلاپ، ﻛﯚپ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘزاﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﻣﺎﻓﯘﺷﯩﯔ، ﻣﺎ ﺷﺎۋۋۇ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ زاﻟﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯔ دەردﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﻮﻳﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎددﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘرﻧﻰ ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎر ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرادﯨﻜﻰ ﻛﯚزﯨﺘﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا «ﻣﻮل ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎن» ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺪﯨﻴﻪۋى ﺋﺎﺳﺎس ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﺷﻨﯩﯔ  زۆرۈرﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﻰ قەشقەردە ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺳﺎن ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ» دﯦﮕﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﻰ «دﯨﻨﯩﻲ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺋﻪدەﺑﯩﻲ، ﺋﻪخلاﻗﯩﻲ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﯧﺰﯨﺖ» دەپ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا، ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﺪى. ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪۇق ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪر دوﺗﯩﻴﻰ ﻣﺎ ﺷﺎۋۋۇﻣﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﯩﯔ ۋەزﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﺋﯩﺪى. ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﺎﺳﻤﯩچىلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻳﯜﺳﯜﻓﺠﺎن ﻗﯘرﺑﯧﺸﻰ، ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﺠﺎن ﻗﯘرﺑﯧﺸﻰ ۋە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺟﺎﻧﺒﯧﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلاردﯨﻦﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﺗﯘﺷﻠﯘق ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘن ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭ ﺳﺎددا ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪام ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﺎي ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﻧﻮﭘﯘزﯨﻨﻰﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻪﻟﻤﻪي ﺟﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎۋۋال ﻛﯜﭼﻨﻰﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘرﻏﺎ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮرﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﯩﻐﺎ ﻳﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮى ﺑﯩﺮ ﻳﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯘﺗﻘﺎن. ﺋﯘلار «ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺑﺎزا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﮔﯘرۇھلارﻧﯩﯔ ﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘپ «ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﺑﯘﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﻗﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ «ﺧﻮﺗﻪن ﻳﺎردەم ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯘرۇش لازﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ» دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻏﻪرﯨﺰﯨﻨﻰ ۋاﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﻳﻮﺷﯘرﻏﺎن.

ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘرﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺋﯚز ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﺎقلاپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن 1933 – ﻳﯩﻠﻰ 8 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎشلاپ ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﭼﯘق – ﺋﺎﺷﻜﺎرا ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪم ﺑﺎرا – ﺑﺎرا ﺑﯘ ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﻘﻨﻰﭼﯧﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ، 8 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘرﻧﯩﯔﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻗﻮراﻟﺴﯩﺰلاﻧﺪۇرﻏﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘرﻧﻰﻧﻪزەرﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﻮﻏﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن، ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎنلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚرﮔﻪن ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺗﯜەﻧﺠﺎﯕﻤﯘ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﯩﯔﺧﻮﺟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪردە ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺗﯘرۇپ، ﭘﯘرﺳﻪت ﻛﯜﺗﯜۋاﺗﻘﺎن ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﭘﻪﻗﻪت ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎڭنىڭلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ، ﺗﯚﻣﯜر ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﺘﻪك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯘﺷﺎل ﻳﺎﻳﺮاپ ﺑﯩﺨﯘدلاﺷﻘﺎن ﭘﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪپ، تۆمۈر سىجاڭ 9 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 – ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﮬﻪر ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا ﭘﯩﺴﺘﯩﺮﻣﺎ ﻗﯘرۇپ ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋەﺗﻜﻪن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺗﯘﯕﮕﺎنلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪن. 1924 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ دوﺗﻪﻳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯘﯕﮕﺎن ﻣﺎ ﺷﺎۋۋۇ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪردﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗﺟﺎيلاﺷﻘﺎن. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘرۇش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﺠﺎن ﻗﯘرﺑﯧﺸﻰ دﯦﮕﻪن ﺋﯚزﺑﯧﻚﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﻰ ﻧﻪزەرﺑﻪﻧﺪﺗﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرﻏﺎن. ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر دەرﮬﺎل ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚز ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﯘ ﻳﻪردە ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎﻣﺎنلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﻰﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ پىلاﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜزﮔﻪن. ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮﺳﻤﺎن ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪن. ﺋﯘلار 10 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪن. ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯚز ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎغ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلام ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎنلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯘش ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﮬﯘﺟﯘم ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن. ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘرۇﺷﯘپ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺗﯘﯕﮕﺎنلارﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪرﮔﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪۈرﮔﻪن. ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﺋﯜﭼﯜن، ﺗﯘرﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﻧﯘس ﺑﻪﮔﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ۋاﻟﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن. ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﻰﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘپ، ﺑﯩﺮﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪرﮔﻪ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﯟاﻟﻐﺎن ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘزاﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪن «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﻰ ﻗﯘرۇش ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺟﯩﺪدﯨﻲﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا، ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﮬﯩﺮە ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪرەب ﺗﯩﻠﯩﺪا ﻧﻪﺷﺮﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻣﺎﻧﺎر» (ﻣﺎﻳﺎك) ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎرﭼﻪ ﺧﻪت ۋە ﺧﻪۋەر ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻳﺎردەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن. «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىنقىلاﺑﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘل ئىنقىلاﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪن، ﻗﻪﺷﻘﻪرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﻗﻮزغىلاڭ ۋە ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ، ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ۋە ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن. ﺋﯘ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮزغىلاﯕﻠﯩﺮى ۋە ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرىلاﺷﺘﯘرۇپلا «ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﻨقىلاﺑﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ «ﻣﺎﻧﺎر» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1352 – ﻳﯩﻠﻰ راﻣﯩﺰان ﺋﯧﻴﯩﺪا، ﻳﻪﻧﻰ مىلادﯨﻴﻪ 1933 – ﻳﯩﻠﻰ دﯦﻜﺎﺑﯩﺮدا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن 6 – ﺳﺎﻧﯩﺪا، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯘﻗﯩﺪا ئىلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىنقىلاﺑﻰ» دﯦﮕﻪن ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺧﻪۋەرﮔﻪ ژۇرﻧﺎل ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎزﻏﺎن ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﯩﯟالالاﻳﻤﯩﺰ. ﭘﺎﻧﺌﯩﺴلاﻣﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﺎﺷﻘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﯩﺮى ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚزدە ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰى – ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪي ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىنقىلاﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪرﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﺘﯜك ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ، ﺗﻪﻗﯟادار ﺋﯘﺳﺘﺎز ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪۇﻟﺒﺎﻗﯩﻨﯩﯔ <ﻣﺎﻧﺎر> ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎﻳﺎزﻏﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ. ﺑﯘ زات ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪۋەر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪا ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﯩﺪا ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯘرۇﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﯖﻰ ئىسلام دۆﻟﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن <ئىسلاﻣﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘن> لاﻳﯩﮭﻪﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎللا ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﭘﺎت ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺋﻪۋەﺗﯩﻤﯩﺰ.» ﺑﯘ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚزدﯨﻦﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﻪرﯨﺰى، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻗﯘرۇش ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺑﯩﺮدەﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺋﯘزاﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ پىلان ﺗﯜزۈپ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖ ﭘﺎنىسلاﻣﯩﺰچىلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜرۈپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرىلاپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺮۇي – ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، «ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ» دﯦﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ «ﺧﻮﺗﻪن ئىلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮرﻧﻰ» ﻏﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﻪن. روﺷﻪن ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﻧﺎم ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ، ﮬﺎﭘﯩﺰ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘن ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﻰ ﺳﻪﮔﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن. ﺋﯘلار ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﻪت داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﻮرﮔﺎﻧﻨﻰ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﻪش ﻛﯧﺮەك، دەپ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﺎﮬﺎن ﻛﯚرﮔﻪن، دﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻣﻮل، ﮔﻪپ – ﺳﯚزﮔﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘﺗﻪﻗﯟادارﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ، ﮬﺎﭘﯩﺰ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘن ﺗﯜەﻧﺠﺎڭ، ﻳﯘﻧﯘس ﺑﻪﮔﻠﻪردﯨﻦﻣﯘﺗﻠﻪق ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪن. ﻟﻴﯘ زﯨﺸﺎۋ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ، ﮬﺎﭘﯩﺰ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺧﯘن ﺗﯜەﻧﺠﺎڭلار ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ «ﺧﻮﺗﻪن ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ» ﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺋﻮرﮔﺎﻧﻨﻰ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﻮل ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺳﯜپ، ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ۋەزﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن- 9 . ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلام ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ، ﺑﯘﺋﻮرﮔﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ» ﮔﻪ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺋﯩﺴلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻗﯘرۇش ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨﻠﯩﻐﺎن، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪش ﮬﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﻠﯩﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﭘﺎرچىلاپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮل ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن، ﭘﺎرچىلاﻧﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﻏﺎن- 1933 . ﻳﯩﻠﻰ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 – ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﻰ رەﺳﻤﯩﻲ ﻗﯘرۇپ، ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ «ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن. «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺗﯜﻣﻪن دەرﻳﺎ ﻛﯚۋرۈﻛﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪا 20 ﻣﯩﯔﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ، «ﺑﺎﻳﺮاق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئېلان ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ» ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. ﺗﻮپ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن. ﺳﻮۋﻏﺎت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ، ﻧﺎﻣﺎيىشچىلار ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬﻘﺎ ﺗﻮپلاﺷﻘﺎن. ﻛﯚپ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﺋﺎرزۇﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﻧﯘﺗﯘق ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ۋە ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮى ﻗﯩﺰﻏﯩﻦﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﻳﺎﻏﺪۇرۇﺷﻘﺎن. ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺷﯧﺌﯩﺮ دېكلاﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﯧﻴﺘﮕﺎﮬﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎﻛﯩﻴﮕﻪن. ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺑﯩﻠﻪن زﯨﻴﺎدە ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺗﻪرەپ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪﻗﺎرﺷﻰ ﮔﯘرۇﮬﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎن. دﯨﯔ دۇﺑﯧﻨﻨﯩﯔ «ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، «ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻗﯘرۇﻟﯘپلا ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرشىلاﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﭘﺎرچىلاش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯩﺮاق ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻣﯘ <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ۋەﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎنلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ دوﻟﻘﯘﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪر <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن> ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ> ﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﯘش <ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ> ﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﻳﻪنىلا ﺋﺎﺷﻜﺎرا ۋە ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى.»

 تۈمەن دەريانىڭ بويىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن <<تەبرىكلەش>>پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش

ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 11 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ «ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن» دەپ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن. 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ» دەپ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮدىنلا «ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن» دەپ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎﻧﺘﯜرﻛﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن» دﯦﮕﻪن ﺗﺎر ﺋﯘﻗﯘم ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن» دﯦﮕﻪن ﻛﻪڭ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪرﻗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎن. ﻳﯧﯖﻰ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﮕﻪن ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ 1 – ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ «ﻛﺎﺷﻐﻪردە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ» دﯦﮕﻪن ﺧﻪۋەر ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ «دﯨﻨﯩﻲ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺑﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ دەرﮬﺎل «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﺧﻪت ﺑﺎر ﻗﻪﻏﻪز ﭘﯘل ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﺎن. «ئىستىقلال» ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ دﯦﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، دۆﻟﻪت ﺷﯧﺌﯩﺮى، دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ، دۆﻟﻪت ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرلىقلارﻧﻰ ئېلان ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﻮﺋﺎرﯨﻨﻰ دﯨﻨﺪا، ﺗﯩﻠﺪا، دﯨﻠﺪا، ﭘﯩﻜﯩﺮدە، ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن. ﺳﻮﻓﯩﺰادە دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﮬﺎﺟﻰ دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ئىشلار ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ دەرﮬﺎل ﭼﻪت ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻗﻮرال ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﭼﻪت ﺋﻪل ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن.

ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ «ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت» ﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ دەپ ﻗﺎراپ، ئىككى جەھەتتىن تەييارلىق قىلغان.  بىرى، چەت ئەلنىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن «سابىت داموللام تۇرسۇن، نىياز ئىككى كىشىنى ئۆزىنىڭ ئافغانىستان پادىشاھى باتۇر مۇھەممەت نادىرخانغا يازغان خېتىنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى، بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: <بىز ھازىر مائارىپقا قورال – ياراغقا موھتاجمىز. دۈمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىزگە مىلتىق، زەمبىرەك، ئوق – دورا كېرەك… ئىمكانىيەت يار بەرسە غالىب قوشۇنىڭىزنى ياردەمگە ئەۋەتسىڭىز… ئەگەر تەلىپىمىزنى راۋا كۆرمىسىڭىز بىز سىزنىڭ يېتەكچىلىكىڭىز ۋە ياردىمىڭىزدىن مەھرۇم قالىمىز – دە، سىزنىڭ ھىمايىڭىزدە ياشاشقا مەجبۇر بولىمىز…» (بۇ ئۇچۇر«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى _ 3»دا بايان قىلىنغان) يەنى بىرى، ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىپ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻨﻰﺋﺎﻗﺴﯘدا ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ۋەﻛﯩﻠﻨﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘرﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ۋە ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘھىتلارﻧﻰﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺗﻪرەپ ﺑﯩﻠﻪن «80 ﻗﻮﻳﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ» ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮدﯨﻠﯩﺸﯩﭗ، 80 ﻣﯩﯔ ﻗﻮﻳﻐﺎ 1000 ﺗﺎل ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﻘﺎ 500 ﭘﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮق ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ ﺳﻮدﯨﺴﯩﻨﻰﺑﯧﺠﯩﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ۋەﻛﯩﻠﻠﻪردﯨﻦ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎڭلاپ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﻮﻏﯘق ﺋﯩﭙﺎدە ﺑﯩﻠﺪۈرﮔﻪن. ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﯧﭙﯩﭗ 1934 – ﻳﯩﻠﻰ 1500 دﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔﺗﯩﺠﻪن ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﺋﻪﻣﻪت ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﻳﺎﻗﯘپ ﮬﺎﺟﯩﻢ دﯦﮕﻪن ﺑﺎﻳلارﻧﯩﯔ ﻗﻮرۇﺳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦ ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ھاجىزلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﺠﻪﻧﺪە ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪﻛﯩﺮﮔﻪن. ﻟﻴﯘ زﯨﺸﺎۋ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن: «ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ زور ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰﺑﺎشلاپ ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ زادىلا ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺑﺎشلاﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 1500 دﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺋﯘزاق ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﻪڭ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮى ﺧﯩﻞ، ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﺎﺑﺮۇﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟەت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻛﻮﻧﺎﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻣﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﻜﻪن.»

 خوجىنىياز ھاجى قەشقەردە

ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردا ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلام ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ – ﺋﺎﺧﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ قىلاﻟﻤﯩﻐﺎن، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﯖﻰﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎن، دەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن. ﻟﯧﻜﯩﻦ، «ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﻛﺎﻣﺎل ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﮬﻪﻣﻜﺎرلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯘﭼﯘر ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن، ﻳﻪﻧﻰ «1934 – ﻳﯩﻠﻰ 1 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا <ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ> ﻣﯘﺳﯘل ﮬﺎﺟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻣﻪت ﭘﺎﺧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪدﯨﻜﻰ زاتلاردﯨﻦ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺑﻪش ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮللاﺷﻨﻰﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮرال ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺳﻮدا ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺋﯩﻤﺰالاش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩﺪى» دەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن. ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘت ﻣﯘﮬﯩﺘﻰﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪۋە ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎﺑﯘﻳﺮۇﻏﺎن. ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻗﯩﺴﯩﻢ دەﺳﻠﻪپ ﺋﺎرﻗﺎ – ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪر ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪدە ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﺳﯧﭙﯩﻠﻰﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪۈرﮔﻪن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﻨﻰﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪن. ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﭘﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﻪر ﻧﯧﻤﻪ قىلارﯨﻨﻰﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯘﺟﯘم ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪە ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔﺋﻪۋەﺗﻜﻪن 2000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎردەﻣﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘن ﻣﺎ ﺷﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ، ﻣﺎ ﺷﯩﻤﯩﯔ ۋە ﻣﺎ ﺷﺎۋۋۇﻏﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪر 6000 ﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯜچ ﭘﻪرﻗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﻜﻪن. 1934 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 – ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎ ﺷﯩﻤﯩﯔ ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﻐﺎن. «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺧﻮﺗﻪن ئىسلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﻮل ﺋﺎﻟﻐﺎن. «ﺧﻮﺗﻪن ئىسلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﭼﻪرﭼﻪﻧﺪﯨﻦﻳﯧﯖﯩﺴﺎرﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﺎييلارﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘرۇۋاﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭼﯧﮕﺮاﺳﯩﻐﺎ ﺟﺎيلاﺷﻘﺎن ﺋﯚرﻛﻪﺷﺘﺎم دﯦﮕﻪن ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺘﯘرﭘﺎﻧﺪا ﺳﻮدىلاﺷﻘﺎن ﻗﻮرال – ﻳﺎراغلارﻧﯩﯔﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘلار ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﭘﻪﻳﺰاۋاﺗﺘﺎ ﻣﺎ ﺷﯩﻤﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎرﻏﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪن. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﻳﯜزﭼﻪ ﺋﺎدﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔﺋﺎﻏﯘ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯘﻟﯘﻏﭽﺎت ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕﻮ – ﺳﻮۋﯦﺖ ﭼﯧﮕﺮاﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚرﻛﻪﺷﺘﺎﻣﻐﺎﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻜﻪن. ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺳﯚﮬﺒﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ «ﻓﯘﻛﺎڭ ﭘﯜﺗﯜﻣﻰ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦﺋﯚﻟﻜﻪ رەﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪۋە 6 – دﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻧﯩﯔﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ۋە ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮرال – ﻳﺎراغ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪن.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺋﻮرﺗﺎق ﺗﻮﻧﯘش ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪرەپ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪن ﺋﯩﺴﮭﺎق ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 – ﻛﯜﻧﻰ ئەرﻛﻪﺷﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﻮﭘﺎل ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖﻳﯧﯖﯩﺴﺎرﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎن. ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎردا ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﭼﺎﻏﺪا ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮاﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎر ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاۋاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮى ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﺴﯘر (ﺋﺎﺑﺪۇللا) ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺳﺎﮬﯩﺐ (ﻧﯘرﺋﻪﮬﻤﻪد) ﻣﺎ ﺷﯩﻤﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻛﯜﭼﻠﯜك ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﺪا ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ 4 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎن. ﺋﯘلار ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻐﺎن. 4- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 – ﻛﯜﻧﻰﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ 200 دﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﻪﺳﻜﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام، زﯨﺮﯨﭗﻗﺎرﯨﮭﺎﺟﯩﻢ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﺒﯧﻚ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻘﺎن. ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘت ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎۋات دﯦﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘدا ﺳﻮۋﯦﺖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯔﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻠﯩﻖﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ﻣﺎﻟﯩﻜﻮف ﺋﺎدەم ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﻐﺎن. ﻣﺎﻟﯩﻜﻮف ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ رﯦﺴﭙﯘﺑﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﻪرﮔﻪن ﮬﻪم ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ دۈﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﻟﻴﯘ زﯨﺸﺎۋ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻣﺎﻟﯩﻜﻮف ﺷﯘﻣﻪﻳﺪاﻧﺪىلا «ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻠﯩﻚ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ دەرﮬﺎل ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎشلاپ ﻣﺎراﻟﺒﯧﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن.» ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردە 1937 – ﻳﯩﻠﻰ 4 – ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ دﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ (ﺷﯩﺠﺎڭ) ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن. ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻳﯧﺮى ﺷﯘﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﮕﻮ دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﻟﻤﻪي 1937 – ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 1939 – ﻳﯩﻠﻰ 12 – ﺋﺎﻳﺪا ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪدە «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرۈش ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ» ﻧﻰﻗﯘرۇپ، ﺋﯚزى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ رەﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن. (449- ﺑﻪت)
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن» دﯦﮕﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ «ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎت» ﻗﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﯩﭗ، 1934 – ﻳﯩﻠﻰ 23 – ﺋﺎۋﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻳﻪنىلا ﻗﯘﺗﻠﯘق ﺷﻪۋﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﯩﻜﯩﺪە 1937 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮى ﻗﯘﺗﻠﯘق ﺷﻪۋﻗﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن.
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﺎﻗﺴﯘدا ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ 2 – ﺗﯜرﻣﯩﮕﻪﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﯜرﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪاڭ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﻣﻪﺳﺌﯘد ﺳﻪﺑﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن «ﺗﻴﺎﻧﺸﺎن» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﻪرەﻟﺴﯩﺰ ژۇرﻧﺎﻟﺪا ﻣﺎﺧﺘﺎپ، ﺋﯘﭼﯘرۇپ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲﮬﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﯩﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﯩﭗﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ دۈﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ دوﺳﺖ ﮬﯧﺴﺎبلاﻳﺘﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﻪﺳﺌﯘد ﺳﻪﺑﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﺎﻟﭙﺘﯩﻜﯩﻦ ﻧﻪﻧﺠﯩﯖﺪە ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﻰﻣﺎﺧﺘﺎپ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ئېلان ﻗﯩﻠﻐﺎن.
ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ 2 – ﺗﯜرﻣﯩﺪە 1941 – ﻳﯩﻠﻰ 58 ﻳﯧﺸﯩﺪا ﻗﺎزا ﻗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎن. ﺟﯘﯕﺨﯘا ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن زﯨﺖ ﻳﻮل ﺗﯘﺗﯘپ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﯜرﻣﻪﻛﺎﻣﯧﺮﯨﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎن داﯕﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﻛﺎﻣﯧﺮدﯨﻜﻰﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ «ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرەم» ﻧﻰﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺧﯘﻳﺰۇ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ياش ﺗﯜرﻣﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﯘ ﺑﯩﻨﺪى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، «ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ» ﻧﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯘ ﺑﯘﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎملاپ ﺋﯘﻧﻰ «روﺷﻪن ﺑﺎﻳﺎن، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮۇل ﻗﯘرﺋﺎن» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن. ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻳﺎزﻏﺎن ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚزﯨﺪە «… ﮬﻪر ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﺘﯘزى، ﮬﻪر ﺷﺎراﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰى، ﮬﻪر ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﻣﻪرﯨﭙﻪﺗﻨﯩﯔ دﯦﯖﯩﺰى، ﮬﯧﻜﻤﻪت ۋە ﺋﺎداﻟﻪﺗﻨﯩﯔﺗﺎرازﯨﺴﻰ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯘرﺋﺎن ﮬﯧﻜﯩﻤﺪۇر. ﺑﯘ ﻗﯘرﺋﺎن ﮬﯧﻜﯩﻢ ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﻛﺎلاﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎچ ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪى … ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪان ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ۋە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎشقىلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪەك ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪر ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚز ﻗﯘدرﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ دﯨﻦ – ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎق ﺑﻪك زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻗﯘرﺋﺎن ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﻰ ﻧﺎزﯨﺮلار (ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر) ﻣﺎلال ﺑﻮﻟﻐﯘدەك ﺋﯘزۇن ﻗﯩﻠﻤﺎي ۋە ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ دەﺧﻠﻰ ﺑﻪرﮔﯜدەك ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﮬﺎل ﺑﯩﺮ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻗﯩﻠﺴﺎم دەپ ﻛﯚپ زاﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘزۇن – ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻟﻪرﻧﻰﺗﻮپلاپ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎدە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ … ﮬﻪﻣﺪۇﺳﺎﻧﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﻣﺪۇﺳﺎﻧﺎﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﻟﯘﺗﭙﻰ ﺋﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ۋە ﺗﻪۋﻓﯩﻖ ﮬﯩﺪاﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚﻧﺎزﯨﺮلار (ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر) ﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮى ﺧﯘرﺳﻪن ﺑﻮﻟﻐﯘدەك زﯨﺒﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎب ﺑﻮﻟﺪى» دەپ ﺋﯩﺰاﮬﺎت ﺑﻪرﮔﻪن. ﺑﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻛﯩﺘﺎبلاردﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎتلار ﺑﺎر. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﺗﻪﺳﯩﺮى زور ﺧﯘﻳﺰۇ دﯨﻨﯩﻲﺋﺎﻟﯩﻤلاردﯨﻦ ﻓﯩﯔ ﺟﯩﻨﻴﯜەن ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻦ ﮔﯘاﯕﻴﻪن ﺗﯜزﮔﻪن، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﺮﻗﯩﻠﻐﺎن «ئىسلام دﯨﻨﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎل – ﺟﺎۋابلار» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ «ﺟﯘﯕﮕﻮدا <ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ> ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎل ﺑﺎر. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻳﺎزﻏﺎن ﺟﺎۋاﺑﯩﺪا «ﺑﻪش ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎر» دەپ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ «<روﺷﻪن ﺑﺎﻳﺎن، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﻪﭘﺴﯘرۇل ﻗﯘرﺋﺎن> دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﺪا ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن» دەپ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺑﯘﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﯜﭘﻪت، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن. ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮﻟلاﻣﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﺎﺟﻰ ﺋﺎﺑﺪۇللا 1961 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. «ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎل – ﺟﺎۋابلار» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎن ﺋﺎبلاﺟﺎن ﻛﯧﺮەم ﭼﯩﻦ ﮔﯘاﯕﻴﻪﻧﻨﯩﯔﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺰاھ ﺑﻪرﮔﻪن: «ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام ﺑﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ – ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻧﻰﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻣﯩﺴﯩﺪە، ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ دەﭘﺘﻪرﮔﻪ ﺳﯚﺳﯜن ﺳﯩﻴﺎﮬﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎن. ﺑﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻧﯩﯔ 30 – ﭘﺎرﯨﺴﻰ 1948 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪا ﺋﯜچ ۋىلاﻳﻪت ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎن.» سابىت داموللام شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان «روشەن بايان، تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» ناملىق بۇ كىتابنىڭ غۇلجىدا قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ توغرۇلۇق ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار. بىرى، تۈرمىداشلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كەلگەن دېيىلىدۇ. يەنە بىرى، 1941 – يىلى 10 – ئايدا نىلقىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭرىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى جىددىيلەشكەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېزلىكتە خۇيزۇ ليۇ بىندىنى ئىلىغا مۇئاۋىن ۋالىي، قوشۇمچە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ ئەۋەتكەن. لىيۇ بىندى غۇلجا مۆتىۋەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن سابىت داموللام تەرجىمە قىلغان كىتابنى ئاپىرىپ ئۇلارغا تەقدىم قىلغان. ليۇ بىندىى شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ﺧﯘلاﺳﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪە، ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللاﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪۈرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯨﻨﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪن ﮬﺎﻳﺎت دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ئۇ ئۆز زامانىسىدا تەپسىرشۇناس، ئىسلام دىنى تارىخچىسى ۋە ئەرەب تىلى مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئالىم ئىدى. ئەمما ئۇ  1930 – يىلىدىن كېيىن يولنى خاتا تاللاپ، داڭلىق سىياسىي بۆلگۈنچىگە ئايلانغان. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻟﻴﯘ ﺷﻴﺎﯕﺨﯘي ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯧﻦ ۋۇﮔﻮﻧﯩﯔ «ﻣﻪﺳﺌﯘدﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﯘﺑﺎﮬﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﯧﺮەك: «ﻣﻪﺳﺌﯘد ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮﻗﯘش ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﻮﻟﯩﺪا داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدەﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪۋلاد داﯕﻠﯩﻖ دوﺧﺘﯘر ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮلالاﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻣﯜﺷﻜﯜلات ﺋﯧﻠﯩﭗﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﺎرﺳﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪس ﺗﯘﻳﯘق ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪى.»
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰﺗﻪﺳﯩﺮى ﺋﻪڭ ﻳﺎﻣﺎن ۋەﻗﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ «ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺗﯜرﻛﯩﺴﺘﺎن ئىسلام ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﻗﯘرﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﺎﺑﯩﺖ داﻣﻮللام دﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ، ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﮕﻪﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ھاياتىنى تۈرمىدە ئاخىرلاشتۇرغان. سابىت داموللام تۈرمىدە كېسىلى ئېغىرلىشىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كۈنى كەچقۇرۇندا، ئۇنى تۈرمىنىڭ ئۈچ ئادىمى ناسۇلكىدا نەنمىندىكى مەسچىتكا يەنى ھازىرقى«خانتەڭرى جامەسى»گە كۆتۈرۈپ كېلىپ، مەسچىتنىڭ مۆتىۋەللىسى رەھىم نىياز قارىغا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىپ دەپنە قىلىپ قويۇشنى تاپىلىغان. مەسچىت جامائىتى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر سابىت داموللامنى تونۇپ قالغان. شۇ كېيچىسى سابىت داموللام جان تەسلىم قىلغان. ئەتىسى مەسچىت جامائىتى ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، مېيىتىنى ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكىتپىنىڭ ئورنىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. كېيىن شەھەر كېڭەيگەندە بۇ قەبرىستانلىق شامالباغ تەرەپتىكى دۆڭگە كۆچۈرۈلگەندە، قەبرىستانلىقنىڭ كېرەم شەيخ دېگەن كىشى سابىت داموللامنىڭ ئۇستىخېنىنى كۆچۈرۈپ، قەبرە تاش تىكلەپ قويغان. سابىت داموللامنىڭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ 2007 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ رادﯨﻴﻮ – ﻛﯩﻨﻮ – ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ شامالباغ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎنلىقىدا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن.

2011 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯩﻴﯘﻧﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﺪى

ﭘﺎﻳﺪىلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللار:
① ﻟﻰ ﺷﯧﯔﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2006 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
② ﻟﻴﯘ زﯨﺸﺎۋ: «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﺎرﯨﺨﻰ» ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺘﺎب، ﺋﺎﺑﻠﻪت ﻧﻮردۇن ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2003 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
③ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻛﺎدﯦﻤﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﻰ ﺗﯜزﮔﻪن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺘﺎب،  ﺋﺎﺑﻠﻪت ﻧﯘردۇن ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
④ «ﻏﻪرﺑﯩﻲﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1998 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى.
⑤ «ﻗﯩﺰﯨﻠﺴﯘﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﺋﻮبلاﺳﺘﻰ  ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» (2)، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ  ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2004 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى.
⑥ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦﺋﻪزﯨﺰى: «ﺋﯚﻣﯜر داﺳﺘﺎﻧﻰ» (1)، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1990 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
⑦ ﺟﺎڭ ﺷﯘﻣﯩﯔ: «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﻛﯜرەش ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻠﻪر»،
(«张秀明《新疆反分裂斗争和稳定工作的实践与思考) ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2009 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى.
⑧ ﭼﯧﻦﺧﯘﻳﺸﯩﯔ، ﭼﯧﻦ ﭼﺎۋ: «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﮕﻮ دەۋرﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2004 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
⑨ ﻓﯧﯔﺟﯩﻨﻴﯜەن، ﭼﯧﻦ ﮔﯘاﯕﻴﯜەن: «ئىسلام دﯨﻨﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎل – ﺟﺎۋانلار»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2001 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
ﻣﺎ ﺷﯘﻛﺎڭ: «ﻳﯜز ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر  (1840 − 1949)»،  ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2002 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪﻧﻪﺷﺮى.
ﻣﯩﺮﺋﻪﮬﻤﻪد ﺳﯧﻴﯩﺖ، ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى: «ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰﺋﻪﭘﻪﻧﺪى»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1997 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
ﻏﻪﻳﺮەت ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن «ﺗﺎرﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﻨﻰ ۋاراﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪا»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2001 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
ﺷﯧﺮﯨﭗ ﺧﯘﺷﺘﺎر ﺗﯜزﮔﻪن «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر» (1)، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2000 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ ﺧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯜزﮔﻪن «ﻗﻪﺷﻘﻪر ﭼﻮڭ ئىشلار ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ،» ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2010 – ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮى.
ﺷﻴﯥ ﺑﯩﻦ: «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1990 – ﻳﯩﻠﻰ 1 – ﻧﻪﺷﺮى، 2001 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺑﺎﺳﻤﯩﺴﻰ، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ.
دﯨﯔ دۇﺑﯧﻦ: «ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﻰ − (ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﻗﯩﺴﻤﻰ)»، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2010 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮى.
ﻟﻴﯘ ﺷﻴﺎﯕﺨﯘي، ﭼﯧﻦ ۋۇﮔﻮ: «ﻣﻪﺳﺌﯘدﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ»، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﻣﯘﻧﺒﯩﺮى»، 2011 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2 – ﺳﺎن.
«ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎرﯨﺦ – ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2006 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ (ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ 40 – ﺳﺎن) دا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﯘرﺳﯘن ﺑﺎراﺗﻨﯩﯔ «ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﻛﺎﻣﺎل ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ.
ﮔﯧﻨﯧﺮال زﯨﻴﺎ ﻳﻪرﮔﯚك: «ﺳﺎرﻗﺎﻣﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎرەﺗﻜﻪ (1915 − 1920)» (ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ)، رەﻣﺰە ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2005 – ﻳﯩﻠﻰ، ﺗﯜرﻛﭽﻪ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘل ﻧﻪﺷﺮى.

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011 – يىللىق ئومۇمىي 45 – سانىدىن  ئېلىندى)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش