ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

يالقۇن روزى

(تەۋسىيە: بۇ ماقالىنى سوغاققانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە»، ئەمدىكى گەپ قانداق قىلىپ بۇ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشتۇر.)

مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تونۇش بوۋاي كۈندە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش، مەيلى ياز بولسۇن ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ، ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان. بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان «مېنىڭ راۋابىم»، «كۈن ۋە تۈن»، «تاشۋاي» قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپۇزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم. مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم، بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ «نەۋرەم» ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن. مەن سۆز ئارىلىقىدا «قۇربان ئاكا، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟» دېدىم. بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاب بېرىپ «ۋاي ئۇكام، بۇ گۇيلار مېنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يېرى قالمىدى، ئەمما مېنى ئۇلانبايدىكى ساناتورىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟» دېدى.
شۇ كۈندىن بېرى، مېنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجادكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق كۆپ ئويلاندۇردى. بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالىدىكەن. روشەنكى بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە! نېمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى، چۈنكى بىز نادان مىللەت!
كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق. بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق، پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ. قاراڭ، فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس، تارىخچى گراسسرت 1930-يىللىرى يازغان «يايلاق ئىمپېرىيىلىرى» ناملىق كىتابىدا قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن»، «ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك-موڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيەلىگۈچىلەردىن ئىدى» دەپ يازغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30-يىللىرى «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىقى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق. ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە.
1960-يىللىرى ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنى «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بولۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن بەھرىمان بولغان»، «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىپ باقمىغان» دەپ يازغان بولسا، شۇ 60-يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى، ئەقلى، ئېتىقادى، غورۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ، بولىشىغا دۇمبالاپ، ئىت-ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتاتتى…!
ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋېلىشقاندەك «ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ» دەپ ئېيتىشقان. بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ-تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20-ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ. نادان مىللەت نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ، ئازابلاپ، تىللاپ سېسىتىپ، ئىككى يۈزلىمىچى مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ، ئەزىزلەپ، مازار غوجام قىلىۋالىدۇ. ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىقىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ. ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى شەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، توغرا، ئادىل باھا بېرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ، «مىللى قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۇچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاب چېلىپ بېرىپ شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ دېسە، ئەمەل تاماسىدا مەست بولۇپ ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ، «سېنى ئۆلتۈرەي دېسەم قولۇم بارمايدۇ، ئۆلتۈرمەي دېسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خېتىنى ئېلىپ كەپسەن» دەپ ئالدىسا، «خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما، ئىككىلەنمەي مېنى ئۆلتۈرگىن» دەپ، ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ؟ ياق، مېنىڭ گۇناھىم يوق، مېنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقۇقۇم بار، مەن سېنىڭ خالىساڭ ئۆلتۈرىدىغان، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس، دەپ ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، چۇقان سالمىدىغۇ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىكلىرىگە «مىللى قەھرىمان» دەپ كىرگۈزۈپ ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز. رادىئو-تېلېۋىزورلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا-قوشاق توقۇۋاتىمىز …
ھەي … بىزنىڭ نادانلىقىمىز، ئەقىلسىزلىكىمىز، بىلىمسىزلىكىمىز، ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق، ئەمما تېيىپچان ئېلىيېفنىڭ خەت-چەكلىرىنىمۇ تېرىپ-تۆشەپ كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇق. بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئېسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق، ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قېلىۋاتسا پىسەنت قىلمىدۇق. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زېرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قەييۇم تۇردىدەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ «قىزىل تاغ چىراقلىرى» دېگەن كىتابىنى قايتا نەشر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشر قىلدۇق، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دەپ كىتاب يېزىپ بەرسە، «تىراژ تاپ» دەپ مەكتەپمۇ-مەكتەپ سوكۇلداتتۇق. «بېرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ-ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلانماستىن، ساقىلىنىڭ ئاقلىقىغا قاراپلا «فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» دېگەن تونۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى «بۇلاق» ژۇرنىلىدا «كامالەتكە يەتكەن ئەدىب»، «ئەدەبىيات پېشىۋاسى» دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق. ئىلىمگە ئىلىمچە، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژۇرنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ …
ئويلاپ باقساق، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجادكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلىكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك. بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بىزگە مەخسۇس رۇبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا، بىز ھەسەت قىلىپ، رەزىللىك بىلەن «ياخشى رۇبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردۇق. «قاتلام نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىلمى رەددىيە بېرەلمەستىن، بۇ نەزەرىيىنى چەت ئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان، دەپ گەپ تارقاتتۇق. تارىخ، پەلسەپە، ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر-نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم-توم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا «بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى» دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق. ئويۇن تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا «ئادەم بولغاندىن كېيىن توي-تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟» دەپ، ئۇنى ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنىڭ كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىماي ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ ئۇنى ئالدى-كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق. ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشرىيات ياكى گېزىت ژۇرنالدا تېگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق. ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ كېچە-كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا-ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چوقۇدۇق. جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ-سۆز تارقالسا، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق. ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بولۇپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ «ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار» دەپ گەپ تارقاتتۇق. قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاب چىقىرىپ ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئېرىشسە «شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دېمەيدۇ» دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق. ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق، «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» دەپ ماقالا يېزىپ بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بولۇۋېلىپ مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نومۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئالىملىرىمىزغا باش بولىۋالغان بىر ئىلىم زومىگىرىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە «ئاپىرىن» ئېيتماستىن، «بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى» دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىبلىدۇق. قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تېنىگە رىئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ. مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئاقىل بىلەن ناداننى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى. شۇڭا ئۇ: «مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى، سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس. چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس» دەپ غەزەل يېزىپ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزگە مىيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى. بۇ بەختسىز، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،خۇددى بىر قېتىم ماڭا «ئۆلۈم دېگەن ئۇ شۇنداق نېمە، ئەزرائىل كېلىدۇ، ئاپتوبۇسقا چىق دېگەندەك قىلىپلا، ئېلىپ كېتىدۇ» دېگىنىدەك غىپپىدە كېتىپ قالدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «ئاپتوبۇس» قا تارتىپ چىققىچە، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى «ئاپتوبۇس» قا ئىتتەردۇق … دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ، يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ، تۇغۇلغانغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.
بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نېمە ئىش قىلدۇق؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەرسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ سەمرىگەن تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو-تېلېۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەۋەر بەرمىدىغۇ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بېرىپ قويدىغۇ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ، قېنى «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نېمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نېمانچە ئازابلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك.
شۇ ھېكمەت، شۇ سىر ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا، مەنسۇر ھەللاجى، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا، ئابدۇقادىر داموللا، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەختسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن …
پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار. ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز، بۇ بەختسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان، نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
مەنبە: ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش