ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » شەيخنى قارىلىغۇچى

شەيخنى قارىلىغۇچى

بىر ئادەم شەيخنى قارىلاپ دەپتۇ: – ئۇ يامان بىر ئادەم، ئۇنىڭ تۇتقان يولى توغرا ئەمەس. ئۇ ئىككى يۈزلىمىچى دائىم ھاراق ئىچىدۇ. بۇنداق بىر ئادەم قانداقمۇ مۇرىتلارنى ياخشى يولغا باشلىيالىسۇن؟

شەيخنى قارىلاشقا چىداپ تۇرالمىغان، بىر ئاق كۆڭۈل ئادەم رەددىيە بېرىپ:
”ھەددىڭدىن ئاشما. ياخشى كىشىلەرنى بۇنداق قارىلىساڭ تەڭرىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇ شەيخ ئۇنداق ئىللەتلەردىن يىراق. ھەق ئەھلىگە بۇنداق بۆھتان چاپلىما. بۇ نىيىتىڭدىن يان، ھەددىڭنى بىل. ئەي ئاينىڭ پارقىراق يۈزىدىن ئەيىب ئىزدىگەن، جەننەتتە تىكەنلىك بولامدۇ؟ ئەگەر سېنىڭدەكلەرگە جەننەتنى ماكان قىلپ بەرسىمۇ، يەنىلا ئۇ يەردىن تىكەنلىك ئىزدەيسەن. ئۇ يەردە سېنىڭدىن باشقا تىكەن يوق.“ دەپتۇ ۋە يەنە مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
_ كاجلىق قىلما. شەمشەردەك قىلىچنىڭ بىسىدىن قولۇڭنى تارت. شاھ بىلەن ئۇرۇشما. دېڭىزنى پاسكىنا دېگەن دېڭىز يېنىدىكى كۆلچەك بىر دولقۇن بىلەن يوق بولىدۇ. نادانلىق پاتقىقىدىن قۇتۇل. پاتقاققا پېتىپ قالغان ئېشەكمۇ، ئۆزى يالغۇز بۇ يەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئىلىمدىن باشقا ھەقنى تونۇتقۇچى يوق. بىزدىكى روھ ھايۋان روھىدىن بەكمۇ ئۈستۈن. چۈنكى بىز ئىلىم بىلەن تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئاچىمىز.“
شەيخگە قارا چاپلىغان ئادەم، شەيخنى ئاقلىغان ۋە ئۆزىگە سەمىمى نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولماپتۇ ۋە يەنە كاجلىق قىلىپ دەپتۇ:
_ شەيخنى بىر مەجلىستە ناھايىتى ئەدەبسىز ھالدا كۆردۈم. ئۇنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان تۇرقى يوق. تەقى-تۇرقى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى. ئەگەر ئىشەنمىسەڭ بۈگۈن كېچە مەن بىلەن ئۇ يەرگە كەل. شەيخنىڭ ناچارلىقىنى شۇ يەردە ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆر.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئاق كۆڭۈل ئادەم ئۇ تۆھمەتخور بىلەن بىرگە شۇ كېچە ناھايىتى يوشۇرۇن ھالدا شەيخ بار مەجلىسخانىنىڭ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ ۋە قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، مەجلىسخانىنىڭ ئىچىدىكى شەيخنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپتۇ.
شەيخ دەپتۇ: ”يوشۇرۇن پاسىقلىق قىلغان، ھاراق ئىچكەنلەر بولسا كۈندۈزى ياخشى مۇئمىن بولۇۋېلىپ، كەچلىرى تەڭرىگە ئاسىيلىق قىلماقتا. كۈندۈزلىرى ئۆزىنى گۇناھلاردىن پاك تۇتقانلارنىڭ، كەچلىرى قوللىرىدا ھاراق بىلەن لىق تولغان مانا مۇشۇنداق قەدەھلەر بار.“
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاچ شەيخنىڭ قولىدا تۇتۇۋالغان قەدەھنى كۆرگەن قارا كۆڭۈل پىتنىخور ئادەم ۋارقىراپ تۇرۇپ:
”ئەي شەيخ! ھەممە سىرىڭ ئوتتۇرىغا چىقتى. سەن دائىم بىزگە ھاراق قەدەھلىرىدە شەيتاننىڭ ئاياق ئىزى بار دەيتتىڭ.“ دەپتۇ ۋە يېنىدىكى ئادەمگە مەغرۇرلىنىپ قاراپتۇ.
بۇ ئۇشتۇمتۇت ئاڭلانغان سۆزلەردىن تەئەججۈپلەنگەن شەيخ:
_ قەدەھلىرىم شۇنداق لىق تولدۇرۇلغانكى، بىر تال كىچىك ياپراقنىڭ پېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
_ بۇ سۆزلىرىمدە زەررىچىلىكمۇ ھىلە يوق. خاتا سۆزلەردىن ھەركىم ساقلىنىشى كېرەك. بۇ قولۇمدىكى قەدەھ سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق قەدەھ ۋە ھاراق ئەمەس. بۇنداق بىر ئەيىب مەندە يوق. بۇ قەدەھ مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدۇر. بۇنىڭغا شەيتاننىڭ سۈيدۈكى سىغماس. ئەي ئايىغى چۈرۈپ كەتكەن پىتنىخور! بۇنىڭغا قارا، بۇ يا قەدەھ ئەمەس، ياكى ھاراق.
شەيخكە قارا چاپلىغان ئادەم، شەيخنىڭ قولىدىكى قاچا ئىچىگە بال تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىزا ئىچىدە قاپتۇ. مانا مۇشۇ چاغدا شەيخ ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ بىرىگە:
”ماڭ، نەدىن بولسىمۇ ماڭا شاراپ تېپىپ ئەكەل. چۈنكى كېسەل سەۋەبىدىن بۇنىڭغا ئېھتىياجىم بار. بۇ كۆڭۈلسىز ئەھۋالدىن بىئارام بولدۇم. پەقەت زۆرۈر بولغان ئەھۋال ئاستىدا پاسكىنا نەرسىلەر پاكىز ھېسابلىنىدۇ. ئىنكار قىلغۇچى ئىنكارى بىلەن جايىنى تاپسۇن“ دەپتۇ.
مۇرت بولسا مەيخانىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مەيخانىغا بېرىپ، دۇكاندار بىلەن بارلىق كۈپلەرنىڭ ئىچىگە قاراپتۇ. لېكىن بىر تامچىمۇ ھاراق تاپالماپتۇ. پۈتۈن كۈپلەرنىڭ ئىچىدە لىق بال تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بارلىق يولدىن ئازغان ھاراقكەشلەر“بۇ نېمە ئەھۋال؟ بۇ نېمە كارامەت؟ بۇ كۈپلەردىكى شاراپلار نەگە كەتتى؟“ دەپ ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ ھەيران قېلىشىپتۇ ۋە دات-پەرياد قىلىپ شەيخنىڭ دەرگاھىغا قاراپ يول ئاپتۇ ۋە شەيخنىڭ يېنىغا كېلىپ دەپتۇ:
_ ئەي ھۆرمەتلىك شەيخ! مەيخانىغا ئەلچىڭ كەلدى. ئەلچىنىڭ كېلىشى بىلەن بارلىق ھاراقلار بال بولۇپ كەتتى. پۈتۈن يامانلىقنىڭ بېشى ياخشىغا ئۆزگەردى. پۈتۈن يامانلىقنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىزگە توغرا بولغاننى سەن كۆرسەتتىڭ، _ دەپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

ياخشى كىشىلەرنى قارىلىما، خاتالىقلىرى بار بولغان تەقدىردىمۇ ئەي تۇپراقتا قالغان قۇش! قىزىل دېڭىز پاسكىنىچىلىقتىن قورقامدۇ؟
ئىبراھىمغا ئوت زىيان سالالمايدۇ. پەقەت نەمرۇدقا مەنسۇپ بولغانلار ئوتتىن قورقسۇن.
يول باشلىغۇچى، يولۇچىنىڭ چۆلدە ئېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن لازىم. مەنزىلگە يەتكەنلەرگە يول ۋە يولباشلىغۇچى كېرەك ئەمەس. بۇلارنىڭ كۆز ۋە يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ.
دادىنىڭ ئۆزى پەزىلەت ۋە ئىلىم ئىگىسى بولسىمۇ، بوۋاق بالىسىغا كىچىك بالىلاردەك قىلىقلارنى قىلىدۇ.
ئوت، ھەر ۋاقىت سۇدىن قورقۇپ ياشايدۇ. ئوت، سۇنى مەڭگۈ يېڭەلمەيدۇ.
ياخشىلارغا ھەسەت قىلما، بولمىسا شەيتان يولدىشىڭ بولىدۇ.
ۋەلى ئۈچۈن زەھەر بال، پانزەھەر بولىدۇ. ھەسەتخورغا بال زەھەر بولىدۇ.
تەڭرىنىڭ ئېھسانى بىلەن ئوت ئىبراھىمغا نۇر بولۇر.
ئەبابىل قۇشلىرىغا ياردەم قىلغان تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدۇر. بولمىسا قۇش قانداقمۇ پىللارنى يېڭەلىسۇن.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش