ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىدىئالىزم

ئىدىئالىزم

بېتراند رۇسسېل (ئەنگىلىيە)

«ئىدىئالىزم» دېگەن بۇ سۆزنى ئوخشىمىغان پەيلاسوپلار ئوخشىمىغان مەنىلەردە ئىشلىتىدۇ. بىز ئۇنى مەۋجۇت بولغان ھەر قانداق نەرسە ياكى بىز مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيدىغان ھەر قانداق نەرسە چوقۇم مەلۇم مەنىدىكى روھىيەتتىن ئىبارەت دەپ قارايدىغان تەلىمات سۈپىتىدە چۈشىنىمىز. پەيلاسوپلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بۇ تەلىماتنىڭ بىر قانچە خىل شەكىلى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان ئاساسلارغا تايىنىپ پۇت تىرەپ تۇرىدۇ. بۇ خىل تەلىماتنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ قەدەر كۆپ، ئۆزىمۇ شۇ قەدەر قىزىقارلىق بولغاچقا، پەلسەپىگە بولغان ئەڭ قىسقا بىر قېتىملىق قاراپ چىقىشتىمۇ چوقۇم ئۇنى ئويلىشىش كېرەك.
پەلسەپىۋى تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن كىشىلەر ھە دېگەندىلا ئىدېئالىزمنىڭ تەلىماتىنى ئېنىقلا سەپسەتە دەپ قاراپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن . شۈبھىسىزكى ، ئادەتلەنگەن تونۇش بىزگە ئۈستەل ، ئورۇندۇق ، قۇياش ، ئاي قاتارلىق شەيئىلەرنى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنىڭ مەزمۇنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، شۇنداقلا تەپەككۇر توختىغاندىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەرسىلەر دەپ قارايدۇ . بىز شەيئىلەرنى روھ مەۋجۇت بولۇشتىن خىلى بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇشقا باشلىغان دەپ قارايمىز ، ئۇلارنى پەقەت تەپەككۇرىمىزنىڭلا مەھسۇلى دەپ قاراش ئەقىلگە سىغمايدۇ . بىراق ، مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن ، ئىدېئالىزمنى قىپقىزىل بىمەنىلىك دەپلا چۆرۈۋەتكىلى بولمايدۇ .
بىز شۇنى كۆرۈپ ئۆتتۇقكى ، فىزىكىلىق ئوبيېكىتلار مۇستەقىل مەۋجۇت بولغان ھالەتتىمۇ ، ئۇلار ھېسسىي ماتېرىياللار بىلەن پەرقلىنىدۇ ، شۇنداقلا ھېسسىي ماتېرىياللارغا ماس كىلىدىغان بىردەكلىككىلا ئىگە . شۇڭلاشقا، فىزىكىلىق ئوبيېكىتلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە قارىتا، ئادەتلەنگەن تونۇش بىزگە ھېچنېمە دەپ بېرەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا، ئەگەر فىزىكىلىق ئوبيېكىتلارنى روھنىڭ مەھسۇلى دەيدىغانغا بىرەر يوللۇق ئاساس بولسا ، ئۇنداقتا بىز ئۇنى « غەلىتە ئىكەن » دەپلا ئاغدۇرىۋىتەلمەيمىز. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، فىزىكىلىق ئوبيېكىتلارغا ئالاقىدار ھەقىقەت چوقۇم غەلىتە . بۇ ھەقىقەتكەئېھتىمال يەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق، ئەگەر بىرەر پەيلاسوپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا يەتتىم دەپ ئىشەنسە ، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ يەتكەن ھەقىقىتىنىڭ غەلىتىلىكىدەك بۇ خىل ئەمەلىيەت بىزنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىمىزغا ئاساس بولماسلىقى كېرەك .
ئىدېئالىزمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى ئاساسلار بولسا بىلىش ئىلمىدىكى ئاساسلاردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان، يەنى، بىزنىڭ شەيئىلەرنى بىلىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك بولغان شەرتلەرگە ئالاقىدار مۇھاكىمىلەردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان. ئىدېئالىزمنى مۇشۇنداق ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى كەسكىن ئۇرۇنۇش بولسا بېركېلېينىڭ ئىدېئالىزىمى. ئالدى بىلەن، ئۇ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىناۋەتلىك بولغان ئىسپاتلار ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھېسسىي ماتېرىياللىرىمىز بىزدىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولالمايدۇ ، ئەگەر ھېچكىم ئۇلارنى كۆرمىسە، ئاڭلىمىسا، تەگمىسە، پۇرىمىسا ۋە ياكى تېتىمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقدەك مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى چوقۇم بىلگۈچىنىڭ روھىنىڭ « ئىچىدە » بولىدۇ . ھازىرغا قەدەر ، گەرچە ئۇنىڭ قىسمەن ئىسپاتى ئىناۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىناۋەتلىك بولدى. بىراق، ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ ، بىز مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىنبىر نەرسە بولسا بىزنىڭ ھېسسىي ماتېرىياللىرىمىزدىن ئىبارەت، مەۋجۇت بولۇش دېمەكلىك بىرەر كاللىنىڭ « ئىچىدە » بولۇش دېگەنلىك، شۇڭلاشقا مەۋجۇتلۇق پەقەت روھىيەتتىلا بولىدۇ دېگەن پىكىردە چىڭ تۇردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ « بىرەر كاللىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىدىن باشقىسىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مېنىڭ كاللامنىڭ سىرتىدىكى بىلىنگەن ھەر قانداق نەرسە چوقۇم باشقا بىرەرسىنىڭ كاللىسىدا » دەپ خۇلاسە چىقاردى .
ئۇنىڭ بۇ نۇقتىنەزىرىنى چۈشىنش ئۈچۈن، ئۇنىڭ « ئىدىيە » دېگەن سۆزنى قايسى مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۆر. ئۇ ھېسسىي ماتېرىياللارغا ئوخشاش بىۋاستە بىلگىلى بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى « ئىدىيە » دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ بىلەن ، بىز كۆرگەن مەلۇم بىر خىل رەڭنىڭ ئۆزى بىر ئىدىيە، بىز ئاڭلىغان ئاۋازنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىدىيە، ۋەھاكازالار. بىراق، بۇ ئاتالغۇ ھېسسىي ماتېرىياللارنىڭ دائىرسىدىلا چەكلەنمەيدۇ. ئەسكە ئېلىنغان ياكى تەسەۋۇر قىلىنغان نەرسىلەرمۇ بار، بىز ئەسكە ئالغان ياكى تەسەۋۇر قىلغان شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە، ئۇلار بىلەنمۇ بىۋاستە تونۇشىمىز. بېركېلېي مانا مۇشۇنداق بىۋاستە ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى «ئىدىيە» دەپ ئاتىدى .
ئاندىن ئۇ داۋاملىق ھالدا دەرەخ دېگەندەك ئادەتتىكى ئوبيېكىتلارنى ئويلاشتى. بېركېلېينىڭ كۆرسىتىشىچە، بىز دەرەخنى « سەزگەن » ۋاقتىمىزدا بىۋاستە بىلگىنىمىزنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئۇ دەۋاتقان ئىدىيەدىنلا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ سەزگەن نەرسىمىزدىن باشقا دەرەخكە ئالاقىدار ھەر قانداق ھەقىقىي نەرسىنى مەۋجۇت دەيدىغانغا قىلچىمۇ ئاساس يوق دېگەندە چىڭ تۇردى . بېركېلېينىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزىنىڭ سېزىلگەنلىكىدە: مەدرىس پەيلاسوپلىرىنىڭ گىپى بويىچە ئېيتقاندا: مەۋجۇت بولۇش دېمەك بىلىنىش دېمەكتۇر . ئۇ شۇنى پۈتۈنلەي ئىتىراپ قىلىدۇكى ، بىر تۈپ دەرەخ مەيلى بىز كۆزىمىزنى يۇمىۋالايلى ياكى ئادىمىزات ئۇنىڭغا يېقىن يولىمىسۇن ئۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ . بىراق ، بېركېلېي دەيدۇكى ، ھېچقانداق ئىنسان سەزمىگەن مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ خىل داۋاملىشىشى بولسا قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئۇنى داۋاملىق سىزىپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەت سەۋەبلىك بولغان؛ بىز فىزىكىلىق ئوبيېكىت دەپ ئاتايدىغان نەرسە بىلەن ماس ھالدىكى « ھەقىقىي » دەرەخ بولسا تەڭرىنىڭ تەپەككۇرىدىكى ئىدىيەلەردىن تۈزۈلگەن، بۇ ئىدىيەلەر بىز دەرەخنى كۆرگەندە بىزدە شەكىللەنگەن ئىدىيەلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىشىدۇ، بىراق دەرەخ مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا تەڭرىنىڭ تەپەككۇرىدىكى ئىدىيەلەرنىڭ ئۆزگەرمەس بولىدىغانلىقىدەك مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇلار ئوخشاشمايدۇ. بېركېلېينىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ بارلىق سېزىملىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولسا تەڭرىنىڭ سېزىمىغا قىسمەن ئىشتىراك قىلغانلىقىدا بولىدۇ، شۇنداقلا دەل مۇشۇ ئىشتىراك سەۋەبىدىن، ئوخشىمىغان كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشاش بىر تۈپ دەرەخنى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، ئوي-پىكىردىن سىرت دۇنيادا ھېچنىمە يوق، شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى بىلگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بىلىنگەن ھەر قانداق نەرسە چوقۇم بىر ئىدىيەدىن ئىبارەت بولىدۇ .
بۇ خىل ئىسپاتلاشتا پەلسەپە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كىلىۋاتقان بىر تالاي خاتالىقلار ساقلانغان بولۇپ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقايلى. ئالدى بىلەن ، بۇ يەردە «ئىدىيە» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر مۇجىمەللىكنى تۇغدۇردى. بىز ئەزەلدىن بىرەرسىنىڭ ئوي-تەپەككۇرىدىكى نەرسىلەرنى ئىدىيە دەپ چۈشىنىمىز، شۇڭا بىرسى بىزگە بىر تۈپ دەرەخ پۈتۈنلەي ئىدىيەدىن تەركىپ تاپقان دېسە ، بىز تەبىئىي ھالدا، ئۇنداقتا دەرەخ چوقۇم پۈتۈنلەي ئوي – تەپەككۇرنىڭ ئىچىدە دەپ قارايمىز. بىراق ، تەپەككۇرنىڭ « ئىچىدە » دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن غۇۋا بىر ئۇقۇم. بىز بىر كىشىنى يادىمىزدا ساقلىدۇق دېگىنىمىزدە، بىز ھەرگىزمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى بىزنىڭ كاللىمىزنىڭ ئىچىدە دەۋاتمايمىز، بەلكى ئۇ كىشىگە ئالاقىدار ئوي-تەپەككۇرىمىزنى كاللىمىزنىڭ ئىچىدە دەۋاتىمىز. بىر كىشى مۇھىم بىر ئىشنى كاللامدىن چىقىرىۋەتتىم، دېگىنىدە ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلگىرى ئاشۇ ئىشنىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دېمەكچى ئەمەس ، بەلكى ئىلگىرى ئاشۇ ئىشقا ئالاقىدار ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىكەنلىكىنى ، مانا ئەمدى ئۇ ئوي-پىكىرلەرنىڭ كاللىسىدا ئەمەسلىكىنى دېمەكچى. شۇڭلاشقا، بېركېلېي « ئەگەر بىز ئۇ بىر تۈپ دەرەخنى بىلەلسەك ئۇنداقتا ئۇ دەرەخ چوقۇم بىزنىڭ كاللىمىزدا بولۇشى كېرەك » دېگىنىدە ، ئۇنىڭ پەقەت « دەرەخكە ئالاقىدار ئوي-پىكىرلەر بىزنىڭ كاللىمىزدا بولۇشى كېرەك » دەيدىغانغىلا ئاساسى بار .« دەرەخنىڭ ئۆزى بىزنىڭ كاللىمىزدا بولۇشى كېرەك » دەپ چىڭ تۇرۇش خۇددى « بىز ياد ئېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزى بىزنىڭ كاللىمىزدا » دېگەنگە ئوخشايدۇ . بۇ خىل مۇجىمەللىكنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولغاچقا ، ھەر قانداق ئىقتىدارلىق پەيلاسوپلار ئاسانلىقچە سادىر قىلمايدۇ ، بىراق نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەر بۇ خىل مۇجمەللىكنى سادىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ قانداقلارچە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ، بىز ئىدىيەنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىز كېرەك .
ئىدىيەنىڭ ماھىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي مەسىلىنى قولىمىزغا ئېلىشتىن ئاۋال، بىز ھېسسىي ماتېرىيال ۋە فىزىكىلىق ئوبيېكىتلار توغرىسىدىكى پۈتۈنلەي ئايرىم بولغان ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك . بىز شۇنى كۆردۇقكى، نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بېركېلېي بىزنىڭ دەرەخكە بولغان سېزىمىمىزنى تەشكىل قىلىدىغان ھېسسىي ماتېرىياللارنى «دەرەخنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك باغلىق بولسا بىزگىمۇ شۇنچىلىك باغلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا دەرەخ سېزىلمىگەن چاغدا مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى» قاتارلىق مەنىلەردىن ئېيتقاندا سۇبيېكتىپ دەپ قارىدى، بۇ توغرا ئىدى. بىراق بۇ خىل كۆز قاراش بولسا بېركېلېي «بىۋاستە بىلگىلى بولىدىغان ھەر قانداق نەرسە چوقۇم بىرەر كاللىدا» دېگەن ھۆكۈمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىزدىگەن ئاساسقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھېسسىي ماتېرىياللارنىڭ بىزدىن مۇستەقىللىكىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ بۇ خىل مەقسەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، شەيئىلەرنىڭ بىلىنىش ئارقىلىق روھىيەت شەكلىدە نامايان بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش زۆرۆر. بېركېلېي مۇشۇنى «ئىسپاتلىدىم» دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلىشىشىمىز زۆرۆر بولغىنى مۇشۇ مەسىلە ، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ھېسسىي ماتېرىياللار بىلەن فىزىكىلىق ئوبيېكىتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئالاقىدار مەسىلە ئەمەس .
«ئىدىيە» دېگەن سۆزنى بېركېلېينىڭ ئىشلەتكەن مەنىسى بويىچە ئالساق، كاللىنىڭ ئىچىدىكى ئىدىيەنىڭ زادى نېمىلىكى توغرىسىدا مۇنۇ ئېنىق ئىككى مەسىلىگە دىققەت-ئېتىبارىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز كېرەك. بىرسى، بىز بىلگەن نەرسىلەر، مەسىلەن مېنىڭ ئۈستىلىمنىڭ رەڭگى؛ يەنە بىرسى، مۇشۇ خىل بىلىشنىڭ ئۆزى، مۇشۇ نەرسىنى چۈشىنىشنىڭ روھىي ھەرىكىتى. روھىي ھەرىكەت شەك شۈبىسىزكى روھىي بولىدۇ، بىراق روھىي ھەرىكەت بىلگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىمۇ روھىي دەپ قاراشقا سەۋەب بارمۇ ؟ بىز ئىلگىرى ئېلىپ بارغان رەڭگە ئالاقىدار مۇلاھىزىلرىمىز ئۇنىڭ روھىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمىدى؛ ئۇلار پەقەت رەڭنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولسا بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ فىزىكىلىق ئوبيېكىتلارغا ــــــ مۇلاھىزىمىزدىكى ئۈستەلگە بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلىدى. بۇ دېمەكچى، ئۇلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى : مەلۇم بىر يورۇقلۇق شارائىتى ئاستىدا، نورمال بىر كۆز ئۈستەل بىلەن مەلۇم مۇناسىۋەتتە ئورۇنلاشقاندىلا ئاندىن مەلۇم بىر رەڭ كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ رەڭنىڭ ئۆزىنىڭ سەزگۈچىنىڭ كاللىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمىدى .
بېركېلېينىڭ «رەڭ ئېنىقلا كاللىنىڭ ئىچىدە» دېگەن بۇ نۇقتىنەزىرىنىڭ راستتەك كۆرۈنۈشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بىلگەن نەرسىسى بىلەن بىلىش ھەرىكىتىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشكە ئاساسلانغاندەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى «ئىدىيە» دېگىلى بولىدۇ؛ ئېھتىمال بېركېلېيمۇ بۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى «ئىدىيە» دەپ ئاتىسا كېرەك . بىلىش ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى كاللىنىڭ ئىچىدە؛ شۇڭلاشقا ، بىز بۇ ھەرىكەتنى ئويلاشقىنىمىزدا، ئىدىيەمۇ چوقۇم كاللىنىڭ ئىچىدە دېگەنگە ئاسانلا قوشۇلىمىز. ئاندىن، بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ پەقەت «ئىدىيە بولسا بىلىش ھەرىكىتى» دەپ قارالغاندىلا ئاندىن راست ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا، « ئىدىيە بولسا كاللىنىڭ ئىچىدە » دېگەن بۇ ھۆكۈمنى باشقا مەنىدىكى ئىدىيەگە ، يەنى بىزنىڭ بىلىش ھەرىكىتىمىز تەرىپىدىن بىلىنگەن نەرسىلەرگە قاراتتۇق . شۇنداق قىلىپ ، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئىشلىتىلگەن قوش بىسلىق سۆزلەر ئارقىلىق، بىز بىلەلەيدىغان ھەر قانداق نەرسە چوقۇم بىزنىڭ كاللىمىزدا دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردۇق. مانا بۇ بېركېلېينىڭ نۇقتىنەزىرىنىڭ ھەقىقىي چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، بېركېلېينىڭ نۇقتىنەزىرى ئاساسلانغان ئەڭ ئاخىرقى خاتالىق مۇشۇدەك قىلىدۇ.
بىزنىڭ نەرسىلەرنى بىلگەن ۋاقتىمىزدىكى ھەرىكەت ۋە ئوبيېكتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىزنىڭ بىلىم ئىلىش قابىلىيىتىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق. ئۆزىگە قارىغاندا باشقا نەرسىلەر بىلەن بەكرەك تونۇشلۇق بولىدىغان ئىقتىدارى بولسا روھنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى. ئوبيېكىتلار بىلەن تونۇشۇش ئاخىرقى ھېسابتا روھ بىلەن روھتىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ؛ دەل مۇشۇ خىل مۇناسىۋەت روھنىڭ نەرسىلەرنى بىلىش ئىقتىدارىنى تەشكىل قىلىدۇ . ئەگەر بىز «بىلىنگەن نەرسىلەر چوقۇم روھتا ( كاللىدا ) بولۇشى كېرەك» دېسەك ، ئۇنداقتا بىز ياكى روھنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى زىيادە چەكلەۋاتىمىز، ياكى بولمىسا بىز پەقەتلا ئوخشاش گەپنى ئورۇنسىز تەكرارلاۋاتىمىز. ئەگەر بىز «كاللىمىزدا» دېگەننى «كاللىمىزغا ئايان بولغان» دېگەنگە ئوخشاش مەنىدە ، يەنى ، پەقەتلا «كاللىمىز ( روھىمىز ) ئارقىلىق بىزگە بىلىنگەن» دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا بىز پەقەتلا مەنىسى ئوخشاش گەپنى ئورۇنسىز تەكرارلاۋاتىمىز. بىراق ، ئەگەر بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز راستىنلا مۇشۇ بولسا ، ئۇنداقتا بىز شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز كېرەككى ، مۇشۇنداق مەنىدىكى كاللىمىزدىكى نەرسىلەر روھىي بولماسلىقىمۇ تامامەن مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ ، بىلىمنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يەتكىنىمىزدە ، بېركېلېينىڭ نۇقتىنەزىرى مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن خاتا دەپ قارالدى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ « ئىدىيە » نى ـــــــ بىلىنگەن ئوبيېكىتلارنىڭ ماھىيىتىنى چوقۇم روھىي دەيدىغان نۇقتىنەزىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاساسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى بايقالدى . شۇڭلاشقا ، ئۇنىڭ ئىدېئالىزمىنى قوللايدىغان ئاساسىنى چۆرۈۋەتسەك بولىدۇ . باشقا ئاساس بارمۇ-يوق ، بۇنىڭغا يەنە قاراپ باقساق بولىدۇ .
گەرچە ئۆز-ئۆزىدىن ھەقىقەت بولسىمۇ ، كىشىلەر دائىم « بىز بىلەلمەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەيمىز » دېيىشىدۇ . كىشىلەر بۇنىڭدىن « ھەر قانداق شەكىلدە بىزنىڭ تەجرىبىمىز بىلەن ئالاقىدار ھەر قانداق نەرسە ھېچبولمىغاندا بىزگە بىلىنەلەيدۇ » دېگەننى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ بۇنىڭدىن يەنە شۇنداق يەكۈن كېلىپ چىقتىكى: ئەگەر ئاخىرقى ھېسابتا بىز ماددىنى بىلەلمىسەك ، ئۇنداقتا بىز ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلەلمەيمىز ، شۇنىڭلىق بىلەن ماددىمۇ بىزگە نىسبەتەن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس. ئادەتتە ، بەزىبىر غۇۋا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، مۇنداق كۆز قاراشمۇ كەڭرى تارقالغان : بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولمىغان نەرسە ھەقىقەت ئەمەس ، شۇڭلاشقا ئەگەر ماددا روھتىن ياكى ئىدىيەدىن تۈزۈلمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا خىيالىي مەنزىرە خالاس.
ھازىرقى باسقۇچتا بۇ خىل نۇقتىنەزەرگە چوڭقۇر كىرىشىپ مۇلاھىزە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى ئۇ مەلۇم مىقداردىكى تەييارلىق مۇلاھىزىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بەزىبىر نۇقتىنەزەرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى ؛ بىراق بۇ خىل نۇقتىنەزەرنى رەت قىلىشقا بولىدىغان بەزىبىر دەلىللەرگە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قاراپ چىقىش مۇمكىن . ئاۋال بۇ خىل نۇقتىنەزەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن باشلايلى : بىزگە نىسبەتەن ئەمەلىي جەھەتتە قىلچە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنىڭ نېمىشقا ھەقىقىي بولمايدىغانلىقىغا سەۋەب يوق . شۇنىسى راستكى ، ئەگەر نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇھىملىقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئويلاشقاندا ، ھەقىقىي بولغان ھەر قانداق نەرسە بىزگە نىسبەتەن مەلۇم جەھەتتە مۇھىم ، چۈنكى ، ئىنسانلار كائىناتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولغانىكەن ، ئۇنداقتا كائىنات ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىزگە نىسبەتەن بەزىبىر قىممىتى بار دېگەن گەپ . بىراق ، ئەگەر بۇ خىلدىكى قىممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ، ماددا مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، ھەتتا بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلمىسەكمۇ ، ماددىنى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئەمەس دېيەلمەيمىز . ئېنىقكى ، بىز ماددىنى بارمىكىن دەپ قىياس قىلالايمىز ، ھەمدە ئۇنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلگۈمىز كىلىدۇ ؛ شۇڭلاشقا ، ماددا بىزنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىمىز بىلەن باغلاندى ، بۇ تەشنالىقنى قاندۇرۇش ياكى ئۇنى بەربات قىلىشتا ئۇ تولىمۇ مۇھىم .
يەنە كېلىپ ، « بىز بىلەلمەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەيمىز » دېگەن بۇ ھۆكۈم ھەرگىزمۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئېنىق بولغان ھەقىقەت ئەمەس ، ئەمەلىيەتتە بولسا بىر خاتا ھۆكۈم . بۇ يەردە ، « بىلىش » دېگەن سۆز ئوخشىماس مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن . بىرىنچى ئورۇندا ئىشلىتىلگەن «بىلەلمەيدىغان» سۆزىدىكى « بىلىش » بولسا خاتالىقنىڭ قارىمۇ-قارشىسى سۈپىتىدىكى بىلىملەرگە ، بىز ھەقىقىي دەپ قارايدىغان ، ئەقىدە-ئىشەنچىمىزنى، يەنى ھۆكۈمىمىزنى بېكىتىشتە قوللىنىلىدىغان مەنىدىكى بىلىملەرگە ئىشلىتىلىدۇ . « بىلىش » دېگەن سۆزنىڭ بۇ خىل ئىشلىتىلىشىدە ، بىز بەزى نەرسىلەرنى چوقۇم مۇشۇنداق دەپ بىلىمىز . بۇ خىلدىكى بىلىملەرنى ھەقىقەتكە ئالاقىدار بىلىملەر دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ . ئىككىنچى ئورۇندا ئىشلىتىلگەن « بىلمەيمىز » دېگەن سۆزدە ئىشلىتىلگەن « بىلىش » دېگەن سۆز بىزنىڭ نەرسىلەرگە بولغان بىلىشىمىزگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇنى « تونۇشۇش » دەپ ئاتىساق بولىدۇ . بۇ بىزنىڭ ھېسسىي ماتېرىياللارنى بىلىش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن . ( بۇ يەردىكى ئوخشىماسلىق ئالاھەزەل فىرانسۇز تىلىدىكى «چۈشىنىش » بىلەن « بىلىش » نىڭ پەرقىگە ، ياكى گېرمان تىلىدىكى « چۈشىنىش » بىلەن « بىلىش » نىڭ پەرقىگە توغرا كېلىدۇ . )
شۇنداق قىلىپ ، ئۆز ئۆزىدىن ھەقىقەتتەك قىلغان باياننى قايتا بايان قىلغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك شەكىلگە كەلدى : « بىزنىڭ تونۇش بولمىغان نەرسىنى مەۋجۇت دەپ ھۆكۈم قىلىشىمىز توغرا ئەمەس » . بۇ ھەرگىزمۇ ئۆز-ئۆزىدىن توغرا بولغان ھەقىقەت ئەمەس ، ئەكسىچە ، بۇ بىر روشەن خاتالىق . ئېھتىمال مەن رۇسيە ئېمپىراتورى بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە نايىل بولالماسمەن ، بىراق مەن توغرا ھالدا ئۇنى مەۋجۇت دەپ ھۆكۈم چىقىرالايمەن . ئەلۋەتتە ، بەزىلەر « سىزنىڭ بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، باشقىلار ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ بولغان » دېيىشى مۇمكىن . بىراق ، بۇ خىل رەددىيە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ، چۈنكى ، ئەگەر پرىنسىپ چىن بولىدىكەن ، مەن باشقا ھەر قانداق بىرسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىنىمۇ بىلەلمەيمەن . بىراق ، يەنىمۇ ئىچكىرلىسەك : ھېچكىم تونۇشمىغان نەرسىنى بىلسەم نېمىشقا بولمايدىغانلىقىغىمۇ سەۋەب يوق . بۇ نۇقتا مۇھىم بولۇپ ، چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئەگەر مەن مەۋجۇت بولغان بىر نەرسە بىلەن تونۇش بولسام ، مېنىڭ بۇ تونۇشلۇقۇم ماڭا ئۇنى مەۋجۇت دەيدىغان بىلىم بىرىدۇ . بىراق ئەكسىچە ھۆكۈم ، يەنى مەن مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن ھەر قانداق نەرسە چوقۇم ماڭا ياكى باشقا بىرىگە تونۇش بولۇشى كېرەك دېگەن بۇ ھۆكۈم توغرا ئەمەس .مەن بىرەر نەرسە بىلەن تونۇش بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈم چىقارغىنىمدا ، مۇنداق ئىش يۈز بىرىدۇ : ئۇ نەرسە ماڭا تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىلىنگەن ، شۇنداقلا بەزىبىر ئومۇمىي پرىنسىپلار سەۋەبىدىن ، بۇ خىل تەسۋىرلەرگە ماس كىلىدىغان بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەن تونۇش بولغان بەزى باشقا نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ . بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ، ئەڭ ياخشىسى تونۇشۇش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بىلىملەر بىلەن تەسۋىر ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغىنىمىز تۈزۈك . ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئومۇمىي پرىنسىپقا ئالاقىدار قايسى بىلىملەرنىڭ تەجرىبۋى بىلىم ئىگە بولغاندەك ئېنىقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىمىز . بۇ مەسىلىلەرنى بىز تۆۋەندىكى بابتا بىر تەرەپ قىلىمىز .

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش