ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ۋەتەنپەرۋەرلىك

ۋەتەنپەرۋەرلىك


19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى «مىڭجى» يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى باشلانغاندا، ياپۇنىيەلىك ئىككى ئوقۇغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسڧورد ئۈنۋىرسىتېتىغا سانائەت پەنلىرىنى ئوقۇشقا چىقىپتۇ. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ گۈللەنگەن سانائىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سانائەت ئاساسىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈشۈپتۇ. سانائەت بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا كۈچ – قۇدرىتنىڭ نامايەندىسى بولغاچقا، بۇ نۇقتىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ياپۇنىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيەلىك ساۋاقداشلىرىدىن نەچچە ھەسسە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ زايە قىلماي دېگۈدەك بېرىلىپ ئۆگىنىپتۇ. بىر تىيىن پۇلنىمۇ بىھۇدە خەجلىمەي سانائەتكە ئائىت چېرتىيوژلارنى توپلاپتۇ. ئۇلار ئوكسڧورد ئۈنۋىرسىتېتىدىكى ئوقۇشنى ناھايىتى جاپادا، ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك تاماملاپ، دوكتۇرلۇق تاجىنى باشلىرىغا كىيىشىپ، يۈك- تاقلىرىنى تېڭىشىپ ئانا ۋەتىنى ياپۇنىيەگە قايتىشقا جابدۇنۇپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئەنگىلىيە تاموژنىسى ئولارنىڭ توپلىغان ماتېريال – چىرتيوژلىرىنى چېگرادىن ئېلىپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ، بۇ ئىككى ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولغان بۇ ماتىرىيالارنى تاشلاپ قويغۇسى كەلمەپتۇ، نائىلاج قالغان بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئاخىر كىشىنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىدىن تاشقىرى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئىككىسى بىر نىيەت، بىر مەخسەتكە كېلىپ پۈتۈشۈپتۇ، ئۇلار مەردانىلىك بىلەن چەك تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپتۇ، يەنە بىرى، ئۆلگۈچىنىڭ قورساق بوشلۇقىنى پاك- پاكىز ئادالاپ ئىچىگە ئەڭ زۆرۈر ماتېرياللارنى قاچىلاپ تىكىپتۇ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئوپېراتسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن، جەسىتىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ، دەپ مەلۇم قىلىپ، پاراخوت بىلەن ياپۇنىيەگە قايتۇرۇپ كېتىپتۇ.
ياپۇنىيەلىك بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئىككىلەنمەي جان پىدا قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. بىز ئادەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋەتەن ھەققىدە گەپ ساتىدىغان كىشىلەرنى كۆپ كۆرىمىز ، ئەمما كۆپىنچىمىز ھالقىلىق پەيتتە باشقىلارنىڭ بەدەل تۆلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىمىز بولسا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىۋالىمىز. ناپالېئون مۇنداق قارىغان: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇكسەك ئەخلاقى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى سۆيۈشتۇر.» شۇنداق، ۋەتەنپەرۋەرلىك يۈكسەك روھ، بۇنداق يۈكسەك روھ ھەممىلا كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا بولۈۋەرمەيدۇ. «ۋەتەن!» دەپ ۋارقىراپ قويۇش چوڭ گەپ ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكار بولۇش قالتىس ئىش، يىراقتا تۇرۇپ ۋەتەننى سېغىنىش ئالاھىدە ئىش ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن ئەلەم چېكىش قالتىس ئىش، پۇخرالىق قىلىپ ئەل قاتارى ياشاش مۈشكۈل ئىش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېچ گەپ ئەمەس، ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قالتىس ئىش!
ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر تۈرلۈك ئالىيجاناپ ئەخلاق، بۇ جەھەتتە ڧىرانسىيەنىڭ مەشھۇر ئالىمى پاستىرنىڭ ھەرىكىتى بىزگە ئۈلگە بولالايدۇ.
1870-يىلى ڧىرانسىيە –پىرۇسىيە ئۇرشى پارتىلايدۇ. پۈتكۈل ڧىرانسىيە زېمىنى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا: «ڧىرانسىيە تۈگىشىدىغان بولدى!» دېيىشىدۇ.
دەل شۇ چاغدا چاچلىرى ئۈچتەك ئاقارغان بىر پېشقەدەم ئالىم مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگكىنىچە:«چۈشكۈنلۈك ئەسقاتمايدۇ، پەقەت كۈچلۈك قارشىلىق بولغاندىلا، ئاندىن فىرانسىيەنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ!» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ كىشى دەل ڧىرانسىيەنىڭ داڭلىق بىئوخىمىيە ئالىمى پاستىر ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا پاستىرنىڭ باكتېرىيەشۇناسلىق تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى پۈتكۈل ياۋرۇپادا ھەر قايسى دۆلەت ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنى تۈرلۈك شەرەپلىك ناملارغا ئىگە قىلغان. ھەتتا گېرمانىيەنىڭ خەلقئارادا تەسىرى چوڭ، داڭلىق ئالىي مەكتىپى بوئىن ئۈنۋېرسىتېتىمۇ پاستىرغا ئىلمىي ئۈنۋان ئەۋەتىپ تەقدىرلىگەن. بۇ ئۇنى چەكسىز شادلاندۇرغان ۋە ئېپتىخارلىققا چۆمدۈرگەنىدى.
مانا ئەمدىلىكتە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن ۋەتەن تۇپرىقىنى دەپسەندە قىلماقتا ئىدى. بۇلارنى كۆرگەن پاستىرنىڭ يەنە چىداۋېرىشكە تاقىتى قالمايدۇ-دە، بوئىن ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ شاھادەتنامىسىنى قايتۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىغا دوستلىرى ھەيران بولۇپ: «بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ ئىلىم- پەننىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەكقۇ؟!» دېيىشىدۇ. ئەمما، پاستىر: «ئىلىم – پەننىڭ دۆلەت چېگرسى بولمىغىنى بىلەن، ئالىمنىڭ ۋەتىنى بار-دە! » دەيدۇ قەتئىي قىلىپ.
«ۋەتەن ھەممىدىن ئەلا!» پاستىرنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي بوئىن ئۈنۋېرسىتېتىنىڭ شاھادەتنامىسىنى قايتۇرىۋىتىشى ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. پاستىر كېيىنچە ھەر بىر كىتابىنىڭ تىتۇلىغا« پىرروسىيەگە نەپرەتلىنىپ، ئىنتىقام ئالايلى! ئىنتىقام ئالايلى!» دەپ يازىدۇ.
كىشىلەر ئۇنىڭ يۈكسەك مىللىي غۇرۇرىغا، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ. بەزىلەر پاستىردىن: قانداق كۈچ سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولدى؟ دەپ سورىغىنىدا، پاستىر چۇڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ئاسمانغا قۇچاق يايغان زور دەرەخ پەقەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقانلىقى ئۈچۈنلا بۈك- باراقسان بولۇپ ئۆسەلەيدۇ. ئالىممۇ پەقەت ۋەتەندىن ئىبارەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ مەۋجۈتلقىنىڭ قىممىتى بولىدۇ،دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ۋېنگىرىيەلىك داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىر پېتوڧىنىڭ ۋەتىنى مۇنقەرز بولۇپ قالغاندا يازغان مۇنۇ شېئىرى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ:
بارسىمۇ گەر دۇنيا ماڭا بايلىق ۋە شۆھرەت،
شۇنداقتىمۇ، كىچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن.
قالساڭمۇ گەر، ئاھ ۋەتىنىم نۇمۇس ئىچىدە،
چىن يۈرەكتىن سۆيۈپ سېنى بەخت تىلەيمەن.
دېمەك، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى ئۇنتۇمايدىغان، ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ۋەتەن مەنپەئەتى ئالدىدا ھەرقانداق مەنپەئەتتىن ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىدىغان بۇنداق روھ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك، شۇنداقلا ئالىيجانابلارغا خاس يۈكسەك ئەخلاق ھېساپلىنىدۇ.
2009-يىلى

مەنبە: ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ناملىق كىتاب.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش