ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 20-ئەسىردە ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنى خاتىرلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ، چىراي –شەكلىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساپ، بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتە ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەرلەردە .ۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلارمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە مۇشۇنداق بىر يازغۇچىنىڭ ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 1961-يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندا ئاقساراي، كرېمىل سارىيى ، ۋاتىكان ۋە ئىسپانىيىنىڭ تورىئادۇرلۇق مۇسابىقىسى مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بۇ يازغۇچىنىڭ ۋاپاتىغا ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن سكوت دونالدسون، كارلوس بېيكىر قاتارلىقلار مەخسۇس مۇشۇ يازغۇچى توغرىسىدا نەچچىلىگەن كىتابلارنى يازغان. ”شۇنىسى ئېنىقىكى ۋاپات بولىدىغان چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر يازغۇچى، بىر ئەدىب سۈپتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بىر جامائەت ئەربابى سۈپتىدە كىشلەرگە تونۇلۇپ بولغانىدى“ دەپ يازىدۇ ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سكوت دونالدسون. مانا مۇشۇنداق شۆھرەتلەرگە، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكۈچى دەل ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئېرنېست ھېمىڭۋاي.
ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ناخشا ئېيتىيالايتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچوكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان « يۇلتۇز» گېزىتىسە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. گېزىتنىڭ ماقالە ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلغان خەۋەرلەر، ماقالىلەر قىسقا يېزىلىشى؛ بىرىنجى ئابزاستا چوقۇم ئەينى بىر مەزمۇن جانلىق، ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇخبىرلىق ھاياتى ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە «تېلگىرامما شەكىللىك ئەسەر يازغۇچى» دەپ نام ئېلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى خالدپ « قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنىڭ شوپۇرى» سالاھىيىتى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا باردى. 1918-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ سىتاتسىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيىتتىمۇ ھېمىڭۋاي خەتەرگە قارىماي، يارىسى ئۆزنىڭكىدىن ئېغىر بىر سەپدىشىنى يۈدۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بارغان. يولدا پىلموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ئۇرۇشتىكى مۇشۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ كرېست شەكىللىك كۈمۈش ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ھېمىڭۋاينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېسىياتى“ ياقا يۇرتتا“، ”سىلەر بۇنداق قىلماڭلار“ ھېكايىلىرىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېمىڭۋاي پارژدا ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى؛ ئامېرىكا يازغۇچىسى شىردۇن ئازدېرسوننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكېلىق شائىر ئېزا پوند، شائىرە گېدرۇد ستېيىن بىلەن تونۇشتى. بۇ ئىككى شائىر ھېمىڭۋايغا نۇرغۇن يول كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئەدەبىي جەھەتتە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قېلىشىدا گېدرۇد ستېيىننىڭ تەسىرى چڭقۇر. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە گېدررۇد ستېيىن ھېمىڭۋايغا : «سىلەر ھەممىڭلار گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ دېگەن. ھېمىڭۋاي كېيىن ستېيىننىڭ بۇ سۆزىنى ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ (1926) دېگەن مەشھۇر رومانىدا ئېپىگراف ئورنىدا ئىشلەتكەن. 20-.ەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەل يېڭى بىر ئەۋلاد ئامېرىكا يازغۇچىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دەۋر ئىدى. يېشى پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ يازغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسىيات جەھەتتە .ورتاقلىق بار ئىدى، چوڭ يازغۇچىلار بىلەن چىقشالمايتتى. 1926-يىلغا كەلگۈچە ئۇلاردا .ورتاق بىر ئېقىم، ئورتاق بىر ئېتقاد ۋە ئەدەبىي پرىنىسىپ شەكىللەنمىدى. ئۇلار ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گاڭگخراشلىرى، چۈشكۈنلۈك، گمراھلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان روھىي دۇنياسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. بۇ يازغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ داڭلىقى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئىدى. ئۇنىڭ “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى “ گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي “ ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر“ دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلاردا ئانچە تەم بولمىغىنى بىلەن، ھېكايىلەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. 1926-يىلى “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رپمانىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بەردى. 1927-يىلى ئۇنىڭ ”بويتاق ئەرلەر“ دېگەن ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىدى. 1929-يىلى ”ئەلۋىدا، قورال“ دېگەن رومانى نەشىر قىلىندى. ھېمىڭۋاينىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك ئورنى مۇشۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن تىكلەنگەن. مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1928-يىلى ھېمىڭۋاي پارژدىن كېيۋېستىقا كۆچۈپ كەتتى؛ شۇ يىلى ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىدىن تۇغۇلغان پاترىك تۇغۇلدى، 1932-يىلى يازغۇچىنىڭ ئىسپانىيىدىكى تورېئادۇرلۇق مەيدانى ۋە كالا سوقۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابى ”ۈشتىن كېيىنكى ئۆلۈم“ نەشىر قىلىندى. 1933-يىلى ئۈچىنچى ھېكايىلەر توپلىمى ”قۇرۇق قول غالىبىيەتچى“ نەشىر قىلىندى. 1935-يىلى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى كىتابى “ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئافرىقا تاغلەرە“ دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى ھەققىي مۇۋەپپەقىيىتى ”فرانسىس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى“ ۋە ”كىلمانجارودىكى قار“ دېگەن ئىككى مەشھۇر ھېكايىسىدە ئەكس ئېتىدۇ.يازغۇچىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان ”بايلار ۋە يوقسۇللار “ دېگەن رومانى ئۇنىڭ فلوردادىكى كېيىۋېستتا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان دىققەت-ئېتبارى، شۇنچە تىرشىپمۇ جەمئىيەتتىن چىقىش يولى تاپالمىغان بەختسىزلەرنىڭ تەقدىرى يېزىلغان. 1936-يىلى ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى. ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم ”ئىسپانىيە تۇپرىقى“ نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ (1940) دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن –ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانلىىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلرىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. بۇ قېتىملىق ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ھېمىڭۋاي پاژغا قيتىپ بارغاندىن كېيىن قولىغا قورال ئېلىپ، مۇنتىزىم تەشكىللەنمىگەن بىر كىچىك ئەترەتنى باشلاپ ئۇرۇشقا باشلاپ قاتناشتى. 1945-يىلى ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۇباغا ككچۈپ باردى. كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاينىڭمۇ دېڭىز-ئوكيان، ئاسمان ،قۇرۇقلۇق بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تىرىلوگىيە يېزىش ئويى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ 1950-يىلى نەشىردىن چىققان ”دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش“ دېگەن ئورمانى ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ”ھېنىڭۋات تالانتىنى يوقتىپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەر چىقمىغۇدەك“ دەپ قاراشتى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ ”بوۋاي ۋە دېڭىز“ دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچىرىدى. بېشى قاتتىق سىلكەنگەچكە ، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، توغرىراقى ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. ”دۇنيا ئوغلى“ دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.
يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە بەزى ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىش ۋاقتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قىسقا بايانلىرىمىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى يازغۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ھاياتى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىساق، ئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرىنى چۈشىنەلمەيمىز. ھۋمىڭۋاينىڭ: «بىر جۈپ قەلب دەرياسى» دېگەن ھېكايەم ئېلان قىلىنغىلى 25يىل بولسىمۇ، ئۇنى ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ چۈشەنمىدى» دېگەن سۆزى بۇ پىكىرىمىزنى دەلىللەيدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئۆلۈم ۋە يوقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا چېتىلدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشنىشنى مۇشۇ نۇقتىدىن باشلاش كېرەك. ھېمىڭۋاي روشەن خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي خاسلىققا ۋە ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچى بولۇش سۈپتى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ بىر دۇنيانى ياراتتى، ئەسەرلىرىدە زامانىۋى ئەپسانە ئىجاد قىلدى ھەم ئاشۇ دۇنيا ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىدە ھايات ھەققىدىكى مۇستەقىل كۆزقارىشىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنى بىرەر ئەدەبىيات ئېقىمىغا ئالدىراپ كىرگۈزەلمەسلىكىمىز دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. كىشلەر ئادەتتە ھېمىڭۋاي ھەققىدىكى مۇنداق بىر قىزىقارلىق بىر پاكىتقا، يەنى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى(1920-يىلدىن-1960-يىلغىچە) بىلەن شۇ چاغلاردا ياۋروپادا مودا بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئىدىيە دولقۇنى مەۋجئۇدىيەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى، تەرەققىياتى، زاۋالىققا يۈز تۇتۇش ئوتتۇرىسىدا ۋاقىت جەھەتتىن ئوخشاش بارلىقىغا سەل قارايدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنى ئالاھىدە قىيىن مۇھىتقا قويۇپ تەسۋرلەيدۇ،؛ ناچار مۇھىتتىكى ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئازاب-گاڭگىراشلىرى، ئىزتىراپلىرى، كېيىنكى مەزگىللەردە چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان روھىيىتىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ بىمەنىلىك، ئازاب ئىچىدىن يېڭىچە روھىي قىممەت تېپىش ھەققىدىكى تىرشچانلىقلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن قىسمەن جەھەتلەردە ئوخشىشىدۇ. ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولۇش سۈپتى بولۇش سۈپتى بىلەن، ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر يوقلۇق، بىمەنىلىك تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ”ئەلۋىدا، قورال“ ناملىق رومانىدا ھېمىڭۋاي ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ.يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى، بىمەنىلىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەردىكى باش قەھرىمان، لېيتنانت ھېنرى قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇشتىن سەسكىنىشكە باشلايدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۇرۇشنىڭ رەھىمىزسىزلىكى، بىمەنىلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ھېنرېنىڭ مەشۇقىغا ئېيتقان :“ ﹤مۇقەددەس، شەرەپلىك، قۇربان بېرىش﹥دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. لېكىن، مەن ھېچقانداق شەرەپلىك نەرسىنى ككرمىدىم. شەرەپلىك دەپ نام ئالغان ئىشلارنىڭ ھېچقانداق شەرەپلىك يېرى يوق؛ ئۇرۇشتا قۇربان بېرىش دېگەن گەپكە كەلسەك، ئۇ چىكاگونىڭ قۇشخانىلىرىدىكى مال-چارۋا سويۇش ئىشلىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئوخشىمايدىغىنى ، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى ئەكېلىپ كۆمۈۋېتىلىدۇ“ دېگەن گەپلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن تۇنجى رومانىدا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ نىڭ روھىي-ھالىتى-پارددىكى ياشلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە يۈز تۇتقان تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىسى ئەكس ئەتكەن. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ جېك بائېنس بىر توپ چۈشكۈن ياشلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كۈن بويى ھاراق ئىچىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، تورېئادۇرلۇق مۇسابىقىسى كۆرىدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق تۇرمۇشىغا مەنە بەرمەكچى بولۇشىدۇ. مەنىسىزلىك بىلەن تولغان دۇنياسىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىلەپ يۈرۈشىدۇ. ھېمىڭۋاي ”پاكىز ھەم ئازادە جاي“ دېگەن نادىر ھېكايىسىدە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەنىسىزلىك، يوقلۇق تۇيغۇسىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن؛ كىشلەرنىڭ مەنىسىزلىككە قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەققىدىكى باش تېمىنى تۇتقا قىلغان. شۇنداق دېيىشقە بودۇكى، بۇ ھېكايە ھېمىڭۋاينىڭ يوقلۇق ئىدىيىسىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. يازغۇچىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر پوۋېستى ”بوۋاي ېە دېڭىز“ مۇ ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلىك، ئازاب تۈسى بىلەن تويۇنغان. ئەسەردە كۇبالىق بېلىقچى بوۋاي سانتىياگونىڭ ئۇدا 84 كۈن دېڭىزدا يۈرۈپ بىرەر تال بېلىق تۇتالمىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر يوغان بېلىق تۇتسا، ئۇنى ئاكۇلالارنىڭ يەۋەتكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ھايات-ماماتلىق كۈرەش داۋامىدىكى جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئەسەردە : ”ئادەم يوقىلىشى مۇمكىن، ئەمما يېڭىلمەيدۇ: دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بۇ دېگەنلىك : ”جەسۇر ئادەم تەقدىرگە، مەغلۇبىيەتكە، ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ئۆلۈم ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئۆز غۇرۇرىنى يوقتىپ قويمايدۇ“ دېگەندىن ئىبارەت. ”ئادەم ھاياتىدىكى كۈرەش جەريانىدا قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىشى، يوقىتىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ روھى ھەرگىز يېڭىلمەيدۇ. ئادەم ئازاب ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش كېرەك“ دېگەن بىر خىل ئىدىيە ئەسەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ئەسەر ھېمىڭۋاي ئىجادىيىتىدىكى مەركىزى ئىدىيىنى نۇقتىلىق ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل ھاياتى جەريانىدىكى تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە بايان سەنئىتىنى ئەڭ ياخشى نامايەن قىلغان. بۇ ئەسەر 1953-يىلى پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئىككىنچى يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش سۆزىدە تىلغا ئېلىنغان.
1940-يىلى ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نادىر رومانى ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ھېمىڭۋاينىڭ تۇرمۇش ۋە سەن.ەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ نامايەندىسى. ئۇنىڭدا ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا گارنىزون ئەترىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق ياش جورداننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇۋىرىشىغا قارىماي دۈشمەنلەر تۇرغان بىر كۆۋرۈكنى پارتلاتقانلىقى ۋە ئاخرىدا ئېغىر يارىلىنىپ قۇربان بولغانلىقى يېزىلغان. پۈتكۈل ئۈچ كۈن ئىچىدە بولغان ئىشلار تەسۋىرلەنگەن. ھېمىڭۋاي بۇ ئەسەردە ”ئۆزلۈك بىلەن بولغان ئۆلۈم“نى تەسۋىرلىگەن . ئەسەردىكى جوردان ئۆلۈمنى تاللىۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى، ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن تەشۋىشلىنىپ بارلىق جاسارىتىنى يوقتىپ قويۇش. ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟- ئەجەل سىگنالى ھەمىمىز ئۈچۈن چېلىندى.“ ئەسەردىكى بۇ ئىككى جۈملە دىئالوگ ھۋمىڭۋاينىڭ ئۆلۈم ئېڭىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ”ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ، ئەمما، ئەڭ مۇھىمى ئۆلۈمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش. ئۆلۈم ساقلانغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا تىترەپ كەتمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتا مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادە قىلىش كېرەك.“ بۇ خىل ‘ئالدىدىمۇ پېتىنى بۇزماسلىق “ ئېڭى ھېمىڭۋاينىڭ تەلىمى ئاستىدا ۋايىغا يەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ دېگەن بۇ مەشھۇر روماندا ئەكس ئەتكەن ئۆلۈم ۋە ئازاب تۇيغۇسى ئەنگىلىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى بېيىسنىڭ : ”ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىرلا تېمىلا بار“ دېگەن گېپىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەيدۇ. ئەسەرنى ئوقۇشقا يېڭى كىرىشكەن چېغىمىزدىلا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئاشۇ قۇرلاردىن بىر خىل ئۆلۈم تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايدۇ. رومان قانلىق ئۆلۈم رېئاللىقى بىلەن تولغان : كۆۋرۈكنى پارتلاتقان جەسۇر ئەزىمەت جورداننىڭ ئۆلۈمى، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خالىمايدىغان بوۋاي ئانسېرموننىڭ ئۆلۈمى؛ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، ئەمما يىرگىنىدىغان ”گاس“ نىڭ ئۆلۈمى، بابېللونىڭ مىلتىقى ئاستىدىكى بەش بىگۇناھ قېرىنداشنىڭ ئۆلۈمى… ئەسەردە يەنە ئىندىئانلارنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەپسانىۋىلىككە تويۇنغان ھېسىياتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئەسەردىكى ئۆلۈم ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىشتە مەلۇم رول ئوينىغان. ئاپتور بۇ ئەسەردە يەنە ئۇرۇشنىڭ بىمەنىلىكىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ فاشىزىم ئۇرۇشىغا بولغان يىرگىنىشىنى ئىپادىلىگەن. يازغۇچىنىڭ : ”باشقا ھەرقانداق بىر دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى، ياخشى ئەسەرنى يازالىشى مۇمكىن. ئەمما فاشىزىم ھۆكۈم سۈرىۋاتقان جەمئىيەتتە ۋە دەۋردە بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس“ دېگەن سۆزى دەل مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە دېيىلگەن. يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە تاتلىق بىر خىل بەدىئىي تەم گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ھېكايىلىرىدىمۇ بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئازاب، ئۆلۈم، يوقلۇق ئىدىيىسى خېلى ياخشى ئىپادىلەنگەن. يازغۇچىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ”ئىندىئانلار بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر كىچىك بالىنىڭ دوختۇر دادىسىنىڭ بىر ئىندىئان ئايالنى تۇغدۇرماقچى بولغان ۋاقتىدىكى مەنزىرىنى كۆرگەنلىكى ۋەقەلىك قىلىنغان. بالا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئېرىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىغا چىدىماي ئاخىر ئۇستىرا بىلەن كېكىردىكىنى كېسىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئەسەردىكى بالا دەل ھېمىڭۋاينىڭ باللىق چاغلىرىنىڭ ئەينەن پروتوتىپى؛ ئۇ يەنە ”نىك ئادامىس ھەققىدە ھېكايىلەر“ دىكى نىكنىڭ ئۆزى شۇ. ھېكايىدىكى ھېلقى ئىندىئان خوتۇنىنىڭ ئازابىنى يەڭىگىلىتىش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەي، ئاخىر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيىسى بالىنىڭ سەبىي قەلبىدە چڭقۇر ئىز قالدۇرغان. سىز مۇشۇ ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىڭىز بىلەن ھېمىڭۋاينىڭ ”قىمارۋاز موناخ ۋە رادىيو“ دېگەن ھېكايىسىنى ئوقۇسىڭىز، ھېلقى قىمارۋازنىڭ قورسىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىككى پاي ئوق ئېتىپ، بالنېتسىدا چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئۈندىمەي ياتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز. ھېمىڭۋاي ”فرانس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى “ دېگەن ھېكايىسىدە ۋېلسوننىڭ تىلى شېكىسپىر تىراگېدىيىلىرىدىكى ”راستىنى دېگەندە، مېنىڭ ئۆلۈمگە پەرۋايىم پېلەك، ئادەم ھامان ئۆلىدۇ. ھەمىمىزنىڭ ئەجەل قەرزىمىز بار“ دېگەن بىر جۈملىنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم ئېڭىدىن ئاز-تولا بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ”يېڭىلمەس ئادەم“ ، ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دېگەن ھېكايىلىرىدىمۇ ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. مۇشۇ خىل روھ بولغانلىقى ئۈچۈن ”يېڭلىمەس ئادەم“ دېگەن ھېكايىدىكى تورېئادۇر يارىلانغان ئەھۋالدىمۇ يېڭىلىپ قالمىدى. ”ئەللىك مىڭ يۈەن“ دىكى بوكىسچى چىدىغۇسىز ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئاخرىغىچە ئېلىشتى. ھېمىڭۋاينىڭ نەزىرىدە، ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل. ”كىلمانجارودىكى قار“ نى ھېمىڭۋاي ئكزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ھېكايىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ھېكايىدىن يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ئىرېلاندىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبنىڭ باشلامچىسى جامىس جويىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەرەپلەر بايقىلىپ تۇرىدۇ. ھېكايىدە يازغۇچى لەنەت تەگكۈر قۇش، ئىت، ۋېلسىپىت مىنىۋالغان ساقچى، قار بىلەن پۈركەنگەن كىلمانجارو تېغىنىڭ ئاقباش چوققىلىرىنى پات-پات تىلغا ئېلىپ، سىمۋوللۇق يوسۇندا ئۆلۈمدىن بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە جىق ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈم ئېڭى ئەكس ئەتكەن ھېكايىلىرىدىن يەنە ”قاتىل“ ،“ئاق پىلدەك تاغلار“، ”دۇنيانىڭ پايتەختى“ ،“ياقا يۇرتتا“ قاتارلىقلار بار. “ قاتىل“ دا زوراۋانلار ئادەم ئۆلتۈرۈشمەكچى بولۇشۇىدۇ؛ ”ئاق پىلدەك تاغلار“ دا ئۆلۈمدىن قورقۇش پىسخىكىسى ئىپادىلىنىدۇ. “ دۇنيانىڭ پايتەختى“ دە ھېلقى ئىسپانىيىلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان مۇئامىلىسى يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ”ئېقىندىكى ئارال“ (1970)، ”خەتەرلىك ياز“ (1985)، ”بېھىشباغ“ قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆلۈم، يوقلۇق ئېڭى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن.
بۇ يەردە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، تىل ئۇسلۇبى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. 1954-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشتىن سەل بۇرۇن ئايىروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ مېڭىسىنىڭ قاتتىق سىلىكىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. يازغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك ئەسەر يازالمىغان؛ شۆھرىتى ئاشقانسېرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىدىغان مۇخبىرلار ۋە ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى ئاۋۇپ كېتىپ، ئىجادىيەت ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ھەم زېھنىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1960-يىلى كۇبادىن ئانا يۇرتى ئىداخۇ شىتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ئەمما، سالامەتلىكى قىلچە ياخشىلانمىغان؛ قان بېسىمى، دېئابىت، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن باشقا قاتتىق ئېغىر روھىي ئازەب ئۇنى بەك قىينىغان؛ ئۆزىنىڭ ئەمدى ئەسەر يازالمايدىغانلىقىنى ئازاب ئىچىدە بايقاپ قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ كۆرىدىغان يازغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي، ”ئىندىئان بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىدىكى ھېلقى ئەرگە ئوخشاشلا 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆيىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغۇچى ۋاپات بولۇپ خېلى ئۇزۇن مەگىللەرگىچە ”ھېمىڭۋاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؟“ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇرغۇن دەتالاشلار، نۇرغۇن قىياسلار بولدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە باشتىن –ئاخىر ئالاھىدە قىيىن مۇھىت، مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب ئالدىدىكى مەرد، جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىغىنلىقىغا، يازغۇچىنىڭ ئاجايىپ مول سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تىنىچلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ ئەركەكلەرچە ياشىغانلىقىغا دىققەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. ”ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل“ دېگەن يازغۇچى ئۆزى دېگەندەك ئەھۋالدا قېلىپ ، ئۆى ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇلدا ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇۋالدى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلىغا ئىلمىي يوسۇندا قارىشىمىز، ”ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان يازغۇچى ياخشى يازغۇچى ئەمەس“ دەپلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر بىلەن يوققا چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىر ئۇلۇغ ئەدىب ، ھەققىي ئەدىب ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلىمىدىن باشقا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى تەڭ تارتىدۇ. ”ئۇلۇغ ،ئەدىبلەر كېسەل سەۋەبىدنلا ئەمەس، دەرد-ئەلەم دەستىدىنمۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ“ دەپ ئېيتىدۇ. جالالىدىن رۇمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتى تاسۇنارى (1968-يىلى ئېرىشكەن) دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابە ھالىتىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقىبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۆلۈۋالدى. رۇس يازغۇچىسى ئالېكساندىر بۇنىن (1933-يىلى ئېرىشكەن) ئۆز دۆلىتىدە پۇت دەسسىگۈچىدەك يەر تاپالماي، ئۆز ماكانىغا سىغماي ياقا ئەللەردە سەرگردان بولۇپ، روھىي ئازاب ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي تۈۋرۈكىدىن –ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بىز بۇ ماقالىدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينى :ئەركەك يازغۇچى“ دەپ ئاتىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىشىمىز ئاساسىسىز ئەمەس. يازغۇچى يىگىتلىك چاغلىرىدىلا ئۇرۇشقا قارشى پىدائىيلارنىڭ تەركىبىدە جەڭگە قاتناشتى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چۈشكۈن ياشلارنىڭ يىغىسىنى تىڭ يىغلاپ، ئەسەرلىرىدە شۇنى ئەلس ئەتتۈردى؛ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى؛ خېيىم-خەتەردىن قورقماي، يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى ، فاشىستلارغا بولغان غەزىپىنى ئېنىق ئىپادىلىدى؛ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كاتېر سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىدى؛ ئىجتىمائىي مەسەلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئىجادىيەتتىن باشقا تورېئادۇرلۇق، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئوخشاشلا ماھىرلىقنى يېتىلدۈردى. ئاۋۋال ئۆزى باشتىن كەچۈردى، ئاندىن يازدى. بىزنىڭ بىر قىسىم ياش يازغۇچىلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ ئەر-ئايال تۇرمۇشىنى، جىنىسىي لەززەت، جىنسىي ئاڭنى ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچەپ كەتتى، يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا چەت ئەلگە چىقىپ باقماي تۇرۇپ ياكى چىققان بولسىمۇ ئۇ يەرلەرنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، چەت ئەل ھەققىدە چىنلىقى ئاجىز ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ۋاپاتىغا قىرىق يىل بولغان يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز خېلى جىق. ئۇنىڭدىن بىر يازغۇچىغا خاس خىسلەتلەر ۋە ھەققىي ئەرلەرگە خاس بىر خىل مەردانىلىق تولۇق تېپىلدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ،دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيىدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ يېنىك، ئاممىباب، چۈشنىشلىك، تاۋلانغان تىل ئىشلىتىلدۇ. ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار ھازىرقى زامان جانلىق ئىنگىلىز تىلىدىكى ئوبرازلىق ، پىشقان جۈمىلىلەردىن تاللانغان. بۇ نۇقتىدىن ھېمىڭۋاي ئىشلەتكەن ئىنگىلىز تىلى زاماندىشى، ۋەتەندىشى فولكنېر، بېللوۋ، ستېينبېكلارنىڭكىدىن ۋە ئۆز تەسىرىگە ئۇچىرىغان جامىس جويىسنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ : ”ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى كىشىگە دېڭىز يۈزىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىنى ئەسلىتىدۇ“ دېگەن باھاسىنىمۇ ئۇنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەزرائىلنى كۈتۈش“، ”خۇنخورلار“، كۆۋرۈك بېشىدىكى بوۋاي: ، ”مۇشتۇمزور“ قاتارلىق بىر قانچە ھېكايىسىلا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۆگىنىش ياكى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە ھېمىڭۋايدەك كاتتا يازغۇچىلار جىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىش، ئەسەرلەرنى چۈشىنىش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇلارنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز. ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگگ تونۇشتۇرۇشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە مۇناسىپ قوشۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى 2001- يىللىق سانى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش