ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ماسساچۇستس تېخنولوگىيە ئىنىستىتوتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ماسساچۇستس تېخنولوگىيە ئىنىستىتوتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى

رەسىمدە: MIT (ماسساچۇستس تېخنولوگىيە ئىنىستىتوتى) دا خىزمەت قىلىۋاتقان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ (دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى)

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ۋاشىڭگتون د س رايۇنى يالغۇز ئامېرىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنى، ھەم شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سىياسى ۋە داۋا مەركىزى. بۇ رايۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر بوستون، لوس ئانجىلىس، سان فرانسىسكو، خوستون ۋە نىيۇيوركلاردۇر.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس باشچىلىق بەش ئۇيغۇر زىيالىي، شەنبە كۈنى بوستون شەھرىگە بېرىپ، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خىزمەت قىلىۋاتقان MIT (ماسساچۇستس تېخنولوگىيە ئىنىستىتوتى) دىكى بىر يىغىن زالىدا بوستوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئىغىر ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىن چۈشتىن كىيىن سائەت 3:00 تىن 5:30 غىچە داۋام قىلدى. يىغىن جەريانىدا، ناھايىتى ياخشى ئىنكاس ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كونكىرىت پىلانلار تۈزۈلدى.
يىغىندا، ئاكادىمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان شىتاتلارنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارغا لاگىر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، ئۇلاردىن ئامېرىكىدا ماقۇللىماقچى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدا ماقۇللانماقچى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىگە ماسساچۇسىتس شىتاتىدىكى ئىككى نەپەر سەناتۇر ۋە بىر قىسىم مىللەت ۋەكىللىرى ئىمزا قويغان بولۇپ، بوستوندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار قالغان مىللەت ۋەكىللەرنىڭمۇ ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەيدىغانغا ھەم پىكىردە بولدى.
يىغىن جەريانىدا دوكتور مايسەم مۇتەللىپ سۆز قىلىپ، ئۆزى گەرچە قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىز بىلەن ھىچقانداق پەرىقىنىڭ يوقلىقىنى، ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى نىمە ھېس قىلسا، ئۇنىڭمۇ شۇلارنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەر تىپىپ، كېچىلىرى ئۇخلىيالماي كۆز يېشى قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يىغىن قاتناشقۇچىلارنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەتلىرىدىن دوختۇر مەمەت ئېمىن ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكىدا ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دوختۇر مەمەت ئېمىن خىزمەت قىلىۋاتقان كولۇمبىيا ئۇنېۋىرسىتېتىگە، يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەتلىرىدىن دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر خىزمەت قېلىۋاتقان يېيىل ئۇنېۋىرسىتېتىگە، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ بولسا ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر سىڭلىمىز ئوقۇۋاتقان MIT (ماسساچۇستس تېخنولوگىيە ئىنىستىتوتى) غا ۋە خارۋارد ھارۋارد ئۇنېۋىرسىتېتىگە ئېلىپ كىرىپ كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش توغرسىدا كونكىرت پىلانلار تۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 2019-يىلى قىشلىق تەتىلدىن كىيىن يۇقارىقى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرسىدا لىكسىيە ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكىنىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئېلىپ كىرىش ھەققىدە پۈتۈشتى.

2018-يىلى 17-دېكابىر، ۋاشىڭگىتون

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرىدىن بىر قىسىم خاتىرىلەر

 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش