ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ”نوچى“ ۋە ”پوچى“

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ”نوچى“ ۋە ”پوچى“

توختى مۇزارت
تەرجىمىسىگە تەييارلىغۇچىلار: مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا، فۇرقەت ماخمۇد غازى

ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇفىزىم ئېقىمىنىڭ مەھسۇلى__ نەقىشبەندىيە پىرقىسى تارقىلىپ كىرگەندىن باشلاپ،ئۇيغۇر جەمئىيتىدە يېڭى بىر تارماق—ئىشان مەزھىپى شەكىللەندى.ئەڭ ئاخىرىدا يەنە“ئىشقىيە“ۋە“ئىسھاقىيە“نى بارلىققا كەلتۇردى.(يەنى قارا تاغلىقلار بېلەن ئاق تاغلىقلار). (37)
دەل بۇمەزھەپلەرنىڭ داھىيلىرى ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش بېلەن بوپ كەتكەن پەيتتە،ھەتتا قېرىنداشلار ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىۋاتقان پەيتتە،خەلق ئارسىدا يەنى ئاۋام خەلق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن بىر قىسىم قەھرىمان باھادىرلار،دەرۋىشلەر ۋە قاراقچىلار بارلىققا كەلدى.ئۇلار بەزىدە“ئادەم ئۆلتۇرۇپ ئوت قويۇش،مال-دۇنيا بۇلاش“ئارقىلىق،ھۆكۇمرانلارنى،يۇقىرى قاتلام ئاق سۆڭەكلەرنى،بايلارنى دات دېگۈزىۋېتەتتى.ئۇلار“نوچى“ياكى“پوچى“دەپ ئاتىلاتتى.
1.“نوچى“ۋە“پوچى“
(1) ”نوچى“: ئۇيغۇر تىلىدا نوچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەسلى مەنىىسى“ئەزىمەت“،“ باھادىر“، ”قەھرىمان“، ”ئەركەك“ ئىدى.
(2) ”پوچى“ ئۇيغۇر تىلىدا پوچىنىڭ ئاھاڭ تەجىمىسى بولۇپ،ئەسلى مەنىسى“پو ئاتقۇچى“،“گەپلام قىلىپ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان“،“دەرۋىش“ئىدى.ئۇلارنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ سۇفىزىم تەرىقىتى ۋە تارماق مەزھەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا تارقىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جەمئىيتىدە پەيدا بولغان ئەييار پەھلىۋان يەنى جانباز ۋە دەرۋىش گورۇھى بېلەن تېخىمۇ مەنبەداش ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام جەمئىيتىدىكى بۇ“باھادىر“لار ئەڭ دەسلەپتە 9-ئەسىردىكى ئابباسىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى باغدات ۋە خۇراسان رايۇنلىرىدا پەيدا بولغان.(38)
”باھادىر“ ئەرەپچە ”ئەييار“(كۆپلۈك شەكلى“ئەييارەن“)؛ئەسلى مەنىسى“جاھانكەزدى“،“ئىستېداتلىق كىشى“، ”قاراقچى“،“لۈكچەك“ دېگەندەك. ئۇندىن باشقا يەنە“شۇتتار (مەنىسى تەدان،ناكەس،پوچى)“ ،“ئاھداس“(ياش كىشى)،لۇت(تەۋراتتىكى كىشى ئىسمى)قاتارلىقلار. پارس تىلىدا“جاۋان-مەردان“(مەنىسى باتۇر)،“پەھلاۋان“(چېچەن،باتۇر،كېلىشكەن) دېگەندەك.تارىختا تۇنجى ئىسلام“باھادىر“ىنىڭ ئىسمى“ئەبۇھۇريان“بولۇپ، پېرسىيەنىڭ خۇراسان رايۇنىدىكى كاتتا باھادىردۇر.ئۇ 807-يىلى پەيدا بولغان.ئورتا ئەسىردىكى ئىسلام جەمئىيتى بولۇپمۇ ئىراق، ئىران ۋە ئورتا ئاسىيا رايۇنىدا پەيدا بولغان“باھادىر“ۋە“دەرۋىش“گورۇھىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك بولغانىدى.ئۇنداقتا بۇ خىل“باھادىر باتۇر“لۇق بېلەن“مۇتىھەم كۆككۆز“لۈك ئەپتى ۋە ئورنى ئۆز-ئارائالمىشىپ تۇرغان،يەنى فېئودال ھۆكۈمرانلار ،ئاقسوڭەكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلار بىر ئوچۇم“مۇتىھەم كۆككۆزلەر“ئىدى،ئەمگەكچى خەلقنىڭ نەزىرىدە بولسا“باينى بۇلاپ،كەمبەغەللەرنى يۆلەيدىغان“ ”پىدائي باھادىرلار ۋە تەنھا قەھرىمانلار“ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر جەمئىيتىگە تارقىلىپ كىرگەن“نوچى“ۋە“پوچى“دەل“ئەيياران“نىڭ ئۇيغۇرچە ۋارىيانتىدۇر.گەرچە ئۇلاردا ھوقۇق بولمىسىمۇ،ياكى ئېسىلزادە جەمەت كۈچلىرىگە ئىگە ئەمەس بولسىمۇ،ھەممىسى ئاددىي ئاۋام ، يېتىم بالىلار،سەرگەردانلار ئارىسىدىن يېتىشىىپ چىققان“پالۋان باھادىرلاردۇر،ئۇلارنىڭ“خەلق ئۈچۈن ئەسكىلەرنى يوقىتىش“،“ئۆزىنى پىدا قىلىپ،باشقىلارنى قۇتقۇزۇش“،“كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش“تەك ”پالۋانلىق خىسلەتلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئارسىدا ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا تارقىلىپ،“قەھرىمانلىق قىسسىسىغا“ئايلانغان.مەسىلەن،ئىلى دىيارىدا كەڭ تارقالغان چىن تۆمۈر باتۇر،قەشقەر رايۇنىدا تارقالغان سېيىت نوچى قاتارلىقلار.بۇ ئەپسانىۋىي شەخسلەرنىڭ پەيدا بولۇشى،دەل ئالدىدا قەيت قىلغىنىمدەك،سۇفىزىمنىڭ تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئۇيغۇر جەمئىيتىگە تارقىلىىپ كىرگەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن سۇلۇك-پىرقىلەرگە بۆلنىشى بېلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ يەنە“باھادىرلار ۋە دەرۋىش“لەرنىڭ تەسىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساسى شەرتلەرنى ھازىرلاپ بەرگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا،قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاڭ ئاۋات تۈگۈنلىرىدىن بىرى بولۇپ،ياۋرۇ-ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ ئالماشتۇرۇلىشىدىكى بېكىتى،يىغىلىش تۈگۈنىدۇر.14-ئەسىردە سۇفىزىمنىڭ تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ،بۇ رايۇندا تېزدىن ئەۋج ئالغان.بۇ خىل تارىخىي شارائىتتا نەقىشبەندىيە سۇلۇكى 14-ئەسىردە ئورتا ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن. بۇ سۇلۇكنىڭ بەرپاچىسى باھاۋۇددىن نەقىشبەندى(1317-1389).ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد بىن باھائۇلىددىن ئەلبۇخارىدۇر.نەقىشبەند نىڭ مەنىسى ”نەقىش“،“نەققاش“تۈر،ئېيتىلىشىچە، ئۇ دۇئا قىلغاندا كۆكسى ئالدىدا قول ئىشارىتى بېلەن رەسىم سىزغانلىق مەنىسىدە بولۇپ ،بۇ نامدا ئاتالغان،يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ مەسجىدنىڭ تۈۋرۇك-ئايۋانلىرىنى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھۆسنىخەتلىرى بېلەن بېزىگەنلىكى ئۈچۈن؛يەنە ئۇنىڭ لەقىمىنىڭ مەناسىنى ”كامالەتتە تەڭداشسىز ئىلمۇ كەلامنى نەقىش قىلغۇچى“دەپ چۈشەنگەنلەرمۇ،ھەتتا تېخىمۇ سىرلىق ھالدا“كامالەتكە يەتكەن قەلبنىڭ مۇكەممەل شەكلىدۇر“دەپ چۈشەنگەنلەرمۇ بولغان.
رېۋايەت قىلىنىشىچە،باھاۋۇدۇن بۇخارى ھېجىريە 717-يىلى(1317-يىلى)تۇغۇلۇپ،ھېجىيريە791-يىلى (1389-يىلى) ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆز يۇرتى بۇخارانىڭ يېنىدىكى يېزىدا 18 ياشقا كىرگەندە بۇخارا بىلەن رامىتان ئارىسىدىكى سامماس يېزىسىغا ئەۋەتىلىپ،مەشھۇر سۇفى بابا سامماسىدىن سۇفىىزىم تەرىقىتىنى ئۆگەنگەن. ئۇستازىنىڭ ئىستىقامەت ئۇسۇلى بويىچە يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر قىلىش كېرەك ئىدى.(زىكىر ئەرەپچە،مەنىسى ”ئەسلىمەك“بولۇپ،ئاللاھنى مەدھىيلەيدىغان،ياد ئېتىىدىغان دىنىي مۇراسىمدۇر.) بىراق باھاۋۇدۇن نەقىشبەندى توۋەن ئاۋازدا ئوقۇشنى ئىختىيار قىلدى.بۇ خىل ئۇقۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق ئۇستاز-شاگىرت مۇناسىۋىتىنى بۇزدى.دېيىشىچە،ئاخىرى بابا ساماس ئۇستاز باھاۋۇدۇننىڭ مەخپىي ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنى ئوزىگە ئىز باسارخەلىپە قىلىپ تەيىنلىدى.
باھاۋۇدۇن بۇخارا قاتارلىق جايلاردا يىللارچە سەييارە ئوقۇپ،تەسەۋۋۇفنى تەتقىق قىلىپ،ئىنتايىن چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولدى.ئۇ ”پانى ئالەم زاھىررىيدۇر،ئاللاھ بولسا باتىنىيدۇر“دەپ قارايتتى.تەلىماتى ئىنتايىن كۈچلۈك دىئالىكتىك پۇراققا ئىگە ئىدى.ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى بۇ دۇنياغا ئەھمىيەت بەردى،تەركىدۇنياچىلىققا ۋە زاھىدلىققا قارشى تۇرۇپ،رېئال تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى،ئەمگەك قىلىشنى ۋە ھۈنەر ئىگىلەشنى تەرغىپ قىلدى.تەسىرىنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ،كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ،سۈكۈتتە دۇئا قىلىشىپ،ئىبادەت قىلىپ،قەلبىنى پاكلايتتى ھەم ناماز،ئىستىقامەتنىڭ تاشقى شەكلىگە ئەھمىيەت بەرمەيتتى بەلكى تۆۋەن مۇقامدا زىكىر ئېيتاتتى،مۆتىدىل تەسەۋۋۇفقا تەۋە ئىدى.
15 -ئەسىردە نەقىشبەندىيە سۇلۇكى ئوزلىرىنىڭ 3-پىرى خوجا ئەھرار دەۋرىنى كۈتىۋالدى.بۇ ۋاقىت شەرقى چاغاتاي خانلىقى خىزىر خوجاخاننىڭ نەۋرىسى ئۇۋەيىسخان خانلىق تەخت تالىشىىشتىن قېچىىپ چىقىپ،بۇخارا ئەتراپىدا سەرگەردان بولغان چاغلاردا بۇ سۇلۇك بېلەن ئۇچراشتى.ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى يۇنۇسخان زامانى دەل خوجا ئەھرارنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن دەۋرىدۇر. يۇنۇسخان ”قېرىغان ۋاقتىدا،كۈنسېرى ئۆتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىپ،ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن تېۋىندى.“،ئەھرارنىڭ ئەڭ بۈيۈك شىاگىرتى بوپ قالدى.(39)
نەتىجىدە خوجا ئەھرارنىڭ داڭلىق شاگىرتى داموللا مەۋلانا مۇھەممەد غازى مەھمۇدخاننىڭ مەنىۋىي ئۇستازىغا ئايلاندى.
ئەھرار بۇ داڭلىق دىنىي ئۇستاز ھېجىريە 895-يىلى(1490-يىلى)ئالەمدىن ئۆتتى.ئىزباسارى مەۋلانا مۇھەممەد غازىمۇ ھېجىريە 921-يىلى(1515-يىلى) ۋاپات بولدى.شۇنداق قىلىپ،نەقىشبەندىيە سۇلۇكىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى تەدرىجى ھالدا مەخدۇم ئەزەمنىڭ زېممىسىگە چۈشۈپ،5-نوۋەتلىك پىرى بولدى.ئۇنىڭ سوفىزىم تەسەۋۋۇفىنىڭ ئىلمى سەۋەبىدىن،ئورتا ئاسىيادىكى سۇفىلار ئارسىدا كاتتا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىدى،كېيىنكىلەر تەرپىدىن“دىننىڭ نۇرى ۋە تۈۋرۈكى ”دەپ تەرىپلەندى.(40) ئۇ سۇننى مەزھەپ بولۇش بېلەن،سۇفىلارنىڭ دائىم خانىقادا ياشىشىنى تەشەببۇس قىلدى،ئۇ يەنە تەنھا زاھىد ئىستىقامەت قىلىشنى رەت قىلدى،نەقىشبەندىيە سۇلۇكىنىڭ سۇلۇك قائىدە -تۈزۈملىرىنىمۇ تەڭشىدى،“توۋەن ئاۋازدا زىكىر قىلىش“،ھەدىيە تاپشۇرۇش،ئۇلارنىڭ ”چۇقان سېلىپ زىكىر قىلىشىغا ۋە ساما ئۇسۇلى ئوينىشىغا ئىجازەت بەردى،ھەمدە مۇزىكا ھۇم سېلىىشقا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى نوۋەتلىك ئۇستازىغا ئوخشاش ئىنتايىن زور تەسىرگە ئىگە سۇفى داھىدۇر.مەخدۇم ئەزەم (مەنىسى بۈيۈك ھۆكۈمران) مۇ 1542-1543-يىلى (ھېجىريە 949-يىلى) ۋاپات بولدى.
ئۇنىڭ تەربىيىلىگەن نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئارىسىدا ئىشان كالان(يەنى مامۇت يۈسۈپنىڭ بوۋېسى) ”ئىشقىيە“ يەنى ”ئاق تاغلىقلار“نى بەرپا قىلدى.7-ئوغلى ئىسھاقبەگ ”ئىسھاقىيە“يەنى“قارا تاغلىقلار“نى بەرپا قىلدى.قېرىنداش ئىككەيلەننىڭ سۇلۇك-مەسلەكلىرى پىرىنسىپ جەھەتتە چوڭ پەرق قىلمايتتى.ئاق تاغلىقلار ئىبادەتتە قۇرئان ئوقۇغاندا مەخپىي قىرائەت قىلاتتى،بۇ“خۇپتىيە“دەپ ئاتالدى،“قارا تاغلىقلار“ بولسا قىرائەتنى يۇقىرى ئاۋازدا قىلاتتى،بۇ“جەھرىييە“ دەپ ئاتالدى.ئەمما ئۇلار دائىم يوقىلاڭ ئۇششاق ئىشلار توغرىلىقمۇ تالىشىپ قالاتتى.ئاخىرى بۇ خىل دىنىي تالاش -تارتىش تەرەققىي قىلىپ،ھايات -ماماتلىق ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۆرىشىگە ئايلىنىپ،ئاۋام پۇقرالارنىمۇ ئۆچمەنلىك دېڭىزىغا باشلاپ كىردى. قېرىنداشلارنىڭ ئوزئارا قىرغىنىچىلىقى ۋە تالاش-تارتىشى توپتوغرا 300 يىل داۋام قىلدى.
ئۇيغۇر جەمئىيتىدە سۇفىلارنىڭ تەرىقىتىدە يەنە 4 فىرقە يەنى 4 سۇلۇك (سۇلۇك ئەرەپچە،ئەسلى مەنىسى ”ساياھەت“) بولۇپ،تەرىقەت مەشغۇلىدىكى تەسەۋۋۇف مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: ئىناقىيە:ئاساسلىقى تەرىقەتنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدە ياكى بەلگىلىك كۈنلەردە ياكى ۋاقىتتا ”ئاخشاملىرى مۇرتلار ئىبادەتگاھقا يىغىلىپ(ئادەتتە سۇفىنىڭ ئۆيىگە)،ئىشىكنى شەپىسىز تاقاپ،تاكى سەھەرگىچە نەشىد ئېيتىىپ،ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ.
ئىسھاقىيە: ئاساسلىقى ”كۈندۈزى سۇفىلار يىغىلىپ،ياكى ھالقا شەكىلدە ئولتۇرۇپ ”قۇرئان ئوقۇيدۇ،ئاندىن نەشىد ئوقۇيدۇ،ئارقىدىن ساما ئۇسۇلى ئويناپ ھاي!ھاي! ۋاي! دەپ يىغلىشىپ ۋارقىرىشىدۇ،بۇ ئارقىلىق ئۆتكەن ۋەلىىسى —ئۇستازلىرىنى دۇئا قىلىپ ئەسلەيدۇ.
داۋانىيە: ئاساسلىقى“ھەرھەپتە(جۈمە)كېچىسى يىغىلىپ كاتتا ئەۋلىيا مازارلىرىغا يىغىلىپ،ئىبادەت ۋە دۇئا قىلىدۇ ھەم يىغلىشىپ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر داۋام قىلىشىدۇ. ”
ئىشقىيە: ئالدى بېلەن تەرىقەتكە كىرگەنلەردىن تۆۋەنامەيېزىشنى،ئۇستازغا شەرتسىز بويسۇنۇشنى جېكىلەيدۇ ھەمدە داۋاملىق ئېتىكافتا ئۇستازلارنى ئەسلەشلا تەرىقەت يولىنىڭ قائىدىسىدۇردەيدۇ.تەرىقەت يولى ياخشى مۇرتلار ئۆسۈپ ئۇستازلارنىڭ ئىزباسارى بولالايدۇ…..(43)
2.“ئۇۋەيىس“ تەرىقىتى
ياركەنت خانلىقى قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە،ئەھرارنىڭ نەۋرىسى ۋە خوجا مۇھەممەد يۇسۇپ سەمەرقەندتىن قەشقەرگە كېلىدۇ،سەئىد خان دەرھال خوجىنىڭ تەرىقىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ،ئۆزىنىڭ پىرى قىلىپ قول بېرىدۇ.سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،چوڭ ئوغلى ئابدۇلرەشىد تەختكە ئولتۇردى.كۇچادىكى ئەرشىدىن خوجىنىڭ جەمەت كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،رەشىدخان مۇھەممەد شەرىفكە تايىنىدۇ.
مۇھەممەد شەرىف ئوتتۇرا ئاسىيا سايراملىق(ھازىرقى قازاقىستان چىمكەنت). ئۇ 7 ياشتا دادىسىدىن ئايرىلغان بولۇپ،ئائىلىسى بەكمۇ كەمبەغەل ئىدى.“مۇھەممەد شەرىفخان تەزكىرىسى“دە خاتىرلىنىشىچە ئۇ“سەئىد ئەۋلادى“ بولۇپ،ئۆزىنى ئەلىنىڭ 22-ئەۋلاد نەۋرىسى دەپ ئاتىغان،خوجىلار تەزكىرىسىنىڭ نەسەب شەجەرىسى مۇھەممەد پەيغەمبەرگە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ”ئۇلۇغلۇق نەسەبى“نى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس،بىراق ئۇنىڭ ئانىسى توقۇمىچى بولۇپ،كەمبەغەل ئائىلە ئىدى،ئۇ يىپچىلىقتىن كىرگەن ئازغىنە كىرىم بىلەن ئۇنى ئوقۇتقنىنىڭ دەلىللىرى مەۋجۈت.ئۇ بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن سەمەرقەندتىكى يەسەۋى ئېقىمىدىكى ئىلمۇ كالام مەدرىسىدە ئوقۇدى.(44)
ئۇ يەردە سۇفىيزىمنىڭ ھەر خىل كىتابلىرى ۋە تەرىقەت يوللىرىنى ئۆگەنگەن،تەسەۋۋۇفلارنىڭ ئىستىقامىتى بېلەن مەشغۇل بولغان،ھەم“قېتىرقىنىپ تېرىشىپ“ئۇستازىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن،ھەمدە مۇرت قوبۇل قىلىش،سۇفىىزىم تەرىقىتىنى تارقىتىش سالاھىيتىگە ئىگە شەيخ ئۇستاز بولغان( ئەرەپچە ئاھاڭ تەرجىمە بولۇپ،مەنىسى ”بۇزرۇكۋار“).
مۇھەممەد شەرىف سەمەرقەندتە 30 يىل ئىستىقامەت قىلغاندىن كېيىن،سىرتقا سەپەر قىلغان.ئۇ ئاۋال ”ئەڭ كارامەتكە ئىگە ”مۇقەددەس مازارلاردىن بىرى“خوجا ئەھمەد يەسەۋى“نىڭ قەبرىسىنى ،ئاندىن ئۇ قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى ئاتۇشقا كېلىپ،ساتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.بۇ زىيارەت داۋامىدا ”بىلمەستىن مازارنىڭ سىرىنى ئېچىۋەتكەنلىكى ئۇچۇن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، گۇناھىنى يۇيغان“. ھەجدىن كېيىن ھىندىستان قاتارلىق جايلاردا سەرگەردان بولۇپ ئاخىرى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن.
ئۇ ياركەنت ھۇدۇدى ئىچىدە دائىم مازارلار ئارىسىدا يۈرگەن ،كىينىشلىرى غەلىتە،سوز-ھەركەتلىرى سىرلىق بولغاچ،نامى بارا-بارا تارقىلىشقا باشلىغان.كېيىن ئۇ رەشىدخان بېلەن تونۇشقان،ھەم خاننىڭ ئالدىدا كارامەت كۆرسىتىش ئارقىلىق،ئوزىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىنلىشالىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن،شۇڭلاشقا رەشىدخاننىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە خاننىڭ يېتەكچى ئۇستازىغا ئايلانغان. ئۇ يەكەندە ئون نەچچە يىل تۇرغان.ئارىدا ئىككىنچى قېتىم ئاتۇشقا بېرىپ ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى تاۋاپ قىلغان ھەم ئۇ يەردە يەتتە يىل زاھىد بولغان.(45)
مۇھەممەد شەرىف گەرچە ئاساسلىقى يەكەن رايۇنىدا دىن تەبلىغ قىلغان بولسىمۇ،بىراق قەشقەر،يېڭىسار ۋە ئاقسۇ،كۇچا،تۇرپان،خوتەن قاتارلىق رايۇنلاردا ئازبولمىغان ئەگەشكۈچىلىرى،مۇرتلىرى ھەر يىلى ئالدىغا كېلىپ تەبلىغ-خۇدبىلىرىنى ئاڭلىغان.ئۇ سۇفىزىم تەرقىتىنى تارقىتىش بېلەن بىر ۋاقىتتا،يەكەن دولىتىدە ئوزىنىڭ پىرقىسى-ئۇۋەيىسنى بەرپا قىلغان.ئەسلى مەناسى ”ھەيۋەت“ياكى ”تەھدىد كۈچىگە ئىگە كىشى“.“ئۇۋەيىسخان تەزكىرسى“دە خاتىرلىنىشىچە خان ۋە خوجا بۇخىل قۇدرەتكە ئىگە ئادەملەرگە تەۋەمىش.بۇ پىرقە تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر بوستانلىقلاردىكى مۇرتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر سۇفىي كوللېكتىۋى ئىدى. پىرى ياكى ئۇستازى ”شەيخ“دەپ ئاتىلاتتى،قول ئاستىدا“خەلىپە“(پىرنىڭ ۋاكالەتچىسى)،پىرقىنىڭ شاگىرتى ”سۇفى“،ئادەتتىكى مۇرتلىرى ”مۇرت“(ئەگەشكۇچى)لار بار ئىدى.بۇ پىرقىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن قاتتىق تەشكىلگە ئىگە ئىدى.بۇ سۇلۇك ئوتتۇرا ئاسىيا ،كىچىك ئاسىيادىكى يەسەۋىچىلەرنىڭ سۇفىزىم تەشەببۇسلىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرىنى ساقلاپ قېلىش بېلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە شامان دىنىنىڭ ئۇدۇملىرىنى قوبۇل قىلىپ،يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئارسىدىكى تەسەۋۋۇفنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
مۇھەممەد شېرىف تەخمىنەن ھېجىريە973-يىلى)(1566-1566)-يىلى ۋاپات بولغان،دېيلىشىچە 95 ياشتا ئىكەن.ئۇ ئولگەندىن كېيىن چوڭ شاگىرتى مۇھەممەد ۋەلى سوفى شەيخلىقنى داۋاملاشتۇرغان.كېيىن ئۇمۇ ئابدۇلكەرىمخاننىڭ مەنىۋىي ئۇستازى بولغان. ئامما ”ئۇۋەيىس“نىڭ ئۇيغۇر رايۇنىداتاكى ھازىرغا قەدەرمۇرتلىرى ھەم تەسىرى بار.مۇئەللىپ تېخى بالا ۋاختىدا يۇرتىدا 3 سوفىنى كۆرگەن.ئۇلار داۋۇت سوفى،ئىبراھىم سوفى،موللا نىياز سوفىلاردۇر.ئۇلار تا 20-ئەسىرنىڭ 80-90يىللىرىغىچە ياشىغان.
3.سىرلىق سوفىنىڭ تېشىدىكى نوچى ۋە پوچى
باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك سۇفىنىڭ ئەسلى مەنىسى“ئىستىقامەت،نەپسىنى يىغماق،ئىخلاس بېلەن ئاللاھنى ياد ئەتمەك“تۇر.بىراق نەقىشبەندىيە تەرىقىتىنىڭ سوفىلىرى يەكەن خانلىقىغا كىرگەندىن كېيىن،مەنسەبدار-بايلار بېلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ،دىنىي ھوقۇق ۋە دۇنيائىشلىرى ھوقۇقىنى تالىشىپ يۇقىرى ئورۇن ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشكەن.مەسىلەن:“ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق“سوفىلار پىرى.شۇڭلاشقا سۇفىزىمنىڭ“تەۋبە،سەبىر،شۇكۇر،قانائەت،سۈكۈت،مۇتلەق ئاللاھقا بۇيسۇنۇش“قاتارلىق دىنىي ئەھكاملارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە خىلاپلىق قىلشقان ياكى يىراقلاپ كەتكەن. شۇنىڭ بېلەن يەنە سۇفىلارنىڭ تېشىدا ئىسلامنىڭ“باھادىرلىرى ۋە دەرۋىش“كۈچلىرى پەيدا بولغان يەنى ”نوچى ۋە پوچىلار“.

ئۇيغۇر جەمئىيتىدە پەيدا بولغان نوچى ۋە پوچىلار بولسا تەسەۋۋۇفچى سوفىلاردىن ئايرىلىپ چىققان تېخمۇ“سىرلىق“كىشىلەر ئىدى.
مەن بالا ۋاقتىمدا،باشلانغۇچ مەكتەپكە بارغۇچە ئۆز كۆزۈم بېلەن مۇنداق مەنزىرىنى كۆرگەنتىم:بىزنىڭ يۇرتتىكى بىر يېزىدا بىر ”نوچى“بولۇپ،7-ئايدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا بېشىغا تۇماق،ئۈستىگە قوي تېرە جۇۋا،پۇتىغا پىيما كىيىپ يېزىنىڭ توپا يوللىرىدايۈرەتتى.12-ئايدىكى قەھرىتان سوغۇقتا بولسا ئۇچىسىغا پەقەت بىر تال كالتە يەڭ ماتا كوڭلەك،ئاستىغا ئاق رەڭلىك كەندىر تامبال كىيىپ قارلىق يوللاردا مېڭىپ يۈرەتتى.مەن ھەيران بولۇپ چوڭلاردىن سورايتتىم:ئۇلار توڭلىمامدۇ؟ چوڭلار دەيتى:ئۇلار نوچى،بۇ ئۇلار كورسەتكەن كارامەتلەر“.بۇ ئەھۋال 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتى.ئۇ دەۋر ۋە بۇرۇن بۇنداق ئادەملەرنى كورگىلى بولاتتى:“ئۆينى تەرك ئەتكەن،تىرىكچىلىكنى تاشلىغان،پاخما باش يالاڭئاياغ،جۇلدۇر كىيىنىپ،قوي تېرىسى ئارتىپ،قولىدا ھاسا،ئۈستىگە ھوشۇق ئېسىۋالغان بولۇپ،كۆپىنچە غەلىتە قىياپەتتە،ئىسسىق-سوغۇقتىن قاچمايدۇ،يول بويى تىلەمچىلىك قىلىدۇ.كىشى ئۇچراتسىلا بېچارىلارچە سۆزلەيدۇ.ئەگەر ئوزىنى قامدىيالمىسا،يا كىشىلەرنىڭ مازارلىرىدايىغىلىپ،ياكى غارلاردا تۇرىدۇ، ئىستىقامەت دەپ ئاتىلىدۇ،دەرۋىش سانىلىدۇ.(بۇ جايدىكى ”دەرۋىش“ پارسچە مەنىسى ئۆيمۇ-ئوي تىلەش،ئەرەپچە ”فەقىر“ مەنىسى“كەمبەغەل“.) تارىختا بۇ خىل دەرۋىشلەرقەشقەر،يەكەن،خوتەن ۋە كۇچا تەرەپلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر جەمئىيتىدە“موللا““ئىمام“،“ئاخۇن“ يەنە“شەيخ“، ”پىر“ ”ئىشان“ھەممىسى سۇفى تەرىقىتىنىڭ“ كادىرلىرى“دۇر.
موللا ئەسلى مەنىسى ”خوجايىن“،“ھىمايىچى“،ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنى ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. پىر ئەسلى مەنىسى ئۇستازدۇر.
ئىشان: ۋېليام بارتولدنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ سوز ئەسلى پارس تىلىىدىكى ئۈچىنچى شەخس كۆپلۈك شەكلى“ئۇلار“(47) بولۇپ،كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر قوبۇل قىلىپ،ھوقۇق كۈچلىرىنىڭ ھورمەت نامى بولۇپ ئۆزگەرگەن. كېيىنچە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دىنى كۆچۈرۈپ قوللانغان،دىنىي رەھبەر ياكى دىنىي كەسىپدارلارنىڭ بىر خىل ئۇنۋانى بولغان،“پىر“،“شەيخ“لەر بېلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە.ئۇيغۇرلارئىچىدە ئاۋال مەھمۇد ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى مامۇت ئىمىن ئىشاننىڭ“ئىشان كالان“(”كالان“يەنى ”ئەركەك شىر“ مەنىسىدە) ئۇنۋانى بار. شۇندىن باشلاپ ئىشان ئىسمى سوفىلار ئىچىدە دائىم ئىشلىتىلىدۇ.
بۇندىن باشقا يەنە ”ھىلىگەر كالانلار“،“ئالدامچى شەيىخ“،“رىياكار سۇفى“قاتارلىق سەلبىي ناملارمۇ بار.بۇ ”رىياكار سۇفى“ (تەسەۋۋۇفقا تەۋە)پوچىلارغا تەۋە.ئۇلار ھازىرغىچىلىك خەلق ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىقلىق.دائىم“كارامەت“كۆرسىتىش(كارامەت يەنە مازارلارنىڭ كارامەت پەيدا قىلىشى)،“مۆجىزە يارىتىش“نامىدا ئېتىقادچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش، دېيشىچە“ھەممە كېسەلنى سەللىمازا ساقايتارمىش،بولاپمۇ ھازىرقى زامانىۋى تىبابەت ساقايتالمىغان جاھىل كېسەللەرگە بۇ ”موللا،ئىشانلار“نىڭ بەكمۇ شىپاسى بارمىش دېگەندەك. بۇ ئارقىلىق مۇرتلارنىڭ مال-دۇنياسىنى ئالداپ ئېلىۋالىدىكەن.بۇنىڭ دەل قارشىسىدا نوچىلار پۈتۈنلەي باشقا خاراكتېر ۋە خۇيدا مەۋجۇت بولغان بولۇپ،ئۇلار ئەسكىلىككە ئۆچ،مەزلۇملارغا قاراپ تۇرمايدىغان،كەمبەغەل ئاۋام بوزەك بولسا ئۇلار ”باھادىر“لىق خىسلىتىنى نامايان قىلىپ،بايلارنى بۇلاپ،كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلغان.شۇڭا ئۇلار دائىم ئوخشىمىغان ئىككى يۈز بېلەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كورۈنگەن.ئۇلار گەرچە ”سوفى“بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئورنى كاتتا،مۇرتلىرى بار،ھوقۇق-ئىمتىيازلارغا ئىگە،ئاچكۆز،راھەتپەرەست سۇفى ئىشانلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل تەسەۋۋۇفتۇر.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كارامەت كۆرسىتىپ(كارامەت يەنى مۆجىزە) ئاجىزلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. يەنە كېلىپ بۇ ئەينى دەۋردىكى بەزى تارىخىي شارائىتتا،بولۇپمۇ سوغۇق قورال دەۋرىدە ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنىڭ باتۇر جاسارىتىنى نامايان قىلغان.شۇڭلاشقا،ئۇلارنىڭ پالۋانلىق روھى خىلق ئارىسىدا ئېغىزمۇ ئېغىز تارقىلىپ،ئەدەبىي شەكىلدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا كۆچۈپ،بىر قەھرىمانلىق داستانىنى ياراتقان.
4. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نوچى ۋە پوچى قىياپەتلىرى

1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىغان“ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ غا جەمئىي سەككىز داستان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئۇلار ئىلى دىيارىدا كەڭرى تارقالغان چىن-تۆمۈر باتۇر،قەشقەر رايۇنىدا تارقالغان سېيىت نوچى،خوتەن دىياردا تارقالغان ئابدۇراخمان خوجا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.(48) ئۇندىن باشقا يەنە قەھرىمانلىق داستانىدىن يۈسۈپ-ئەخمەت،مىن كۇن باتۇر،رۇستەمى داستان قاتارلىقلار.(49)
چىن تۆمۈر باتۇردا تۆۋەندىكى ۋەقە بايان قىلىنىدۇ:ئوتتۇرا ئەسىردە ئىلى دىيارىدا بىر خاقان خانىشىنىڭ يالغان-ياۋداقلىرىغا ئىشىنىپ،ئۆزىنىڭ مەلىكىسى ئەمدى تۇغقان ئوغلى چىن تۆمۇر باتۇر ۋە مەختۇمسۇلانى كۆلگە تاشلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.نەتىجىدە،بىر قوڭۇر ئېيىق بۇ ئىككى بالىنى بېقىۋالىدۇ.ئوغۇل قوڭۇر ئېيىقنىڭ بېقىشى بېلەن بالاغەتكە يېتىپ،يولۋاس كۆكرەكلىك،ئېيىق بەللىك،بەقۇۋۋەت كۇچتۇڭگۈر باتۇر بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تاغقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ،كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىدۇ،سىڭلىسىنى باقىدۇ.ئاكا-سىڭىل ئىككەيلەن بىر-بىرگە تايىنىپ ياشايدۇ،سىڭلسى جامالى ئايدەك،بەكمۇ چىرايلىق چوڭ بولىدۇ.بىر كۈنى ئاكىسى ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە، سىڭلىسىنى يالماۋۇز ئالدايدۇ ھەم سىڭلىسىنىڭ قېنىنى شورايدۇ.ئاكىسى ئوۋدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىڭلىسىنى ئىزدەپ يالماۋۇز بېلەن ئېلىشىپ،نەچچە ئۆلۈپ-تېرىلىپ،ئوزىنىڭ كۈچلۈك باتۇرلىقى ۋە كۈچلۈك تېنىگە تايىنىپ ئاخىرى يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىدۇ….. لېكىن سىڭلىسىنى ئىزدەش داۋامىدا ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.ئاخىردا سىڭلىسى ئاكىسىنىڭ قول ئاستىدىكى پالۋانلارنىڭ ياردىمىدە ئاكىسى بېلەن كۆرۈشىدۇ،بىر ئالمىنى كۆزىگە سۈرتۈش بىلەن ئاكىسىنىڭ كۆزى مۆجىزىلەرچە قايتا ئېچىلىپ، يۇرۇقلۇقنى كۆرىدۇ……
ئىككىنچى ھېكايە «سېيىت نوچى » داستانىدا بايان قىلىنغىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر تۈمەن دەرياسى بويىدىكى بىر يېزىدا بىر سېيىت ئىسىملىك بالا زەبەردەست باھادىر بىر ئەر بولۇپ چوڭ بولىدۇ.ئۇ يامۇلنى ئوغرىلاپ،بايلارنى بۇلاپ،كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىدۇ.يېزىدا،پۈتكۈل قەشقەردە نامى پۇر كېتىپ،خەلق ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان“باھادىر“،“يالغۇز قەھرىمان“غا ئايلىنىدۇ.شۇندىن ئېتىبارەن ”نوچى“ نامىنى ئالىدۇ. يامۇلدىكى ئەمەلدارلار بولسا ئۇنى ”قاراقچى“، ”كۆكەمە“دەپ يامۇلدىكى يايىلارنى تۇتۇشقا ئەۋەتىدۇ.ئۇئادەتتە بىر ئېگىز ئاق ئاتقا مىنىپ،بېلىگە خەنجەر ئېسىپ،دائىم كەمبەغەللەر ئارىسىدا يۈرۈيدۇ،يولدا بوزەك بولغان مەزلۇملارنى كۆرسە ،دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ياردەم قىلىدۇ.يامۇلنىڭ خەلقنى بوزەك ئەتكەننى كۆرسە،ئ قولىغا پىچاق ئېلىپ،مۇشت-پەشۋالىرى بېلەن خەلقنى بوزەك قىلغان يامۇلنىڭ يايىلىرىنى يەرگە ياتقۇزۋېتىىپ،بۇلاپ كەلگەن مال-دۇنيالارنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ.يامۇل ئۇنى تۇتاي دەپمۇ ئامال قىلالمايدۇ. چۇنكى ئۇ“نوچى“،كۇچى بەك زور،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاللاھ ئۇنى قوغدايدۇ،ئۇنىڭغا پالتا-پىچاق ئۆتمەيدۇ. بىر كۇنى ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ،ئېتىغا مىنىپ سەرسان بولۇپ،قارا شەھەر دەريا بويىغا كەلگەندە ئۇنىڭ يېنغا نۇرغۇن ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغۇچىلار ۋە شاگىرتلىرى يىغىلىدۇ.ئۇ يول بويى قوبۇل قىلغان سوۋغاتلارنى يەنە باشقا كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىدۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ نامى قاراشەھەر دىيارىغا پۇر كېتىدۇ.بۇ شەھەردە بىر پوچى بولۇپ بولۇپ،ئادەتتە خەلقنى بوزەك ئېتىدىكەن،دائىم بىرقاۋۇل ئاتقا مىنىىۋالىدىكەن،يۈزلىرى گۆشلۈك، قارىماققا كۈچى بەك زور كۆرنىدىكەن،ئادەتتە ھېچكىم ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە پېتىنالمايدىكەن.ئۇ ئۆزىنى نوچى چاغلاپ،قۇرۇق ھەيۋە كورسىتىپ،خەلقنى بوزەك قىلىدىكەن.خەلق ئۇنىڭغا ئارقىسىدىن ”پوچى“دېگەن لەقەمنى قويغان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر نوچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،كوڭلىدە قايىل بولماي،ئۆزىنىڭ ھەيۋېسىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ بولىدىكەن،شۇنىڭ بېلەن قول ئاستىدىكى بىر توپ چاپارمەنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سىيىت نوچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،جەڭگە چاقىرىدىكەن.سىيىت ئالدىدا يول قويۇپ،ئوزرە سوراپ، بۇنداق بايۋەتچە بىلەن ئېلىشمايدىغانلىقىنى دەيدىكەن،نەتىجىدە ئۇ پوچى نەزىرىدە بوش ، قورقۇنجاق كۆرۈنۈپ قالىدىكەندە ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ بىر مۇشت بېلەن سىيىت نوچىنى يىقىتماقنى چەنلەيدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن سىيىت نوچى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۆمۈردەك مۇشتۇمى بېلەن ئۇ پوچىنى لاي ئېرىققا پۇرلاپ تىقىۋېتىدىكەن.ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كۆككۆز ھارامزادىلەر بۇنى كۆرۈپ بەدەر تىكىۋېتىدىكەن.ئىناۋىتى مەنتاڭ بولغان پوچى، پېتى چۈشۈپ سىالپىيىپ سارىيىغا قايتىدىكەن.ئىككىنچى كۈنى پوچىنىڭ دادىسى دوتەي بۇنى ئۇققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نان قېپى بالىسى ۋە قول ئاستىدىكى توخۇ پوقلىرىنىڭ سىيىت نوچىنىڭ باتۇلۇقىغا پايلىمايدىغانلىقىنى بىلىپ،تۈكنىڭ يېتىشىغا سىلاپ،نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بېلەن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دائىرسىدىن چىقىپ كېتىشنى تىلەيدىكەن. سىيىيت نوچىمۇ غەرەز بىلگەچكە،يامۇلدىن كەلگەن سوۋغاتلارنى ئەتراپىدىكى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ،يەنە ئۆزى يالغۇز ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېتىدىكەن.
ئۇچتۇرپان دوتىيى ماشاۋۋۇ سىيىت نوچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ،ئىنتايىن قورقۇپ ھەم ئالاقزادە بولۇپ،دەررۇ مەسلىھەتچىلىرىنى يىغىپ قارشى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.چۇنكى بۇ ”سوغۇق قورال“دەۋرى بولۇپ،ئۇ نېشىكەش لەشكەرلەر بېلەن بىر نوچىغا قارشى تۇرۇپ يېڭىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.شۇڭا ئۇ بىر ھىيلە ئويلاپ چىقىپتۇ.دوتەي پەرماندىن بىرنى يېزىپ،ھەمدە سوۋغاتلار بېلەن سىيىت نوچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپتۇ.ئاساسىي مەزمۇنى مەزكۇر يامۇل سىيىتنىڭ داڭقىنى ئۇزۇندىن ئاڭلىغان،تەلىيىگە بۈگۈن بۇ يەردە نوچىنى قارشى ئېلىش نېسىپ بوپتۇ.ئۇنىڭ تاغدىن چۈشۈپ، يامۇلغا ياردەملىشىپ يەرلىكنىڭ ئامانلىقى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى،مال-مۈلكىنى قوغداشقا ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ.سىيىت نېمىلا دېگەن بېلەن نوچى،باتۇردە،مۇشەققەتتىكى خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا ئۇ خۇشاللىق بىلەن قىلىدۇ. بۇ قېتىممۇ مۇستەسنا ئەمەس،ئۇ ما دوتەينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.ئۇ يەردە ”ياخشىنى ياقلاپ،ياماننىڭ ئەدىپىنى بېرىش،خەلققە ياردەم قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. بىر مەھەل ئوغرى-قاراقچىلار يوقاپ خەلق كېچىسىمۇ ئىشىك تاقىمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.سىيىت نوچى بۇ يەردىكى خەلق ئەمىن بولغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ قىلارغا ئىشى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،قەشقەرگە قايتماقچى بولىدۇ. بۇ ئوي دەل ما دوتەينىڭ ئويلىغان يېرىگە كېلىدۇ.ئۇ يالغانلاردىن نوچىنىڭ كېتىشىگە قىيمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنى قەشقەر دوتىيىنىڭ يېنىدا بىر مۇھاپىزەتچى بولۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغانلىقىنى سۆزلەيدۇ ھەم بىرمەخپىي مەكتۇب يېزىپ، بۇنى قەشقەر دوتىيىگە ئاپىرىپ بېرىشىنى تاپىلاپ يول پۇلى ۋە سوۋغا بېرىدۇ.سىيىت ما دوتەينىڭ مەخپىي خېتىنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىدۇ.يولدا بىر كىشى سىيىتنىڭ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ بېقىشىنى مەسلىھەت قىلىدۇ.بىراق ئۇ دوستلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ،ئۇ خەتنى ئوز ئالدىغا ئېچىپ كۆرمەيدۇ.ئەلۋەتتە ئۇ ساۋاتسىز ئىدى(ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى).سىيىت يەنىلام سىيىت ئىدى،بويۇن ئەگمەس پالۋان ئىدى،گېپى گەپ باھادىر ئىدى.ئۇ ئۆزى قىلغان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايتتى،سۆز بەرسە چوقۇم ئورۇندايتتى.بۇ دەل ئۇنىڭ خۇيى ۋە ئىناۋىتى ئىدى.نەتىجىدە ئۇ ما دوتەينىڭ مەخپىي خېتىنى قەشقەر يامۇلىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن،يامۇل ما دوتەينىڭ مەخپىي پەرمانى بىلەن سىيىت نوچىنى تۇتىدۇ ھەم قەشقەر“قۇمۇشبازار“دانامى يەر يۈزىنى تىترەتكەن نوچى—باتۇر باھادىر يىگىتنى جادۇغا بېسىپ ئۆلتۇرىدۇ.
بۇ پاجىئە كىشىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. تەسۋىرلەنگىنى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى باھادىرلار ۋە باھادىرلىق روھىدۇر.
پالۋان ۋە جاھانكەزدىلەر قەدىمدىن بار بولۇپ ،خەن سۇلالىسىدىكى لىيۇ باڭ جاھانكەزدى ئىدى.كېيىن زومىگەر خانغا،باھادىر قەھرىمانغا ئايلىنىپ،تارىختا نامى مەشھۇر ئىمپىرىيەنى قۇرغان؛ لىياڭشەن كۆلىدىكى باتۇر ئەزىمەتلەرمۇ يەنە بىر بۆلۈك باھادىرلار ئىدى.11-12-ئەسىرلەردىكى ياپونىيىدە بارلىققا كەلگەن كىيوۋاراۋا مۇ ئوسمۈر پالۋان بېلەن جاھانكەزدىلەرنىڭ بىرىكمىسى ئىدى.9-12-ئەسىردىكى ئەرەپ-ئىسلام جەمئىيىتى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن ئەيياران(ئەييار،سەرگەردان)، شۇتتار (كۈچلۈك ئەر،باھادىر،لۇكچەك) كىچىك ئاسىيادىكى ئەسكىيا (تاغ ئوغرىسى)، سويغۇنچى (قاراقچى) ، خىرسىز (ئوغرى)،ئەركەكلەر(ئەركەك)، پارسلاردىكى ئاييار(يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش)، پاھلاۋان،جاۋان-مەردان،قاتارلىقلار ھەممىسى پالۋان بىلەن جاھانكەزدىلەرنىڭ بىرىكمىسى ئىدى،ھەممىسى ئىككى قىرلىق ئىدى.(50) بارتولد :ئۇلار ”غازى،فەتىھ دىن باشقا يەنە دائىم مۇتاۋىيە( توغرا يېزىلىشى ئەل مۇتاتاۋىي) دەپ ئاتالغان“.(مەنىسى پىدائىي).بۇ خىل بىرىكىش خۇددى باشقا شەرق جەمئىيەتلىرىگە ئوخشاش تەشكىلى ۋە كوللېكتىپى بار ئىدى.بۇ خىل پىدائىي جەڭ توپلىرىنىڭ ئاتامانى ھەردائىم داڭ چىقىراتتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئېتىراپىغا ئېرىشەتتى…… نەدە بۇلىغىدەك مال-دۇنيا بولسا ئۇلار شۇ يەرگە بېرىپ بۇلايتتى……گەردىزى ”ئەييار“(لۇكچەك) سۆزىنى يۇقىرقى نۇرغۇن سۆزلەرگەئالماش قىلىپ ئىشلىتىشىنىڭ داۋلىسى يوقمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ قىنىغا پاتمىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ شەھەرلەردىكى توپلىغان كۈچى بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ،بۇ خىل ئەھۋال ھەممە جايدا ئوخشاش ئىدى.(51) بۇ شۇنى چۇشەندۇرىدۇكى ئاناتولىيە ئىسلام جەمئىيتىدىكى ئەييارلار بىرلىشىپ مەلۇم گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ،بىر خىل جەمئىيەت كۈچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئۆز دەۋرىدىكى دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.(52)
ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نوچى ۋە پوچىلارنىڭمۇ ئىككى يۈزى بار ئىدى.ئۇلار كەمبەغەللەر ئۈچۈن باتۇر،باھادىر قەھرىمان ئىدى.يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سىيىت نوچى خۇددى ياۋرۇپانىڭ تەنھا قەھرىمانى،باھادىرى زورودەك شەخس ئىدى.ئوخشىمايدىغان يېرى نوچى ۋە پوچى ئۇيغۇر سوفى گورۇھى ۋە ئۇۋەيس تەرەپدارلىرىدىن بۆلۈنۈپ ،ھەتتا قارشى بولۇپ چىققان،دىنىي ”كارامەت“كە ئىگە سىرلىق كۈچنىڭ سىمۋولى بولغان ”تەنھا قەھرىمان“ بولۇپ،ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا جەمئىيەت باھادىرلىرى ”ياخشىنى ياقلاپ،ياماننى ئەدەپلەش،باينى بۇلاپ،كەمبەغەللەرنى يۆلەش“رولىنى ئويناپ كەلدى.لېكىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىمتىيازىغا چېقىلمىدى،تېخمۇ ھەم مەلۇم جەمئىيەت كۈچى ياكى گۇرۇھى ھاسىل قىلىپ،ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسى ياكى قىممەت يۈزلىنىشىگە تەسىر قىلالمىدى. مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نوچى بىلەن پوچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كىچىك ئاسىيادىكى ئىسلام جەمئىيتىدىكى ئەييارلار بىلەن بولغان پەرقىدۇر.ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە دىنىي مەزھەپلەر كۆپ،مەزھەپ كۆرىشى ئۈزۈلمىگەن(قارا تاغلىق ۋە ئاق تاغلىق)،سۇفى ئىشانلار ھەم ئۆزلىرىنىڭ باش دىنىي ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلغان، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا دۈم چۇشكەن.بۇ ئارقىلىق دىنىي ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەتنى ئىجرا قىلغان.بۇ خىل تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئاۋام خەلقنىڭ نوچىلارنىڭ ”باھادىرلىق روھى“غا تەلپۇنىشى ئىنتايىن تەبىئيدۇر.ئەلۋەتتە نوچى بولغان ئىكەن ئۇنىڭغا ماس قارشىسى پوچىىمۇ بارلىققا كېلىشى جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن.ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ،كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا،كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ -ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە چوڭقۇر تەسىىر كۆرسەتكەن.

ئىزاھلار:
37. چېن گو گۇۋاڭ: ”ئوتتۇرا ئاسىيا نەقىشبەندىيە سۇلۇكى ۋە دولىتىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى خوجىلار ۋە غەربىي شىمالدىكى تارماقلىرى“،“ھازىرقى زامان دىنىي تەتقىقات تااللانما كىتابلار—ئىسلام دىنى تومى“،مىللەتلەر نەشىرياتى 2008-يىلى نەشىرى،260-بەت
38. زوتېڭسىگاۋ(ياپونىيە): ”ئىسلام جەمئىيتىدىكى كۆكەمىلەر— تارىختا جانلانغان باھادىر ۋە كۆكەمىلەر“ ،ياپونىيە 3-نەشىرياتى 1994-يىل نەشىرى،73-75-بەت،
39.مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر:“ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى-تارىخى رەشىدى“،نىيۇ-يورك،1972-يىلى،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمىسى،2-نەشىرى،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1983-يىلى نەشىرى،9-بەت.
40.مۇھەممەد جوراس: “ تارىخى رەشىدى زەيلى،قوليازما،خېرۇي تەرجىمىسى،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تارىخ تەتقىقات ئورنى 1983-يىلى نەشىرى،
41.ئۇيغۇرچە ”خاناقا“ مەنىسى ئىبادەتخانا،نامازخانا
42.لىن يۆۋې جى:“قىسقىچە قەشقەرھەققىدە“
43. چېن گو گۇۋاڭ: ”ئوتتۇرا ئاسىيا نەقىشبەندىيە سۇلۇكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى خوجىلار ۋە غەربىي شىمالدىكى تارماقلىرى“،“ھازىرقى زامان دىنىي تەتقىقات تااللانما كىتابلار—ئىسلام دىنى تومى“،مىللەتلەر نەشىرياتى 2008-يىلى نەشىرى،299-بەت
44. ئۇيغۇرچە مەدرىس،دىنىي مەكتەپ،قۇرئان مەكتىۋى
45.“تەزكىرەئى مۇھەممەد شېرىف خوجا“(چاغاتايچە قوليازما)
46.ياڭ جىيەن شىن تۇزگەن: ”قەدىمىي غەربكە ساياھەت شەرھى“،نىڭشىيا خەلق نەشىرياتى 1987-يىلى نەشىرى،284-بەت
47.بارتولد ”ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرك تارىخى“ ،پارىژ،1945-يىل،657-بەت،
48.ئابۇكېرىم راخمان تۇزگەن“ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن تاللانما“ (ئۇيغۇرچە نەشىرى)،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1981-يىلى نەشىرى،21-85-بەت،
49. ئوسمان ئىسمايىل :“ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى ھەققىدە“،“شىنجاڭ گېزىتى“(ئۇيغۇرچە)8-نەشىرى،2011-يىلى5-ئاينىڭ-14-كۇنى،
50. زوتېڭسىگاۋ(ياپونىيە): ”ئىسلام جەمئىيتىدىكى كۆكەمىلەر— تارىختا جانلانغان باھادىر ۋە كۆكەمىلەر“ ،ياپونىيە 3-نەشىرياتى 1994-يىل نەشىرى،2-3–بەتلەر،
51.(روسيە) بارتولد:“موڭغۇل تاجاۋۇزىدا يىقىلغان تۇركىستان“ (1-بولۇم)،جاڭ شىدەن،جاڭ گۇۋاڭ دا تەرجىمىسى،شاڭخەي قەدىم ئەسەرلەر نەشىرياتى 2007-يىلى نەشىرى،248-249-بەت،
52. . زوتېڭسىگاۋ(ياپونىيە): ”ئىسلام جەمئىيتىدىكى كۆكەمىلەر— تارىختا جانلانغان باھادىر ۋە كۆكەمىلەر“ ،ياپونىيە 3-نەشىرياتى 1994-يىل نەشىرى،65-97-بەتلەر،

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش