ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار

2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار

1943- يىلى ئىتتپاقداش ئارمىيە ئىتالىيدە قۇرۇقلۇققا چىققاندا بىر جەڭگاھتا كەسكىن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرالمىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى بىردىنبىر تالاپەت ئىتتپاقداش قىسىمنىڭ بىر ئۇچقۇچىسى پاراشۇت بىلەن سەكرىگەندە دېىڭىزغا چۈشۈپ كېتىش بولغان.

سارالودىن قۇرۇقلۇقىغا چىقىش ئۇرۇشىدا ئىتتپاقداش ئارمىيە ساھىلىدا قارشلىققا ئۇچرىمىغان، بىر جەڭگاھ مۇخبىرى «ئىتتپاقداش ئارمىينىڭ ساھىلدا ئۇچرىغان ئەڭ زور قارىشلىقىنى شۇ جايدىكى ھايۋاناتتىن كەلگەن، چۈنكى پارتىلاشتا شۇ جايدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىدىن قېچىپ چىققان بىر ئامېرىكا يىلپىزى ئامېرىكا ئەسكىرىدىن ئىككىسىنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان» دەپ خەۋەر بەرگەن.

ئامېرىكا ئارمىيسى ساردىن ئارىلى يېنىدىكى ئىككى كىچىك ئارالنى توپقا تۇتقان، بۇ ئاراللاردا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىتالىيىلىك ماكانلاشقانىدى. ئاخىرىدا ئىتتپاقداش ئارمىينىڭ ھۇجۇمىدا پەقەت 40 ئىتالىيلىك ئۆلگەن، ئىتالىيە ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان.

شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئىتالىينىڭ بىر ئىستھكامىدىن بىر نەچچە بومبا ئېتىلغاندىن كېيىنلا ئاق بايراق چىقىرىلغان، شۇ چاغدا ئىتالىيە ئارمىيسىنىڭ بىر قوماندانى ئەنگىلىيە ئارمىيسىنىڭ قوماندانىغا كەسكىنلىك بىلەن: «بىز ئاخىرقى بومبىنى ئېتىپ بولدۇق» دېگەن، بىراق ئىستىھكامدا ئىتالىينىڭ نۇرغۇن قوراللىرى دۆۋىلىنىپ تۇرغان.

يۇگوسلاۋىيىدە پارتىزانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بىر گېرمانىيلىك ئوفىتسېر ئەجەبلەنگەن ھالدا: «سىلەر تانكىغا قارشى سنارەدنى نەدىن تاپتىڭلار؟» دېگەندە، بىر پارتىزان ئۇنىڭغا ئىتتپاقداش ئارمىيدىكى ئىتالىيلىكلەردىن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان گېرمانىيلىك خۇرسىنغان ھالدا: «ھەي، بۇ سۆيۈملۈك ئىتالىيلىكلەرنىزە…….» دېگەن.

شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە تانكىلىرى ئىتالىينىڭ تانكىغا قارشى بازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا دەسلەپتە قارشىلىققا ئۇچرىغان، بىراق ئىككى -ئۈچ مىنۇتتىن كېيىنلا ئىتالىيە تەرەپ ئاق بايراق چىقارغان، ئەنگىلىيلىكلەر ھەيران بولۇپ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئىتالىيلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوق- دورا ساندۇقلىرىنى ئاچالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئامالسىز تەسلىم بولغانلىقىنى ئېيتقان.

1940 – يىلى 30- ئىيۇن ئىتالىيىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى مارشال باربورنىڭ ئايروپىلانى ئىتالىينىڭ زەمبىرىكى تېگىپ چۈشۈپ كەتكەن. ئىتالىيىلىكلەر بۇ قاملاشمىغان ئىشنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مارشال باربور ئەنگىلىيلىكلەر بىلەن بولغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى، دەپ خەۋەر بەرگەن.

شىمالىي ئافرىقىدا 5000 كىشىلىك ئىتالىيە ئارمىيسى ئەنگلىينىڭ بىر دىۋېزىيە قىسمىغا يولۇققاندىن كېيىن قورال تاشلاپ تەسلىم بولغان. ئەنگلىيە ئارمىيسى ئەمەلدارى تېلېگرامما ئارقىلىق قانچىلىك كىشىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى سورىغاندا بىر ئىنگلىز موسى كەلگۈدەك ھەربىي ئەمەلدار، توققۇز ئىنگلىز موسى كەلگۈدەك ئەسكەرنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىدىن ئىبارەت غەلىتە جاۋاپقا ئېرىشكەن. ئەسىرلەر بەك كۆپ بولغانلىقىتىن، ئەنگىلىيە ئارمىيسى ئەسىرلەر لاگېرى قۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، ئەسىرلەرگە ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆزلىرىنى لاگېرغا سولاشنى بۇيرىغان.

گېرمانىيىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدار ئەنگلىينىڭ ئىككى ئەسكىرىنىڭ بىر دىۋېزىيە كېلىدىغان ئىتالىيلىك ئەسىرلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەنگلىيلىكلەرنى ئوققا تۇتقان، نەتىجىدە ئىتالىيكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىىپ، ئويلىمىغان يەردىن يەنە ئۇدۇل ئەنگيىلىكلەرنىڭ بازىسىغا بېرىپ قالغان.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش