ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەخلاقىي مەسىلىلەر

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەخلاقىي مەسىلىلەر

شەرىفە ئۆزتۈرك

ھەر دەۋردىكى تېخنولوگىيەلەر ئالدىنقى دەۋرلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزگە تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ ياخشى شارائىتلار يارىتىپ بەرمەكتە. يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە مېدىيا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر جەمئىيەتشۇناس ماك لۇھاننىڭ «يەر شارى كەنتى» دېگەن ئۇقۇمىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىتلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېڭى مېدىيا، تېخنولوگىيە ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن يېڭى نەرسە ۋە يېڭىلىقنى بىرلا ۋاقىتتا تەقدىم قىلالايدىغان، زامان ۋە ماكانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگەتكەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ئىشلەتكۈچلىرىنى ھەم ئىشلەپچىقارغۇچى (ئاپتور ياكى ئىجادىيەتچى) ھەمدە ئىستېمالچى سالاھىيىتىگە ئىگە قىلماقتا. لېكىن بۇ سالاھىيەت ئەخلاقىي جەھەتلەردىن ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. مەزكۇر ماقالىمىزدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇقۇمى، ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەيدانغا كەلگەن ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىجتىمائىي تاراتقۇ، يېڭى مېدىيا، ئەنئەنىۋى مېدىيا، ئەخلاق

مۇقەددىمە

ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىقلار ئىنسانلارنى زور دەرىجىدە ھەيران قالدۇرماقتا. ئىنسانلار بۇ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قېلىش بىلەن بىرگە، يېڭىلىقلارغىمۇ ماسلىشىپ كەلمەكتە. ئۆي تېلېفونلىرىنىڭ يانفونلارغا، كومپيۇتېرلارنىڭ ئىنتېرنېتقا ۋە قول كومپيۇتېر ھەتتا يانفون كومپيۇتېرغا ئۆزگىرىشى بىلەن داۋاملىق يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇپ تۇردۇق. لېكىن يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى. ئەنئەنىۋى مېدىياغا ئەمدىلا كۆنگەن ئىنسانلارنىڭ يېڭى مېدىيادىكى تېخنولوگىيەلەرنى قوبۇل قىلىشى ئەنئەنىۋى مېدىياغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولدى. چۈنكى ئەنئەنىۋى مېدىيا يېڭى مېدىيا تېخنولوگىيەلىرىگە ئاللىبۇرۇن زېمىن تەييارلىغانىدى.
يېڭى مېدىيانىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۈنىمىزدىكى ھالىتىگە كېلىشى ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن يېڭىلىقنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. يېڭى مېدىيا تۈرتكىسىدە زامان، ماكان ۋە نۇرغۇن ئوبيېكتىپ توسالغۇلار يوقاپ، ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا تېز سۈرئەتتە ئېرىشىش ئىشقا ئاشتى.
يېڭى مېدىيا دائىرىسىدىكى «ئىجتىمائىي تارتقۇ»ئۇقۇمى، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىنسان ھاياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار رەڭگارەڭ مۇھىت ۋە پەرقلىق ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقتىن، دۇنيانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىنسانلار شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە يۈزمۇ يۈز ئالاقە ئورنىتىش، فوتو-سۈرەت ۋە ۋىدېئو ھەمبەھرلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. بۇ ئەھۋالمۇ ماك لۇھاننىڭ «يەرشارى كەنتى»نەزەرىيەسىنىڭ چىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
كومپيۇتېر ئويۇنلىرى، « CD»، تور بېكەتلىرى، بىلوگلار، ئېلخەتلەر، ئېلېكتىرونلۇق كىئوسكلار، ئىنتېرئاكتىپ تېلېۋىزىيە قاناللىرى، كۆچمە مېدىيا، پودكاستلاردىن سىرت فېيسبۇك، تىۋېتتېر، ئىنستاگرام، يۇتىيۇبقا ئوخشاش ھەمبەھرىلىشىش تور بەتلىرى يېڭى مېدىيا ۋاسىتىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك پىروگراممىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرماقتا ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىلىنىۋاتقان تېخنولوگىيەگە ماسلىشىپ داۋاملىق يېڭى ھالىتىنى ساقلاپ قالماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىنسانلارنىڭ تونۇش ياكى ناتونۇش نۇرغۇن كىشى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مىڭلارچە ئىنسان بىلەن مىڭلارچە ئۇچۇر ئورتاقلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ يارىتىپ بەرمەكتە. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن يۈز تۇرانە ئالاقە ئورنىتالايدىغان ھەتتا يۈز تۇرانە ئالاقىدىن كۆپرەك (مۇزىكا، ۋىدېئو، يازما، فوتو-سۈرەت، ئادرېس بىلدۈرۈش) نۇرغۇن نەرسە ھەمبەھىرلىشەلەيدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ئەپسۇس ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.
ماقالىمىزنىڭ تۇنجى قىسمىدا 10 يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن ھەتتا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ۋە ھازىرغىچە باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مېدىيادىن پەرقلىق تەرەپلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.
ئىككىنچى قىسمىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلگەن ئەخلاقىي مەسىلىلەر بايان قىلىنغاندىن سىرت ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارىتىلغان پوزىتسىيەلەر تىلغا ئېلىندى.

يېڭى مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇقۇمى

1900-يىللاردىن باشلاپ يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئالدىنقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇشتىن سىرت، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ھەر دەۋردە ئاسانلاشتۇرۇپ كەلدى.
1900-يىللاردىن كېيىن تېخنىكىلىق ئىجادلار ئاۋۇپ ئېلېكتىر ، نۇر، تېلېگراف، تېلېفونغا ئوخشاش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىشى بىلەن يېزىق دەۋرىنىڭ ئورنىغا ئېلېكتىرلىق ياكى ئېلېكتىرونلۇق دەۋر دەسسىدى (ئاتابەك 2005: 63). ئارقىدىن سىپىرلىشىش (رەقەملىشىش) تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلېكتىرونلۇق دەۋرنىڭ ئورنىغا سىپىرلىق دەۋر دەسسىدى. لېكىن سىپىرلىق ئۇقۇمى بۇ دەۋرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، يەنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىلمەيدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ۋە سىپىرلىق مۇھىتلارنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى بىلەن بىرلىكتە، بىر پۈتۈن قۇرۇلما شەكىللەندى، بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى دەۋر ئۇچۇر-ئالاقە دەۋرى دەپ تەرىپلەنمەكتە (يەنگىن 2012: 51).
يېڭى مېدىيانىڭ تۈرتكىسىدە مۇۋازىنەتلىك مۇناسىۋەت تورى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولدى. ئوقۇش-يېزىش پىرىنسىپلىرى ئۆزگىرىپ يېڭى ئالاقە تىللىرى پەيدا بولدى. جەمئىيەتكە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن يېڭى مېدىيا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئەندىزىلىرىنى ۋە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتمەكتە (يەنگىن 2012: 114).
يېڭى مېدىيا ئۇقۇمى ئىچىدە «يېڭىلىق» تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى يېڭىلىق ئۇچۇرنى ئەمەس مۇھىتنى ھەمبەھرىلىشىش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان يېڭىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسىدىكى يېڭىلىقلار مېدىيا ئۇقۇمىنىمۇ «يېڭىلاشتۇرغان» بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلىرىنى ئىزچىل «ئىجتىمائىي»لاشتۇرۇپ بارماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ شەخس ئۆزى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەسەرلەرنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىشىدىغان مۇنبەرنىڭ نامىدۇر (www. Trenweek.com ). يېڭى مېدىيا ئۇقۇمى قاتاردىن ئورۇن ئالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، « web 2.0»نىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىنىشى بىلەن، يەككە تەرەپلىك ئۇچۇر ئورتاقلىشىشتىن قوش تەرەپلىك ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇچۇر ئورتاقلىشىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان مېدىيا سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇ شەخسلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىيالوگلار ۋە ھەمبەھرىلەشكەن ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورلىرى ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇچۇر-مەلۇمات ئورتاقلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرى ۋە پىروگراممىلار تۈرتكىسىدە، ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزى خالىغان ۋە قىزىققان ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئىگە قىلماقتا. كىچىك توپلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگلار ۋە ئۇچۇر-ئالاقىلەر ئىشلەتكۈچىنىڭ «ئىجادچانلىق»نى نامايان قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇ زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بولماستىن ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىش ۋە مۇنازىرە ئاساس قىلىنىدىغان ئىنسانىي ئالاقە شەكلىدۇر. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار «ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى» ۋە «مۇشتەرىنىڭ مېدىياسى» ئۇقۇملىرىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە سودا دائىرىسىمۇ ياراتتى.
كاپلان ۋە ھالېيىننىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تېخنولوگىيەلىك نەرسىلەرنىڭ، قۇرۇلمىلارنىڭ ئىشلەتكۈچى ۋە مۇشتەرىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىنتېرنېت پىروگراممىلىرىنى كۆرسىتىدۇ (2010: 59-68).
بىر شەخسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كىرىشىنىڭ سەۋەبى باشقىلار تەرىپىدىن پەرق ئېتىلىش ۋە ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپى بىر شەخسنىڭ نىداسىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ياكى نەرسە (ئەسەر)بىلەن يەنى باشقىلار تەرىپىدىن پەرق ئېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
1978-يىلى « BBS» ناملىق پىروگرامما ئىجتىمائىي تاراتقۇ ساھەسىدە تۇنجى تاشلانغان قەدەم ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن « MIRC»، « ICQ»، « Facebook»، « Twitter» قاتارلىق پىروگراممىلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ مەۋھۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ رېئاللىققا قايتىپ كېلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ خۇمارلىقى باش كۆتۈردى.
ئامېرىكىلىق رەسسام، رېژىسسور ۋە تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ئاندىي ۋارھولنىڭ «ھەممە ئادەم 15 مىنۇتلۇقىغا مەشھۇر بولىدۇ»دېگەن سۆزى دەل كۈنىمىزدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ خۇمارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولسا كېرەك. كۈنىمىزدە خالىغان ئادەم ئۆزىنىڭ رەسىمىنى ۋە ۋىدېئوسىنى تارتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ بۇ مۇنبەردىن ئورۇن ئالماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى

يېڭى مېدىيا تۈرتكىسىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىياتى تېخنولوگىيەلىك ئارتۇقچىلىقى تۈپەيلى ئەنئەنىۋى مېدىياغا سېلىشتۇرغاندا تېز بولدى.
ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان تۇنجى كومپيۇتېر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىلىق ئالىملار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان « ENİAC» (Electronic Numerical İntegrator and computer- ئېلېكتىرونلۇق سانلىق پۈتۈنلەشتۈرۈش ھېسابلىغۇچ )، تەخمىنەن 167مېتىر كىۋادرات كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، 30 توننا ئېغىرلىقتا ئىدى. 4 يىلدا ياسالغان «ENİAC» نىڭ تۇنجى سىنىقى 1945-يىلى باشلىغان بولۇپ، 1947-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. «ENİAC» نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پارچىلىرى ھازىر ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا.
1960-يىللاردا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنتېرنېت روياپقا چىقىرىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇرۇن ھەربىي قىسىم بۇ تور سىستېمىسىنى كونترول قىلىۋاتاتتى، كېيىنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تور سىستېمىسىنى ھەربىي قىسىمدىلا ئەمەس باشقا ساھەلەردىكى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. مۇشۇنداق بىر تور سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ سەۋەبى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە باشقا ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىدى (ئاكتەر 2009: 93).
يېڭى مېدىيا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار» تېرمىن سۈپىتىدە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا تۇرمۇشىمىزدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، تارىخى 70-يىللارغىچە سوزۇلىدۇ. ۋارد كىرىستېنسېن بىلەن راندى سۇئېس 1978-يىلى دوستلىرى بىلەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ھەمبەھرىلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «BBS »ناملىق بىر پىروگرامما لايىھەلەپ چىقىپ تۇنجى ئىجتىمائىي تور سىستېمىسى روياپقا چىقاردى. 1994-يىلى قۇرۇلغان «GeoCies» شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىگە شەخسىي تور بېتىنى قۇرۇش شارائىتى تەقدىم قىلىشى ۋە تۇنجى سىكاننېر بولغان «Mosaic» بىلەن بىرلىكتە «خەلققە تەقدىم قىلىنغان» ئىنتېرنېت، 1994-يىلى «information superhighway» (ئۇچۇر-مەلۇمات يۇقىرى سۈرئەتلىك تورى)دەپ ئاتالدى. 1994-يىلى تۇنجى «ئىجتىمائىي تور دوستلۇق بىرلىكى» قۇرۇلدى.
1995-يىلى «MIRC» پىروگراممىسى لايىھەلەپ چېقىلدى . بۇ پىروگراممىدا تاقما ئىسىملىك ئىشلەتكۈچىلەر ناتونۇش كىشىلەر بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتتى. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا قارشى تەرەپ توغرۇلۇقمۇ ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەيتتى. بۇ پىروگراممىدىن كېيىن لايىھەلەنگەن « ICQ» پىروگراممىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشى ئالاقە ئورنىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ پىروگراممىدىمۇ ھەققى ئىسىم ئىشلىتىلمەيتتى، پىروگرامما ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاپتوماتىك تەمىنلەپ بېرىدىغان نومۇرلار « ICQ » كىملىكى بولاتتى(سانلاۋ 2014: 20-21).
1997-يىلى «Google » قۇرۇلدى. ئارقىدىن « AOL» نىڭ ئۇچۇرلىشىش مۇلازىمىتى ئىشقا كىرىشتى. 1995-يىلى دۇنيا مىقياسىدا تور بېتى سانى 1 مىليونغا يەتتى ( www.sosyalmedya.co/sosyal-medyanin-tarihi).
1999-يىلى «Windows live messenger» ئۇچۇرلىشىش پىروگراممىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ۋە بۇ پىروگرامما 2013-يىلى «Skype» غا ئۆزگەرتىلدى.
لۇدىكورپ تەرىپىدىن 2004-يىلى لايىھەلەپ چىقىلغان ۋە فوتو-سۈرەت ھەمبەھرىلىشىش تور بېتى بولغان « Flickr»دا ، 2008-يىلى ئاپرېلدا ۋىدېئو ھەمبەھرىلىشىش مۇلازىمىتىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2010-يىلى سېنتەبىردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ پىروگراممىدىكى فوتو-سۈرەت سانى 5 مىلياردقا يەتكەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە كەڭ ئومۇملاشقان ۋە ئاساسەن دېگەندەك ھەممە كىشى ئادرېس ئاچقان «facebook»، 2004-يىلى 4- فېۋرالدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ تەرىپىدىن قۇرۇلدى. مارك زۇكېربېرگ «facebook» نى قۇرۇشتىن بۇرۇن خارۋاردتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرالايدىغان «facemash» ئىسىملىك تور بېتىنى قۇرۇپ چىققانىدى. مارك زۇكېربېرگ بۇ مۇنبەردىن ئىلھام ئېلىپ «facebook» نى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا روياپقا چىقاردى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئېرىشكەن «facebook» بوستون ئەتراپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تارقالدى. بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان « facebook» ئالىي مەكتەپلەردە نوپۇز تاپتى. 2006-يىلى 11-سېنتەبىردە «facbook» بارلىق ئېلخەت ئادرېسلىرىدا ياش چەكلىمىسى شەرتى ئاستىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىغان تور سىستېمىلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا باشلىدى. 2007-يىلى ئىيۇلدا ئىشلەتكۈچى سانى 34 مىليونغا يېتىپ، ئەڭ كۆپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىشلىتىدىغان تور سىستېمىسىغا ئايلاندى. « alexa» نىڭ سانلىق-مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، « facebook» 2007-يىلى 20-ئۆكتەبىردە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان 7-تور بېتى بولغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە « facbook» كانادا، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە نورۋېگىيەدىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تور بېتى، ئەنگلىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان 2-تور بېتى، مىسىر ۋە پامانادا 3-، ئامېرىكا،ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيەدە 5- قاتاردىن ئورۇن ئالدى (www.sabah.com.tr ).
2006-يىلى قۇرۇلغان «you tube » مۇ ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور سىستېمىسىنىڭ ۋىدېئو قىسىمىنى تەشكىل قىلىپ، بۇ ساھەدە زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. 2006-يىلى تۇرمۇشىمىزغا كىرگەن مىكرو بلوگ تور بېتى «twitter» ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نوپۇز تاپتى (سانلاۋ 2014: 23).

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ (ماۋناجىئوغلۇ 2009:64) ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
زامان ۋە ماكان چەكلىمىسى بولماستىن ھەمبەھرلىشىش، مۇنازىرە ۋە ئالاقىلىشىش ئاساس قىلىنغان ئىنتېرنېت پىروگراممىسى زەنجىرىدۇر.
شەخسلەر ئۆزلىرى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەسەرلىرىنى (ئىجادىيەتلىرى) ئاسانلا ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
شەخسلەر باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، قاراشلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلالايدۇ.
شەخس ھەم تەقىب قىلىدۇ ھەمدە تەقىب قىلىنىدۇ.
ئاساسىي قانداقتۇر پىرىنسىپ ۋە قائىدە بويىچە ئەمەس بەلكى ئىختىيارى سۆھبەت مەنتىقىسىگە تايىنىدۇ.
ئىچىدىكى مەزمۇنلار تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغىنىدا غەيرى رەسمىي ئىكەنلىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا غەيۋەت ساھەسىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان مۇنبەردۇر.
ناتونۇش كىشىلەر خالىغانچە ئالاقە ئورنىتالايدىغان مۇنبەردۇر.
ئىرق، تىل، دىن، تەبىقىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان خەلقئارا سەۋىيەدىكى مۇنبەردۇر.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئەنئەنىۋى مېدىياغا بولغان قىزىقىش سۇسلاشقان بولسىمۇ، ئەنئەنىۋى مېدىيا پۈتۈنلەي تۇرمۇشىمىزدىن يوق بولۇپ كەتمىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ تېخنولوگىيەنى ئەنئەنىۋى مېدىيادىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر نەچچە ئالاھىدىلىكتۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەر تۆۋەندىكىچە:
سىپىرلىق-رەقەملىك : بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئەنئەنىۋى تاراتقۇدىن روشەن ئايرىپ تۇرىدۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرى ھەم ئاپتور ھەمدە ئوقۇرمەن بولۇشتەك سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار سىپىرلىق-رەقەملىك بولۇشى سەۋەبىدىن يازغۇچى-ئوقۇرمەن، ئىجرا قىلغۇچى ۋە تاماشىبىن، ئىجادچى ۋە زوقلانغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يوق بولماقتا (لىستېر 2009).
سىپىرلىق-رەقەملىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى يېقىنلىشىشتۇر(يەنگىن 2012: 84). يېقىنلىشىش كومپيۇتېر ، گېزىت، تېلېۋىزور ، رادىيو ۋە تېلېگرافقا ئوخشاش ساھەلەرنىڭ تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرلىشىپ يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەر پەيدا قىلىشى، ئوخشىمىغان ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبەرلىرىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مۇلازىمەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش: بۇ ھەر يەردە تەييار بولۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش يېڭى مېدىيادا شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر-مەلۇمات ئالماشتۇرۇشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى شەخسنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتقا بولغان نوپۇزى، تەسىرى ۋە ئىزچىللىقىدۇر (يەنگىن 2012: 85).
قوبۇل قىلغۇچىنىڭ مەنبە، مەنبەنىڭمۇ قوبۇل قىلغۇچى بولۇشى قوبۇل قىلغۇچىنى ئالاقە جەريانىدا ئىزچىل ئاكتىپ ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ مەنبەسىگە ئېرىشىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلغاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا شارائىت پەيدا قىلىش نۇقتىسىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ ئالاھىدىلىكى جەھەتتە، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەسەر ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ئىزدەش، ھەمبەھرىلىشىش ۋە باشقىلار بىلەن ياكى گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش شارائىتىنى ئەنئەنىۋى مېدىيا يارىتىپ بەرگەن شارائىت سەۋىيەسىدە ھەل قىلالايدۇ (لىيىۋروۋ 2007: 25).
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى ئالاقە جەريانىدا كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ دائىرىلىك ئالاقە پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ھەر تەبىقە كىشىلىرىنىڭ بۇ مۇنبەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشىدۇر.
كۆپ مېدىيالىق شەكلى: ئاۋاز، تېكىست ، كۆرۈنۈش ۋە سانلىق-مەلۇماتقا ئوخشاش ئوخشىمىغان مېدىيا ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر يەرگە يىغىشنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ مېدىيالىق شەكىل تېلېگراف، ئۇچۇر-مەلۇمات يوللاش، ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرى بىلەن شەكىل، سىمۋول، ئاۋاز، تېكىست ۋە سانلىق-مەلۇماتقا ئوخشاش پەرقلىق ئۇچۇر-مەلۇمات تۈرلىرىنىڭ بىر يەردە بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ ئىشلەتكۈچىگە ئىلغاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىستچىلىك: مەلۇم ئورۇندىن باشقا ئورۇنغا يۆتكەلگەن سان-ساناقسىز يولدىن تەشكىل تاپقان قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. توردىكى ھەر بىر قىسىمنىڭ سان-ساناقسىز كىرىش ۋە چىقىشلىرى ياكى ئۇلىنىشلىرى بار. مۇشۇنداق بىر تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن، ھەر قانداق بىر ئۇچۇر-مەلۇمات نۇقتىسىنىڭ باشقا بىر نۇقتىلارغا شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە يېتىپ بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سان-ساناقسىز ئۇلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (لىستېر 2009: 26).
دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىستچىلىك «www » (World wide web)دىكى قۇرۇلمىلىق ئامىللاردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، بىر تېكىستنىڭ باشقا تېكىستلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئارقىلىق توردىكى باشقا قوشۇمچە ئۇلىنىش ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلار ھەرىكەتلىنىدۇ (بىنارك ۋە لۆكەر 2011: 12). ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن تەشكىل تاپقان تېكىستلەرنىڭ ئوخشىمىغان سىپىرلىق-رەقەملىك قۇرۇلما سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلىشى دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىستچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق مۇھىتلار چەكسىز ئىشلىتىش دائىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىش، ھەمبەھرىلىشىش ۋە بۇ ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى يېڭىلاپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى كۈچەيتىدۇ (يەنگىن 2012: 86).
ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسىرى (ئىجادىي ئەسەر): ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىشلەتكۈچىلىرىگە بىر-بىرى بىلەن تور ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىش، ئورتاق پايدىلىنىشتىن سىرت ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر تېكىستلەرنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەتتا قايتىدىن تېكىست بەرپا قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنى جىسمانىي جەھەتتە بولمىسىمۇ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق يېقىنلاشتۇرماقتا. بۇ يەردىكى يېقىنلىشىش قانداقتۇر تېخنولوگىيەلىك جەريان بولماستىن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
«ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسەر يارىتىشى زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە ئەسەر يارىتىش، تارقىتىش، ئېرىشىش ۋە قايتىدىن ئىشلىتىش جەريانىدا ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە خىلمۇ-خىللىق ۋە رەڭدارلىق پەيدا قىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسىرى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىدىكى قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسىرى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇنازىرىلەرنى موللاشتۇرۇپ خىلمۇ-خىل قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇچۇر-مەلۇماتنىڭ ئەركىن تارقىلىشى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى كۈچەيتىدۇ.»
«ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسەر يارىتىشى شەخسلەرنىڭ يېڭى مېدىيا تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك شەخسنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.»
ئاندىي ۋارھولنىڭ «ھەممە ئادەم 15 مىنۇتلۇقىغا مەشھۇر بولىدۇ»دېگەن سۆزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسەر يارىتىشى ئالاھىدىلىكى تۈرتكىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
تارقىلىش: ئىجتىمائىي تاراتقۇ پىروگراممىلىرى بارلىق يېڭى مېدىيا ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش تور پىروگراممىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تورلار كۆپ چاغلاردا ئىنتېرنېتقا ئوخشاش چوڭ ۋە ئومۇمىي تور بولسىمۇ كونكرېت تور ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، «تور ئۇقۇمى مەلۇم كۇنۇپكىلارنىڭ بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇلىنىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئالاقە ئىچىدە تۇرىدىغان سىستېمىلارنى ئىپادىلەيدۇ.»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى توردىكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئىشلەيدۇ. نۇرغۇن كىرىش ۋە چىقىش لىنىيەلىرى بولغان مۇلازىمەت ئورنى چەمبەرنىڭ مەركىزىنى ئەمەس، توردىكى بىرلا قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ. تورلار بىلەن ئىشقا ئاشىدىغان تارقىلىش تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە تېكىستلەرگە ئېرىشەلەيدۇ (لىستېر ۋە ئارك، 2009: 33).
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇر-مەلۇمات، ئەسەر ۋە تېكىستلەرگە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، فېيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان يازمىلىق بىر فوتو-سۈرەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىجتىمائىي تورلاردا تارقىتىلىدۇ، بۇ زەنجىرسىمان ھالەتتە داۋاملىشىدۇ ۋە مىليونلارچە كىشى تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى بىر ۋىدېئو، فوتو-سۈرەت ياكى خەۋەرنىڭ-تېكىستنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىليونلارچە كىشىگە تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىستچىلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر باشتا ئىستېمالچى ئىكەن تېكىست، خەۋەر ياكى ۋىدېئولارنى ھەمبەھرىلىشىپ بۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەسىرى قىلالايدۇ. يەنى ئىشلەتكۈچى دەسلەپ ئىستېمالچى ئىكەن كېيىن ئاپتورغا ئايلىنىدۇ.
مەۋھۇملۇق-مەۋجۇتلۇق ھېسسىياتى: 1990-يىللاردىن باشلاپ «مەۋھۇملۇق» دېگەن گەپ تىلغا ئېلىنغاندا خىيالىمىزغا كېلىدىغان ئوبراز ۋە شەكىل مەۋھۇملۇقنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەمەس بۇنى تەجرىبە قىلغان بىر كىشىگە تەۋە بولاتتى(لىستېر ۋە ئارك، 2009:35).
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مەۋھۇملۇق ئالاھىدىلىكى بىلەن «توردىكى مەۋھۇم كىشىلەر بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋھۇملۇق ئىشلەتكۈچىگە نەق مەيداندا ياكى خىيالىدىكى جايدا بولۇشتەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەسىرى، سېپىرلىق-رەقەملىك تەسىر كۆرسىتىش، دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىستچىلىك، مەۋھۇملۇق ۋە تور ئالاقە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بىمالال سىڭىپ كىردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ سودا جەھەتتىكى پەرقلىرى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئەنئەنىۋى مېدىيا قۇرۇلمىلىق جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك، سودا جەھەتتىنمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ پەرقلىرى: 
ئېلانچىلىق ساھەسىدىكى سۈرئەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ، مەسىلەن بىر شىركەت خىتاب قىلماقچى بولغانلارنىڭ 18-25 ياشتىكى ياشلار، بويتاق، ئوغۇل، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، زامانىۋى ناخشىلارغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى پەرز قىلساق، بۇ كاتېگورىيەگە تەۋە كىشىلەرگە فېيسبۇك ئارقىلىق دەرھال خىتاب قىلغىلى بولىدۇ.
ھەم پۇل ھەمدە ۋاقىت تېجىگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن ئادرېس ئاچقان ھەر قانداق كىشى ئۆز ئېلانىنى قىلالايدۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىقىم تۆۋەن بولىدۇ (سانلاۋ 2014: 43). ناۋادا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەسەرلەر سۈپەتلىك بولسا نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئەنئەنىۋى مېدىيادا بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنداق ئەمەس، ناۋادا خاتا خەۋەر ياكى تېكىست يېزىلىپ قالسا دەرھال ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ (سانلاۋ 2014: 36).
ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ كۆرۈرمەنلىرى خەۋەر ياكى خەۋەرنىڭ ئاپتورى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالاقە ئورنىتالمايدۇ. ئوقۇرمەن ئاپتورغا ئېلخەت يېزىپ ئەھۋالنى يەتكۈزەلەيدۇ، خالاس. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوقۇرمەن ئاپتور بىلەن دەرھال ئالاقە ئورنىتىپ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بىمالال بايان قىلالايدۇ. بۇنى فېيسبۇك ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىمالال قىلغىلى بولىدۇ.
ئەنئەنىۋى مېدىيادا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ياكى ماقالە چوقۇم ئالدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، تەستىقلانمىغان ئەسەر ئېلان قىلىنمايدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسا رەسىمنىڭ، ۋىدېئونىڭ، ماقالىنىڭ ياكى خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىش ياكى قىلىنماسلىقى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش بولۇپ، نازارەت ياكى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتى يوق. ئەنئەنىۋى مېدىيالاردا ئورگانلاردىن خەلققە ئۇچۇر-مەلۇمات يەتكۈزۈلىدىغان بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ كېڭىيىپ ئورگاندىن خەلققە، خەلقتىن خەلققە، خەلقتىن ئورگانغا ئۆتتى (سانلاۋ 2014: 36).
ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ ۋاسىتىلىرىنى يەنى بىر گېزىتنىڭ بىر بېتىنى ياكى بىر ئېلان بېتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەلۇم سالاھىيەت، مەلۇم سەۋىيەدە بولۇش ياكى مەلۇم شىركەت قوللىغان بولۇشى كېرەك. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان بەرمەكچى بولغان، ئەسەر ئېلان قىلماقچى بولغان ياكى پىروگرامما تارقىتىش ئىستىكى بولغان ھەر قانداق شەخس توسالغۇسىز بىمالال قىلالايدۇ، مەلۇم ئىجتىمائىي سالاھىيەت، سەۋىيە، تەبىقىگە ئىگە بولۇشنىڭ كېرىكى يوق.
ئەنئەنىۋى مېدىيادا بۇرۇنقى خەۋەر ياكى ئەسەرلەرنىڭ ئارخىپىغا ئېرىشىش تولىمۇ تەس. لېكىن كۈنىمىزدە يېڭى مېدىيا تېخنولوگىيەلىرى ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارخىپقا ئېرىشىش تولىمۇ ئاساندۇر.
ئەنئەنىۋى مېدىيادا ئېلان قىلىنغان رەسىم ياكى يازمىلارغا پىكىر بايان قىلىش ئىمكانىيىتى تولىمۇ چەكلىكتۇر. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسا بىر خەۋەر، بىر ۋىدېئو ياكى رەسىمگە ھەر قانداق ۋاقىتتا ھېچقانداق چەكلىمە بولماستىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. قىسقىسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئالاقە سەۋىيەسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ بىلەن ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ ئۇقۇم جەھەتتىن پەرقلىق بولۇشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىيادىن ئېشىپ كېتىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئالاقىنىڭ تېزلىكى، ئۇچۇر-مەلۇماتقا ئېرىشىشنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئاسانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئىككى نەرسە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشىدىغان تېلېۋىزور ھازىر بولسا فېيسبيۇك ۋە تۋىتتېردىن ئوزۇقلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلگەن ئەخلاقىي مەسىلىلەر

ئەنئەنىۋى مېدىيادىكى ئەخلاقىي مەسىلىلەر تەلتۆكۈس تۈگىمەي تۇرۇپ ، يېڭى مېدىيا ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن بىرلىكتە، بۇ ساھەدىمۇ ئەخلاقىي مەسىلىلەر باش كۆتۈرۈپ كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بولۇشقا باشلىدى. خۇسۇسىي تۇرمۇش مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەھرەم تۇرمۇش بولۇپ نەشر ۋە ئەسەر ھوقۇقى، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئېلانچىلىقنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىشى، شەھۋانى ۋە سېرىق نەرسىلەر، نامەردلىك، يالغانچىلىق، رىياكارلىق قىسقىسى ئەخلاققا زىت قىلمىشلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئومۇملاشماقتا.
خۇسۇسىي ياكى مەھرەم تۇرمۇش: ئويا ئاراسلىنىڭ قارىشىچە، شەخسنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش ساھەسى دېگەنلىك شەخسنىڭ ھەممە كىشى بىلەن ھەمبەھرىشەلەيدىغان ئاممىغا ئوچۇق تۇرمۇش ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇسۇسىي ياكى مەھرەم تۇرمۇش كىشىنىڭ مەلۇم كىشىلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمبەھرىلەشكەن تۇرمۇش دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنساننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ ئاساسىي بولغان خۇسۇسىي ۋە مەھرەم تۇرمۇشنىڭ مەخپىي بولۇش ھوقۇقى ئەپسۇس ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەپسەندە قىلىنماقتا. مەسىلەن، شەخسنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرمەكتە، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلماقتا.
تېكىست، ئۇچۇر-مەلۇمات ياكى ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ كۆرسىتىلمەسلىكى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ھەر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئېرىشىش تولىمۇ ئاسان بولسىمۇ، لېكىن نەقىل ئېلىنغان مەزمۇنلارنىڭ مەنبەسى كۆرستىلمەيدىغان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتەك ئەھۋاللار ئومۇملاشماقتا. «كۆچۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش»قىلمىشى ئىنتېرنېت گېزىتى ۋە خەۋەرچىلىكتە كۆرۈلسىمۇ ئاكتىپ قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تېكىستلىرى، تۈرلىرى، مەزمۇنلىرى ۋە سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بارلىق ساھەلەردە باش كۆرۈلمەكتە. شەكسىزكى، ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىروگرامما تەقدىم قىلىدىغان بىر تور بېكىتى باشقا بىر تور بېتىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۇچۇر-مەلۇماتلار مەنبە كۆرسىتىلمەستىن ئېلان قىلىنسا توغرا بولمايدۇ، بۇ قىلمىش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ئۇچرايدۇ.
نەشر ۋە ئەسەر ھوقۇقى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ھەر تېكىست ياكى ئەسەرگە ئوخشاش نەشر ۋە پاتېنت ھوقۇقى بىلەن قوغدىلىدىغان ئەسەرلەرمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر-مەلۇمات ھېسابلىنىدۇ. ئۇچۇر-مەلۇمات ئورتاقلىشىش قانداقتۇر ئەخلاقىي مەسىلە ھېسابلانمايدۇ، لېكىن نەشر ياكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ياكى ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنىڭ خالىغانچە تارقىلىشىغا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدا مۇھىم بولغىنى تىجارىي زىيان بىلەن ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى توغرا ئايرىشتىن ئىبارەت. باشقا بىر كىشى ياكى ئورگاننىڭ ئەمگىكى بىلەن پايدا ئۈندۈرۈش تەر تۆكمەي نەپكە ئېرىشىش بولىدۇ. بىراق كىرىم ياكى نەپ كۆزلىمەي باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن ئەھۋالدا ئورتاقلىشىشقا بولىدۇ.
تېكىست ۋە خەۋەرلەرنىڭ تەھرىرلەنمەستىن ۋە توغرىلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەستىن ئېلان قىلىنىشى: ئەنئەنىۋى مېدىيادىكى مۇھىم نۇقتا بولغان «خەۋەر-ھادىسىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش»پىرىنسىپى ئەپسۇس ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىشلەتكۈچىلەر خەۋەرنىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلمايلا باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
خۇسۇسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر ھالەتتە بولماسلىقى: خۇسۇسىي ئۇچۇر-مەلۇمات بىراۋنىڭ شەخسىي، كەسپىي ۋە ئائىلە ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان، ئۇ شەخسنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ (شەن 2014).
تېخنولوگىيەنىڭ كەمچىلىكلىرىدىن بىرى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىك ھالەتتە ساقلانماسلىقى ۋە باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ تولىمۇ يۇقىرى بولۇشىدۇر.
خۇسۇسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا دۆلەت، مەلۇم بىر ئورۇن ياكى گۇرۇھ بەكرەك تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىشىلگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلار شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن تەشكىل تاپىدىغان ئۇچۇر ئامبىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۇچۇر-مەلۇمات مەدەنچىلىكى: زور مىقدارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئىچىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە ئۇچۇرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ ياكى مەلۇم جەھەتتىن زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇمات ئامبىرىدىن كەلگۈسى توغرۇلۇق تەخمىنلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۇلانمىلارنى كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىزدەشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سىپىرلىق-رەقەملىك ئىزلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر توغرۇلۇق ئوبراز شەكىللەندۈرۈلىدۇ. شىركەتلەر مەھسۇلاتلارنى ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى يىغىپ ئۇلارنى مۇئەييەن ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كاتېگورىيەگە ئايرىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىستېمالچى ئىنتېرنېتتا سودا-سېتىق قىلغاندا ئۆزى توغرۇلۇق سىپىرلىق-رەقەملىك ئىز قالدۇرۇپ قويىدۇ. شىركەتلەر سودا-سېتىق ئەسناسىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى يىغىپلا قالماستىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قايسى تور بەتلىرىگە كىرگەنلىكلىرىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نېمىلەرنى ياقتۇرىدىغانلىقلىرىنى، قايسى تېمىلارغا قىزىقىدىغانلىقلىرىنى، ئېلخەتلىرىدە قايسى كەلىمىلەرنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ ۋە بۇلارغا ئاساسەن بازارغا سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. شىركەتلەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى يالغۇز ئۆزىلا ئىشلىتىپ قالماستىن بەلكى باشقا شىركەتلەرگىمۇ ساتىدۇ (ئارسلانتاش 2012).
مەسىلەن، دەسلەپ مەلۇم بىر سودا-سېتىق تور بېتىدىكى ئايالچە ئاياغلار ماگىزىنى كېزىپ چىقىلىدۇ، ئارقىدىن باشقا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە كىرىلگەندە بۇرۇن كېزىلگەن ئايالچە ئاياغ ماگىزىنىنىڭ ئېلانلىرى، ئېتىبار باھا تەشۋىقاتلىرى يەنە كۆرۈنىدۇ . بۇنداق ئەھۋال كۆپ تەكرارلىنىشى مۇمكىن، بۇ دەل ئۇچۇر-مەلۇمات مەدەنچىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى ئىنتېرنېتتا ئاياغ ئىزى قالدۇرۇپ قويۇشقا ئوخشايدۇ.
سىپىرلىق-رەقەملىك كۆزىتىش: نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددېنس سان-سىپىرلىشىش (رەقەملىشىش) ۋە كۆزىتىشنى مودېرىن (زامانىۋى)دۇنيانىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىپ مودېرنزمدا كۆزىتىش بىلەن نازارەت قىلىشنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كۆزىتىش مەخپىي نومۇر ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا شەخسلەر ئوبيېكت ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ سان-سىپىرلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. جۇغلانغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار ئادەتتىكى ئۇچۇر-مەلۇمات يىغىش ھادىسىسىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا ئۇچۇر-مەلۇماتلار كاتېگورىيەگە ئايرىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇلىدۇ (گىددېنس 2008: 24).
كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ساھەسى بىخەتەرلىك شوئارى ئاستىدا قانۇنلۇق تۈسكە ئىگە قىلىش ۋە خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە سان-سىپىرلىق (رەقەملىك)ھالىتىدە نازارەت قىلىنىدۇ. شەھەرلەردىكى ئاممىۋى سورۇنلارنى پۈتۈنلەي قورشاۋغا ئېلىپ بولغان «موبېسې»كامېرالار، كىملىك نومۇرلىرى بىلەن بېجىرىلگەن رەسمىيەتلەر، بارماق ئىزى، بىئومېتىرلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كارتلارنىڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىقلار نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، پۇقرالار كەڭ دائىرىلىك ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر-مەلۇمات سىستېمىسىدا سان-سىپىرلىق نەرسىگە ئايلاندۇرۇلدى. تىجارىي شىركەتلەرمۇ پۇقرالارنىڭ رۇخسىتىسىز سىپىرلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى جۇغلاپ، ئىستېمالچىلارنى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ چىقىدۇ.
سان-سىپىرلىق نازارەت ۋە كۆزىتىش پۈتكۈل دۇنيادا مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامى ئاستىدا ئىنسانلارنى نازارەت قىلىپ «گۇماندار»لارغا ئايلاندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
سان-سىپىرلىق نازارەت ۋە كۆزىتىش ھادىسىسىنى ئۇچۇر-مەلۇمات مەدەنچىلىكى دائىرىسىدە ئانالىز قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر-مەلۇمات مەدەنچىلىكىگە ئوخشاش، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە تور سەھىپىلىرى قانداق خاتىرىلىنىپ قالسا، سان-سىپىرلىق كۆزىتىشتىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئۇچرايدۇ. قىسقىسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ئىش سان-سىپىر ھالىتىدە كۆزىتىلىپ نازارەت قىلىنىدۇ.
خەۋەر ۋە سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ چېكىنىڭ ئېنىقسىزلىشىشى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر ۋە ئېلان ئۇقۇملىرى بىر-بىرىگە زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەۋەر تور بەتلىرى بولۇپ بارلىق تور بەتلىرى خۇددى تېلېۋىزور قاناللىرىدا بولغىنىدەك ئېلاندىن كىرىم قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان بېرىشنىڭ مەقسىتى تېلېۋېزورلاردىكىگە ئوخشاش ئومۇمىي بولماستىن مەلۇم بىر ئىجتىمائىي قاتلامغا قارىتىلغان بولىدۇ، يەنى كونكرېت بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئېلانلارغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئېلانلار خۇددى خەۋەر تەرىقىسىدە بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى مېدىيانىڭ ھەددىن زىيادە تېكىستچانلىقى ۋە قويۇق تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلار خەۋەر تېكىستلىرىنىڭ بەزى كەلىمىلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىنى « ئېلانغا جەلپ قىلىش»ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئېلان بومباردىمانى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلانلار ئەنئەنىۋى مېدىياغا سېلىشتۇرغاندا بىمالال، لېكىن قائىدىسىز تەرىقىدە بېرىلمەكتە. ئەنئەنىۋى مېدىيادا ئېلانلار مەلۇم قائىدىلەرگە ئاساسەن بېرىلىدىغان بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قائىدە زىت ھالدا بېرىلىپ كەلمەكتە.
ئىشلەتكۈچىلەر ئېلانلارنىڭ بومباردىمانى ئاستىدا قالماقتا. ئىشلەتكۈچىلەر خالىغان ئۇچۇر-مەلۇمات ياكى تېمىغا چوقۇم ئېلانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئېرىشىشى تولىمۇ قىيىن. مەسىلەن، بىر ئىشلەتكۈچى بىر خەۋەر تور بېتىنى زىيارەت قىلىمەن، دەپ قالسا تۇنجى بولۇپ ئېكراندا خەۋەر ئەمەس ياكى بىر ئاپتوموبىل ياكى كىيىم-كېچەكنىڭ رەسىمىنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. تەخمىنەن 20 سېكۇنت داۋاملىشىدىغان بۇ ئېلاننى ئىشلەتكۈچى تاقىۋىتەي دېسىمۇ تاقاپ بولالمايدۇ، ئىشلەتكۈچى يەنىلا تاقىۋېتىپ بولغۇچە بۇ ئېلاننى كۆرۈپ بولىدۇ.
قايمۇقتۇرغۇچى ماۋزۇلار ۋە يالغان ماركىلار: سودا مەقسەتلىك تور بەتلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئېلاندۇر. شۇڭا ئېلانلارنى قانچىلىك كۆپ ئىشلەتكۈچىگە يەتكۈزۈش تور بېتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەستەن قايمۇقتۇرغۇچى ماۋزۇلار، يالغان ماركىلار ئىشلىتىلمەكتە. ئىنتېرنېت دۇنياسىنى كېزىۋاتقان تور ئىشلەتكۈچىلىرى ئېكراندا كۆرگەن بۇ جەلپ قىلارلىق ۋە قايمۇقتۇرغۇچى ماۋزۇلارنى كۆرۈپ دەرھال بۇ ئۇلىنىشلارنى ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭى مەزمۇن ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتنى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن ئېلاننى كۆرۈپ چىقىدۇ.
نەپرەتكە تولغان گەپلەرنىڭ ئېقىپ يۈرۈشى: نەپرەتكە تولغان گەپلەر دېگەندە، بىر تەرەپلىمە قاراشلار ۋە نادانلىقتىن ئوزۇقلىنىدىغان، ئوخشىمىغان پىكىر-قاراشلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىنىدىغان، ھاقارەت، ۋە دۈشمەنلىككە تولغان گەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. نەپرەتكە تولغان گەپلەر بىلەن نەپرەت تۇيغۇسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك. نەپرەت تۇيغۇسى ھەممە ئادەمدە بولىدىغان تۇيغۇدۇر، لېكىن بۇ تۇيغۇنى بىرسى گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەكس ئەتتۈرسە ئۇنداقتا نەپرەتكە تولغان گەپ-سۆز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەپرەتكە تولغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ئېقىپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ تەس. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى دەل مۇشۇنداق ناچار ئەخلاقىي قىلمىشىنىڭ ئېقىپ يۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ سۆزلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشى جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا زېمىن تەييارلاپ بەرمەكتە. دېموكراتىك ئورگانلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ سۆزلەر بىلەن جىنايى قىلمىشلار ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ مەركەز بەزى تەشكىلات خاراكتېرلىك گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيەسىنى ھەر خىل مەتبۇئات، ئاممىۋى مۇزىكا، ئىنتېرنېت ئارقىلىقلا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق تەشۋىقات خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ سۆزلەر بىلەن جىنايى قىلمىشلارنىڭ جەمئىيەتتە نورمال ئىشلاردەك بىلىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر نورمالدا ئالتە خىل بولىدۇ:
1- سىياسىي خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر: سىياسىي چۈشەنچە ۋە بۇ چۈشەنچىنى ياقلايدىغانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش.
2- ئاياللارغا قارىتىلغان گەپ-سۆزلەر: جىنسىي ئىبارىلەر ئىشلىتىپ قىلىنىدىغان گەپ-سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق گەپ سۆزلەردە ئوچۇق-ئاشكارا دېيىلمىسىمۇ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ قىلغانلىرى ياكى قىلالمىغانلىرى تەنقىد قىلىنىدۇ.
3- چەت ئەللىك ۋە كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر: بۇنىڭدا چەت ئەللىكلەر، كۆچمەنلەر ۋە ئىرقىي توپلۇلۇقلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدۇ.
4- جىنسىي كىملىككە قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر: بۇنىڭدا ئوخشىمىغان جىنسىي كىملىكلەر ۋە جىنسىي كىملىككە مايىل كىشىلەر ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدۇ.
5- ئېتىقاد ۋە مەزھەپ تۈسىنى ئالغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر: ئوخشىمىغان دىن ۋە مەزھەپلەرگە ئىگە شەخس ياكى توپلۇقلارنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
6- مېيىپ ۋە بەزى كېسەللەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر: جىسمانىي ۋە زېھنىي جەھەتتىن مېيىپلارغا، شۇنداقلا بەزى كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچىلارغا قارىتىلىدۇ.

شەخسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نوقۇل ئىستېمالچى سالاھىيىتىدە كۆرسىتىلىشى: پەۋقۇلئاددە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان سىستېمىلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى ئاساسەن «ئىستېمالچى»سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالماقتا. ئەسلىدە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تور بەتلىرىگە قارىغىنىمىزدا، بۇ تور بەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ تارقىتىلغان مۇنبەرلەر ئىكەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئەخلاققا زىت نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ تارقىتىش: بالىلارمۇ يېڭى مېدىيانى ئىشلىتىدۇ، لېكىن چوڭلار بالىلارنىڭمۇ بۇنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆپ چاغلاردا ئۇنتۇپ قېلىپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي-ھالەت ۋە جىنسىي تەرەققىياتلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ تارقىتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نامەردلىك، رىياكارلىق، ساختىپەزلىك، ئويدۇرمىچىلىق قىلمىشلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، بىرەرسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلالمىغان بىرسى، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يوشۇرۇپ قارشى تەرەپنى ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن ھاقارەتلەيدۇ. لېكىن ئۆزىنى ئاشكارىلمايدۇ. ياقتۇرمىغان بىرى توغرۇلۇقمۇ يالغان نەرسىلەرنى ئويدۇرۇپ تۆھمەت چاپلايدۇ. «يۈز يۈزدىن تارتىنىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر-بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار چىرايلىرىنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، تارتىنىش ۋە ھېيىقىشتىن ئىبارەت ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى بىر چەتكە قويۇپ بىر-بىرىگە ئېغىر ھاقارەتلەرنى قىلىشىدۇ.
يالغانچىلىق قىلمىشى: بۇ ئاساسلىقى يالغان كىملىك ئىشلەتكەن ئىشلەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يالغان كىملىك ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئادرېس ئېچىشى، خالىغانچە گەپ-سۆزلەرنى قىلىشى، يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشى، دىنى تىل بىلەن ئېيتقاندا، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشى، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىشى ياكى قانۇنسىز ۋە كۆپ قىسىم ئادەم نەپرەتلىنىدىغان تەشكىلاتلارنى قوللىشى مۇمكىن.
بۇزغۇنچىلار گۇرۇھىنىڭ پەيدا بولۇشى: بۇزغۇنچىلار گۇرۇھى ئىنتېرنېتتا ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇش ۋە قەستەن چاتاق تېرىش ئۈچۈن پىتنە تېرىيدىغان، مۇنبەرلەر، بىلوگلار، چايخانىغا ئوخشاش ئىنتېرنېت مۇھىتلىرىدا سەزگۈر تېمىلارنى قەستەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇرمەنلەرنى كۈشكۈرتۈپ قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر توپلۇقىدۇر.
بەزى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرى پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىش، كەسپىي تەجرىبىلىرىنى، يېڭى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ ئورنىغا، كىرىم قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئۇلار ئېلان ئېلىش ئۈچۈنلا «spam blog »نى ياساپ بازارغا سالىدۇ.
تىل: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېڭى بىر ئالاقە تىلى ۋە كىملىك بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە باغلىق بولغان بۇ يېڭى ئالاقە تىلى، شەخسلەرنىڭ ھەم ئىجادىي ھەمدە ئىستېمال مەنبەسى ھالىتىگە كەلگەنلىكتىن، تىزگىنلەش ۋە تەخمىن قىلىش تولىمۇ قىيىن بولغان بىر مۇھىتتا شەكىللەنمەكتە. ئەسلىدە ھەر قانداق بىر ۋاسىتىنىڭ ئۆزى ماھىيەت جەھەتتىن ناچار ياكى ياخشى بولىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ. ئىنساننىڭ پوزىتسىيەسى شەيئى ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ئىنساننى بۇزىدىغان تېلېۋىزور ياكى ئىنتېرنېت ئەمەس. بەلكى تېلېۋىزور ۋە ئىنتېرنېتنى قايسى مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشتۇر. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ تەھرىرلىكتىن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىدىن تەشكىل تېپىشى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى مەسىلىسىدە زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. تىلنى تاشلىتىدىغان شەخسلەردۇر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەر، ھېچقانداق مەنە ئىپادىلمەيدىغان چۈشىنىكسىز تېرمىن ۋە قىسقارتىلغان سۆزلەر، يات ئاتالغۇلار دەل ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنماقتا، بۇ ئەھۋال تىلنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ تېگىدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ «ئۇچۇرلىرى، ئەسەرلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللار» ياتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ھەر قانداق ئادەم ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايلا كىرىپ بىمالال ھالدا «ئەسەرلىرى»نى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. ئەپسۇس بۇ «ئەسەرلەر»ھېچقانداق نازارەت ۋە تەھرىرلىكتىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلگەن ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ سەۋەبى بولسا كېرەك:
1- سىياسىي سەۋەبلەر: سىياسىي ھاكىمىيەت قولىدىكى كۈچتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەنپەئەتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە قويۇش ھەتتا پۈتۈنلەي چەكلەش ياكى نازارەت قىلىش ئارقىلىق بەزى ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
2- ئىقتىسادىي سەۋەبلەر: يېڭى مېدىيا تېخنولوگىيەلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان كاپىتالىستلار دەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېلان بومباردىمانى ئاستىدا قېلىشى، خەۋەر بىلەن ئېلان ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئازىيىشى ھەتتا تۈگەپ كېتىشى قاتارلىقلار ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
3- كۈلتۈر جەھەتتىكى سەۋەبلەر: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەخسلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا، ئۆزگىلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋە مەھرەم تۇرمۇشى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا، بۇ ئەخلاقىي ۋە مائارىپ تەربىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە قارىتىلغان پوزىتسىيەلەر
ھەر يېڭى تېخنولوگىيە تۇرمۇشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بەزىبىر ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭمۇ بەزى ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئەينى ۋاقىتتا قانداق مۇنازىرە قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا ھازىرمۇ يېڭى مېدىيانىڭ بەزىبىر ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئادەم ئىشلەتمەكتە. ئەپسۇس ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ئەخلاقىي – پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلماقتا. فېيسبۇكقا ئوخشاش ھەم فوتو-سۈرەت ھەم ۋىدېئو ھەمدە ئۇچۇر ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەزى ئىشلەتكۈچىلەر مەسىلىنى قائىدىگە مۇۋاپىق مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا بىر-بىرلىرىنى ھاقارەتلىشىدۇ. بۇنداق ھادىسىلەر كۆپەيگەنسېرى، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەخلاقىي مەسىلىلەر نورمال ئىشتەك بىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاڭلىق ھالدا پايدىلىنالايدىغان كىشىلەر پەرقلىق كۆز قاراشلارغا نورمال مۇئامىلە قىلالايدۇ، ئامال بار باشقىلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
مەزمۇنى ساغلام بولمىغان فوتو-سۈرەت، ۋىدېئو ۋە ئۇچۇرلار ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەر ۋاقىت خەتەر پەيدا قىلىدۇ. پەرزەنتلىك ئائىلىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا نىسبەتەن سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. شەھۋانى ۋە سېرىق بۇيۇملار بولۇپ ھەر تۈرلۈك بولمىغۇر نەرسىلەر بىمالال ئېقىپ يۈرىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر. ھەر سېكۇنت ۋە ھەر مىنۇتلۇق ئىشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «دوستلىرى» بىلەن دەرھال ئورتاقلىشىدىغان بالىلار ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان زور خەتەرلەردىن خەۋەرسىز ياشىماقتا. پەرزەنتلىرىنىڭ كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىش، قايسى تور بەتلىرىگە كىرىش قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، پەرزەنتلىرىنىڭ «يامان ئادەملەر»گە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كوچىغا چىقىشىنى چەكلەپ كۆز ئالدىدىن يىراقلاشتۇرمايدىغان ئائىلىلەرمۇ بار. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، قايسى خىل مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ياكى قانداق ئۇچۇرلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كونترول قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىدىغان ئائىلىلەر ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇنداق ئاتا-ئانىلار باركى، ئۆزلىرى ئۇچراتقان ئۇچۇرلارنى ئويلانمايلا ئورتاقلىشىدىغان تۇرسا، قانداقمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلسۇن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىشلەتكۈچىلەر «ئاپتور ۋە ئىجادىيەتچى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئەخلاق مەسىلىسىمۇ داۋاملىشىدۇ. چۈنكى ھەر ئىشلەتكۈچى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر نەرسە تەييارلىغاندا، ئۆزىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق بولغان سەۋەب ۋە مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزى ئۇچۇرلار ئازراقمۇ مەسىلە پەيدا قىلماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بەزى ئۇچۇر ياكى «ئەسەرلەر»ھەم مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ھەم ئورتاقلاشقۇچى جەھەتتىن بولسۇن قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئىشلەتكۈچىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، بەزىبىر ئەخلاقىي مەسىلىلەر قانۇنىي سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈپ مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، سودا، نەشر ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقلار دەخلىگە ئۇچرىسا ئۇ ۋاقتىدا قانۇنىي مەسىلە يۈز بەرگەن بولىدۇ.

خۇلاسە

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە ئوخشاش بەزىبىر مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ «ئەسەر ۋە ئىجادىيەتلىرى»گە مەركەزلىشىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى سىياسەتچىلەرنىڭ مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كىرىم قىلماقچى بولغانلار بەزىبىر ئەخلاقىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش دائىرىسىنى بېكىتەلمەسلىكى، خۇسۇسىي تۇرمۇشقا دائىر ھەر نەرسىنىڭ ئېقىپ يۈرۈشى، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سېخىيلارچە ھەمبەھرىلىنىشى قاتارلىقلار بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بەزى ئائىلىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاڭلىق مۇئامىلە قىلالمىغانلىقتىن، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىدا رول ئويناشتىن بەكرەك، غەيرى ئىجتىمائىيلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خۇسۇسىي ۋە مەھرەم تۇرمۇشنىڭ مەخپىيىتىگە كۆز تىكىش، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېلان بومباردىمانى ئاستىدا قېلىشى، تىلنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى، ئەخلاقىي-پىرىنسىپلارغا زىت رەسىم، ۋىدېئو ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ھەمبەھرىلىنىشى، تۇزاق بىلوگلار، يالغان كىملىك ئادرېسلىرى، قايمۇقتۇرغۇچى ئۇلىنىشلار، رىياكارلىق، شان-شۆھرەت قوغلىشىش، ھاقارەتلەش، كەمسىتىش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەر قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردۇر.

پايدىلانمىلار

Akter T (2009) Merkeziyetsiz Medya: İnternet ve Etik, Fırat Üniversitesi İletişim
Fakültesi Medya ve Etik Semp, 07-09 Ekim 2009, Elazığ.
Sosyal Medyada Etik Sorunlar
309
Altıparmak K (2013) http://www.turk-internet.com/portal/yazigoster.phd?
yaziid= 42879# , erişim tarihi: 27.03.2015.
Arslantaş S, Binark M, Dikmen E Ş, Fidaner I B, Küzeci E ve Özaygen A (2012)
Türkiye’de Dijital Gözetim: T.C. Kimlik Numarasından E-Kimlik Kartlarına Yurttaşın
Sayısal Bedenlenişi, http://ekitap.alternatifbilisim.org/turkiyede-dijitalgozetim.
html, erişim tarihi: 27.03.2014, 39-110.
Atabek Ü (2005) İletişim Teknolojileri ve Yerel Medya İçin Olanaklar, Sevda
Alankuş (ed), Yeni İletişim Teknolojisi ve Medya, IPS İletişim Vakfı Yayınları,
İstanbul, 61-90.
Binark M (2007) Yeni Medya Çalışmaları, Dipnot Yayınları, Ankara.
Binark M ve Bayraktutan G (2013) Ayın Karanlık Yüzü: Yeni Medya ve Etik, Kalkedon
Yayınları, İstanbul.
Binark M ve Çomu T (2012) Sosyal Medyanın Nefret Söylemi İçin Kullanılması
İfade Özgürlüğü Değildir!, https://yenimedya.wordpress.com/2012/01/20/sosyalmedyanin-
nefret-soylemi-icin- kullanilmasi-ifade-ozgurlugu-degildir/, erişim
tarihi: 17.04.2014.
Binark M ve Löker K (2011) STÖ’ler İçin Bilişim Rehberi, STGM, Ankara.
Coleman B (2012) Hello Avatar, Emrah Bilge (çev), Mediacat Yayınları, İstanbul.
Çavdar G (2009) Kamu Hizmeti Yayıncılığı ve Etik, Fırat Üniversitesi İletişim
Fakültesi Medya ve Etik Semp, 07-09 Ekim 2009, Elazığ.
Demir V (2006) Medya Etiği, Beta Yayınları, İstanbul.
Deuze M ve Dimoudi C (2002) Online Journalists in the Netherlands: Towards a
Profile of a New Profession, Journalism Studies, 3 (1), 85-100
Erol G (2009) Medya ve Etik: İnternet Haberciliğinde Nesnellik, Etik İlkelerin
İçeriği, Uygulamadaki Sorunlar ve Televizyon Haberciliği İle Karşılaştırılması,
Fırat Üniversitesi İletişim Fakültesi Medya ve Etik Semp, 07-09 Ekim 2009, Elazığ.
Giddens A (2008) Ulus Devlet ve Şiddet, Kalkedon Yayınları, İstanbul.
Gürel T (2009) Kurumsal Sosyal Sorumluluk ve Etik Kavramlarının Kuramsal
Bağı Üzerine Bir İnceleme, Fırat Üniversitesi İletişim Fakültesi Medya ve Etik
Semp, 07-09 Ekim 2009, Elazığ.
http://tr.wikipedia.org/wiki/Trol_(%C4%B0nternet), erişim tarihi: 14.05.2015
http://tr.wikipedia.org/wiki/Veri_madencili%C4%9Fi, erişim tarihi: 13.05.2015
http://tr.wikipedia.org/w/index.php?title=Sosyal_medya&veaction=edit&vesectio
n=7, erişim tarihi: 15.05.2015.
http://www.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئۆمەرجان قۇربان تەرجىمىسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش