ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئوچۇق خەت

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئوچۇق خەت

ئۈمىد ئۇيغۇر
ئانا ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرتىمىزنىڭ، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ئوتى كۆيمەكتە، ۋەتەن تۇپراقلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر مۇسىبەت ھەممىمىزنىڭ يۈرەك باغرىنى داغلىماقتا. بىر مىللەتنىڭ ئۆز يۇرتىدا يىلتىزىدىن يوق قىلىنىش خىرسلىرى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى يەتكەنلا يەرگە ھەرخىل ۋاسىتىلەر، خىلمۇ-خىل شەكىل ۋە قىياپەتلەردە يامراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرنىڭ مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ئەڭ گۈزەل ئامانەت بولغان ئەۋلاتلىرىمىزغا، ئۇيغۇرلىقىمىزغا، ۋەتىنىمىزدە ھەر خىل پاجىئەلەرگە بەرداشلىق بېرىپ تۇرۇپ بىزدىن ئۆمىدىنى ئۈزمەي ياشاۋاتقان يۇرتداشلىرىمىزغا، چەكسىز بىر سەمىمىيەت بىلەن قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىزغا، ھەر بىرىمىزنىڭ، ئۆز تەسىر دائىرىمىز ئىچىدە مەۋجۇتلىقىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىز توغرىسدا قايتىدىن قارار چىقىرىشىمىزغا جىددىي ئىھتىياجلىق.
ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى، ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىز ئائىلىلەرگىچە بېسىپ كىرگەن پۈتۈنلەي يوق قىلىش خىرىسىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان پەيىتتە، ۋەتەن سىرتىغا چىقىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دەل ئەكسىچە، يەنى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ۋەتەن ئىچىدىكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە تىز، تەبىئىي ۋە تەلتۈكۈس ئەمەلگە ئاشماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرى ئىنتايىن زور خەۋپ ئىچىدە. تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تىل ۋە ئۆرۈپ ئادەتنىڭ زىيادە يېقىن بولۇشى بالىلارنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىپ تۈرك ياكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولسا، ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى پەرزەنتلىرىمىز، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئىسلامغا ئەمەس، ئەرەب مەدەنىيىتىگە ۋە تىلىغا بولغان چەكتىن ئاشقان ھېرىسمەنلىكى تۈپەيلىدىن، يا ئەرەپ بولۇپ كەتمەكتە ياكى 4-5 ياشقىچە تىلى چىقماي، ئۆسۈپ – يېتىلىشى ۋە ھاياتى زور توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە تۈركىيە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۈزىتىدىغان بولساق، تۈركىيەگە 2-3 يېشىدا كەلگەن ياكى تۈركىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تىلى تۈركچە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلالمايدۇ ۋە ئۇيغۇرچە گەپ قىلسىڭىز چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا سىزگە مەسخىرىلىك قارايدۇ…
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىنى ھىچكىم پەرەز قىلالمايدۇ، ئەمما ھازىرقى قايغۇلۇق ۋەزىيەت بۇ پىتى داۋاملاشسا، 50 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىنىپ يوق قىلىۋىتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدىن سۆز ئىچىش تەسكە توختىشى، ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىكتە تارىخقا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋەتەندە، بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خەلقىمىز قوغداپ قىلىشقا جان-جەھلى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن خاراپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز ئۆز ئىرادىمىز ياكى ئىرادىسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلىۋاتىمىز. ئەجداتلىرىمىز بىزگە يەتكۈزگەن بۇ ئامانەتنى، ئەركىن دۇنياغا چىقىۋالغان ئۇيغۇرلار ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزەلمەيۋاتىمىز. ھەممىمىز دىگۈدەك، نەتىجىسىنى ھىچكىم سۈرۈشتە قىلالمايدىغان، قانداق نەتىجە چىقىشى مەجھۇل، كوچىغا چىقسىلا قىلغىلى بولىدىغان ئاسان داۋانىڭ پىشىگە ھاياجان بىلەن چاپلىشىۋىلىپ، ئائىلىمىزدىكى پەرزەنت تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋە قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى بولغان قېيىن داۋانى كۆرمەسكە سىلىۋاتىمىز ياكى سەل قاراۋاتىمىز. بىزنى ئاتا – ئانىمىز ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ بۇ كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن بولسا، بىزنىڭمۇ ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈش، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ئىقتىدارلىق ئىنسان قىلىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار، بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىش ھەققى بار. ھاياتنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىشكە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر بولسىڭىز، ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەردىن يۈرىكىڭىز ھەقىقەتەن ئىچىشىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۆر بىر مىللەتكە ئايلىنىشىنى ئۆمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىڭىز سىزگە تاپشۇرغان ئۇيغۇرلۇق ئامانىتىنى ئەۋلاتلىرىڭىزغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، يەنى ئائىلىڭىزدە ۋە ئالاقە دائىرىڭىز ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاكىز بىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۇيغۇر تىلىنى بالىلىرىڭىزغا ئۆگىتىڭ، ئۇلار بىلەن كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا مۇڭدىشىپ بېرىڭ، ئائىلىڭىزگە باشقا بىر تىل ئائىلىڭىزنىڭ ئالاقە قورالى سۈپىتىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرەلمىسۇن. بالىڭىزنىڭ بىرىنچى تىلى ئانا تىلى – ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى تىلنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلسە ئۆگىنەلەيدۇ.
ۋەتىنىمىز ھامان بىر كۈنى خىتايدىن قۇتۇلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ كۈن كەلگەندە، دۇنيادا، ئۇ ۋەتەندە ياشايدىغانغا ئۇيغۇر قالمىسا، قىلىۋاتقان پۈتۈن ۋەتەن داۋالىرىمىز بوشقا كەتمەسمۇ؟ داۋالىرىمىزنىڭ مەقسىدى تۇپراقمۇ ياكى ئۇيغۇرنىڭ ھۆر دۇنياسىمۇ؟
ئانا يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى
يۇرتىمىزدىن ئايرىلغىنىغا 20 يىلدىن ئاشمىغان ھەر بىر ئۇيغۇر، يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ مىجەز-خۇلقىدىكى قوۋلۇق ۋە ياۋۇزلۇقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئويلانسىلا ناھايىتى ئېنىق پەرەز قىلالايدۇ. ئەسىرگە چۈشكەن ئۇيغۇر خەلقى 70 يىلدىن بۇيان مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ قۇۋلۇق ۋە شۇملۇقلىرىغا بىر ئاماللارنى قىلىپ تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ، بېشىغا نېمە كېلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئىرادىسىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىغا ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان يوقىتىش سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىدە ھىچقانداق ئۆزگۆرۈش بولمىدى، بېشىدىكى يۇتىۋىلىپ يوق قىلىش سىياسىتى 70 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما پايدىلىنىۋاتقان ۋاستىلەرنىڭ تۈرى ۋە تېخنىكىسى غايەت زور دەرىجىدە كۆپەيدى، قەبىھلەشتى ۋە تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەخسىيلەشتۈرۈش نامىدا يۇشۇرۇن مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قولى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە ئۇزاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تارىخى بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن نىمەتلەرنى بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي نازارەت ئاستىدا يوق قىلىش مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەھدىتتىن باشقا ھىچقانداق ئىنسانىي تەھدىتنىڭ يوقلىقىنى بىر قانچە قېتىملىق تەجرىبىسى بىلەن جەزىملەشتۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە پايدىلىنىپ بولۇپ يوق قىلىشنىڭ كويىدا ھەر خىل قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئىچكى ئەزالىرى ئىشقا يارايدىغانلارنى ئىچكى ئورگان تىجارىتى ئۈچۈن سەرمايە قىلىۋاتىدۇ، ئىشقا يارايدىغانلارنى ھەقسىز قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ياكى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىۋاتىدۇ. دىندار ئىنسانلارنى دىنچىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالداپ يوق قىلدى ياكى تاشقى دۇنيادا نامىمىزنى سېسىتىش ئۈچۈن تېرور تەشكىلاتلىرىغا ئۆز ئىستىكى ۋە مەبلىغى بىلەن قاتنىشىشقا يول ھازىرلاپ بەردى.
ۋەتەن ئىچىدىكى قان- قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس، ئەمما بەكمۇ ئازاپلىق…
500 مېتىر ئارىلىقلاردا قۇرۇلغان ساقچى پونكىتلىرى ھەرگىزمۇ رىۋايەت ئەمەس، ھەقىقەتەن بار، مەن ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر شەھەر، ھەر يەردە بار…
يېغىۋىلىش لاگىرلىرىمۇ ھېكايە ئەمەس، ھەقىقەتەن بار، ۋە ئۇ لاگىرلارنىڭ ئىچىدە، مېنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ، ھەممىمىزنىڭ قان – قىرىنداشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، ساۋاقداشلىرىدىن ياكى خوشنىلىرىمىز بىرىلىرى بار. ئەسلىدە ئۇ لاگىرلارنىڭ ئىچىدە سىز، بىز، قەلبىمىز، ۋىجدانىمىز بار…
ئۆستەڭدە توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن بالا، ھەممىمىزنىڭ بالىسى…
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئەزىزلىنىپ كەلگەن خالمۇرات غوپۇردەك بىلىم ئىنسانلىرىمۇ، ھەممەيلەن تىگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا خائىن، خىتاينىڭ غالچىسى دەپ تىللاپ كېلىۋاتقان نۇر بەكرى قاتارلىق ئەمەلدارلارمۇ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى، ھەممىسى خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر، بىرەر دۆلەت دۈشمىنى…
پۈتۈن ئۇيغۇر ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۆزىدە، ئۇ تۇپراقلار ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتقان مالدىن باشقا ھىچنەرسە ئەمەس. مال ئىگىسى مېلىنى نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. خالىسا ساتىدۇ، خالىسا ئەخلەتنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشى مۇمكىن…
ھېچ بىرىمىزدە ئائىلىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ ھالىنى، ئەھۋالىنى سورىغۇدەك جاسارەت قالمىدى، چۈنكى قەلبىمىز، قولىمىز ۋە پۇتىمىز ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن توقۇلغان كۆرۈنمەس يىپ بىلەن باغلاقلىق، يىپنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىدىن قورقىمىز…
ئەسلىدىن ئايرىلىشنى خالمايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئىنسانىي ئەخلاقتىن قىلچە خەۋىرى يوق خىتاي ھۆكۈمىتى سۇندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، خىتاي خەلقى كۆز يۇمۇش ئارقىلىق بۇ ئىنسانىي جىنايەتكە شىرىك بولىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى، ئىنسانىيەتكە، ئىنسانىي ئادالەت ۋە ئەخلاققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىنى توختاتمىسا، بۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر خەلقى، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ يوق قىلىنىشى، يېنىك بولغاندا، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلۇقتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ تارىخقا ئايلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى ئەھۋالدا، ئۇيغۇر مىللىتىدىن، مەدەنىيىتىدىن ھىچقانداق بىر جانلىق ئىز قالماسلىقى مۇمكىن.
ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى
يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن، ئوقۇش، ساياھەت، تىجارەت، ھەج ياكى پاناھلىق قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن يۇرتتىن ئايرىلغان كىشلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوقۇش، ساياھەت، تىجارەت ھەج مەقسىتىدە چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلار ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ ۋەتەنگە قايتىشقا ئامالسىز قالماقتا. كۆپىنچىسىنىڭ بالا-چاقىسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، مال-مۈلكى ۋەتەندە، ھىجران ۋە ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھازىر تۈركىيەگە توپلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىجىھات نامى ئاستىدا ۋەتەندىن چىققانلار ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەندىن يولغا چىققاندىلا قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ باقمىغان ياكى جىھات بىلەن ۋەتەننى ئازاد قىلىپ بىراقلا قايتىپ كېتىشنى نىيەت قىلغان، ياش، بېشى بوش كىشىلەر بولۇپ، تەلىم – تەربىيىدىن مەھرۇم، بۇ دۇنيادا ھالال ياشاشتا لازىم بولىدىغان بىرەر ھۆنىرى يوق، ئۆيىدە بىر قانچە خوتۇن ۋە يەتتە – سەككىزدىن بالا، ھالال ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا ئامالسىز، تېگى – تەكتى ئېنىق بولمىغان ياردەم پۇلى ياكى يېمەكلىلكلەر بىلەن جان باقماقتا. ۋە ئەڭ ئېغىر يوقتىش بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدە مەيدانغا كەلمەكتە. ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە سۈيئىستىمال قىلىۋاتقان بۇ تۈردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بالىلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خاراپ، ئەڭ تۆۋەن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىمۇ ئەرلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان، ئانىلار تەربىيەسىز، يۈزلىرى ئەرلىرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن قارا لاتا بىلەن يۆگىۋىتىلگەن، بالىلار مەكتەپسىز، بالىلارغا قارىتا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەسئۇلىيەتسىزلىك ئېغىر. بۇنداق ئائىلىلەردە بالىلارغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنى بەلكىم ھىچبىرىمىز كىچىك ۋاقتلىرىمىزدا باققان قوي-كالىلارغىمۇ قىلىپ باقمىغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئەتتىگەن جاڭگالغا ئاپىرىپ ئوتلىتىپ، ئاخشاملىرى بىر-بىرلەپ ساناپ ئېغىلىغا سولاپ قوياتتۇق. ماللىرىمىزنى ئېغىلدىن ئوغرى ئالمىسىلا يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال بولمايتتى. ئەمما بۇ جىھاتچىلارنىڭ ئائىلىلىرىدە دۇنياغا كېلىپ قالغان 2-3 ياشلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خەۋىرىسىز كوچىلاردا، ئەخلەتخانىلاردا ئويناپ يۈرگىنىنى كۆرسىڭىز ۋە ئۇ بالىلارنىڭ ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا، يۈرەكلىرىڭىز ئېچىشىپ كېتىدۇ.
ئوقۇش مەقسىتى بىلەن چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ياپونىيەگە كېتەلىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىرىشچان بولۇشى ۋە ئۇ دۆلەتلەردە ئوقۇش ۋە ياشاشتا كېرەكلىك تەييارلىقلىرىنىڭ پۇختا بولۇشى، ئۇ دۆلەتلەردىكى ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ تۇرمۇشنى قامداپ زىھنىنى ئوقۇشقا بېرىشىگە قارىتا يىتەرلىك بولىشىدەك ئامىللار، بۇ دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇ دۆلەتلەردە ياراملىق بىر ئىنسان سۈپىتىدە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. ئەمما ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ۋە تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوقۇشقا نىسپەتەن تونۇشى، تەييارلىقلىرى، ئىقتىسادى يىتەرسىز بولغاچقا، ئوقۇشىنى لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ، ئۇ دۆلەتلەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا. بولۇپمۇ مىسىرغا ئوقۇشقا چىقىرىلغان بالىلارنىڭ ياشلىرى بەكلا كېچىك، ئاتا-ئانىغا ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋاقىتلىرىدا، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ يات بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىچىگە تاشلانغان بولغاچقا، ئاساسلىق مائارىپ مەزگىلى بەكلا بوشقا ئۆتۈپ، ھاياتىدا تولدۇرۇش ئىنتايىن تەس بولغان بىر بوشلۇق شەكىللەنگەن. مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، بۇ پاتقاقلىقتىن ۋاقتىنچە قۇتۇلغان بولسىمۇ، بارغان دۆلەتلەردە قانچىلىك پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ئۇنى پەرەز قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا تۇتۇپ بېرىلگەنلىكى، كىملەرنىڭ قايسى دۆلەتلەردە قانداق قىسمەتلەرگە دۈچار بولۇشى ئېنىق ئەمەس.
ۋەتەن سىرتىغا ئوقۇش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى تۈركىيە. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇماۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئەمەس، بۇ پۇرسەتنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۆزىدىن كېيىن ئوقۇشقا كىرىش ئىھتىماللىقى بولغانلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويۇۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ياخشى ئوقۇسا، ئۆزىنىڭ بالىسى ئۈچۈن خوش بولغاندەك خوش بولىدۇ. ئەكسچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى مېنىڭچە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يا ياخشى ئوقىمىغان ياكى ھىچ ئوقۇمىغان، بىر كىشىلىك ئوقۇش پۇرسىتىنى سۈيئىستىمال قىلىپ يوق قىلغان بولىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال تۈكىيەدە بەكلا ئېغىر. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزغا، ھەر بىرىمىزنىڭ ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
تىجارەت، ساياھەت، ھەج ۋە جىھات ئۈچۈن يۇرتتىن ئايرىلىپ، قايتىپ كېتەلمىگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى باشقا مەقسەتلەر بىلەن تۈركىيەگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن كۆپ ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بالىلىرىنىڭ تەلىم- تەربىيىسى ھەققىدىكى تونۇشى، تۇتقان يولى، ساياھەت، ھەج ۋە جىھات ئۈچۈن چىققانلارنىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. بۇ ئورتاقلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى، دىنىي كەيپىياتنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىشى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 50 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە تۈركىيەگە ھەرخىل سەۋەپ ۋە يوللار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلادىن تەركىپ تاپىدۇ. بەش يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن يېشى كېچىك كەلگەنلەر بىلەن تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ تىلى ئاساسەن تۈركچە چىقىپ بولغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە ئۇيغۇرچە ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ، ياكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ئۇيغۇرچە، كۆپ قىسمى تۈركچە سۆزلىنىدۇ. تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرىنىڭ كۆپ بولىشى، بىزدەك ھاياتىنىمۇ، تىلىنىمۇ بولىشغا قويۇپ بېرىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن تىلىمىزنى ئاۋۋال ئائىلىدىن، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا. تۈركىيەگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر دىققەت قىلمىسا، بىر ئايغا بارمايلا، ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىدا تۈركچە ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ئوخشاش تىلغۇ دەپ دىققەت قىلماي ئائىلىسدىكىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىشىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر، بىر كۈنى توساتتىن بالىلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقۇدەك ھىچقانداق ئورتاقلىقى قالمىغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ تۈركتەك بولۇپ كەتكىنى ھىس قىلىپ پۇشايمانغا قالىدۇ.
نوپۇسىنىڭ 99 پېرسەنتى مۇسۇلماندەك ياشايدىغان تۈركىيەدە، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى مەجبۇرى ۋە دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، دەرسلىك كىتاپلار ھەقسىز، دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىمۇ بۇ ھەقسىز مائارىپتىن بەھىرلىنەلەيدۇ. دۆلەتنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرىدا، دىن ۋە مەدەنىيەت دەرسى بار، بۇ دەرستە بالىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا ماس كېلىدىغان دەرىجىدە ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان ئوقۇش ساۋاقلىرى بار. ئەمما تۈركىيە دۆلىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىۋاتقان ياكى بارمىغانلىقىنى نازارەت قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بىر مەجبۇرى مائارىپ سىستېمىسى يوق. ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يوچۇقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، بالىلىرىنى قۇرئان كۇرسلىرىغا، مەدرىسلەرگە تۇتۇپ بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلماقتا. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئاساسلىق مائارىپ سۈپىتىدە دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېساپلىنىدۇ، مەزمۇن جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە. بىزدەك دۆلىتى يوق مىللەتلەر، قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولساق، شۇ دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىمىزنى، بۇ دۇنيادا ھالال ياشاشنىڭ ئاساسىنى يارىتىدىغان ئاساسىي مائارىپتىن مەھرۇم قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىزگە بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل ئامانەت ھېساپلىنىدىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئىنسانىي ھەققى ۋە بۇ دۇنيادا ھالال ياشاشنى ئۆگىنىدىغان تۈنجى سورۇنى.
ئەگەر دىندار قىياپەتكە كىرىۋالغان ئۇيغۇر ئەرلىرى، ئايالىنىڭ ۋە قىز بالىلىرىنىڭ يۈز – كۆزىنى چىڭ يۆگەپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ مەدەنىيەتلىك ئادەم قىلىشقا تىرىشماي، ”ئىسلام دۆلىتى“ نىڭ تېرورچىلىرىدەك كېيىنىپ ۋە كېيىندۈرۈپ، ئۆچكە ساقىلىنى ساڭگىلىتىپ، ئىستانبۇل كوچىلىرىدا مەينەت چىراي، پەرىشان ئايلىنىپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئىقتىسادى كىرزىسكە چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقان، سىياسىي جەھەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بارغانسىرى باغلىنىپ كېتىۋاتقان تۈركىيەدە، ئەگەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئەركىنلىك سېتىۋىلىنسا، ئۇيغۇرلار تېرورچى سۈپىتىدە قارىلىنىپ، تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشسە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى جاسارەتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىستىگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى تېرورچى قالپىقى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان كۈن كەلمەيدۇ دېيەلمەيمىز. ھازىر تۈركىيەدە، ئۇيغۇرلار پەقەت سايلامدا ھۆكۈمەتنى سايلاش ھەققىگە ئىگە تۈرك خەلقىنىڭلا ھىمايىسىدە، ئەركىن ۋە ھۆر ياشىماقتا. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشسەك كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي قىلىشىمىز ئېنىق. بۇنداق ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ يېتەلمەيدۇ، بۇ ئىنسانلارنى بۇ خىل ئەھۋالدىن، باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىك ياردەم قىلىشى قۇتقۇزۇپ قالالىشى مۇمكىن. ۋە ئەگەر ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىش بار بولسا، ئۇ ئىش دەل بۇ ئىش، يەنى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى، يەنى بۇ ئىنسانلارنى بۇ جاھالەتتىن قۇتقۇزۇشتۇر.
يېقىنقى ئون يىل ئىچدە ياۋرۇپاغا پاناھلىق تىلەپ كېتىپ قالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 18 ياش بىلەن 35 ياش ئارىسىدىكى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئائىلە قۇرغانلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە تەربىيەلەش پۇرسىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. مەن كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 4-5 ياشلىق بالىلىرىنىڭمۇ يا ئۇيغۇرچە ياكى يەرلىك تىلدا تىلى چىقمىغان بولۇپ، بۇ بالىلار چوڭ بولغانسىرى ئۇ مۇھىتتا كۈچلۈك ئادەم بولالىشى زور توسالغۇغا ئۇچىرىشى، ياش چوڭايغانسىرى چەتكە قېقىلىشى تۇرغانلا گەپ. بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا تىل چىقىرىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، بىرىنچى تىلىنىڭ ئانا تىلى، يەنى ئۇيغۇرچە بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ.
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟
ھىچ نەرسە كۈتمەيدۇ، كۈتەلمەيدۇ. چۈنكى ھالىمىز ئۇلاردىن بەتتەر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار، چەتئەللەرگە چىقىۋالغانلار ۋاز كەچكەن ئۇيغۇرلۇقتىن ۋاز كەچمىگەچكە ئۇ كۈنلەرنى كۆرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر سۈپىتىدە ياشاشقا جان – جەھلى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، قۇربان بېرىۋاتىدۇ. ئەكسچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قايسى دۆلەتكە بارغان بولسا، شۇ دۆلەتتىكى ئىنسانلارنىڭ قىلىپىغا كىرىۋىلىپ، بالىلىرىنى خۇددى شۇ دۆلەتنىڭلا پۇقراسىدەك، ئۇيغۇر ئەمەستەك، شۇ دۆلەتتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە پۈتۈنلەي تاشلاپ بېرىۋاتىدۇ. بىز، دىن داۋاسى قىلىپ يۈرگىنىمىزدە، بالىمىز بىزدە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى كۆرەلمىگەچكە دىندىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى قىلىپ يۈرگىنىمىزدە بولسا، ئائىلىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى كۆرەلمەي، ئائىلە تەسىرىنى بېسىپ چۈشدىغان تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىشى ياكى چىققان بولۇشى مۇمكىن. بالىمىزنى يەسلىگە، مەكتەپكە تاشلاپ بېرىپ، ئۆزىمىز تەلىم – تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلمىسەك، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئىنسانلاردىن بىرى بولۇپ يېتىشىدۇ.
ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلگىمىز بولسا، ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاتا- ئانىمىز، ئۇرۇق- تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىمىزنىڭ بىزنى قانداق تىلەكلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى ئەسلەپ باقايلى. بىز نېمىنى ئەسلىيەلىگەن بولساق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ھەر بىرىمىزدىن ئۇلارنى كۈتىدۇ. ياخشى ئوقۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ياراملىق بىر ئىنسان بولۇشنى، تىجارەتنى ياخشى قىلىپ پۇلنى كۆپ تېپىپ، تاپقان پۇلنى توغرا يەرگە ئىشلىتىشنى، كۈچلۈك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشنى، بارغان يېرىمىزدە بىزدىن باشقا ئۇيغۇر بولسا ئىزدەپ تىپىپ ھەمكارلىشىپ ياشاشنى، …
ئەڭ مۇھىمى، ئەركىن دۇنيادا ئۇيغۇرلىقىمىزغا نوقسان يەتكۈزمەي، ئۇيغۇردەك ياشاپ، كېلەچەك ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ئامانىتىنى ساق – سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىشنى، ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ ياشىشىمىزنى كۈتىدۇ.
بىرەرسىمىزنىڭ ئاتا-ئانسى ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، ”ئامېرىكىغا ياكى تۈركىيەگە بېرىپ يۇرتىمىزنى ئازات قىلىپ كەل“ دېگەن بولىشى ناتايىن، چۈنكى ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ئەقلى، ۋەتەننى چەتئەلدە تۇرۇپ ئازات قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدەك ئاددى ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە يېتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ بىر نەرسىگە يەتمىگىنى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ بارغانلا يېرىمىزدە، ئۇلاردىن بۇرۇنراق ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كىتىشىمىزدەك ئاچچىق ھەقىقەت.
چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، مىللىي ۋە دىنىي داۋالار يالغانمۇ؟
ئەگەر چەتئەلگە چىقىۋىلىپ، مىللەت داۋاسى قىلىۋاتقانلار، بۇ داۋالىرىنى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ يولغا چىققان بولسا، يەنى، قايسى دۆلەتتە بولسا بولسۇن، ھىچ بولمىغاندا ئائىلىسدە بالىلىرى بىلەن ھەرقانداق تېمىدا ئۇيغۇرچە مۇڭدىشالايدىغان، ئۇيغۇرچە پىكىر قىلالايدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن، ئۇيغۇرلۇقتىن نۇمۇس قىلمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرەلىگەن ياكى يېتىشتۈرىۋاتقان بولسا، ۋە بۇ داۋالارنى ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىچ – ئىچىدىن ھىس قىلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن دېگەن بۇ داۋا بىر مىللىي داۋا بولالايدۇ. ئەكسچە بولغىنىدا، ھەممىسى يالغان.
ئەگەر چەتئەلگە چىقىۋىلىپ دىن داۋاسى قىلىۋاتقان بولسىڭىز، داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئۇ دىننى، ئۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىنى قانچىلىك ئوقۇپ چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، قىلىۋاتقان داۋايىڭىز ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتامدۇ، سىزنىڭ مۇسۇلمان سۈپىتىدە قىلغان قىلىقلىرىڭىز مۇسۇلمان ئەمەس بىر ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ئىلھام بولالامدۇ؟ بۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىڭ، ۋە توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىۋىلىڭ. ئۇرۇپ، قورقىتىپ، زورلاپ، ئۆلتۈرۈپ ھىچمكىمنى مۇسۇلمان قىلغىلى بولمايدۇ، بىر كىمگە مۇسۇلمان ياكى ئەمەس تامغۇسىنى بېسىش ھەققىمىز يوق، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىشى، ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ھۆكۈملىرىگە زىت، قىيامەتتە چوقۇم قاتتىق سورىقى بولىدۇ.
بېشىمىزغا كەلگەنلەرنىڭ ئەسلى سەۋەبى – تەلىم تەربىيەنىڭ يىتەرسىزلىكى
ئۆتمۈشتە قانچىلىك شانلىق ياكى قانلىق تارىخىمىزنىڭ بارلىقى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر نەسلى ئۈچۈن مەجھۇل، ئەمما، ھەممىمىز ئېنىق بىلىدىغان نەرسە شۇكى، ھازىرغا قەدەر بولغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخىمىزدە، ئەجداتلىرىمىز بۇ مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، داۋاملاشتۇرۇشقا، مۇستەقىل بىر ۋەتىنى بار مىللەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. ئەمما، ئەۋلات تەربىيىسىنىڭ يىتەرسىلىكى سەۋەبىدىن، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماس تەرەققىي قىلىش پۇرسەتلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت تارتقۇزۇپ قويدۇق، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشقا يىتەرلىك ئىنسان كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدۇق، ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويدۇق. تەلىم-تەربىيەنىڭ يىتەرسىزلىكى ھەر زامان پۇتىمىزغا كىشەن بولۇپ كەلدى.
ئەۋلات تەربىيىسىنىڭ يىتەرسىزلىكى، پەقەت بىزدىلا ئەمەس، بەلكى 700-800 يىلدىن بۇيان، پۈتكۈل مۇسۇلمان قىياپىتىدە ياشاۋاتقان دۇنيا جامائىتىنىڭ ئورتاق كىسىلىگە ئايلاندى. مۇسۇلمان قىياپىتىدە ياشاۋاتقان دۇنيا جامائىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھاياتىمىزدا تەلىم – تەربىيەنىڭ يىتەرسىزلىكى، بىزنى، ھاياتنى بولىشىغا قويۇپ بېرىدىغان، ھەممە نەرسىنىڭ، ھەتتا ئىبادەتنىڭمۇ شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىپ مەزمۇنىدىن بىخەۋەر ياشايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. دۇنيا تەرەققىياتىغا تىلغا ئالغۇدەك نەتىجە ئېلىپ كىلەلمىگەننىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېساپلايدىغان كۆپ قىسىم ئىنسانلار بىلەن ئىسلام دېنىغا قارشى جامائەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى خالىغانچە سۈيئىستىمال قىلىشىغا بىلىپ بىلمەي شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق.
ئاتالمىش ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلماندەك ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلىتىنىڭ بېشىدا پادىشاھ، يۇرتى ئۇرۇش-تالاش ئوت ئىچىدە، ئاۋام خەلق ئاچ، يالىڭاچ، پەرىشان، كېلەچەكلىرى قاراڭغۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش نېسبىتى تۆۋەن، بېشى بوش تېرورچى نامزاتى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئەرلەر ئاياللارنىڭ تەلىم- تەربىيىسىگە قارشى، ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن ئايالى بالا – چاقىلىرىنى بېقىشتا چارىسىز. بۇ ئىنسانلار بىلەن تەقدىرىمىز ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سەۋەبى، ئەۋلاتلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيمىز، ھەممە نەرسىنى پىشانىمىزدىن كۆرىمىز، ئاللاھ ئاشۇنداق پۈتىۋەتكەن دەپ قارايمىز، بېشىمىزغا كەلگەن بالا قازانى يا ئاللاھتىن كۆرىمىز ياكى دۈشمەننىڭ نامەرتلىكىدىن.
ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئەقىل – پاراسەت بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇقەددەس بىر دىن. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ ئوقىغان ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ئىنساننى ئەقلى ۋە ئىرادىسى بىلەن ياراتتى، تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، بىزنىڭ تەقدىرىمىز، پىشانىمىز. ئەمما تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى ھاياتلىق پائالىيەتلىرى تامامەن ئىنسان ئەقلى ۋە ئىرادىسىگە تاپشۇرۇلغان، بۇ سەۋەپتىن، قىيامەت بار، جەننەت ۋە جەھەننەم بار. بۇ دۇنيادا ئىنسان ئىرادىسى بىلەن بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە نەرسە پىشانىمىزگە پۈتۈۋىتىلگەن دەپ قاراش، ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىش ئىرادىسىگە ۋە قۇرئاننىڭ روھىغا خىلاپ بىر ئىش، ئاللاھنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ۋە ئادالىتىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، ئاللاھنى دۈشمەن كۆرگەنلىك ۋە ئېغىر گۇناھ. بېشىمىزغا كەلگەن بالا – قازالاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھەممىنى ئاللاھقا ياكى دۈشمەنگە دۆڭگەپ قويماي ئەقىل – پاراسەت بىلەن تىرىشىپ تەدبىرلىك ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ۋە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئائىلىدىن باشلىنىپ، ئۆمۈر بويى داۋاملىشىدىغان تەلىم- تەربىيە.
يوقىلىش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بىر سۇئال. ئەمەلىيەتتە سەمىمىي بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش قېيىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سەۋىر- تاقەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئاددىي جاۋاب نېمە؟
جاۋاپ شۇ: مىللەتنى قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئائىلىمىزدىن باشلاش، پەرزەنتلىرىمىزنى مالنىڭ ئورنىدا بېقىش ئەمەس، ئىنسان ئەۋلادى سۈپىتىدە تەربىيەلەش، ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئاندىن ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشقا لايىق ئىقتىدارلىق ئىنسانلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئەگەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساق، ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنىڭ يۆنىلىشى بىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەم ۋەتەندىن ھەم ئۆزىمىزدىن جۇدا قىلىپ قويۇشى، بىر كۈنى ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى ھۆرلۈككە ئېرىشكەندە، ئۇ ۋەتەندە ياشايدىغانغا بىرمۇ ئۇيغۇر قالماسلىقى مۇقەررەر.
قانداق قىلىش مەسىلىسىدە، ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئۆز تەقدىرىمىز ھەققىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىنىپ توغرا بىر قارار چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە سەمىمىيلىك بىلەن چىقىرالايدىغان قارارىمىز ياكى تاللىشىمىز شۇ ئىككىسىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن:
1. ھاياتنى بولىشىغا قويىۋىتىش (=ئۇيغۇرلۇقتىن ۋاز كېچىش)، پۈتۈن بۇ دەرتلەردىن خالاس بولۇپ يىنىكلەش، ئانچە-مۇنچە نامايىشقا چىقىپ قويۇپ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىپ ھازىرقى مېڭىۋاتقان يولدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاش.
2. ئەجداتلىرىمىزدىن ئالغان ئامانەتنى زاماننىڭ روھىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ئەۋلاتلارغا تاپشۇرۇش، يەنى ئائىلە ئىچى تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئائىلىمىز ۋە تەسىر دائىرىمىزدىن باشلاىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.
مۇتلەق كۆپ قىسىمىمىز بىرىنچىسىنى رەت قىلمىز، ئىككىنچىسىنى تاللايمىز. ھەممىمىز كۆرۈنۈشتە ئىككىنچىسىنى تاللىغان قىياپەتكە كېرىۋىلىپ ئەمەلىيەتتە بىرىنچى تاللاشتىكى يول بىلەن ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز، يەنى ھەممىمىز ئاغزىمىزدا ئۇيغۇر، ئەمەلىيىتىمىزدە ھايات ئۆزىنىڭ ئېقىشىدا. بۇ سەۋەپتىن ۋەتەن سىرتىدىكى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلار، خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى قىرىنداشلىرىمىزدىن تىزرەك ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىۋاتىمىز. كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى تىل ئىشلىتىش مۇھىتىنىڭ تار بولۇشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشىغا ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇنى بۇ قەدەر تىز سۈرئەتتە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ باھانىسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر چىن دىلىدىن، سەمىمىيەت بىلەن ئىككىنچى تاللاشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىقلارنى قىلىپ، ۋاقىت ئۆتكۈزىۋەتمەي ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ. بالىڭىز قانچە ياشتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سىز سەمىمىيلىك بىلەن بەل باغلىسىڭىز، بالىڭىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا ھەرگىز كېچىكىپ قالمايسىز.
پەرزەنت تەربىيىسىدە پايدىلىنىدىغان ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىمدا تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئاخىرقى سۆز
تارىخقا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن تارىخ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئەگەر قىلىۋاتقان داۋاغا سەمىمىيەت بىلەن ئىشەنسىڭىز ۋە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىڭىزغا سادىق بولسىڭىز، ئالدى بىلەن، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ يوقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ. ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە، مەنپەئەتىگە تاقاشمىغان ھىچكىمنىڭ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى تونۇپ يېتىدىغان ۋاقىت كەلدى، كەتتى. ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ ئىنسان كۈچى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تىزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىش خەۋىپى ئېغىر، ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر. ھازىرقىدەك ئاجىز، يوقسۇل، بىچارە قىياپەتتە باشقىلارغا ”ياردەم قىلىڭ، كۆڭۈل بۆلۈڭ“ دەپ يىلىنىپ يۈرۈپ قىلغان داۋانىڭ ھىچكىمگە، ھىچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچىمىز، كوزىمىز بولمىسا، ئەھۋالىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئىچ ئاغرىتىشنىڭ، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھالىمىزغا كۈلۈشنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ. ھەتتا ۋەتەن ئىچىدىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، شۇ دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئىقتىدارلىق ئىنسانلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، سەۋىر- تاقەت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئىستىقبال ۋە ئامانلىق يار بولغاي!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش