ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 23- ۋە 24-فېۋرال كۈنلىرى «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش دېتاللىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش دېتاللىرى

زۇلھايات ئۆتكۈر

(1) تۈگمەن

تۈگمەن يارغۇنچاقتىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن مۇرەككەپ قۇرۇلمىدۇر. تۈگمەننىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىيال يوق. ئەمما ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ 1 – توم، 72 –، 184 –، 478 –، 505 –، 637 – بەتلىرى ۋە 3 – تومىنىڭ 364 – بېتىدە ‹‹ئۈگۈتچى››، ‹‹قوغۇش›› (نور)، ‹‹تەگىرمەن قوغوشى›› (تۈگمەن نورى)، ‹‹سىبەك›› (سۆۋەك)، ‹‹سۈكەن››، ‹‹چىغرى›› (تۈگمەن چاقى)، ‹‹تۆشۈرگۈ›› (چۈشۈرگۈ)، ‹‹تەگىرمەن تىشەدى›› (تۈگمەن تېشىنى چېكىش) قاتارلىق سۇ تۈگمىنىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئۇچرىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مەھەللىلەرنىڭ ئىسمى ھازىرمۇ ‹‹تۈگمەنبېشى››، ‹‹بەشتۈگمەن›› ، ‹‹ياقا تۈگمەن››، ‹‹تۈگمەنئېرىق›› قاتارلىق ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 1979 – يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1980 – يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى جايلار ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئەڭ قەدىمىي قەبرىلەر قېزىپ تەكشۈرۈلگەندە، قەبرىلەردىن بۇغداي دانلىرى بايقالغان. كۆنچى دەريا بويلىرىدىن تېپىلغان بۇ قەدىمىي بۇغداي دانلىرى ھازىرغىچە تارىم مەدەنىيىتىگە ئائىت قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇغداي ئەۋرىشكىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈگمەن ئادەتتە ياغاچ تاقاق ،كويلا ، ياغاچ نور ( قوچ ، قوغاچ ) ، غۇلۋا ، ئاقتا ( لەيلەڭگۈ ) ، چاقپەلەك ، تاش ( ئاستىنتاش ، ئۈستۈنتاش ) ،ئۇنلۇق( ئورىلىق ، خامپا ) ، سۈگەن ،چاناق،شۈمەك، قىسقا شۈمەك، چېقىلدۇرغۇچ ، تەڭشىگۈچ،قوپارغۇ قاتارلىق ئاساسىي بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ.
تۈگمەن سۇنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ بىر تاشلىق تۈگمەن، ئىككى تاشلىق تۈگمەن ھەتتا بەش، ئون تاشلىق تۈگمەن دەپ تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
كىشىلەر ئادەتتە يوغان ياغاچتىن نور چېپىپ ، كويلا بېشىنى پۇختا قىلىپ نورنى بېكىتىدۇ . ئاندىن كېيىن غۇلۋانى تاختاي بىلەن قىلىدۇ . تۈگمەننىڭ ئاستىن تېشىنى غۇلۋىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، چاقنى غۇلۋىغا ئەكىرىپ ، ئاختىنىڭ بېشىغا ، ئەركەك تۇرۇمنىڭ بېشىغا چاقپەلەكنى سالىدۇ . ئاندىن شۈمەكنى ئاستىن تاشنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە چىقىرىدۇ . ئاندىن شۈمەكنىڭ ئۈستىگە پاقىنى قويۇپ ، ئۈستىن تاشنى ياپىدۇ . چاقنىڭ بوي تۆمۈرىگە پەركارنى سېلىپ ، بىر ئادەم غۇلۋانىڭ ئىچىگە كىرىپ چاقنى چۆرگىلىتىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنلۇق ، يان تاختا قاتارلىقلارنى بېكىتىدۇ . ئاندىن ئۈستى تاشنى ئوقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر ئادەم غۇلۋاغا كىرىپ ، تۈگمەننى بىر قانچە قېتىم چۆرگىلىتىپ سىناپ باقىدۇ . چاتاق بولمىسا ، سۈگەن ، چاناق ، چېقىلدۇرغۇچ قاتارلىقلارنى بېكىتىدۇ . شۇنداق قىلىپ تۈگمەننىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولىدۇ .
تۈگمەن پۈتكەندىن كېيىن ، تۈگمەن ئىگىسى خەيرلىك كۈندىن بىرنى تاللاپ بىرەر قوينى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ ، مەسجىد جامائىتىنى چاقىرىپ نەزىر بېرىپ ، يېڭى تۈگمەننىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىنى ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەپ كۆپچىلىكنىڭ دۇئاسىنى ئالغاندىن كېيىن ، سۈگەنگە ئۈگۈتنى قويۇپ ، سۇنى قويۇپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇن تارتىلىشقا باشلايدۇ.
چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان «تۈگمەنچىلىك رىسالىسى» دا بايان قىلىنىشىچە ، تۈگمەنچىلىكنىڭ پىرى ھەزرىتى ئىلياسمىش. رىسالىدە تۈگمەنچىلىكنىڭ پەرھىز ۋە سۈننەتلىرى ،ۋاجىپلىرى ، ئىجرا قىلىشتىكى قورال جابدۇقلار ۋە ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، تۈگمەن ساھىبىنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا تەكبىر ئېلىشى توغرىلىق پەرھىزلەر مۇنداق بايان قىلىنغان:


“ بىرىنچى تۈگمەندە تەكبىر ئالماق، ئىككىنچى يەنە بىر تۈگمەنگە يۆتكەلسە، ئۈچىنچى يالغان ۋەدە قىلسا، تۆتىنچى ھۈنەردىن تېنىپ يەنە قايتا كەلسە، بەشىنچى ناھەق خۇن تۆكسە، ئالتىنچى جېنابەتتە تۈگمەنگە كىرسە، يەتتىنچى ،ئۇستادىدىن ئازار يېگەن بولسا.“
بۇ ھەقتىكى ۋاجىپلار مۇنداق بايان قىلىنغان:
”بىرىنچى تۈگمەن تولا بۇزۇلغان بولسا، ئىككىنچى شاراپ ئىچسە، ئۈچىنچى زىنا قىلسا، تۆتىنچى تۈگمەن بەتەر بولۇپ قالسا، بەشىنچى كافىر بولۇپ يەنە مۇسۇلمان بولسا بوش ۋاقتىدا تەكبىر ئالماق ۋاجىپتۇر.“
بۇ ھەقتىكى سۈننەتلەر مۇنداق بايان قىلىنغان:
بىرىنچى تۈگمەندە تاشنى تاشلىسا،ئىككىنچى تاش راست قىلسا(تاشنى ئۈستى –ئۈستىگە قويماق)، ئۈچىنچى ئۆي كۆچسە، تۆتىنچى بەدەندىن قان چىقسا، ئاتىسىدىن مىراس قېلىپ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرسا، ئالتىنچى يېڭى تاش سالغاندا، يەتتىنچى فەركار تۈزىگەندە(فەركار-تۈگمەنگە بۇغداينى قۇيىدىغان ئەسۋاب)، سەككىزىنچى تەكبىرى فەرزنى ساھىب تەكبىردىن ئالسا بولىدۇ.“

(2) لوك-كىلت

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئەڭ بۇرۇن تېرىقچىلىق ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ شەھەرلەشكەن خەلق بولۇپ، مۇقىم بولغان ئۆي-ۋارانغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، لوك(قۇلۇپ) ۋە كىلت(ئاچقۇچ)نى ئىجاد قىلغان.ئېنگىلىز تىلىدىمۇ
Lock قۇلۇپ، Key ئاچقۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنداقتا بۇ ئېنگىلىزلارنىڭ كەشپىياتىمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتىمۇ؟بۇنىڭغا تارىخي پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاب ئىزلەش كېرەك.ئۇيغۇرلار ياغاچتىن ۋە ھايۋان تېرىلىرىدىن نۇرغۇن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ قوللىنىشنى بىلگەن.مەسىلەن ياغاچتىن ئاياق،سوغا، چاناق قاتارلىق بۇيۇملارنى ئويۇپ ياسىغان.باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە ئىشىك دەرۋازىلىرىدا دەم-تاقاق، ئاندىن تۆمۈردىن ياسالغان قۇلۇپلار بولغانلىقى خاتىرىلىنىدۇ، لېكىن لوك ،كىلت تىلغا ئېلىنمىغان.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ياغاچ قۇلۇپ –لوكنى ئىجاد قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە كىلت ئاتالغۇسىغا ئېنىقلىما بېرىلگەنلوكنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، ئىككى چىشلىق، ئۈچ چىشلىق ۋە بەش چىشلىق دېيىلىدۇ.بۇ ئاساسەن لوكنىڭ كىلتتىكى ياغاچ مىخنى كۆرسىتىدۇ.ئىشىكنى مەھكەم يېپىپ كىلتنى تىلنىڭ تۆشۈكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن لوك تىلنى ئالدىغا ئىتتىرگەندە ئىشىك تاقىلىدۇ.لوكنى ئاچىدىغان چاغدا، كىلتتىكى مىخلار لوك تىلىدىكى تكسۈككە ماس ھالدا كەلگەندە تارتسا ئېچىلىدۇ.ئىككى چىشلىق كىلىتنى ئۈچ تۆشۈكلۈك تىلغا سالغىلى بولمايدۇ دە ئىشىل ئېچىلمايدۇ.لوك بىر خىل مۇرەككەپ قۇرۇلما بولۇپ، ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسى پۇختا ۋە مۇرەككەپ بىر جابدۇق.

(3) ئۇرچۇق


ئۇرچۇق قەدىمكى يىپ ئىگىرىش سايمىنى بولۇپ، يىپ ئىگىرىش ئۈچۈن ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق سايمان. ئۇرچۇق يىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يىك قىرىپ ياسىغۇچىلار يىكچى دەپ ئاتىلىدۇ.تۈرۈم چاقتا تالا ناچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۆمۈر يىكلەر ئورنىتىلغان ئىككى مېتىر ئىگىزلىكتىكى جازا يىكدان دەپ ئاتىلىدۇ.ھازىر فابرىكىلاردا قوللىنىلىدىغان ئۇرچۇقلار توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئىستانوكلارغا ئايلىنىپ كەتتى.
ئۇرچۇق سۆزى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا چۈشەندۈرۈلگەن «ئىغ» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، موڭغۇلچىدىن كىرگەن سۆز دەپ قارايدىغان قاراشتىكىلەرمۇ بار. ئاناتولىيەدىكى بەزى رايونلاردا “ئورجۇك“،“ئورۇجۇك“ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىر قىسىم تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر مەسىلەن روسىيەدىكى قاراچاي مالكار تۈركلىرىمۇ ئۇرچۇق دەپ قوللىنىدۇ.بەزى تەتقىقاتچىلار ”ئىغ“ سۆزلىمىنىڭ ئۇرماق، ئىگىرمەك مەنىسى بار شۇڭا بۇ سۆز قەدىمكى تۈركچىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.
ھۈنەر – سەنئەتكە باي ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى قەدىمكى تارىختىن بۇيان ، يىپەك ۋە يۇڭ توقۇمىچىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تاۋار دۇردۇن، كىمخاپ، چەكمەن رەختلەرنى توقۇپ، يىپەك يولى سودىسىنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن.
ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن يادىكارلىقلار تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ”ئۇرچۇق“ خېلى كۆپ قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ قاتارىدا ئۇچرايدۇ.
داڭلىق توقۇلما بۇيۇم مۇتەخەسىسى ۋىۋى سىلۋاننىڭ بايان قىلىشىچە ، لوپنۇر بويىدىكى ئۆردەك بايقىغان بىر تۇتاش قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆستەڭ بويى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە، قوي يۇڭىدىن يىپ ئېشىدىغان ئۇرچۇق بولۇپ، ئۇرچۇق بىلەن ئۇنىڭ چوكىسى بىللە بولۇپ، ئۇرچۇق چوكىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بىر تۆشۈك بارئىكەن.
زاغۇنلۇق خارابىلىقىدىن بايقالغان يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە تارىخى 3000 يىللار ئەتراپىدا بولغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قېزىۋېلىندى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ قەبرىلىرىگە پىچاق، ئىگەر، قامچا ، بىلەي تاشلار ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان بولسا، ئايال جەھەتلەرنىڭ قەبرىسىگە ئاساسلىقى ئۇرچۇق ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان، كىچىك بالىلارغا بولسا مۈڭگۈز قام ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان.

يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي باغرىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان يانقىر قەبرىستاننلىقىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ساپال بۇيۇملار ۋە ياغاچ بويۇملاردىن ئۇرچۇق، تارغاق ۋە ئوق قاتارلىقلار، ئۇلاردىن باشقا يەنە مىس پالتا، مىس پىچاق، ئېغىزدۇرۇق، بېزەك قاتارلىق بويۇملار قېزىۋېلىندى.
ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ ، ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە دىئامېتىرى .3 2 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 10 سانتىمېتىر، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى بار بىر دانە ئۇرچۇق بايقالغان.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش