ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئانا تىل ھەققىدە (5-قىسىم)

ئانا تىل ھەققىدە (5-قىسىم)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

Imagining Multilingual Schools Language in Education and Globalization«مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى» قانداق بولىدۇ؟

 

ئەركىن سىدىق

 

ئىلاۋە: بۇ ماقالىنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ 5-قىسمىدىن باشلاپ مەن ئۇنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىماي، ئۇنىڭ 1-قىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىماقچى.

. مەن ماقالىنىڭ ئارىلىقتىكى قىسىملىرى ۋە مەزكۇر قىسمىنىمۇ ئاشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. مېنىڭچە «مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. يېشى چوڭراق قېرىنداشلار ئۇنىڭ جۇڭگودا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىمۇ ئۆز بېشىدىن بىۋاستە ئۆتكۈزۈپ باققان. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە «مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىكى باراۋەرلىكى» نى ئامېرىكا قانداق ئىجرا قىلغانلىقىغا ئائىت بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرمەكچى. مەقسىتىم ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئىش ئەڭ غايىۋى تەرىقىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغاندا قانداق بىر ئەھۋال ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش. مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەمدەئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن تىرىشىش نىشانىنى بىر ئاز يورۇتۇپ بېرىش. مەن بۇ يەردە ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ «مائارىپتىكى باراۋەرلىك» نىڭ جۇڭگو قانۇنلىرىدىكى بايانلىرىنى مەزكۇر يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە كۆچۈرۈپ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 1974-يىلى، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان فرانشىسكو شەھىرىدە ياشايدىغان خەنسۇلارنىڭ بالىلىرىدىن1800 كىشى سان فرانشىسكو شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئەرزدارلار ئوتتۇرىغا قويغان گۇناھلارمۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بۇئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىنى بىلمىسىمۇ، مەكتەپتىن ئۇلارغا ئايرىم ياردەم قىلمىغان. ئامېرىكىنىڭ 1964-يىلى تەستىقلانغان «كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دا كىشىلەرنى مىللىتىگە قاراپ تۇرۇپ مائارىپتا كەمسىتىش چەكلەنگەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ بۇ خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلماسلىقى, ئۇلار ئىنگلىز تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولمىسىمۇ ئۇلارغا دەرسلەرنى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھالدا ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈشى ئاشۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. يەرلىك سوت ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئالىي سوتى 1974-يىلى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ھەقلىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى بارلىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا «مائارىپ پۇرسىتىدىكى باراۋەرلىك قانۇنى» دېگەن بىر يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ، ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن مەكتەپلەرگە كېڭەيتكەن. ئاشۇ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى «قوش تىل مائارىپى» غا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلگەن: –«قوش تىل مائارىپى» دا دەرسلەر دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار تەدرىجى ھالدا دەرسلەر ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارغا يۆتكىلىدۇ. –«قوش تىل مائارىپى» نىڭ نىشانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، ئۇلارنى ئىمكانقەدەر تېزراق دەرسلەر ئىنگلىزچىدە ئۆتۈلىدىغان نورمال سىنىپلارغا كۆچۈشكە تەييارلاش بولىدۇ. –ھەر بىر جايدا ئىنگلىزچە سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ياردەم قىلىدىغان مەركەزلەر قۇرۇلىدۇ. –مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېڭى دەرستەسىس قىلىشى، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى، ۋە قوش تىللىق مائارىپ ئۈستىدەئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت تەمىن ئېتىلىدۇ. بۇ دېلو ئامېرىكىدا «لاۋ نىڭ نىكول ئۈستىدىن ئەرزقىلىش دېلوسى» (Lau versus Nichols) دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق دېلوغا ئايلانغان بولۇپ، ئەگەر سىز «قوش تىل مائارىپى» توغرىسىدا ئىنگلىزچە توردىن بىر نەرسەئىزدىسىڭىز، بۇ دىلوغا ئائىت ماتېرىياللارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىسىز. (داۋامى بار)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش