ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ناتسىتلار قوشۇنىدىكى ئۇيغۇرلار

ناتسىتلار قوشۇنىدىكى ئۇيغۇرلار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

1939- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە داۋاملاشقان 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، چېتىلغان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ، چىقىم ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالتە يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ مىليونلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى ۋە قۇربان بېرىشى بىلەن بەزىسى مۇشۇ قان ۋە جانلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا بەزىلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ بۇ قان ھەم جانلار شۇ دۆلەتلەر تارىخىدىكى بىر داغ بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار گەرچە ئاسىيانىڭ مەركىزى قىسمىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ جەڭلەرگە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىدا ياپونغا قارشى ئالدىنقى سەپنى ئىقتىسادىي ۋە ماددى جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللاپ جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇردى. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە ئېيتماقچى بولغان ھىكايىمىز ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىكايىسى بولماستىن بەلكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىكايىسىدۇر.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىستان رايونى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ توپلىشىپ جايلاشقان رايونلارنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە خىلمۇ خىل قاراشلار مەۋجۇت، مەيلى نېمىلا دىمەيلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيىتى بولمىش قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مىليوندىن كەم بولمىسا كېرەك. بۇلار تارىختىن بۇيان شۇ جايدا ياشىغان باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن تەقدىرداش، ھەمنەپەس بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئىسسىق سوغۇقنى تەڭ كۆرۈپ، تارىخنىڭ ھەر خىل بوران چاپقۇنلىرىغا تەڭ ئۇچرىغان.
1917- يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى دۇنيادا يېڭى بىر ئۈستقۇرۇلمىدىكى دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ياش دۆلەت يېڭى قۇرۇلغان چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ بۇ دۆلەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمىدى، بەزىسى بۇ دۆلەتنى قارشى ئېلىش قوللاش تەرەپدارى بولسا، بەزىسى بۇ دۆلەتنى كۈزىتىش تەكشۈرۈش ھالىتىدە، يەنە بەزىلىرى بولسا بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى قۇرۇلغان تېخى مۇستەھكەملىنىپ بولمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى چارروسسىيە دەۋرىدە قولدىن بېرىپ قويغان ھۆرلىكىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشتى. مۇشۇنداق خىلمۇ-خىل پىكىر ئېقىمى ۋە كۆزقاراشلار ئارىسىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئارمانلىرىنى بۇ ياش دۆلەت رەھبىرى لېنىننىڭ ۋەدىسىگە باغلاپ بۇ ياش دۆلەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف قوماندانلىقىدىكى تارانچىلار پولكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرىشىدا زور خىزمەت كۆرسەتتى، ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىمۇ كوممۇنىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تارقىلىشىدا زور رول ئوينىدى.
1924- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ سوۋېت ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى يەنىلا ئارزۇ پېتىچە قېلىپ قالدى. لېنىن ئۆلۈپ سىتالىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۈمكىن بولمىدى. 1936- يىللارغا كەلگەندە سىتالىن ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە كوممۇنىستىك ئىدىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تارقىلىشىدا زور رول ئوينىغان ئۇيغۇر ۋە تاتار شۇنداقلا باشقا تۈركى مىللەتلەر زىيالىلىرى سىتالىننىڭ يوقىتىش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ ئېتىپ تاشلاندى ۋە يىراق سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىندى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە تاتارلارنىڭ تارتقان كۈنى ھەممىدىن ئېغىر بولدى، ئۇلار پۈتۈن مىللەت بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تاتارىستان ۋە قىرىم رايونلىرىدىن قوغلىنىپ پايانسىز قازاقىستان دالىلىرىغا ۋە سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل چار روسسىيەنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئەمدىلا ئەركىن نەپەسلىنىشكە باشلىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە رۇس شوۋىنىزمىنىڭ ئۆچمەس تامغىلىرى قالدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چارروسسىيە تەرىپىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلىشى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا يەتتە سۇ رايونىدىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر جەڭچىلىرى چار روسىيەنىڭ توپ يېمى سۈپىتىدە گېرمانىيە ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان، 30- يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنىنىڭ يولباشچىسى خوجانىياز ھاجىمنىڭمۇ مۇشۇ مەزگىلدە 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئالىم، تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىرىك ئەسىرى «ئويغانغان زېمىن» رومانىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇرلار خۇددى 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن چەتتە قالالمىغاندەك ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشلاردىمۇ چەتتە قالمىغان. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سوۋېت فىنلاندىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ يارىلانغانلىقى ھەققىدىكى «ئانا يۇرت» رومانىدا بېرىلگەن بايانلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇرۇشقىمۇ سۆرەپ كىرىلگەنلىكى مەلۇم.
1941- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى يېرىم كېچىدە ھىتلېر (ئەسلى ھىتلېر بولۇپ گىتلېر ئەمەس) گېرمانىيىسى 1938- يىلى تۈزۈلگەن «سوۋېت-گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى يىرتىپ تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 2- دۇنيا ئۇرۇشى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ سوۋېت ئىتتىپاقى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان تۆت يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش پارتلىدى. ئۇرۇش پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە گېرمانىيە ئارمىيىسى ناھايىتى شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنى سۈرۈپ توقاي قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەرپ تەرەپتىكى ئوكرائىنا، بېلوروسسىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئىگەللىدى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسى لېنىنگىراد (ھازىرقى سانكىت پېتىربۇرگ) قا، ئوتتۇرا يۆنىلىش ئارمىيىسى موسكۋاغا، جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىسى بولسا كاۋكازدىكى نېفىتلىك رايونلىرىغا تاقاپ كېلىپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالدى، موسكۋا ھەر ۋاقىت قولدىن كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، ئاساسلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە زاۋۇت كان كارخانىلار تېز سۈرئەتتە ئىچكىرىدىكى جايلارغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن» دېگەن شوئار ئاستىدا ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ھەمدە ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى باشلىدى، جاي جايلاردىن تۈركۈم تۈركۈملىگەن ۋەتەنپەرۋەر ياشلار بەس-بەس بىلەن ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى، پويىز پويىزلاردا سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مىللەت نامى ۋە يار ناملىرى بىلەن ئاتالغان دىۋىزىيىلەر پويىزدىن چۈشۈپلا دەممۇ ئالماستىن موسكۋا ئالدىنقى سېپىدىكى جەڭگە ئاتلاندى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شۇ چاغلاردىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەينى چاغدا موسكۋا ئالدىنقى سېپىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ سانىنى 180 دىۋىزىيە دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا ئۇرۇشى باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 260 دىۋىزىيىسى بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشقان.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەردىن 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى بۇ ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، قورال يوراقلىرى ئالاھىدە بولمىسىمۇ لېكىن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىدىغان بۇ قوشۇن گېرمانىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ خەلقلەرنىڭ رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش كەيپىياتىدىن پايدىلانماقچى بولغان. رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان مىللەتچىلەرمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستاپا چوقاي ۋە ۋەلى قەييۇمخانلارنىڭ باشچىلىقىدا قوشۇن ئىچىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ماسلىشىشنى زورايتقان، تۈركى مىللەتلەرنىڭ رۇسلاردىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە 1942- يىلىنىڭ بېشىغىچە بۇ قوشۇندىن گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ۋە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ سانى بىر مىليون 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە كۆپ قىسمى گېرمانىيە تەشكىللىگەن «سوۋېت ئىتتىپاقى ئازاتلىق ئارمىيىسى» تەركىبىگە قاتناشقان.
نەتىجىدە تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ «موسكۋا خىياللىرى» دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ۋە ھەرقايسى جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى ۋە ھەر خىل ئوردېنلارغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ قارشىسىدا ئۇچىسىغا ناتسىست فورمىسى كىيگەن، پەقەت چىرايى ۋە فورمىسىنىڭ سول يېڭىگە چۈشۈرۈلگەن جامە سۈرىتى ۋە جاما تېمىدىكى «تۈركىستان» ۋە «ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن ھالقا ئىچىدىكى ئېللىپىسسىمان يەڭ بەلگىسى بىلەنلا پەرقلىنىدىغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈركىستان قىسىملىرى بىلەن جەڭ قىلغان. بۇ قوشۇنغا ھىتلېر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان تۈركىستان مىللى ئارمىيە كوممىتېتىغا قاراشلىق قوشۇنلارنىڭ سانىلا 267 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. تۆت يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئۇلاردىن 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشى روسسىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋستىرىيە، گېرىتسىيە قاتارلىق جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولغان. 1945- يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قوشۇنىغا ۋە مارشال ژۇكۇف باشچىلىقىدا گېرمانىيەنى ئىشغال قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن، سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرى ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇپ كۆپ قىسمى «ۋەتەن خائىنى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئەسىرگە چۈشكەنلىرى ھەربىي قانۇن بويىچە جىنايىتى بار دەپ قارالغانلىرى ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان، قالغان ئادەتتىكى ئەسكەرلەر بولسا ۋەتىنىگە قايتىشنى خالىمىغانلىقتىن گېرمانىيە، فرانسىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەپ شۇ دۆلەتلەردە يەرلىشىپ قالغان.
دېمەك ئۇرۇش ناھايىتى شەپقەتسىز بولۇپ، خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر جەڭچىلىرى پۇتكۇل ئۇرۇش سەپلىرىدە شۇنداقلا موسكۋا، لىېنىنگىراد، سىتالىنگىراد، سىۋاستىپول قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى قوغداش ۋە ئازاد قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىق كورسەتكەن.
ھەم ئوفېتسىرلار ۋە قەھرىمان ئەسكەرلەر ئىچىدە «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل بايراق» ئوردىنلىرىغا ئېرىشكەن، شەۋكەت، ئوسمان، توختايىف، ياقۇپ ئەخمىدۇف، ئوسمان ھەسەنوف، «1- دەرىجىلىك ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردىنى»، «قىزىل يۇلتۇز» ئوردىنىغا ئېرىشكەن نىزامىدىنوف، «قىزىل بايراق»، «قىزىل يۇلتۇز» شۆھرەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن تاتۇر شەرىپوف، 1- دەرىجىلىك «ۋەتەن ئۇرۇشى ئوردىنى»، «قىزىل يۇلتۇز» ئوردىنىغا ئېرىشكەن ۋالىنتىن نىزامىدىنوف، «قىزىل بايراق»، «ۋەتەن ئۇرۇشى»، «ئالىكساندىر نىۋېسكى»، «جاسارەت ئۇچۇن» مىدالىغا ئېرىشكەن ھاشىم نەسىردىنوپ، «سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى» مىدالىغا ئېرىشكەن داداش بابا جانۇپ، سۇلچى لۇتپۇللا، مەسۇم ياقىپوف، «پولشا جۇمھۇريىتى قەھرىمانى» مىدالىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئەزىمەتلەردىن ئى.كامالوف، مەخسۇت نىيازوف، ش.زۇلقاروف، م.قاسىموف قاتارلىق قەھرىمان جەڭچىلەر يېتىشىپ چىقىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك فاشىستلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان جەڭچىلەرمۇ بار بولغان.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن تارىخ، بۇلارغا باھا بېرىش كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئىشى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش