ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تۈركىيەدە يىڭى بىر مۇكاپاتلىق ئوقۇش ئۇچۇرى-TÜBİTAK

تۈركىيەدە يىڭى بىر مۇكاپاتلىق ئوقۇش ئۇچۇرى-TÜBİTAK

silikonvadisi[1]ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلار،
توردىن ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ تۆۋەندىكى ئوقۇش مۇكاپات ئۇچۇرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، قارىسام خىلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، گەرچە شۇنداق بەك ئالدىراش بولساممۇ، يەنە ۋاقتىمنى چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم، بىلىم ئىلىش ئۈچۈن جاپالارنى چىكىۋاتقان ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكى بار لىكىن مۇشۇ ئوقۇش پۇلى ۋە
تۇرمۇش خىراجىتى جەھەتتىن بىشى قىتىپ تۇرغان بىرەر قېرىندىشمىزنىڭ رىزىقى بولسا ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن !!!
كەڭ تورداشلار ئەگەر ئاراڭلاردا ئۆلچەمگە ماس كىلىدىغانلار بولسا ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ، باشقا قېرىندىشىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ، ئاللاھ ھەممىزىدىن رازى بولسۇن !

ئەسكەرتىش: بۇنى كەمىنە كۆرەش قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئنگىلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغان، بەزى ئاتالغۇلارنى تەرجىمىدە خاتالىق چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئۆز ئەينى ئالدىم، توغرا چۈشىنەسىلەر.  خاتالىقلاردىن خالىي دەپ كىسىپ ئىيتالمايمەن، شۇڭا ئىمكان قەدەر رەسمىي توربەتكە چىقىپ تەپسىلاتىنى شۇ يەردىن كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن !
يەنە بىر ئىش، مەن بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى توغرۇلۇق ھىچنىمە ئۇقمايمەن. شۇڭا سۇئالىڭلار بولسا بىۋاستە مۇكاپات تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، رەھمەت!!

خەلىقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مۇكاپات پىروگىراممىسى، تۈركىيە، 2013

124733vcxvdacvcfo3a5cc[1](The Scientific and Technological Research Council of Turkey) خەلىقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ماگىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيىغا 1500 لىرا (تۈرك لىراسى )، دوكتور ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيىغا 1800 لىرا ( تۈرك لىراسى ) بىلەن ماگىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرىنى 2 يىل،  دوكتور ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرىنى 4 يىل تەمىنلەيدۇ.

ئوقۇيدىغان ساھەلەر:  Natural Sciences, Engineering and Technological Sciences, Medical Sciences
Agricultural Sciences, Social Sciences and Humanities

دەرسلىك سەۋىيەسى : بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىق دىپلۇملىرىنى مەقسەت قىغان.

ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلىگۈچى ئورۇن :    The Scientific and Technological Research Council of Turkey

ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى :
1. تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى ؛
2.ماگىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىسى( ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 -مەۋسۇملۇق ئوقۇشتا بولغان)؛
3.ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان ياكى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى؛
4.دوكتۇرئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىسى (ئەڭ كۆپ بولغاندا 6-مەۋسۇملۇق ئوقۇشتا بولغان)؛

يىڭى قائىدىلەرگە ئاساسەن:
1. ئىلتىماس قىلغۇچنىڭ چوقۇم تۈركىيەدە ئوقۇش پۇتتۈرگەن بولۇشى شەرت ئەمەس. ئۇندىن سىرت، مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكى ئىلان قىلىنىپ 1 يىلدىن كىيىن ئوقۇش باشلىسىمۇ بولىدۇ.
2. ماگستىر ئاسپىرانىتلىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغاندا ئىلتىماس قىلغۇچنىڭ يىشى 30 ياشتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى؛
دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغاندا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يىشى 35 ياشتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى؛
3.« چوقۇم تىل لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى شەرت ئەمەس؛
4. بۇ پىروگىراممىنى تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ توختامىغا ئىمزا قويۇشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك؛

ئوقۇش مۇكاپاتىغا تۆۋەندىكى دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: خەلىقئالىق ئوقۇغۇچى (تۈركىيە پۇقراسى ھەمدە قوش گىراژدانلىق بولمىغان ئوقۇغۇچىلار) ؛

ئوقۇش مۇكاپات سانى : نامەلۇم

ئوقۇش مۇكاپات نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ماگىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيىغا 1500 لىرا (تۈرك لىراسى ) ؛ دوكتور ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيىغا 1800 لىرا ( تۈرك لىراسى ) بىلەن ماگىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرىنى 2 يىل،  دوكتور ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرىنى 4 يىل تەمىنلەيدۇ.

تاللاش ئۆلچىمى : ئىلتىماس سۇنغۇچىنىڭ ماتىرىياللارىغا ئاساسەن تاللىنىلىدۇ؛

ئۇقتۇرۇش ۋاقتى:  تاللاش نەتىجىسى ئىلتىماس قىلىش ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدىن 3 ئاي كىيىن ئىلان قىلىنىدۇ. پەقەت تاللانغان نامزاتلارغىلا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، تاللانمىغانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ؛

قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ:  توردا ئىلتىماس قىلىنىدۇ. ھەمدە ئىلتىماس قىلىش سىستىمىسى ئىلتىمدس قىلىش ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدىن 2 ھەپتە بۇرۇن ئىچىلىۋىتىدۇ.

ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتى :
1. 2013-يىلى 3- ئاينىڭ 29 -كۈنى ؛
2. 2013-يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى ؛

مەنبە:
http://scholarship-positions.com … ey-2013/2013/02/16/

ئەگەر تىخىمۇ مۇكەممەل جاۋابقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى توربەتتىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ ۋە مۇندسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىقىڭ .

تەپسىلاتى :
http://www.tubitak.gov.tr/en/sch … ernational-students

ئالاقىلىشىش ئادرىسى :
TÜBİTAK-BİDEB 2215
National Fellowships Directorate
Graduate Scholarship Programme for International Students

Programme Officer: Duran MEŞE
Tunus Caddesi No: 80
06100, Kavaklıdere/ANKARA
Tel: +90 (312) 468 53 00 / extension: 3843
E-mail: bideb2215@tubitak.gov.tr

تەرجىمىدە : كۆرەش

مەنبە : كۆكلەم تورى http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3494

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1181

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش