ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىدۇ!

تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىدۇ!

KKKھۈسەين ئۆز تۈرك («ۋاقىت» گېزىتى يازغۇچىسى)
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: غەيرەت بۇغرا

دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئادەم بالىسى ياشاۋاتقانلا يەردە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرىمىز. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ سوغۇق ياكى كەسكىن ئۇرۇشلىرى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەربىر ئۇرۇشنىڭ تەكتىدە «ئەڭ قۇدرەتلىك بولۇش ھېرىسمەنلىكى» يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. چۈنكى قۇدرەت تاپالىغانلار ئۆز كۈچىنى ئىشقا سالالىغان مۇددەتچە، مۇستەھكەم پۈت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مۇستەھكەم تۇرالىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلماقچى بولغان ئاجىز دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى يوقۇتىدۇ ۋە خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن نەپرەتلەندۈرىدۇ. ئامىرىكا باشلىق، ئۆز ئارزۇلىرىنى تۈركىيەنىڭ ھىسابىغا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ستراتىگىيەسىگە قارايدىغان بولساق، بۇنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز.
تۈركىيە ۋە باشقا بارلىق تۈرك دۆلەتلىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى شۇنداقلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، كۆرگەن مەنزىرەدىن ھېچبىرىمىز خۇشھال بولمايمىز.
ئەجىبا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرىمۇ؟
ئۇلۇغ ياراتقۇچى بىز مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنى تەقدىر قىلغانمۇ؟!
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرىبان ۋە ناھايىتى رەھىملىك زات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان كەلتۈرگەن ياكى كەلتۈرمىگەن بارلىق ئىنسانلارغا ئادالەت بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. ئەمما تۈرك دۇنياسى ۋە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلەر پۇخرالىرى مەۋجۇت بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇ ئادالەتتىن نەسىۋىسىنى ئالالمىغان، ئالغان بولسىمۇ يېتەرلىك ئېلىشقا تىرىشمىغان، ئالغان نەسىۋىسىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلەتمىگەن بولسا، ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئادالىتى يەنىلا تەجەللى قىلىۋاتقان بولىۋىرىدۇ، ھېچكىمنى ئەيىبلەشكە ھەققىمىز بولمايدۇ.
«مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىسلام دونياسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىۋالماقچى بولۇۋاتقان، بىزنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمىنىڭ ئىسكەنجىسىدە سىقىۋاتقانلارغا قارشى بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن زادى نېمە ئىش قىلالىدى؟!»
مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىساقلا، كىچىككىنە بىر سىلكىنىش بىلەن ئۆز ئەسلىمىزگە كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا، بىر-بىرىمىزنى تونىيالايدىغانلىقىمىزغا، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزغا قىلچە گۇمان قالماسلىقى مۈمكىن.
ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىمىز، ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى بۆلمەكچى ۋە پارچىلىماقچى بولغانلارغا قارشى ئەڭ كىچىك بىر بەدەل تۆلىيەلمەيۋاتقانلىقىمىز، قېرىنداشلىق مۇئەسسەسىنى مۇستەھكەم تۇتالماسلىقىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەر بېشىمىزغا كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟
تۈرك دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەل قىلىش مۈمكىن بولمايدىغان ئالاھىدە بىر پەرق مەۋجۇت ئەمەس.
مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ھەرقانداق بىر كىشى بىلىدۇكى، قىبلىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، كىتابىمىز بىر ۋە ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھىمىز بىر.
ئۇنداقتا قىيىنچىلىق زادى قەيەردە؟
مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بەرگەن چېغىمىزدىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىش ئۈچۈن بارمىقىنى قىمىرلىتالمايدۇ.
مانا بۇلار بىزنى بىر يەرگە توپلاش، بىرلىك كۈچ تەشكىللەش، بىللە ئولتۇرۇپ ئۆزئارا چۈشىنىشىش، قېرىنداش بولۇش، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە لايىق بىر پىكىرنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ئەمەسمۇ؟ ھەر قايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ئەڭ باشتا ئۆزىگە، ئاندىن يېنىدىكىلەرگە، كېيىن ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن مەھەللىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشاۋاتقان شەھىرىگە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى توغرا يەتكۈزەلىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكىدەك پارچە-پارچە، پاراكەندە ياشايدىغان بولۇپ قالمىغان بولاتتۇق؟!
ئىسلام تىرىتورىيەسىنىڭ بۇزۇلىشى، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملىرى ئاستىدا ئېزىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل تارىخىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ۋە ئۇنى ئۇنۇتقانلىقىمىزدۇر. تارىخنى بىلمىگەنلەرنىڭ تىرىتورىيەسىنى باشقىلار سىزىدۇ. ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە، يەنى چۈشكۈنلىشىش دەۋرىگە نەزەر سالساق، بۇ چوڭ ئېمپىرىيەنىڭ يېمىرىلىشىنىڭ سەۋەبى دۆلەتنى ئىدارە قىلغانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ، تارىخىي تەجرىبەلەردىن پايدىلانماسلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى يۈز يىل ئىلگىرى ئىنگىلىز جاسۇسى لاۋرانس تىكىپ قويغان ئۇرۇقلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ھازىرغىچىلىك تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا سوغۇق نەزەردە قارايدۇ، ئۆزلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال!
دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەرقانداق بىر ئەقلى ساغلام ئىنسان قانداقسىگە قىبلىسى بىر، كىتابى بىر، پەيغەمبىرى بىر، ئاللاھى بىر بولۇشتەك ئەقىدەدىن ئېزىپ، باشقا ئازغۇن ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ھەرتۈرلۈك خەتەرگە قارشى دۈشمەن بىلەن بىر بولۇشنى ئىستىيەلىسۇن؟!
بۈگۈن بىز دەل ئەنە شۇنداق قىلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟
بىر بىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بولۇش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟
ماقۇل، بەسلىشەيلى. لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئاستىدا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئاستىدا ئىڭراپ تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرغان ۋە قوبۇل قىلدۇرغان ھالدا بەسلىشەيلى. يەنى ئۇرۇشتىمۇ، تىنچلىقتىمۇ كۈچىمىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
ھەرقايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆتمۈشىنى ۋە تارىخىنى توغرا تونۇپ، دىنى تەلەپ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىق مۇئەسسەلىرىگە ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىشتە بىردەكلىك ھەم باراۋەرلىك پەيدا قىلمىغۈچە، شۇنداقلا تارىخىمىزنى، ئۆتمۈشىمىزنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن رىسالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، توغرا چۈشەندۈرەلمىگۈچە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى رىئاللىققا ئېرىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.
ھەربىر تۈركىيەلىك مۇسۇلمان بىرىنچى بولۇپ، باشقا بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، قېرىنداش بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىشى لازىم. بارلىق ئۇنۇتقان، كۆرمەسكە سالغان ئىنسانلارنى ھەقىقى ئىنسانلىق يولىغا باشلاش ئاساسىدا دۇنيا ئىنسانلىرى تەلمۈرۈۋاتقان راھەت ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
ئاللاھ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولمىغانلارنى ۋە كۈچىدىن قىلىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى ھېساپقا تارتمايدۇ. لېكىن بىز تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام ئەللىرى ئەقلى-ھۇشى يوق، كۈچتىن قىلىپ ئەسىرگە ئىلىنغان دونيا ئەمەسمىز. بىرلىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا، بىرلىكسەپ قۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئىھتىياجلىقمىز. قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەردىن ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مىليۇنلارچە ئىنسانلار بىزدىن دەل شۇنى كۈتمەكتە.
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنماقچى بولغان «ھەقىقى ئىنساندەك ياشاش» قارىشىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش ۋەزىپىسىگە ئىگە جەمئىيەتتۇر. پەقەت مۇشۇ ۋەزىپىنى «تەرك ئىتىش»نىڭ ئۆزىلا زىيانكارلىق ئىچىدە ياشىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ «يىقىتقۇچى» ئەمەس، «بىنا قىلغۇچى» بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى «بىنا قىلىش»، «بىنا قىلغۇچى، قۇرغۇچى» بولۇش، «بىرلەشتۈرگۈچى» ۋە «پۈتۈنلىگۈچى» بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: غەيرەت بۇغرا
(«تۈرك-ئىسلام بىرلىكى» ژورنىلى، 1-سان، 2005-يىل مارت-ماي)
كونا مۇنبەرگە يوللىغۇچى: admin
يوللانغان ۋاقتى: 2010- يىل 06- مارت
كونا مۇنبەردىكى مەنزىلى: http://akademiye.com/oldweb/?p=4655
★★★★★

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1186

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش