ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كىلاسسسك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق؟

كىلاسسسك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق؟

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

235741oidvl4vu44siywds[1]تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى ھەققىدىكى رەڭدار مۇھاكىمىلىك قاراشلار

经典意义的进化论是否过时(1)有关进化论的精彩学术视野与讨论
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار艾热提江•噢斯曼•笔理科雅尔 著

ئەسلى ئېلان قىلىنغان مەنبەسى:‹‹بىلىم-كۈچ››ژورنىلى 2013 -يىل -01 سان01 -بەت.
ئاپتورنىڭ ئەسكەرتمىسى: دارۋىنىزم ـــ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە قارشى پىكىرلىك كىشىلەرمۇ ئاۋال ئۇنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ كۆرۈشى كېرەك، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا دۇنياۋى سەۋىيەلىك پىكىر قىلغىلى ۋە ئىلمىي رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر بىلىمسىزلىك ۋە زامانىۋى جاھىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تەبىئى ھاياتلىق بارلىق قىممەتلەر  مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى ۋە تايىنىدىغان يۆلەنچۈكى ، ئادەمنىڭ بارلىق قىممەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ . شۇڭا ھاياتلىق ئىلمىنى تەتقىق قىلىش ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەردىن بىرى . ـــــ ئايىم ئىسكەندەر
تىرىك ئىنساندا شۇنداق بىر ساماۋىي فونكىسىيە ۋە ھەر زامان – ماكاندا دەخلى تەرۇزسىز بىر مەقەددەس ھوقۇق باردۇركى ، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىدۇر.          ـــــــ قەلب خاتىرەمدىن  (ماقالىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ: 经典意义的进化论是否过时)

تارختىن بۇيان ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى (Human Origin) ۋە تەبىئى ئۆزگىرىش (ئېۋولۇتسىيە ؛演化؛Evolution) ھاياتلىق ئىلمى (بىئولوگىيە) تەتقىقاتىدىكى ئەڭ قىزغىن ۋە ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان قىزىق نۇقتا ھەم قىيىن تېما بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ۋە پائالىيەت(ھەركەت)ئىقتىدارىنىڭ تەبىئى ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مولېكۇلا مىخانىزىمى، ئاقسىلنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فونكىسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش مىخانىزىمى، ئىرسىي كود(Genetic Code)،غول ھۈجەيرە(Stem Cells) ھەققىدىكى تەتقىقاتلار موھىمنىڭ موھىمى بولۇپ ،بۇلار ھاياتلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى سېپى  ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولۇپ تۇرماقتا.تۆۋەندە بۇ ھەقتە بەزىبىر ئەھمىيەتلىك مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، مېڭىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى نۇقتى نەزەرلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ ،بىلىم ۋە نەزىريەدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا  پايدىلىق.
ھەر قانداق ئىلىم-پەن مۇنازىرىسىدە  ئۆز كۆز قارىشىمىزدا جاھىللارچە چىڭ تۇرۇۋىلىش، كونا ئىدىيەلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماسلىق ۋەياكى ھالقىپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئىلىم-پەن مۇنازىرىلىرىدە ئۇتۇپ چىقىشنىڭ ئاقىلانە يولى ئەمەس. ئەكسىچە قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى ، تەتقىقاتتىكى تايىنىش ئاساسىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ ،  ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھەلدا ئەقلىي رەۋىشتە ئىلمىي، ئاقىلانە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن ئاشكارىلانماستىن مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ  ئايدىڭلىشىپ بارىدۇ. مەلۇم خىل نەزىريە،ئىدىيە ،پىكىر ئېقىمىغا ئىشەنگۈچى ياكى ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ قارشى پىكىردىكىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ،ئۇ بىر ئىلىمدىكى پاراسەتسىزلىك ،ئاجىز ، چولتىلىق ۋە نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە قارشى پىكىرلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ مەيدانى، ئاساسى ئىددىيسى ، تۈپكى قاراشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئىنچىكە تولۇق چۈشۈپ تۇرۇپ پىكىر قىلغاندىلا ئاندىن قارشى پىكىردىكىلەرگە ئۈنۈملۈك ئىلمىي رەددىيە بېرىپ ،ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ ، جاسارىتى ، پەزىلىتى ۋە پاراسىتىنى ھەقىقى نامايەندە قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز كىم ۋە قانداق قاراشتىكى ئىلىم ئەھلى ۋە مۇھاكىمە ئىشتىراكچىسى بولمايلى، ئاۋال قارشى تەرەپنىڭ مەيدانى ،مۇھاكىمە كوردىناتى ۋە نەزىريە ئاساسىنى چۈشۈنىۋىلپ، نىترال ۋە بىتەرەپ مەيدان، لىللا ئىلمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ باراۋەر ، ئىناق دوستانە بولغان ئىلىم-پەن تىلى بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سىلىق سىپايە مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن كۈچلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە موھىتىدا تاۋلىنىپ- پىشىپ يىتىلگەن ،كۆپنى كۆرگەن بىر لاياقەتلىك ،مەسئۇلىيەتچان ئىلىم ئەھلىدە  بولۇشقا تىگىشلىك ئىسىل خىسلەت، پاراسەت ۋە پەزىلەتتۇر.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى » بىلەن «يارىتىلىش نەزىريەسى » ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئىككى ئەسىردىن ئاشتى. بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ تالاش تارتىشنى دىندارلار بىلەن دەھرىي(دىندىن مۇستەسنا؛世俗)لەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشتىنلا ئىبارەت دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولسىلا مۇنازىرىنىڭ بارلىق ئىشتىراكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر تالاي قاراشلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇ.دىندارلار ياكى دىنى ئېتىقاد ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى قاراش ۋە ئىدىيەلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئۆز دەلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ،يەنە نۇرغۇنلىغان دەھرىي كىشىلەر، ئاتىزىمچى(ئىلاھسىزلىق تەرەپدارلىرى؛无神论)، دارۋىنىزىمچىلار ئۆزلىرىنىڭ «ئىلاھسىز دىن(无神宗教) »لىرىنى بازارغا سىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بازارغا سىلىۋاتقان ئىلاھسىز دىن ئەنئەنىۋىي دىنغا قارىغاندا بۈگۈنكى دەۋىرگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.ئاز بولمىغان دارۋىنىزىمچىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دىنى ئېتىقادى بار، ھەتتاكى ئۇلار تولىمۇ سادىق بولغان ئىخلاسمەن ئېتىقادچىلاردىندۇر. مەسىلەن ئامېرىكىلىق بىئولوگ  Ken Miller  رىم خىرىستىيان دىنى پاپسىغا بەيئەت قىلىدىغان ئىخلاسمەن مۇرد. ئۇ ھەتتا «دارۋېننىڭ پەرۋەردىگارىنى ئىزدىشى(Finding Darwin’s God)»دېگەن كىتابنى يازغان.يەنە بەزى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ئىلاھسىزلىق نەزىريەسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئوخشاشلا غەيرى دارۋېنىزىمچى ياكى «كەنجى دارۋېنىزىمچى»لاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم.
لاھىيە ۋە تاساددىبىيلىق مەسىلىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر «تاساددىبىي پەيدا بولۇپ قالغان»مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان ئالەم قارىشى ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ بايقىشى دەپ قارايدۇ. يەنى مودىرنېزىمچىلار ئالەم مەڭگۈ توختاۋسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان ،ئاتومنىڭ ئۆزلىكسىز بېرىكىپ ۋە پارچىلىنىپ،كونىسى بىلەن يېڭىسى بېرىكىپ پۈتۈنلەي يىپ- يېڭى دۇنيانى شەكىللەندۈرۈپ ئايلىنىۋاتقان جەريانى دەپ قارايدۇ. شەكىل نەزىريەسى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە يىتەكچىسى قاسىم سىدىق «ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە ،ئالدىنقى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشى كىيىنكى يېڭى بىر دەۋرىيلىكنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ ۋە شەكىل ئۇقۇمىنى ھاياتلىق ئىلمىگە ئېلىپ كىرىش ئىنتايىن زۆرۈر، ئىنسانلار ئېرسىيىتى ۋە گېن قۇرلمىسىنى تەرتىپ ۋە پروگرامما نۇقتىسىدىنلا ئەمەس شەكىل نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك »دەپ قارايدۇ.
21-ئەسىردىكى ئىلىم-پەن ئالەمنى بىر« بۈيۈك لاھىيە»دىنمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە نەفىس بولغان« كاتتا ئىجادىيەت» بولۇپ،خۇددى «ئىنجىل» ۋە «قۇرئان» قاتارلىق ساماۋىي كىتابلاردا تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. 1978-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبىArno Penzias چوڭ پارتىلاشنىڭ ئىسپاتىنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان بولسىمۇ تاپالمىغان. كىيىن ئۇ«نېۋيورك ۋاقتى گېزىتى»دە  يازغان بىر ماقالىسىدە:”مېنىڭ قولۇمدىكى چوڭ پارتىلاشقا ئالاقىدار ئەڭ مۇكەممەل سانلىق قىممەتلەر دەل ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋالغاندەكلا بولۇپ، ئۇ خۇددى مۇسا ئېيتقاندەك، ئىنجىلدا تەسۋىرلەنگەندەكلا خۇلاسىگە كېلىپ قالدىم. “ دەپ يازىدۇ. ئېنگىلىس تىلى مەدەنىيىتىدە «دارۋىنىزىم»، «دارۋىن تەلىماتى» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە تەبىئى ئۆزگىرىش(Evolution ؛演化)بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى  كىشىلەر ئېڭىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات(进化;Evolve)نەزىريەسى بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدىغان ئۇقۇم دەپ قارالماقتا. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلمىي مەنىسى ۋە پەلسەپىۋىي مەنىسىنى تازا ئىنىق چۈشۈنۈپ كەتمىگەنلىكتىن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولماستىن دەسلەپكى تەرجىمە ۋە مۇشۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ سەۋەنلىكى. بۇ ھەقتىدىكى بىلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى فىزىكا ۋە خىمىيەگە ئوخشاش مىقدارلاشتۇرۇلغان ،ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تېئورمىلىرى ئارقىلىق يەشكىلى ۋە يەتكىلى بولىدىغان ، ئىنىق ھەم چۈشۈنۈشلىك بولغان گۈزەل ئىلىم-پەن مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. بۈگۈنكى ئىنسانلارغا كېرەك بولۇۋاتقىنى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىسپاتلاش ۋە دەلىللەش ئەسلا مومكىن بولمايدىغان ،قايتىلىنىش مومكىنچىلىكى نۆلگە تەڭ بولغانلىقتىن قايىل قىلارلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان  ئىپتىدائى دارۋىنىزىم تەلىماتى بولماستىن،كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، مول سانلىق قىممەتلەر ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان لوگىيكا ۋە پەلسەپە جەھەتتىن نۇقسانسىز ئىلمىيلىق ۋە ئەقلىيلىققا تېخىمۇ يېقىن بولغان ئىلغار ۋە زامانىۋى ئىدىيە، تەجرىبە ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدۇر.بۇنداق بىر ئىدىيە ۋە ئىلمىي نەزىريە مەيدانغا كەلمىگەن ئەھۋالدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەر قاچان گۇمانلىنىشقا ھەقلىق.
دارۋىن ئۆز تەلىماتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى بىئولوگىيەلىك تەبىئى ئۆزگىرىش(EvolutionـBio) ھەققىدە ئىنقىلاپ قوزغاپ،بىر قىسىم گۇمانىزىمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھەۋەسكار ھەم تەتقىقاتچىلارنى جەلىپ قىلىپ، ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈرۈگەن ، ئۇ ھەتتا ئىنساننىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى دېگەننى ئىما قىلىپ ئۆتكەن. ۋاھالەنكى تا  بۈگۈنگە قەدەر ئىنسان ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە قايىل قىلارلىق دەلىللەر يىتەرلىك ئەمەس.
يىرىم ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلى جانلىقلار ياكى بارلىق جانلىقلارنىڭ موھىم شەكىل ئالامەتلىرى ئەمەلىيەتتە تاساددىبي ئۆزگىرىش ۋە تەبىئى تاللىنىشتىن كەلگەن دەپ قاراپ ، ھەممىنى دارۋىننىڭ ئىددىيسى بويىچە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار ھەتتاكى قۇشلارنىڭ چىرايلىق تۇمشۇقلىرى ، ئاتنىڭ تۇيىقى ، توزنىڭ نەپىس قانىتى ،گۈزەل ۋە ئوماق كېپىنەكلەر، شۇنداقلا بارلىق جانلىقلارنىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋرىيلىكى قاتارلىق ھادىسىلەرنىمۇ دارۋىن ئىددىيسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. ھەتتاكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز پائالىيەت(ھەركەت)لىرىگىمۇ دارۋىن نەزىريەسىنى تەققاسلاپ-تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. ھەتتا مەلۇم مەنىدىن ئىنساننىڭ تېنى ۋە ۋۇجۇدۇدىكى بارلىق ئىش- ھەركەت، ئوي -خىيال، ئىدىيە- پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇ چىتىلمايدىغان ھىچقانداق ساھە يوقتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.
20-ئەسىرنىڭ50-يىللرىدىن بۇيانقى ئىلىم-پەن مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، جانلىقلار ئورگانىلىرى مالېكۇلاسىنىڭ شەكلى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى. تەدرىجى ۋە ئۆزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ساناقسىز تەجرىبە- تەتقىقاتلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن جانلىقلارنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسى بايقالدى. بۇ بايقاشلار بارلىق جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ئاساسى مولېكۇلادىن تۈزۈلگەن ئەزالار ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
بارلىق جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسى راستىنلا دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىگە تامامەن ماس كېلەمدۇ؟ ! بۇنىسى ناتايىن. بىراق بىر قىسىم تاراتقۇلار كىشىلەرنىڭ تىنچ نىرۋىلىرىنى ئەنە شۇنداق غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشقا ماھىر بولسا، يەنە بىر قىسىم «ئىلىم ئەھلى» (بولۇپمۇ ھەتتا قىلچە تەبىئى پەن ساۋادى بولمىغان غەيرى تەبىئى پەن خادىملىرى)ئۆزلىرىنىڭ بەزى قىياس – تەتقىقاتلىرى ۋە ئادەتتىكىچە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە دارۋىن تەلىماتنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ«زور ئۈنۈم»گە ئېرىشىشكە ھەۋەس قېلىشىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ «ئىلىم-پەندىكى مودا قوغلىشىشى» بولسا كېرەك! دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئادەتتىكى كىشىلەر بۇخىل ئۇچۇرلارنىڭ زادى راست ياكى يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ بولالمايلا ئۆتۈپ كېتىشمەكتە. لىكىن بۇنداق ئەھۋالدا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي ئىلىم ئەھلى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ۋەئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ۋە ئىلمىي مېتودى بىلەن ھاياتلىق تارىخىنى ئەسلەپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ  تەتقىق قىلىپ دەلىللەپ كۆرۈشى، ئالەملىك نەزەر ، دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ ئەقلىي رەۋىشتە تەەپەككۇر قىلىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ،ئەلۋەتتە.
ئەمەلىيەتتە، دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىدە نۇرغۇن يوچۇق ۋە زىتلىقلار مەۋجۇت. بىزنىڭچە بۇ يوچۇقلارنى ھازىرقى زامان بىئولوگلىرىنىڭ قاراش ۋە بىلىملىرى بىلەن تولدۇرغىلى،  زىتلىقلار نىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ  ھەل قىلىپ كەتكىلى ۋە ئۇلارنى بىرلىشتۈرۈپ، ئىزچىللىقا ئىگە قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تېنى ئۆز تېنىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى  ئارقىلىق شەكىللەنگەن. يەنى ئۆز تېنىدىكى مۇرەككەپ سىستېمىلار ئارقىلىق شەكىللەنگەنكى،ھەرگىزمۇ تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. دارۋىن نەزىريەسى توغرىمۇ -خاتا؟ بۇ نەزىريە بارلىق جانلىقلارغا تەدبىقلاشقا ماس كېلەمدۇ يوق؟ كۆپۈنچە ئادەملەر ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھەم بىلىشىدۇ. لىكىن بۇ دارۋىننىڭ خاتالىقى بولماستىن ئەينى ۋاقىتتىكى دارۋىننىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئاساسى سەۋىيەسى ،پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن دارۋىن پەقەت ھەقىقەتنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنلا كۆرەلىگەن،دېمەي تۇرالمايمىز.   ئىلىم-پەن تارىخىدىن قارايدىغان بولساق بارلىق ئىلىم-پەن نەزىريەلىرى قىياس بىلەن باشلىنىپ تەجرىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ۋە ئاندىن مۇكەممەل ئىلمىي نەزىريە سىستېمىسى بولۇپ شەكىللىنەلەيدۇكى، پەقەت دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىلا قىياس بىلەن باشلىنىپ قىياس بىلەن ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھال بەلكى يەنە خىلى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا كېرەك.
ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە ئىلمىنىڭ ئۇرۇقداشلىق ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتققاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا مەيلى تۈرلۈك تەرەققىيات(تۈرلەر ئارا ياكى تۈر ئىچى تەرەققىيات) بولمىسۇن ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۆز ئارا تايىنىش، ھەمكارلىق ،ئىلگىرى سۈرۈش، تولۇقلاش ۋە چەكلەشتەك مۇرەككەپ گارمونىك مۇناسىۋەت ۋە مىخانىزىم مەۋجۇت. كىشىلەر يەنە ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئارقىلىق، جانلىقلار ھەقىقەتەنمۇ تۈر ئىچىدە تەدرىجى تەرەققى(种内进化؛小进化) قىلسىمۇ ،لىكىن تۈر ھالقىپ تەدرىجى تەرەققى قىلىش (种间进化؛跨种进化؛ 大进化؛超种进化)نىڭ مومكىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىپ يەتمەكتە.
دارۋىن تەلىماتىدىكى مەۋجۇتلۇق رىقابىتى ۋە تەبئىي تاللىنىشتا: ‹‹ماسلىشالىغانلىرى ئامان قىلىپ، ماسلىشالمىغانلىرى ھالاك بولىدۇ.» ،«ئەلالىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ.» دەيدىغان ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئەركىن رىقابەت ئىددىيسى بىلەن جىپسىلىشىپ قالغانلىقتىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە Huxleyدەك ئىلمىي گۇپپاڭچىلار ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى پرۇلتارىيات ئىنقىلابىنىڭ پىشىۋالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ناھايىتى تىزلا پەن ۋە كەسىپ دائىرسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ دۇنيا چوڭ ئىلىم مۇنبېرىدىن ئورۇن ئېلىشقا ۋە يىتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولغان . ھەتتا ئېنگىلىسمۇ«دارۋىننىڭ نەزەرەسىدىكى مەۋجۇتلۇق رىقابىتى تەلىماتىدا بۇرژىئازىيىچە سىنىپىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدىكى رىقابەت تەلىماتى، شۇنداقلا مالتۇسنىڭ نوپۇس تەلىماتنى ئىجتىمائى جەمئىيەتتن ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىگە يۆتكەپ ئەكىرگەن.» دەپ قارىغان. دېمەك، دارۋىننىڭ تەلىماتىدا ھاياتلىق ئىلمىدىن سىرت يەنە، بەلگۈلۈك ئىجتىمائى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىش ئامىللىرىمۇ يوق ئەمەس. ناتسىسلار گېرمانىيىسى دارۋىننىڭ تەلىماتىنى پەردازلاپ، «تەبىئى تاللىنىش»تىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىنى «ئىجتىمائى تاللىنىش»تىكى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىگە تەدبىقلىۋىلىپ، ئۇنى مىللەتچىلىك-ئىرقىچىلىقنىڭ،  ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ نەزېريەۋىي ئاساسى قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇرۇش ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلاردىن بىزار بولغان نۇرغۇن كىشىلەر گېرمانىيە مەدەنىيىتىگە  ”دارۋىنىزىم “نىڭ ماركىسىنى چاپلاپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىلەن دارۋىنىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ كەڭ بىرلىك سېپىنى شەكىللەندۈردى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كومونىست دارۋىزىنىمچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە كەسىپتىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى ئىتنىكا ۋە ئەخلاق ساھەسىگىمۇ كېڭەيتىشتى.ئۇلارچە بۇنداق قىلسا تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ،ئىناۋىتى ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشقىلى بولسا كېرەك.بىراق ئۇلار ئازغانىدى.20-ئەسىر بوسۇغىسىدا ، مىندىلنىڭ كۆك پۇرچاقنى شالغۇتلاشتۇرۇپ سورت يىتۈشتۈرۈش تەجرىبە نەتىجىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىندىل ئىرسىيەت تەلىماتى دەسلىۋىدە دارۋىن تەلىماتىىنى قوللىماستىن ئەكسىچە، دارۋىنىزىمغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش نەزىريەسىنى كۈچلۈك قوللىدى. ئۇنىڭغا لامارىكىزىمچىلارنىڭ«ھاياتلىقنىڭ ئۆزىدە  نىشان بولىدۇ،ئۇ نىشان ئۆزىنىڭ تەبئىي ئۆزگىرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،ئۆزى ياشاۋاتقان موھىتنىڭ خىرىسىغا نىسبەتەن تاللاپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.»دەيدىغان ئىدىيەلىرى ۋە توساتتىن ئۆزگىرىش نەزىريەسىنىڭ قوش قاتلاملىق زەربىسىگە دۇچار بولدى.
تەبىئى پەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەسكى،ئۇ تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولغان تەبىئىەتنىڭ تىلى ؛ شۇڭا ئۇ  تەبئىي ھەم چىنلىق،دەلىل-ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە بارلىققا كەلگەن؛ ئۇنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تۈپ قانۇنلۇق ھەم قانۇنىيەتلىك خاراكتىرى ،مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالدىكى يىتەكچى ئەھمىيىتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىنسان ئۇنى قانچىكى ئىچكىرلەپ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغانسىرى ئادەمنىڭ ئەقلىنى شۇنچە بىلەپ، روھىنى پاك ھەم جەسۇر ، قەلبىنى ھۆر ، پىكىرىنى ئۆتكۈر قىلىپلا قالماستىن ،ئادەمنى شۇنچە راستچىل ،سەمىمىي –ساداقەتمەن، ۋاپادار ۋە ئالىجاناب قىلىپ، ھىيلە-مىكىر ۋە نەيرەڭۋازلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ،ئادەمدىكى  ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان شەخسىيەتچى «ئۆزلۈك»(自我؛Ego) كىشەنلىرىىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ،ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي بىرلىك-بۈيۈكلىك ۋە دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ تەپەككۇر –تەتقىقات ۋە ئىش ھەركەت قىلىدىغان «ئۆگلۈك»(超越自我؛真实的我؛超我؛创新性人精؛Pass ego ؛Real ego؛ Oglǜk)ئىنسان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم يىتەكلەيدۇ. بىراق، دارۋىننى بۇجەھەتتە  ئۆزى تەتقىق قىلغان تەبىئى پەنگە يۈز كېلەلەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقا ئاساسىمىز يىتەرسىز.( شۇ مۇناسىۋەتتە ئىنسانشۇناسلقى ساھەسىدىكى جېنىنىڭ بارىچە ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىۋاتقان بىر قىسىم  ئەدىب ۋە جەميەتشۇناسلارغا شۇنداق نىدا قىلغۇمىز كېلىدۇكى، ئۆزلۈك ئۇ ئادەمنىڭ ئىتنوگىرافىيەلىك ھالىتىدىكى تۆۋەن باسقۇچتىكى دەسلەپكى ئۇقۇم ھەم ئادەمدە ئۆزىنى تونۇپ ئۆزلۈكدىن ھالقىش مۇساپىسىدە بىسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر ئىپتىدائى ۋە ئۆتكۈنچى جەريان . يۈكسەك مەدەنىيەتلىك يۇقۇرى قاتلام ۋە ئالى باسقۇچىغا ئۆتكەن ئادەملەر ئۈچۈن، ئۇ تولىمۇ پەس ۋە پاسسىپ  ئۇقۇم. ئۆزلۈكنىڭ ئالى باسقۇچى بولسا ئۆگلۈكتۇر.بىر قىسىم ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىۋاتقنلار بۇنى ھىس قىلىشتى بولغاي،ئۇنى«ئالى ئۆزلۈك»،«يۈكسەك ئۆزلۈك»،«ئۆزلۈكنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى»دەپمۇ ئاتاپ باقتى-يۇ، يەنىلا «ئۆگلۈك»دېگەندەك تازا جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى ھىس قىلىشىپ گاڭگىراپ تۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە ، ئۆزلۈك زىيادە تەكىتلەنسە ئاقىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك، تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك -ئىرقىچىلىق، تەپرىقىچىلىق، قورۇقچىلىق،  گۇروھۋازلىق ، بۆلگۈنچىلىك، ھەتتاكى ئۇرۇش ۋە قايلايمىقانچىلىققا،ئىزىش ۋە ئىكىسپالاتسىيەگە ئىدىيۋىي مەنبە ،نەزىريەۋىي ئاساس ۋە مەنىۋىي ماياك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆزلۈكنى تونۇپ-ھىس قىلىپ ئۆتۈشلا كۇپايەكى، ھەرگىزمۇ كۈچەپ تەكىتلەشكە، ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىشقا بولسا تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ.) ئەلۋەتتە ، دارۋىن ئۆزىمۇ جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ۋە ئۇنىڭ نازۇك ھالقىلىرىنى ئىنىق ئىگەللەپ كېتەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ نەزىريەسىدە ئاسانلىقچە ئاغدۇرۇۋىتىكىلى ھەم ئىسپاتلىغىلىمۇ بولمايدىغان ھۆكۈم ۋە ئەقلىي خۇلاسىدىن باشقا نۇرغۇن چەك باسمايدىغان قىياسلارمۇ يوق ئەمەس. ھەتتا بەزى قىياسلىرى لوگىيلىكىلىق تەپتىش ۋە تەجرىبىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىچىنىشلىق رىئاللىق يەنە بىر دەلىل بولالايدۇ؛ دارۋىن ئۇ بىر غەيرى بىئولوگ بولغانلىقتىن، ئۆزىمۇ يىقىن تۇغقانلار ئارا نىكاھلىنىشنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ ئىغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قىلچە بىلمىگەندە، ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ نەۋرە ئاچىسى ئىما خىنىم بىلەن توي قىلغان. قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان بۇ تويدىن كىيىن ھاياتلىق تىرادىگىيەسى يۈز بېرىپ، گەرچە دارۋىن ئون پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ ھىچ قايسىسى ئەۋلات قالدۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن دارۋىننىڭ نەسەبى ئۈزۈلۈپ قىلىشتەك زور پاجىئە يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتە كەمنە «قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان توي ۋە ھاياتلىق تىرادىگىيەسىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان نەسەب» سەرلەۋىلىك ماقالەمدە مەخسۇس توختالغانمەن.شۇڭا باشقا تەپسىلاتلارنى تەكرارلاشنى خالىمىدىم.
دارۋىن تەلىماتىدىكى ئاساسى پەرەز ۋە قىياسلا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئالىملار ئۇنىڭ نەزىريەسىدىكى«كېسەل»نى بايقىغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىلەرگە كۆپ دىققەت قىلمىغانلىقتن  ئانچە ئىرەن قىلمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئالىملار بۇ مەسىلىلەرمۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇستىرىدا «شىرتتىدە قىلىپ كېسىۋەتكەن»دەك تەل-تۆكۈس «ھەل بولىدۇ (يوقاپ) كېتىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. مەسىلەن:دارۋىن مىكراسكوپ ئاستىدىكى جانلىقلار دۇنياسى پەقەتلار ئاددىي« مىۋە ئۇيۇتىسى(果冻)»ياكى كىرىستالسىمان نەرسە بولۇپ، تاساددىبىي پۇرسەتتە ناھايىتى ئاسانلا شەكىللىنىپ قالغان دەپ قاراپ ئىغىر خاتالاشقان. خاتالاشقاندىمۇ  بەكمۇ چوڭ ۋە بەكمۇ ئىغىر خاتالاشقانىدى.20 -ئەسىرنىڭ 50-يىللىردا ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ ئاپىرىدە بولىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار ھۈجەيرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىنچىكە كۆزۈتۈش ئارقلىق دارۋىننىڭ خاتالىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەت شۇكى ،مىكراسكوپ ئاستىدىكى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ مۇرەككەپلىكى مىكراسكوپ سىرتىدىكى(ئۈستىدىكى)دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ھەرگىز قىلىشمايدۇ. پەقەت دارۋىن ئېيتقان تىئورمىدىكى تاساددىبىيلىق مۇشۇنچىۋالا مۇرەككەپ ،نازۇك – زىل ۋە نەپىس بولغان مول ئىقتىدارلىق رەڭدار ھەم«قۇدىرەتلىك»ھۈجەيرىنى ئىختىرا قىلدى دېيىش ئادەم تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ،قىلچە ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئەڭ كىچىك دەپ قارالغان ھۈجەيرىلەرمۇ  ئۇنداق«ئاددىي»،«كىچىك» بولمايدۇ ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ ،ھۈجەيرىنى«ئىنتايىن ئاددى»دەپ تۇرايلى،ئۇ ئەڭ ئاددى ھۈجەيرىمۇ يىتەرلىك دەرىجىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ ۋە پەقەت شۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاندىن ھايات كەچۈرۈپ ياشىيالايدۇ. شۇنداقلا بارلىق ئەڭ نازۇك ۋە زىل-زىبالىق، ئەپچىل ، مۇرەككەپ ھىساپلىنىدىغان كۆپۈيۈپ-ئەۋلات قالدۇرۇش ، ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرىمۇ دەل شۇ ئاددىي ھۈجەيرە ئارقىلىق  تاماملىنىدۇ.
دارۋىنىزىمنىڭ ھاياتلىق ئىلمى كىلاسسىك ئەندىزە ۋەئىپتىدائى نەزىريە بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مودىرنىزىمچىلارنىڭ بىرخىل (دىنى)ئىدىۋىي تۈۋرىكى بولۇپ قالغانلىقىدا.لىكىن قانداقلا بولمىسۇن دارۋىننىڭ نەزىريەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىللەرنى ئەقىل كۆزى ۋە تەنقىدى نەزەر بىلەن ئىنچىكە كۈزۈتۈپ ئانالىز قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ياكى قاتتىق ئىلمىي تەنقىد ۋە تەپتىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى ھەققىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۈگۈنكى بىرقىسىم ئەللەردە سىياسى مادارا پەيدا  قىلماقتا.چۈنكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە پەقەت دارۋىن ئەندىزىسى بويىچىلا ئوقۇتۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى باشقا نەزىريە ۋە يېڭى، ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن ئۇچۇرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشى «ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك»، «ئاينى ئېتەك بىلەن يىپىشتەك » ئىش بولماقتا.يەنە كېلىپ،ھەتتا بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دارۋىن تەلىماتىدىكى ھەممىگە ئايان بەزى گۇمانلىق نۇقتىلىرىنى مۇھاكىمىلىك سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتىشىگىمۇ رۇخسەت قىلماسلىقى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى مودىرنىزىمچىلارنىڭ كىشىگە ئېيتالمايدىغان ئالاھىدە بىرخىل دىنىغا ئايلىنىپ  قالغانلىقىدا. يەنە كېلىپ دارۋىنىزىم ئەنەشۇ مودىرنىزىمچىلارنىڭ ئەڭ موھىم بولغان مەركىزى ئىددىيسى ھىساپلىنىدۇ.ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC) ۋە«سىھرى كۈچ(Glamour)»ژورنىلى ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملقى ئەل رايى سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككىلى خىل نەزىريەگە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە يارىتىلىش نەزىريەسىنىمۇ تەڭ ئوقۇتۇشنى قوللايدىغانلار سانى ئايرىم ئايرىم ھالدا 83-89%، 74%ۋە 76%بولغان. «يارىتىلىش » ياكى «ئەقلىي لاھىيە » نەزىريەسى بولمىسۇن ئۇلار ماھىيەتتە ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى باشقا نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ يادرولۇق ئىددىيسى بولۇپ،بۇ دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات تەلىماتى ئىددىيسى بىلەن زىتلىققا ئىگە ؛ بۇ ئاساسلىقى ھاياتلىقنى مۇرەككەپلىكتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۇرەككەپ بولىدۇ، مەسىلەن:بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان DNA (دى ئىن ئا)ياساش بۇيرىقى،شۇ DNA نىڭ مەخپى شىفىرى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يارىتىلىش نەزىريەسى ئىددىيسى ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئېلىپ كېرىلسە، ھازىرقى ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە توغرا كېلىشى مومكىن، ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇ نەزىريەنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى ئاللىقانداقتۇر «توساتتىن ئۆزگۈرۈش» ، «تەبىئى تاللاش»، «مەۋجۇتلۇق رىقابىتى» دېگەنلەر بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەستىن،ئەھمىيەتلىك «ئەقلىي لاھىيە»،« چىرتىيوژ»،«ئىرىسىي پروگرامما» دېگەنلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىك بىشارەت ۋە ئەسكەرتمە-تەلىماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىت ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ. دارۋىنىزىمچىلار ۋە بىر قىسىم دەھرىيلەر بولسا بۇنى ئاددىيلا بىدئەت ياكى خۇراپاتلىق دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى«لاھىيەسىز ئەندىزە»ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ، ئەنەشۇ ئاتالمىش «قالايمىقان ،تەرتىپسىز»،«قانۇنىيەتسىز» تەبىئى تاللاش مىخانىزىمى ۋە پۇرسەت تېئورمىلىرىدىن ھاياتلىقنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سىرلىرىنى يەشمەكچى بولىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە «تاساددىبيلىق» دېگەن بىز ئىنسانلار تىگىگە يىتەلمىگەن ياكى سەۋەبىنى بىلەمىگەن تىلسىملىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئىجات قىلىۋالغان بىر يۈكسەك مەنىدىكى مەۋھۇم ئۇقۇم ؛ تاساددىبىيلىقنىڭ ئۆزى شەيئىلەر تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقىدىكى يۈكسەك قانۇنىيەت ۋە ئىلمىيلىككە قارىتىلغان بولۇپ،«تاساددىبيلىق»نى تاساددىبىي بايقاپ قىلىش ئەسلا مومكىن ئەمەس. بۇنىڭغا چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بىلىم،كۈچلۈك كۆزۈتۈش ئىقتىدارى ۋە تەجرىبە دەلىلى كېرەك بولىدۇ.تەبىئەت دۇنياسىدا جۈملىدىن تەبىئەت پەنلىرىدە تاسادىبيلىق ياكى تاسادىبىي توغرا كېلىپ قىلىش، سىمىتىرىيەسىزلىك(ماس كەلمەسلىك)ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.ناۋادا مەۋجۇت دېيىلسە چوقۇمكى مەلۇم بىر ھالقىدا چاتاق چىققان ياكى مەسىلە(خاتالىق)كۆرۈلگەن بولىدۇ.
ئىلىم-پەن بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنسانمۇ دەل رىئال ئىجتىمائىي دۇنيادا ياشايدىغان بولغانلىقتىن ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىمۇ ئاڭغا تايىنىدىغان بولىدۇ. خۇددى ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېۋىن(Erwin Schrodinger)تونۇپ يەتكنىدەك فىزىكىدىكى بارلىق نەزىريەلەرنىڭ ھەممىسى سەزگۈ ئەزالارنىڭ بىلىپ يەتكىنىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەندە تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز چەكسىز چىگىرسىز ئالەم ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ ئادەمگە ئالاقىدار زور بىلىش مەسىلىرى ئاللىبۇرۇن ئادەتتىكى ئىلىم-پەننىڭ چۈشۈنۈش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا تەپەككۇر ئوربىتىمىز ۋە كۆزۈتۈش بۇلۇڭىمىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ يېڭىچە ئالەملىك قاراش زاماندار ئاڭ بىلەن ئۆزىمىزدىن ھالقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ۋاھالەنكى ئىنساننىڭ تەپەككۇر سەزگۈسى لوگىيكىدىن غالىپ كەلگەندە چۈشۈنۈش ۋە قارىغۇلارچە چۈشۈنىۋىلىش ياكى ئىلمىي نەزىريەلەرگە بولغان مەھكۇملۇق ، روھى بەخشەندىلىكتىن قۇتۇلۇپ، سىىپى ئۆزىدىن ئەسلى ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئادەمنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى راستىنلا تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلىمۇ ؟ ھازىرچە بۇنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدىغان بىرەر يېڭى نەزىريە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ھەتتا تەبىئى تاللاش نەزىريەسىنىڭ تۇنجى بايقۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋاللاس(Alfred Wallace)1869-يىلى دارۋىنغا يازغان خېتىدە كېسىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ۋە چوڭ مېڭىسى  تەبىئى تاللىنىشنىڭ مەھسۇلى بولىشى مومكىن ئەمەس،چۈنكى ئىپتىدائى ئادەمنىڭ مېڭىسى بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ مېڭىسى ئوخشاش چوڭلۇقتا، بىراق ئىپتىدائى ئادەملەر ئابىستىراكىت تەپەككۇر قىلالمايدۇ…».
دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريىسى بويىچە بولغاندا،  ئالى دەرىجىلىك ھايۋانلار تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردىن ، ئادەم مايمۇندىن تەردىجى تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ . بۇ قاراش قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ بىر مۇنچە  نىمە ئۈچۇن ؟ ۋە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى  بويىچە  لوگىيكىلىق  تەپەككۇر- تەپتىش  ۋە ئەقلىي خۇلاسە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق ، داۋرىن نەزەريىسى كىشىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل ھەم نۇقسانسىز  توغرا جاۋابنى بىرەلىگەن ئەمەس . ھاياتلىق ئىلمى دارۋىندىن بۇيانمۇ ھەرگىز بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق . خۇسۇسەن تەدرىجى تەرەقىيات مىخانىزىمى ، مودىلى ، رېتىمى ، بىرلىكى ، قاتلاملىقى ، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلىك ئامىل قاتارلىقلاردىمۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن پىكىر ئېقىمى ۋە ئىلمىي مەزھەپلەرنى شەكىللەندۈردى .
گەرچە ئاناتومىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەم تاشقى قۇرۇلمىسى بىلەن ئورانگوتانلارنىڭ سىياقىدا خىلى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ ، بۇ ھىچ بولمىغاندا بۇلار بىر تۈر ۋە پۈتۈنلەي بىر ئائىلىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئاددىسى  شاتۇت جېنىدا ئادەم نىمە دېسە شۇنى دىيەلەيدۇيۇ، بەزى ئالىملار مايمۇننى زۇۋانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە يىل تىرىشقان ،ھەتتا ئىلغار-زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن گەپ قىلىشنى ئۆگۈتۈپ باققان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئادەمدەك زۇۋان چىقمىغان. دارۋىن دېگەن بۇ ئىسىم تەبىئى ئۆزگىرىش بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەرگىز كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاددىي ۋە ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى دارۋىن زامانىسىدىكىدەك ئۇنداق ئاددىي ھەم ئىپتىدائى ئىلىم بولماستىن ،دارۋىن زامانىسىدىكىدىن مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. شۇڭا ئۇنى بىر قانچە تال تولۇق بولمىغان پارچە-پۇرات تاش قاتمىلىرىغىلا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئادەم بىلەن مايمۇن«ئۇرۇغ-تۇغقان» ،ئۇلار بىر جەمەتتىن دېيىش ئىلىم-پەن لوگىيكىسى ۋە ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار پەنلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەنمۇ ئانچە ماس كەلمەيدۇ.ئوخشاش كاربون(C)ئېلىمېنىتىدىن تۈزۈلگەن ئالماس ، گىرافىت ، كۆمۈر كۈيىسى قاتارلىق كاربوننىڭ ئاللىتىروپىك ماددىلىرى خىمىيە پېنىدە ئوخشاشلا بىرخىل ماددا دەپ قارالسىمۇ، لىكىن پەقەت ئۇلارنىڭ گورۇپلىنىش شەكلى ئوخشىمىغانلىقتىن فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىدە غايەت زور پەرقلەر شەكىللەندۈرگەن. ھاياتلىق ھادىسىلىرىمۇ فىزىكىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقتىن بۇخىل فىزىكىلىق پەرقنىڭ ھاياتلىق مۇلېكۇلالىرىنىڭ فونكىسىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. دەرۋەقە، ئادەم بىلەن مايمۇننىڭ گېن سانىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا ئۇلارنى ئوخشاش بىر  تۈرگە تەۋە دەپ تۇرۇۋىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىلىم-پەن مەنتىقىسىگە مۇخالىپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ گېن سانى مايمۇننىڭكى بىلەن ئوخشىشىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە توخۇ ، چاشقان، پىل، چوشقا ، چۈجگىن ئوت، كۆممە قوناق، چىۋىن، مىۋە قۇرۇتى، قۇمۇش قاتارلىقلارنىڭ گېن سانى بىلەنمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇلارنى ئادەم بىلەن بىر تۈرگە تەۋە دېيىش ئاقمايدۇ ھەم ئەقىلغىمۇ سىغمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە  ئادەم بىلەن ئورانگوتاندا ئورتاق بار بولغان  ئاقسىللار ئىچىدە%80تىدە پەرق بار، بۇ شۇ ئاقسىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىنو كىسلاتىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوخشىمايدۇ دېگەن گەپ. بۇ دېگەنلىك ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدا ئىنىقلانغان 20مىڭدەك گېننىڭ 16مىڭدىن كۆپرەكى ئورانگوتاننىڭ گېن تەرتىپىگە ئوخشىمايدۇ دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.ئادەم بىلەن ئورانگوتاننىڭ گېن جەھەتتىكى پەرقى نوقۇل ھالدىكى سان جەھتتىكى پەرقلا بولماستىن، تەرتىپ ، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ماھىيەتلىك پەرقلەر ھەم  سىستېما ئىچىدىكى قۇرۇلما خاراكتىرلىك پەرقمۇ مەۋجۇت. بۇ پەرقلەر يەنە بەزى گېنلارنىڭ بار يوقلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. كونكىرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم تېنىدە  دائىم ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقان 1400دانە يېڭى گېن ئورانگوتان تېىنىدە ئەسلا ئىپادىلەنمىگەن.يەنى ئادەمدىكى %6گېن ئورانگوتاندا يوق. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلغاندا ،ئادەم بىلەن ئورانگوتاننىڭ پەقەت گېن سانىلا ئوخشاش بولغاندىن باشقا، ئۇ گېنلارنىڭ گورۇپلىنىش (پروگراممىلىنىش)رەت تەرتىپى ۋە قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ئادەمنىڭ گېن زەنجىرى قىسقا ، ۋاكوم ۋە ئەخلەت گېنلارمۇ ئازراق؛ مايمۇننىڭ بولسا ئۇزۇن، ۋاكوم ۋە ئەخلەت گېنلار(ھازىرچە ئىنىق فونكىسىيەسى ۋە رولى بارلىقى تېخى نامەلۇم گېنلار) كۆپ . بۇخىل رىئاللىق ئادەم بىلەن مايمۇندىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرنىڭ گېن سانى گەرچە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ گېن قۇرۇلمىسى شەكلى ، گورۇپلىنىش(تەشكىللىنىش) ھالىتى، تەرتىپى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك ئاساسەن ئوخشاش مىقتاردىكى گېنلارنىڭ ئوخشمىغان رەت تەرتىپ بويىچە، ئوخشىمايدىغان ھالەتتىكى گورۇپلىنىش شەكىلدىكى تۈزۈلىشى ، ئۇ گېنلارنى ئوخشىمىغان مەزمۇن ۋە فونكىسىيەگە ئىگە قىلىپ، ئىنسان بىلەن مايمۇن، شۇنداقلا يەنە گېن سانى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن باشقا ھايۋانلارنىڭ تۈر تەۋەلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ھازىرقى مورفولوگىيەسى، ئاناتومىيەسى، فىزىلوگىيەلىك خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرى جەھەتتىكى بىر تالاي ئاسمان زىمىندەك زور ھەم روشەن پەرقلەرگە  بىۋاستە سەۋەپ بولغاندۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى جانلىقلارنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئىرسىيىتىنى بەلگىلەيدىغان گېنلار سانى بەلگىلىمەستىن شۇ گېنلارنىڭ پروگراممىلىنىش( گورۇپلىنىش) شەكلى بەلگىلەيدۇ دېگەن ئەقلىي خۇلاسىە چىقىرىش مومكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ھاياتلىق ئىلمىلىك شەكىل ئۇقۇمىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. شەكىل ئالامەتلەرنىڭ ئىرسىيەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان گېرمانىيەلىك زولوگىيە پروفېسسورى ئوگوست ۋېسمان (1834.1.17.-1914.11.5  August Weismann;)  22ئەۋلات چاشقان ئىچىدىكى 1592جۈپ چاشقاننىڭ قۇيرىقىنى كېسىۋەتىپ چېتىشتۇرغاندىن كىيىنمۇ ، كىيىنكى ئەۋلادىدىنىڭ ئوخشاشلا قۇيرۇقى بار تۇغۇلغان. بۇنداق تەجرىبىدىن غىدىقى كەلگەن ئىدراكىق ئادەملەر مۇنداق مونولوگ قىلىشىدۇكى: بىر تال  مەڭ ، كىچىككىنە سەپكۈن چاغلىق مىكرو شەكىل ئالامەتلەرمۇ ئىنتايىن كۈچلىك نەسىل قوغلاش(ئىرسىيەتچانلىق)كۈچىكە ئىگە تۇرسا ، كىملەر شۇ بىچچارە مايمۇنلار چىمەن تاغدىكى  دەرەخلەردىن سەكرەپ چۈشۈپ ئادەمگە ئۆزگىرىدىغان چاغدا  ئۇنىڭ ئۇزۇن ھەم يوغان قۇيرىقىنى« مەڭگۈ ئۆسمەيدىغان»قىلىپ كېسىۋەتكەن بولغۇيتى ھە! تېخى ئۇنىڭ كۆرۈمسىز ھەم ماناق بۇرۇنلىرىنى شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلىپ، قاڭشار چىقىرىپ قويۇشلىرىغا قارىمامدىغان!
ئۇندىن باشقا ، يۇقۇرقىلارنى دارۋىننىڭ قىياسى بويىچە تەققاسلاپ ئانالىز قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق ، ئادەم بىلەن مايمۇنلار ئوتتۇرىسىدا زادىلا ئۇلىغىلى بولمايدىغان «كەمتۈك (ئۈزۈك)ھالقىلار»مەۋجۈت بولۇپ، بۇ كەمتۈك ھالقىلارنى ئۇلاش(جىپسىلاپ)  تەدرىجى تەرەققىياتنى سىجىل (ئىزچىل)داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن  بۇ كەمتۈكلۈكلەرگە تەۋە بولغان ھەم ئۇنى دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ  بېرەلەيدىغان ئىسپاتنى تىپىشقا ۋە ياكى دارۋىننىڭ نەزىريەسىدىكى جىپسىلاشمايدىغان ۋاقىت(يىلنامە)تەرتىپىنى قايتىدىن دارۋىننىڭ قارىشىنى قوللايدىغان قىلىپ يېڭى باشتىن يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىلىم-پەندە «قوش ئۆلچەم قويۇش»،«ھەقىقەتنى ئۆزى ئۈچۈن ئىگىپ پايدىلىنىش»تەك  قىلمىش تەنتەكلىك، پاراسەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك بولۇپ، بۇنى بۈگۈنكى زامان ھاياتلىق ئىلمىنىڭ غورۇرى ۋە ۋىجدانى ئەسلا كۆتۈرەلمەيدۇ.
جاڭ زېڭىيى ئەپەندىمنىڭ تەھلىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىگە قارشى ھەركەت پەقەتلا ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ توقۇنۇشىنىڭ ئىپادىسىلا ئەمەس. ئۇنى ئاددى ھالدا نادان بىلىمسىزلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە قارشى ھەركىتى دەپ يەكۈن چىقىرىشقىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئوخشىمىغان ئىلمى قاراش ياكى ئىلىم-پەن چەك چىگىرىسى ئۆلچىمىدىكىلەرنىڭ ،شۇنداقلا ئالاھىدە ئىجتىمائى ،سىياسى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىكىلەرنىڭ بىۋاستە ئىدىيە توقۇنۇشى دەپ چۈشۈنۈش كېرەك. بىز يەنە شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، دارۋىننىڭ نەزىريەسى مول ئىجتىمائى مەنالارغىمۇ ئىگە بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ھەرخىل، ھەر نۇسقا ئىشلىرىغا «نەزىريەۋىي قالقان» ۋە«ئىلمىي دەستەك»قىلىشقا ئادەتلىنىپ كېتىشتى.يەنە شۇنداقلا ئۇ تەبىئى ھالدا ئوخشىمىغان چۈشۈنۈش ۋە ئوخشىمىغان مەيداندىكى كىشىلەرنى قارشىلاشتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتلىق ئىلمىدىكى باراۋەرلىكى ئاق تەنلىك ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىجتىمائى ئورنىغا نىسبەتەن بىرخىل خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ قويغانلىقتىن، بىر قىسىم ئاق تەنلىك ئىلىم ئەھلى چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كىشەنلىشى بىلەن ئۆزى تەۋە بولغان ئىرقىتىكىلەر تۈر توپىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈستۈنلىكىنى دەپ ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋىتىشكە ئۇرۇنۇش ھادىسىسىمۇ قىسمەن يوق ئەمەس. مۇنازىرە ۋە تالاش تارتىش كۆپۈيىۋاتقان شارائىتتا،يەنە بىر قىسىم «سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتۇش»قا ئامراق كىشىلەر بۇ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ گۇپپاڭچىلىق قىلىپ، مۇھاكىمىنى  قالايمىقان قىلىدىغان ھەرخىل ساختا ئىلىم-پەن ۋە ساختا ئىلىم ئەھلى ھادىسىلىرىمۇ مەۋجۇت،ئەلۋەتتە. تەدرىجى  تەرەققىيات نەزىريەسىگە رەددىيە بىرىپ  يارىتىلىش نەزىريەسىنى قوللايدىغان Levin ئىسىملىك بىرسى :«ئالدى بىلەن، ھاياتلىقنىڭ بىردىن بىر يىگانىلىقى تۈپەيلىدىن بىز ھاياتلىقنىڭ نىمىلىكىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز ھەم ھېچكىممۇ تەجرىبەخانىدا بىرەر ھاياتلىقنى رەسمىي بارلىققا كەلتۈرەلىگىنى يوق. ئاندىن  مۇرەككەپ ئورگانىك تەنىچىلەرنىڭ ھەممىسى كومبىريان(مۇز)دەرۋىدە توساتتىن  بىراقلا پەيدا بولۇپ قالغانلىقى پاكىت .  ئۈچۈنچىدىن ،تاش قاتما خاتىرلىرىدە ئۆتكۈنچە ھالەتلەر كەم ، ئۈزۈكلۈك ھەم كەم ھالقىلار كۆپ . تۆتۈنچى ، نەچچە مىلىيۇن دوللارلىق سەرخىل ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە ئىلغار تەجرىبەخانىلارنىڭ بىرەسى ھايۋاناتلارنىڭ بىرەر تۈرىنى باشقا بىرەر تۈرگە ئۆزگەرتەلىگىنى يوق. »دەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ھىچ بولمىغاندا  ھازىرچە دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىگە ئىشىنىشكە ئاساسىمىز يىتەرلىك ئەمەس. مەشھۇر ئاستىرنوم Fred Hoyle كالىفورنىيە تەبىئى پەنلەر سانائەت پەنلىرى ئىنوستېتوتىدا سۆزلىگەن بىر قېتىملقى نۇتقىدا:« ئاددى جانلىقلار كىچىك مالېكۇلىسىدىن تەرەققى قىلىپ ھازىرقىدەك ئالى دەرىجىلىك ھايۋانغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئون مىليارت يىللىق يېشىمۇ يەتمەيدۇ». دەيدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا،«تەدرىجى تەرەققىيات ياكى توساتتىن ئۆزگىرىش بولمىسۇن’ تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى ‘ ئىھتىمال مەڭگۈ قۇلاقتا ئاڭلاپ ،كىتابتا كۆرەلىشىمىز بىراق مەڭگۈ ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مومكىن ».
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى سىخىمىسىنى ئىنىقلاش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ،ھاياتلىق ئىلمى گېن گۇرۇپپىسى دەۋرىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى ھەمدە ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاپىرىدە بولۇش جەريانىدىكى تەتقىقاتنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدىنى گېن تەتقىقاتىغا باغلىدى. لىكىن گېن ئاتلاسى سىزىپ چىقىلىپ ،كۆپلىگەن خىروماسۇمادىكى گېنلارنىڭ ئاساسلىق فونكىتسىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ئىنىقلانغان بولسىمۇ ،بىراق گېننىڭ ھاياتلىق ئىلمىلىك فونكىسىيەسى زادى نىمە دېگەننى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش پەقەت چاشقان تەقلىدى تەتقىقاتدىكى ھۈجەيرە سەۋىيەسىدە تۇرماقتا. ئۇندىن باشقا،ئادەم بىلەن ئورانگوتان-شىنفەنزە ۋە چاشقان گەرچە  پىرماتىك(Primates؛بىر قەدەر ئەقىللىك ھىساپلىنىدىغان) سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى پەرق  ئاسمان زېمىندەك غايەت زور بولغانلىقى ۋە تەجرىبە جەھەتتىكى تۈرلۈك مۈشكىلاتلار ھەم ھەرخىل چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، تەجرىبە ۋە تەتقىقاتتا بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش يوق دىيەرلىك.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى  تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تامامەن مۇكەممەل بىلىش دەپ ئېيتىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ناۋادا  بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتتا يېڭى بۆسۈش بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز  ئىنسان بىلەن تېخىمۇ «يىقىن تۇغققاندارچىلىق»مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان باشقا پىرماتىك ھايۋانلار ئۈستىدە بىۋاستە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولسا كېرەك! ئالىملارHGP (ئىنسانلار گېن تەتقىقاتى پىلانى) ئارقىلىق ئىنسانلار گېنىنى ئۈزىل-كېسىل ئېنىقلاپ چىقىشنى  ئارزۇ قىلىشقان بولسىمۇ ، ھاياتلىق سىرلىرىنىڭ ھەمىسىنى پۈتۈنلەي  گېن پىلانى تەتقىقاتىدىن ئىبارەت بۇ «ساماۋىي كىتاب»(天书,Double Dutch) قا پۈتۈلگەنلىكىنى ، ھاياتلىق ھىكمەتلىرىنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى«ئېغىز ئىچىش تەس»(有口难言)بولغان تىلسىملىق تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىشنى ئۇنۇتمىدى.  ۋاھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ گېن ئاتلاسىدىن ئىبارەت بۇ «ساماۋىي كىتاب»مۇ ئىھتىمال ئۆزلىكسىز تۈزىتىلىپ تۇرىشى؛ ئۇ يەنە كۆپخىللىق ، مۇرەككەپلىك ، تاساددىبىيلىق ، ئۆزگىرىشچانلىقلارغا ئىگە  بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ  ھاياتلىق ساھەسىدىكى  ئەنۇشۇ «ساماۋىي كىتاب»قا پۈتۈلگەن مۇقەددەس پىروگىراممىلاردىن ھالقىپ كېتەلمىسە كېرەك! ( داۋامى بار)

بۇ يازما 464 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئىنكاسلار (10)

  • bilgejan

    «ئادەم بىلەن ئورانگوتان-شىنفەنزە ۋە چاشقان گەرچە پىرماتىك(Primates؛بىر قەدەر ئەقىللىك ھىساپلىنىدىغان) سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە بولسىمۇ،….»
    ماۋۇ گەپ چاقچاق ئوخشىمامدۇ؟ دارۋىننىڭ نەزەرىيىسى خاتا ياكى توغرا بولسۇن، مۇنداق خاتا گەپلەر بىلەن ھىچكىمنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ خاتالىقىنىمۇ بىلەلمەيدىغان ژورناللارغا بىرىلگەن ماقالە بولغاندىكىن، ماقالىنىڭ سەۋىيىسىمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق بولسا كىرەك. بۇنىڭ ئاكادىمىيە تورىدا پەيدا بولۇشى سەل يۈز قىزىرىدىغان ئىش بوپتۇ….

  • مۇساپىر

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    «دارۋىنىزىم» ئىدېيىسىنىڭ پۈچەكلىكى ھەم ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلىقى ئىلم ساھەسىدە تېخى ئەمدى بايقالغان ياكى كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئەمدى تارتىۋاتقان مەسىلە ئەمەس، بۇ نەزىرىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشلاپلا ئىزچىل خىرىس ئىچىدە گويا يۆلەنچۈكسىز يېتىم بالىدەك ئىدى، لىكىن ھازىرقى زامان ئىلىم ساھەسىدىكى كۆپ كىشىلەرگە ئاشكارە بولغان لىكىن ھەممىسى ئىچىدە بىلىپ تېشىغا چىقارمايدىغان «يوشۇرۇن قائىدە » بۇ ئاتالمىش نەزەرىيەنى يۆلەشتۈرۈپ كەلدى. ئىلىم ساھەسىدىكى ئاتالمىش بەزى «ئالملار» گەرچە ئۆزلىرى بۇ نەزەرىيەنىڭ كۆز ئالدىدىكى نۇرغۇن ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە نۇرغۇن ھالقىپ ئۆتكىلى بۇلمايدىغان «ھاڭلار»نىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلسىمۇ لىكىن ئۇلار ئۆز نەزىرىدىكى « تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ »نىڭ بۇ ھادىسىلەرگە چۈشەنچە بېرىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار « تېخىمۇ ياخشى بىر نەزەرىيە بارلىققا كەلگۈچە گەرچە نۇرغۇن جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ ھەم ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرى مانامەن دەپ چىقىپ تۇرسىمۇ بۇ ‹دارۋىنىزىم›دىن ۋاز كەچمەيدۇ »…….

    كۆپچىلىككە Michael J. Behe نىڭ «دارۋىننىڭ قارا قۇتىسى» ( Darwin’s Black Box ) ناملىق كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،ھازىر خەنسوچە نۇسقىسىمۇ نەشىردىن چىقتى” 达尔文的黑匣子“ دەيدۇ، توردىن ئۇقسام تۈركچىسىمۇ بارئىكەن، نامى «Darwin’in Kara Kutusu». كەسپى خادىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇساپىر قېرىندىشىم، ياخشى يول كۆرسەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.

  • ھۆكۈما

    ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ! سىڭدۇرگەن ئەمگىكىڭلارغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن ! ئامىن…

  • يۇلغۇن

    نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. كۆپ رەھسمەت. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت. بۇشۇنداق تېتىملىق ئىسىل ۋە ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، ئاللاھ كۆپ ئەجرى بەرسۇن قىرىندىشىم.

  • دوقچى

    راستىنى ئېيتقاندا 1859-يىلى دارۋىن ئىسىملىك بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتالمىش تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇنجى بولۇپ پەرۋەردىگەارغا جەڭ ئېلان قىلىپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تىنىچ نىرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، ئېستىقاد سىستېمىمىسىغا داۋالغۇش ۋە ئىختىلاپ ئېلىپ كېلىپ نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپ ،سۈركۈلۈش ، ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىققا سەۋەپ بولغانىدى. بۇنىڭغا قارىتا باشقا مەدەنىىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك كىشىلەر ئاز بولمىغان ئىدراكى ئىنكاسلىكلارنى قايتۇرغان بولسىمۇ، ئىسلام مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشلىك كىشىلەر نۇقۇل ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئاقىلانە ھالدا ئىلمىي رەددىيە بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىپ كەلگەنىدىن. ۋىجدانلىق ياش ئالىمىمىز بىلىكيارنىڭ بۇ ئەمگىكى بۇ ھەقتىكى تۇنجى ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەك ھىساپلانسا كېرەك. گەرچە بىرەر پارچە ماقالە بىلەن ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئاپتۇرنىڭ يۈرەكلىك بىلەن ئىزدىنىش روھى ھەقىقەتەن ئېزىزىلاشقا تىگىشلىك. پەرۋەردىگار ئىلمىڭىزنى زىيادە، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن قىرىندىشىم. ئەقرىڭىزنى ئىگىسى بەرگەي!

  • خالاستان

    ھىچقانداق مۇنبەردە كۆرمىگەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىمېدىن بىرنى كۆردۈم!
    دارۋىننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى» تارىختىن بۇيان ئىلىم-پەن ساھەسىدە كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان،تالاش تارتىش بولىۋاتقان مۇھىم تىما! ھاياتلىق،ئىرسىيەتشۇناسلىق،گىنشۇناسلىق ،بىئولوگىيەلىك تېخنىكا نۆۋەتتىكى ئىلىم پەن ساھەسىدە تېخى سىرى ئېچىلمىغان ،كۆپ تەتقىق قىلىۋاتقان،يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىنىڭ بىرى،ئىنسانلار بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ ۋە ئىزدەنگۈسى!
    مۇنبىرىمىزدە ‹‹بىلىكيار›› ئەپەندىدەك مۇشۇنداق ئىلىم سۆيەر ،پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ
    بولغىنىدىن ئىنتايىن پەخىرلىمىز….!

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خالاستان قېرىنىدشىم، رەخمەت سىزگە.
      «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دەپتىكەن، سىلەرنىڭمۇ قولۇڭلارغا قارايمىز.

  • ئارىپ

    راس ، بۇ نەزىريە راستىنلا كونراپ قالدى ھەم ئىغىر ىىرىسقا دۇچار بولماقتا. بىراق ئىلىم مۇنبىرىدىن تېخى تەلتۆكۈس غۇلاپ چۈشكىنى يوق.
    بىزنىڭ خەلقىمىز ئىككى ئەسىرگە يىقىن ۋاقىتتىن بېرى بۇ نەزريەگە قارىتا ئىزچىل بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىش ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدىكى، ھەرگىزمۇ بۇ نىڭغا قارىتا ئىلمىي ئىدراكى ھالدا رەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالىماي كەلگەنىدى. تېما ئىگىسى ئىۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇپ بۇ تېمىدا يۈرۈكلىك ئىزدەنگەن تۇنجى ئىلىم ئەھلى ھىساپلانسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ، ئاتالمىش بۇ ئاقماس نەزرىيەگە ئىلمىي رەدىيە بېرىشنىڭ نۇرغۇن ئىلمنىي ئاساسلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي پاراسىتى ۋە پەزلىتىنى ناماياندە قىلىپتۇ.
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم .

  • سۇلتان ئارىف

    پەقەت كىلاسسىك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭلا ئەمەس تەدرىجى تەرەققىياتچىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى كېسىپ قۇراشتۇرۇپ زامانغا لايىقلاشتۇرىمىز دەۋاتقان 21-ئەسىرىدىكى زامانىۋى تەدرىجى تەرەققىياتنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتى. ھەر بىر ئىلمى بايقاش تەدرىجى تەرەققىيات سەپسەتىسى رەت قىلماقتا ۋە مەڭگۈ رەت قىلىدۇ…

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش