ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟

ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىب قىلغانمۇ؟

440[1]شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى

كەتمەنباينىڭ بايانى:
مەزكۇر ماقالە ئۆزبەكىستانلىق مەشھۇر ئۆلىما ھۆرمەتلىك شەيخ مۇھەممەد سادىق مۇھەممەد يۇسۇف جانابلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۆزبەكچە تور بىكەتتىن چۈشۈرىۋالغان ئىدىم ۋە چالاراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ 2008-يىلى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»دە، شۇنداقلا 2009-يىلى «http://ketmenbay.blogspot.com/»دا ئىلان قىلغان ئىدىم. بىر قىسىم مۇنبەرلەرمۇ كۆچۈرۈپ باسقان ئىدى. لېكىن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن توربىكەت-مۇنبەرلەرنىڭ ۋە بلوگلارنىڭ تاقالغانلىرى تاقىلىپ، ئېچىلمايدىغانلىرى ئېچىلمىدى. يېقىندا «http://uyghuracademy.com/?p=10272»نى زىيارەت قىلىۋىتىپ بۇ ئەمگىكىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە كومپىيوتىرىمدا ساقلىۋالدىم. ئۇلار بۇ ئەمگىكىمنى «كەتمەنباي.بلوگسپوت»تىن كۆچۈرۈپ باسقان ئىكەن.
بىزدىمۇ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغا قارىتا قىزىقىش زور بولغىنى ئۈچۈن، «ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرۈۋالسۇن» دىگەن مەقسەتتە، بۇ قىتىم بۇ ماقالىنى تولۇقراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، قايتا بىر قىتىم تەھرىرلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Shayx Muhammad Sodiq Muhammad Yusuf

ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلق ئاممىسىغا كاتتا تەسىر قىلىشى ھەممىگە مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى – ئىنسانلارنىڭ مەنەۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. دەرھەقىقەت، ئەدەبىيات كىشىلەردە يۇكسەك ئىنسانىي قەدىرىيەتلەر، ئەخلاق-ئەدەب، ياخشى سۈپەتلەرنى شەكىللەندۇرۈش، بارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كەبى ئېزگۇ نىيەت ۋە ئىشلارغا خىزمەت قىلمىقى دەركار. ئىسلامىي ئەدەبىيات ئەينەن ئەنە شۇ مەقسەدلەرگە خىزمەت قىلىش بىلەن باشقىلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ھەممە ساھەلەردە بۇزغۇنچىلىك بولغاندەك، بەزى ئىنسانلار ئەدەبىياتتىن مەزكۇر ئالىي قەدىرىيەتلەرگە ئېرىشىش يولىدا ئەمەس، بەلكى ئەدەبسىزلىك، ناچار ئىشلار، دەھرىيلىك ۋەھاكازالەرگە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇب، بۇزغۇنچىلىك قىلغانلەر ۋە قىلماقتىلەر.
مۇسۇلمان دۇنياسى ئۆزىنىڭ بۈيۈك شائىرلىرى بىلەن ھەم مەشھۇردۇر. ئادەتتە، مەزكۇر شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇكسەك مەنەۋىي ئەسەرلىرى بىلەن نام قازانغانلەر. دۇنيادا مۇسۇلمان شائىرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا، ھىكمەتكە باي، ئىنساننى يۇكسەك ئەخلاقىي ۋە مەنەۋىي چوققىلارغا باشلىغۇچى شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ھەممە چۈشىنىشىدۇ.
ئەمما، بەزى ھاللاردا ئەدەبىي دۇنيادا ئىسلامىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر بۇزۇلدى.
ھەممە «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» دەپ ئاتالمىش شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ مىقياسدا مۇھاكىمە قىلىش باشلاندى. بۇ رۇبائىيلار دۇنيانىڭ كۆپلەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەممە جايلاردا ئوقۇش باشلاندى. ئۇ رۇبائىيلەرگە مەشھۇر بەستەكارلار كۈي بەستەلەب، خانەندەلەر ناخشا قىلىب ئېيتىشتى. مەزكۇر رۇبائىيلارنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىگە رام قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بۇ رۇبائىيلاردا مەيخورلۇقنىڭ مەدھىيەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ھاياتلىقتا ئىلاجى بارىچە لەززەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، بۇ بارەدە ھېچ كىمگە، ھېچ نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىك كەبى نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ رۇبائىيلاردا كۇفر، دەھرىيلىك ۋە بىر قانچە بۇزۇق مەزھەبلەر مەفكۇرەسى ھەم ئۆز ئورنىنى ئالغان ئىدى. مەزكۇر مەفكۇرەگە بېرىلگەن ۋە ئەيشۇ-ئىشرەت، مەيخورلۇققا مايىل كىشىلەر ئۆمەر ھەييامدەك «كاتتا ئۇستاز» تاپقانلىرىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنىڭ شۆھرىتىنى ئۆز مەقسەدلىرى يولىدا ئىشلىتىشەر ئىدى. بۇ بىئەدەبلىككە قارشىلەر بولسا، ئۆمەر ھەييامنى «كافىر، دەھرىي، باتىنىي، شەرىئەتنى ئاياق ئاستى قىلغۇچى» دەب فەتىۋا چىقىرىشار ئىدى. ئۈچىنچى بىر تائىفە بولسا، «ئۆمەر ھەييامدەك ئادەمنى بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ سوفىيلىق مەزھەبىدە ئىكەن، يازغان شېئىرلىرى رەمزىي، بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارگەرلىك كىرەك» دېيىشەر ئىدى. ئەمما بۇ پىكىرگە ھېچكىم ئېتىبار بەرمەس، ھەممە ئىسلام دىنى بەلگىلىگەن چىگرادىن چىققان شائىر تېپىۋالغىنىدىن خۇرسەن بولۇب، ئۇنى كۆكلەرگە كۆتۈرۈب ماختاش بىلەن بىرگە، «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ناملانغان ئەسەرلەرنى كەڭ تارقىتىشقا، ئۇلاردىكى چاقىرىقلارغا ئەمەل قىلىشقا ئاشىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلامىي ئەدەب-ئەخلاق دائىرىلىرى پارچىلىنىب بارار ئىدى.
«رۇبائىيات» ئەسكى سوۋېت ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ھەم كەڭ تەرغىب قىلىندى. قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. چۈنكى، بۇ جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەڭ ھاراقخور جەمئىيەت ئىدى. رۇبائىيلاردىكى مەيخورلۇق ماۋزۇسى ئۇلارغا بەك ياقاتتى. شۇنداق قىلىپ، ھاراقخور جەمئىيەتنىڭ، ئەڭ ھاراقخور شائىرلىرى «ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى» دەب ئاتالمىش ئەسەرلەرنى تۈرلۈك تىللارغا، جۇملىدىن، ئۆزبەك تىلىغا ھەم تەرجىمە قىلىشتى. ھېچكىم بۇ رۇبائىيلار ھەققىدە جىددىي ئويلىماس، ئىلمىي ئاساستا بەھس قىلىشنى خىيالىغا ھەم كەلتۈرمەس ئىدى.
ئەمما، ۋاقتى كېلىپ ئەنە شۇنداق ئىنسان ھەم تېپىلدى. بۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەندىشىمىز، ئەللامە ئەبۇ نەسر مۇبەششىر تەرازىي ئىدى. ئۇ كىشى بىرىنچى بولۇب «بۇ ‹رۇبائىيات› – ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلار تامانىدىن توقۇلۇپ، ئۇ كىشىگە نىسبەت بېرىلگەن» دەب چىقتى ۋە بۇ پىكىرنى «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەتى ئۆمەرۇل ھەييام»، يەنى: «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن پەردەنى ئېچىش» ناملىق ئەرەب تىلىدا يېزىلغان كىتابلىرىدا ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىب بەردى. ئەللامە تەرازىي بۇ كىتابىنى ھىجىرىيە 1375-يىلى جامادىيەل-ئاخىرنىڭ 13-كۈنى، مىلادىيە 1956-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (پەيشەنبە كۈنى) يېزىپ پۈتتۈرگەن ئىدى.
ئۇ كىشى ئۆمەر ھەييام ھەققىدە، ئەۋۋەل ئېيتىلغان پىكىرلەرگە ئېتىبار بەرمەي، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىنى ئەۋۋەل باشتىن، ئاساسىي ۋە ھەقىقىي مەنبەلەردىن ئۆگىنىپ چىقىپ، ئۆمەر ھەييامنى مەشھۇر قىلغان رۇبائىيلار ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
ئەبۇل فەتھ غىياسىددىن ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم ھەييام نىشاپۇرىي بىلەن ئەسرداش، ساۋاقداش بولغان ۋە ئۇندىن كېيىن ياشىغان بارچە تارىخچى ۋە ئالىملارنىڭ، جۇملىدىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ھەسەن ئەھمەد ئىبن ئۆمەر ئىبن ئەلى ئەن- نىزامىي ئەل-ئەرۇزىي سەمەرقەندىي ئۆزىنىڭ «چاھار مەقالە»، شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبن مەھمۇد شەھرزۇرىي «نەزھەتۇل ئەرۋاھ ۋە رەۋزەتۇل ئەفراھ» ئەسەرىدە، زەھرىددىن بەيھەقىي «ھۇكامائۇل ئىسلام» كىتابىدا يېزىپ قالدۇرۇشلىرىچە، ئۇ كىشىنىڭ تەقۋا بىلەن ياشاپ، ئاقىۋىتى ياخشى ھايات ئۆتكەزگەنلىكى، ئۇلۇغ ۋە مۆتەۋەر بىر ئىنسان ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۆمەر ھەييام كاتتا ئىلىم ئىگىسى، فەلەكىيات، رىيازىيات، تىب كەبى ئىلىملەردە ئۆز زامانىسىنىڭ پىشقەدەمى بولغان.
مەشھۇر ئىنگلىز تارىخچىسى گىبان ۋە نېمىس ئالىمى كەرل براكەلمەنلەر ئۆمەر ھەييام تۈزگەن تەقۋىم-كالىندار ھازىرقى ئەمەلدىكى «گىئەرگىي كالىندارى»دىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشقان. شۇنىڭدەك، باشقا ئىلىملەردە ھەم ئۆمەر ھەييام نادىر ئەسەرلەر ياراتقان.
«كەشفۇل لىسام» كىتابىنىڭ مۇئەللىفى ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى يۇقارىدە زىكر ئېتىلگەن دەلىللەرنى ئۆز كىتابىدا ئېنىق ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئۇ كىشى شۇ بىلەن بىرگە، ئۆمەر ھەييام ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭغا ئەسرداش كېيىنكى ۋاقىتتا ياشىغان ئالىملەردىن بىرەرسى ئۇنىڭ شائىر بولغانلىقى، رۇبائىيلەر يازغانلىقىنى زىكر قىلىشمىغىنىنى ھەم، مەزكۇر نامەلۇم «رۇبائىيات» ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ كەلتۈرىدۇ. ئەللامە تەرازىينىڭ پىكرىچە، ئۆمەر ھەييام بوش ۋاقىتلىرىدا كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شېئىر مەشق قىلىپ كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن، لېكىن ئاساسىي ئىشى شائىرلىق بولمىغان.
تەرازىي ھەزرەتلەرى مەزكۇر رۇبائىيات ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەمەسلىكىگە يەنە باشقا دەلىللەرنىمۇ كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن بولغان، پادىشاھلار، ئەمىرلەر، ئۆلەمالەر، فازىللار بىلەن دائىما بىرگە بولغان، ئەگەر ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىۋاتقان رۇبائىيلارغا ئوخشاش بىرەر نەرسە يازغان بولسا، دەرھال ھەممىگە مەشھۇر بولار ئىدى. ئىسلامغا غەيرەتلىك كىشىلەر بولسا، بۇنى ئېتىبارسىز قالدۇرماستىن، رەددىيە بېرەر ئېدى. ھالبۇكى، ئەرۇزىي سەمەرقەندىي، ئەللامەئىي زەمەخشەرىي، قازى نەسەۋىي، ئىمام ئەبۇ ھەسەن ئەل-غەززالىي ۋە خۇسۇسەن، ھۇججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي كەبى كىشىلەر ئىسلامغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ھەر بىر پىكىرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىشلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇلار ئۆمەر ھەييام بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ۋە ئۇ كىشى ھەققىدە پەقەت ياخشى گەپلەرنى ئېيتىشقان.
ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرى ئۆمەر ھەييامنىڭ پاكلىغىنى، «رۇبائىيات» ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە بىر كۈچلۈك دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئۆمەر ھەييامنىڭ ھەقىقىي پىكرى، پەلسەپەسى ۋە ئېيتقان گەپلىرىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن كەلتۈرۈپ، ئۇلار رۇبائىيلاردا كەلگەن پىكىرگە تامامەن زىت، بەلكى ساپ ئىسلامىي پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ.
تەبىئىيكى، «ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ ئۆمەر ھەييام شائىر سۈپىتىدە تونۇلۇپ، رۇبائىياتى پۇتۇن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەتكەن؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. بۇ سۇئالغا ئەللامە تەرازىي ئۆز كىتابىدا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ يېزىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييام ھەققىدە بىرىنچى بولۇپ ئىنگلىز ئالىمى، ئوكسفورد دارۇلفۇنۇنىنىڭ ئۇستازى تەمىس گەيد مىلادى 1700-يىلى، كېيىنرەك فەن گەمىر بىرگىستىل ۋە مىمى نىكەلەسلەر يازىدۇ.
1856-يىلى ئىنگلىز شائىرى ئىدۋارد فىتس جەرەلد يەتمىشچە رۇبائىينى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئامىللار سەۋەبلىك، ھەممىگە مەشھۇر بولۇپ كەتتى. جەرەلد بۇ تەرجىمە ھەققىدە ئۆز ئۇستازى گاۋلغا يازغان مەكتۇبىدا، «مەن بۇ رۇبائىيلارنى ئۆز ئەسلىدەك تەرجىمە قىلمىدىم، بەزى جۇزئىياتلىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتىم»، دەب تەكىتلىگەنلىكىنى ھەم ئەللامە تەرازىي دەلىل كەلتۈرىدۇ. بۇ تەرجىمىگە غەربتە شۇنداق ئەھمىيەت بېرىلدىكى، ئۇ بارچە يۇرتلاردا قايتا-قايتا چاپ ئېتىلدى. ئۇ رۇبائىياتنىڭ ئەسلى دەپ قوبۇل قىلىندى. سۆڭرە ئەرەب، ئۇردۇ، تۈرك ۋە باشقا شەرق تىللىرىغا ھەم ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى.
غەربتە «ئۆمەر ھەييام كۇلۇبلىرى» تۈزۈلدى. رۇبائىي ئوقۇپ، مەي ئىچىش يولغا قويۇلدى. تەرجىمان جەرەلد ۋاپات ئەتكىنىدە، ئۆمەر ھەييام قەبرىسى ئۇستىدە ئۆسىۋاتقان گۈلدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە تىكىشتى ۋە قەبرە تېشىغا مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى يېزىشتى. غەربنىڭ شەرقتىكى دۇملەرى بۇ بارەدە ئۆز ئۇستازلىرىدىن ھەم ئۆتۈپ كېتىشتى. بۇ «رۇبائىيلار» دىنسىزلىك، ھاراقخورلۇق، فاھىشە قاتارلىق ئىشلارنىڭ شۇئارى بولۇپ قالدى.
«كەشفۇل لىسام» كىتابى مۇئەللىفىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئادەملەرنى، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەربتە ئويلاپ چىقىلغان ئويۇن ئىدى. ئەگەر غەربلىكلەر ھەقىقەتتە، غەرەزسىز رەۋىشتە شەرق شېئىرىيىتى بىلەن تونۇشماقچى بولسا، نىمە ئۈچۈن فىردەۋسىي، فەرىدىددىن ئەتتار، ھافىز شەرازىي ۋە باشقا شەرق-فارس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ نەمايەندىلىرىنىڭ ئىجادىگە قىزىقمايدىلەر؟ ئەينەن، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلەرنى تېپىپ، ئۆمەر ھەييامدەك مۆتەۋەر ئىنسانغا نىسبەت بېرىب، سۆڭرە ئۇنى تەشۋىقات قىلىدىلەر؟.
ئۆمەر ھەييام ئۇلارغا نىمە ئۈچۈن كىرەك بولۇپ قالدى؟
مەلۇمكى، غەربلىك شەرقشۇناسلار ئىسلامغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەر بىر قولاي پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدىلەر. ئۇلار ئۆمەر ھەييامدەك ئېنىق پەنلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى، ئۆزى مۇسۇلمان سانالسا ھەم، ئىسلامغا، ئۇنىڭ ئەقىدەلىرىگە قارشى چىققان، دېيىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلەر. ئاددىي ئادەملەرگە ئوخشاش قارىغۇلارچە ئىتىقاد قىلمىغىنى ئۈچۈن، ئىلىم ساھىبى بولغىنىدىن شۇنداق قىلغان، دەپ كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلەر، ھەمدە ئىسلامغا ئىلىمسىز، ساۋاتسىز كىشىلەرلا ئىشىنىدۇ، دىگەن پىكىرنى شۇ يول بىلەن ئالغا سۈرۈشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ھەييامنى ئۇلۇغ ئالىم دېيىشكەنۇ، ئىلمىي ئەسەرلىرىنى چاپ ئەتمەستىن، ئۇنىڭغا يالغاندىن نىسبەت بېرىلگەن رۇبائىيلارنى بولسا راۋاجلاندۇرغانلەر، ھەتتا بىلىم يۇرتلىرىدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشكەن. بۇ ھەم ئىسلامغا قارشى كۆرەشنىڭ ئەڭ مەككارانە ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. «غەربلىكلەر مەزكۇر رۇبائىيلارنى قەيەردىن ئېلىشتى؟» دىگەن سۇئالغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئەللامە تەرازىي كۆپلەپ مەلۇماتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئەۋۋەلا، رۇبائىيلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى ئون بىر دىگەندىن تارتىپ، تا بىر مىڭ ئىككى يۈز ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، دىگەن سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ دەلىل كەلتۈرىدۇ.
سۆڭرە ئۆمەر ئىبن ئىبراھىم نىيسەبۇرىيگە(نىشاپۇرىيگە) زامانداش ۋە ئۇ كىشىنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىقتىباسلار كەلتۈرۈپ، ئۆمەر ھەييام ئەسلىدە «ئۆمەر ھەيامىي» ئىكەنلىكى، «ھەييام» بولسا، ئەلائۇددىن ئەلى ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن ھەلاف ئەل-خۇراسانىي ناملىق فارس شائىرىنىڭ لەقەبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. خۇددى شۇ جايدا ئالماشتۇرۇش بولغان بولسا كىرەك، دەيدۇ. ئۆمەر ھەييام ئۆز دەۋرىدە باتىنىيلەرگە قارشى قاتتىق كۆرەش ئېلىب بارغان ھۆكۈمدار نىزامۇل مۇلكنىڭ يېقىن دوستى ئىدى. ئۇشبۇ ئىتىباردىن باتىنىيلەر ئۇندىن ئۆچ ئېلىش مەقسەدىدە تۈرلۈك رۇبائىيلەرنى يېزىب، ئۆمەر نىيسەبۇرىيگە نىسبەت بەرگەن بولۇشلىرى ھەم مۇمكىن، دەيدۇ.
بۇ پىكىرنىڭ دەلىلى سىۈپىتىدە، رۇبائىيلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوليازمىسىنى نەشر قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرى تەن ئېلىشلىرىچە، ئۆمەر ھەييامنىڭ ۋاپاتىدىن سوڭ ئۇچ يۈز ئەللىك يىل كېيىن يېزىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
دىمەك، غەربلىك شەرقشۇناسلار، سىياسەتنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى سۈپىتىدە مەدەنىي مۇستەملىكە بابىدا، ئەسلىنىڭ تايىنى يوق رۇبائىيلارنى ئېلىپ، ئۆمەر ھەييامغا نىسبەت بېرىب كىشىلەرنى ئىسلامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، فىسقۇ-فەساتقا باشلاشقا ئۇرۇنغانلەر. ھازىرقى كۇندە برىتانىيە كۇتۇبخانىسى مۇزىيىدا جەرەلد تەرجىمەسىنىڭ 153 خىل چاپ ئېتىلگەن نۇسخىلىرىنىڭ قويۇلغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە ئەللامە تەرازىي ھەزرەتلەرىنىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېزىپ چىقىشى ئاشۇ دەۋردىكى جامائەتچىلىك پىكرى، ئالىم ۋە شائىرلار، تارىخچىلار، شەرقشۇناسلار، شۇنداقلا، مەدەنىي مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كاتتا ئىنقىلاب ئىدى.
مۇئەللىفنىڭ ئوغۇللىرىدىن دوكتور ئەبدۇللاھ مۇبەششىر تەرازىينىڭ ئېيتىشلىرىچە، ئاتىسى بۇ كىتابنى يېزىشتىن ئالدىن قاھىرەدىكى ئىلمىي ئەنجۇمەنلەردىن بىرىدە خۇددى شۇ مەۋزۇدا مەرۇزە قىلغان. ئۇ كىشى گەپلىرىنى تۇگەتگەندە، ھەممە جىم تۇرىۋەرگەن. چۈنكى، مەرۇزەچىنى قوللايلى دىسە، ئۇ ھازىرغىچە بولغان گەپلەرگە پۇتۇنلەي قارشى گەپلەرنى ئېيتتى. تەنقىد قىلايلى دىسە، ھۇججەتلىرى شۇنچىلىك كۈچلۈككى، ئۇنىڭغا قارشى ئېغىز ئېچىپ بولمايتى. پەقەت باشقا يەردە قىلىنغان ئىككىنچى مەرۇزەدىن كېيىنلا، ئەللامە تەرازىينى قوللاشقا باشلىغان ۋە ئۇ كىشىدىن بۇ بارەدە كىتاب يېزىشنى ئىلتىماس قىلىشقان.
ئەللامە تەرازىي كىتابىنىڭ نەشر ئېتىلىشى ئىسلام ئالەمى مەدەنىي ھاياتىدا كاتتا ۋەقەگە ئايلاندى. كۆپچىلىك ئۇ كىشىنى قوللاپ كىتابلەر، ماقالىلەر يازدى. ئىرانلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى ئالىم ئەلى دەشتىي، ئۇستاز سەئىد ئەل-ئەمۇدىي، ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي، ئۇستاز ئەبدۇللەتىف ئەل-جەۋھەرىي ۋە باشقىلار شۇلار جۇملىسىدىندۇر.
بەزى ئالىملەر ئەللامە تەرازىينىڭ «كەشفۇل لىسام ئەر رۇبائىييەت ئۆمەرۇل ھەييام» كىتابىنى يېڭى ئەسىردىكى ئىسلامىي ئويغىنىشقا سەۋەب بولغان ئوتتۇز كىتابنىڭ بىرى، دەب ھىسابلايدۇ.
ئىلمىي تەجرىبەلەر ھەم ئەللامە تەرازىينى قوللاب چىقتى. قاھىرەدە چىقىدىغان «ئەل-ئەھرام» روزنامەسى ئۆزىنىڭ 1978-يىلى 6-دىكابىر سانىدا: «لوندوندىكى ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى قوليازمىسى ساختا ئىكەن» دىگەن خەۋەرنى باستى. خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنىدۇ: «ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر لوندوندىكى كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ئۆمەر ھەييام رۇبائىياتى› دېيىلگەن قوليازمىلار ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قوليازمىلار 1200-يىلى يېزىلغان، دەب ئىلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بىرى ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئاساس بولغان ئىدى. ئەمدى بولسا، پەقەت يۈز يىل ئەۋۋەل يېزىلغانلىقى مەلۇم بولدى. كەمبرىدج دارۇلفۇنۇنى بۇ قوليازمىلارنى ئۇلارنى ئىراندىن تاپقان مەرھۇم ئۇستاز ئارتۇر ئەربارتىستىن سېتىۋالغان ئىدى».
ئىھتىمال، ئۇشبۇ ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ھەم ئەللامە تەرازىينىڭ كىتابى سەۋەب بولغاندۇر. شۇ جايدا «ھەر بىر نەرسىدە ئېنىقلىق بولۇشىنى دەۋا قىلىدىغان غەربلىكلەر، ئۇشبۇ رۇبائىياتنى نەشر قىلىپ، شاۋ-شۇۋ كۆتىرىشتىن ئالدىن تەكشۈرۈشسە بولماسمىدى؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولار. ياق. ئۇلار ئېنىقلىقنىڭ پەقەت ئۆز پايدىلىرىغا بولۇشىنى خالايدۇ.
جۇكاۋسكىي باشلىق رۇس شەرقشۇناسلىرى، كېيىنرەك سوۋېت شەرقشۇناسلىرى، شائىرلىرى ھەم ئۇشبۇ يالغانغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ ھەسسىلىرىنى قوشقانلەر. لېكىن يالغان پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئادەتلىرىچە، ئۇنى ئىتىراپ ئەتكەنلىرى، خەلققە ھەقىقەتنى يەتكەزگەنلىرى يوق. شۇنىڭدەك، تۇركىستاندا، خۇسۇسەن، ئۆزبەكىستاندا ھەم قايتا-قايتا، رەڭلىك بىزەكلەر بىلەن چاپ ئېتىلگەن، قوشاق قىلىب كۈيلەنگەن بۇ يالغان رۇبائىيلار ئۈچۈن خەلقتىن ئۆزرە سوراش، ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ۋاقتى كەلمىدىمىكىن؟
ئىلىم ئامانەت نەرسە، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماسلىق زۆرۇر.
★★★★★
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/04/omer-heyyam-meyni-terghib-qilghanmu.html
★★★★★

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش