ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش (بىلىك)

يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش (بىلىك)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

green-energy-bulb[1]كىرىش

ئېنېرگىيە مەسىلىسى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىشى ئېنىق. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ياشىيالىشى ۋە تەرەققىي قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدە ئېنېرگىيە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ…

ئۇنداقتا ئېنېرگىيە دېگەن نىمە؟ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئېنېرگىيە دېگىنىمىز ئىش ئىشلەيدىغان كۈچ نى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتى بار كىشىلەر بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە مەلۇم تونۇشقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. كۈچ، ئېنېرگىيە، قۇۋۋەت دېگەن ئۇقۇملارنىڭ بىرى بىلەن يەنە بىرىنى ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. دېمەك،  بۇ ئۇقۇملار ھەر بىرىمىزگە يات چۈشەنچىدە ئەمەس.

ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات بارچە مەخلۇقاتلار مەۋجۇتلۇقنىڭ ماددى ئاساسى،  بۇ جەريان، يەنى ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات جەريانى ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش جەرىيانىدۇر. ئىنسانلار ئېنىرگىيىنى ئۆزلىكىدىن يارىتالمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدىن ئېچىپ، قېزىپ پايدىلىنىدۇ. ئېنېرگىيە بىلەن ماددى دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئالمىشىشى بولىدۇ دېسەك، ماددى مەۋجۇتلۇق ئېنېرگىيە ئالمىشىشتىن بولىدۇ.

ئەمسە شۇ قۇۋۋەت ۋە ئېنېرگىيىلەرنى قانداق تاپىمىز؟ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ بۇ ئاممىباپ يازمىدا مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېنىرگىيىنى تونۇش، ئېنېرگىيە شەكىللىرى، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئالمىشىش قانۇنىيەتلىرى، بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى ھەققىدە ئاددى چۈشەنچىلەر بېرىلىدۇ. يازمىدا ئالدى بىلەن ئىنىرگىيەگە قىسقىچە ئىزاھات بىرىمىز ئاندىن ئوخشىمىغان ئېنېرگىيە شەكىللىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، كەينىدىن ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئالمىشىش جەريانى قىسقىچە شەرھلىنىدۇ. ئاخىرىدا، شۇنداقلا يازمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىدە، بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىش بولغان يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە پرىنسىپى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئېنېرگىيە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئېنېرگىيە دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە ئىنگىلىزچە «energy » دېگەن سۆزنى لاتىن ھەرىپى بويىچە ئەينى تەلەپپۇز قىلىنىشى بىلەن كىرگەن، ئېنگىلىزچىغا قەدىمكى گىرىكچە سۆز «energeia» دېگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ ھەرىكەت، پائالىيەت، مەشغۇلات دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. فىزىكىلىق مەنىسى بويىچە  ئېنېرگىيە دېگىنىمىز بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا نىسبەتەن(قانچىلىك) ئىش ئىشلەش ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ سىرىتقا نىسبەتەن قانچىلىك قۇۋۋەت سەرپ قىلالىشىمىزنى، قانچىلىك ئىش ئىشلىيەلىشىمىزنى ئۆلچەيدىغان فىزىكىلىك مىقدارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا فىزىكىلىق مىقدارلاردەك ئېنىرگىيىنى بىۋاستە ئۆلچىگىلى ۋە كۆزەتكىلى بولمايدۇ. دېمەك كۈچ بىلەن ئىش ئىشلىنىدۇ، قۇۋۋەت سەرپ بولىدۇ، ئېنېرگىيە ئالمىشىدۇ.  ئادەمنى مىسالغا ئالساق، ئادەم بەدىنى سىرتتىن ئېنىرگىيىنى ماددا شەكىلدە  قوبۇل قىلىپ، ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى توقۇلما ۋە مىكرو ئورگانلارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىگە سەۋەب ئېتىدۇ، ئۇندىن باشقا تاشقى ھەرىكەت ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئېنېرگىينىڭ ماددىغا ماددىنىڭ يەنە ئېنېرگىيىگە ئالمىشىش جەريانىدۇر. ئېنېرگىينىڭ فىىزىكىدا بىرلىكى جول (Joule) يەنە بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرلىكى كىلوۋات-سائەت (kWh).

ئېنىرگىيىنى ئوخشاشمىغان كاتېگورىيىلەر بويىچە ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇ ھەرخىل شارائىتلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.  بىز بىلىدىغان ئېنېرگىيە شەكىللىرىنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكى ئۈچ كاتاگورىيەگە ئايرىشقا بولىدۇ:

1) (يېقىلغۇلارنى مەنبە قىلغان) ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى،

2) (ھاياتلىق زەنجىرىدىكى) خىمىيىلىك ئېنېرگىيە،

3) (ماسسا-ئېنېرگىيە قانۇنىدىكى) يادرو ئېنېرگىيىسى.

بىز كۆپ پايدىلىنىۋاتقان ۋە تىلغا ئالىدىغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، مېخانىك ئېنېرگىيە، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى،… قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئۈچ شەكىلدىكى ئېنېرگىينىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى دىيىشكە بولىدۇ.  كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن ئېنىرگىيىنى قايتا پەيدا بولىدىغان ۋە قايتا پەيدا بولمايدىغان ئېنېرگىيە دەپ ئىككى رايونغا  بۆلۈشكە بولىدۇ. فىزىكىدا بولسا ئېنېرگىيە پوتېنسىئال ئېنېرگىيە ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى جىسىملارنىڭ ئورۇنى ۋە مولېكۇلىلىق تۈزىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىرى جىسىمنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ يەردە ھەرىكەت ۋە پوتېنسىئال ئېنېرگىيىلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت (قايتا پەيدا بولىدىغان) يېڭى  ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە توختىلىپ،  بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا يول ئاچىمىز. ئاساسلىق مەقسىتىمىز قوياش ئېنېرگىيىسى، ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يۈزلىنىشى ۋە تېخنىكا پرىنسىپلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتۇر. ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار پايدىلىنىۋاتقان ئېنېرگىينىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوياش نۇرى ۋە ئىسسىقلىقتىن  كېلىدۇ…

يەريۈزىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى

ھەممىمىز بىلىدىغان ئاددى چۈشەنچە، قوياش يەر يۈزىدىكى بارچە ئېنىرگىيىنى تەمىن ئەتكۈچى مەنبە. قوياش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىرگىيىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ قوياش بولسا يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇ يەرشارىدا نىسبەتەن ئېيتقاندا ماسسا ۋە ھەجىم جەھەتتىن غايەت زور بىر ‹‹ئوت شارى›› بولۇپ، ئۇنىڭ يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە پىلانىت ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى قوياش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ…

قوياش يۈزىدە ھەرۋاقىت شىددەتلىك زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئېنىشتىيىننىڭ مەشھۇر بولغان ماسسا ئېنېرگىيە تەڭلىمىسى (E=mc2) گە ئاساسەن ھىدروگېن ئاتوم يادرولىرى بىرىكىپ گاللىي (He4) نى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە  ئېنىرگىيىنى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق شەكىلدە سىرىتقا تارقىتىپ تۇرىدۇ…

current_eit_284[1]قوياش يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن 5700 كېلىۋېن (K)  كېلىدۇ. يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى مۇۋاپىق يىراقلىقتا بولغاچقا يەريۈزىگە تەقسىملەنگەن مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ۋە يۇرۇقلۇق يەر يۈزىدىكى ھاياتلىقنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ…

زادى قانداق؟ يەر يۈزىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرىيلىكى پەسىللەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىسسىق-سوغۇقنىڭ ئالمىشىشى يەر يۈزىدىكى سۇنى ھەر قايسى يەرلەرگە تەخسىملەيدۇ، ئۆسۈملۈك ، ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار زەنجىرسىمان ئوزۇقلۇق تورىنى، ھاياتلىق تەڭپۇڭلۇقىنى  شەكىللەندۈرىدۇ،…  دېمەك قوياش نۇردىن ئالغان ئېنېرگىيە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تىن ماددى ھالەتكە يەنى، خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە، ھەرىكەت ھالەتكە يەنى، فىزىكىلىق ئېنېرگىيىگە  ئۆزگىرىدۇ، بۇ ماددى ھالەتتىكى ئېنېرگىيە يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ ھەرىكەت ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرىدۇ…

ئېنېرگىيە كىرزىسى

ئىنسانلار ئەزەلدىن قوياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ، كۈنىمىزدە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ماددا نېفىت ۋە كۆمۈر، يەنى يېقىلغۇ بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نېفىت ۋە كۆمۈرمۇ قوياش ئېنېرگىيىسىنىڭ مەسئۇلى دىيىشكە بولىدۇ. ماشىنىلار، ئايروپىلانلار، زاۋۇت-كارخانىلار بۇلارسىز كىرىكى يوق تۆمۈر-تەرسەك دۆۋىسىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى، بۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى قايتىلانما ھالەتتىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ۋە دەۋرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۈندىن-كۈنگە ئېنېرگىيە كىرزىسى يىقىنلاپ كېلىۋاتماقتا، ئېنېرگىيە بىلەن بىرگە دۇنيا سىياسىتى ۋە تەرتىپىدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر بولماقتا (نۆۋەتتە دۇنيادىكى تۈرلۈك جەڭگە جىدەللەر ۋە ئارامسىزلىق، قىرغىنچىلىقلار مۇشۇ ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك).

ھازىرقىدەك ماشىنا-ئاپتوموبىللار قۇمدەك كۆپ بولغان، ئايروپىلانلار قىتئەمۇ قىتئە ئۇچۇپ يۈرگەن دەۋر بەلكىم بىر زامانلاردا تارىخقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن! ئىنسانلار بۇ ئېنېرگىينىڭ ئورۇننى تولۇقلايدىغان يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. يادرو ئېنېرگىيسى گەرچە ياخشى بىر كاندىدات بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋىف- خەتىرى، تەھدىتى ئۇنى غايىدىكىدەك ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چىرنوبىل ۋەقەسى،  ياپونىيىدىكى يادرو ئېلىكتېرزاۋۇتى ۋەقەسى ئىنسانلارنى قاتتىق چۆچۈتتى! ئۇنىڭدىن باشقا يادرو يىقىلغۇسىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش بىر باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ…

گەپنى يىغىنچاقلىغاندا، ئېنېرگىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش، يەر يۈزىنىڭ ئۆچمەس ئېنېرگىيە چىرىقى قوياش تەمىنلىگەن ئېنېرگىيىدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىش ھازىرقى تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت! ھازىر پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى مۇشۇ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، پاكىزە ۋە ئايلانما ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇلاردىن ئەڭ ئاساسلىقى «قوياش ئېنېرگىيە باتارېيىسى» تەتقىقاتىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە قوياش ئېنېرگىيە تاختىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 koyaşenirgiyetahtisi

قوياش ئېنېرگىيە تاختىسى

توك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بىزگە ناتونۇش ئەمەس، لېكىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قوياش نۇرىنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى كۆپىنچىللىرىمىز كۆرمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قارا تاختا دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان قوياش ئېنېرگىيە تاختىسىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئۇنىڭ پرىنسىپى قانداق؟

1. فوتو-ۋولتەيىك (photovoltaic) يەنى نۇر-ئېلېكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى

نۇر-ئېلېكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى بولسا يورۇقلۇقنىڭ (يىرىم ئۆتكۈزگۈچ) جىسىمغا چۈشكەندە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنىڭ ئېلېكتىر توكىغا ئايلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى نۇر، نۇردىن توك ھاسىل قىلالايدىغان جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىمدا ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل بولۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

نۇر-ئېلېكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى 1839-يىلى فرانسىيە فىزىكا ئالىمى ئالېكساندىر ئېدموند بېكۈرېل (Alexandre-Edmond Becquerel ) تەرىپىدىن بايقالغان.

 225px-Alexandre_Edmond_Becquerel,_by_Pierre_Petit

 ئومۇمەن نۇردىن ئېلېكتىر توكى ھاسىل قىلىنسىمۇ نۇر-ئېلېكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنۈمى فوتو-ئېلېكتىر ئېففېكتى يەنى نۇر-ئېلېكتىر ئۈنۈمى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. نۇر-ئېلېكتىر ئۈنۈمى ھەققىدە ئىلگىرى «نۇر دېگەن نىمە» دېگەن تېمىدا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق، بۇ يەردە ئۇنى قايتا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەردىكى نۇر-ئېلېكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمىدە يورۇقلۇق (يىرىم ئۆتكۈزگۈچ) جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىكترونلارنىڭ جىسىم ئېنېرگىيە بەلۋاغلىرى ئارىسىدا يۆتكىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك توختىلىمىز:

قاتتىق جىسىملارنىڭ ئېلېكترلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئاتوم تۈزۈلۈشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاتوم تۈزۈلۈشلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۆتكۈزگۈچ، يىرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئىزولياتۇر دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئاددى سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيە بەلۋاغلىرى ئوخشىمايدۇ. ئېنېرگىيە بەلۋاغلىرى ئۆتكۈزگۈچ بېغى ۋە ۋالېنتلىق بېغى دەپ ئىككى قىرغاققا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ئېلېكترونلار ۋالېنتلىق باغ قىرغىقىدا تۇرىدۇ، (بۇ دېگەنلىك ئېلېكترونلار ئاتوملارغا باغلىنىپ تۇرىدۇ) ئەگەر سىرتتىن ئازىراقلائېنىرگىيە قوبۇل قىلىنسا ئېلېكترون ۋالېنتلىق باغدىن ئۆتكۈزگۈچ باغ قىرغىقىغا سەكرەيدۇ،-دە نىسبەتەن ئەركىن ئېلېكترونغا ئايلىنىدۇ.

بۇ ئەركىن ئېلېكترونلار مۇسبەت زەرەتلىك ئېلېكترود تەرىپىدىن تارتىلىپ تۇيۇق زەنجىر ھاسىل قىلىنسا يورۇقلۇق ئېنېرگىيسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلانغان بولىدۇ.

2. قوياش ئېنېرگىيە باتارېيىسى(Solar Cell)

 KuyaşEnirgiye Batariyesi

رەسىمدە قوياش ئېنېرگىيە باتارىيىنىڭ ئاددى سخېمىسى كۆرسىتىلدى. قوياش باتارېيىسى يەنە فوتو-ۋولتەيىك باتارېيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پرىنسىپى فوتو-ۋولتەيىك ئۈنۈمى دە چۈشەندۈرۈلدى. قوياش باتارىيىنىڭ ئىشلەش مېخانىزمىنى تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1) نۇر سۈمۈرۈپ جىسىمدا ئېكىسايتونلار(ئېلېكتىر-تۆشۈك جۈپتى)نى ھاسىل قىلىدۇ،

2) زەرەت توشۇغۇچىلار ئىككى رايونغا ئايرىلىدۇ،

3) سىرتقى زەنجىرگە ئۇلاپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ.

KuyaşEnirgiye Tahtisi

 مۇشۇنداق پرىنسىپ بىلەن ياسالغان قوياش باتارىيلىرىنى توپلاپ قوياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى بەرپا قىلىمىز. قوياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ نۇرنى توكقا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى قوياش باتارىيلىرىنىڭ ماتېرىيالى بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ جىسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، قوللىنىلىشچانلىقى، مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا قوياش باتارىيىنىڭ توك ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. مەسىلەن، ماتېرىيالى ياخشى يىرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئىشلەتكەندە قوياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ تەننەرخى خېلىلا يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بۇ ھالدا ئۇنى ئاممىباپ ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئەرزان ۋە قايتا قوللانغىلى بولىدىغان، مۇھىت بۇلغىنىشى يوق ماتېرىياللارنىڭ بولسا ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ… شۇڭا نۆۋەتتىكى تەتقىقات دەل ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، مۇھىت مەسىلىسى يوق يەنى قايتا قوللانغىلى بولىدىغان قوياش باتارېيىسى ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن ئىبارەت.

قوياش نۇرى كۆپ ۋە ياخشى چۈشىدىغان جايلارغا قوياش ئېنېرگىيە تاختا بازىلىرىنى قۇرۇپ، چوڭ كۆلەمدىكى تاختايلار سىستېمىدىن كۆپ مىقداردا ئېلېكتىر توكلىرىنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنى تۇرمۇش ۋە سانائەت ئۈچۈن قوللىنىش مۇمكىن. يەنە دەسلەپكى رەسىمدىكىدەك، قوياش ئېنېرگىيە بىلەن توك ھاسىل قىلىپ، توك كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنى ياساش مۇمكىن. نۆۋەتتە قوياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى بارا-بارا كېڭەيمەكتە ۋە ئاممىۋىلاشماقتا. مۇشۇ يۈزلىنىشنى ئېلىپ ئېيتقاندا كەلگۈسىدە قوياش ئېنېرگىيە باتارېيىسى ئەڭ ئىستىقباللىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

شامال كۈچى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش

2013022009254569[1]

شامال كۈچى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيسى ماھىيەت جەھەتتىن مېخانىك ئېنېرگىيىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مېخانىك ئېنېرگىيىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىش جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدا گېنېراتور ۋە ئېلېكتىر ماتورى ھەققىدىكى ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن بولىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر مەيدانى بىلەن ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانلىرى ئارىلىرىدىكى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئۆ‍زگۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. مېخانىك ئېنىرگىيىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان گېنىراتۇرنى مىسالغا ئالساق،  ماگىنىتلىق ئۆزەك سىرتقى مەلۇم بىر خىل مېخانىك قۇرۇلمىغا سەپلەنگەندىن كىيىن ھەرىكەتلىنىۋاتقان ماگىنىت ئۆزىگە ئۇلانغان زەنجىرىدە ئېلېكتىر يۈرگۈزگۈچى كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ،-دە زەنجىرىدە توك ھاسىل قىلىدۇ [تەپسىلاتى ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسىلىكىگە مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ].

دېمەك، مەيلى شامال كۈچى بولسۇن، مەيلى دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيسى بولسۇن مېخانىك ئېنېرگىيە مەلۇم شەكىل ئارقىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. بىز بىلىدىغان شامال ئېلېكتىر مەيدانلىرى شامالنىڭ چاقپەلەكلەرنى ئايلاندۇرۇشتىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيسى بولسا دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىشىدىن شەكىللەنگەن دېڭىز دولقۇنلىرى ياكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئىچكى ئېقىمى ئېلېكتىر زەنجىرىگە سەپلەنگەن مەلۇم خىل مېخانىك قۇرۇلمىغا ماسلاشتۇرۇپ، مۇقۇملاشتۇرۇلغاندىن كىيىن توك ھاسىل قىلىنىدۇ.

شامال كۆپ چىقىدىغان ھەم دولقۇنى كۈچلۈك بولغان دېڭىز قىرغاقلىرى، دېڭىز بوغۇزلىرى شامال ھەم دېڭىز دولقۇنىنى بىرلا ۋاقىتتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىلىرى قۇرۇشقا تولىمۇ باپ كېلىدۇ. بۇ يازمىدا بۇ ھەقتىكى يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

          ئېنېرگىينىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ھەققىدە كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك نەزەر

yeşil enirgiye menbeliriمۇنداق ئويلاپ باقايلى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە نېفىت ۋە كۆمۈر تۈگەپ ياكى زور دەرىجىدە ئازلاپ،  بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى تارايغاندا (ئەگەر كىشىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئېنېرگىيىنى تېخىمۇ ئىسراپ قىلىپ تۈگەتسە)، شۇنداق كۈنلەر كىلىپ،  يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىش جىددى زۆرۈر بولغاندا بۇلاردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ مېنىڭچە كەلگۈسىدە نېفىت، كۆمۈرۋە تەبىئىي گازدىن باشقا قايتا پەيدا بولمايدىغان قېزىلمىلار مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. يادرو يېقىلغۇسى بولغان ئۇراننى تىلغا ئالغان تەقدىردىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتى تەكشىسىز بولغان دۇنيادا يادرو يېقىلغۇسىنى كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر مەسىلە. ئۇنىڭدىن باشقا يادرو ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى…

Japanمۇسبەت-مەنپىي ئېلىكترونلارنىڭ بىرىكىپ يوقىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئېنېرگىيىنى فوتون شەكىلدە قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇمۇ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە قارىتا ئېچىغان يوچۇق بولىشى مۇمكىن. گەرچە مۇسبەت ئېلىكترونلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلارنى ساقلاش مەسىلىسى زور مەسىلىلەر بولسىمۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىۋاستە ياكى ھەرخىل ۋاستىلىق يوللار بىلەن ئاز ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ نۇرغۇن ئېنېرگىيە ئۈندۈرىۋالىدىغان ئۇسۇللارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ تەتقىقاتلىرىمۇ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭ مەلۇم كىچىك بىر بوشلۇقىنى تولدۇرالىشى مۇمكىن…

electron&posiltronYaprakPerwaneئېنېرگىينىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى يېنىك ۋە ئاددى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلىش شۇنداقلا ئېغىر ۋە زورمىقتاردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان سانائەتتە قوللىنىشتىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يورۇتۇش ۋە ئىسىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن  يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى يېتەرلىك بولىشى مۇمكىن، لېكىن كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى ئايروپىلان، پويىز ۋە ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرى ئۈچۈن كۆپ مىقىداردا ئېنېرگىيە لازىم بولىدۇ. سانائەت ۋە ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ بولىشىنى تەقەززار قىلىدۇ.

enirgiyeserpiyetiمۇشۇنداق بولغاچقا، بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان يادرو يېقىلغۇسى، مۇسبەت-مەنپىي ئېلېكترون مەنبەسى قاتارلىق يۈكسەك ئېنېرگىيە مەنبەلىرى سانائەت، تېخنىكا ۋە ئالەم قاتنىشى ئۈچۈن قوللىنىلسا، بۇ يازمىدا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلسا ئېنېرگىيە مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىنغان بولىدۇ دىيىشكە بولىدۇ،  ئەمما يۈكسەك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر پايدىلىنىش پەقەت كەلگۈسىگە بولغان ئۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇلار كەلگۈسىدە ھەل بولغان تەقدىردىمۇ تۇرمۇشتا ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، ئايروپىلان، پويىز قاتارلىقلار ئۈچۈن يېشىل مەنبەلەر زور دەرىجىدە چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچرايدۇ.

ئەمسە قانداق قىلىش كىرەك؟! تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىپ چىقىش زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت.  ھازىرچە بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز قوياش ئېنېرگىيىسىدىن قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش تېخنىكىسى. قوياش ئېنېرگىيسى يەر يۈزى ئۈچۈن ئاداققى ۋە ئىشەنچىلىك پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قوياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا كۈندىن كۈنگە يېڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلمەكتە، كىشىلەرنىڭ قوياش نۇرىدىن توك ھاسىل قىلىپ، تۇرمۇش ۋە سانائەتتە پايدىلىنىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشماقتا. لېكىن مەسىلە شۇكى، قوياش ئېنېرگىيسى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىچە ۋە ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى قوياش باتارىيلىرى توك ھاسىل قىلالمايدۇ، بەزى جايلارغا قوياش ياخشى چۈشسە، بەزى جايلارغا ياخشى ئاپتاپ چۈشمەيدۇ. شۇڭا بۇنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ھاسىل بولغان توكنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. توكنى قانداق ساقلايمىز؟ دەرھال يادىمىزغا كېلىدىغىنى باتارىيە. سىغىمى چوڭ، تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى باتارىيەلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ ئېنېرگىيە تەتقىقات ساھەسىدىكى ئاساسى تۈرلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە باتارىيە ھەققىدە توختالمايمىز، ئاتالمىش ‹‹ئېنېرگىيە ساقلاش مەسىلىسى›› دە باشقىچە يوللار ھەققىدە ئىزدىنىپ باقىمىز.

 ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلى

رەسىمدە ئېلىكترولىزلاشنىڭ ئەڭ ئاددى سخېمىسى كۆرسىتىلدى. ئېلېكترولىزلاش دېگىنىمىز سۇنى ئېلېكتىر توكى ئارقىلىق پارچىلاپ ئۇنىڭدىن ئوكسىگېن ۋە ھىدروگېننى ئايرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

بىر دانە سۇ مولېكۇلىسى ئىككى دانە ھېدروگىن ئاتومى ۋە بىر دانە ئوكسىگېن ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ. بۇ ئاتوملار مەلۇم ئېنىرگىيەدىكى خىمىيىلىك باغ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىمىيىلىك باغ يېتەرلىك بولغان سىرتقى ئېنېرگىيە بىلەن بۇزۇلسا ئوكسىگېن ۋە ھېدروگىن مولىكولىللىرى ئايرىلىپ چىقىدۇ.

2H2O → 2 H2 + O2

بۇ يەردە خىمىيىلىك رېئاكسىيە جەريانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت ئېلىكترولىزلاشنىڭ ئاددى پرىنسىپى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئېنېرگىيە كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتسەك كۇپايە قىلىدۇ. ئىككى مول ساپ سۇ (يەنى 36 گىرام سۇ) نىڭ پارچىلىنىپ ئىككى مول ھېدروگىن گازى(4 گىرام) ۋە بىر مول ئوكسېگىن گازى(32 گىرام) ھاسىل قىلىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ساپ ئېنېرگىيە 118 كىلو كالورىيە( 493.72 كىلوجوئۇل).  شۇنداق بولغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن يۇقىرىقى تەڭلىمىدە ئېلېكترولىزلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تۆۋەن چەك ئېلېكتىر بېسىمى 1.48 ۋولت.

ساپ سۇنىڭ ئېلىكترولىزلىنىشى تۇزلۇق ئېرىتمە ياكى دېڭىز سۈيىگە قارىغاندا كۆپرەك ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا دېڭىز سۈيى ياخشى بولغان ئېلېكترولىزلاش سۇيۇقلۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ پارچىلىنىش جەريانى ساپ سۇنىڭكىدىن مۇرەككەپ بولغاچقا ئوخشاشلا تەڭلىمىلەرنى يېزىپ مەخسۇس  چۈشەندۈرمەيمىز، پەقەت دېڭىز سۈيىدىن ھېدروگىن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالساقلا كۇپايە. يەر شارىنىڭ %70 تىدىن كۆپرەكى دېڭىز-ئوكيان بىلەن قاپلانغان، شۇڭا ھېدروگىن مەنبەسىمىز نەزەرىيە جەھەتتىن مول دىيىشكە بولىدۇ.

ھېدروگىن ماشىنىلىرى

hidro_aptumbilھېدروگىن گازىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلىنىدىغان ماشىنىلار ھېدروگىن ماشىنىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بىلىدىغان توشۇغۇچى راكىتا، رىئاكتىپ ئايروپىلان، ھېدروگىن موتورلۇق ئاپتومبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېدروگىن ماشىنىلىرى دېسەك بولىدۇ. بولۇپمۇ ھېدروگىن موتورلۇق ئاپتوموبىللار نېفىت ۋە تەبى گاز بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇقىنى ئالسا تولىمۇ ياخشى بولغان يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولىمىز. نۆۋەتتە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق قاتناش ۋاستىلىرى تەرەققىيات باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. مەسىلەن، 2007-يىلى جوڭگۇ شاڭخەيدە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ۋېلىسىپىت كۆرگەزمە قىلىندى، 2008-يىلى  خوندا شىركىتى ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلدى، 2009-يىلى نىسسان ھېدروگىن يېقىلغۇسىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، 2012-يىلى ئېچىلغان ‹‹دۇنيا ھېدروگىن ئېنېرگىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› دا Daimler AG, Honda, Hyundai ۋە Toyota شىركەتلىرى 2015-يىلغىچە ھېدروگىن موتورلۇق ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى 2008-يىلى  خوندا شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل.

ھېدروگىن ماتورلىرى ئىككى خىل، بىرى ئەنئەنىۋى تەبى گاز يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، يەنە بىرى  ئېلېكترولىتنىڭ ئەكسى جەريانى بولغان ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇ ئىككى خىل ھېدروگىن ماشىنىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

1. ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل

ھېدروگىن گازى ناھايىتى ياخشى بولغان كۆيۈشچان گاز بولۇپ،  ھاۋادا كۆيگەندە  كۆپ مىقىداردا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە  ھېچقانداق بۇلغىنىشى بولمىغان سۇ پارىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ھېدروگىن ناھايىتى ياخشى بولغان يېشىل يېقىلغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنىڭ تەبى گاز يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلدىن كۆپ پەرقى يوق، لېكىن ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق دۋىگاتېلنىڭ ئۈنۈمى گاز يېقىلغۇلۇق دىۋىگاتىلدىن %20 دىن %30 گىچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەمدە ھاۋا بۇلغىمايدىغان پاكىز يېقىلغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…

2. ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارېيىسى

hidrobatariyeھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيىنىڭ ئىشلەش پرىنسىپى ئىلىكترولىزلاشنىڭ دەل ئەكسى جەريانى بولۇپ، ھېدروگىن گازى بىلەن ئوكسىگېن گازىنىڭ بىرىكىپ سۇغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئېلېكتىر ئېنېرگىيسى ھاسىل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت.

رەسىمدە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيىنىڭ ئاددى سخېمىسى كۆرسىتىلدى. ئوكسىگېن بىلەن ھېدروگىننىڭ ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىشى بىلەن ئېلىكتىرولىزلاشنىڭ ئەكسى جەريانى بولغان سىرتقى ئېلېكتىر بېسىمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيىنىڭ ئۈنۈمى ھېدروگىننىڭ كۆيگەن چاغدىكى ئۈنۈمىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاخىرقى ھاسىلاتىمۇ مۇھىت بۇلغىمايدىغان سۇدىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيە كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئېنېرگىيە ئۈچۈن غايىۋى ئۈسكۈنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غايىۋى ھالەتتە ئۈنۈمىنى ھېسابلاپ كۆرسەك سۇنى ئېلىكتىرولىزلىغاندا سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە 285.8 كىلو كالورىيە، ھېدروگىن باتارېيىسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئېنېرگىيە 237.1 كىلو كالورىيە بولۇپ، ئۈنۈمىنى ھېسابلاپ كۆرسەك%83 بولىدۇ. بۇ ھال ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئۈنۈمىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

hidro_aptumbil_içiشۇڭا ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارېيىلىك ماشىنىلار خېلىلا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ھەم يېشىل ئېنېرگىيە يۈزلىنىشىدە ئالدىنقى كاندىدات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 بىرلەشمە يېشىل ئېنېرگىيە سىستېمىسى

بىز يۇقىرىقى ئابزاسلارغا قوياش ئېنېرگىيە تاختىسى، شامال ئېنېرگىيسى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيىسىدىن قانداق پايدىلىنىش، سۇدىن ھېدروگىن ئايرىش ۋە ھىدروگېننى قايتا يېقىلغۇ قىلىپ مېخانىك ۋە ئېلېكتىر ئېنىرگىيەلىرىگە قانداق ئېرىشىش ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتۇق. قارىماققا سۇدىن ھېدروگىن ئايرىپ يەنە ئۇنى كۆيدۈرسەك بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى زىيان تارتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن كىرگۈزگەن ئېنېرگىينىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان تۈرنىڭ نېگىزلىك مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالدى بىلەن،  مەيلى كىرگۈزگەن ئېنېرگىينىڭ نەدىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئېرىشكەن ئېنېرگىينىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كىيىشى بىز ئۈچۈن ئەۋزەل.

بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن ھېدروگىن باتارىيلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! چۈنكى ئۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، مۇھىت مەسىلىسى يوق، بىخەتەر بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بار. ئۇنداقتا ھېدروگىن باتارىيلىرى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھىدروگېننى قانداق ئىشلەپ چىقىرىمىز؟ يۇقىردا ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، ئەلۋەتتە سانائەت ۋە ئالەم قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ھېدروگىن سۇنى ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. ئېلېكترولىزلاش ئۈچۈن كىرگۈزىدىغان ئېنېرگىيە كۆمۈر، سۇ ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى تەمىنلىگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيسى ئارقىلىق ئايرىۋېلىنغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توكنى سونى پارچىلاشقا ئىشلىتىپ يەنە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ھېدروگىن ئېنېرگىيىسىنى تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئەخمىقانىلىك ھېسابلىنىدۇ.

birleşme_enirgiyeلېكىن ياخشى تەرەپلىرى شۇكى،  بىزگە خۇدا ئاتا قىلىۋاتقان ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بار، ئۇلار قوياش، شامال ۋە  دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەلىرىدىن ئىبارەت. قوياش تاكى قىيامەتكىچە ئىنسانلار ئۈچۈن يەر يۈزىگە نۇرىنى چېچىپ تۇرىدۇ، ئايمۇ ھەم يەر يۈزىنى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىپ تۇرىدۇ. مۇنداقلا بولىدىكەن، قوياش نۇرىدىن يەر ئېنېرگىيە ئالىدۇ، شاماللار شەكىللىنىدۇ، ئاينىڭ دەۋرىيلىك تارتىش كۈچىدىن دېڭىز سۈيى داۋالغۇپ تۇرىدۇ، دېڭىز سۈيى قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغاچقا ئىچكى قىسىمدا ئېقىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ… شۇڭا خۇدا بەرگەن ئەقىلنى ئىشلىتىپ، خۇدا بېرىۋاتقان ئېنىرگىيەلەردىن قانداق ئېچىپ پايدىلىنىش، دۇنيالىق ئېلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم ۋەزىپىسى دىيىشكە بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇلاردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ مەسىلىنىڭ نېگىزى دەل مۇشۇ يەردە. تۆۋەندە بىرلەشمە يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى پىلانىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن.(نەچچە يىللار بۇرۇنقى كۈنلەردە مۇشۇ تۈر ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرىۋاتقان ئېدىم، بەلكىم يېشىل ئېنېرگىيە تەتقىقات تۈرى بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇچۇر، تېخنىكا  تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، بېزەكلەر تاش سانىغۇچە باشقىلار قۇم ساناۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇنداق دەبدەبىلىك تۈر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغان بولىشى ئېنىق دەپ ئويلايمەن… شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل پىكىرىم بولغىنى ئۈچۈن نېمىلا بولمىسۇن بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشۇم مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن).

يەرشارىنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز-ئوكيانلار بىلەن قاپلانغان، بۇ مەنىدىن بىزگە ھېدروگىن ئېنېرگىيسى ئۈچۈن يېتەرلىك مەنبە مەۋجۇت. زوركۆلەمدىكى قوياش ئېنېرگىيە تاختىسى مەيدانلىرى، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، دېڭىز دولقۇنى گېنىراتۇرلىرى  ئەگەر بىر سىستېما شەكىلدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە بۇ ‹‹بىكارلىق›› ئېنىرگىيەلەردىن ئۆزلۈكسىز ھەم كۆپ مىقىداردا ھېدروگىن ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ! ئادەتتە يۇقىرىقى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئومۇملاشتۇرۇش قىيىن مەسىلە ئىدى. ئەگەر بىز بۇ چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەڭ كەتكەن دېڭىز بوغۇزلىرىغا، قىرغاقلارغا، دېڭىز يۈزلىرىگە چوڭ ۋە ئوتتۇرا كۆلەملىك قوياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى، چاقپىلەكلەر، گېنېراتورلار ۋە ئېلېكترولىز ماشىنىلىرىنى بىر پۈتۈن سىستېما شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرساق، ئۇلاردىن ئېرىشكەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنى پۈتۈنلەي دېڭىز سۈيىنى پارچىلاپ ھېدروگىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتسەك، ئاندىن ئۇ ھېدروگىن ھاسىلاتلىرى ھىم گاز يىغقۇچلاردا سۇيۇقلاندۇرۇپ ساقلىساق (خۇددى تەبى گازنى ساقلىغاندەك)، ئاندىن ئۇنى ھەرقايسى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا يۆتكەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. دېڭىز سۇلىرى توختىماي دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، شاماللار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، قوياش نۇرى توختىماي چۈشۈپ تۇرىدۇ مانا بۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئايلىنىدۇ…

خاتىمە سۆز

ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئىنسانلار ھاياتلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەكسىچە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ تارىيىپ كېتىشى، كاربون يېقىلغۇسىدىن مۇھىت بۇلغىنىش ۋە يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسى، نېفىت ۋە تەبى گازنىڭ قېزىپ تۈگىتىلىش يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان دۇنيا سىياسىتىدىكى داۋالغۇشلار، ئۇرۇش خەۋپى،… قاتارلىق ھەرخىل مەسىلىلەر يىغىنچاقلىغاندا ئېنېرگىيە مەسىلىسىدىن ئىبارەت دىيىشكە بولىدۇ. ئىنسانلار تىنىچ يەرشارىغا، بەختىيار ھاياتقا ئىنتىلىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيەت تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل تەرققىياتلارنىڭ پەقەتلا تۇيۇقسىز ئېنېرگىيە كىرزىسىگە دۇچار بولۇش بىلەن، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى مالىمانچىلىقلاردا يوققا چىقىشىنى خالىمايدۇ.  كۆپ كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، پەن ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى چوقۇم ھۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ!

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى  http://www.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=52844

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش