ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت

كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

مۇھەممەد باغراش

2004-يىلى ئۆكتەبىردە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسى بىرلىشىپ چاقىلىق ناھىيىسىدە يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمگە تون يېپىش ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان رومانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنداقلا ئۆسمۈر قىز لىئۇجىئې يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان «تاش ئادەم» ناملىق چۆچەك پوۋېستىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. يىغىن كاتتا ۋە نەتىجىلىك بولدى. يىغىن ئارىلىقىدا چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزېينى كۆردۇق.
مۇزېي كۆلەم جەھەتتە ھازىرچە تېخى كىچىك بولسىمۇ، باشقۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىزدە جكپ چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ئاسارەتىقىلەرنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئىرادىسى ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرغان بولسا، مۇزېيدىكى نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق كروران-چەرچەن-لوپ-مىران ئۇيغۇر ئۇيغارلىقىغا (مەدەنىيىتىگە) تانۇق (گۇۋاھ) بولۇپ تۇرغان ھەرخىل تېپىلمىلار، بولۇپمۇ يېقىندا بايقالغان، قىياس قىلىنىشىچە، تارىخى ئالەمگە داڭلىق «كروران گۈزىلى» دىنمۇ ئۇزۇنراق بولۇشى مۈمكىن بولغان ئۈچكۆۋرە (قۇرۇق جەسەت) بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى بەكمۇ ئۇزاق قەدىمىي روزىغارغا يېتەكلەپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخ ۋە ئۇيغارلىق ساھەسىدىكى ئالىملارنى تاڭ قالدۇرغان بۈيۈك كروران–لوپ -چەرچەن-مىران ئۇيغارىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولمىش كروران ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ياشاش ئىرادىسىگە تاغدەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىك تەقدىرىگە بولغان ئازابلىق ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى…
تەقدىر خالىسا بەخت-سائادەت، ئاجايىپ قۇۋناق ھايات، گۈللىنىش ئاتا قىلىدۇ، خالىسا ھەرخىل خاتالارنى سەۋەب قىلىپ ئاشۇ گۈللىگەن ئەل-ئۇلۇسنى بىر كىشان (دەقىقە) دىلا ھالاكەت ئوپقانىغا تاشلاپ، ئادەملەرنىڭ خاتاسىنى جازالايدۇ!
ئېيتىلىشىچە، زامانىي ئەۋۋەلدە يەر يۈزىدە ئاجايىب بۈيۈك مەدەنىيەت، پارلاق گۈللىنىش، چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) تەرەققىيات دەۋرى بولغانىكەن.كېيىن (تەخمىنەن 10-12مىڭ يىللار ئىلگىرى) «توپان بالاسى» بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىليونيىل داۋامىدا ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى جانلىقلار ۋە ئىنسانە ئۇرۇقلىرىدىن باشقا پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىمىكى بارلىق «توپان» غا غەرق بولۇپ، ئېچىنىشلىق ھالاك بولغان ۋە ئىزسىز يوقالغان ئىكەن…كۆمەنلى (سىرلىق) ۋە كۈچ-كۈسۈنلىك (قۇدرەتلىك)، تەگسىز ئوپقاندەك سىرى ۋە چىرايىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكىلى ئۇنىماي، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك-تۈمەن قىياس، ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلەر بىلەن قىيناۋاتقان تەكلىماكان قۇملۇقى تەكتىدە مۆكۈپ ياتقان ئاجايىب بۈيۈك ئۇيغار، كاتتا ۋە باتۇر شەھەرلەر ھەمدە شۇلارنى ياراتقان ئۆركى (ئېسىل)، ئەربۇزى (جەسۇر) ۋە ئالىپ (غالىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىز (بوۋا-ئەجدادلىرىمىز) بۈگۈندىن 1600، 1700 يىللار ئىلگىرى ئاشۇ توپان بالاسىدەك دەھشەتلىك قۇم توپانى ئەكەلگەن ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ قۇربانى بولغانىكەن…
تارىخنى قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە پاكىز نىيەت بىلەن تۈپكەرلەپ (تەتقىق قىلىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى سىنلاش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت، تەبىئەت، ئېكولوگىيە، ياشاش، تەرەققىيات، مەۋجۇدلۇق… ئاڭلىرىنى، پوزىتسىيە-مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆگىنىش، بىلىش، ئاڭقىرىش بىزنىڭ شەرەبلىك ھەم ساۋابلىق بۇرچىمىز، ئەلۋەتتە!بۇ جەريان بىزگە گاھىدا چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئازاب تۇيغۇسى بەرسە، يەنە گېزى كەلگەندە بىزگە چەكسىز خۇشاللىق، كۇفەر (غۇرۇر)، قەدىر-قىممەت، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ھەم كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، بىز بۈگۈنكى روزىغار ئادەملىرى تەجرىبە، ئۆرنەك ۋە ساۋاققا ئىگە بولىمىز ھەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئۆتكەندە باشتىن كەچۈرگەن ھالاكەتلىك تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ قىلىپ تاشلىغان قىلماغۇلىرىمىز (خاتالىق-سەۋەنلىكلىرىمىز) يەنى مىللىي، ئىجتىمائىي ئەخلاق تەگرىنچى (مۇھىتى) ۋە تەبىئەت ئېكولوگىيە تەگرىنچىنى بۇزۇش سەۋەبى بىلەن قايتا تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر! ئاشۇ دەھشەتلىك قىسمەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ياراتقۇچى پاناھ بەرسۇن!
ئەتراپىمىزنى قورشاپ ياتقان ئاشۇ مۇڭ باسقان پايانسىز قۇملۇق، ئېغىر تىنىپ ياتقان باياۋان، تەشۋىشلىك ئىڭراپ-پىچىرلاپ ھالىنى ئېيتىۋاتقان ھالسىز، نىمجان غېرىب توغراقلارنېمەدېمەكچىدۇ؟
بىزگە قايسى قىسمەت، قايسى ئۆتكۈ-كەتكۈ ۋە كەلگۈلۈكلەردىن ھېكايەت قىلىۋاتقاندۇ-ھە؟ ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاڭلىيالىساڭ، ئۇلارنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك، كاتتا، موڭادىنىچ (ھەيران قالارلىق) ئۆتكۈر داستان-قىسسەلىرىنى، ھەسرەتلىك-نادامەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى ئۆكۈنۈش، دەرد – ھەسرەتلىرىنى، بىزگە قاراپ ئۈمتۈلۈپ، قۇلىقىمىزغا، ياق، يۈرىكىمىزگە قۇيماقچى بولغان ئۈگۈت – نەسىھەتلىرىنى، ئىستەك، ئوي ۋە ئارمانلىرىنى ئاڭقىرىپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئۇنىڭ باغرىغا مەڭزىنى يېقىپ تويۇپ-تويۇپ دەردلىشەلىسەڭ كاشكى؟ ھەسسىنەي، بۇ مۇمكىنمۇ؟
شۇ دورەم چاقىلىق، باشلوپ (كورلا لوپ) ۋە كورلىدا ئۆتكۈزگەن سەككىز-ئون كۈنۈم ئاشۇنداق ئېغىر ۋە ئىزتىراپلىق خىياللار قاينىمىدا گاھ لەيلىدى، گاھ چۆكتى…
ئۆپچۆرەمدە بولۇۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلار، ئويۇن-تاماشالار ماڭا پەقەت سىرتتىن تەسىر قىلاتتى.مەن ئۇلارغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇراتتىم. ئىچىمدە بولسا تەگسىز خىيال. كۆزلىرىم ئاشۇ سارغۇچ قۇملۇق، ئاشۇ بوزارغان باياۋان ۋە ئاشۇ قىينالغان چېكىسىدە قېتىپ قالغان…بۇ تەگرىنچ (مۇھىت) شۇ قەدەر تىمتاس، شۇقەدەر چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا)، شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ۋە شۇ قەدەر بۈيۈك ۋە ھەم ئۇلۇغۋار ئىدى. لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئاشۇ چەكسىزلىكى، ئاجايىپ كاتتا ۋە قورقۇنچلۇقلىقى، بۈيۈك ۋە ئۇلۇغۋارلىقى، تويماس ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكلىكى دەل ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى، بۈيۈكلىكى، گۈزەللىكى ۋە تارتىشچانلىقى ئىدى! ئۇ ئاشۇ بەھەيۋەت سەلتەنەتى بىلەن، ئاشۇ ھەرقانداق تىنالىق (ھاياتلىق) نى بىر كىشان (دەقىقە) ئىچىدە «ھاپ» قىلىپ يۇتۇپ تاشلايدىغان قاتىرقاتىغ (دەھشەتلىك) ۋە قاتىرياۋلاغ (ۋەھىمىلىك)، بىۋاپا كۆرۈنچ (مەنزىرە) ئى بىلەن شۇقەدەر كەرەم (سېخىي) ھەم قىزىقارلىق ۋە تارتىمچان ئىدى. ئۇنىڭ باغرىدا دەپسەپ تۇرۇپ سەن ئۆزۈڭنى گاھ ھەچ ئەرزىمەس بىرتال قوغ (توزان ) سانىساڭ، گاھ ئۇنىڭ ئاشۇ كەرىك ( چەكسىز ) ۋە قادارقاشلاغ ( سۈر-ھەيۋەتلىك) تۇرقىدىن سۆيۈنۈپ قۇۋىنارسەن. چۈنكى دەل مۇشۇ يەرلەر بوۋا-ئەجدادلىرىمىز يارالغان، كۆكلىگەن، ياشنىغان، بىزنى باققان، ئۆستۈرگەن، ئاۋۇتقان، ياشناتقان باھادىر – ئەزىمەت يەرلەردۇر!

ئەي چالاڭ ( يالىڭاچ ) يەر، قارقاغ (قاقاس ) يەر،
ئالتۇن يېرىم قۇتلاغ ( بەخت) يەر،
تومۇردەكى قانىم يەر،
باغرىمدەكى جانىم يەر…
ئەچۈلەرنىڭ ( ئەجدادلارنىڭ ) ئىزى بار،
ئىنە ( ئانىلار ) لەرنىڭ يۈزى بار،
كەتكەنلەرنىڭ سۆزى بار،
چىنتەمەنسەن ( گۆھەر ) تارىم يەر.
٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

تارىم دېگەن يەلىڭ (شاماللىق ) يەرۇ – يەلىڭ يەر،
بۆكسەكىڭنى ( باغرىڭنى ) ئەسىن (شامال ) بولۇپ قۇچسامچۇ،
سەنىڭ كۆركلۈگ ( گۈزەل ) كۆكشىن ( كۆكۈش ) كەرك (چەكسىز ) كۆكىڭدە
چاغرى ( لاچىن ) بولۇپ قانات قاقىپ ئۇچسامچۇ…

— (قەدىمكى لوپ خەلق قوشىقى ) دىن

بىر كەزدە، ئۆپچۆرەمدىكى ئادەملەرنىڭ —ئەر-ئايال، ياش-قېرىلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش-تىمبىرى، تەلەپپۇزى، ھېسسىيات ئىپادىلەش مىمىكىسى (چىراي ئىپادىسى )، شېۋىسى…بىردىنلا دېققىتىمنى تارتتى. ئۇلار باشلوپلۇق ( كورلا لوپلۇق ) چاقىلىق ۋە چەرچەنلىك كىشىلەر ئىدى. بىر چاغلاردا شوپۇرلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە باشلوپ (كورلا لوپ — ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسى) نىڭ ئاقسۇپا، قارچۇغا، تارىم، دۆڭقوتان… دەيدىغان يەرلىرىگە ماشىنا ھەيدەپ بارغىنىمدا شۇ يەر ئادەملىرىنىڭ تۈس – قىياپىتى، سۆزلىگەندىكى شېۋە – تەلەپپۇزى ۋە كۈلكە – چاقچاقلىرىدىكى بىر شېرىن، تارتىملىق ئۆزگىچىلىكلەر مېنى شۇنداق ئەسرۈك ( مەست ) قىلغانىدى. شۇنداق، خاتىرە ۋاراقلىرىم بىر–بىرلەپ ئۆرۈلۈپ قاناتلىق ئويلىرىم قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئىستەكلىرىمنى يۈدىگىنىچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ۋادىسىغا قاراپ ئۇچتى. ئۇ ۋادىدا، ئىلگىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان، مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان، بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان بىر يۇرتنىڭ ئادەملىرى توغرىسىدىكى (كېيىنكى چاغلاردا ئۇنتۇلۇپ يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ بۇلۇڭ–پۇچقاقلىرىدا مۆكۈپ تۇرغان) بىر بۆرتۈن (مەجھۇل) مەنزىرە باشتا بىر دانە قوغ-قىچماق (زەررىچە) بولۇپ، كېيىن بولسا بارا-بارا بۈيۈپ – يارقىنلاپ، كۆڭۈل كۆزڭۈم (ئەينىكىم) دە بالقىدى.مەن كۆزڭۈمدە، شۇ كۈنلەردە تېلېۋىزوردا كىنو كۆرگەن كەبىي كىچىككىنە، لېكىن تولىمۇ تارتىمچان بىر يۇرتنى ۋە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان بىر ئەلكۈن
-قەۋمنى كۆردۈم.. بۇ يۇرت كەلپىن ئىدى. بۇ ئەلكۈن-قەۋم بۈگۈن ئاشۇ يۇرتتا ياشاۋاتقان كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئىدى… ھەيرانمەن …! مەن قانداقسىگە چاقىلىقتا تۇرۇپ، مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى كەلپىن ۋە كەلپىننى ئويلاپ قالدىم؟
بۇ چاغدىكى تۇيغۇم شۇ قەدەر سىرلىق، ئاڭقىرغۇسىز، ئۇشتۇمتۇت قارام ۋە قىزىقارلىق ئىدىكى، كەلپىنۋە كەلپىنلىكلەر بىلەن ھەچقانداق خۇسۇسىي باغلىنىشى يوق، ھەتتا كەلپىن، دېگەن بۇ يەرنى تېخىچە كۆرۈپمۇ باقمىغان ( لېكىن كەلپىنلىكلەر بىلەن تولا ئارىلاشقان) مەندەك بىر ياقا يۇرتلۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق تۇيغۇ تولىمۇ تاساددىپىي ۋە چۈشىنىكسىز ئىدى. گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ يىراقلاپ مېنى ئېزىقتۇرۇۋاتقان ئاشۇ بىۋاش، ئاساۋ ۋە تۇتۇق بەرمەيۋاتقان، لېكىن ئۆزىگە رام قىلىپ، تارتىپ، كۆرۈنمەس قىل بىلەن بارلىقىمنى ئۆزىگە باغلىۋېلىپ، ئۆز ئەركى تامان يېتەكلەپ كېتىۋاتقان ئاشۇ سىرلىق سەزگۈ ۋە ئازدۇرغۇچ تۇيغۇلىرىمدىن تۆرەلگەن ئۆرتلۈگ-يالقۇنلۇق خىيالىمغا ئۆز ئەركىمنى بىراقلا تاپشۇرۇۋەتتىم ۋە چاقىلىقتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۈچىنچى كۈنىلا توپتوغرا كەلپىنگە قاراپ جۆنىدىم.ئاشۇ سىرلىق يۇرتقا تېزرەك يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ نەپسىم قىسىلدى، قاراقىم قاتتى…ئىچىمدە پەقەت بىرلا سوئال: «بۈگۇنكى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىلەن چاقىلىق، باشلوپ، ئاياغلوپ (خوتەن لوپ)، چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار-زادى؟ ئۇلار نېمىسى بىلەندۇر بىر-بىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن بىلىنىدۇ؟ نېمىشقا؟…»
كەلپىن ئاچالدا ئازنا بازار ئىدى. ئالقانچىلىك بۇ ئۆتەڭ بازار مەڭگۈ بېسىقماس تىرىكچىلىك غەۋغاسىدىن تىترەيتتى. ئۇنىڭ ئاسمىنى بازارچىلارنىڭ ئايىغىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا-چاڭدىن بوزارغانىدى. بۇ بازاردا ياشاشنىڭ بىرقەدەر ئاددىي ۋە تۆۋەن تەلىپىگىلا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئېلىم-سېتىم، نان، ئاش-چۆپ، تۈرى ئىنتايىن ئاز كۆكتات (بۇ يەرنىڭ چامغۇرى بەك داڭلىق، قوزىنىڭ قۇيرۇقىدەك يۇمشاق ۋە تاتلىق پىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۇمچى كوچىلىرىدا «كەلپىن چامغۇرى» دېگەن نام بىلەن سېتىلىۋاتىدۇ. باھاسى يىلسېرى ئۆسۈپ بارماقتا) ۋە مېۋە-چېۋە، ئەرزان باھالىق ساختا ئاياغ، لاتا-پىتە ھەمدە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىگە كۆرە ئىنتايىن ئۆرە باھادىكى گوش-ياغ، ئات-ئۇلاغ، توخۇ-تۈمان ۋە ناچار سانائەت ماللىرى…ئېلىم-سېتىمى قىزىغانىدى. ئوزايىدىن قارىغاندا، بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ قولى قىسقا بولغاچ ياشاش تەلىپىمۇ تۆۋەن ئىدى. باش-كۆزىنى توپا باسقان، ياشاش جاپاسىدىن قۇرۇپ-قاغجىرىغان بۇ ئادەملەر شۇ قەدەر قانائەتچان، شۇ قەدەر كۆنۈك، شۇ قەدەر ئىنسابلىق، شۇ قەدەر ياۋاش كۆرۈنەتتى. لېكىن مېنى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەھۋالىدىمۇ يەنە ھەممە نېمىسى تەل، باي-پاراۋان، دۆلەتمەن ئادەملەردەك بىغەم، تۆلەك، ئارىم-بارىم (خۇشخۇي، خۇشچاقچاق) لىقى تاڭ قالدۇردى. مەن تۇرۇپلا «كەلپىنلىكلەر غەم-قايغۇنى بىلمىسە كېرەك» دېگەننى ئويلاپ قالدىم. كۆز ئالدىمدىكى قاش-كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان، ئەرلىرى بەست-قامەتلىك، ساقال-بۇرۇتلىرى ئوخشىغان، قىز-چوكانلىرى غۇنچە بوي، گۈلبەدەن، ھەممىسىلا دېگىدەك شۇ قەدەر چېچەن، تولىمۇ سۆزمەن، تولىمۇ ئەلتەك، تولىمۇ تۈرگۈن ھەم قۇۋناق كەلگەن ۋە چاڭ-توزان ئارىسىدا بوغسۇپ تۇرغان بۇ ئادەملەر شۇ تاپتا ماڭا گويا توپا-تۇمان ئارىسىدا كۆمۈلۈپ يېتىپمۇ جۇلالاپ-چاراقلاپ تۇرغان بىر ئوچ ئىنجۇ-مەرۋايىت ۋە گۆھەردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئېنىقكى، ئۆز بېشىدىن تولا ئېغىر-قاتتىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەملەرلا ۋە شۇنداق ياشاشنى بىلىدىغان، ياشاشنى يۈرىكىدىن سۆيىدىغان ھەمدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەتىسىگە، كېلەچىكىگە ئىشىنىدىغان، ياشاش دېگەننىڭ، ئۆمۈر دېگەننىڭ، ۋاقىت-ئۆتكۇ دېگەننىڭ ئەسلىي تومۇرىنى تولۇقى بىلەن ئاڭقىرالىغان ئىنسانە ۋە ئەلكۈن-قەۋملا ياشاش كىشانلىرىنى (دەقىقىلىرىنى) ئاشۇنداق قەدىرلەپ ياشاشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» ! (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى «تاماشا» بىر كۈچلۈك ياشاش ئۆز قۇنۇقى –روھىنىڭ ياشاش سوققىلىرى ۋە كۈلپەتلىرىگە تىزلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ) ! ئۇلار ئۈچۇن ياشاشنىڭ ھەربىر كىشانى (دەقىقىسى) ئېغىر، قاتتىق بولسىمۇ بايرام! بۇنداق ياشاش پەقەت ئىچى كۈچلۈك مىللەت-ئۇلۇس ۋە ئىچى كۈچلۈك ئەركەكلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە! مەن شۇ تاپتا توپا-چاڭغا كۆمۈلگەن بۇ بازارچىلارنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۆزۈمنى مىلادى 2004-يىلى باش كۈزدىكى «ئاچال» ئاتلىق بىر كىچىك بازاردا ئەمەس، ئەكسىچە، مىلادى 400-يىلىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى كروران ئەلىدە، ياشاش ئۈچۇن، كۆكلەش ئۈچۈن، مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن كۆكرىكىنى كېرىپ، ئاجۇن ۋە روزىغار (دۇنيا ۋە دەۋر) نىڭ خىرىسلىرى بىلەن جانسۈرە ئېلىشىۋاتقان كروران ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كۆرگەندەك بولدۇم!
كەلپىن ئۇيغۇرلىرىدىكى ھەممە ۋە ھەممىلا تەرەپتىن— قەددى-قامەت، چىراي-تۇرق، قاش-كۆز، ساقال-بۇرۇت، سۆز-شېۋە، تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭ…لىرىدا، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئارسلاندەك، كۆكبۆرىدەك بەقۇۋۋەت ھەم كېلىشكەن كۆۋتۈڭى (ۋۇجۇدى، تېنى، قامىتى) دە يۇلقۇنۇپ، ئۆرىدەپ تۇرغان بىر خىل ھەم تومۇرى تولىمۇ تىرەنلىكتە ھەم يەنە تولىمۇ يارقىن بولۇپ، يۈزەلىكتە چاپچىپ تۇرغان ئەقىل-پاراسەت، چېچەنلىك، چۇستلۇق، چەپەرلىك، جەسۇرلۇق، چىدام، جۈرئەت، كۈفەر-كۈۋەنج (كېبىر ۋە غۇرۇر)، ئۇيۇشقاقلىق ھەم يەنە ئۆزىدىن ئوزۇپ كەتكەنگە چىدىمايدىغان، شەرەپ-غۇرۇر ۋە ئاتاق تۇيغۇسى كۈچلۈك ھەم داغۋازراق كېلىدىغان، ئۇرۇشقاق ۋە يەنە گەپنى تولا ئۇششاقلايدىغان، گېزى كەلسە ئۆز ئاتىسىغىلا ئەمەس، پادشاھقىمۇ گەپ ياندۇرۇۋېرىدىغان، ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان، ئۆچ-قىساس ئۈچۇن ھەرقانداق قاراملىق ۋە بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايدىغان ھەم ياخشى ھەم يامان، تەلۋە-تەتۈر، قىزىققان ۋە چىدىماس، ئۆگۈرچى (ماختانچاق)، يەرداشچى (يۇرتۋاز) … قاتارلىق كەلپىنچە مەھەللىۋى تۆزلىك (تېگى، خاراكتېر) پەقەت ئىنتايىن يامان ياشاش مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن ئادەملەردىلا بولىدىغان بىر خىل مىللىي ۋە ئىنسانىي ئىرۇ-بەلگىلەردۇر. بۇنداق بەلگىلەرنى ئۇلارغا ئاشۇنداق ياشاشقا قىيىن بولغان ئالاھىدە ھاۋا بىلەن ئالاھىدە ياشاش مۇھىتىلا بېرەلەيتتى.
ياشاش مۇھىتى شۇ يەر كىشىلىرىنىڭ تاشقى تۈس-جۇسۇنىدىن تارتىپ ئوي-خىيالى، تەپەككۇر شەكلى، تەپەككۇر مىجەز-خۇلقى ۋە قىلىقلىنىشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇتلەق دېيەلمىسەممۇ خېلىلا كۈچ بېرىدۇ. شۇڭا ئەسلىي بىر نەسىل-يىلتىزدىن كۆك-تومۇرى بىر بولغان ئەلكۈن-ئۇلۇس ئادەملىرىنىڭ يۇقىرىقى مەھەللىۋى بەلگىلىرى جايلاشقان ياشاغۇ-يەرلىرىنىڭ، تۇپراق، ھاۋا، يېمەك-ئىچمەك، تىرىكچىلىك يولى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزارا خېلىلا زور پەرقلىنىدۇ. مەن ئانا ماكانىمىزنىڭ خېلىلا كۆپ يەرىنى ئارىلاپ يۈرگەن بىر شوپۇر ۋە كەسپىي يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پەرقلەرنى ھەرقاچان ھېس قىلىمەن ۋە بۇ قېتىم كەلپىنگە قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
يېڭىدىن يېڭى ۋە چاپقۇر خىياللار ئىلكىدە ئاۋارىمەن. ئاچالنىڭ شاۋقۇنلۇق «دېھققان بازىرى» دا ئېگىز-پەس دەسسەپ، ھاڭۋاقتىدەك ئۆپچۆرەمگە ئالاڭلاپ كېتىۋاتىمەن. بىر كەمدە ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردىن دۇتار نەغمىسى ئاڭلاندى. قارىسام، بىر چەتتىكى پۇچۇق تامنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئالامان توپلىنىپتۇ. بىر بېسىپ، بىر-بىر بېسىپ ئۇلارغا يېقىنلاشتىم ۋە توپ ئارىلاپ بوينۇمنى سوزدۇم.
سېرىق ساقال، كۆك كۆز، ئۆڭى ئاق، سىم بۇرۇت بىر يىگىت تام تۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى دۇتار تامغا يۆلەگلىك تۇرىدۇ. دۇتار ساتسا كېرەك، ناخشىسى ئارقىلىق دۇتارلىرىغا خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەۋەس ئوتلىرىدا يالت-يۇلت يېنىپ تۇرىدۇ، كۈچىنىشتىن گۆرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، چېكىلىرى قىزغۇچ بولۇپ ۋىلىلدايدۇ، چىرايى بىر قىزغىن خۇشخۇيلۇق ۋە شوخلۇقتا يېلىجايدۇ. يىگىت جاراڭلىق ئاۋازدا كونا كۈينى سەلگىنە بۇزۇپ توۋلىماقتا :

چاسىنىڭ ئوتتۇراسىدا،
ئالتى كىشى بەڭ تاتىتۇ (تارتىدۇ).
سېكىلەكلەر بىر بولۇپ،
يىگىتلىنى دەم تاتىتۇ…

كىشىلەر كەپتەر قوپقاندەك پاراققىدە كۈلۈشتى. مەن ئۆپچۆرەمگە قارىدىم، ئون ئادەمنىڭ بىر-ئىككىسى كۆككۆز، سېرىقساقال، ھەممىسىنىڭلا قاڭشىرى قىڭراقتەك، ساقال-بۇرۇتلۇق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ چاچلىرى سېرىق، كۆزلىرى كۆكۈش، ئۆڭى ئاق-قىزىل، بويلىرى زىلۋا…ھەممەيلەن قولتۇقىنى غىدىقلىغاندەك ئىرغىنىپ-ئىرغىنىپ كۈلۈشىدۇ:

— ما كالۋانى…ھا…ھا…ھا…
— ئۇگاتمايتقان ئادەمكە (ئۇياتمايدىغان ئادەمكەن) …موگۇندىۋى نېمە (مانېمە).
— ھاي، توخۇي پوقىيەي…ھا…ھا…ھا…
دۇتارچى ناخشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى:
ئېگىز تاغقا چىققاندا ياللا (يائاللا) ئۆلەي،
قولىڭىزنى مەن تارتاي خەسمەي (جېنىمەي).
بار ئويۇننى سىز ئويناڭ توخۇ پوقى،
دەردىڭىزنى مەن تارتاي كالۋېرەي (كالۋارەي).
— ئونكوي (ئوھھوي) ھاي ھەمەراخمان، ماچاقانكۆز (كۆككۆز) نېمە دەيتتۇ (دەيدۇ) ؟
—ئەنىقەي (ۋاييەي) مومىنىڭ (بۇ نېمىنىڭ) ناخشىسىنىڭ ئوساللىقىنى قالا (قارا) ؟ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنا، تۈزۈكرەك ناخشىغا توۋلاپ بەسۇن (بەرسۇن) …
—نۇكۇي (ھەيرانلىق مەناسىدىكى سۆز) ھەممە گەپنى مەنلا قىلاممە (قىلامدىمەن) …؟ —بولمايتقان (بولمايدىغان) ئىشنى قىلىپ يۈرسەڭلە بولمايتتۇ (بولمايدۇ) جۇمۇ…!
—ئاپاش-ئاپاش، نېمە بولداڭ (بولدۇڭ) /
—ئەگۈ (ئاۋۇ) كۈنى جاڭداپ (زۇكامداپ) قېپتىكەن…
—بۇ دۇتاچى كىمتۇ (كىمدۇ) ؟
—يۇقىرسى (يۇرت نامى) دىكى يۈدەكام (يۇنۇسكام) نىڭ ھەنەيۋاقىسى (بالاۋاقىسى) ھۇشۇ (ھوشۇر).
—ھاي ھاۋدىللا (ئابدۇللاھ) …ھاۋدىللا دەيتمە (دەيمەن) …
—ئايلىكا (ئاچا)، كىمنى قىشقىرتسە (چاقىرىسەن) ؟
—ئىگونى (ئاۋۇنى) قىشقىرتتىم…
—دۆلگىدە سۇۋامىكە (شارقىراتمىدا سۇ بارمىكەن) ؟
—ئىيشۇ قۇرۇغدا بېيكە (ئاشۇ ئېتىزلىقتا بار ئىكەن) !
—ئۈرۈمچىگە باماممىز (ئۈرۈمچىگە بارمامدىمىز) ؟
—بۇ يىل بارتىمە دەيتمە (بۇ يىل باراي دەيمەن).
—مەنمۇ بارىتتىمغۇ (مەنمۇ باراي دېگەن) …

بىر ياقتا ناخشا، توپ ئىچىدە گەپ، ناخشا ماڭا قانچىلىك يېڭى ئاڭلانسا، كەلپىنلىكلەرنىڭ گېپلىرىمۇ ماڭا مەن ئىلگىرى نەلەردىدۇر ئاڭلىغان قەدىناس ناخشىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى. بىردىنلا مېڭەمدە، ياق يۈرىكىمنىڭ قېتىدا باشلوپ خەلق قوشاقلىرى ياڭراشقا باشلىدى:

ماڭغانغا تۈگىمەيدۇ،
توققۇز ئۆينىڭ يوللۇرۇ (يوللىرى).
تال چىۋىقتەك ئەشمەدۇر،
گۈل يارىمنىڭ بويلۇرۇ (بويلىرى).

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

ئۆيۈڭڭۈ (ئۆيۈڭنىڭ) ئارقاسىغا،
سېپىل سوقۇپ شەرىتەي (شەھەر ئەتەي).
سەن ئەمدى ئاڭا كەسسەڭ (كەتسەڭ)،
مەن ئەمدى قانداغ ئېتەي.

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

چوڭ خەققى ۋالاسى دەپ (باينىڭ بالاسى دەپ)،
تاما تۇتۇپ مەن سىززى (سىزنى).
ھەجەپ ياتىرقاپ (يېتىرقاپ) كەتتى،
كۆزگە ئىلماي بىززى (بىزنى).
ئاسمانداغى ئاي غوقشۈش (ئوخشاش)،
كىم تۇغار شۇنداق قىززى (قىزنى).

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

ئارۇخلاپپا (ئورۇقلاپ) كېتىپسەن،
جېنىممى (جېنىمنى) ساڭا ۋەردىم (بەردىم).
ئىنەڭڭى (ئاناڭنى) رازى قىلغىن،
تۇزۇڭڭۇ (تۇزۇڭنى) تولا يېدىم.
رەڭگىممى (رەڭگىمنىڭ) ساغاغانى (سارغايغىنى)،
بىر قاتلىمىغان (قۇچاقلىمىغان) دەردىم…

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

گۈل بۇجۇدۇم (چەكتىم) يۈرەككە،
تىل تورغۇيۇم (ئامرىغىم) سۆزۈڭدىن.
ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى،
كۆرگەنمىدىڭ كۆزۈمدىن.
ئۆلۈپ كەتسەم ئوتۇڭدا،
رازى بولغىن تۇزۇڭدىن.

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

سالىپ (سېلىپ) بەردىم قىياق ئوت،
ھويلاداقى (ھويلىدىكى) ئۇلاققا.
يارنى سۇغا چىقار دەپ،
ئاراقاداقى (ئارقىدىكى) بۇلاققا.
ساقلاسام يار چىقمادى،
تاقۇ (توخۇ) چىقتى قونداققا.

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

تىل تورغۇيۇم تىل تەگمىسۇن بويۇڭغا،
قولۇم يەتسە گىرە سالسام بوينۇڭغا.
دىلخۇمارىم ئوتۇڭدا ئېرىپ كەتمەي،
كېلىپ مېنى سالىۋالغىن(سېلىۋالغىن)قوينۇڭغا.

٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭

ئۆتەرمەن دەپ بىر ئارىقتىن (ئېرىقتىن) ئالتادىم (ئاتلىدىم)،
غۇنچە بوينى بىر گىرەلەپ باقمادىم (باقمىدىم).
كۈندە تۇرۇپ قەرەلىنى سوراغلاپ (سوراشتۇرۇپ)،
بەرگەن ۋەدە سۆزلەرىنى يادلادىم.

كەلپىنلىكلەرنىڭ ناخشىسى، كەلپىنلىكلەرنىڭ شېۋىسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، خۇددى چاقىلىقتا تۇرۇپ چۈشىنىكسىزلا كەلپىن دېگەن يۇرتنى ۋە كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسلەپ قالغاندەك، بۇيەردىمۇ— كەلپىندىمۇ ئۇشتۇمتۇتلا ۋە تولىمۇ چۈشىنىكسىز ھالدا لوپ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شېۋىسىنى، قوشاق-ناخشىلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. چىن سۆزۈمنى ئېيتسام، شۇ تاپتا (شۇ تاپتىلا ئەمەس، ئاشۇ چاقىلىقتىن باشلاپ) مەن ئويغاق، سەگەك ۋە ھەرىكەتتىكى ھالىتىمدە نېمىشقىدۇر چۈشسىمان تەپەككۇر قىلىۋاتاتتىم.تەپەككۇرۇم زامان-ماكان چەك ئارىسىنى يوقاتقان، زامان-ماكاندىن ھالقىپ كەتكەن، زامان-ماكان ئۇقۇمىنى يوقاتقانىدى! نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلاپ قالدىم؟ بۇنىڭغا مېنى كىم مەجبۇر قىلىدى؟ مەن يا تىلشۇناس، يا ئانتروپولوگ (ئىنسانشۇناس) ئەمەس ۋە ياكى تارىخشۇناس ياكى ئارخېلوگ ھەم ئەمەسمەن، پەقەت بىر يازغۇچىمەن، خالاس.مېنىڭ بۇ قاتارچە زورۇقۇشلىرىمنىڭ ھازىرچە كۆزكۆرۈ (رەئال) ئەھمىيىتى ۋە ئىشلىرىم بىلەن توغرىدىن توغرا ئالاقىسى يوق! ئۇنداقتا، مەن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقىدەكتەپەككۇر ۋە روھىي ھالەتكە ئۆتۈپ قالدىم؟ بۇ بىر ۋەھىيمۇ؟ تارىخنىڭ چاقىرىقىمۇ؟ ياكى مەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجادىي ئىشلىرىم موھتاج بولۇۋاتقان ئېھتىياجمۇ؟ ۋە ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمدىكى چۈشىنىكسىز بىر خىل ئاڭ پارتلىشىنىڭ، بىر خىل ئەس-خاتىرە زاپىسىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ۋە تىلغا چاقىرىلىشىمۇ؟ ۋە ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ ئىجادىمغا، ئىلھامىمغا، يارىتىش ئىستىكىمگە بېرىۋاتقان بىر خىل بىشارىتى ھەم ماڭا ئېچىپ بېرىۋاتقان بىر تېما، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىمۇ؟ بىر يېڭى پىكەر-تەپەككۇر ئۇپىقىمۇ؟…
چىن سۆزۈمنى ئېيتسام گاڭگىراپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا مۇنداق زورۇقۇپ يۈرۈۋاتقىنىمنى ھەم خۇددى ئۆزۈمدىن يات-يوچۇن ئادەمدەك زادىلا ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم! لېكىن مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بۇ خىل ئەخمىقانە ئىزدىنىشلىرىم ئۆزۈمنىڭ نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىجتىمائىي، تارىخىي، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر ئەلكۈنىنى چۈشىنىشكە، خەلقىمنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قاتلاملىرىنى، ئۇنىڭ ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس ئۆزقۇنۇق (روھىي) زاپىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر خەيرلىك ئىش بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. مۇشۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىم سەۋەبى بىلەن ئۇلۇغ ئاتاق ياكى يېتىلىۋاتقان كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇبارەك نەزەر دېققىتى مۇشۇ ساھەگە ئېتىبار بىلەن تىكىلسە ئەجەب ئەمەس، ئەلھەمدۇلىللاھ! مېنىڭ ئاڭقىرىشىمچە، كەلپىن ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاقسۇدىكى قۇمقۇدۇق، ئۇچتۇرپان، ئاۋات، كاشىغەردىكى مارالبېشى، ئارتىش ۋە ئاقچى قاتارلىق يەرلەر بىلەن مۈرىدىشىپ تۇرسىمۇ، كەلپىنلىكلەرنىڭ جىق تەرەپلىرى ئۇ يەر خەلقىنىڭ سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەپلىرىگە ئومۇمىي مىللىي (ئۇيغۇرلۇق) تەرىپىدىن شەك يوق ۋە مۇتلەق ئوخشىسىمۇ، مەھەللىۋىي تەرەپتىن ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ئاشۇ مىڭلاپ كىلومېتىر ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغان باشلوپ (كورلالوپ)، چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، ئاياغلوپ (خوتەنلوپ) قاتارلىق جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ سېلىشتۇرما تەرەپلىرىگە بەكلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي-كۆركى، تىل شېۋىسى، تەلەپپۇز-ئاھاڭى… قاتارلىق جەھەتلەردە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان (تاشقى) تەرەپتىكى ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان لېكىن ئوچۇق سەزگىلى بولىدىغان بىر مەھكەم ئىچكى باغلىنىش بار ئىدى. مېنى قىزىقتۇرىۋاتقان، يېتەكلەۋاتقان، جوڭقۇرۇۋاتقان باشچى سېزىم دەل مۇشۇ ئىدى! مەن بۇ يەرگە دەل مۇشۇ ئوخشاشلىقنى ئوخشىمىغان تەرەپتىن ئىسپاتلاش ئىستىكىدە كەلگەن ئىدىم.
مەن ئاچالدىن ئايرىلىپ كەلپىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەن ئاخشىمىدىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كېيىنگىچە كەلپىن مەھەللىلىرىنى ئارىلىدىم. دېھقانلار ۋە ئېلىپ-ساتارلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئەڭ مۇھىمى، كەلپىننىڭ پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىدىن ئابدۇساتتار ھامىددىن، سالىھ ئىبراھىم، جەلىل مۇھەممەد قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈشىدە ئۇلار بىلەن يۇرەكلەر ئارقىلىق سۆزلەشتىم، ئۇلاردىن مەن ئۈچۈن يېپيېڭى ۋە تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم ھەم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.
شۇنى خوشاللىق ئىچىدە بىلدىمكى، كەلپىنلىكلەرنىڭ خۇش قىلىق، تۈرگۈن، ئەقىللىق، چېچەن، سۆزمەن، كۈچ-كۈسۈنلۈك، قامەتلىك، ياشاشقا باتۇر بولۇشتەك ئىرۇ-بەلگىلىرىنىڭ باشلوپ، چاقىلىق، چەرچەن، ئاياغلوپ ۋە نىيە ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تىل-شېۋە، تەلەپپۇز-ئاھاڭ، ناخشا-قوشاق…لىرىدىكى تەڭداشلىقىدىن باشقا ئىنتايىن قىممەتلىك كۆزكۆرۈ پاكىتلىق ئوخشاشلىقلار بار ئىكەن.
بۇ ئوخشاشلىقلار مېنى بۇ ئاجايىپ زېمىنغا ۋە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان «كەلپەكلەر» گە تېخىمۇ قىزىقتۇردى. چاقىلىق ۋە باشلوپتا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ ۋە مېنى ئاخىرىدا كەلپىنگە باشلاپ كەلگەن سەزگۈمنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىنى، ھەتتا مۇشۇ سەزگۈمنىڭ مېنى خەقلەرگە ۋە ئۆزۈمگە ئانچىمۇ ئوچۇق ۋە يارقىن مەلۇم بولمىغان، ھەتتا ناتونۇش بىر سىرلىق تارىخىي ھادىسىنى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىرۇ-بەلگىلىرىنى تونۇۋېلىشىمغا ھەيدەك بولغىنىغا ھەمدە ئاشۇ سەزگۈمنىڭ مېنى ئالدىمىغانلىقىغا تولۇقى بىلەن ئىشەندىم! بۇلارنى تۈگەللىسەم تۆۋەندىكىدەك تۈگۈچ بولدى:

-1-
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كەلپىن شېۋىسى ئالاھىدە شېۋە بولۇپ، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھوتەن دىئالېكتىغا پېئىللارنىڭ كەلگۈسى زامان ۋاسىتىچىلىك بايان رايى ۋە پۈتمىگەن سۈپەتداش قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن ئوخشايدۇ. چاقىلىق، بولۇپمۇ چەرچەن شېۋىسى ھوتەن دىئالېكتىغا تەۋە بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن.
كەلپىن شېۋىسىدە: «يەپ تۇرىتۇ»، «ئۇخۇپ تۇرىتۇ»، ھوتەنچىدە: «يەپ تۇيىتۇ»، «ئۇقۇپ تۇيىتۇ» ھوتەن ۋە كەلپىنچىدە «بارىتمەن»، «كېلىتمەن»، «ئۇخلاۋاتىتمەن»، «بارىتمىز»، «كېلىتمىز»، «ساتىتمىز»، «كۆرىتمىز»، «بىرىتۇ»، «كېلىتۇ»، «ئوينايتۇ»، «قىلىتۇ»، «ئىتىتۇ»، «بى (بىر) »، «كى (كىر) »، «يىگىمە (يىگىرمە) »، «تەتۈي (تەتۈر) »، «ئىتتى (ئىتتىر—ئىتتىرگىن) »، «دەييا (دەريا) »، «قىيغاق (قىرغاق) »، «قىغىز (قىرغىز) »، «كۆسەت (كۆرسەت) »، «ئۆدەك (ئۆردەك) »، «قىي (قىر) »، «قىشقىماق (قىچقىرماق) »، «ئەزەن (ئەرزان) » قاتارلىقلار.
باشلوپ شېۋىسى مەلۇم جەھەتلەردە تۇرپان شېۋىسىگە يېقىنراق بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى بىلەن باشلوپ-تۇرپان شېۋىسىمۇ خېلى كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە، مەسەلەن: «ئۇگال (ئۇۋال) »، «زەدىگال (زەدىۋال) »، «سۇگا (سۇۋا) »، «ھاندۇگا (ھاندۇۋا) »، «يۇگاش (يۇۋاش) »، «ھايگانچا (ھاۋانچا) »، «گاخ (ۋاخ) »، «جۇگا (جۇۋا) » … دېگەندەك.
ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرلاپ يىراق يەرلەردە ياشاۋاتقان ئەلكۈنلەرنىڭ ناھايىتى تىرەن كۆك-يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا، شېۋىلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

-2-
كەلپىن شېۋىسىدە «كەلپىن» سۆزى يەنە «كەلۋىن» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر تىلىدا «گ» بىلەن «ۋ» نىڭ، «ت» بىلەن «د» نىڭ، «ر» بىلەن «ز» نىڭ، «د» بىلەن «ي» نىڭ، «چ» بىلەن «ش» نىڭ نۆۋەتلىشىشى تولىمۇ ئادەتتىكى ھادىسە بولۇپ، بۇلار سۆزلەملەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ قولاي، ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئامىللاردۇر. مۇشۇ قانۇنىيەتكە كۆرە «كەلۋىن» نىڭ ئەسلىسىنى «كەلگۈن» دەپ ئەستىرىگە ئۆرۈسەك، ئۇ چاغدا «كەلگۈن» سۆزى خۇددى «سۈرگۈن»، «سۈرگۈنلەر»، «سۈرگۈندىلەر» دېگەندەك «كەلگۈن»، «كەلگۈنلەر»، «كەلگۈندىلەر» دېگەن مەنانى بېرىدۇ. دېمەك پەرىزىمچە «كەلپىن» نىڭ ئەسلىسى «كەلۋىن»، ئۇنىڭ ئەسلىسى «كەلگۈن» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە ھازىرقىدەك يەر-جاي نامى بولماي، ئەكسىچە بۇ يەرگە يىراقتىن «كۆچ-كۆچ» بولۇپ كېلىپ قالغان «كەلگۈن» لەرگە— بىرەر كەلگۈندى ئەلكۈنگە يەرلىك ئۇيغۇر— ئەلكۈن تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولىدۇ. ئۇنداقتا «كەلگۈندى» ئەلكۈن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايلاردا ياشاپ تۇرغان يەرلىك ئەلكۈن بولۇشى كېرەكقۇ؟ خوش، بۇ يەردە يەرلىك ئەلكۈن بارمىدى؟
«كەلۋىن» (كەلگۈن) تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا ئىنتايىن قەدىمىي يۇرت بولۇپ، بۇ يەردە قەدىم-قەدىم زامانلاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدى.
كەلپىن ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بىلىمدار ئابدۇساتتار ھامىددىن ئەپەندى ئاساسلىق قەلەم تەۋرەتكەن، تەھرىرلىگەن ۋە تەرجىمە قىلغان، كەلپىن ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى لىقىئاننىئان، كەلپىن ھاكىمى ئابدۇراھمان ئەشھەد قاتارلىقلار «كىرىش سۆز» يازغان (1992-يىلى نەشىر قىلىنغان) «كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» نىڭ « ئومۇمىي بايان» قىسمىدا «كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق، بۇ يەردە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان (ماددىي تېپىندىلار ئىسپات—ئا)، مىلادىدىن ئىلگىرى غەربكە كۆچكەن بىر قىسىم توخرىيلار، ساكلار ۋە ھۇنلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان» دەپ يېزىلغان. يەنە «شىمالىي ۋەي سۇلالىسىنىڭ جىڭگۇئان3-يىلى (مىلادى522-يىلى) تۈركلەرنىڭ…»، «تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىئانبائو3-يىلى (744-يىلى) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى» دەپ يېزىلغان.
يۇقىرىقى خاتىرىلەرگە كۆرە كەلپىندە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۆزەك بولغان ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. كېيىن (مىلادى 400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە) بۇ يەردە يەرلەشكەن بىرقەدەر چوڭراق ئەلكۈنلەر دەل بىز ھازىر تونۇۋاتقان كەلپىنلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان «كەلگۈندى» ئۇيغۇرلاردۇر. ھازىرقى «كەلۋىن» دېگەن نام ئاشۇ يىراقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولۇپ، كېيىن ئاستا-ئاستا يەر-جاي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

-3-
ئەزەلدىن ئۇيغۇرلاردا لەقەمسىز ئادەم بولمىغىنىدەك، ئادەتتە ھەر يۇرت ئادەملىرىنىڭ ئەل ئىچىگە تارقالغان بىر ئورتاق كۈسەمىشى (لەقىمى) بولىدۇ. بۇ لەقەم شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ بىر خىل ئىرۇ-بەلگىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: «كاۋىچى» (ئاقسۇلۇق)، «بېلىق ئۆپكىسىنى قۇيۇپ يەيدىغانلار» (شەھرىيارلىق)، «مۈشۈكنى پولوغا باسقانلار» (كورلىلىق)، «كالتا قۇيرۇق» (كۇچالىق)، «ئېشەك قېتىقى ئىچكەنلەر» (باي-سايراملىق)، «جاھىل» (خوتەنلىك)، «پوقاق» (ياركەنتلىك)، «ئۇششۇق» (ئاقسۇ ئايكۆللۈك) …ۋەھاكازا.
كەلپى (كەلپىنلىكلەر) نىڭ لەقىمى «ئېزىتقۇ»، يەنى «جىنلار».كەلپىندە ئەل ئىچىدە «كەلپىنلىكلەرنىڭ ئاتىسى ئاتۇشلۇق، ئانىسى جىن» دەيدىغان سەقىم بار ئىكەن. دېمەك، كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ لەقىمى «جىن» بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئىنسان بالىسىنىڭ جىن بىلەن جۈپلىشىشى ياكى جىندىن تۇغۇلۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇنى پەن ئەھلى ۋە ساۋادلىقلارلا ئەمەس، ئادەتتە قارا تۈرك ۋە ئەڭ نادان قارا باش خەلقمۇ ئاغزىدا دېگىنى بىلەن بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ لەقەمنىڭ يەنە باشقىمۇ مەناسى بارمۇ؟
ئادەتتە ئۇيغگۇر تىلىدا «جىن» دېگەن سۆز «ئالۋاستى»، «روھ-ئەرۋاھ» دېگەندىن باشقا «ئاز»، «كىچىككىنە» (جىندەك ساقلاڭ)، «تۇيۇقسىز»، «ئۇشتۇمتۇت» دېگەن مەنادىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىز كەلپىنلىكلەرنىڭ «جىن» دەگەن لەقىمىنى دەل ئاشۇ «ئۇشتۇمتۇت» ۋە «تۇيۇقسىز» دېگەن مەناسى بىلەن قوبۇل قىلىمىز. يەنى بۇ لەقەم ئەسلىدە «جىندەك پەيدا بولۇپ قالدى»، «جىندەك يوقاپ كەتتى» دېگەن، بولۇپمۇ «جىندەك پەيدا بولۇپ قالدى» دېگەن مەنادا كەلپىنلىكلەرگە سىڭگەن.
تارىخىي خاتىرىلەرگە كۆرە، كەلپىندە ئەسلىدىلاتاغ-جىرا، يايلاقلاردا بىر تۈركۈم چارۋىچى (ئاساسلىقى تۆگە، ئۆچكە، قوي باقىدىغان) ئۇيغۇر ئەلكۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. چۈنكى كەلپىن يېرىنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپى بار يەرلىرى بەك ئاز بولۇپ، ئارتۇقچە چارۋىنى بېقىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەلكۈنلەر ئۇيغۇر، ھۇن، ساك، توخرىي (توخار) قاتارلىق ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئىدى. تەخمىنەن مىلادى 400-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بۇ يەردە ئېكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئەلكۈن «جىندەك پەيدا بولۇپ» قالغان. بۇلار دەل چەرچەن تەرەپتىن تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەت، بالاھى-قازا تۈپەيلى يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى. شۇڭا بۇ «كەلگۈنلەر» گە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان ئەسلىي ئۇيغۇر «كەلپەكلەر» «ئېزىتقۇ»، «جىن» دېگەن لەقەمنى سوۋغا قىلغان ۋە بۇ پەقەت كېيىن كۆچۈپ كەلگەن تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن لەقەم. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەلپىندە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەلكۈنلىرىنىڭ ئورتاق ۋە ئومۇمىي لەقىمى بولۇپ قالغان. دېمەك، كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن ( «جىندەك پەيدا بولۇپ قالغان» ) تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلاردۇر.

-4-
كەلپىنلىكلەردە «ئاتا-بوۋىمىز چەرچەن تەرەپتىن كۆچۈپ كەپتىكەن» دېگەن قاراش ھازىرمۇ ئومۇمىييۈزلۈك ماۋجۇد. چوڭلار بالا-چاقىلىرىغا ئاشۇنداق ھېكايە قىلىدۇ.
كەلپىنلىكلەرنىڭ بىر خىل مالخىيى بار ئىكەن. بۇ مالخاينىڭ تىكىلىش نۇسخىسى ۋە گىرۋەك نەقىشلىرى ھازىرقى باسلوپ، چاقىلىق ۋە چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىگىز مالخىيى (ناھايىتى ئاز ئادەملەردە ساقلىنىپ قالغان ) ئوپمۇئوخشاش ئىكەن.
كەلپىننىڭ «قىسىل مازىرى» دەيدىغان بىر قەدىمىي مازىرىدا ئېچىلىپ قالغان بىر گۆر بولۇپ، گۆر تىك تۆتچاسا كولانغان. بۇنداق جەسەت كۆمۈش شەكلى كروران، مىران (مىلان؟)، چاقىلىق…قاتارلىق جايلاردا بايقالغان قەدىمىي جەسەت كۆمۈش شەكلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. يۇقىرىقىلار كەلپىنلىكلەرنىڭ «ئاتا-بوۋىمىز چەرچەندىن كەلگەنىكەن» دېگەن قارىشىنىڭ ماددىي پاكىتلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.

ئۇنداقتا چەرچەن قايەردە؟
قەدىمدىن ئۇيغۇر (غۇر—胡) لار يارىتىپ ياشاپ كەلگەن بىر پۈتۈن كروران ئېلى تارىخىي ماتېرىئاللاردا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 77-يىلىغا كەلگەندە بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى خانلىققا، يەنى كروران ۋە چەرچەن (بۇرۇن پىشامشان، دەپ ئاتالغان) خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبچىسى كروران خاقانىنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش ئىدى. « خەن سۇلالىسى فۇجېزى قاتارلىق خەنجەرۋازلارنى ئەۋەتىپ، كروران خاقانى ئامگوكانى ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە ئامگوكانىڭ ئۆزلىرىدە تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇكىسى ئۇتۇشنى يۆلەپ تەختكە چىقاردى. ئۇتۇش كرورانلىقلاردىن ئەيمىنىپ كرورانغا كىرىشكە پېتىنالماي ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ۋە مىران (مىلان?) بوستانلىقىنى مەركەز قىلىپ، چەرچەن (善鄯) خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا قىزلىرىدىن بىرىگە ئۆيلىنىپ، خەن سۇلالىسىدىن لەشكەر تۇرغۇزۇپ مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۆتۈندى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشىنى قوبۇل قىلدى. مىلادى 1-يۈزيىل (ئەسىر) نىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۈچەيگەن بۇ خانلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن، نىيەلەرنىڭ دائىرىسىنى، مىلادى 3-يۈزيىلغا كەلگەندە پۈتكۈل كروران خانلىقىنى ئۆز ئىدارىسىگە ئېلىپ، تارىم ۋادىسىدىكى كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى». دېمەك، «چەرچەن خانلىقى» ئىلگىرى ئىنتايىن يۈكسەك ئويغار (مەدەنىيەت) ياراتقان قۇدرەتلىك كروران دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى، ئاخىردا بولسا نامى چەرچەن، دەپ ئۆزگەرگەن كروران ئېلىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ ئەل ھەر خىل تەبىئىي ھەم كەرتى (سۈنئىي) ئاپەت ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلى، مىلادى 400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ھالاك بولۇپ، ئاھالىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەتتى. «كۆچ-كۆچ» نىڭ بىر قىسمى تۇرپان، ھازىرقى پىچان، لۈكچۈن، قۇمۇل (قامىل — قامبىل؟) (لوپچۇق — لاپچۇق) ۋە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلىدا گامسى (ھازىرمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار گامسى، دەيدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان گەنسۇ تەرەپلەرگە، يەنە بىر قىسمى بولسا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ ھازىرقى شەھرىيار (شايار)، ئاۋات (غور چۆل— غۇر چۆلى — ئۇيغۇر چۆلى)، مارالبېشى ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق قەشقەر، مەكىت، ياپچان، ياركەنت ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەتتى.
بۇلار دەل تارىختا خۇ-غۇر — سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ ئاۋات (غۇر چۆلى)، بارچۇق…تەرەپلەرگە كۆچكەن كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر كىچىك تارامى (تارمىقى) دۇر.
مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدىمىن دولانلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئۇزاق يىللار تەتقىق قىلىپ، ئاخىردا دولانلارنىڭ قەدىمىي كروران، لوپ، مىران ئېلىدىكى كۆل، ئورمان، چۆللۈكلەر ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زېمىنىدا ياشىغان قەدىمكى لوپ ئاھالىسى— غۇر (胡) ۋەسېرىقۇيغۇرلار دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، كېيىنكى ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە يۈرۈشلەر ھەمدە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبى بىلەن كورلا، ئاقسۇ، بۈگۈر، مەكىت قاتارلىق جايلارغا، قۇمۇلنىڭ نوم— لاپچۇق دېگەن يەرلىرىدىن تارتىپ ياركەنتنىڭ چەت ياقىلىرىغا قەدەر تارقىلىپ، ھازىرقى «دولان» نامى بىلەن ياشاۋاتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئالىمنىڭ بۇ نوپۇزلۇق ئىلمىي يەكۈنى ھازىرقى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى نامىدا ئاتىلىۋارقان ئۇيغۇر ئەلكۈنىنىڭ كۆكى ۋە ئوق يىلتىزىنىڭ كروران ۋادىسىدا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن بىزنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

تۈگەنچ
بىر غەلىتە ۋە سىرلىق سەزگۈگە ئەگىشىپ كەلپىندىن ئىبارەت تارىخچىلار، ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە سەيياھلارنىڭ نەزەرلىرىنىڭ تېشىدا قالغان چەت-ياقا تاغ ئىچىدىكى بۇ ئالقانچىلىك يۇرتقا كېلىپ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈل خوشلىقىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ كۆۋتۈڭى (ۋۇجۇدى) ۋە روھىدىن ئاشۇ بۈيۈك ئويغار-مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۆلمەس روھىنى تېپىۋالدىم. بۇ روھ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈكنى ئۆزەك قىلغان پۈكۈلمەس، سۇنماس ياشاش ئىرادىسى ئىدى! بۇ روھ— ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن تولىمۇ شەپقەتسىز ھەم مۇدھىش تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر بىلەن ئارسلانلارچە ئېلىشىشى، ئاخىردا ھازىر «كەلپىن» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى نەچچىلا بۇلاق سۈيى بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇتقۇزغۇچ زېمىنىگە ئۇلاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈلپەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك ئۇزاق سەپەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسىر – ئەسىرلەردىن ھالقىتىپ، بەرجەس، ساغلام ۋە ئەينى پېتى شەرەپلىك بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان بىر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغۋار روھ ئىدى!
كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپلىگەن تۆزلۈك ( خاراكتېر) خاسلىقى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئەزگۈ ۋە كىشىنىڭ سۆيۈنۈش- ھەۋىسىنى قوزغايدىغان يارقىن تۆزلىكى، ئۇلارنىڭ ئىناقلىق، ئۆملۈك، بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە سۆيۈش تۆزلىكىدۇر. بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغلانى بىلىشكە ۋە ئىنتىلىشكە ھەم ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل خاراكتېر ۋە ئاددىي لېكىن تولىمۇ ئۇلۇغ كۆزكۆرۇ ھەقىيقەتتۇر.
شۈبھىسىزكى، مانا مۇشۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈك ئۆز قونۇقىنى ھەم مانا مۇشۇ ھەقىيقەتنى بايراق قىلغان مىللەت شەرەپ ۋە ماختاشقا لايىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە تالىق، ئۆلمەس، يىتمەس ۋە شەرەپلىك مىللەتتۇر. مەلۇم بولدىكى، كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىز تېخى ئاڭلاپ تۈگىمىگەن، ئاڭقىرىپ پۈتمىگەن، ئۈلگە قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان بىر ئەزگۈ ۋە گۈزەل رىۋايەتتۇر!

2005-يىل فېۋرال، شەھرى ئۈرۈمچى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
پايدىلانمىلار:
غالىب بارات ئەرك: «كروران ۋە كرورانلىقلار»
ئابدۇساتتار ھامىددىن: «كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» ئ
ئىمىن ئەھمەدىي: «دولانلار نەزەرىدىكى باياۋان»
«شىنجاڭ سەنئىتى » جۇرنىلى 2005-يىللىق 1-سان.
مۇھەممەد باغراش (مۇھەممەد ئوسمان باغراش) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئىنكاسلار (1)

  • ئابدۇلقۇددۇس

    خېلە ئەتراپلىق ۋە قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ. ئەجدات تارىخىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىۋالدىم. ئاپتورغا كۆپ رەھمەت. جۈملىدىن بۇ ماقالىنى يوللىغان سىزلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش