• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار قانداق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك؟

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار مۇنداق تۆت خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك:

1. ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى. چەتئەللەرنىڭ ئوقۇش شەكلى بىلەن ئۇسۇلى دۆلىتىمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشسىلا بولىدۇ، ئەمما چەتئەل مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش رولىنىلا ئوينايدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن قېتىرقىنىپ ئۆگنىدىغان، قايسى قىسىملىرىنىڭ موھىم نۇقتا. قايسى مەزمۇنلارنىڭ موھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ چىقىپ، شۇ ئارقىلىق مېغىزلىق مەزمۇنلارنى ئىگىلىيەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2. ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغاندا ئۇچرايدىغان ئەڭ ئوموميۈزلۈك ھادىسە شۇكى، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى ئوخشاشمايدۇ .ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولغان بەزى ئوقۇغۇچىلار بەزىبىر ماددىي ياكى مەنىۋى ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرالماي تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ . شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ھەق ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ئېزىقتۇرۇشلار ئالدىدا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋرەنمەيدىغان بولۇشى كېرەك.

3. ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەش ئىقتىدارى. ناتونوش مۇھىتتا ئادەمدە غىرىپسىنىش ۋە خاتىرجەمسىزلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ .شۇنداقلا بۇنداق يالغۇزلۇق ۋە خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇسى ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن چارچىتىدۇ .بىر قەدەر كۈچلۈك ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن يېڭى مۇھىتقا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغىلى، ئۆزىنى مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆگنىشكە كۆڭلى ئازادە ھالدا كىرىشكىلى بولىدۇ .

4 . ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئىقتىدارى. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ۋە ياشاش ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .ئەمما ئۇلار ۋەتەندىكى ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەشىقلەرنى ئىشلىگەن بولسا، مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغاندا بۇنداق ياشاشنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. ياخشى ياشاش مۇھىتى ۋە ئازادە روھى ھالەت ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنىڭ مەنىۋى كاپالىتىدۇر.

بۇلاردىن باشقا، اتا -ئانىلار يەنە ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنى تولۇق ۋە ئوموميۈزلۈك مۆلچەرلەپ، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان، ئىقتىسادىي يۈكنى ئاشۇرىۋىتىدىغان بەزى ئەھۋاللارغا قارىتا، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلار ئۈچۈن بالدۇرراق يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاپ قويۇش كېرەك.

ئومومەن، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئانچە ئاددىي ئىش ئەمەس، ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياخشى بىر روھى ھالەت بىلەن يۈزلىنىش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ رادىئو ئىستانىسى خەۋەرلەر تورى

بۇ يازما 2,074 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076

ئىنكاسلار (17)

  • ئوبۇلياسن ھامۇت

    سسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ماڭا تۈركىيەدە ئوقۇيدىغانغا تىخنولۇگىيە_قۇرلۇش ئىنجېنىرلىق كەسپى.ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلا،رەھمەت سىلەرگە.

  • زۇلپىقار ئەلى

    ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم. مەن غولجىدا تولۇق ئوتتۇرانى ئوقۇيمەن . ۋەتەندە سىلەرنىڭ تورىڭلارغا بىر ئاماللارنى قىلىپ چىقىمەن ئەمما سىلەر تەۋسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومموتىتى بىلەن ئالاقىلىشالمايمەن. مەن گىرمانىيەدە كۇۋانت فىزىكىسى ئوقۇماقچىتىم ئىنشا ئاللا. ھازىر ئىنگىلىچە ئۈگىنىۋاتىمەن . ماڭاياردەم قىلىپ قانداق چىقىش توغرىسىدا سۈرۈشتۈرۈپ بەرسەڭلار. ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.  

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۇلپىقار ئىنىم،
      مەن گىرمانىيەدىكى ئىنىمىز دوكتور قۇربانجانغا خەت يېزىپ قويدۇم.
      ئىنشا ئاللاھ پات-يېقىندا سىزگە جاۋاپ خەت يېزىشى مۇمكىن.
      ئاللاھ ئىشلىرڭىزنى ئاسان قىلسۇن!

  • ئاينۇر مۇھەممەدئەلى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادىميەسىدىكى بارلىق قېرىنداش ئاكا-ھەدىلەر ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن
    مەن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۇنۈېرىستىتىدىن وقۇشتىن توختىغان.بۇ قېتىم 2013- يىللىق تۈركىيە خاندەلىكى تولۇق كۇرۇستا تىزىملاتتىم .ئايلتىس نەتىجەم بار.ھەر ئىھتىمالغا قارشى تاللانماي قالسام تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا تىزىملىتاي دىگەنتىم،ئىقتىسادى جەھەتتىن چىقىش قىلالامدىم قىلالمامدىم بىلمىدىم ،شۇڭا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشنىڭ چىقىملىرى توغۇرلۇق تولۇقراق چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلار

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، بۇ توغرۇلۇق تەپسىلاتلارنى ئۇيغۇر ئوقۇ تورىغا كېىرىپ سوراڭ، تەپسىلى جاۋاپ شۇيەردە بېرىلىدۇ. http://www.uyguroku.com

  • نۇرئامىنەم

    ھئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن ۋەتەندە ئوقۇپ دولەتلىك دوختۇرخانىدا ئئشلەۋاتقان دۇرىگەر ئىدىم .ئوزۇندىن بۇيان ئورلەپ ئوقۇش ۋە چەتئەلگەچىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.چۇشۇمدىمۇ چەتئەلىك بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ چۇشەيتىم.شۇڭىمىكن بۇرۇندىن باشلاپ مەندە ئاللا خالىسا چۇقۇم چەتئەلدە ئوقۇپ ئىشلەيمەن دەيدغان بىر ئىدئيە كاللامغا سېىڭىپ كەتكەن.شۇڭا نەچچە يىل ئىلگىرې تۇركىچە كېتاپنى سىتۋئلىپ ئۈزۇم ئازراق ئوگەنكەنتىم.بۇرۇنلا شۇنداق بىر ئوتتەك قىزغىلىق بارئىدىكى لىكىن مەن ئوتتورا تىخنكۇمنى پۇتكۇزگەچكە بىلەلىمگەن ئىدئم .شۇنداق تاسادبى پۇرسەتتە بۇ قىتملىك تۇركىيدە ئوقۇش،ئىشلەش ئوقتۇرېشنى تۇردىن كورۈپ قالدىم. 2004يىلى ئوتتۇرا تىخنىكۇمنى پۇتتۇرگەن.ئەگەردا شەرتىم تۇشۇپ قالسا ماگا ياردەم قىلساگلار.ئولۇغ ئاللا ئىشلرئمزنى ئاسان قىلغاې.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

      ئەگەر سىز غايىلىڭىزدە سەمىمى بولسىڭىز مۇنۇ تېمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ.

      تۈركىيەدە دوختۇرلۇقتا ئوقۇش ھەققىدە ئەخمەتجان پولات بىلەن سۆھبەت
      http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3148&fromuid=229

      تۈركىيەدە تىببى ساھەدە مۇتەخەسىسىلىكتە ئوقۇش ۋە دوختۇر بولۇپ ئىشلەش ھەققىدە ئۇچۇر
      http://www.akademiye.org/ug/?p=1776

      ئەگەر باشقا سورايدىغان سۇئالىڭلار بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمغا خەت يازساڭلار بولىدۇ. 7 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمەن.
      ئېلخەت: dr_ahmetcan@hotmail.com
      در.ئەخمەتجان پولات. 2013.03.10 ئىستانبۇل
      ئەخمەتجاننىڭ خىزمىتى ئالدىراش ۋە ۋاقتى قىس بولسىمۇ، تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ ۋاقىت ئاجىرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز.
      ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
      مەنبە: ئۇيغۇر ئوقۇ تورى http://uyguroku.com/?p=964

      ئاللاھ چۈشلىرىڭىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا نېسىپ قىلغاي.

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  • زۇبەيدە

    ا سالام ! مەن ئىستانبۇلغا 4 ئاي ئالدىدا كەلگەن ،ھازىر تۈرۈكچە ئۆگۈنۈۋاتىمەن ، مىنىڭ ئوقۇش تارىخىم سەل مۇرەككەپ لىكىن ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك .

    مەن 2004يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپى ئۈنىۋىرسىتكە كىرگەن ھەم ئالى تېخنىكوم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدە (بەش يىللىق ئوقۇش ) ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74-باشلانغۇچ مەكتەپتە 3يىل ئانا تىل ،خەنزۇچە دەرس بەرگەن . ھەم سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ ئىشلىگەن . لىكىن ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئىش ئورنۇمدىن ئستىپا بىرىپ ئىستانبۇلغا كەلدىم . تۇلۇق كۇرۇستا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار. لىكىن مىنىڭ ئوقۇش تارىخىمنى ئىستانبۇلدىكى ئونۋىرسىتلەر قۇبۇل قىلامدۇ بىلمىدىم . قايمىقىپ قالدىم . ياردەم بەرگەن بولساڭلار . رەھمەت .

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مېنىڭچە قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما دۆلەت بۇرسى يەنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ ئوقۇيمەن دىسىڭىز ياش شەرتى بار.
      مۇمكىن بولسا خاپا بولماي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتىتى بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تۈركىيەدە ئوقۇش ئشلىرىغا شۇلار يېتەكچىلىك قىلىۋاتدىۇ.

      ۈركىيەدە ئۇقۇش ئۈچۈن http://www.turkiyeburslari.gov.tr ئارقىلىق بىرۋاستە ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ.
      بەك چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا http://www.uyguroku.com يەنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتىتى بىلەن بىرۋاستە ئالاقە قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
      تەپسىلى ئالاقە ئۇسۇللىرى:
      ئالاقە قىلىڭ

      ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتى بىلەن ئالاقە قىلىڭ

      ئالاقىلاشقۇچى: كومتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ

      ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090

      يانفون: 5554331836 – 0090

      ئېلخەت: info@uyguroku.com

      uyguroku@gmail.com

      تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق ئاسپرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ!
      http://uyguroku.com/?p=895

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

  • ئابدۇۋاھاپ ئابدۇرەيىم

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئونۋېرىستىتتنىڭ گىولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنىت بولىمىەن، ئۇزۇندىن بېرى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان،تور بېتىڭلاردىن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېگە بولدۇم.لىكن ھازىر دۆلەت ئىچىدە نۇرمال ئۇسۇلدا تور بېتڭلارنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ (پەقەت ئالاھىدە ئۇسۇللار بىلەن ئانچە-مۇنچە چىققىلى بولىدۇ ) شۇڭا سىلەرنىڭ مۇمكىن بولسا ئېلخەت ئادىرسىڭلار بىلەن تەمىنلەپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا ئۇقالماي قالغان بەزى بىر پۇرسەت ،ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ،ھەم شۇ توغۇرلۇق مۇۋاپىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن! جانابى ئاللاھتىن سىلەرنىڭ ، ھەم ۋەتەن سىرتىدىكى باشقا ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى،ئىشلىرىنڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن!

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابدۇۋاھاپ قېرىندىشىم، بىزگە ئىشەنگەنلىكىڭىز ۋە قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.
      ئېلخەت ئادرىسىمىز : uyghuracademy@gmail.com & info@uyghuracademy.org ئارقىلىق ئالاقە قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
      تۈركىيەدە ئۇقۇش ئۈچۈن http://www.turkiyeburslari.gov.tr ئارقىلىق بىرۋاستە ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ.
      بەك چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا http://www.uyguroku.com يەنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتىتى بىلەن بىرۋاستە ئالاقە قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
      تەپسىلى ئالاقە ئۇسۇللىرى:
      ئالاقە قىلىڭ

      ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتى بىلەن ئالاقە قىلىڭ

      ئالاقىلاشقۇچى: كومتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ

      ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090

      يانفون: 5554331836 – 0090

      ئېلخەت: info@uyguroku.com

      uyguroku@gmail.com

      تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق ئاسپرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ!
      http://uyguroku.com/?p=895

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

  • مۇرات ئابدۇغەنى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن اللا خالىسا بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى فىزىكا فاكۇلتىتىنى پۇتتۈرىمەن. مىنىڭ GRE  general ۋە GREsubjectنەتىجەم بار. GPA نۇمۇرۇم 3 تىن تۆۋەن ئەمەس، لېكىن TOEFLنى ئەمدى بەرمەكچى. ھازىر ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان ياخشىراق مەكتەپلەر بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  • سەكىنە فىردون

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!مەن شىنجاڭ ئۇنېۋرىستىتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قانۇن كەسپى 2008-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىى . خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىل 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن.مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇلۇرۇم ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ قوللىشى بىلەن ۋېنگىريەدىكى پېچ ئۇنېۋىرىستىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇماقچى بولۇۋاتىمەن.ئىنشائاللاھ.

    ئىنگىلىزچە سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى شۇنىڭ بىلەن بىرگەۋاقىتتىن ئۇتۇش يەنى ۋاقىتنڭ يەنىمۇ كەينىگە سۆرۈلۈپ ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىينكى خىلمۇخىل رېئاللىقلارنىڭ ئالدىمنى توسۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن بۇ مەكتەپنى تاللىغان.شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادىمىيسىدىكى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ بۇ دۆلەت،مەكتەپ.كەسپ ھەمدەچىققاندىن كىيىنكى ئوقۇش.ئىش پۇرسىتى،ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش جەھەتلەردە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن…رەھمەت.ئامان بولۇڭلار!!!

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم،سىزگە پات يېقىندا مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

    • سەكىنە فىردون

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !كۆپ رەھمەت…بەكمۇ خۇش بولدۇم!جاۋابىڭلارنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن…

      سەكىنە

  • ئابلاجان

    رەخمەت

ئۈستىگە قايتىش