ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى

(ئەختەم ئۆمەر)

    ئۇلۇغ ئاللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، ھۆكۈما، مۇنەججىم، پەيلاسوپ، سەركەردە، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار توغقان. مەيلى قانداق ئېرىق، قايسى دىن، قىتئە، قەبىلە، مىللەتتىن بولسۇن، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى-ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يېتىشتى. ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. بۇيەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن. قىسقىسى بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددى ھەم ئاز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. بىزدىن پادىشاھ، ئەۋلىيا، ئالىم، داھى ئەڭ ئاز چىقتى. قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار توغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ توغدى. ھاراقكەش، بەڭگى، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور، قەلەندەر، قىمارۋاز، ساراڭ، غالچا، خۇمسا، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەمبال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق توغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دېسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن لىق قاپلاندى.
ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر، قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھى، پەيلاسوپ دېگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئاز توغدى. پەيغەمبەر، ئەۋلىيا تۇغمىغىلى قانچە يۈز يىللار بولدىكىن، بۇنى ھېسابلاش تەس. بۇيەردە ئۇرۇق ياخشى بولۇپ يەر ناچار بولسىمۇ، بىز بولۇپ توغۇلدۇق. يەر ياخشى بۇلۇپ ئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ، يەنە شۇ بىز بولۇپ توغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، يەرمۇ ناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش سۈپەتسىز، ئەخلەتسىمان ئادەملەر توغۇلۇپ، خارۇ-زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز.
دادىمىز ھاراقكەشلىك، بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈۋېدى، بىز خۇددى شۇلار بۇلۇپ يېتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېتىلدۈرۈدىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرىشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ، ئايرۇپىلاندا ئۇچساقمۇ، سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كىيىم ئۆزگەرگەن بىلەن، كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامېرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇل ھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ، يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز. يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇ ياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ توغالىساق، قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساق تېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ، شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز، قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەر قانداق يەر؟ ياخشى يەر. ئەمما ئۆزىمىز ياخشى ئادەملەر بولمىغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز، ياخشى بولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلىك بۇلىۋاتقان تۇپراقتا، يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بۇلۇپ توغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي، تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشاۋاتمامدۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەن يېرىمۇ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ توغۇلۇش نۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كىرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارىلىقىدىكى پاجىئەيىمىز. بۇ بىزنىڭ توغۇلۇش مىنۇتىدا باشلانغان خاتالىقىمىز. بىزنىڭ بۇيەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىز بىزنى تۇغقان ئانىلار مەسىلىسى. ئەسلى بىزنى تۇغقان، تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت، ساپاسى مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى. ئەگەر ئۇرۇق ناچار بۇلۇپ يەر ياخشى بولسا، يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ، ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يېتىشتۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ، يەر ناچار بولسا، بۇيەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ بىر قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپ تۈگىشىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت-ساپاسىزلىقى، ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران، ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشچان، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپ سۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە.
ئانا — ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يىتەكچى قىلىپ تاللانغان. ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەربىيىسى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ئانا تەربىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى : يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ بارلىق تاپقان-تەرگىنى بالا تەربىيىسىگە سەرپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ تەربىيىلەيدىغىنى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر. يەھۇدىيلار ئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيىلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالى مەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەنلىرى دوكتورلۇققىچە ئوقۇتىدۇ. ئوغۇللىرىغا ئاساسلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە، سودا-ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ ھەمدە ھۈنەر، كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ. «سىلەر نىمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغاندا قىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسىلەر؟» دېگەن سۇئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئۆستۈرۈپ، تەربىيىلەيدىغان ئانا. ئوغۇل بالا بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن تالا ئادىمى قىلىپ يارىتىلغان. ئوغۇل بالا ئائىلە ئىشلىرىدا قىز بالىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ. مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنى توغرا تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا ساۋاتسىز، تەربىيىسىز، سۈپەتسىز بولسا، بۇ ئائىلىدىن ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقتىدارلىق، سۈپەتلىك، ئادەم چىقمايدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يۇقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچە مىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ. سۈپەتلىك تەربىيىلىنىپ يېتىلىپ چىقمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا، شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتى شۇنچىلىك بۇلىدۇ. سۈپەتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ.» مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق، غورۇر، ۋىجدان قانۇنى. ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدا ئۆلۈپ كېتىشكە رازى. ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن: بىرى، قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللار ئەخلاقى، دۇنيا بىلىملىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى بىلىملەر بىلەن تۇلۇق تەربىيىلەش. يەنە بىرى، بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئېمىتىش. يەھۇدىيلاردا بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئېمىتمىگەن ئانا لەنەت-نەپرەتكە ئۇچرايدۇ، كەمسىتىلىدۇ، ھاقارەتلىنىدۇ، جەمئىيەت تەرىپىدىن، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتمەسلىككى رازى ئەمەس. ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن توغۇلغان بالىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچە يۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بۇلۇپ يۈردى. ئەمما بارغانلا يەرنىڭ ئىقتىساد، سانائەت، بازار، سىياسى، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەققە ياللانغان مەدىكار بۇلۇپ تۇرۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالالىدى. ھازىرمۇ ئىلىم-پەن شۇلارنىڭ قولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا، سانائەت، كەشپىيات، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭ قولىدا.
دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى، دۇنياۋى ئۆزگۈرۈشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى.
500 مىليۇنغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليۇن يەھۇدىلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كىلىدىغان ئادەم دېگەننىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار. ئالىي سۈپەت ئانا، ئالىي نەسەپلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر، ئالىم، ئەۋلىيا، دانىشمەنلەرنى تاللىدى. شۇڭلاشقا، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى. مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى. ئەمدى بىز قىزلىرىمىنى قانچىلىك تەربىيىلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز «قىز بالا تالاغا كېتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قارايمىز. بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىمىزمۇ؟ بىزنىڭ خەق دېگىنىمىز كىم؟ دەل ئۆزىمىز. بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىپ باقمىدۇق. يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئىتەلىگۈدەك، ئانىسىدەك ئوسما قۇيالىغۇدەك، ياسىنالىغۇدەك، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يېقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق. بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن توغۇلغانلار. ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا، ھېچنىمىنى بىلمىسە، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە، بىزدەك بالىلىرىنى نېمىسى بىلەن تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ؟ دېمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن توغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋادىمىز بولماقچى؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى؟ ئانىمىز ساۋاتسىز، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا، يا گۆش ئەمەس، يا ماي ئەمەس، بەز بۇلۇپ قالمىدۇقمۇ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى توغقان، بالىلىرىمىزنى توغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى، ئۇلار كوتۇلداپ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دېگەن ئاددىي سىزىققا كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ. ھەرقانداق ئالىم، داھىي، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركۈرەپ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ. بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بۇلۇپ، توي-تۆكۈن، باردى-كەلدى، چاي، ئولتۇرۇش-قوپۇش، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى، قىسقىسى بارلىق بۇلار-بولماس، تەتۈر چۈشەك، چىرماق ئادەتلەرنى بەس-بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان-تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن. بىز مانا شۇلاردىن توغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ، راست ئالىم چىقمايدۇ. غالچا چىقىدۇ، پادىشاھ چىقمايدۇ. ساتقىن-مۇناپىق جىق چىقىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ. كالۋا-ھاڭۋاقتى جىق چىقىدۇ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ. ھاراقكەش، بەڭگى، قىمارۋاز جىق چىقىدۇ، دىيانەتلىك، دۇرۇس، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ. ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز. مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى. بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى، تۈزۈك ئوقۇتماي، تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى.
خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئۆستۈرمىگۈچە، بىزنىڭ سۈپەت-ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆسمەيدۇ. چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز. بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن-قىزلار يېتىشىپ چىقىدىكەن، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە، بىز ئاندىن ئادەم بۇلۇپ يېتىلىمىز.
سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر توغۇلىدۇ.
بۈگۈنكى قەلەندەر، بەڭگى، ھاشارچى، مەدىكار، ھاراقكەش، ھارامتاماق، بىكارچى ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلى ھەم دىققەت قىلايلىكى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتور بولغان بارلىق ياپون خوتۇن-قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىدىن چىكىنىپ، ئائىلىگە قايتىشى ئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بۇلۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنى توغۇپ، تەربىيىلەش ئۈچۈندۇر. ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پاكار، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل، ئاقىل، كۈچلۈك، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ، ئەڭ ئېسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا، تەربىيلەشكە يۈزلىنىپ، ياۋرۇپا ئېرقىدىكى سۈپەتلىك ياپونلارنى توغدى ھەم يېتىلدۈردى. مىللەتنىڭ سۈپەت-ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاق ۋە غورۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى. مانا بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتىنىڭ بېسپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىنىڭ بىرى.
بىزدىمۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدىكەن، بۈگۈنكىدەك بەڭگى بىلەن ھاراقكەش توغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ. ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن، بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار توغۇلىدۇكى، بىرمۇ ئاتا سۈپەت ئادەم توغۇلمايدۇ!!!

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1186

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش