You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بۇددىزم

قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بۇددىزم

نۇرمۇھەممەت توختى كۈنەستېكىن

مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، بۇددىزمنىڭ قەدىمكى قوچۇ رايونىغا تارقىلىشى ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى؛ بۇددىزم

1. بۇددىزمنىڭ قەدىمكى قوچۇ رايونىغا تارقىلىشى

«قوچۇ» (高昌) دېگەن نام غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. شۇ دەۋردە ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەر ھازىرقى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان، سىڭگىم ئېغىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاستانە بىلەن قاراغوجا ئارىلىقىغا جايلاشقان قەدىمكى شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنى «قوچۇ» دەپ ئاتاشقان. چۈنكى، بۇ جايدا ئىلگىرى «قوچۇ» دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز قەلئە بار ئىدى. خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە قوچۇ «火州»، «哈喇霍州» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.

مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە: «قوچۇ ـ ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ ئېتى. بەزىدە ئۇ يەرلەردىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنام بىلەن ئاتىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. قوچۇ ـــ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئىدىقۇت» تۇرىدىغان جاي دېمەكتۇر. گېرمانىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس گابائىن خانىم: «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى‹ئىدىقۇت›دېگەن ئىككىنچى نامىنىمۇ قوللانغان. بۇ سۆز‹idug-gut›دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ،‹بەخت›دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. مەھمۇد كاشغەرىي‹ئىدىقۇت›دېگەن نامنىڭ باسمىل قەبىلىسىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان» دەپ يازىدۇ. ئېلىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «تارىخنامە» ۋە «خەننامە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرلەردىلا، تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان قۇسلار قۇس خانلىقىنى قۇرغان. كېيىن تۇرپان ئويمانلىقىغا ھۇنلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كېيىن قۇس خانلىقى ئالدى قۇس ۋە ئارقا قۇستىن ئىبارەت ئىككى قىسىمىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئالدى قۇس تۇرپان ئويمانلىقىغا، ئارقا قۇس تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بېشبالىق ئەتراپلىرىغا جايلاشقان. «ۋېينامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «قوچۇ خانلىقى خەن دەۋرىدىكى ئالدى قۇس خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جاي ئىدى. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت دورغاچى ۋە ۋۇجى چېرىكچى بەگلىرى مۇشۇ جايدا تۇرغان. جىن سۇلالىسى بۇ جايدا قوچۇ ۋىلايىتىنى تەسىس قىلغان. جاڭ گۈي، لۈي گۇاڭ، جۇرچى مەنسۇن قاتارلىقلار خېشى كارىدورىنى ئىگىلىۋالغان مەزگىلدە، ھەممىسىلا بۇ جايغا ۋالىي تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 444- يىلى قۇملۇق (گوبى)نىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ــ جۇرجانلارنىڭ تەسىر كۈچى غەربكە سۈرۈلۈپ، تەڭرتاغنىڭ جەنوبى ۋە شىمالىغا يېتىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن كەن بۇجۇ (阚伯周) قوچۇغا پادىشاھ بولغان،‹قوچۇ خانى›دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چاغدىن باشلانغان. كېيىن قوچۇنىڭ ھۆكۈمرانى ئۈچ قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما كۈ (جيا) جەمەتى (麹氏) قوچۇدا 140 يىل (500 ~ 640) ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تاكى سۈي-تاڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، قوچۇ ئۇلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. 640- يىلى كۈ جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتى غەربىي تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ تاڭ ئوردىسىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، تاڭ تەيزۇڭ چوڭ سانغۇن خۇ جۈنجىنى قوچۇغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، كۈ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ،‹غەربىي ئايماق تۇتۇق مەھكىمىسى›(西州都督府) نى تەسسىس قىلغان. ئۇنىڭ قارمىقىدا بەش ناھىيە ـــ ئالدى قۇس، يارغۇل، پىچان، توقسۇن، لۈكچۈن ناھىيەلىرى تەسىس قىلىنغان» دەپ خاتىرىلەنگەن.

قەدىمكى قوچۇ رايونىنى مەركەز قىلغان شەرقىي شىنجاڭ رايونى ــ بۇددىزم مەدەنىيىتى كەڭ ئومۇملاشقان ۋە تەسىرى ئۇزاق ساقلانغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇددىزم مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن بىللە گۈللەنگەن ۋە ئۆزئارا تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. قوچۇنى مەركەز قىلغان شەرقىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېتنولوگىيەلىك تەرەققىياتىنى پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلىدۇ:

بىرىنچى باسقۇچ، قۇش (گۇشى)- خۇجيە قەبىلىلىرىنىڭ ساك، چاڭ، توخرى، ھۇن قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، قەدىمكى تۇرپان- قۇمۇل ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىشى؛ ئىككىنچى باسقۇچ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ تېلى ــ توققۇز ئوغۇز، جۈملىدىن قارلۇق، ياغما قەبىلىلىرى، قىسمەن سوغدى (كاڭ) قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالىي-جەنۇبىي سۇلالىلار دەۋرىدە كۆك تۈرك ھاكىمىيىتىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەسكرىي كۈچىنى غۇلىتىشقا يېتەرلىك ئۇيغۇر توققۇز ئوغۇز خەلقلىرى بولۇپ شەكىللىنىشى؛ ئۈچىنچى باسقۇچ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئادئېز، قارلۇق قاتارلىق ئۇيغۇر-ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ يۆتكىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قوچۇ (ئىدىقۇت)، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى قۇرۇپ، ئىلگىرى كۆچۈپ كەلگەن توققۇز ئوغۇز ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇل سېلىشى.

بۇددىزمنىڭ قوچۇ رايونىغا قاچان تارقىلىپ كىرگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىز بىلىدىغان ئەڭ بالدۇرقى تارىخىي مەنبە ـــ «ئۈچ ئاغلىق نوم خاتىرىلىرى» بولۇپ، ئۇنىڭ 8- جىلدىدا، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى جەنيۈەننىڭ 18- يىلى (مىلادىيە 382- يىلى) ئالدى قۇس بەگلىكى خانى مىدى (弥弟) ئالدىنقى چىن سۇلالىسى پادىشاھى فۇجيەن (苻坚) بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ سانسكرىت تىلىدىكى «مەھاپىرە جنا پارامىتا سۇترە» (大般若经،Maha prajnapar mita sutra) نى سوۋغا قىلغانلىقى، كومرا باھادىر (Kumra bahadra،鸠摩罗跋提注)نىڭ بۇددىزم ئىلمى بويىچە دۆلەت ئۇستازى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن (ئىزاھ ئېلىنسۇن). ياپونىيەلىك خاتانى لياۋدىي ئەپەندىمۇ مۇشۇ خاتىرىگە ئاساسەن، «ئەينى دەۋردە ئالدى قۇستا ماھايانا مەزھىپى تارقالغان»دەپ خۇلاسە چىقارغان. لېكىن، بۇددىزم قوچۇ رايونىغا مىلادىيە 382- يىلىدىن بۇرۇن تارقالغاندەك قىلىدۇ. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى ئاساس شۇكى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تۇيۇقتىكى تاشكېمىرلەرنى كاربون 14 (C14) ئانالىزى ئارقىلىق ئۆلچەپ، ئۇلارنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتتى. 20- نومۇرلۇق تاشكېمىر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە ئانالىزىدا، ئۇنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيە 240- يىلى (240-80+120) قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سەل بالدۇر بولۇپ قالغان. ئەگەر مىلادىيە 240- يىلىغا يەنە 120 يىللىق پەرقنى قوشساق، مىلادىيە 360- يىلى بولۇپ چىقىدۇ. لىۋ خۇڭلياڭ مۇشۇ تەجرىبىگە ئاساسەن، بۇددىزمنىڭ قوچۇ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەن ۋاقتى «مىلادىيە 3- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 3- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ، تاشكېمىرلەرنىڭ قېزىلىشى بەلكىم ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك بولۇشى مۇمكىن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان. «ئۈچ ئاغلىق نوم خاتىرىلىرى» 2- جىلدىدا: «شىمالىي لياڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇجۈي جىڭسىڭ (诅渠京声)‹قوچۇدا مايترىنىڭ تۇغۇلمىقى نومى› (观弥勤菩萨下生经) بىلەن «شەپقەتكار بۇدساتۋا» (观世音观经) نىڭ ھەرئىككىلىسىدىن بىر جىلددىن تەرجىمە قىلغانىدى» (ئىزاھ ئېلىنسۇن) دېيىلگەن. خاتانى لياۋدىينىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە قوچۇدىن يېتىشىپ چىققان بۇددا ئۆلىمالىرىدىن فا شېڭ (法盛)، فا لاڭ (法朗)، شىڭ زۇن (僧遵)، فا شۇي، جى لىن قاتارلىق ئالىي راھىبلار ئۆتكەن. «مۆتىۋەر راھىبلار تەزكىرىسى» (高僧传)دە: «‹نوملار شەرھىيسى›(一切经音义) ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان خۇي لىن (释慧琳) قوچۇلۇق ئىدى» ((ئىزاھ ئېلىنسۇن)) دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئۈچ ئاغلىق نوملار خاتىرىسى»نىڭ 9- جىلدىغا كىرگۈزۈلگەن «ئەقىللىق ۋە نادانلىق ھەققىدىكى سۇترا» (贤愚经)دا: «لياڭجۇ (خېشىدا)لۇق سىرامان تەنشۆ (县学) ۋە ۋېي دي قاتارلىق سەككىز راھىب ئۇدۇندا بۇددا دىنىنىڭ ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى مەزھەپتىكىلەرنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، مىلادىيە 445- يىلى قوچۇغا كېلىپ ئۇدۇندا ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرى ئاساسىدا‹ئاقىللىق ۋە نادانلىق ھەققىدىكى سۇترا›نى يېزىپ چىققان» (ئىزاھ ئېلىنسۇن) دېيىلگەن.

بۇ دەۋردىكى قوچۇ ھۆكۈمرانلىرى بۇددىزمنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئىلھام بەرگەن. ھۇن نەسلىدىن بولغان جۇرجى ئەنجو (443 ~ 450) قوچۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، بۇددىزم بىناكارلىقى گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قوغان. ئۇ دەسلەپتە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان «قوچۇنىڭ جۇغراپىيەلىك نومى» (西州图经)دا «دىڭگۇكۇ» (丁谷窟) دەپ خاتىرىلەنگەن تۇيۇق تاشكېمىرلىرىنى بىنا قىلغان. قوچۇ قەسىرىگە بىھارا سالدۇرۇپ، خاتىرە تېشى ئورناتقۇزغان ۋە «بۇددا ئېيتقان بۇدساتۋالىق سۇترىسى» (佛说菩萨经) نى كۆچۈرتكۈزگەن. ئىدىقۇت شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان «承平三年(公元445年)沮渠安周造寺功德碑» بىلەن تۇيۇقتىن تېپىلغان «岁在癸丑(公元449年)凉王大沮渠安周所供养经» نىڭ قول يازمىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ مەزگىلدە قوچۇلۇق ئالىي راھىب فا خۇي (法惠) كۈسەندە بۇددا ئىلمى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، قوچۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى كېڭەيتكەن.

قىسقىسى، كۈ (جيا) جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قوچۇ خانلىقى پادىشاھلىرى بۇددىزمنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇنى 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن قوچۇدىكى ھىنايانا ئالىي راھىبى خۇي سۇڭ (慧崇) نىڭ ئىش- ئىزلىرىدىنمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. گېرمانىيەلىك A. گرۇنۋېدېل 1902-، -1903 يىللىرى گېرمانىيە 1- قېتىملىق تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ كېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىدىقۇت شەھىرى ئەتراپىدىن سانسكرىت تىلىدىكى 11 قىسىملىق «ئارىلاش ئاگەمە سۇترا» (杂阿念经) سىنى تاپقان. بۇ، قوچۇدا ھىنايانا مەزھىپىنىڭمۇ تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇددىزم كۈ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قوچۇ خانلىقى دەۋر سۈرگەن 140 يىلدا ئىزچىل تۈردە قوچۇ خان جەمەتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1911- يىلى تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان «كۈبىننىڭ ساڭرام سالغانلىقى توغرىسىدىكى ئابدە» (麹斌造寺碑)نىڭ ئۆزىلا بۇددىزىمنىڭ قوچۇ خان جەمەتىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ ئىنكاسىدۇر. بۇ خاتىرە تېشىنىڭ ئورنىتىلىشى، كۈبىننىڭ ساڭرام سالدۇرغانلىق تۆھپىسىنىڭ خاتىرىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ بۇددىزمغا بولغان ئىخلاسىنىڭ ئىنكاسىدۇر. شۇڭا، بۇ خاتىر تېشى بىزنىڭ بۇددىزمنىڭ قوچۇ پادىشاھلىق قەسىرىدىكى ئورنىنى ئىگىلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ئىبادەتخانا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بۇددىزمنىڭ قوچۇ خانلىقى جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇملاشقانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۇرپاندىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوچۇ خانلىقىدا جەمئىي 40 ئورۇندا بۇددا ئىبادەتخانىسى سېلىنغان بۇ، ئەينى دەۋردىكى قوچۇدا بۇددىزمنىڭ ناھايىتى گۈللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەزگىلدە قوچۇدا ھىنايانا مەزھىپى گۈللەنگەن. ھىنايانا ئالىي راھىبى خۇي سىڭدىن باشقا يەنە كۈبايار (چۇبويا)، (麹伯雅) سۈي سۇلالىسى دايېنىڭ 5- يىلى (مىلادىيە 609- يىلى) تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇددا دىنى بويىچە خانلىق ئۇستازى خۇي چىننى تەكلىپ قىلىپ «ئالتۇن يارۇق» (金光明经) نى كۆچۈرگۈزگەن. 618- يىلى چۇر ۋېنتاي (麹文泰) ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خان بولغان. قوچۇنىڭ بۇددىزم تارىخىدا، جۇ رۋېنتاينىڭ بۇددىزمغا بولغان پوزىتسىيەسى كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدۇ. مەشھۇر ئاچارى شۈەنزاڭ قوچۇغا كەلگەندە، جۇر ۋېنتاي ئىۋېرغول بېگىنى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلار شۈەنزاڭنى قوچۇ شەھىرىگە ئېلىپ كىرگەندە، خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالىدۇ. جۇر ۋېنتاي شۈەنزاڭنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ئۇنى ئەنجۇ ۋاقتىدا ياسالغان خانلىق قەسىر بىھارىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. چۇر ۋېنتاي شۈەنزاڭنى دۆلەت ئۇستازى ئورنىدا ھۆرمەتلەپ ماڭغۇزماي تۇتۇپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغاچقا، خان بىلەن قېرىشىپ قالىدۇ، كېيىن ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقتىن، خان ئۇنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۇر ۋېنتاي شۈەنزڭغا ھەمرا بولىدىغان ئادەم ۋە ئات-ئۇلاغلارنى بەرگەندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە پۇل-پىچەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۈەنزاڭنىڭ غەربكە نوم ئەكىلىش سەپىرىدە باشقا ئەللەرگىمۇ بېرىشى ئۈچۈن، تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىدۇ. چۈنكى، چۇر ۋېنتاي خان جەمەتىنىڭ غەربىي يۇتتىكى بەزى خان جەمەتلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، غەربىي تۈرك يابغۇسى بىلەن قۇدا-باجا ئىدى.

كۈ جەمەتى قۇرغان قوچۇ خانلىقى دەۋرىدە، قوچۇ شەھىرى تازا گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇ شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتناش تۈگۈنىدىكى مەشھۇر بۇددىستلار شەھىرىگە ئايلانغان، شەھەر ئىچىدە ھەيۋەتلىك بۇددىزم ئىمارەتلىرى بار ئىدى. تاڭ سۇلالىسى شىجۇ ئايمىقىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر شىجۇ ئايمىقىنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ شەھەرنىڭ دائىرىسى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ئىچكى شەھەر، تاشقى شەھەر ۋە ئوردىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسمىغا بۆلۈنگەن. ئوردا شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، ئىچكى شەھەر ئوردىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان. تاشقى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبىدا كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئىبادەتخانا ۋە سودا-سانائەت رايونى بار ئىدى. شەھەر ئىستىھكامنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە بىر بۇددا سۇتۇبا (مۇنار)سى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلەتتى. شەھەر ئىچىدە بۇددا ساڭرامى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلەتتى. ساڭرامنىڭ دەرۋازىسى، تىلاۋەت مەيدانى بار ئىدى، ساڭرامدىكى سۇتۇبا، بۇتخانىلاردا رەڭدار قىلىپ نەپىس سىزىلغان رەسىملەر، رەڭلىك ھەيكەللەر بار ئىدى. بۇ ساڭرام ئەينى دەۋردە ئالتۇن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانا ئىدى.

2. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بۇددىزم

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە ياشىغان زېمىنى بۈگۈنكى سېلىنگا دەرياسى بىلەن ئورخۇن دەرياسى بويلىرى، يەنە بىر تارمىقى ئىۋېرغول (ھازىرقى قۇمۇل) نىڭ غەرب تەرىپىدە، ئاگنىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدە چارۋىچىلق بىلەن شۇغۇللانغان 7- ئەسىردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شىمالىي قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ، لياڭجۇ دېگەن جايلارغا كۆچۈپ كەلگەن. ئالدىنقىسى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، كېيىنكىسى يەنە قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.

«شىمالىي چى بەگلىكى تارىخى. قۇغۇرسۇ جياڭجۈننىڭ تەرجىمىھالى» (12- جىلد) دىمۇ: «دەي بەگىلىكىدىكى ليۇ شچېڭ ئەينى چاغدا يات قوۋملارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم ئىدى. شۇڭا، پادىشاھ ئۇنىڭغا‹نېرۋانە سۇترا›نى تەرجىمە قىلىپ، تۈركلەرگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى بۇيرىدى» (ئىزاھ ئېلىنسۇن) دېيىلگەن. دېمەك، بۇ مەزگىلىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددىزمى تۈركلەر ئارىسىغا تارقىلىپلا قالماستىن، يەنە «نېرۋانە سۇترا» مۇ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. كېيىن يەنە قەندىھار بەگلىكىنىڭ راھىبى جىنەن گۇپتا (527 ~ 604- يىللار) شىمالىي جۇ بەگلىكىدىن يۇرتىغا قايتماقچى بولۇپ، تۈرك خانلىقىغا كەلگەندە، تاسپار قاغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈرك خانلىقىدا 10 نەچچە يىل تۇرۇپ قېلىپ، بۇددىزم تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىلدە يەنە شىمالىي چى بەگلىكىدىن باۋيۈن،تۈرك خانلىقى (552 ~ 744- يىللار) ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، ئۇيغۇرلار تۈركلەرگە قارام بولغان. شۇڭا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان ۋاقتى توغرىسىدا توختالغاندا، تۈركلەرنىڭ بۇددىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي جەريانغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. تۈركلەر تاسپار قاغان دەۋرى (مىلادىيە 572 ~581- يىللار) دىلا بۇددىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە ئېلىمىز تارىخىي ماتېرىياللىرىدا مەلۇمات بار. مەسىلەن، «سۈينامە. تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»دە: «شىمالىي چى پادىشاھلىقىدىن خۇي لىن (慧琳) ئىسىملىك بىر راھىب تۈركلەر رايونىغا بۇلاپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ تاسپار قاغانغا: ‹شىمالىي چى بەگلىكىنىڭ كۈچلۈك ۋە باياشات بولۇشى بۇددا قانۇنىنىڭ بولغانلىقىدىن› دېگەن. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭغا بۇددىزمنىڭ سەۋەب-نەتىجە قىسمىتى ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلغان. نەتىجىدە تاسپار قاغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى سالدۇرۇپ، شىمالىي چى بەگلىكىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. ئەلچى ‹بۇدساتۋا سۇترا›، ‹نىرۋانە سۇترا›، ‹ۋەتەمسەكە سۇترا› قاتارلىق بۇددا نوملىرى ۋە ‹ئون تۈرلۈك ئەمرىمەرۇپ› (sarvastivadavinaya، 十诵律) نى ئېلىپ قايتقان. تاسپار قاغان شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەرز تۇتۇپ، بۇددا مۇنارىنى ئايلىنىدىغان بولغان. تاسپار قاغان دىيانەت يولىدا ماڭغاچقا، ئىچكىرى جايلارغا ئاداۋەت قىلمايدىغان بولدى» (ئىزاھ ئېلىنسۇن) دېيىلگەن. شۇ قېتىم تاسپار قاغان خۇي لىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خۇي لىن: «تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەسلىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقانىدى» دېگەن. ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ليۇ زشياۋ ئەپەندى خۇي لىن توغرىسىدا توختىلىپ: «خۇي لىن (736 ~803- يىللار) قەشقەرلىك ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ بۇددا دىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى توغرىسىدىكى ئىلىمى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى، ئۇ يازغان ‹بۇددا ئىبارىلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىلىرى› ناملىق ئەسىرى ئېلىمىز بويىچە بۇددا دىنى ۋە قەدىمكى خەنزۇ تىلىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەتتا چاۋشيەن ۋە ياپونىيەلەرگىمۇ تارقالغان»② دېگەنىدى.

داسۈي، سىڭ تيەن قاتارلىق 11 نەپەر راھىب مىلادىيە 575- يىلى ھىندىستانغا بېرىپ سانسكرىتچە نوم-بىتىكلەردىن 260 قىسمىنى ئېلىپ تۈرك خانلىقىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار تۈرك خانلىقىغا كەلگەندىن كېيىن، شىمالىي جۇ بەگلىكىنىڭ شىمالىي چى بەگلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۈرك خانلىقىدا ۋاقتىنچە تۇرۇپ قالغان. شۇڭا، ئۇلار جىنەن گۇپتا بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن نوملارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە رەتلەپ چىققان. كېيىن سۈي بەگلىكى (581~ 618- يىللار) نىڭ شىمالىي جۇ بەگلىكىنى مۇنقەرز قىلغانلىقىدىن ھەمدە بۇددىزمنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، مىلادىيە 581- يىلى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقان. يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى تۈرك خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. 1956- يىلى موڭغۇلىيەنىڭ بۈگۈت (Bugut) دېگەن يېرىدىكى تۈركلەر دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەبرىنىڭ يېنىدىن بىر مەڭگۈ تاش تېپىلغانىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى كىلياشتورنىي قاتارلىقلار تەتقىق قىلىپ، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈچ تەرىپىگە سوغدى يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە خەت يېزىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ مىلادىيە 580- يىلى تىكلەنگەنلىكىنى، بۇ مەڭگۈ تاشتا تاسپار قاغاننىڭ «ئۆز رازىلىقى بىلەن يېڭىدىن ناھايىتى چوڭ بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى ياساتقان»لىقىنى ئېنىقلىدى (قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلسۇن). دېمەك، بۇ مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلگەن ئىشلار يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلغان تاسپار قاغانىنىڭ ئىش- ئىزلىرى بىلەن بىردەك. مەڭگۈ تاشنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بىراخما يېزىقىدا سانكسرىتچە خەت يېزىلغان، بەزى ئالىملار بۇنى جىنەن گۇپتا (Jnangupta) نىڭ قول يازمىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: «‹بۈگۈت مەڭگۈ تېشى› نى جىنەن گۇپتا ماھارەت بىلەن ئويۇپ يازغان»① دەيدۇ. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلاردا ساڭراملارنى تەسىس قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن راھىب خۇي چاۋ يازغان «بەش ئەنەتكەك ئېلىگە سەپەر خاتىرىسى»دە: «ئۇلار (تۈركلەر) «ئۈچ گۆھەر» (三宝) گە ئېتىقاد قىلىدىكەن. خان، خانىش، شاھزادە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز نامىدا ئىبادەتخانا ياسىتىپ، راھىبلارنى توپلاپ، بۇددىزم ئەقىدىلىرىنى تەرغىب قىلىدىكەن، بۇ يەرنىڭ خانى ئۆز راھىبلىرىغا ھەر يىلى ئىككى قېتىم خالىس نەزىر بېرىدىكەن. ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ئىبادەتخانىغا سەدىقە قىلىپ بېرىۋېتىدىكەن» (مەنبە ئېنىق بولسۇن) دەپ يازغان. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، 6- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇددىزم تۈركلەر ئارىسىغا تارقالغان.

ھەممىگە ئايانكى، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ، ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىلىغا يېقىن كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى، قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلاردىن «مويۇنچۇر قاغان ئابىدىسى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان ئابدىسى»، «تېرخىن ئابىدىسى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈرك يېزىقىدا ئويۇلغان. ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، مىلادىيە 744- يىلىغا كەلگەندە، ئاندىن ئۇيغۇر سەركەردىسى كۇربالا تۈرك خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتاپ مۇستەقىل خانلىق قۇرغان. ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئوردۇبالىق (قارا بالغاسۇن)نى بايتەخت قىلغان بۇ ھاكىمىيەت، تارىختا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744~ 840- يىللار) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تۈركلەر بۇددىزمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىلىم ساھەسىدىكى كۆپ سانلىق ئالىملار ئۇيغۇرلار بۇددىزم بىلەن ئاشۇ كۆك تۈركلەر دەۋرىدىلا ئۇچراشقان دەپ قارايدۇ (مەسلەن، قايسى ئالىم شۇنداق قارايدۇ؟). «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئەڭ دەسلەپ بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئاقساقالنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيغۇشتۇرغان كىشى سۇكۈن ئېركىن (سۇكۈن تېكىن) ئىدى. سۇكۈن ئېركىن ۋاپات بولغاندىن، كېيىن ئوغلى بوسات تېكىن (菩萨俟厅) ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە ئاقساقال بولغان. بوساتنىڭ كۆك تۈركلەرگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا «ۋەتەنگە خىزمەت قىلغان قەھرىمان» دېگەن مەنىدىكى «ئالىپ ئىلتەبىر» دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن (قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلسۇن). ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى بوساتنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ ئىسىمنىڭ سانسكرىتچە «Budhisattva» دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكى مەلۇم (قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلسۇن). بۇددىزم ئەقىدىسىدە ماخايانا بۇددىزمى بۇتساتۋا روھىنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئۇ بارلىق جانلىقلارنى ئازاب دېڭىزىدىن قۇتقۇزۇشنى ئىستەيدىغان تولۇق ئويغانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇتساتۋا ھېسابلايدۇ. شۇڭا، ئارخاتلىقتىن يۇقىرى بولغان بۇددالىق دەرىجىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە بۇ دەرىجىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن بوتساتۋا مۇقامىغا ئېرىشىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شۇ مەزگىلدە يەنە گەنجۇ بىلەن لياڭجۇ ئارىلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قەبىلىسى بولغان قىبئار (契芯) لارنىڭ بىر ئاقساقالىنىڭ ئىسىمىمۇ شەمەن (沙门) بولۇپ، ئۇ خىلەن ئايمىقى (贺兰州) نىڭ تۇتۇق (都督) لۇقىغا تەيىنلەنگەن. «沙门» سانسكرىتچە «Srmana» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇددا ئىستىقامىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان راھىبلارنى كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق تۈركولوگ ئا. ۋ. گابائىن خانىم بىلەن تۈركىيەلىك پىروفېسسور، دوكتور ئۆزقان ئىزگى يۇقىرىقى پاكىتقا ئاساسەن، «630- يىللىرىلا بۇددىزم يايلاقتىكى ئۇيغۇلار ئارىسىغا ئاز-تولا تارقالغان»③ دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، خان ئوردىسىدىكىلەر مانى دىنىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن ئىدى. 762- يىلى مانى دىنى خانلىقنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋام خەلقنىڭ كۆپ قىسىمى بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. چۈنكى «8- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن 9- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەسىر كۈچى شىنجاڭدىكى بېشبالىق، قوچۇ، كۈسەن ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسسىقكۆل رايونىغىچە يېتىپ بارغانىدى. بېشبالىق بىلەن كۈسەن ئەينىى دەۋردە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم ھەربىي بازىسى بولۇپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر قوشۇنى تۇراتتى. تىبەتلەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىگە قارشى كۈرەش جەريانىدا، قوچۇمۇ تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى دىنىي ھەم سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغانىدى».

«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» دا: «مىلادىيە 478- يىلى قاڭقىل (تېلى) قەبىلىسىنىڭ 100 مىڭ تۈتۈن (ئۆيلۈك)دىن ئارتۇق ئادىمى كوللېكتىپ ھالدا چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن غەربكە كۆچۈپ، تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ، جۇرجان قۇلدارلىرىنىڭ ئېزىشىدىن قۇتۇلدى»② دېيىلگەن. ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئالىملار ۋە ئارخېئولوگلار ئۆز ئەسەرلىرىدە، قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار 9- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە غەربكە قاراپ زور كۆلەمدە كۆچۈشتىن ئىلگىرى، تۇرپان رايونىدا توخرىلار، قۇسلار، تۈركەشلەر، تېلىلار ۋە يەنە كۆپلىگەن خەنزۇلار ھەم سوغدىلارنىڭمۇ ياشىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ③. دېمەك، تۇرپان، بېشىبالىق، كۈسەن بوستانلىقلىرىدا 8- ئەسىردىن ئىلگىرىلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ياشىغان. «بولۇپمۇ غەربىي تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشى، بۇ يەرلەرنىڭ تۈركلىشىشى (ئۇيغۇرلىشىشى) نى جەريانىنى تېزلەتكەن»④. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ يەردىن (قەيەردىن؟) «توخرى تىلى A» بىلەن پۈتۈلگەن بىر خىل ۋەسىقە بىلەن بىللە يەنە 8- ئەسرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان قەدىمكى تۈرك تىلىدا پۈتۈلگەن ۋەسىقىلەر تېپىلدى. يۈي تيەنخېڭ: «بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە نوملاردۇر»دەپ يەكۈن چىقارغان.

840- يىللار ئەتراپىدا، تەبىئىي ئاپەت، قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن سەلتەنەت سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالەك بولدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار بىرنەچچە يۆنىلىش بويىچە غەربكە قاراپ كۆچتى. ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى خېشى رايونىغا كۆچتى، بىر تارمىقى غەربىي يۇرتقا كۆچتى، يەنە بىر تارمىقى قوچۇ، بېشبالىق ۋە كۈسەنگە كۆچۈپ، ئۇ يەرلەردە تۆت ئەسىردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى (848 ~1283- يىللار)نى قۇردى.

قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى چېگراسى ناھايىتى كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەرق تەرىپى خېشى رايونىغا، غەرب تەرىپى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋرائۇننەھر ھەم ئىسسىقكۆلگە، جەنۇب تەرىپى قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي باغرىغا، شىمالى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى-مىڭلاق يايلاقلىرىغا تۇتىشاتتى. بۇ رايونلاردا مىلادىيەنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپ بۇددا دىنى تارقالغان ۋە راۋاجلانغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئۇدۇن، سۇلي، كۈسەن، پىشامشان (كروران)، ئاگني (قاراشەھەر) قاتارلىق بەگلىكلەر غەربىي يۇت بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن ئىدى. بۇ بەگلىكلەردە نۇرغۇنلىغان ھەيۋەتلىك بۇددا ساڭراملىرى ۋە زور مىقداردا راھىبلار بار ئىدى.

قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە يەنىلا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ھۆكۈمران قاتلىمىدىكىلەر ئۇنى دۆلەت دىنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدىكى قوچۇنى مەركەز قىلغان بېشىبالىق، كۈسەن، ئاگنى، ئاقسۇ، پىشامشان (كروران، چەرچەن) قاتارلىق رايونلاردىكى كەڭ ئامما ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بۇددا دىنى بىلەن قىسمەن دائىرىدىكى زوروئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك)، نېستورىيان، تەرىقەت قاتارلىق دىنلارنى چەتكە قاقمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مانى دىنىنىڭ بەزى ئەقىدىلىرى ۋە مۇراسىم قائىدىلىرى بۇددا دىنىنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، قوچۇ ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى بۇددا دىنىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. شۇڭا، بۇددا دىنى بۇ مەزگىلدىمۇ ئەركىن تەرەققىي قىلدى. ئەينى دەۋردە مانى دىنى ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ دىنى بولغان بولسا، بۇددىزم يەنىلا قوچۇدىكى كەڭ ئاۋام خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولۇپ تۇرىۋەردى.

غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا ئۆز ئېتىقادىنى مانى دىنىدىن بۇددىزم ئېتقادىغا ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەينى دەۋردىكى ئوبيېكتىپ مۇھىتىنىڭ تەسىرى ھەم ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ جىددىي سىياسىي ئېھتىياجىدىن تەھلىل قىلساق، ئاندىن مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلالايمىز:

1) ئوبيېكتىپ مۇھىتتىن ئالغاندا، بۇددىزم ئىدىيەسى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، قوچۇ، كۈسەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە نىسبەتەن يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇقەررەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوچۇ، كۈسەنلەردە ئۇزاق تارىخقا ئىگە پارلاق بۇددىزم مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى.

2) ئورخۇن ئۇيۇر خانلقى مەزگىلىدە، ئۇلار قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئىگە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا (بىزگە مەلۇمكى، ئۇلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن ناھايىتى ئەپ ئۆتكەنىدى)، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقۇدەك سىياسىي كۈچ يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قوراللىق كۈچىگە تايىنىپ، ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرىمۇ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشتە مەنىۋى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. 762- يىلى دىنىي ئىسلاھات ئېھتىياجىدىن، مانى دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتقان شامان دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئىرادىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تامىقى تۇرپانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ رايوندا سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر مۇنچە دۈشمەن كۈچلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، خۇددى «ئەجدادلار مىلودىيەسى ــ ئەۋلادلار كۈيىدە تەكرارلىنىدۇ» دېگەندەك، بۇ دەۋردىمۇ مەنىۋى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئايلانغان. بۇددىزم بۇ يەردە كەڭ ھەم چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولۇپ، بۇددىزم كۈچلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى.

ئىلگىرى مانى دىنى ماگارلىرى (روھانىلار) ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا قاتناشقان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئورنىنى بۇددا راھىبلىرى ئىگىلىدى. مەسىلەن، شىمالىي سۇڭ چيەندې سەلتەنەتىنىڭ 3- يىلى (مىلادىيە 965- يىلى) 11- ئايدا قوچۇ ئۇيغۇر قاغانى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن راھىب فايان (法渊) باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى پۈتۈنلەي دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇڭ سۇلالىسىغا تەقدىم قىلغان سوۋغاتلىرى ساكيامۇنىنىڭ چىشى (佛牙)، ئەينەكتىن ياسالغان ئەسۋابلار ۋە كەھرىۋادىن ياسالغان چىراقدان (پانۇس) قاتارلىق ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر ئىدى سۇڭ تەيزۇڭنىڭ يۇڭشى تۇنجى يىلى (مىلادىيە 984- يىلى)، قوچۇ ئۇيغۇر قاغانى بۇددا، مانى راھبىلىرىنى براخمان راھىب يۇمىش ۋە پېرسىيەلىك زوروئاستېر دىنى راھىبى ئارىيان بىلەن بىللە سۇڭ سۇلالىسىغا سودا قىلىشقا ئەۋەتكەن②. مىلادىيە 101- يىلى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى لياۋ سۇلالىسىغا بىر براخمان (بۇددىست) تېۋىپنى تونۇشتۇرغان③. سۇڭ جېنزۇڭنىڭ جېڭدى 4- يىلى (مىلادىيە 1007- يىلى) قاغان ياغلاقار راھىب دې داچىننى سۇڭ سۇلالىسىغا ئارغىماق تەقدىم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاستانىدە ئىبادەتخانا قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى بۇ خانلىقتا تەدرىجىي ھالدا دۆلەت دىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ زېمىندا ئەسلىي راۋاجلىنىش باسقۇچىدا تۇرغان بۇددا دىنى مەدەنىيىتى بۇ دەرۋرگە كەلگەندە، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەقۋادارلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. ئىدىقۇتلار بۇددا راھىبلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، راھىبلارنىڭ دىنىي تەكشىلاتلىرىغا كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ئىبادەتخانىلارغا خېلى كۆپ ۋەخپە يەر، ئۈزۈمزارلىق ۋە چارۋىلارنى بۆلۈپ بەرگەن، راھىبلارنىڭ بۇ يەرلەردىن خانلىققا باج تاپشۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلغان. بۇ روھانىيلار تەبىقىسى تەدرىجىي ھالدا فېئودال يانچىلارغا ياكى قورۇق ئىگىلىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر، ئۈزۈمزارلىقلارنى ئىگىلىۋالغانىدى. ئۇلار ھەتتا يانچىلارنى ۋە ئۆي قۇللىرىنى ئىشلىتەتتى. ئادەتتە ئالىي ھۆكۈمرانلارنىڭ يېنىدا بۇددا راھىبلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن چىققان دىنىي ئۇستازلار بولاتتى. ئۇلار ئىدىقۇتلارنى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەپ، ئىدىقۇت تەخت ۋارىسلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرەتتى. راھىبلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىدىقۇتنىڭ يېنىدا بىللە يۈرەتتى، ئىدىقۇت چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ، ئۇلار شۇ سورۇندا بولاتتى. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئەجدادلىرىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بەزى ئەقىدىلەرنىمۇ ساقلاپ قالغان، كېيىن بۇ ئادەتلەر بۇددىزم ئەقىدىسىگە سىڭىشكەن. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى روزا تۇتۇش كۈنى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر يىلدا ئىككى قېتىم (ئەتىياز ۋە كۈزدە) يەر ئىلاھىغا ئاتاپ قۇربانلىق بېرەتتى ۋە قىشتا كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەندە، ئۇنى خاتىرىلەيتتى. ئاھالىلەر باھاردا توپلىشىپ خۇشاللىق بىلەن سەيلە- ساياھەت قىلىپ بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا باراتتى. ئاتلىقلار ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈپ ئوقيا ئاتاتتى، بۇنى ئۇلار «بەختسىزلىكنى قوغلىۋېتىش» دەپ ئاتىشاتتى②.981- يىلى سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ يەندېمۇ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەلچىلىككە كەلگەندە: «ئۇ يەردە 50 تىن ئارتۇق بۇتخانا بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن قويۇلغان يازمىلار (نوملار) بار ئىكەن. بۇتخانىلار ئىچىدە‹دازاڭجىڭ (چوڭ ئاغلىق نوم)›(大藏经)، ‹تاڭيۈن› (唐韵)، ‹يۈپيەن› (玉篇) ۋە ‹جىڭيىن›(经音)غا ئوخشاش كىتابلار تېپىلىدۇ. ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار كۆپىنچە باش باھاردا ساياھەتكە چىقىدىكەن»③ دەپ يازغانىدى.سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن خۇڭ خاۋ ئۆزىنىڭ «دەشت چۆل دىيارىدا ئاڭلىغانلىرىم» ناملىق ئەسىرىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشقان، ئۇلار ياسىغان بۇت ھەيكەللىرىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق، ھەر قېتىملىق پەرىز بايراملىرىدا ئۇلار قوي سويۇپ ياكى ئېچىتىلغان مەيزاپلار بىلەن بۇت ھەيكەللىرىنىڭ يۈزىنى قىپقىزىل بويايدۇ. ئۇلار بۇدداغا تاۋاپ قىلغاندا، مەدھىيە ئوقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇدداغا بولغان ئېھتىرامنى بىلدۈرىدۇ. راھىبلىرى نوم تەپسىر قىلغاندا، ئۇچىسىغا كاسايا ئارتىپ، ئەنەتكەك تىلىدا دۇرۇت ئوقۇيدۇ»② دەپ يازغان.

 

قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان كۇچا رايونىدىمۇ بۇ مەزگىلدە بۇددىزم راسا گۈللەنگەن. تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزگىلدە كۇچادىكى بۇددىزم تەرەپدارلىرى بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددىزمى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورناتقان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، شەرق بىلەن غەربنىڭ بۇددا مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. سۇڭ سۇلالىسى تارىخنامىلىرىدە: «مىلادىيە 976- يىلى (تەيپىڭ شىڭگو سەلتەنتىنىڭ تۇنجى يىلى) شىجۇدىكى كۈسەن بەگلىكى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئىچىدە بۇددا ۋە مانى راھىبلىرى بار ئىدى» (قايسى كىتابتا شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن) دەپ يېزىلغان. «داجۇڭ شياڭفۇنىڭ 6- يىلى (مىلادىيە 1003- يىلى) كۈسەنلىك راھىب يىشيۇ (义修) چەكمە نوم (نوم چەكمە)، پىپالا دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى (菩提印叶)، تەسۋى (پاساكەمالا)، شارىپۇترا (قۇمرا، يەنى جەسەت كۈلى قۇتىسى)، كەمەر قاتارلىلق بويۇملارنى سوغا قىلدى» دېيىلگەن (قايسى كىتابتا شۇنداق دېيىلگەن؟ ئېنىق بولسۇن). «سۇڭنامە»دە: «شاۋشېڭنىڭ 3- يىلى (مىلادىيە 1094- يىلى) كۈسەنلىك باش سەردار ئازغۇن سالى قاتارلىق ئۈچ كىشى قاشتېشىدىن ياسالغان بۇتنى تەقدىم قىلدى[. «چىيەنشىڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە 1010- يىلى) كۈسەن ئەلچىسى راھىب جىيۈەن بۇددانىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسى بىلەن چەكمە نومدىن بىرنى سوۋغا قىلدى»②. «تيەنشىڭنىڭ 5- يىلى (مىلادىيە 1021- يىلى) كوسەن ئەلچىلىرى كېلىپ بۇددا كالامىدىن بىرنى تەقدىم قىلدى»③ دەپ خاتىرىلەنگەن.

بۇ مەلۇماتلاردىن، 10-، 11- ئەسىرلەردە كۈسەندە بۇددىزمنىڭ يەنىلا راۋاجلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. گەرچە بۇ مەزگىلدە كۈسەننىڭ غەربىدىكى قاراخانىيلار تەۋەسىدە ئىسلام دىنى ئومۇملىشىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خوتەن بىلەن بولغان ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قاراخانىيلار سۇلالىسىنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغان. كۈسەنگە نىسبەتەن قاراخانىيلار سۇلالىسى بىر تەھدىت بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەزگىلدىكى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى يەنىلا كۈچلۈك دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا، ئۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا تاقابىل تۇرۇپ، بۇددىزمنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك راۋاجلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.

بۇددا دىنىنىڭ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا ئاساسلىق دىنىي ئېتىقاد بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر راھىبلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى بويىچە بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇيغۇر راھبىلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيىتى يالغۇز تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە تاڭغۇت خانلىقى تەۋەسىدىمۇ يۈكسەك ئابرويغا ئىگە ئىدى. تاڭغۇت ھۆكۈمرانلىرى گەرچە بۇددا دىنىغا ئىخلاسمەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇددىزمغا ئائىت بىلىملەر، شۇنداقلا بۇددا دىنىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قۇرۇلۇشلار، سەنئەت (تاشكېمىر رەسىملىرى،

تاڭغۇت خانلىقىنىڭ خانى يىزۇڭ (مىلادىيە 108~ 1067- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مۇ ساڭشى بۇددا دىنىغا ئىنتايىن ئىخلاسمەن ئىدى. يىزۇڭ خان پايتەخت شىڭچىڭفۇدا چېڭتيەن ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىسى دائىم كېلىپ بۇ ئىبادەتخانىدا ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ نوم مۇتالىئەلىرىنى ئاڭلايتتى. تارىخنامىلەردە بۇ ھەقتە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «لەشكەر ۋە پۇقرالاردىن نەچچە 10 مىڭ كىشىنى يىغىپ، شىڭچىڭفۇنىڭ غەربىدە كاتتا ئىبادەتخانا سالدۇرۇپ، نوملارنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا‹چېڭتيەن›دەپ نام بەردى. ئۇيغۇر راھىبلىرى مۇنبەردە ئولتۇرۇپ نوم مۇتالىئە قىلدى، مۇ ساڭشى ۋە لياڭزو ۋاقىت تاپسىلا كېلىپ ئاڭلايتتى». ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ داڭقى تاڭغۇت خانلىقىدىن ھالقىپ، لياۋ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغان. مىلادىيە 1067- يىلى تاڭغۇت خانلىقىنىڭ لياۋ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن، نۇقۇل دىنىي تۈس ئالغان بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى لياۋ سۇلالىسىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بىر بۇت ھەيكىلىنى ۋە بۇددا دىنىي كىتابلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى تەقدىم قىلغاندىن باشقا، يەنە لياۋ سۇلالىسىغا بىر ئۇيغۇر راھىبنى تونۇشتۇرغان. بۇ، ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ لياۋ سۇلالىسىدىمۇ ناھايىتى يۈكسەك ئابرۇي قازانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مۇزىكا-ئۇسسۇللىرى) قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز ئىدى. شۇڭا، ئۇلار سىياسىي جەھەتتە ئۆزلىرى دۈشمەنلىشىۋاتقان قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدىن بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇيغۇر راھىبلىرىنىڭ تاڭغۇت خانلىقىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرى بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش ئىدى. مەسىلەن، يۈەنخاۋ تاڭغۇت خانلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پايتەخت شىڭچېڭفۇدا تاڭغۇت خانلىقى بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان، ئاساسلىق ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى بىرقانچە جاڭ كېلىدىغان گاۋتەيسى (ئېگىز بۇتخانا) ناملىق بىر بۇتخانا سالدۇرۇپ، شەخسەن ئۆز نامىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر راھىبلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ دىنى پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. تارىخنامىلەردە: «بۇ جايدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر راھىبلىرى بار، ئۇلار نوملارنى يېشىپ، تاڭغۇت يېزىقىغا تەرجىمە قىلدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.

مەنبە: ئاكادېمىيە كونا تور بېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top