You Are Here: Home » ئومۇمى » چوپانلىقلارنىڭ خامان ئېلىش ئادىتى

چوپانلىقلارنىڭ خامان ئېلىش ئادىتى

1511334Yz[1]مۇساجان ياسىن

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسى قاراقۇرۇم تاغ تېزمىسى ئارىسىدىكى يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان تاغلىق يېزا. چوپانلىقلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى ئىچىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن خامان ئېلىش ئادىتى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ ئادەت قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، چوپانلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان.

چوپان يېزىسىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان، يىلان باغرى سوزۇلغان چوپان دەرياسى يېزىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. چوپان يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشىغا ئاساسەن، يېزىنىڭ ئاياغ تەرىپى (جەنۇب) گە جايلاشقان قارا شور، ئوراڭ قاتارلىق تۆت كەنتتە 6-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئەتراپىدا بۇغداي ئورۇلسا، باش تەرىپى (شىمالىي) گە جايلاشقان سامچى، ئازغانسال كەنتلىرىدە 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇغداي ئورۇلىدۇ، بۇ كەنتلەردە كۈزگى بۇغداي تىرىلغۇسىدىن كېيىن خامان ئېلىنىدۇ. چوپان يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، نوپۇس بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، چوپانلىقلار بۇغداي سېرىقتال ھالىتىگە كەلگەندە خامان ئېلىش ئۈچۈن ئورغاق، ئارغامچا، غەلۋىر، ئۆتكەمە سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە خامان ئېتىدىغان جاينى پىلانلاپ، بۇغداي پىشىشتىن بۇرۇن ئېتىزغا قويىدۇ. خامان ئېتىدىغان جايدىكى بۇغداينى بالدۇر ئورۇپ، يەرنى كەتمەن بىلەن چىرايلىق قىرىپ، خامان ئورنىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. خاماننىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 ماڭدام، كەڭلىكى 10 ماڭدام بولىدۇ (شىمالدا خاماننىڭ كەڭ، ئۇزۇنلۇقى چەمبەر شەكلىدە بولىدۇ). ئورما باشلانغان كۈنى ئەتىگىنى ھەم كەچتە بۇغداي ئورۇپ، چۈشتە ئەنجۈ (ئۆنچە) نى خامانغا توشۇيدۇ. بۇغداي ئەنجۈسى تولۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق ئەنجۈلەرنى ئۈچ، تۆت كۈن ئاپتاپتا قۇرۇتىدۇ. ئاندىن خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۈچ-تۆت مېتىر كېلىدىغان ياغاچتا موما، سىم ياكى كۈلىدا مومىغا چۈلۈك ياساپ، ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىرچە ئارغامچىدا ھەر 50 سانتىمېتىر ئارىلىقنى بىرلىك قىلىپ، خامانغا قاتىدىغان كالا، ئېشەكلەرنىڭ بوينىنى چىگىپ، شارائىت يار بەرگەندە سىم ياكى ياغاچتا ياسالغان كۆشۈكىنى ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقىغا سېلىپ، شوينا بىلەن نۇقتىلايدۇ. خامانغا يەتتە-سەككىز تۇياق كالا ياكى ئېشەك قېتىلىدۇ. قولۇم-قوشنىلار بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خامان تېپىدۇ. 1-كۈنى ئېڭىز باستۇرىدۇ، 2-كۈنى يۇمشىتىدۇ. بارلىق بۇغداي ئۈنچىلىرى يۇمشاپ بولغاندىن كيېىن، مومىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆل يېيىپ (دۆۋىلەپ)، كېچىدە ئۇخلىماي خامان سورۇيدۇ، بۇغداي ساماندىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، چىققان داڭگىلى (چار) غا بىرەر كۈن خامان قېتىپ، داڭگىلىدىن بۇغداينى ئايرىيدۇ.

چوپانلىقلار خامان ئالغاندا لاي-لاي ئېتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان، بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، لاي-لاي ئارقىلىق يازنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش ھەم بىر يىللىق مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا، ھازا بولغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ياد ئېتىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، خاماندا ئېيتىلغان لاي-لاي ئاۋازى قاراقۇرۇم تاغلىرىدا سادا قايتۇرۇپ، كىشىلەرگە بىر خىل رومانتىكىلىق ھەم يەرلىك پۇراقنى ئاتا قىلىدۇ.

شاھى مەن، گادايى مەن،

غېرىب بولغان چاشقاندۇرمەن.

سەنمۇ غېرىب، مەنمۇ غېرىب،

چۆللەردە بۇغداي تېرىپ،

يەتتە چاشقاننى قېتىپ،

لاي-لاي ئەتكەن شاھ غېرىب.

كەتتى دەپ كۆڭلۈڭنى بۇزما،

ئالتە قارا چېچىم.

ئۆلگۈچە دۈشمەن ماڭا،

لاي-لاي كالام، لاي-لاي.

چوكان ئايلام توبىلەك،

جۇۋان ئايلام پوندىلەك.

ئۆيىڭىز كۆل باشىدا،

بېشىم چاقپەلەك.

لاي-لاي كالام، لاي-لاي.

ئېگىز ئاسماندا تۆۋرۈك يوق،

ئاقار دەريادا كۆۋرۈك يوق.

ئالەمنى كېزىپ باقسام،

ئاتا بىلەن ئانا يوق.

لاي-لاي كالام، لاي-لاي.

ماڭداپمۇ يېتەلمەيمەن،

چامداپمۇ يېتەلمەيمەن.

ئوتىڭىز يامان خانىم،

تاشلاپ مەن كېتەلمەيمەن.

لاي-لاي كالام، لاي-لاي.

چوپانلىقلار موما ئەتراپىدا بۇغدىيىنى چەشلەپ بولغاندا، كىگىز بىلەن يۆگەيدۇ. قولۇم-قوشنىلار بىر-بىرىنىڭ خامىنىغا بارغاندا: «خىزىر نەزەر قىلسۇن، خامانلىرى ئاشلىققا لىق تولسۇن!» دېگەن تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئاياللار ھەم بالىلارنىڭ خامانغا سۇ ئېلىپ كېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. بۇغداي ئۇسىدىغان كۈنى كەچتە ئۆي ئىگىسى تۆت-بەش قازان نېنى سېلىپ، مەھەللىدىكى ياشانغان كىشىلەرنى خامانغا يىغىدۇ. قازان نېنى يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئۆتكەمە بۇغداينى مەھەللە ياكى ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدىكى مېيىپ، ئاجىز، تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارغا بېرىدۇ. بۇنى «كەپسەن» دەپ ئاتايدۇ. ئاندىن شۇ ئۆتكەمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇغداي ئۇسىدۇ. ئاشلىقنى «مانچە ئۆتكەمە ئاشلىق ئالدۇق» دېيىشىدۇ. كېيىن بىر ئۆتكەمە بۇغداينى جىڭلاپ، ئاندىن ئومۇمىي چىققان ئاشلىقىنى ھېسابلايدۇ. خامان ئۇسۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، 40 ئۆتكەمە ئاشلىقتىن بىر ئۆتكەمىنى نامراتلارغا بېرىدۇ. يېڭى ئالغان بۇغداي ھوسۇلىنى شۇ ئائىلىدە ئۇن تارتىپ ئېغىز تەەمىگىچە باشقىلارغا ئۆتنە بەرمەيدۇ ياكى ساتمايدۇ.

مەنبە: ئاكادېمىيە كونا تور بېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top