ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

9824_10201339161213724_784043732_n[1]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئېزىز قېرىنداشلار ۋە بارلىق ئىلىم سۆيەر دوستلار:

2013-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمى باشلاندى. ‏ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق ئومۇمى كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىر ئىلمى جەمئيەتتۇر. بۇجەمئىيەت ئۈچ يېرىم يىلدىن بېرى، ۋەتەن سۆيەر ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشى ۋە پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ھەرخىل ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۈلگىلىك شەخسلىرىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە ۋە ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى ياش ئەۋلادلارنى تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ خەلقىمىزگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە، يېتەكچىلىك قىلماقتا… ئەلۋەتتە، بۇنەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر ئەزىز قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ياردىمى ۋە پىداكارلىغىڭلار ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۇرىدۇ.

يىلدا بىر قېتىم ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆۋرۈكى بولغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن ”ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تېمىسىدىكى “ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى“ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تەسىرلىك پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ،‏ قايتا تەكىتلەپ ئۆتسەك،‏ بۇ يىل 10-ئاينىڭ 5-8-كۈنلىرى بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى بىزگە سۆيۈملۈك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ۋە باشقا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمى دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن ئىستانبۇل ئۆزىنىڭ تەبى گۈزەللىگى ۋە ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق-يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى، ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ…

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پىلانلىق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققايسىز.

1. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە ئىككى كۈن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى، ئىككى كۈن بىرلىكتە ساياھەت، زىيارەت بولۇپ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە جەمئى تۆت كۈن بولىدۇ.

2. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ياتاق، تاماق ۋە باشقا راسخۇتلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ھەل بولمىسا، ئايرۇپىلان بېلىتىنى يىغىنغا قاتناشقۇچى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. يىللاردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، قاتناشقۇچىلارنىڭ يول كىراسىنى ئۆزى كۆتۈرۈش چۈشەنچىسى بويىچە تەييارلىق كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

3. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا پىلان سۇنۇپ، يول كىراسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ياردەملەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز ئۈچۈن، ۋاقتى ۋە باشقا ئىمكانلىرى يار بېرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر دوكلات بەرمەكچى بولغان تېما ئىسمى، قىسقىچە مەزمۇنى (abstract) ۋە ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى uyghuracademy@gmail.com ياكى erkinsidiq@gmail.com ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىمىز. يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسى ۋە دوكلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى قاتناشقۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق بىر شەكىلدە سىرتقا ئاشكارە قىلىنمايدىغان بولۇپ، ھەرقايسى قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ نۇقتىدا خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

4. تۈركىيىگە ۋىزا ئېلىپ كىرىشى كېرەك بولغان قاتناشقۇچىلار يوقارقى ئادرېسلار ئارقىلىق خەۋەر بەرسە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇلارغا رەسمى تەكلىپنامە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. قاتناشقۇچى بۇ تەكلىپنامە ئارقىلىق ئۆزى تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئالالايدۇ. ئەگەر، مەسىلە كۆرۈلسە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.

5. مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى شەرت بولۇپ، دوكلاتىنىمۇ ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن،Power Point قىلىپ تەييارلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ( ئالدىراشچىلىق ۋە باشقا سەۋەپتىن ئىمكانى يار بەرمىگەنلەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى بىلەن تەييارلىسىمۇ بولىدۇ) ھەر بىر كىشىگە بېرىلگەن سۆزلەش ۋاقتى 25 مىنۇت، سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ۋاقتى 5 مىنۇت، جەمئى يېرىم سائەت بولۇپ، تەييارلىغان ptt 50 پارچىدىن كۆپ بولماسلىقى، يىغىننىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

6. يىغىننىڭ تەپسىلى كۈنتەرتىپى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋاقتى-سائىتىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تولۇقلىنىپ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بەت ئادرېسى: http://www.akademiye.org/ug/

تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەەتكە ئىگە بولغان بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ رەڭدار تېما، مول مەزمۇنلار بىلەن غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن سورايمىز.

ئەڭ ئاخىردا، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

‏‏پەخرى رەئىسى  دوكتۇر‏ ئەركىن سىدىق

‏‏‏رەئىسى            دوكتۇر ئابلەت تۇران

‏يىللاردىن بېرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن ”ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تېمىسىدىكى “ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى“دىن دوكلاتلار:

4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

3- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى ۋە تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

بۇ يازما 650 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئىنكاسلار (12)

  • بىناۋا

    ماقالىلارنىڭ تۈرى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۈتۈمىز.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم سالامەت ھەدە، ئىنشا ئاللاھ پات يېقىندا خەۋەردار بولىسىلەر. رەخمەت سىلەرگە.
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  • بىناۋا

    گۈزەل خەۋەر ئىكەن. قوبۇللىنىدىغان ماقالىلارنىڭ تۈرى ئۈستىدە تەپسىلىيرەك بىلدۈرگۈ بەرگەن بولساڭلار.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەخمەت سىزگە.
      ئىنشا ئاللاھ پات-يېقىندا تەپسىلاتىدىن خەبەردار بۇلالايسىز.

  • ئەخمەتجان ئابدىغىنى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر ئاكادىمىسىدىكى ئالىملار ۋە قېرىنداشلار … ، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئۇلۇغ ئىش بولۇپتۇ .
    گەرچە مەن قاتنىشالمىساممۇ ، ئاز تولا بىرەر ئىش قىلىپ بەرگۈم بار ، تور ئارقىلىق ۋە باشقا شەكىلدە بولسىمۇ بولىدۇ ، ئېھتىياج بولۇپ قالسا ،يات كۆرمەي ، ئىشەنىج بىلەن تاپشۇرساڭلار ،جان پىدالىق بىلەن ئورۇنلايمەن …..
    مەن ۋەتەندىكى بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى ، خۇدا خالىسا ، كېلەر قېتىمىقى يىغىنىغا قاتنىشىشقا نىسىپ بولار … ، بۇقېتىمقىسىغا رەسمىيەت بىجىرىپ بولالمايمەن…..

    بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چېن يۈرىگىمدىن ئۈمىت قىلمەن ۋە خۇدادىن تىلەيمەن …..

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەخمەتجان ئەپەندىم، ئاللاھ رازى بولسۇن!
      ئىنشا ئاللاھ 6-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىمىزدا سىزنى ساقلايمىز، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
      قىلىدىغان ئىشقۇ كۆپ، ئەمما يېتىشىپ بۇلاممايۋاتىمىز.
      خاپا بولماي، كونا يوربېتىمىزنى ئېچىپ، «ئىملاسىدا خاتا يوقكەن، يېڭىسى قويساڭلار بۇلىدۇ» دەپ قارىغان تىمىلارنىڭ ئىسمىنى ياكى ئۇلۇنىشىنى بىزگە ئەيتىپ بەرسىڭىز،
      بىز ئۇنى يېڭىسىغا يۆتكەپ، كونا توربەتتىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز.
      سىزدىن جاۋاپ كۈتۈپ ، ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • غۇلامجان

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولغۇسى،ئىشىڭلار ئوڭ،يولۇڭلار راۋان بولۇشىنى تىلەيمەن.
    گەرچە دوكلات بىرەلمىسەكمۇ،بىزدەك ئاددى پۇخرالارنىڭ دوكلارت ئاڭلاش پۇرسىتمۇ بولارمۇ؟

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنشا ئاللاھ ئۇ سەۋىيەگىمۇ كىلەرمىز.
      گەرچە نەخمەيداندىن ئۇلاپ تارقىتاممىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىسا فىلىمگە ئېلىپ ئىشلەپ، توردا تارقىتىمىز، ئىنشا ئاللاھ.

  • ئەركىن

    سالام،

    ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئويۇشتۇرۇپسىلەر، ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. ULY ğa aylandurup körüş نى باسسا ئۆلچەملىك ULY غا ئايلاندۇرمايدىكەن. بىرلىككە كەلگەن ۋە ئىتراپ قىلىنغان ULY غا تەڭشەپ قويۇلغان بولسا.

  • قىساسكار

    ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا ئوڭ قىلسۇن، يىغىننىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىنى تىلەيمەن

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىساسكار قېرىندىشىم،
      بولسا بىلىدىغان دوست-يارەن، قېرىنداش-بۇرادەرلەرگىمۇ تەشۋىق قىلىشىپ بىرەرسىز.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • ھەۋەسكار

    ئاللاھ تائالا ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن، ۋەتەندىكى بىزدەكلەرنىڭمۇ ئاشۇنداق يىغىنلارغا ئەركىن قاتنىشىش پۇرستىگە نائىل قىلسۇن، ئامىن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش